- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3567
- نادىر
- 0
- يازما
- 221
ئۆسۈش
52.23%
|
مەن ھەر كۈنى دىگۈدەك ئۈرۈمچى ۋاقتى 17:20 ئەتراپىدا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە يىتىپ بارغۇچە بولغان ئارىلىقتا قاراڭغۇ چۈشۈپ كىتىدۇ . چۈنكى ئىش ئورنۇم بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى 60 كىلومىتىرغا يېقىن كېلىدۇ . ماڭا بۇ ئارىلىق بەك ئۇزۇن بىلىنىدۇ . چۈنكى مىنىڭ قارشى تەرىپىمدە « ئالەمدە كەم تېپىلىدىغان » ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەلگۈچىلەرنىڭ %99 ى ماشىنىنىڭ چوڭ - كىچىك چىرىقىنى توغرا ئىشلەتمەي ، چوڭ چىراقنى بىر ياندۇرغانچە مەن ھەر قانچە پاس بەرسەممۇ ئۇ نىمىلەرنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقماي ئۆتۈپ كىتىشىدۇ .
ماشىنا ھەيدىگەنلەر بىلىدۇ . يۇقۇرىقىدەك ئەھۋالدا يول ئېنىق كۆرۈنمەيدۇ ، ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىقىپ مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ . مەن بىر خەۋەردىن كۆرۈشۈمچە كېچىسى يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىنىڭ % 80 ى شوپۇرلارنىڭ چىراقنى توغرا ئىشلەتمەسلىكىدىن كىلىپ چىقىدىكەن . شۇڭا ئويلاپ قالدىم ، شۇ ساپاسىز مۇناپىقلارنىڭ خەلقنىڭ جېنى بىلەن ئوينىشىدىغانغا نىمە ھەددى ؟ ئەمدى بۇ يوللاردا باشقا پىيادە ياكى ماتورسىز قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ يۈرۈش ھوقوقى يوقمۇ ؟ ياكى بۇ يول شۇ ساپاسىز سولتەكلەرنىڭ دادىسى ياساپ بەرگەن يولمۇ ؟ ۋە ياكى شۇ چىراقنى توغرا ئىشلىتىش شۇنچە تەس ئىشمۇ ؟...
بىزدە « يۇمشاقنى يېيىشنى خالىمىغان قاتتىقنى غاجايدۇ » دىگەن گەپ بار . ئەجىبا بۇ نىمىلەر قاتناش ساقچىلىرى كۆرگەنلا يەردە تۇتۇپ ، جەرىمانىنى ئايىماي ئېلىپ ، نۇمۇرىنى ئىچ ئاغرىتماي تارتقاندا ئاندىن ئۆزگەرمەكچىمۇ ؟
ئەمەلىيەتتىمۇ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ بەزى مۇناپىق شوپۇرلارنى ئەدەپلەپ تۇرغىنى كۆپ ياخشى . ئەگەر ئۇلار بولمىغاندا ئۇ نىمىلەر 6 نومۇرنىڭ تارتىلىشىدىنمۇ قورقماي قىزىل چىراقلارنىمۇ بۆسۈپ ئۆتىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ ؟... ئەمەلىيەتتە بۇنداق مىساللار ساماندەك .
شۇڭا دەيمەن ، مۇشۇنداق چىراقنى قالايمىقان ئىشلەتكەن دۆيۈزلەر قاچان باشقۇرۇلىدۇ ؟ بۇنداق مەسىلىلەرگە قاتناش تارماقلىرىنىڭ مۇۋاپىق ، ئۈنۈملۈك بىر چارىسى يوقمۇ ؟ ئەجىبا بۇ قىلمىش مەخسۇس ئادەم ۋە ۋاقىت ئاجىرىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا ئەرزىمەيدىغان ئىشمۇ ؟!!
ئاخرىدا دەيدىغىنىم ، ئەي ئاپتومۇبىل ھەيدىگۈچى قېرىنداشلار ! ئاڭلىق ، ساپالىق ، سوغۇققانلىق بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەڭلار ، قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق بوي سۇنۇڭلار ! چۈنكى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەردىكى ئاتا - ئاناڭلار ، خوتۇن- بالىلىرىڭلار ، ياكى ئەرلىرىڭلار ، ۋە ياكى قېرىنداشلىرىڭلار سىلەرنىڭ تېنچ - ئامان ئۆيگە قايتىپ كېلىشىڭلارنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ ئەمەسمۇ !... |
|