پىكىرنىڭ ـ ئىنكاسنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن gheyurr مەزكۇر تېمىسى ئەسلى باش تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يۆتكەپ قويدۇم.
ـ باشقۇرغۇچىدىن
تارىخىي رومان ۋە تارىخنىڭ ئەسلى يۈزى (2) ـــ«جاللات خېنىم» رومانىدىكى تارىخىي بايانلارغا تۈزىتىش ۋە تولۇقلىما
بىرىنچى، «جاللات خېنىم» رومانى (تۆۋەندە قىسقارتىپ رومان دېيىلىدۇ) دىكى سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئۆلۈمى، يولۋاسخاننىڭ يەكەن خانلىقى تەختىدە سەلتەنەت سۈرگەن ۋاقتى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمى، شۇنداقلا ئىسمائىلخاننىڭ تەختكە چىقىش جەريانى توغرىسىدىكى تارىخىي بايانلارغا تۈزىتىش ۋە تولۇقلىما. سۇلتان ئابدۇللاخان يەكەن خانلىقى تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى بىر پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەشھۇر شەخس، شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەشھۇر ئىستېلاچى، ئۆزگىچە سىياسىي ئىسلاھاتلىرى ۋە كۆپ قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشلىرى ئارقىلىق پارچىلىنىش، ئاجىزلىشىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان يەكەن خانلىقىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشكە، روناق تاپقۇزۇشقا تۈرۈتكە بولغان مەشھۇر پادىشاھ. ئۇ ھىجرىيە 1048-يىلى (مىلادىيە1638-1639-يىللىرى) يەكەن خانلىقى تەختىگە چىقىپ، ھىجرىيە 1079-يىلى (مىلادىيە1668-1669-يىللىرى) تەختنى تەرك ئېتىپ، ھىندىستان ئارقىلىق ھەج-تاۋاپ قىلغىلى كەتكىچە بولغان 30يىلدىن ئارتۇقراق داۋاملاشقان سەلتەنەت دەۋرىدە، ئىلگىرىكى شاھزادىلەرنىڭ ئۆز ئارا تەخت تالىشىش نىزالىرى سەۋەبلىك، ئۇششاق پارچىلىنىپ شانۇ-شەۋكىتىنى يوقاتقان يەكەن خانلىقىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپلا قالماستىن، نۇرغۇن قېتىملىق ئىستېلاچىلىق ھەربىي يۈرۈشلىرى ئارقىلىق، غەربتە پەرغانە ۋادىسىدىن تارتىپ ئەنجان تاشكەنتكىچە، جەنۇبتا بۇلۇر، بەلىختىن تارتىپ كەشمىرگىچە بولغان ئەل-ئۇلۇسلارنى يەكەن خانلىقى تەسەررۇپىغا قوشۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولۇپ شۆھرەتلەنگەن. شۇڭا، سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ھايات پائالىيەتلىرىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆلۈمىمۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ۋەقەنى تارىخنامىلەردە، تەتقىقات ئەسەرلىرىدىلا ئەمەس، تارىخىي پىروزا ئەسەرلىرىدىمۇ ئەينى بويىچە ئاۋامغا، ئوقۇرمەنگە يەتكۈزۈش بىر خىل مەجبۇرىيەت ۋە بۇرچتۇر. روماننىڭ تۆتىنچى باب «تىترىگەن زېمىن» ۋە بەشىنچى باب «پاجىئەلىك قىسمەتلەر» دە، سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەقەلەر توغرىسىدا: «سۇلتان ئابدۇللاخان خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان (ئاپپاق خوجا) نىڭ ‹قارا خەت› ھىيلىسىگە ئالدىنىپ، ئۆز ۋاقتىدا يەكەن خانلىقىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈشكە كۆپ كۈچ چىقارغان سادىق ئەمىرلىرىدىن بىر نەچچىنى ئۆلتۈرىۋېتىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىغا قالغانلىقى، ئوردا ئەركانلىرىنىڭ خانغا بولغان ساداقىتى ۋە ئىشەنچىنىڭ سۇسلاشقانلىقى،(197-بەت) ئاندىن ئۆز ئوغلى شاھزادە يولۋاسخان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېلىپ، قاتتىق ئار-نۇمۇسقا قالغانلىقى،(210-بەت) ئۇنىڭ ئۈستىگە خوجا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ ‹قارا خەت› ھىيلىسىگە يەنە بىر قېتىم ئالدىنىپ، ئۆزىنىڭ نەۋرىلىرى، شاھزادە يولۋاسخانننىڭ چوڭ ئوغلى خوتەننىڭ نائىب ئەمىرى خانزادە ئەبەيدۇللاخان بىلەن قىزى مەلىكە خانزادە خېنىمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى (228-ۋە 233-بەت)، كېيىن قىززىق قانلىق بىلەن قىلىپ قويغان بۇ ئىشلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، خانلىق تەختىنى كىچىك ئوغلى ـــ شاھزادە ئابدۇمۆمىنخانغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۆزى بەيتۇل مۇقەددەسكە بېرىپ ھەج-تاۋاپ قىلىپ گۇناھىغا توۋا قىلىش ئۈچۈن، خانىش، شاھبانۇلىرىنى ئېلىپ بەش يۈز نەپەر مۇلازىمنىڭ قورۇقچىلىقىدا ھىندىستانغا يولغا چىققانلىقى (238-بەت). ئۇنىڭدىن كېيىن، يولۋاسخاننىڭ قەشقەردىن يەكەنگە لەشكەر تارتىپ،ئىنىسى ئابدۇمۆمىنخاننى ئۆلتۈرۈپ، يەكەن خانلىقىنىڭ تەختىگە چىققانلىقى (241-بەت). ھەمدە،شاھزادە يولۋاسخاننىڭ خوجا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ ئاستىرتىن يول كۆرسىتىشى بىلەن ئىككى نەپەر كاللا كېسەرنى نۇرغۇن ئالتۇن-كۆمۈش بىلەن ھىندىستانغا ماڭدۇرغانلىقى. ئۇلار كېتىپ تولۇق ئۈچ ئاي بولغاندا سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ كاللىسىنى خۇرجۇنغا سېلىپ ئەكەلگەنلىكى. دادىسىنىڭ تېنىدىن جۇدا بولغان كاللىسىنى كۆرۈپ، يولۋاسخاننىڭ بىردىنلا ئېسىنى تاپقاندەك بولۇپ، پۇشايمان قىلىپ پەرياد چەككەنلىكى ۋە ئالتۇنلۇق مازىرىغا دەپىن قىلدۇرغانلىقى (277-بەت). يولۋاسخاننىڭ تەختتە ئىككى يىلدەك ئولتۇرغانلىقى (264-بەت). شۇنداقلا، مىلادى1670 -يىلى يازدا سۇلتان ئىسمايىلخان جىيەنى شاھزادە يولۋاسخاننى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختىگە چىققانلىقى (335-بەت).» بايان قىلىنغان. تارىخىي مەنبەلەردىكى ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، سۇلتان ئابدۇللاخان ئوغلى يولۋاسخاننىڭ ئاقتاغلىق خوجىلار (ئىشقىيەچىلەر) نىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن خانلىق تەختىگە خىرىس قىلىشىدەك ئىشلىرىدىن بىزار بولۇپ، پادىشاھلىق تەختىنى تەرك ئېتىپ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە يېقىن كىشىلىرىنى ئېلىپ ھىندىستان ئارقىلىق مەككىگە ھەج قىلىشقا كەتكەن. يەنى روماندا يېزىلغىنىدەك، ھىندىستان ئارقىلىق مەككىگە ھەجگە ماڭغاندا، خانلىق تەختىنى كىچىك ئوغلى ـــ شاھزادە ئابدۇمۆمىنخانغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئەمەس، بەلكى تەختنى تەرك ئېتىپ چىقىپ كەتكەن. چۈنكى، بىرى،بۇگۇنكى زامانغا تەۋە ئۇيغۇر تارىخچىسى ھاجى نۇر ھاجىنىڭ «شاھزادە ئابدۇمۆمىنخاننىڭ ئاتىسى ئابدۇللاخان تەرىپىدىن تەختكە چىقىرىلغانلىقى» ھەققىدىكى قىسقا، ئاساسسىز ئۇچۇرى(2) دىن باشقا ئەينى تارىخىي دەۋرلەرگە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى زامانلارغا تەۋە بولغان «تاۋارىخ»، «كاشغەر تارىخى»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «تارىخىي ھەمىدى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەردە، شۇنداقلا بۈگۈنكى زامانغا تەئەللۇق بارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىدە، شاھزادە ئابدۇمۆمىنخان ئىسىملىك بىرسىنىڭ يەكەن خانلىقى تەختىگە چىققانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇر-مەلۇمات يوق. يەنە بىرى، ئۆز ئاتىسىدىن تەخت تالىشىشتىن ئايانمىغان شاھزادە يولۋاسخاننىڭ، ئەگەر كىچىك ئىنىسى شاھزادە ئابدۇمۆمىنخان تەختكە چىقىرىلسا، ئۇنىمۇ بوش قويىۋەتمەيدىغانلىقىدەك رىئاللىقنى ئابدۇللاخاندەك پادىشاھلا ئەمەس، بەلكى بىر دادا بولغان ئادەمنىڭ بىلىپ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار توغرىسىدا، ئەينى دەۋرنىڭ ئاتاغلىق تارىخچىسى شاھ مەھمۇد جۇراسنىڭ «تاۋارىخ» ناملىق (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار› نامى بىلەن نەشىر قىلىنغان) ئەسىرىدە، شۇنداقلا تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئەينى دەۋر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى 1-قول مەنبە دەپ قارىلىپ كېلىنىۋاتقان، 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نامەلۇم ئاپتۇر تەرىپىدىن يېزىلغان «كاشغەر تارىخى» ناملىق (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ‹چىڭگىزنامە› نامى بىلەن نەشىر قىلغان) ئەسەردە ئېنىق خاتىرە قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئەسەرلەردە: «سۇلتان ئابدۇللاخان ھىندىستان ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغىچە يول ئۈستىدىكى بارلىق يۇرت، ئۇلۇس ۋە خانلىقلارنىڭ خان پادىشاھلىرى، بولۇپمۇ ھىندىستان موغۇل ئېمپىرىيىسىنىڭ ئەينى ۋاقتتىكى ھۆكۈمدارى ـــ مەشھۇر ئېمپىراتور ئەرەڭزىپ تەرىپىدىن ناھايىتى يۇقۇرى ئىززەت- ئىكرام بىلەن كۈتىۋېلىنىپ، ھەم ئۇنىڭ ئادەم قېتىپ يول باشلىشى بىلەن مەككە مۇكەررەمگە بېرىپ، ھەج-تاۋاپ پائالىيىتىنى تولۇق تاماملاپ « ھاجى ئەل ھەرەمەيىن» بولۇپ (ئەينى ۋاقىتتىكى سەپەر سۈرئىتى بويىچە بولغاندا بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە سەپەر قىلىپ) قايتىپ، ھىندىستاننىڭ جاھان ئاباد دېگەن يېرىگە ئورۇنلاشقان، شۇنداقلا شۇ جايدا 67يېشىدا ئۆز ئەجىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ھەمدە شۇ جايغا دەپىن قىلىنغان.»(3) يەنى روماندا يېزىلغىنىدەك، سۇلتان ئابدۇللاخان ئوغلى شاھزادە يولۋاسخان ئەۋەتكەن كاللا كېسەر قاتىللار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ (بۇ كاللا كېسەر قاتىللار كېتىپ تولۇق ئۈچ ئاي بولغاندا)، كاللىسى يەكەنگە ئېلىپ كېلىنىپ ئالتۇنلۇق مازىرىغا دەپىن قىلىنغان ئەمەس. ئاپتۇر روماندىكى بۇ تارىخىي بايانلاردا، شاھزادە يولۋاسخاننىىڭ سەلبىي ئوبرازىنى تېخىمۇ خۈنۈكلەشتۈرۈپ ئىپادىلەيمەن دەپ، ئەينى تارىخنى قالايمىقان ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئەمدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەريانلار ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، تارىخىي مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلاردا قەيت قىلىنىشچە، شاھزادە يولۋاسخان دادىسى سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ تەختنى تەرك ئېتىپ، ھەمراھلىرى بىلەن ھىندىستان ئارقىلىق مەككىگە ھەج-تاۋاپ قىلىشقا كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قوشۇن تەشكىللەپ، كاشغەردىن يەكەنگە كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاقسۇنىڭ نائىبى بولۇپ تۇرىۋاتقان سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئىنىسى ئىسمائىلخانمۇ، چاغاتاي ھۆكۈمدارلىرىنىڭ «ياشتا چوڭى تەخت ۋارىسى بولۇش» تەك كونا ئەنئەنىسى بويىچە، ئۆزىنى يەكەن خانلىقىنىڭ ھەقىقىي قانۇنلۇق تەخت ۋارىسى ھىسابلاپ، لەشكەر تارتىپ يەكەنگە كېلىدۇ. ئىككى قوشۇن پايتەخت يەكەن قەلئەسى يېنىدا ئۇچرىشىپ قاتتىق جەڭ قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق جەڭدە گەرچە ئىسمائىلخان تەرەپ يەڭگەن بولسىمۇ، شاھزادە يولۋاسخان يەكەن شەھەر قەلئەسىگە بالدۇر كىرىۋېلىپ بېكىنىۋالغاچقا، ئىسمائىلخان قەلئەنى ئالالماي ئامالسىز ئاقسۇغا چېكىنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شاھزادە يولۋاسخان يەكەن خانلىقى تەختىگە چىقىدۇ(4). لېكىن، شاھزادە يولۋاسخان زالىم تەبىئتى بىلەن خانلىق تەختىدە پەقەت بىر يىللا ئولتۇرغان بولۇپ (روماندا يېزىلغىنىدەك ئىككى يىل ئەمەس)، ئوردا ئەمىرلىرىدىن ئەلى شاھ بەگ ۋە ئەركا بەگلەر تەرىپىدىن قىرىق بىر يېشىدا ئۆلتۈرىلىدۇ (روماندا يېزىلغىنىدەك ئىسمايىلخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئەمەس). ھەمدە،ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇلېتىپ سۇلتان ئەمىرلەرنىڭ يۆلىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىقىدۇ(5) (روماندا ئابدۇلېتىپ سۇلتانغا ئورۇن بېرىلمىگەن، بۇ ھەقتىكى تارىخىي بايانلار چۈشۈپ قالغان). مىلادىيە 1670-يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە (روماندا يېزىلغىنىدەك يازدا ئەمەس)، ئىسمائىلخان زور قوشۇننى باشلاپ كېلىپ يەكەندىكى ۋەزىر-ئەمىرلەرنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشى بىلەن ئابدۇلېتىپ سۇلتاننى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ (روماندا يېزىلغىنىدەك شاھزادە يولۋاسخاننى ئەمەس)، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى (ھىجرىيە 1080-يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 11-كۈنى) يەكەن خانلىقىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدۇ.(6)
|