«نەزەرىيە»دىگەن سۆزگە شەرھى جىمسارى
ئۇيغۇرتىلىمىزدا، «نەزەرىيە» دىگەن بىر ئىسىم سۆز بولۇپ، ئۇنى كەڭ دائىرەدە كۆپ قۇللۇنامىز. «نەزەرىيە» دىگەن بۇ سۆز، تىلىمىزغا خېلى ئۇزۇن زامانلار بۇرۇن پارىسچە ياكى ئەرەپچەدىن قۇبۇل قىلىنغاندەك قىلىدۇ. مىنىڭ بىلىشىمچە، تىلىمىزدىكى «نەزەرىيە»دىگەن بۇ سۆز، خەنزۇچە «理论,定论,论» دىگەندەك، ئېنگلىشچەدە «theory » دىگەندەك، روسچەدە «теория» دىگەندەك ئاتالغان. شۇڭا، «نەزەرىيە» دىگەن سۆزىمىز، بەزىدە يەنە، «تېئورىما» دەپمۇ ئاتالغان. «نەزەرىيە»دىگەن سۆزگە ئاددى تەبىر بەرسەم، ئادەملەرنىڭ مەلۇم بىر ساھەدىكى پەلىسەپەلىك ئىدىيەسى ياكى مەپكورەسى، «نەزەرىيە» دەپ ئاتالغان. بۇ مەنانى بىر ئاز كىڭەيتسەك، مەلۇم ساھەدە مەيدانغا كەلگەن ئۇقۇم-چۈشەنچەلەر، بايقالغان قانۇنىيەتلەرئاساسىدا، مەلۇم شەيئىگە بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئوبسېرۋالاش، ھېپوتىزلەش، ۋە لوگىكالىق مۇھاكىمەلەرنى يەكۈنلەش قىلىپ شەكىللەنگەن ئىخچام بايان ياكى جەرياننىڭ مودىلى، «نەزەرىيە» دەپ ئاتالادى. سەل كىڭەيتىپ ئېيتقاندا، «نەزەرىيە» مۇنداق بىر نەچچە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالادى 1. ئوبىكتىپ شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ قانۇنىيەتى ھەم ماھىيەتىگە بولغان توغرا قاراش مەپكۇرەسى. 2. ئادەملەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ياشاش ۋە تەپەككۇر قىلىشىدا يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئەقلى بىلىملەر يەكۈنى. 3. مەلۇم شەيئىلەرنىڭ ھەرىكەت جەريانىدىكى ئەنچە (مۇھىم ئاچقۇچلۇق دىگەن مەنىدە) ئامىللىرىنىڭ ئىخچام بولغان مودىل بايانلارى. 4. بىر قاتار پاكىت، قانۇنىيەت ۋە مۇھىت ئاساسىدا قۇرۇلغان ھېپوتىزلەر ياكى غايە، قىياس، پەرەزلەر. 5. ئابىستراكتلاش، تەخمىن قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىشلار ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن مەلۇم شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ خاراكتىرى، رولى، سەۋەبىگە بولغان كۆزقاراش، باھا، ئۇسول ۋە فورمۇلالار. 6. تەبىئەت، جەمىيەتتىكى شەيئى ۋەھادىسىلەر گە قارىتا مەلۇم فاكىت ئاساسى بار ئىدىيەلەر. نەزەرىيەلەر، مۇرەككەب تەبىئەتلىك بولۇپ، بىر قاتار تورسىمان باغلىنىشلىقلار، مۇناسىۋەتلەردىن تۈزۈلگەن بولۇدۇ. شۇڭا، نەزەرىيە، كۆپ ئادەمنىڭ ئوننەچچە يىل، بىر ئۆمۇر، ھەتتابىر ئىككى ئەۋلات كىشىنىڭ تىرىشىشىدىن ۋۇجۇدقا كىلىدۇ. دىمەك، چوڭ نەزەرىيەلەر، بىرەرئادەمنىڭ قۇلىدا ۋۇجۇدقا كەلىشى ناتايىن. نەزەرىيەلەر، ئومۇمەن ئالغاندا، نىسبى تۇرغۇن، مۇتلەق ئۆزگىرىپ تۇرۇدۇ. كەڭ دائىرەلىك پۇختا ئاساسقا ئىگە بولسا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەدى، بولماسا، ئۇنىڭ ئۆمىرى قىسقا بولادى. «نەزەرىيە»، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ تارماقلىرىنىڭ نامىنى، ئۇلاردىكى خاس ئاتالغۇسىنىڭ نامىنى ياكى ئوتتۇرىغا قويغۇچى شەخسىنىڭ نامىنى ئۆزىگە تاج قىلغان، يەنى، شۇ ناملار بىلەن ئاتالغان. مەسىلەن: پەلىسەپە نەزەرىيەسى، ماركىسىزىم نەزەرىيەسى، لوگىكا نەزەرىيەسى، فارابى نەزەرىيەسى، نىسبىلىك نەزەرىيەسى، ئېنىيىشتىين نەزەرىيەسى، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى، دارۋىن نەزەرىيەسى، نىيۇتۇن قانۇنى، كۋانىت نەزەرىيەسى، لوگارىفما نەزەرىيەسى، ئېقتىسات نەزەرىيەسى، ماۋزېدوڭ ئىدىيەسى، دىڭ شاۋ پىڭ نەزەرىيەسى، قانۇن نەزەرىيەسى، مائارىپ نەزەرىيەسى، دىخانچىلىق نەزەرىيەسى، ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيەسى، ئەلكىندى پەلىسەپە نەزەرىيەسى، جامالىدىن ئافغانى نەزەرىيەسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ نەزەرىيەسى، مۇھەممەد ئابدۇ نەزەرىيەسى، ئىقبال نەزەرىيەسى، سادام نەزەرىيەسى، قەزافى نەزەرىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم نەزەرىيەسى دىگەندەك كۆپلىگەن نەزەرىيەلەرنى كۆرسۈتۈشكە بولىدۇ. يوقۇرىدىكى مەزمۇنلار، مىنىڭ دەسلەپكى چۈشەنچەلىرىمدىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇرادەرلەرنىڭ بۇنىڭغا تۈزۈتۈش، تۇلۇقلاش پىكىرلەرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
|