قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1381|ئىنكاس: 11

ئەلكۈن: ھەسىرەتلىك يىللار- ئانام تارتقان كۈلپەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4470

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1790
توردىكى ۋاقتى: 225
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 04:28:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسىرەتلىك يىللار: ئانام تارتقان كۈلپەتلەر
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


(ئەسلىمە، راست ئىشلار خاتىرىسى)

   مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلەر! ئاۋۋال ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمەن! بۇ يېڭى يىلنىڭ بىز ھەممىمىز ئۈچۈن ئىناقلىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىدىغان، ئەل - يۇرت ئامان بولغان بىر يىل بولۇشىنى تىلەيمەن!مەن ئۆتكەن يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە «يىللار ھەسرىتى - رەگەتكە بىلەن قاغا  ئېتىش» ناملىق راست ئىشلار ئەسلىمىسى ئاساسىدا يېزىلغان بىر ھېكايىنى ئوقۇشۇڭلارغا تەقدىم قىلغان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئەشۇ ھېكايىنىڭ داۋامىنى ئوقۇغايسىلەر.
مەن ئالدى بىلەن سۆيۈملۇك پەرزەنتلىرىنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ يۈرەكلىرى ۋاقىتسىز كۈل بولغان، بۇ دۇنيانىڭ راھىتىدىن كۆرە جاپاسىنى كۆپ تارتقان بارلىق جاپاكەش ئانىلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلەن سالام يوللايمەن. ئانىلىرىمىزنىڭ ئالتۇن تەنلىرى ھەرزامان ئامان بولسۇن!

     ئۇشبۇ ھېكايە پەقەت مېنىڭ ئانامنىڭ ھېكايىسى بولۇپلا قالماستىن ئانامغا ئوخشاش نام - نىشانسىز ياشاۋاتقان ياكى بۇ پانىي دۇنيادىن ۋاقىتسىز ۋىدالاشقان ئەشۇ جاھان بالاسى بولمىش "مەينەت ئىنقىلابى" دەۋرلىرىدە ئىززەت ھۆرمەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، يوقسۇزلۇق ۋە موھتاجلىققا مەھكۇم قىلىنغان، دەرد-ئەلەم ۋە ئاھانەت بىلەن ئۆتكەن نەچچە مىڭلىغان مېھنەتكار، ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان، قەھرىمان ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئۆتمىشىدۇر.

* * * * * *
    ئۇ زامانلار مەن ئەسكە ئالالايدىغان بالىق خاتىرەمنىڭ تۇنجى بەتلىرى بولسا كېرەك. مەن ئەمدىلا ئوقۇشقا كىرگەن 5-6 ياشلاردىكى بالا ئىدىم. ئانام يوغان بىر سېرىق ئۆكۈز قوشۇلغان ياغاچ ھارۋىغا قۇمنى كەتمەن بىلەن ئۆزى ئۇسۇپ، ھارۋىنى لىق تولدۇرغاندىن كېيىن توپا ئۈستىگە ماۋزېدۇڭنىڭ تەبەسسۇم بىلەن كۈلىمسىرەپ تۇرغان ئالقاندەك چوڭلۇقتىكى رەسىمىنى قاداپ، يۈزلىگەن دېھقانلار بىلەن بىللە «ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشى تۈمەن مىڭلار ياشىسۇن!» دەپ شۇئار توۋلاپ، ئەتىگەندىن كۈن پاتقۇچە شور ئېتىزلارغا توپا توشۇيتتى… مەنمۇ بەزى كۈنلىرى ئانامغا ئەگشىپ بىللە ماڭاتتىم. مېنىڭ نەچچە قېتىم ھارۋىنىڭ ئۇستىدىن دومىلاپ يېقىلىپ چۈشكىنىمنى، يەنە نەچچە قېتىم ھارۋىنىڭ ئاستىدىن ھىچ نەرسە بولماي ئۆملەپ چىققىنىمنى ئانام كېيىنكى كۈنلەردە ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.…
    كۈز ئايلىرىنىڭ بىر كۈن، بىزنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن مەن ئاغىنەم ياسىن بىلەن ئانىلىرىمىزنى تېپىۋېلىش ئۈچۈن ھېلىقى مەكتەپتىن ئانچە يىراق بولمىغان تۆت چاسا يول دوقمۇشى- «جىگدەك دوقمۇش» قا كېلىپ مايماق جىگدە دەرىخنىڭ ئاستىدا ئانىلىرىمىزنى كۈتۈپ تۇردۇق. ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي ئانامنىڭ سېرىق ئۆكۈز قوشۇلغان ياغاچ ھارۋىنى ھەيدەپ ئېتىزلىق تەرەپتىن كېلىۋاتقانلىغىنى كۆردۇم دە - ئالدىمغا قاراپ يۈگۈردۈم ۋە ئانامنىڭ ھارۋىنى توختىتىشىنى كۈتۈپ تۇرماستىنلا چەبدەسلىك ھارۋىنىڭ ئاقىسىدىن يامىشىپ ئۇستىگە چىقىۋالدىم. تار يېزا توپا يولىدا چۈمۈلىگە ئوخشاش ئۇ تەرەپتىن بۇ تەرەپكە، بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە توختىماي قاتىراپ توپا توشۇۋاتقان دېھقان ھارۋىلىرى بۇ كىچىك يېزا ئاسمىنىدا ھەر كۈنى بوران چىقىراتتى.
     بىچارە ئانامنىڭ يۈز - كۆزلىرى توپا - چاڭلار دەستىدىن تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئاچچىق قىش سوغۇقنىڭ باشلىنىشىغا قارىماي، ئۇستى بېشىمدا تۈزۈكرەك قىشلىق كىيمىم يوق ئىدى. بېشىغا تېرە تۇماق، ئۈستىگە ياماق چاپان، ياماق ئىشتان، پۇتىغا ياماق چورۇق كەيگەن بۇ سەھرا بالىسىنىڭ ئىككى كۆزىدە نۇر چاقنايتتى، قەلبى ئۇشبۇ مىنۇتلاردا ئانا مۇھەببىتىنىڭ چەكسىز ھارارىتىدە ئىللىپ، سەبىي بالىلىقتىكى بۇ خۇشاللىققا تولغان مىنۇتلاردىن دۇنيادىكى ئەڭ ئامراق ئادىمى ئانىسى بىلەن تەڭ ھۇزۇر ئېلىۋاتاتتى.
     بىز ئانا - بالا ئىككىمىز ھارۋىدا كېتىپ بېرىمىز. ھۇرۇن ئۆكۈز چېغىدا بۇ داڭقان ياغاچ ھارۋىنى غىچىلدىتىپ ئاران تارتىپ ماڭاتتى. ئانام ھازىرلا ھارۋا ئۇستىدىن يېقىلىپ چۈشىدىغاندەك شۇنداق ھارغىن كۆرىنەتتى. مەن جىلتامدىن بىر پارچە سېرىق قوناق نېنىنى ئېلىپ:
- ئانا، ئالە، بۇنى يە! ، - دەپ ئۇزاتتىم.
- ۋاي جېنىم قوزام، مەن جىلتاڭغا سېلىپ بەرگەن ناننى يىمەپسەنغۇ؟ ئەتىدىن بېرى نېمە يىدىڭ؟ ، - دەپ سورىدى ئانام بېشىمنى سىلاپ.
- ياسىن بۈگۈن مەكتەپكە يېرىم توشقان كۆمىچى ئەكەپتىكەن. بىز بىللە يىدۇق. شۇڭا بۇ ناننى يىمەي ساڭا ساقلاپ قويغانتىم ئانا، - دىدىم مەن ئانامنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ.
    پەرىزىمچە ئ‍ۇ چاغدا مېنىڭ ئانام تېخى 25 ياشنىڭ قارىسىنىمۇ ئالمىغان بىر ياش ئايال ئىدى. ئانامنىڭ كېيىن ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە ئانام جەمەتى بويىچە ھازىرقى زامان مائارىپىدا ئوقۇغان بىردىن بىر ئايال ئىكەن. ئانام 1966 - يىلى يېزا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپتۇ. كېيىن مومام ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغىلى مەھەللىگە كەلگەن مائارىپ خادىملىرىغا “قىز بالا ئوقۇپ نەگە باراتتى؟ قىزىمنى ئوقۇشقا ئەۋەتمەيمەن….” دەپ يىغلاپ دەرد ئېيتىپ، شۇ كۈنى كېچىدىلا ئاپامنى مەخپىي ھالدا ئېشەككە مىندۈرۈپ تارىم دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى بىر پادىچى تۇغقىنىنىڭكىگە ئېلىپ بېرىپ بىر ئاي مۆكتۈرۈپ، ئاخىر ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇشقا ئەۋەتىشتىن ساقلاپ قاپتىكەن. كېيىنكى يىلى يەنى 1967- يىلى ئورۇق -تۇغقان دەپ ئۈستۈنكى مەھەللىدىكى رەھمەتلىك ئابدۇل ئىمامنىڭ (مېنىڭ چوڭ دادام) يېتىم ئوغلى ئەيسا ئابدۇللا (مېنىڭ ئاتام) ياتلىق قىلىپتىكەن.
   ھازىر ھارۋا سۆرەپ كېتىپ بارغان بۇ سېرىق ئۆكۈزنى مەن تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانامنىڭ ئاتا - ئانىسى (بوۋام ۋە مومام) پۈتۇن بالىلىرىنىڭ مىراسىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن چاغدا ئانامغا مىراس قىلىپ بېرىپتىكەن. ئۇ چاغدا بۇ بىچارە جانىۋار ئۆكۈز ئەمەس، تاقلاپ ئوينايدىغان بىر موزاي ئىكەنتۇق.
    بۇ ئۆكۈز ھارۋا بىلەن بىزنى سۆرەپ مېڭىپ، چوڭ يولدىن ھارۋىغا قۇم ئالىدىغان قۇرغاق دەريا ساھىلىغا كىرىدىغان يولغا قايرىلىشقا ئازلا قالغان ئىدى. شۇ پەيىتتە قارشى تەرەپتىن «پى … پى ….پى …» دەپ سىگنال بېرىپ، بوران چىقىرىپ ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان ناھىيىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ جىپ پىكاپى بىزگە ئۇدۇل كېلىپ، يۈز -كۈنلىرىمىزگە بولىشىچە توپا - چاڭلارنى تىقىپ، بىزنى يول قىرغىقىغا قىستاپ قويۇپ، شامالدەك ئۆتۇپ كەتتى. شۇ دەقىقىدە ئانام ھارۋىنىڭ ئۇستىدە « چۇ …چۇ…» دەپ كالىنى بار كۈچى بىلەن تار يولنىڭ چېتىگە تارتىۋاتاتتى ئەمما ئۆمرىدە مۇنداق تومۇر كالىنى تۇنجى رەت كۆرگەن بۇ جانىۋار قاتتىق ئۈركۈپ كەتكەچكە، جېنىنىڭ بېرىچە ھارۋىنى قايرىلىدىغان يول تەرەپكە سۆرەپ ماڭدى. ئانام ئۆكۈزىنىڭ ئارغامچىسىنى ئالدىغا قانچە تارتقانسىرى ئۆكۈز ھارۋىنى تېخىمۇ تىز ئالدىغا سۆرەپ يۈگۈرەيتتى….. ئۆكۈز شۇ ياۋايى پەيلى بويىچە يۈگرەپ يان يولغا قايرىلدى ئەمما كۆۋرۇك ئۇستىگە كەلگەندە ھارۋىنىڭ بىر پاي چاقى كۆۋرۇك ئۇستىدە ئەمەس ئۆستەڭ ئىچىگە چۇشتى - دە گۈلدۇر قاراس ئاۋازلار بىلەن تەڭ كالىنىڭ ئەلەملىك مۆرىشى قوشۇلۇپ ھارۋا ئۆستەڭ ئىچىگە پۈتۈنلەي دۇم كۆمتۇرۇلدى. شۇ مىنۇتلاردا ئانامنىڭ يىغا ئارلاش « بالام…» دەپ توۋلىغان ئاۋازى غۇۋا ئېسىمدە، قالغان ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيمەن….
   كېيىن ئانامنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، شۇ ۋەقەدە ھارۋا دۇم كۆمتۇرلۇپ ئانام ۋە مەن ھارۋىنىڭ ئاستىدا قاپتىمىز. تەلىيىمىزگە يارىشا ھارۋا دۇم كۆمتۇرلۇپ كەتكەندە ئۆستەڭدە سۇ يوقكەن. ھارۋىنىڭ بىر پاي چاقى ئانامنىڭ دەل بېلىدىن بېسىپتۇ. ھارۋىنىڭ يان تاختىيى مېنىڭ ئوڭ قول ۋە پۇتۇمنىڭ تېرىسىنى يىرتىپ شۇدۇر قىلىۋېتىپتۇ. بىز ئانا - بالا ئىككىلىمىز ھوشىمىزدىن كېتىپتىمىز. ۋەقە بولۇپ ھايال ئۆتمەي بىر قانچە دېھقانلار كېلىپ بىزنى ھارۋا ئاستىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقىپتۇ. كېين بىر قوشنىمىز يۈزىمىزگە سۇ پۇركۈنۇپ بىزنى ئېسىمىزگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ھارۋىسىغا بىزنى سېلىپ ئۆيىمىزگە ئاپرىپ قويۇپتۇ.
   ئاتام شۇ كۇن كېچىدە ۋېلىسىپىتى بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدى ۋە ئەتىسىدىن باشلاپ ئىشىغا بارماي بىزگە قاراشقا باشلىدى. مېنىڭ پۇت- قوللىرىم ئىشىپ كەتكەندىن باشقا روھى ھالىتىم يامان ئەمەس ئىدى ئەمما بىچارە ئانام ئاغرىقىنىڭ دەستىدىن «ۋايجان بېلىم…» دەپ گاھى - گاھىدا توۋلاپ قوياتتى. بوۋام قوشنا مەھەللىدىن بىر تېڭىقچى (يەرلىك سۆڭەك دوختۇرى) تېپىپ كەپتۇ. بۇ ياشانغان دوختۇر ئاكىمىز ئاۋۋال مېنىڭ قول ۋە پۇتلىرىمنى ئۇيان - بۇيانغان مىدىرىتىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

- ئاللاغا مىڭ شۈكۈر. بۇ بالىنىڭ قول، پۇتلىرى ساقكەن، سۇنماپتۇ. مۇسكۇلى ئازراق مىدىراپ كېتىپتۇ. 2 تال تۇخۇمنىڭ سېرىقى بىلەن چىڭ تېڭىپ قويساق، 3-4 كۈندىن كېيىن سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ.
   بىراق خەۋەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسى شۇ بولدىكى ئانامنىڭ يارىسى ئېغىر بولۇپ چىقتى. تېڭىقچىنىڭ دىيىشىچە ھارۋىنىڭ چاقى ئانامنىڭ بەل ئۇمۇرتقىسىنى قاتتىق باسقان بولۇپ، ئۇمۇرتقىسىنى زەخمىلەندۈرگەن بولۇش ئېھتىمالغا يېقىنكەن. ئومۇرتقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە زەخمىلەنگەنلىكىنى بىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى، ئەمما ئانامنىڭ بېلىنىڭ كۆكۈرۈپ، ئۇمۇرتقىسىنىڭ ئاستا تەرىپىنىڭ ئىشىپ كەتكىنىگە قاراپ شۇنداق پەرەز قىلىغانلىقىنى ئېيتتى. مومام تېڭىقچى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئاتامنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن ئانامنىڭ بېلىنىمۇ مېنىڭ پۇتۇمنى تاڭغاندەك ئاق لاتا بىلەن تېڭىۋەتتى….
   مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە رەھمەتلىك چوڭ بوۋام ئوۋ ئوۋلاشقا بەك ھېرىسمەن ئادەم ئىدى. بوۋامنىڭ بىر تال قارچىغىسى، بىر تال ئوۋ مىلتىقى بولىدىغان. ئۇ زامانلاردا بىزنىڭ يۇرتلارنىڭ قوينى كەڭ بولۇپ تارىم دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا جەرەن، قىرغاۋۇل، توشقان قاتارلىق ئوۋ جانىۋارلىرى كەڭرى ئىدى. بۇ ئاي - كۈنلەردە بىرەر ئائىلىنىڭ لازىم بولغاندا قوتىنىدىن تۇتۇپ ئولتۇرۇپ يەيدىغان قويى ئەمەس، بىرەر تال توخۇسىمۇ يوق ئىدى. شۇڭا بوۋام مەھەللىدىكى تەڭ تۇش ئاغىنىلىرى بىلەن ئايدا بىرەر ئىككى قېتىم يوشۇرۇن ئوۋغا چىقىپ، پۈتۇن ئائىلىمىزنىڭ گۆش ئېھتىياجىنى ئاز تولا قامداپ تۇراتتى. بوۋام بىز ئورۇن تۇتۇپ ياتقاننىڭ ئىككىنچى كۈنى بىزگە «كېسەل شورپىسى» قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر قىرغاۋۇل ئېلىپ كەپتۇ. مومام بىزنى ئىككى كۈن قىرغاۋۇل شورپىسى بېرىپ باقتى. مومام، بوۋام ۋە ئاتامنىڭ بىزنى كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈشى نەتىنجىسىدە مەن بىر ھەپتە يېتىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ئەمما ئانامنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئانام كېيىنچە پاتا - پات قىزىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. ئاتام بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزى ئىشلەيدىغان يېزا دوختۇرخانىسىدىن ئاسما ئۈكۇل ئەكىلىپ ئۆزى بىر قانچە كۈن ئانامغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئانامنىڭ قىزىتمىسى توختاپ، ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭدى.
    مەن «ھارۋا ۋەقەسى» يۈز بېرىپ 15 كۈندىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ باردىم. ئەمما مېنىڭ مەكتەپكە قايتىپ بارغان كۈنۈم دەل رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن داۋام قىلىۋاتقان ماتەم مۇراسىمىغا ئۈلگۈرۈپ بېرىپتىمەن. پەرىزىمچە بۇ كۈن 1976- يىلى 10- ئاينىڭ باشلىرى بولسا كېرەك، پۈتۈن مەكتەپ قارا ۋە ئاق رەڭ بىلەن بېزىلىپ كېتىپتۇ. مەن سىنىپ بوسۇغىسىدىن كىرپ تۇرۇشۇمغا مۇئەللىمە خانىم ماڭا:
   - ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشى ۋاپات بولدى. ئاۋۋال ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىگە ئۇچ قېتىم تازىم قىل، ئاندىن ئاۋۇ پارتا ئۇستىدىكى ئاق ماتەم گۈلىنى ياقاڭغا، قارلىقنى سول بېلىكىڭگە تاقاپ، پارتاڭغا بېرىپ ئولتۇر!» دەپ بۇيرۇق قىلدى. مەن ئۈن - تىنسىز مۇئەللىمە خانىمنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىجا كەلتۇرۇپ بولۇپ، پارتامغا كېلىپ ئولتۇردۇم. شۇنداق قىلىپ ھايات - ماماتلىق «ھارۋا ۋەقەسى» دىن كېيىنكى مېنىڭ مەكتەپ ھاياتىم ئەنە شۇنداق باشلىنىپ كەتتى….

* * * * * *
    مەن ئەقلىمنى ئېسىمگە ئالغاندىن تارتىپ شاھىد بولغان بۇ مۇدھىش يىللار مېنىڭ ئانامغا ئۆخشاش مىڭلىغان مېھنەتكەش ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋاقىتسىز خازان قىلغان، ماڭا ئۆخشاش مىڭلىغان سەبى قەلبلەردە ئۇنتۇلغۇسىز بالىلىق داغلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، قىسقىسى خەلقىمىز شۇ ئەبلەخ «ۋاڭ،جاڭ، ياۋ ….» قاتارلىق 4 كىشىلىك گۇرۇھ ئالۋاستىلىرىنىڭ كەلتۈرگەن سىياسىتى بالايى ئاپىتى تۈپەيلى ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرغان ئىدى.
    ئەنە شۇ «4 كىشىلىك گۇرۇھ» ئالۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان "مەينەت زور ئىنقىلابى" يىللىرىدىكى "كوممۇنا" دەپ ئاتالغان بۇ سىياسى زۇلۇم بوران - چاپقۇنلىرىدا ئىش ئۇستىدە زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرغان مېنىڭ مۆھتەرەم ئانام "كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا" دېگەندەك ئەلمىساق ئارىدىن 30 نەچچە يىللار ئۆتۈپ 1996- يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە شۇ قېتىمقى «ھارۋا ۋەقەسى» سەۋەپلىك ئەينى ۋاقىتتا زەخمىلەنگەن ئۇمۇرتقىسىنى تۈزۈكرەك بىر داۋالىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماي، ئەشۇ ۋاقىتتىكى زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن ئاخىرى نورمال ماڭالماس بولۇپ قالىدۇ.
    جاھان بىر مەھەل تىنجىپ، قۇياش ئاپتىپى بىزنىڭ بۇ كىچىك، ياقا يۇرتقىمۇ ئاز تولا نۇرىنى سەپكەندەك بولدى. ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى. مەن سۆيۈملۇك ئاتا - ئانامنىڭ چەكسىز مېھرى - مۇھەببىتى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشى بىلەن ئەشۇ ھەسىرەتلىك يىللارنىڭ قوينىدا چوڭ بولدۇم. 1990- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا مەن رايونىمىزدىكى ئاتاقلىق بىر ئالىي مەكتەپنىڭ چەتئەل تىلى كەسپىنى پۈتتۇرۇپ، جەنۇپتىكى مەلۇم بىر ۋىلايەتتە، ئۆيىمىزدىن بىر كۈن سەپەر قىلىپ بارغىلى بولىدىغان بىر شەھەردە كاتتا ھۆكۇمەت خىزمەتچىسى بولدۇم. ئۇ چاغدا مەن بىر ئايدا 210 يۈەن ئىش ھەققى ئالاتتىم ئەمما بۇ پۇل ۋېلىسىپىتقا مېنىپ ، شەھەرنى بىر كېزىپ، تومۇرچى كوچىسىدىكى مەرەمخان ئاچىمىزنىڭ 8 موچەنلىك ئوي لەغمىنىنى يېيىشىمگە قارىماي، مېنىڭ بۇ ئايدىن ئۇ ئايغىچە يالغۇز قورسىقىمنى بېقىشىمغا يەتمەيتتى. يەتكۈزەلمىگەن يېرىنى 2- 3 ئايدا بىر قېتىم ئۆيدىن تولۇقلاپ ئالاتتىم. مەن ئاتا - ئانامنىڭ ئارزۇلۇق بىرلا پەرزەنتى بولغىنىم ئۈچۈنمىكىن، ئۇلار مېنىڭ غېمىمنى تولا يەيتى. مەن ھەر قېتىم ئۆيگە بارسام ئانام « - چوڭ بولۇپ قالدىڭ ئوغلۇم، سېنى بىر ئۆيلىۋىتىپ ئاندىن بىزمۇ ئارام تاپايلى…» دەپ بېشىمنى ئاغرىتاتتى. ئاخىر ئانام ئاغىرىپ يېتىپ قېلىشتىن بىر يىل ئىلگىرى يەنى 1995- يىلى كۈزدە بارلىق تاپقان - تەرگىنىنى خىراجىت قىلىپ، مېنىڭ تويۇمنى قېلىپ قويۇپ «ئۇھ! » دېگەن ئىدى. ئەمما ئۆز ھاياتىنى رازىمەنلىك، قانائەتچانلىق، سەبرى - تاقەت ۋە غەيرەت - چىداملىرى بىلەن بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ مېھرىبان ئانىنىڭ «ئۇھ!» دەپ ئېيتقان ھاياتلىق ئارام نىداسى ئۇزاققا بارمىغان ئىدى.
    1996 - يىلى ياز. مېھرىبان ئانام ماڭالماي ئورۇن تۇتۇپ يېتىۋاتقىلى ئىككى ئاي بولۇپ ئاشتى. مەن بۇ كۈنلەردە خېلە جىددىيلەشكەن ئىدىم. يەنە شۇ نامراتلىق! يەنە شۇ پۇلنىڭ غېمى! بۇ كۈنلەردە مەن ئۆزۈمنى بىر كېچىدىلا چوڭ بولۇپ كەتكەن بىر مەسئۇلىيەتچان ئادەمدەك سېزەتتىم. مەن بىر پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىر گاداي يىگىت ئىدىم. مەندە ياكى ئائىلىمىزدە ئانامنى چوڭ شەھەرلەردىكى كاتتا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتقىدەك پۇل يە مەندە يە ئائىلىمىزدە يوق ئىدى. بىز كالا، قوي، توخۇلاردىن تارتىپ ئانامنىڭ ئالتۇن زىببۇ - زىننەتلىرىگىچە ئۆيىمىزدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساتتۇق. مەن دوست - يارەنلىرىمدىن قەرز ئېلىپ يۇرۇپ ھەم ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ئازدۇر كەم 45 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى تەييارلاپ 1996- يىلى كۈز ئايلىرىدا ئۈرۈمچى «ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسى» دا ئۇمۇرتقا ئوپېراتىسىيىسى قىلدۇرۇپ داۋالىتىشقا ئۆزۈم ئېلىپ كەلدىم.
    دوختۇرخانىدا چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان زامانىۋى تەكشۇرۇش ئۈسكۈنىلەردە ئانامنى نەچچە كۈنلەپ داۋام قىلغان تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن تۇنجى قېتىم كېسىلىگە قارىتا رەسمى ھازىرقى غەرب تېببىي مېدىتسىنا ئىلمى بويىچە دىئاگونۇز قويۇلدى! ئانامنىڭ ئۇمۇرتقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى 5 دانە ئىنچىكە ئۇمۇرتقىسى زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن ئاجىراپ كەتكەن بولۇپ، ئارىسىدىن گۆش ئۆسۇپ چىقىپ، ئۇمۇرتقا كانىلى ئىچىدىكى يۇلۇنىنى قاتتىق قىسقانلىغى تۈپەيلى مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ھەركىتى نورمالسىزلىشىپ، ماڭالماس قىلىپ قويغانلىقىنى، ئەگەر ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىنمسا ماڭالمايدىغانلىقىنى ۋە يۇلۇننىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۇرۇپ، ئاستا - ئاستا مەڭگۈلۈك پالەچ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، داۋالاش ئۇسۇلى بولسا زەخمىلەنگەن ئومۇرتقىلارنى تازلاپ، يۇلۇنىنى زەخمىلىنىشتىن قوغداپ، ئارىدىن ئۆسۇپ چىققان گۆشلەرنى قىرىپ ئېلىپ، 10 سانتىمېتىرلىق ئۇزۇنلۇقتىكى مەڭگۈ داتلاشماس پولات چىۋىق بىلەن ئاجىراپ كەتكەن ئومۇرتقىلارنى بىر - بىرلىرىگە باغلاپ تۇتقۇزۇش ئىكەن. پەقەت مۇشۇ ئۇسۇلدا ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىلا، ئەگەر ئوپېراتسىيە مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا ساقىيىپ، نورمال ماڭالايدىغان ھالەتكە كېلىدىكەن. مەن ئاخىر ئاتام ۋە تۇققانلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن «ئوپېراتسىيە قىلىشقا قوشۇلۇش» جەدۋىلىگە ئىمزا قويدۇم. شۇنداق قىلىپ ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغان كۈنىمۇ بېكىتىلدى. ئاخىر دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك بۆلۈمىدە ئوپېراتسىيە تولۇق بىر كۈن داۋاملاشتى. شۇ كۈنى كەچ تەرەپتە مەسئۇل‍ دوختۇردىن ئانامنىڭ ئوپېراتسىيىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىغىنى بىلگەندىن كېيىن يۈرىكىم ئىزىغا چۈشتى. ئانام شۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاۋايلاپ ئاستا ماڭالايدىغان بولدى.

* * * * * *
    شۇنداق قىلىپ ھاياتنىڭ ھەر قىسمەتلىرى بېشىمىزغا كەلگەندە ئۆز - ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىدىغان شىپالىق كەلىمىسى ئاتالمىش «تەقدىر» نىڭ ئاتا قىلغان قىسمەتلىرىگە «ئەلەكمۇللاھ» دەپ كۆنمەكلىكتىن باشقا ئىلاج يوقكەن. مانا مەنمۇ زارلاپ، قاقشاپ يۇرۇپ، جاھان قازىنىنىڭ توققۇز قۇلۇقىنى كۆرۈپ، بۇ چەتئەل مۇساپىرلىق ھاياتنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈۋاتقىلى 15 بولۇپ قاپتۇ. بۇ يىللاردا ھاياتىمدىكى كۆپ نەرسىلىرىمدىن ئايرىلدىم ئەمما خۇدانىڭ بەرگەن ھەر ھەپتىسىدە شۇ مۆھتەرەم ئاتا -ئانامغا تېلېفون ئاقىلىق بولسىمۇ سالام - سائىتىمنى بېرىشنى توختاتمىدىم. ئۇلارنىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان قانداق كۈنلەرنى كۆرۈپ ياشاۋاتقانلىقىنى سوراشنى تۇرمۇش ئادەتكە ئايلاندۇردۇم.
    مىلادى 2011 - كۈز پەسلى. بىر شەنبە كۈنى سەھەردە ئۆيگە تېلېفون قىلدىم. تېلېفوندا چاڭچىل مۇزىكىسى بىر مەھەل سايرىغاندىن كېيىن غار - غۇر ئاڭلىنىۋاتقان شاۋقۇنلارنىڭ بېسىقىشىغا ئۇلۇنۇپ تېلېفوندىن ئاتامنىڭ ئاۋازى كەلدى.
- ۋېي، ۋېي….كىمۇ بۇ؟
- ھېللو! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ مەن ئاتا، ھە قانداق ئەھۋالىڭىز؟ سالامەت تۇرۇۋاتامسىلەر؟ ، - دىدىم مەن يۇقىرى ئاۋازدا.
- ھە بىز ياخشى بالام، شۇ ئانىڭىزنىڭ مىجەزى يوق تۇرۇدۇ….
- نېمە؟ ئانامغا نېمە بولدى ئاتا؟ ….
-شۇ بىر ھەپتىدەك بولدى، ئورنىدىن تۇرالمايدۇ. يەنە بۇرۇنقى كېسىلى قوزغىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى ئاتام.
    ماڭا ھەممە ئىش بەش بارماقتەك ئايدىڭ بولدى. شۇ قېتىم ئاتام بىلەن پاراڭلىشىپ بولۇپ، ئانام بىلەنمۇ يېرى سائەتتەك پاراڭلاشتىم. مەن ئانامغا يەنە داۋالاتساق ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەسەللىي بەردىم. ئارقىسىدىن ئاتامغا ئانامنى ناھىيە بازىرى دوختۇرخانىسىغا بۇرۇنقى كېسەل ئارخىپىنى بىللە ئېلىپ بېرىپ رېنتگېندە (X - Ray) تەكشۈرتۈپ كۆرىشىنى ۋە شۇ نەتىجە ئاساستا ئاندىن قانداق قىلىش توغرىسىدا قارار قىلىشىمىزنى تاپىلىدىم. شۇ كۈنى يەنە تاغامنىڭ خەنچىنى ياخىشى بىلىدىغان چوڭ ئوغلىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ئىشلارنى تەپسىلاتى بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇم. كېيىنكى ھەپتىسىنىڭ شەنبە كۈنى ئاتامدىن تېلېفون ئارقىلىق تەشكۇرۇش نەتىجىسىنى بىلدىم. ئانامنىڭ كېسەل ئارخىپى ۋە رېنتگېن نەتىنجىسىنى بىرلەشتۇرۇپ تەكشۇرۇپ دىئاگنوز قويۇشىچە 16 يىل ئىلگىرى ئانامنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى ئۈرۈمچىدە ئوپېراتسىيە قىلغاندا «مەڭگۈ داتلاشمايدۇ» دەپ قويۇلغان پولات چىۋىق داتلىشىپ كېتىپتىمىش. شۇ سەۋەپلىك ئومۇرۇتقىلارنىڭ ئىلاستىكىلىق ھەركەتچانلىقىغا تەسىر كۆرسۇتۇپ، ئانامنى ماڭالماس قىلىپ قويۇپتىدەك….
     بۇ قېتىم مەن ئوننەچچە يىلدىن بۇيان چەتئەلدە ياشاش ئۈچۈن كۆپ يىللىرىمنى ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەچكە باي بولۇپ كەتمىگەن بولساممۇ ھەر - ھالدا ھال - كۈنۈم يامان ئەمەس ئىدى. ئىشقىلىپ 16 يىلنىڭ ئالدىدىكىدەك بىچارە، نامىرات، ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاشىغا تايىنىپ جېنىنى باقىدىغان «مۇئاشچى» يىگىت ئەمەس ئىدىم. ئاتام ۋە تاغامنىڭ ئوغلىغا ئانامنى تىزدىن تۇنجى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان «ئۈرۈمچى ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسى» غا ئاپىرىشنى، بارلىق داۋالاش چىقىملىرىنى ئىككى كۈن ئىچىدە قىزىلتاغ پوچتىخانىسىدىكى Western Union بانكىسى ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
    بۈگۈن ئەتىگەندە يەنى 2012- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى سىڭلىمدىن ئاڭلىغان خەۋەردە ئانام تۈنۈگۈن 6 سائەتلىك ئوپېراتسىيىدىن كېيىن جىددىي كۆزىتىش ئۆيىدە بىر كېچە كۆزىتىلىپ، ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كېيىن بۈگۈن يەرلىك ۋاقىت 13 دە ئۆز ياتىقىغا ئېلىپ چىقپتۇ. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئوپېراتسىيە نەتىجىلىك بولۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىكى ئۇ دوختۇرخانا 90 مىڭ يۇئەن ھەق ئېلىش بەدىلىگە ئانامنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى مەڭگۈ داتلاشمايدىغان گېرمانىيىدىن ئىمپورت قىلىنغان پولات سىم بىلەن باغلاپتۇ. دوختۇرنىڭ تاغامنىڭ ئوغلىغا ئېيتىشىچە بۇ ئەمدى مەڭگۈلۈك ئىكەن، قايتا ئوپېراتسىيە قىلىنمايدىكەن. ئىلاھىم شۇ دوختۇرنىڭ دېگىنىدەك بولسۇن! ئانام ياشىنىپ قالدى. مۇندىن كېيىن يەنە ئوپېراتسىيە قىلىشنى بەدىنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
    مۆھتەرەم ئانام بۇ يىل 65 ياشنىڭ قارىسىنى ئالدى. شۇ ئۇچ يىلنىڭ ئالدىدىكى ئوپېراتسىيىدىن كېيىن 8 ئاي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ ئاخىر نورمال ماڭالايدىغان بولدى. ھازىر يۇرشى تېتىك، ئوي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالايدۇ. تېخى ئېغىلدا ئۆزى مەلكىت بولۇپ باقىدىغان 5 - 6 قويلىرى بار. ئاللاھىم ئەشۇ مۇبارەك ئانام بىلەن بىرگە پۈتۈن ئۆمرىنى پەرزەنتلىرىنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان بارلىق مېھرىبان، جاپاكەش، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ تېنىنى ساغلام، ئۆمىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن!

* * * * * *
    ئەلۋەتتە بىز ئۆز ئانىلىرىمىز ئۈچۈن "جانابىي ئاللاھ كېسەلچان ئانىلىرىمىزغا شىپالىق بەرسۇن، ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن…"  دېيىش بىلەن بىرگە، ئۆز رېئاللىقىمىزغا قايتىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ بورا - چاپقۇنلۇق ئۆتمۇشى بىلەن چوڭ قىلغان جەمئىيىتىمىزگە ئىنچىكىلىك بىلەن «نېمە ئۈچۈن ؟» دېگەن سۇئاللارنى قويۇپ، پىكىر يۈرگۈزسەك نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى كىتاب ئوقۇپ چۇشەنگەەندىنمۇ بەكرەك چۈشىنەلەيمىز. «بەش بارماق ئۆخشاش ئەمەس» بولغىنىدەك، بەندىلەرنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى بېشىدىن كەچۈرىدىغان ھايات قىسمەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. ئوخشاش دېيىلسە ماڭا ئوخشاش «مەينەت زور ئىنقىلابى» دا سەبى قەلبلىرى ماددىي ۋە مەنىۋى مۇھتاجلىقتا پۇچۇلۇنۇپ ئۆتكەن، پۈتۈن كەلگۈسى ھايات يولىغا ئۇنتۇلغۇسىز داغلارنى قالدۇرغان ئەمما ماڭا ئوخشاش ئەشۇ ھاياتلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق ھېكايىلەرنى ئانا تۇپراقتىن ئوننەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقتىكى لوندوندا تۇرۇپ يازىدىغان شۇ ھەسىرەتلىك يىللارنىڭ سەبى بالىلىرى ناھايىتى كەم بولسا كېرەك!
     كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەرگەن سان-ساناقسىز ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى، جۈملىدىن بىرەر شەخىسنىڭ ياكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلانساق، سەۋەب ۋە نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە تەھلىل يۈرگۈزسەك، يۈرەكلەرنى ئۆكۈنۈشلەر بىلەن تىلغايدىغان، ھەسرەت پىغانلىرىدا ئۆرتەندۇرىدىغان بىزدەك “بالاغا دەۋا تېپىشنى بىلەلمەي”، "جىسمى ئادەم، روھى ياغاچ" تەك ياشاش قىسمەتلىرىگە مەھكۇم بولغان بۇ شور پېشانىلەرگە نېمە ئۈچۈن بەختسىز قىسمەتلەرنىڭ دائىم ۋە تەكرار يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقلىرىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنىشكە قادىر بولالايمىز.
     تەبىئىيكى بۇ پەقەتلا مېنىڭ ئانامنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن، مەن شاھىد بولغان قىسمەتلەر بولۇپلا قالماستىن «ئوكياندىكى تامچىدەك» بارلىق ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار ئۇيغۇر ئانىلىرى تارتقان دەرد - ئەلەملىرىنىڭ مىڭى ياكى ئون مىڭى ۋەياكى مىليونلاپ تارتقان ئازابلىرى ئارسىدىن قەلەمگە ئېلىنغا بىر كۆرۈنۈشىدۇر خالاس … يەنە تېخى ھېچ بىر ئېيتىلمىغان ياكى قەلەمگە ئېلىنمىغان سان-ساناقسىز ئۇيغۇر دادىلىرى، ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، ناتىۋان قىزلىرىنىڭ سۆزلىسە جاھانغا داستان بولغۇدەك ھايات قىسمەتلىرى ئەشۇ يۈرەك ئىگىللىرى بىلەن بىللە پىھان ياشىماقتا. ئۇلار ھاياتلىق دەرد-ئەلەملىرىنى ئىچىگە پۈكۈپ، تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر ئېغىر تىنىقلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە يۇدۇپ، ھەر بىر قەدەملىرىنى يېنىك يۆتكەپ، ھەر بىر كۈنىنى بۇ شەپقەتسىز رېئاللىق ئۇستىدىن غالىب كېلىشكە، كەلگۈسىگە ئۈمىدلىك بېقىپ، ھاياتىدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇ - ئارمانلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈش بىلەن بىر ئۆلۈش ۋە تىرىلىش ئىچىدە ياشىماقتا.... شۇنى ئېسىمىزدىن ساقىت قىلمايمىزكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ يەنىلا تەخمىنەن %70 دىن كۆپرەكى يېزا - قىشلاقلاردا ياشايدىغان دېھقانلاردۇر. بۇ ئاھالىنىڭ تەڭ يېرىمى نامراتچىلىق گىردابىدا، ناچار تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە مۇھىتىدا ھايات كەچۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.
     مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلەر، بۇ «ھەسىرەتلىك يىللار» نىڭ ھەسىرىتىنى كۆپ يېزىپ ئۇزارتىۋەتتىم. «كونا سامانلىقنى سورۇپ چاڭ چىقىرۋەتسىڭىز» دەپ مەندىن ئاغرىنمىغايسىلەر ئەمما يازغۇم كەلدى چۈنكى «ھەسەل كورسىنىڭ ئىچىدە» تۇغۇلغان، قوۋمىنىڭ تېخى 30 - 40 يىللارئەۋەەلقى ئۆتمۈشىنى بىلمەي چوڭ بولۇۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ ئەمدى بىلىدىغان، ئۆزى ياشىغان جەمئىيەت توغرىسىدا ئاقىلانە پىكىر يۈرگۈزىدىغان، تارىخقا توغرا باھا بېرىدىغان ۋاقتى كەلدى. بۇ ئىنسان دۇنياسىدا ھەممە ئادەمنىڭ ئانىسى بولىدۇ ئەمما ھەممىلا ئانىنىڭ، كۆيۈمچان، ۋاپادار پەرزەنتى بولىشى ناتايىن. ئازابلىق كۈنلەرنى كۆپ تارتقان، ھاياتىدا تۇرمۇشنىڭ ئىللىقلىقىدىن، راھىتىدىن ناھايىتى ئازغىنە بەھرىمان بولغان، پۈتۈن ئۆمرىدە "بالام"، "ئەزىز ئوغلۇم"، “ئوماق قىزىم”، "پەرزەنتىم" دەپ بىزنى بېقىپ، ھاياتىدىكى بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى پەرزەنتلىرىگە يۈكلەپ، دەرد-ئەلەملىرىنى يۈرىكىدە ئۈن-تىنسىز ساقلاپ كېلىۋاتقان جاپاكەش ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدلىك نىداسىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ يۈرىكىدە ئەكس ئەتكەن ساداسى بولسا كېرەك….. شۇ ۋەجىدىن بۇ تېمىنى يېزىپ تۇيغۇلىرىمغا دوستلارنى تەڭ شېرىك قىلىشىنى خالىدىم.
    ئاخىرىدا بۇ يازما تاماملىنىشتىن بۇرۇن يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان تور ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئالاقىدە بولۇپ، كۈچ-قۇۋۋەت، تەسەللى، مەدەت بېرىپ، مۇساپىرلىق ھاياتنىڭ غېرىبلىقىنى تەڭ تارتىپ كېلىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەزىز  ۋەتەنداشلىرىمغا ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن سالام يوللايمەن.
    جانابى ئاللاھ ھەر - بىر ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئالتۇن تېنىنى ساغلام، ئۆمرىنى ئۇزۇن، تۇرمۇشىنى بەختلىك قىلسۇن!

2015- يىلى 6 - يانۋار. لوندون.

0

تېما

1

دوست

782

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33251
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىشتە سۈپەت ئانىللىرىمىز بىزنىڭ بەختىمىزنى ئۆز جاپا-مۇشەققىتى ئارقىلىق ياراتقان ...
ئانىللىرىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن ...
ماقالىڭىزنى بەكمۇ تەسىرلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم ....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1708

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26396
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:58:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ بىزنىڭ پەخىرلىك قەدىردان
ئاتا ئانىلىرىمىز ئوز ئەجرى مېھنىتى بولمىش مال چارۋا يەر مۇلۇك
ساپان ھارۋا ؛؛؛ ھەممىنى ھۇكۇمەتكە بانكىغا پاي قوشۇپ ئوزلىرى
ئوزلىرى زاغرا ھەتتا قۇناقنىڭ مەدىكىنى ياۋا ئوت چوپنى يەپ پارتىيىنى
قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ بۇگۇنكىدەك ھوكىرەيدىغان كۇنگە ئىگە قىلغان
ئەينىيىللىرى مىنىڭ داداممۇ 45تۇياق مال 4كالا 1ئات 1ئىشەك 70 مو
يەر قوشۇپ ئوزى مەن كىچىك چېغىمدا بۇغداي كېپىكىنى قورۇپ يىگەننى
بىرەر پارچە كىگىزمۇيوق پالازدا ياتقاننى قىش كۇنلىرى شال پاخىلىنى چۇرۇقنىڭ
ئىچىگە تىقىپ كىيگەننى ئوز كوزۇم بىلەن كورگەن ھازىرقى بانكىنى مىسالغا
ئالساق شۇ پۇقرالار پاي قوشۇپ قۇرغان مانا بىزنىڭ ئويدىمۇ شۇ پاي
كىنىشكىسىدىن 8دانە بار ھازىر قەغەز خالاس  

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 17:26:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بەكلا چىن ، تەسىرلىك يېزىپسىز . ئانا تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش يۈكسەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدىم . رەھمەت .

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1758
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6581
توردىكى ۋاقتى: 1549
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 17:36:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنسان دۇنياسىدا ھەممە ئادەمنىڭ ئانىسى بولىدۇ ئەمما ھەممىلا ئانىنىڭ، كۆيۈمچان، ۋاپادار پەرزەنتى بولىشى ناتايىن. ئازابلىق كۈنلەرنى كۆپ تارتقان، ھاياتىدا تۇرمۇشنىڭ ئىللىقلىقىدىن، راھىتىدىن ناھايىتى ئازغىنە بەھرىمان بولغان، پۈتۈن ئۆمرىدە "بالام"، "ئەزىز ئوغلۇم"، “ئوماق قىزىم”، "پەرزەنتىم" دەپ بىزنى بېقىپ، ھاياتىدىكى بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى پەرزەنتلىرىگە يۈكلەپ، دەرد-ئەلەملىرىنى يۈرىكىدە ئۈن-تىنسىز ساقلاپ كېلىۋاتقان جاپاكەش ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدلىك نىداسىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ يۈرىكىدە ئەكس ئەتكەن ساداسى بولسا كېرەك…..

16

تېما

1

دوست

2925

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4104
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 372
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 18:24:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىللىرىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن ... ئانىلىرىمىز ئامان بولسۇن ! رەھمەت سىزگە بەك ياخشى ئەسەركەن !قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 19:59:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توت كىشلىك گورۇھ شۇنچىۋالا بۇلاپ تالاپ تۇڭگۇزكەبى ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ نۇرغۇن ئەھىلى ئىلىم ئولىمالارنى ،نى نى ئالىم يازغۇچىلارنى ئىشىقىل خەلىققە نەپ يەتكۇزىگىدەك خەلىق ئۇچۇن ئىشلىيەلىگىدەك،ئادەملىرمىزنى بىر بىرلەپ ئەدەپلەپ نەچچىنى ساراڭ قىلىپ .نەچچىنى  ئۇرۇپ سوقۇپ ئولتۇرۇپ،يانە نەچىلىگەن كىشلەرنى ناكا قىلىپ مۇشۇ ۋەشىلىگى گىتلىر بىلەن ياپۇنلىقمۇ ئۇستاز بولغىدەك دەرجىدە ئىكەن
بۇلار 10يىلىدىن كوپرەك دەۋىر سۇرۇپتۇ
ئەجىبا شۇ ۋاقىتلاردا داھىمىز ماۋجۇشى ،جۇئىنلەي قاتارلىق رەھبەرلەر ھايات ئىكەن نىمىشقا بۇ ئىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالمىغان بولغىيدى
ئەجبا جاڭ جىشنى كىيىنكى 4يىلدىلا بىر تەرەپ قىلۋەتكەن جاسارەت نەگە كەتكەندۇ
ياكى بۇ شۇملىقلارنى بۇرۇن بايقۋالالمىغانمۇ ؟

4

تېما

1

دوست

1475

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16349
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 21:22:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ پەرىشتە سۈپەت ئۇلۇغ ئانىلىرىمىز سالامەت بولغاي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )