ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىلار خانلىقىدىكى ئەمەل-مەنسەپلەر ئۈستىدە سېلىشتۇرما
ئەخمەت مۆمىن تارىمى (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرىرى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى)
مىلادىيە 840 -يىلى ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى نىزا ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلارئاساسەن ئىككى تارماققا بۈلىنىپ جەنۇبقا (ھازىرقى سەددىچىن بويلىرىغا) ۋە غەربكە (ھازىرقى تەڭرىتېغى ئەتراپلىرىغا ۋە يەتتىسۇ، ئىسسىقكۆل، پامىر ئەتراپلىرىغا )كۆچكەن، بىر قىسمى ئەسلى ماكانىدا قېلىپ كېيىنچە باشقا خەلقلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن.ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ، بۇ يەردە بۇرۇندىن ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن خەلقلەرمۇ تەدرىجىي ﺋﯘلارﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ، بۇ رايوندا ئۇيغۇرلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، شىنجاڭ رايونى تەدرىجى ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ماكانىغا ئايلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ غەرىبكەكۆچكەن تارامى دەسلەپتە ئالتاي تېغىدىن ئۈتۈپ ئۇيەردىكى قارلۇقلار بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن ئۇلارنىڭ بىرقىسمى ھازىرقى گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىغا كەلگەن. بىرقىسمى ئاۋال تۇرپان، بەشبالىققا(جىمىسار ئەتراپىغا)،ئاندىن كۈسەن(كۇچا)، قاراشەھەر ئەتراپىغا كەلگەن. يەنە بىر قىسمى داۋاملىق غەرىپكەمېڭىپ، يەتتىسۇ ، سوياپ دەرياسى ۋە پامىر ئەتراپلىرىغا كەلگەن. كېيىنچە خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسمى بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ تەخمىنەن مىلادىيە 870-يىلى ئەتراپىدا گەنجۇنى ( ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيې ئەتراپى ) مەركەز قىلغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. تۇرپان، بەشبالىققا،ئاندىن كۈسەن، قاراشەھەر ئەتراپىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ تەخمىنەن مىلادىيە 866 – يىلى ئەتراپىدا تۇرپان ، بەشبالىقنى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ، بۇ خانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ،ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. بۇ خانلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى بىلەن زىچ ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئالاقىسى قىلغان بولۇپ، دەل مۇشۇ خانلىق دائىرىسىدە بۇددا ۋە مانى دىنلىرىنىڭ تەسىرىدىكى گۈللەنگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن. يەتتىسۇ ، سوياپ دەرياسى ۋە پامىر ئەتراپلىرىغاكەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاۋاتقان قېرىنداش خەلقلەر بىلەن قوشۇلۇپ،تەخمىنەن مىلادىيە 850 - يىلى ئەتراپىدا بالاساغۇن (ھازىرقى قىرغىزىستاندا) ۋەقەشقەرنى مەركەز قىلغان قارا خانىلار خانلىقىنى قۇرغان ، بۇ خانلىقنىڭ 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى رەسمىي دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇرۇشى بىلەن خانلىق دائىرىسىدە تەدرىجىي ھالدا ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغان، ئىسلام دىنى ۋەئەرەپ- پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆزگىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شەكىللىنىپ چىققان. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىلار خانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىياتتىكى بۇنداق پەرق ئۇلاردىكى ئەمەل-مەنسەپلەردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىكى ئەمەل-مەنسەپلەردىن ئۇچۇر بېرىدىغان بىرىنچى قول ماتېرىياللارھازىرغا قەدەر تولىمۇ ئاز، ھەتتا يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ ، پەقەت بەزى دىنىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھۆججەت –پۈتۈكلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىقلا بۇ توغرىدا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا 1907 – يىلى ئەنگىلىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيەچى مارك ئاۋرېل ستەيىن دۇنخۇاڭدىن قولغا چۈشۈرگەن ، كېيىن S.6551 نومۇر قۇيۇلغان دىنىي مەزمۇندىكى خەنزۇچە پۈتۈك ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. بۇ پۈتۈك ئۈچ بۆلەك مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوتتۇراتۈزلەڭلىك بىر بۇددا راھىبىنىڭ كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاستانىسىگە بېرىپ پادىشاھنىڭ ئىنئامىغا نائىل بولغاندىن كېيىن ، غەربكە بېرىپ نوم ئەكىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇدۇن ئېلىغا بارغانلىقى ، ئاندىن ھىندىقۇش تېغىدىن ئېشىپ ئەنەتكەك ئېلىگە (ھىندىستانغا)بارماقچى بولغان بولسىمۇ ، ئاغرىپ قالغانلىقتىن ئامالسىز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرالماي، ئاخىرىدا "تەڭرى قاغاننىڭ بۈيۈك ئۇيغۇر ئېلى "گەكېلىپ بۇددا ئەقىدىلىرىدىن ۋەز ئېيتقانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ پۈتۈكنى تەتقىقاتچىلاردىن جاڭ گۇاڭدا ۋە روڭ شىنجياڭ ئەپەندىلەر تەتقىق قىلىپ ، ئۇنىڭ تەخمىنەن ئوتتۇراتۈزلەڭلىكتىكى بەش دەۋردىكى كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقى بىلەن كېيىنكى جىن پادىشاھلىقىنىڭ ئالمىشىش پەيتىدە ، يەنى مىلادىيە 930-يىلى ئەتراپىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا پۈتۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ گەرچە بىر دىنىي مەزمۇندىكى پۈتۈك بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھاكىمىيەت، دىن ، قەبىلە ئەھۋاللىرى توغرىسىدا ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، جاڭ گۇاڭدا ۋە روڭ شىنجياڭ ئەپەندىلەر بۇ پۈتۈكتە تىلغا ئېلىنغان ئەمەل ناملىرىنى تەرتىپ بويىچە مۇنداق ئىزاھلىغان: 1. 可汗天王、圣天可汗、天可汗)天王)__ تەڭرى قاغان، يەنى ئەڭ ئالىي ھۆكۈمدار؛ 2. 天公主__ تەڭرى قۇنچۇي، يەنى قاغاننىڭ قاتۇنى، خانىش؛ 3. 天特懃__ تەڭرى تەگىن، قاغاننىڭ ئوغۇللىرى ياكى ئاغا-ئىنىلىرى؛ 4. 宰相 __ ئىل/ ئەل ئۈگەسى، بۇ قاغان، قاتۇن، تەگىندىنلا كېيىن تۇرىدىغان ۋەزىردەرىجىسىدىكى ئەمەلدار ؛ 5. 达干__تارقان، مەخسۇس قۇشۇننى باشقۇرىدىغان ھەربىي ئەمەلدار؛ 6. 都督 __ تۇتۇق، بۇ تاڭ سۇلالىسىدىن كىرگەن ئەمەل نامى بولۇپ، يەرلىك ئەمەلدارنى كۆرسەتكەن؛ 7. (刺使)敕使__ چىگشى،بۇمۇ تاڭ سۇلالىسىدىن كىرگەن ئەمەل نامى بولۇپ، يەرلىك ئەمەلدارنى كۆرسەتكەن؛ 8. 萨温 __ ساغۇن ، قارلۇقلارنىڭ كاتتىلىرىنىڭ نامى؛ 9. 梅录 __ بۇيرۇق، لەشكەر تۇتقۇچى ئەمەلدار؛ 10. 庄使__چاڭشى، بۇمۇ ئېھتىمال تاڭ سۇلالىسدىن كىرگەن ئەمەل نامى بولۇپ، خەنزۇچە "长史" (دورغاپ) دېگەن ئەمەل نامىنىڭ خاتا يېزىلىشى بولۇشى مۇمكىن. 11. 谛略)地略)__ تىرەك،خامىلتون بۇنى تاڭ سۇلالىسىدىكى "柱国"(يەنى ئەل تىرىكى) دېگەن مەرتىۋىگە تەققاسلانغان ئەمەل بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان (1) يۇقىرىقىغائوخشايدىغان ناملار مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەسىرىدىمۇ ئۇچرايدىغان بولۇپ، مۇنداق ئىزاھلانغان: «تەڭرى ـــ ئەزىز ۋە ئۇلۇغ تەڭرى،...خۇدا ئۇرغۇر كاپىرلار ئاسماننى تەڭرى دەيدۇ. ئۇلاركۆزلىرىگە چوڭ كۆرۈنگەن ھەرقانداق نەرسىنى ـــ ئېگىز تاغ ، يوغان دەرەخلەرنىمۇ تەڭرى دەيدۇ، شۇڭا بۇنداق نەرسىلەرگە سەجدە قىلىدۇ.»(«دىۋان» 3-توم514-515-بەتلەر) «خان ـــ تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پادىشاھى ، ﺋﺎﻓﺮاﺳﯩﻴﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺧﺎن دﯦﻴﯩﻠﯩﺪۇ،ﺋﺎﻓﺮاﺳﯩﻴﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚزى ﻗﺎﻏﺎن دﯦﻴﯩﻠﯩﺪۇ »(«دىۋان» 3-توم215-بەت) «قاتۇن ــــ خۇتۇن ،خېنىم، ئافراسىيابنىڭ قىزلىرىغىلا خاس نام»(«دىۋان» 1-توم533-بەت) «قۇنچۇي ــــ خاتۇندىن بىردەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغان خېنىم ئاغىچا، مەلىكە.قاتۇن قۇنچۇي سۆزى شۇنىڭدىن ئېلىنغان.» «دىۋان» 3-توم330-بەت) «تەگىن ـــ بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ‹قۇل›دېمەكتۇر... كېيىن بۇ سۆز پەقەت خاقان ئائىلىسىنىڭ بالىلىرىغىلا خاس بولۇپ قالغان.» («دىۋان» 1-توم539-540-بەتلەر) «ئۆگە ــــ تەجرىبىلىك، ئەقىللىق، كاداڭ. تەگىندىن بىردەرىجە تۆۋەن ئاتاق.» («دىۋان»1-توم122-بەت) «يابغۇ ـــ ئاددى خەلىقتىن بولۇپ، خاقاندىن ئىككى دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغان كىشىگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان.» («دىۋان» 3-توم41-بەت) «تۇكسىن ـــ ئاددى خەلىقتىن بولۇپ، خاندىن ئۈچ دەرىجە تۆۋەن مەنسەپتىكى كىشى.» («دىۋان»1-توم569-بەت) «تارقان ـــ ئىسلامىيەتتىن ئاۋال ‹بەگ›مەنىسىدىكى بىر مەنسەپ نامى.»(«دىۋان» 1-توم568-بەت) «ساغۇن ــــ قارلۇق قەبىلىسىنىڭ چوڭلىرىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان.» («دىۋان» 1-توم523-بەت) «بۇيرۇق ـــــ خاننىڭ يېنىدا چوڭلارنى جاي-جايىغا ئولتۇرغۇزىدىغان كىشى، پەرمانچى.»(«دىۋان» 1-توم490-بەت) «تەركەن ــــ بىرەر ۋىلايەت ھۆكۈمدارىغا خاقانلار تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئۇنۋان.» («دىۋان»1-توم569-بەت) (2) كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، يۇقىرىقى ئەمەل-مەنسەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ﻛﯚﻛﺘﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ۋە ﺋۇرقۇن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﻣﻪﯕﮕﯜﺗﺎشلاردا ، شۇنداقلا «ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ» ۋە «ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»دىمۇ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇلاردا قاغان، قاتۇن، تەگىن، بۇيرۇق،ﺷﺎد، ﻳﺎﺑﻐﯘ (ۋەﻟﯩﺌﻪﮬﺪ ﻳﺎﺑﻐﯘ، ﺋﻮڭ، ﺳﻮلﻳﺎﺑﻐﯘ ﻧﺎﻣﯩﺪا ﺋﯘﭼﺮاﻳﺪۇ)، ﺋﯧﻠﺘﻪﺑﯩﺮ (ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﯧﻠﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺋﺎﻟﭗ ﺋﯧﻠﺘﻪﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﯩﺪاﺋﯘﭼﺮاﻳﺪۇ)، ﺳﺎﻧﻐﯘن (ﺋﯘﻟﯘغ ﺳﺎﻧﻐﯘن ﻧﺎﻣﯩﺪا ﺋﯘﭼﺮاﻳﺪۇ)، ﻗﯘﻧﭽﯘي(مەلىكە)، ﺋﺎﻳﻤﺎق ﺑﯧﮕﻰ،ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪر، دورﻏﺎپ، ﺋﺎﭘﺎ (ﻗﻮﺷﯘن ﻗﻮﻣﺎﻧﺪاﻧﻰ)، ﺗﺎﻣﻐﺎﭼﻰ (ﻣﯚﮬﯜردار)، يالۋاچ(ﺋﻪﻟﭽﻰ)، ﺋﺎﻳﻐﯘﭼﻰ (ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﻰ، ﺋﯘﺳﺘﺎز)، ﺑﺎﻏﺎ، ﭼﯘر (ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﺳﻪرﻛﻪردە)،ﭼﺎﺑﯩﺶ(ﻟﻪﺷﻜﻪر ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ)، ﺗﯩﺮﻛﯩﺶ (ﺧﻪۋەرﭼﻰ، ﻛﺎرۋان)، تارﻗﺎن، ﺋﯩﺸﺒﺎرا،ﺋﯩﻨﺎﻧﭽﯘ(ﺧﻪزﯨﻨﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺋﻪﻣﻪﻟﺪار)، ﺑﻪش ﻣﯩﯖﺒﯧﺸﻰ، ﻣﯩﯖﺒﯧﺸﻰ، ﺗﻮﻗﻘﯘز ﻳﯜزﺑﯧﺸﻰ، ﺑﻪش ﻳﯜز ﺑﯧﺸﻰ، ﻳﯜزﺑﯧﺸﻰ، ﺗﯘﻳﻘﺎن (ﺑﺎرﮔﺎھ ﺑﯧﺸﻰ)، ﺗﻮرﻏﺎق ﺑﯧﺸﻰ(ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰەﺗﭽﻰﺳﻪرﻛﻪردە)، ﺑﯘﻳلا ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ نۇرغۇن ﺋﻪﻣﻪل - ﻣﻪﻧﺴﻪپ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮى ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪن (3) بۇلاردىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ئۇرقۇن ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىق تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەمما ، بۇ ئۈچ خانلىقىنىڭ ئەل-مەنسەپلىرىنى، بولۇپمۇ يۇقىرىدا تىلغائېلىنغان ستەيىن دۇنخۇاڭدىن قولغا چۈشۈرگەن S.6551 نومۇرلۇق خەنزۇچە پۈتۈك ۋە«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ئەمەل-مەنسەپلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، بۇلار ئوتتۇرىسىدا خېلىلا پەرىقلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىلار خانلىقىدا ئورقۇن ئۇيغۇرخانلىقىدىكى نۇرغۇن ئەمەللەر داۋاملىق قوللىنىلغان بولسىمۇ ، ئەمما S.6551 نومۇرلۇق خەنزۇچە پۈتۈكتە تىلغائېلىنغان ئەمەللەرنىڭ تەرتىپى ۋە "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك" ئىزاھلانغان ھەرقايسى
ئەمەللەرنىڭ تەبىرىدىن بۇ ئىككى خانلىقتا بەزى ئەمەل-مەنسەپلەرنىڭ دەرىجىسى ۋە رولىدا ئىلگىرىكىدىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، S.6551 نومۇرلۇق خەنزۇچە پۈتۈكتە ئەمەللەرنىڭ ئاشۇ تەرتىپتە تىلغا ئېلىنىشى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىكى ئەمەل-مەنسەپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ، جۈملىدىن خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنى روشەن نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىكى "تەڭرى قاغان " دېگەن نام مەڭگۈتاشلاردىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئەڭ ئالىي ھۆكۈمدارنىڭ بۇنداق ئاتىلىشى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىۋاسىتە ۋارىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىپلا قالماي، يەنە كۆك تەڭرى ئېتىقادچىلىقىنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىمۇ داۋاملاشقانلىقىنى، شۇنداقلا ئالىي ھۆكۈمراننىڭ "ئىدىقۇت" دەپ ئاتىلىشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھالبۇكى ، "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك " تىن قارىغاندا، قاراخانىلار خانلىقىدا ھۆكۈمدارلار "تەڭرى قاغان" دەپ ئاتالماي، بەلكى "خان / خاقان /قاغان" دەپ ئاتالغان، يەنە كېلىپ قاغانلارنىڭ كېلىپچىقىشى ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكىدەك "كۈن تەڭرى"ياكى"ئاي تەڭرى" گە باغلانماي ، بەلكى "ئاپراسىياپ" قا باغلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن قاراخانىلار خانلىقىدا " كاپىر" ئۇيغۇرلاردىن پەرىقلەندۈرۈش ھەم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش سەۋەبلىك ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىلاھلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، S.6551 نومۇرلۇق خەنزۇچە پۈتۈكتە "تۇتۇق" ، "چىگشى" ، " چاڭشى" قاتارلىق ئەسلى ئۇيغۇرچە بولمىغان ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرىدىن كىرگەن ئەمەللەرمۇ بولۇپ، بۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻟﯩﻖ ﺗﯜزۈمىنىڭ ﺋﺎﺳﺎسەن ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻪﻣﻪل - ﻣﻪﻧﺴﻪپ ﺗﯜزۈﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ،ﺋﺎز ﺑﯩﺮ قىسمىنىڭ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ خەنزۇ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ﺋﻪﻣﻪل - ﻣﻪﻧﺴﻪپﺗﯜزۈﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خۇددى ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ئوخشاشلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلغانلىقىنى ، بۇنىڭ ھەتتا سىياسىي ساھەسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.ئەمما ، "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك " تىن قارىغاندا،قاراخانىلار خانلىقىدا بۇنداق ئەھۋال بولمىغان. بۇنىڭغا ئېھتىمال ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى بىلەن قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ئارىلىقنىڭ يىراق بولۇشى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك ئۇنچە قويۇق ئالاقە قىلالمىغانلىقى سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. تۆتىنچىدىن ، مەيلى S.6551 نومۇرلۇق خەنزۇچە پۈتۈكتە بولسۇن ياكى "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك" تە بولسۇن، قارلۇق قەبىلىسىنىڭ چوڭلىرىغا بېرىلىدىغان"ساغۇن" دېگەن نام تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن قارلۇقلارنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىمۇ، قاراخانىلارخانلىقىدىمۇ مۇھىم قەبىلە بولغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇرقۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ دەسلەپ غەربكە كۆچكەن چاغدا قارلۇقلارنىڭ يېرىگە كېلىپ ئۇلار بىلەن بىرلەشكەنلىكىدەك ئەھۋالنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئومۇمەن ،مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي –ئىجتىمائىي ھاياتىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدىمۇ مۇرەككەپ بىرئەھۋالنى شەكىللەندۈرگەن. جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تەركىبىگە كىرگەن خەلقلەرنىڭ 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن نىسبىي مۇستەقىل ئۈچ خانلىققا بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋە بۇلارنىڭ تارىخىي ، ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان تەرەققىيات يولىغا مېڭىشى بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىككى خىل ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، يەنى بۇددا ۋەمانى دىنلىرى ھەم خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇرمەدەنىيىتى(شۇنداقلا گەنجۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى) بىلەن ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپ- پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىكى قاراخانىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تامامەن ئايرىم تەرەققىيات يولىغا ماڭغان. ئەمما ، مەيلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى(شۇنداقلا گەنجۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى) بولسۇن ياكى قاراخانىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولسۇن ئەسلىدىكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ، جۈملىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىدىن تايماي تەرەققىي قىلغان.
(1)جاڭ گۇاڭدا،روڭ شىنجياڭ:"قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىغا ئائىت بىر پارچە دۇنخۇاڭ ھۆججتى __ S.6551 نومۇرلۇق ۋەز پۈتۈكى ئۈستىدە تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتى"،"جاڭ گۇاڭدا ماقالىلىرى توپلىمى: پۈتۈكلەر، ئەسەرلەر ۋە غەربىي يۇرت تەتقىقاتى"ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2008-يىلى 7- ئاي 1-نەشرى 153-176-بەتلەر. (2) مەھمۇد كاشىغەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»1-توم ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى؛ 3-توم ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى. (3)ليۇ شيۇ: «ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى؛ئوۋياڭ شيۇ، سۇڭ چى : «يېڭى ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى؛ ئابدۇقەييۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىلى 9-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
|