- تىزىملاتقان
- 2011-5-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13411
- نادىر
- 1
- يازما
- 504
ئۆسۈش
8.53%
|
[align=justify] ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچش بايرىمى[align=justify] (فېلىيەتۇن)
[align=justify]
بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا بارلىق دوختۇر - سېستىرالارغا جىددىي يىغىن ئېچىلدى .
_ ئالدىمىزدا دۆلەت بايرىمى ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيىتى كېلىۋاتىدۇ ،_ دېدى دوختۇرخانا باشلىقى كۆزئەينەك ئاستىدىكى كۆزلىرىنى كۆپچىلىككە تەكشى بىر قېتىم يۈگۈرتۈپ چىقىپ ، _ شۇڭا بۈگۈن دۆلەت بايرىمى ۋە روزى ھېيىت جەريانىكى پەۋقۇلئادە ئەھۋالغا قارىتا ھازىر بۇ يىغىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز .ھەممەيلەن قۇلىقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار!
بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيى بولغاچقا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار روزا تۇتتى ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار گەرچە روزا تۇتمىغان بولسىمۇ ، بىراق جامائەت پىكىرىنىڭ ئەيىپلىشىدىن قورقۇپ قانغۇچە ھاراق ئىچەلمەي ئىچى بەكمۇ تىتىلداپ كەتتى . ھازىر ھاۋا سالقىن ، شۇڭا ئۇلار روزى ھېيىت كىرىشى بىلەن مەسچىتتىن يىنىپلا موتسىكىلىت ، ھارۋا ، تىراكتور ۋە ماشنىلارنى بولۇشىغا ھەيدەپ ، ئۆيمۇ - ئۆي ، رېستۇرانمۇ - رېستۇران ھېيىتلاشنى باشلايدۇ . ھېيىتلاش دېگىنىمىز قېرىلارغا نىسبەتەن ئورۇق - تۇغقان ، ئەل - ئاغىينىلەرنىڭ بىر داستىخانغا جەم بولۇشۇپ ساڭزا يىيىشىنى كۆرسەتسە ، ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارغا نىسبەتەن بىر ئاي جەريانىدا تۇتۇپ كەتكەن خومارى بېسىققۇچە ھاراق ئىچىشنى كۆرسىتىدۇ.
مانا مۇشۇ روزا ھېيىت مەزگىلىدە بىزنىڭ ھاراق ، تاماكا ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە سېتىپ چىقىرىدىغان زاۋۇت ، ماگىزىنلىرمىزنىڭ كىرىمى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئېشىپ كىتىدۇ .
بۇنىڭ بىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار دەپ قالماڭلار! مۇناسىۋىتى بار ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا روزا ھېيىت _ ھاراق ئىچىش بايرىمى بولۇش بىلەن بىرگە بىزگە پۇل تېپىش بايرىمى بولىدۇ .
روزى ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئونىنچى كۈنىگە قەدەر مۇشتىلىشىپ قاپىقى يېرىلغان ، پىچاق ۋە زىق تىقىشىپ بەدەنلىرى تىشىلگەن ، قارنى يېرىلغان ، بېنادىن سەكىرىگەن ، ماشىنا - موتولارغا سوقۇلغان ، ماشىنا بىلەن ماشىنا ، موتو ۋە موتو بىلەن موتو ، ھارۋا ، تىراكتورلارسوقۇلغان سەۋەبلەردىن پۇت - قولى سۇنغان ، قوۋۇرغىسى سۇنغان ، ئۇمۇرتقۇسى سۇنغان ، بېشى يېرىلغان ، مىڭىسىگە قان چۈشكەن ، كۆزى قۇيۇلۇپ كەتكەن ... ئۇيغۇر بىمارلار تۈركۈم - تۈركۈملەپ كېلىدۇ .
مۇشۇنداق بولغاچقا بۇ مەزگىلدە تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ . ئەتىدىن باشلاپ ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمى ، ئاياللار بۆلۈمى ۋە بەش ئەزا بۆلۈمىنىڭ ھەربىرىدىن يىگىرمە كىشلىكتىن كارۋاتنى تاشقى كېسەللەرگە قارىتا ئاجىرىتىپ بېرىسىلەر ، يوقارقى بۆلۈملەرنىڭ ھەرقايسىدىن تۆت نەپەردىن دوختۇر ۋە تۆت نەپەردىن سېستىرانى تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىگە ئاجىرىتىپ بېرىسىلەر . بۇ مەزگىلىدە بايراملىق دەم ئالماي نورمال ئىشلىگەن دوختۇر - سېستىرالارنىڭ ھەر بىر كۈنىگە قارىتا ئىش ھەققىدىن سىرت يۈز يۈەندىن مۇكاپات قوشۇپ بېرىلىدۇ . كەچتە ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ مۇدىرلىرى ئۆز بۆلۈمىڭلاردىكى دەم ئالىدىغان ۋە دەم ئالماي ئىشلەيدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى يوللاپ بېرىڭلار !
پىشقەدەم دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ گەپلىرى ئىچكىرىدىن يېڭىلا كەلگەن ياش ھېساۋاتچىنى گاڭگىرتىپ قويدى .
_تاغا - ، دېدى ئۇ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا ئەگىشىپ كىرىپ ، _ ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان تۇرسا ، مۇسۇلمانلار ھاراقنى مەكرو ، ھارام دەپ ئىچمەيدىغان تۇرسا ، سىز مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيىت بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچىش بايرىمى دېگىنىڭىز نېمىسى ؟!
_ ھاراق ھارام ،ھاراق مەكرو دېگىنى ئۇلارنىڭ موللىلىرنىڭ گېپى ، كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار « ھە » دەپ قويۇپ ئىچىۋېرىدۇ .
_ نېمىشقا ئەمدى ، ئۇلارنىڭ دىلىدىكى ئېتىقاد نەگە كەتتى ؟
_ ئېتىقاد ئۇلارنىڭ تىلىدىلا بار .
_ ھە ... شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ قاتناش ئەترىتىدىكى ساقچىلار ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىشىنى توسمامدۇ ؟
_ توسىدۇ ، ساقچىلار چوڭ يوللارنى ، بازار يوللىرىنى توسسىمۇ ، بىراق ئۇلار يەنىلا مەھەللىلەردە ، ئارقا كوچىلاردا ، تۈن كېچىلەردە ئوغۇرلىقچە قاتناۋېرىدۇ . ئىشەنمىسەڭ روزا ھېيىت كەلگەندە كۆر !
دەرۋەقە ، روزا ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى ، يەنى 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن باشلاپ ئەتىسى سەھەرگىچىلا دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر بۆلۈمى ئەللىك نەچچە نەپەر ئېغىر زەخمىلەنگەن بىمارنى ياتاققا ئالدى .
مەنبە: ئىزمۇنبىرىدىن سام |
|