بىز نېمىشقا ئەلى قۇربانغا چاۋاك چالدۇق؟
(«كاللىسىنى ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان بىر ئوچۇم ئاڭلىغۇچى» لاردىن)
«ئىككى قوچقارنىڭ بېشى بىر قازاندا پىشماس» (مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىل ئىككىنچى نەشرى، 521-بەت). مەشھۇر تىلشۇناسىمىز، پەخىرلىك ئۇلۇغ بوۋىمىز بۇ ماقال-تەمسىلنى ئۆزىنىڭ يىرىك ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بۇنىڭ بىر ئەلدە ئىككى پادىشاھ، بىر كوللېكىپتا ئىككى رەھبەر، بىر دۆلەتتە ئىككى دۆلەت باشلىقى بولمايدۇ دېگەن مەنىسى بار. لېكىن بىزنىڭ ئىلىم «قازانلىرىمىزدا» ئون «قوچقارنىڭ بېشى» بولسىمۇ پىشىۋېرىدۇ. بىزگە ئىلىم ئىگىلىرى ھەرگىزمۇ كۆپلۈك قىلمايدۇ ھەم مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىز بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزدىنلا ئەمەس يەنە ھازىرقى دەۋردىكى ئىلىم ئىگىلىرىدىنمۇ بىلىم ئېلىشقا موھتاجمىز، ئۇلارمۇ قوللاش، ھۆرمەتلەشكە لايىقتۇر. كۆپچىلىك بەلكىم ئەلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نوتۇقلىرىنى ئۈندىداردىن كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ لېكسىيەنىڭ 1- ۋە 2- قىسىملىرى ئاللىقاچان كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولدى، لېكىن ئىككى يېرىم سائەتكە يېقىنلاشقان بۇ لېكسىيەنىڭ ئۈچىنچى قىسمى چىقماي تۇرۇپلا زىۋىدە ئابدۇكېرەم خانىمنىڭ «ئىلمىي ماقالىسى» چىقىپ، ئىلىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالدىدا نامايەن بولدى.(2015-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى فىلىمنىڭ 3-قىسمى ئېلان قىلىنغان) تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغان كىشىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئەمما زىۋىدە خانىم ئالدىراپ كەتتىمۇ ياكى لېكسىيەنىڭ ئاخىرى بارلىقىنى بىلمىدىمۇ ئالدىراپلا ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ سالدى ھەمدە لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارغا خېلى كۆپ تەنبىھ ۋە نەسىھەت ئۈنچىلىرىنى چاچتى. بىز شۇ سەۋەبتىن بۇ «ئىلمىي قاراشلار» غا ئىچ-ئىچمىزدىن تەشەككۈر ئېيتساقمۇ، ئوقۇغۇچى بولۇشىمىزغا قارىماي زىۋىدە خانىمغا بىر گەپنى قىلىپ قويماقچى: «خاپا بولماي بىرىنىڭ گېپى تۈگەپ مەقسىدىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قىممەتلىك تەكلىپ -پىكىرلىرىڭىزنى بەرگەن بولسىڭىز. بىزدە باشقىلارنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تېپىش ئانچە ياخشى ئادەت ئەمەس.»(دېمەكچى ئالدىراقسانلىق بىلەن چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى تۆرەن بولىدۇ) ئەمدى مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىن ئىبارەت ئىككى مەشھۇر ئالىمىمىزغا «ھاقارەت قىلىش» مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ دېمەكچى بولغىنى مەرھۇم مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ھازىر ئالدىڭلاردا لېكسىيە سۆزلەۋاتقان تىرىك ئىنسان مۇھىم دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈمەكچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ تىرىشىپ ھەتتا ئۇلاردىنمۇ يۈكسەك ئالىم بولۇشىمىزغا مەدەت بەرمەكچى، خالاس. بىز ھەرگىزمۇ بۇنى «ئەلى قۇربان ئۆزىنى ئۇ ئىككى ئالىمىمىزدىن چوڭ تۇتتى» دەپ چۈشىنەلمەيمىز. ئەلى مۇئەللىم ھەم شۇ گەپكە ئۇلاپلا ئۆزىنىڭ ئۇلارنى چۈشۈرمەكچى ئەمەس بەلكى كۆز ئالدىمىزدىكى مەسىلىنى مۇھىم بىلىشكە يېتەكلىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.(فىلىمنىڭ3-قىسمىنى كۆرۈڭ) يەنە بىر مەسىلە شۇكى بۇ لېكسىيەگە قاتناشقان ئوقۇغۇچى سانى مىڭغا يېقىن كېلىدۇ، لېكىن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 200 گە ئاران يېقىنلىشىدۇ. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار لېكسىيەنى ئاڭلىغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ھەتتا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ %20 گىمۇ يەتمەيدۇ. گەپنى چۆرگىلىتىپ ئەكىلىپ شۇلارغا ئارتىپ قويۇش ئۆزى تەنقىد قىلىدىغان ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىزنىڭ چاۋاك چېلىشىمىز ئەلى مۇئەللىمنىڭ گېپىنى ئورۇنلۇق دەپ قارىغانلىقىمىزدىندۇر. كاللىسىنى ئىشلەتمەي چاۋاك چالىدىغان بالىلار ھەرگىزمۇ بۇ مەكتەپكە ئۆتەلمەيدۇ. ئەلى مۇئەللىمنىڭ دېگەنلىرى «دېھقان تىلى» ئەمەس، ئۆلۈك نەزەرىيەنى سۆزلەپ قويۇشلا ئەمەس. ئەلى مۇئەللىمنىڭ مەقسىدى خۇددى ئۆزى ئېيتقاندەك «ئۇلار بەلكىم دېگەنلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن، بىراق ھېس قىلدۇرغانلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ» دېگەن بويىچە پىسخولوگىيەدىكى مەسىلىلەرنى پىسخولوگيىلىك نەزەرىيەلەردىن ئانچە خەۋىرى بولمىغان بىزلەرگە ھېس قىلدۇرۇشتۇر. ئەلى مۇئەللىم ئۆزى توغرۇلۇق ئىنكاسلار ھەقىدە مۇنداق دەيدۇ:« ئەمدى مەن ماڭا يېزىلغان ئىنكاسلار توغرىسىدا توختىلاي. بىر بالا مېنى ئىنتايىن چوڭچى، مەنمەنچى دەپتۇ، شۇنداقلا ھەدىسنى مىسالغا ئېلىپ قىلچە كىبىرى بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ دەپتۇ، ئۇنىڭغا دەيدىغىنىم: مەن بەلكىم راستلا چوڭچىدۇرمەن ياكى ئۆزۈمگە ئىشىنىدىغاندىمەن. ئەگەر مەن چوڭچى بولسام سىز بۇ ئارقىلىق كەمتەرلىكنى ئۆگەنسىڭىز بۇنىمۇ يامان ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەگەر باشقىلار مېنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كۆرگەن بولسا، مەن ئارقىلىق ئىلھام ئالسا بۇمۇ بىر ياخشى ئىش. ئەگەر سىز ماڭا مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز مېنىڭ گەپ سۆزلىرىم ۋە ئىش ھەركەتلىرىم بىلەن ھەدىستە دىيىلگەن گەپلەرنىڭ ھېچقانداق زىددىيىتى يوقلىقىنى بىلىسىز. ئەگەر سىزدە مەلۇم بىر شەخسىي مۇددىئا بولسا ھەدىسلەر ئارىسىدىمۇ بىر بىرىگە زىددىيەتنى تاپالايسىز. سىز خۇدانى ھەدىسلەردىن ئىزدەۋاتقان بولسىڭىز مەن خۇدانى ئىلىم-پەندىن ئىزدەۋاتىمەن، كەسپىمدىن ئىزدەۋاتىمەن. تەكلىماكاندىكى سان-ساناقسىز قۇملارنىڭ ئىچىدىكى بىر تال قۇمدىن ئىزدەۋاتىمەن، ئۆزۈمدىن ئىزدەۋاتىمەن. ئەگەر سىز راستلا خۇداغا ئىشەنسىڭىز كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ. ھەدىسلەرنى ئۇلارنى قامچىلاشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرماستىن باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان، سۆيۈندۈرىدىغان خۇشپۇراق گۈلگە ئايلاندۇرۇڭ. ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىر ئادەم. مەن شۇ سەن، سەن شۇ مەن. بەزىلەر تىرىشىپ مۇسۇلمان بولىدۇ، مەن مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن. ئالدىدىكىسى دائىم كىشىلەردىن تەستىق ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، كېيىنكىسى پەقەت ئۆز ئىش ھەركەتلىرى بىلەن ئىسپاتلايدۇ. مەن بىر پىسخولوگ، قالتىس پىسخولوگ، دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس پىسخولوگ. سىز بەلكىم بۇ گۇيغا بۇنداق ئىشەنچ نەدىن كەلگەندۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئادەم دەل مۇشۇنداق دېيىش ئۈچۈن ياشايدۇ. مېنىڭ بۇنداق دېيەلىشىمدە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. ھەممە ئۇرۇقنىڭ دەرەخكە ئايلىنىشى ناتايىن، ئەمما دەرەخلا بولغان بولسا بۇنىڭ ئۇرۇقى بار. سىز كۆرگەنگە بەك ئىشىنىپ كەتسىڭىز كۆرمىگەنگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىسىز. مەن تىرىشىۋاتىمەن. سىز ساراڭ دەپ كۆزگە ئىلمايدىغانلارنى مەن قېرىندىشىم دەپ داۋالاۋاتىمەن. شۇڭا سىزگە شۇنداق نەسىھەت بولسۇنكى، بىلىڭ ۋە بىلگىلى قويۇڭ. ياشاڭ ۋە ياشىغىلى قويۇڭ. ئويلاڭ ۋە ئويلىغىلى قويۇڭ. ھاياتنىڭ تۈپ مەقسىتى ئۆزىنىڭ زادى كىملىكىنى تېپىش – ‹ ئەسلى مەن› نى تېپىش، روھنىڭ يىلتىزىنى تېپىش. بۇ نۇقتىدا مەن سىزدىن بەكلا ئالدىدا. شۇڭا سىز مەندىن 300 ياش كىچىك.»(ئەلى مۇئەللىمنىڭ سۆزى ئەينەن ئېلىندى) بىز ئۇنداق كاللا ئىشلەتمەي چاۋاكلا چالىدىغان ئوقۇغۇچى بولمىغاچقا، ئەلى مۇئەللىمنىڭ گېپىنىڭ ئورۇنلۇق بولغان، چاۋاكقا لايىق بولغان جايلىرىغا چاۋاكلىرىمىزنى توختىماي ياڭراتتۇق. بۇ بىزدىكى ئىلىم ئىگىلىرىگە بولغان ھۆرمەتتۇر. بىراۋ مىننەتسىز ھالدا سىزگە ھەقسىز لېكسىيە سۆزلەپ بېرىۋاتسا، قاق بەلدە ئۇنىڭ گېپىگە پەشۋا ئېتىش ناھايىتى قاملاشمىغان بىر ئىش ئەمەسمۇ ئەجەبا؟ بىز يەنە شۇنى دەپ قويۇشنى لايىق تاپتۇقكى، بىز مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلىشىر نەۋائىي بوۋىلىرىمىزنى غورۇرىمىزدىلا ساقلاپ قالماي، دەرس سېتكىلىرىمىزدىن ئەڭ ئالدىدا ئورۇن بەردۇق ۋە تاللىما دەرس بولسىمۇ پۈتۈن سىنىپتىكى ھەممىمىز دېگۈدەك تاللىدۇق. ئۇلارنىڭ ئالەمشۇمۇل يىگانە ئەسەرلىرى غورۇرلىنىشتىن بەكرەك تەتقىق قىلىشقا، ئۆگىنىشكە، چوڭقۇرلاپ ئوقۇشقا موھتاج، پەقەت ئۇلار «ئۇلۇغ» دەپ قويغانغىلا ئىش پۈتمەيدۇ. قەلبىمىزدە ئۇلارغا بولغان يۈكسەك ھۆرمەت، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان قىزىقىش بولغاچقا، بىز توختىماي ئۆگىنىۋاتىمىز، ئەڭ مۇھىمى بۇرۇنقى ئۇلۇغلىرىمىز، تارىخى شەخىسلىرىمىزنى «بولدى» قىلماسلىق بىلەن بىرگە، قەلب تۆرىمىزدىن يېڭىدىن چىققان ئىلىم ئىگىلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىۋاتىمىز. زىۋىدە خانىمنىڭ يازمىسىدا ئەلى مۇئەللىمنىڭ «باشقىلارنىڭ بىلىم ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماسلىق، لوگىكىلىق خاتالىق مەسىلىسى، پىسخولوگىيىلىك ئىلىمگە مۇناسىۋەتلىك خاتالىقلار» قاتارلىق خاتالىقلىرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلۈش بىلەن بىرگە يەنە «تارىختا ئېتىراپ قىلىنىپ بولغان روھىيىتىمىزنىڭ تۈۋرۈكلىرىگە ئايلانغان تارىخىي شەخىسلىرىمىزنى ‹بولدى› قىلىش مەسىلىسى» نى تىلغا ئېلىپ بىر چاۋاكنىڭ باھانىسى بىلەن پۈتۈن ئاڭلىغۇچىلارنى «بىر ئوچۇم كاللىسىنى ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان ئاڭلىغۇچىلار» دەپ تەرىپلىشى ھەرگىزمۇ ئىلمىي پوزىتسىيە ئەمەس، ئەلى مۇئەللىممۇ پۈۋلەپ ئوينايدىغان كىچىك بالىنىڭ شارى ئەمەس. بىز بىر ئالىي مەكتەپنىڭ لىكسىيە زالىدا ھەرگىزمۇ شار پۈۋلەپ ئوينىمىدۇق... ئەلى قۇربان شۇنداق دەيدۇكى: «خەلققە ياخشىچاق بولغاندىن ياخشىلىق قىلىشنى ئەۋزەل كۆرىمەن، باشقىلارغا بىلىملىكتەك كۆرۈنۈشتىن، بىلىم بېرىشنى ئەۋزەل كۆرىمەن». بىلىۋالالايمىزكى ئۇ ھەزگىزمۇ پۈۋلىسە ئۇچۇپ كېتىدىغان ياكى يېرىلىپ كېتىدىغان شار ئەمەس. بىز پىسخىلوگىيە توغرىسىدا تىل تەۋرىتىشكە ئاجىزلىق قىلىمىز، ئەمما ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى بىر نەچچە تاللا پىسخىلوگلىرىمىزنىڭ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىشىنى كۆرۈشنى خالىمايمىز! تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، «ئوغرىغا كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقىمىنى» دېگەندەك، ئالىي بىلىم يۇرتىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ياشلارغا خالىغانچە تىل تەگكۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز!
|