چوقان ۋەلىخانوفنىڭ رۇس ئىمپىراتورىغا يازغان خەتلىرى
ۋەلىخانوف چوقان چىنگىسوۋىچ روسسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى، قازاق مىللىتىدىن، ئېتنوگراف، تارخىچى، ھەربىي رازۋېتچىك. ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ دىيارىمىزغا ئىككى قېتىم سودىگەر سۈپىتىدە يوشۇرۇن كېلىپ، نۇرغۇنلىغان تارىخي يازمىلارنى، تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى ئېلىپ كەتكەن. بۇ ھەقتە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنىڭ شەرىپىگە روسسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمىدە مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلغان. بۇ خەت ئۇنىڭ قەشقەرگە كېلىش ئۈچۈن چار پادىشاھىغا يازغان نۇرغۇن مەلۇماتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنىڭ بەش توملۇق "يازمىلار توپلىمى"نىڭ ئىككىنچى تومىدىن ئېلىندى.
قەشقەر سەپىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدىكى خاتىرىلەر
بۇيرۇققا بىنائەن، پولكوۋنىك گۇتكوۋسكىينىڭ (كارل كازىمىروۋىچ گۇتكوۋسكىي 1815-1867يىللار پولەكلەر پۇشتىدىن، روسسىيە ئىمپېريىسىنىڭ گېنېرال مايورى، قازاقىستانشۇناس.)خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن كاپالغا (ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئاقسۇ ناھيىسىدىكى بىر قىشلاقنىڭ نامى) قاراپ يولغا چىقتىم.(ياقۇپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن)ئۇ يەردە ئپرېل ئېيىنىڭ .... چىسلاسىغىچە تۇردۇم. ۋېرنىيغا (روسسىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بىر ھەرنىي شەھرى. كىيىن يەتتەسۇ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولغان)كەلگىنىمدىن كىيىن ئالىيلىرىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىش شەرىپىگە نائىل بولدۇم. مېنىڭ قەشقەرگە بېرىشىمنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئالاتاۋ ھاكىمى ئەپەندىم بىلەن بىللە سەپەرگە چىقىپ، ئۇيغۇرلار ئېلىدىكى، قوقەنتتىكى ۋە دالا قىرغىزلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇش كېرەك دەپ قارايمەن.
مەن ھازىر ئالىيلىرىغا ياقۇپ بىلەن كۆرۈشكەندىكى ئەھۋاللارنى شۇنداقلا قەشقەردە بۇلتۇر يۈز بەرگەن توپىلاڭ توغرىسىدا خەۋەر بېرىش شەرىپىگە ئىگە. مېنىڭ بۇ خەۋەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ناھايىتىمۇ ئۇيغۇنلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. بولۇپمۇ كىچىك بۇخاراغا چىڭ ھۆكۈمىتى كەلگەندىن كىيىن، قوقەندكە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، بۇ جايلارنى بەش قولدەك بىلىدىغان، ئەجدادلىرى قەشقەرلىك بولغان قوقەند ئەمىرى ئەلىشېردىن مەن ئېرىشكەن مەلۇماتلار.
ياقۇپ يانقۇلوف بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزدىن كىيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىمىزگە مايىللىقىنى، ياردەمگە تەييار ئىكەنلىگىنى بىلدۈردى. قەشقەرگە بىرنەچچە قېتىم بارغان، يول ئەھۋالىنى لىششىق بىلىدىغان ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ماڭا بىرقانچە خىل قىيىنچىلىقلاردىن بىشارەت بەردى. ئۇنىڭ دىيىشىچە مېنىڭ قەشقەرگە بارىدىغان ۋاقتىمدا كۆرۈشىدىغان بولدۇق.
1- قەشقەرگە قوقەند خانلىقى تەۋەلىگىدىن ئۆتۈپ بېرىشقا ھەر ئىككىمىزگە قەتئىي مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى سېمىپالاتىسك بىلەن پېتروپاۋلوۋسكقا كەلگەن تاشكەنتلىك سودىگەرلەر مېنى ئاسانلا تونۇۋېلىشى مۈمكىن. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ قوقەند خانلىقى تەۋەسىدىكى نۇقتىلىق ئادەم بولغاچقا، يەرلىكلەر توپىلاڭچى كۇزنېتسوفنى قوغلاپ تۇتۇشتا ئىشان سىاھىپزادىسىنىڭ يولدىشى دەپ قارىلىپ جېنىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالغاندا، قوقەند خانلىقىنىڭ ئومسكتا تۇرغان سابىق ئەلچىسى ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىكەن.
2- ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرى تەۋەلىگىدىن تۇيدۇرماستىن ياكى ئۇلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىماستىن ئۆتۈپ قەشقەرگە بېرىش مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا سودىگەر قىياپىتىدە كارۋانلار ئارىسىغا سۇقۇنۇپ ياكى ئانچە كۆپ سوممىلىق بولمىغان شەخسىي يۈكى بار بولغان كارۋان سۈپىتىدە بېرىش مۈمكىنچىلىگى بار.
3- قەشقەرگە بىخەتەر يېتىپ بېرىشقا بولىدىغان بىردىنبىر لىنىيە پەقەت غۇلجىدىن ۋە مۇزئارت داۋىنىدىن ئۆتۈپ ئاقسۇ—ئۇچتۇرپان ئاندىن قەشقەرگە بېرىشتۇر. بۇ يولدا پەقەتلا ئىشەك بىلەن مېڭىشقا بولىدىغان بولۇپ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەملىرى ياكا باشقا يەرلەردىن كەلگەن كارۋانلارنىڭ مېڭىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
4- ياقۇپنىڭ دەسمىيەسى بولمىغانلىقتىن قەشقەرگە بارىدىغان كارۋان تەشكىللەش ئىمكانىيىتى يوق. ھەتتا ئىقتىسادى يار بەرمىگەنلىكتىن ئۆزى يالغۇزمۇ قەشقەرگە بېرىشقا قادىر ئەمەس.
ياقۇپنىڭ ئاخىرىقى سۆزلىرى مەندە گۇمان قوزغىغان بولسىمۇ، مەن يوشۇرۇن ھالدا كاپال سودىگەرلىرى ۋە ئاباكۇموۋا ئەپەندىم بىلەن خۇپىيانە كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىكەنلىگىنى بىلدىم.مەمەت ياقۇپ بىزنىڭ پىلانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا كېرەكلىك ئادەم دەپ قارايمەن. شۇڭا ئالىيلىرىنىڭ قىممىتى بىر يېرىمدىن ئىككى مىڭ رۇبلى قىممىتىدىكى يۈك بىلەن كاپال ۋە ۋېرنويدىن كارۋان توپى تەيياپلاپ بېرىشلىرىنى سورايمەن. ھازىر دەرۋەقە يايلاق پەسلى بولغاچقا تېكەس ۋە قەرقەرە يايلايلاقلىرىدىن ئۆتۈش قولايلىق. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇنچىلىك قىممەتتىكى تاۋار ئوردا مالىيەسىگە ئانچە تەسىر كۆرسىتىپ كەتمەيدۇ. قەشقەرگە بېرىپلا مالنى كۈمۈشكە سېتىشقا ياكى باشقا ماللارغا تېگىشكىلى بولىدىكەن. ياقۇپنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا چىڭ ھۆكۈمىتى ئىسسىق كۆلگە بېرىپ يەرلىك بۇغىلاردىن(قىرغىزلارنىڭ بىر قەبىلىسى) ئولپان يىغماقچىمىش. شۇڭا مەن جانابىلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى كۈتمەكتىمەن شۇنداقلا ئالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىگە ئۆتۈشكە بولىدىغان باشقا مۈمكىنچىلىكلەر توغرىسىدىمۇ ئويلىنىپ بېقىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
|