كىتاب،ئۇنۋىرىستىت ۋە كىتاب يىلى
كىتاب ئوقۇش يىلى ۋە كىتاب ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرە بولۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، بىر ئۇنۋىرىستىت ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كىچىككىنە بىر ئىشنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى قارار تاپتىم.مەن بۇ يىلنىڭ بىز ئۈچۈن ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك ،مول-ھوسۇللۇق بىر يىل بولۇشىغا ئىشىنىمەن ھەم چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.تۇنجى قېتىم كىتاب ئوقۇش يىلى توغۇرلۇق گەپلەر بولۇنغاندا راستىمنى ئېيتسام ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ھەم خۇش بولدۇم،كېيىن بۇ ھەقتە ئويلارغا چۆكتۈم...مەن ھازىرقى سالاھىيىتىم بىلەن نېمە ئىش قىلالايمەن؟قانداق قىلسام باشقىلارغا تەسىر قىلالايمەن؟... دېگەندەك ئويلار بىلەن نەچچە دوستۇم بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن مەۋسۈمكى ئىشلىرىمىزنى داۋام ئەتمەكچى بولدۇق.بىز ئالدىنقى ئوقۇش مەۋسۈمىدە دىيارىمىزدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئىلىم چېيىدىن تەسىرلىنىپ،گەرچە ياخشى ،ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالمىساقمۇ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ،سەۋىيەرىمىزگە ئاساسەن ،ئوقۇغان كىتابلىرىمىز ۋە بىز دۇچ كېلىۋاتقان ھەم ھەل قىلىشقا كۈچىمىز يېتىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە بىر قانچىمىز بىر يەرگە يىغىلىپ سۆھبەتتە بولدۇق. بۇ جەرياندا <مىللەت تەربىيەسى قىزلار تەربىيەسىدىن باشلىنىدۇ>،<ئۆزلۈك ۋە كىملىكتىن تەسىرات>(ئەسەت سۇلايمان)،<ئانا يۇرت كىتاب ئوقۇش تەسىراتى>،<ئانا تىل ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى>...قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇردۇق.سۆھبىتىمىز گەرچە بەزىدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تېمىدىن چەتنەپ كېتىپ قالسىمۇ(ئۇزۇندا كۆرۈشكەچكە ئارىدا كۈلكە چاقچاق،يەنە ھەركىم تۇرمۇشتىكى مىساللارنى،كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ دېگەندەك).بۇ مەۋسۈم قەيەردىن نېمىدىن باشلاش كېرەك؟مانا ئالدىمىزدا كىتاب ئوقۇش يىلىدىن ئىبارەت يارقىن تېما تۇراتتى،بىز يەنە كىتاب ئوتى بىلەن بىر يەرگە يىغىلدۇق .تۇنجى قېتىم مەن بارالمىدىم،ئەمما ساۋاقداشلىرىمدىن خەۋەردار بولدۇم.
تۇنجى قېتىمقى سۆھبەت بەك ياخشى بولۇپتۇ،ئۇلار ھەتتا تاماقنىڭ سوۋۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ پاراڭلىشىپتۇ.بۇ جەرياندا يېڭىدىن پىراكتىكا قىلىپ قايتىپ كەلگەن يۇقىرى يىللىقتىكى ھەدىلىرىمىز ئۆزىلىرىنىڭ دەرس مۇنبىرىدە يولۇققان مەسىىلىلىرى ھەققىدە ،يەنە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز بىر قولىدا بىلىم،بىر قولىدا ئەخلاق تەربىيەسىنى تۇتقان ناھايىتى مەسئولىيەتچان ئوقۇتقۇچىلارغا موھتاج...دېگەندەك ھېس -تۇيغۇلىرىنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىپتۇ،ھەم ياخشى ئوقۇش ھەققىدە قايتا-قايتا تاپىلاپتۇ.ئۇلار ئۆزىلىرىدە بار بولغان كىتابلارنى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇماقچى بولۇشۇپ،كىتابلار ھەققىدە ھەرخىل بەس-مۇنازىرىلەردە بولۇشۇپ قايتىپ كېلىپتۇ.
ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ تېمىسىنى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ،بىز تەقەززا بولغان،ئۆزىمىز ھەل قېلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان <نىشان >ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرماقچى بولدۇق.بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىز ئىنتايىن قىزغىن بولدى.شارائىتىمىزغا ئاساسەن مەلۇم قەھۋەخانىدا ،ئەركىن -ئازادە سۆھبەتلەشتۇق.<21 كۈندە بىر ئادەت يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ>،<ئۆز ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش>،<ئاكتىپ ئىنىرگىيە يەتكۈزۈش،چۈشكۈنلۈكتىن يىراق تۇرۇش>،<ناچار ئادەتلىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە كۆز قۇلاق بولۇشۇپ تۈزىتىش>،<بىر مەسىلىگە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى قىلىش،ھەم ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ئالرىداپ رەددىيە بەرمەسلىك>،<كۆپ كىتاب ئوقۇش>(مەڭگۈلۈك تېما)،<ياخشى ئىش،ئادەتلەرنى چىداپ داۋاملاشتۇرۇش>،<بىز ئۆتكەن ئالىملىرىمىزدەك بولالمىغان بولساق بىزدىن كىيىنكىلەردىن چىقسۇن،چىقىشى كېرەك>...قاتارلىق نۇرغۇن ياخشى پىكىرلەر دە ئورتاقلاشتۇق .ئارىمىزدا فىزىكا،خىمىيە، پىسخىلوگىيە،بىئولوگىيە،خەنزۇتىلى ئەدەبىياتى قاتارلىق كەسپلەردە ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلىرىمىز بار ئىدى،شۇنى ھېس قىلدىمكى ،بەلكىم ھەرخىل كەسپلەرنى ئوقۇش ،ئۆگىنىش جەريانىدا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز،پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىز ئاز بولسىمۇ شۇ تەرەپكە مايىل بولغان بولۇشى مومكىن،بىر مەسىلىگە نىسبەتەن ھەرخىل پىكىر-كۆز قاراشلارنىڭ بولۇشى ئادەمنىڭ نەزەر-دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ،ھۇزۇر ئاتا قىلىدىكەن.بۇ جەرياندىمۇ بىر-بىرىمىزگە گەپ بەرمەي دېگەندەك ،تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىدىن كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن داۋاملاشتۇردۇق.(ئارىدىن ۋاقىت ئۆتكەچكە مەزمۇنىنى سەل ئۇنتۇپ قاپتىمەن،سۆھبەت خاتىرىسى مەندە ئەمەس ئىدى).
مەۋسۈم ئاخىرى بولۇپ قالغاچقا بىز ئاخىرقى قېتىمقى سۆھبىتىمىزنى كىتاب ئوقۇشنى چۆرىدەپ ،ئەركىن پىكىرلەشتۇق.ئىشقىلىپ كىتاب دېگەن گەپ چىقسىلا بولدى دەپ قويۇپ كۈلۈشۈپ كېتەتتۇق.بۇ قېتىم يېڭى كىرگەن ساۋاقداشلىرىمىز بولغاچقا بىز تەتىلدىن باشلاپ ئۆزىمىزگە كىتاب ئوقۇشنى ۋەزىپە قىلىپ،بىر كىتاب تۈگىگەندە ،شۇ كىتاب ھەققىدە مۇنازىرە قىلماقچى بولدۇق،ھەم تۇنجى قەدەمنى تارىخى روماندىن باشلىماقچى بولدۇق.يەنە <تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندا ،كىچىك ئۇكىلىرىمىزغا ساۋادىنى چىقىرىشقا قانچىلىك كۈچىمىز يەتسە شۇنچىلىك ياردەم قىلىش>،<تەسىر قىلغان سۆز-جۈملىلەرنى خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىش،كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش>،<ھەر ئايدا بىر كىتاب سېتىۋېلىشقا تىرىشىش>،<قائىدە-يۇسۇنلىرىمىز،ئارىمىزدىكى ھۆرمەت سۇسلىشىپ كەتمىسۇن>،<ۋاقىت باشقۇرش>...قاتارلىقلار ناھايىتى تەسىرلىك، ئەمەلي مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى...
شۇنداق ، تۇيغۇداش ئىدۇق،بىز پىكىرداش بولدۇق،قەلبداش بولدۇق.مېنىڭچە كىتابنىڭ ناچىرى يوق،مەسىلە سىزنىڭ قانداق تاللاپ ئوقۇشىڭىزدا.ئاخىرىدا دەيدىغىنىم :<كىتابخانە-روھقا خىتابخانە>،ھەممىمىزگە مەنپەئەتلىك ئىلىم يار بولسۇن...(ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن مەزمونلار تولۇق ئەكىس ئەتمەي قالدى،كېيىنكى تېمىلاردا ئورتاقلىشارمىز،ئۇنۋىرىستىت ئوقۇغۇچىىلىرىدىن كىتاب ئوقۇش يىلىمىزغا ،چوڭلىرىمىزغا ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق كىچىككىنە كۆڭۈل ئىزھارىمىز بولسۇن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم)... |