بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-7 03:17
ئانا سۈپەت ھەدىمىز ئامىنە غاپپارغائۇيغۇر تىلىنىڭ سۈكۈتتىكى پاجىئەسى ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز
ئايانكى، بىر مىللەتنىڭ تىل – ئىملا مۇكەممەللىگى شۇ مىللەت خەلقىنىڭ مۇكەممەل تىل – تەلەپپۇز ئىقتىدارىنىڭ جېنى ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر مۇكەممەل بولمىسىچۇ؟ئۇ چاغدا ئۇ مىللەت خەلقىنىڭ تەپەككۈر ياكى تەلەپپۇز ئىقتىدارىنىڭ «كېسەل» ياكى «نوقسان» ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ.
بىزنىڭ پىشقەدەم تىلشۇناسلىرىمىزدىن ھۆرمەتلىك خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم ( جەنابىي ئاللاھ بۇ مۆھتەرەم زاتنىڭ باقى ئالەمدىكى جايىنىڭ جەننەتى بولىشىنى نېسىپ ئەيلىگەي، ئامىين!) ، مىرسۇلتان ئوسمان ۋە سىز ئامىنە غاپپار قاتارلىق مۇنەۋۋەر مەرىپەتپەرۋەرلىرىمىز تىلىمىزنىڭ دۇنياۋىي قەدىر قىممىتى ئۈچۈن بىجانىدىل تۆھپە قوشقان ئىدىڭلاركى، سىلەرنىڭ باشلامچىلىغىڭلار بىلەن تىل يېزىغىمىز 1985- يىلىغىچە ھەر جەھەتتىن «پىشىپ» - تەكاممۇللىشىپ ، «ئۇيغۇر تىل – يېزىغىنىڭ ئالتۇن دەۋرى» مەيدانغا كەلگەن ئىدى. 1985 – يىلى « ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق دەرسلىك مانا بۇنىڭ جانلىق شاھىدىدۇر.
ئەمما كۆپ ئەپسۇسكى، يىل 1986 گە ئۆرۈلگەندىن باشلاپ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالتۇن دەۋرى» دە ئۆزگىرىش يۈز بىرىشكە ، - بۇزۇقچىلىق پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
بۇنىڭ ئىپادىسى:
1) جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چۇڭقۇر ھاڭ پەيدا قىلىندى. بۇ بولسىمۇ بەلگىلىك شارايىتتا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش شەكىللىرىنىڭ جاراڭسىزلىشىش ھالىتىگە، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ جاراڭلىقلىشىشىغا يول قويۇلماسلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.
مەسىلەن: باغ ، تاغ قاتارلىق سۆزلەر بەلگىلىك ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەش ئېھتىياجى سەۋەپلىك باققا ، تاققا دەپ يېزىش كېرەك بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە باغقا ، تاغقا دەپ يېزىش كېرەكلىگى ، ئەمما تەلەپپۇزدا باققا ، تاققا دېيىلىدىغانلىغى، < ك > ، < ق >،< ت > قاتارلىق جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى ئاخىرىغا بەلگىلىك سۆزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى ئۇلىنىپ كەلگەندە < گ >،< غ >،< د > غا ئۆزگەرگەن ھالدا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە يانىلا جاراڭسىز شەكلىدە يېزىش كېرەكلىگى؛ مەسىلەن: كەلمەك = كەلمىكى (< كەلمىگى > دېيىلمىگۈدەك) ، قۇلاق = قۇلىقى (< قۇلىغى> دېيىلمىگۈدەك) ، مەقسەت = مەقسىتى (< مەقسىدى > دېيىلمىگۈدەك) دېگەندەك.
2) ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپى بۇغۇم بېشى بولۇپ كەلمەيدۇ، دېگەن قائىدە بار دېيىلىپ، چەتئەل تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەردىكى بۇغۇم بېشى بولۇپ كەلگەن قوشما ھەرپلەرنىڭ ئارىسىغا بىر سوزۇق تاۋۇش ھەرىپىنى زومۇ – زو قوشۇپ يېزىش؛ مەسىلەن : تراكتۇر = تىراكتۇر ، ترانىسكرىپسىيە = تىرانسكىرىپسىيە دېگەندەك.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە :
1) تىل – تەلەپپۇز ئورگانلىرىمىزنىڭ ھەرىكەت قۇلايلىغى قىيىنلىشىپ ، گالدا قىلتىرىق تۇرۇپ قالغاندەك ، ياكى گالغا ئۆسمە پەيدا بولۇپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان؛
2)سۆزلەرنىڭ ئاڭلىنىشى قوپال ، يېقىمسىز بولۇپ قالىدىغان؛
3) ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئورۇنسىز تۈۋەنلىتىۋېتىلىدىغان؛
4) مانا شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەمدى ھازىرقى ئەۋلاتلىرىمىز 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى كىتاپ – ماتېريااللارنى چۈشۈنۈشتا گاڭگىراپ قالىدىغان؛
5) ۋە يەنە مانا شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلمىي ئەزەللىگى ۋە قىممىتى يوقىلىپ كېتىشكە يۈز تۇتىدىغان يامان ئاقىۋەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭدىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار بارمىدۇ يوقمىدۇ؟
زادى تىلىمىز شۇنداقلا بۇزغۇنچىلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كېتىشى كېرەكمىدۇ؟
مەن بۇ ئەھۋاللار توغرىسىدا بىرەر قارشى پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۇزۇن ۋاقتتىن بۇيان ئىنتايىن سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈپ كەلدىم، سۈكۈت قىلدىم.ئەمما ھېچ قانداق بىر قارشى ئىنكاس ئوتتۇرىغا چىقمىغاننىڭ ئۈستىگە ، ئۇ خاتا پىرىنسىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىغى ئۈچۈن ، ئاخىر بۇ مەسىلىنى سىلەرگە يەتكۈزگۈم كەلدى. چۈنكى، ئامىنە غاپپار ھەدە، سىز بۇ جەھەتتە ئۆز قولىڭىز بىلەن تۈزگەن ئىملا قائىدىسى ھەققىدىكى پىكىر – چۈشەنچىلىرىڭىزنى مەن كۆرگەن ئىدىم.
ئەمدىلىكتە بولسا سىز تۈزۈپ ئېلان قىلىنغان قائىدە – پىرىنسىپ يەتتە قات ئاسماننىڭ قەھرىگە چۆرۈپ تاشلىنىۋاتقانلىغى ئۈچۈن ، جىددىي تۇتۇپ سىزگە مەلۇم قىلىشنى زۆرۈر تاپتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆزىڭىزنىڭ ئۇچۇق ۋاختىدا بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا يوليۇرۇق بىرىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن.
ھەر ھالدا مەن جانلىق تىل بىلەن ئەدەبىي (يېزىق) تىلنىڭ ئارىسىدا پەرق بولىدىغانلىغىنى چەتكە قاقمايمەن. ئەمما قائىدە- پىرىنسىپنىڭ نۆۋەەتىكىدەك قالايمىقان ئۆزگەرتىلىپ ، تىل – ئىملايىمىزنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە قاراپمۇ تۇرالمايمەن. بولۇپمۇ يازغاننى ئەينەن ئوقۇمايدىغان «قائىدە»نى قەتئى رەت قىلىمەن. چۈنكى ، بىرەر ھەرىپنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئەينەن ئوقۇماسلىق نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ____ تەپەككۇر بۇزۇقلۇقتىن ، «كۆزى ئۇچۇق قارىغۇ»لۇقتىن دېرەك بېرىدۇ!
مەلۇمكى، يازغاننى توغرا ئوقۇش، تەلەپپۇز قىلىشقا مۇمكىن بولسۇن، تەلەپپۇز مۇجمەللىگى بەلكى خاتالىغى يۈز بەرمىسۇن، دەپ < ئو > ھەرىپىنى ئىشلىتىلىش ئورنىغا يارىشا تەلەپپۇز قىلىش ئۈچۈن < ئو > ، < ئۆ > دەپ، < ئۇ > ھەرىپىنى بولسا < ئۇ > ، < ئۈ > دەپ ئەسلىدىكى ئالتە خىل سوزۇق تاۋۇش ھەرىپىنى سەككىز خىل قىلغان ئىدۇق. بۇ بەك ياخشى بولغان ئەمەسمىدى؟
بىزنىڭ ھازىرقى ئەرباپلىرىمىز بۇنى نىمىشكە ئويلانمايدىكىنە؟
ئايانكى، يازغاننى فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىگىگە يارىشا ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىش __ ئەرەپ، رۇس، ئىنگىلىز، فرانسۇز قاتارلىق تىللارغىلا خاس. ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق قائىدە بولغان ئەمەس. ئەنە 1985 – يىلى نەشىر قىلىنغان « ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق دەرسلىكنى كۆرۈپ باقايلى.
شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا 1985-يىلىغىچە نەشر قىلىنغان كىتاپ – ماتېرياللىرىمىزغا قاراپ باقايلى، سۆزلەر نەقەدەر راۋان، نەقەدەر تاتلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەللىگى بىلەن ئاڭلىنىدىكەن؟ مۇشۇمۇ بولاتتىغۇ؟ ئەمدى زادى نىمە بولدى؟
مەن ئەمدى تىلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك تەقدىرىدىن تېزرەك قۇتۇلىشى ئۈچۈن سىزنىڭ يوليۇرۇق بىرىپ ئۆتىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن!
|