بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yattasu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-8 17:36
خەلىق پۇلى قىممىتىنىڭ ئىشىشىنىڭ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرى
ئىسلامجان مەمەت (ئوقۇش پۇتتۇرۇش ئىلمى ماقالىسى)
1.خەلىق پۇلى قىممىتى ئۆسۇشىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۇنىشى
1997-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل -مۇئامىلە كىرزىسىدا، دۆلىتىمىز خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۇشۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى ھەم خەلىقئارا تەرىپىدىن دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە تۇزۇلمىسى ماختاشقا ئىرىشتى. 2003-يىلى دۆلىتىمىز ئوخشاش بولغان ھەتتا ئۇنۇڭدىنمۇ كۇچلۇك بولغان خەلىق پۇلى قىممىتىنى ئۆستۇرۇش بىسىمىغا ئۇچرىدى .
بۇ قىتىمقىسى ئوخشىمايدىغىنى ، ئالدى بىلەن ياپۇنيە نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7دۆلەت پۇل -مۇئامىلە كاتتىباشلىرى (1985-يىلى ياپونيە يىنىغا قارىتا چۇشۇرۇلگەن ھۇججەتكە ئوخشاش )ھۇججەتتى چۇشۇرۇپ خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۇرۇشنى تەلەپ قىلدى . ئارقىدىنلا ئامرىكا مالىيە مىنىستىرى ئىپادە بىلدۇرۇپ خەلىق پۇلى قىممىتى چوقۇم ئۆسۇشى كىرەك دەپ ئىپادە بۇلدۇردى .
ئامرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ چۇشۇشىگە ئەگىشىپ ياۋرۇپا ۋە شەرقى ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر دۆلىتىمىز ئىكىسپوروت قىلغان تاۋارلارنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىختىزادىغا زىيان سىلىشىدىن ئەنسىرەپ خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۇرۇشنى كۇچلۇك تەلەپ قىلدى . شۇنىڭ بىلەن خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆسۇشتەك بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى .
بازاردىكى تەمىنلەش ئىھتىياج تۇزۇمى ئاساس ، ئۆزگۇرۇپ تۇردىغان پىرۋۇت نىسبىتىنى باشقۇرۇش تۇزۇمى ئاللا قاچان دۆلىتىمىز نىڭ ئىختىزادى ۋە ئىسلاھاتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالمىدى . ئادى بىلەن مۇقىم بولغان پىرۋۇت نىسبىتى ئۇقۇمى ھەقىقى ئىختىزادنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلدى . مەركىزى خەلىق بانكىسى تەرىپىدىن تۇزۇلگەن پىرۋۇت نىسبىتى كونتۇرۇل قىلىش ئۆلچىمى ئەمىلىيەتتە ئەركىن بازارنىڭ تەلەپ تەمىنلەش ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى كەلتۇرۇپ چىقىرالمىدى . ھەم دوللارنىڭ پىرۋۇت نىسبىتىگە ھەددىدىن زىيادە بىرىلىۋىلىش بىلەن پۇل -مۇئامىلە سىياسىتىدا زىدىيەت كىلىپ چىقىپ . دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى .خەلىق پۇلىنىڭ دوللارغا بولغان ئىلاستىكىسىز پىرۋۇت نىسبىتى دۆلىتىمىز ئىقتىزادىنى ئامرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ قويدى .
بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ماكرولۇق ئىقتىزادى سىياسىتىنىڭ ،بولۇپمۇ پۇل-مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ بىر چەكلىمىگە چۇشەپ قىلىشىغا سەۋەپ بولدى .
2005-يىلى مەركىزى خەلىق بانكىسى ئاشكارا بايانات ئىلان قىلىپ (بازاردىكى تەمىنلەش ئىھتىياج تۇزۇمى ئاساس ، ئۆزگۇرۇپ تۇردىغان پىرۋۇت نىسبىتىنى باشقۇرۇش تۇزۇمى)نى ئىسلاھات قىلىدىغانلىقىنى . دوللار بىلەن خەلىق پۇلىنىڭ ئايرىۋاشلاش نىسبىتىگە چەك قويمايدىغانلىقىنى . ئىلاستىكىلىق پىرۋۇت نىسبىتى تۇزۇمىنى يولغا قويىدىغانلىقى توغۇرلۇق مەزمۇننى ئىلان قىلدى .
2.خەلىق پۇلق قىممىتى ئۆسۇشىنىڭ دۆلىتىمىز ئىقتىزادىغا بولغان پايدىلىق تەسىرى
1-دۆلىتىمىز ئىقتىزادى ئاپراتلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئاپراتلىرىنىڭ تەڭشىلىشىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ
دۆلىتىمىز ئىقتىزادى ئاپراتلىرىغا ماكرو تەرەپتىن قارىغاندا ، خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۇشى ئۇزۇن مەزگىللىك جەرياندىن قارىغاندا ئىقتىزادى ئاپراتلارنىڭ تەڭشىلىشىگە ۋە تىخىمۇ تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق . دۆلىتىمىز ئىكىسپوروت ئىمپىروت تاۋار قۇرۇلمىسى ئىغىر دەرجىدە ماسلاشماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت . ئىكىسپوروت مەھسۇلاتلار بولسا توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرى. يىزا -ئگىلىك مەھسۇلاتلىرى ،ۋە ئىلىكتۇرۇنلۇق مەھسۇلاتلار بولۇپ پايدىسى تۆۋەن مەھسۇلاتلار ھىساپلىنىدۇ
خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسسە خەلىقئارا بازاردىكى باھاسىدىكى ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ بازار ئىگەللەيدىغان ئارتۇقچىلىقى رىقابەتكە ئۇچرايدۇ .
قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرى يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دىگەندەك ئەمگەك سىجىللىقى يۇقۇرى مەھسۇلاتلار دۆلىتىمىزنىڭ ئەمگەك كۇچى باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدەك ئارتۇقچىلىقىدا بازار تىپىپ . دۆلىتىمىزنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى چۇشۇرسىمۇ . ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنۋىرسال كۇچىنىڭ ئىشىشىغا پايدىسىز ،ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىزادى قۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىسىز .
خەلىق پۇلى قىممىتى ئۆسسە ئوبۇكتىپ جەھەتتىن دۆلىتىمىز ئىقتىزادى ئاپراتلىرى ۋە ئىشلەپ چىقىرىش ئاپراتلىرى بىسىمغا ئۇچراپ قۇرۇلمىسىنى ئۇزلۇكسىز تەڭشەپ ۋە ئىسلاھ قىلىپ تەرەققى قىلىشىغا پايدىسى بار .دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنۋىرسال كۇچىنى ئىشىشىغا پايدىسى بار.
2-ئىكىسپوروت ئاپراتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايدۇ ،ئىچكى ئىھتىياجنى كىڭەيتىدۇ ،دۆلىتىمىزنىڭ مۇقىم بولغان ئىقتىزادى ئىشىش شەكلىنىڭ بەرپا بولۇشىغا پايدىسى بار
خەلىقئارا بازاردا بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز باھادا يۇكسەك ئاككتىپ ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئەگەر خەلىق پۇلق قىممىتى ئاشسا ، خەلىقئارا بازاردا دۆلىتىمىزنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى يۇقۇرى بولغان ئىكىسپوروت تاۋارلىرى ئىغىر رىقابەت كىرزىسىغا ئۇچرايدۇ .ئەمما ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسسە ئىكىسپوروت كارخانلىرىمىز پەن تىخنىكىغا تايىنىشچانلىقى ئىشىشىغا. مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش تەنەرخى تۆۋەنلىتىشكە تۇرۇتكە بولۇپ . پەن تىخنىكا قۇرۇلمىسى تۆۋەن . بۇلغانما كۆپ .يۇقۇرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلار بازاردىن سىقىپ چىقىرىلىپ . دۆلىتىمىز ئىكىسپوروت ئاپراتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالىشىغا ۋە مۇقىم تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق .
سودا قۇرۇلمىسىدىن قارىساق ، دۆلىتىمىز ئىچكى ئىھتىياجى چوڭ بولغان ئىقتىزادى چوڭ دۆلەت ،تاشقى ئىھتىياجمۇ چوڭ . قوپال بولغان تاشقى سودا ئىستىرادىگىيسىنى تەڭشەپ .تاشقى سودا كۆلىمىنىنىڭ دۆلەت ئىقتىزادىغا پايدىلىق تەرەپكە يۇزلىنىشكە پايدىسى بار .خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئىشىشى تاشقى سودا ئاپراتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ .ئوخشاش ۋاقىتتا ئىچكى ئىھتىياجنى ئاشۇرۇپ ..ئىستىمالچىلارنىڭ ئىمپىروت مەھسۇلاتلارنى سىتىۋىلىش كۇچىنى ئاشۇرۇپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنىڭ ئورتاق تەرەققى قىلىشىغا پايدىسى بار
داۋامى بار
2014-يىلى 5-ئايدا يىزىلغان
|