- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
1. ئاڭلىغان كوچا خەۋەرلىرىگە قارىغاندا قومۇلنى تەمىنلەۋاتقان پار سېستىمىسى ، بىرلەمچى پار ، ئىككىلەمچى پار ،ئۇچلەمچى پار دەپ بۆلىنەرمىش . ئەپسۇس مەن پار پۇلى تۆلەۋاتقىلى ئوننەچچە يىل بولدى ، دادام پار پۇلى تۆلەۋاتقىلى يىگىرمە ئوتتۇز يىل بولاي دىدى . تۆلىگەن پار پۇللىرىمىزمۇ نەچچە تۇمەندىن ئاشقاندۇ . ئەمما موشۇ پارنىڭ نەدىن نەگىچە بىرلەمچى ،نەدىن نەگىچە ئىككىلەمچى ئۇشلەمچى پار ، قايسى يېرىنى ھۆكۆمەت قايسى يېرىنى پار شېركىتى ، قايسى يېرىنى قولۇم قوشنىلار قايسى يېرىنى ئۆي ئىگىسى كۆتۇرىدۇ ، دىگەندەك پارغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىشەنىچلىك گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىمىز ، بەلكىم بۇنداق ھۆججەتلەر قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ ئىچكىرى بىر يەرلىرىدە تۆمۇر ساندۇقلاردا ساقلىندىغاندۇ . بولسا ھۆكۆمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بولۇپمۇ پارغا مۇناسىۋەتلىك ئەرباپلارنىڭ تىلۋۇزۇردا بولسا ئەلى قۇرباندەك ئۇندىدارلاردا موشۇ پارۋاي ھەقىدىكى ھۆكۆمەتنىڭ قارارلىرىنى ئامىباپ پۇقرا بولمىش بىزلەرگىمۇ يەتكۇزسە دادام بىلەن مەنمۇ بىلۋالسام دەپ ئويلاپ كىتىمەن . ( ئەمىليەتتە پار توغۇرلۇق قارار ھۆججەتلەرنى چىقارغاندا قومۇلىدكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن كېڭىشىپ پىكىر ئېلىپ ھەممە ئادەمگە يەتكۇزۇپ ماقۇللىقىنى ئالسا ئەڭ ياخشى بولاتتى ، ئەپسۇس گۇزەل چۇش (
2. قومۇلدىكى بىنالار نىڭ بۇرۇن سېلىنغانلىرىى يىگىرمە ئوتتۇز يىللىنى باشىتىن كەچۇرۇپ سۇ پار ، ئەۋرەز يوللىرى ئۇپىراش ھالتىگىمۇ كەپ قالدى ، ئالدىنىڭ يېرىم كىچىدە پار يوللىرى پارىتلاپ ياشانغانلارنى خېلى ساراسىمىگە سالغان ئەھۋاللارنى ئاڭلىدۇق ، ھەمدە بىزنىڭ ئۆيدىمۇ يۇز بەردى . ئەمدى بۇ كونا ئۆي دىگەندە شۇ ياشانغانلار كۆپرەك ئولتۇردىكەن ، بۇنى يازغۇچىلار ياشانغانلارنىڭ كونا ئۆيگە مېھرى بار دەپ چۇشەندۇرۇشلىرىدىن باشقا شۇ بالام كالام دەپ باللىرىغا يېڭى ئۆيلەرنى ئۆتۇنىۋېتىپ ئۆزلىرى كونا بىنالاردا تۇرۇپ قالغانلارمۇ كۆپ ئەمدى . موشۇنداق كۇنلەرنىڭ بىر قىش كۇنىسدە داداملارنىڭ ئولتۇراق بىناسىنىڭ بىر تەرەپتىكى ئالتە ئۆيلۇك ئورتاق ئشىلىتىۋاتقان تۇرۇبا تىشىلىپ داداملارنىڭ ئۆيىگە پار سۇيى ئېقىپ كىرىپ كەتتىدە . ئاخىرى بۇ ئورتاق تۇرۇبا دادامنىڭ يۇزى قېلىن قوشنىلىرى تەرپىدىن كۆزىنى يۇمۇۋېلىشى بىلەن كىمنىڭ ئۆيىنى سۇ باسسا شۇ تۆلەيدىغان بولۇپ چىقتى. بەزىلەر دەيدۇ قوزۇقنى ئۇشلاپ ئاشۇ ئورتاق تورۇبىغا قېقىپ مەسەلىنى ھەل قىلىش كېرەك . ئەينى ۋاقىتتا دادامنىڭ كۆڭلى دەريادەك كەڭ ئىكەن . ئۇن تۇنسىز مىڭ سومدەك چىرىغان تۇرۇبىنى كىسىپ ئۇلاش پۇلىنى ئۆزىلا تۆلىۋەتتى . ھەم خوشنىلارنىڭ تۆلەشكە تىگىشلىكىدىنمۇ ئۆتۇپ كەتتى . ئەمما مەن دادامنىڭ بۇ پەزىلتىدىن تەسىرلەنگەن بولساممۇ پۇتۇن قومۇل شەھرىدە موشۇنداق ئىشلار يۇز بەرسە زادى موشۇنداق ئورتاق تورۇبا ئۇچۇن باشقا قوشنىلارنىڭ تۆلەشكە تىگىشلىكىنى تۆلەپ پەزىلەتلىك بولۇپ ياشاش كېرەكمۇ دەپ ئويلىنىپ قالدىم .
3. بەلكىم شەھەرلىك ھۆكۆمەت قومۇل شەھرىدىكى كونا بىنالاردا ئولتۇردىغان ياشانغانلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۇچۇن بىر ياخشى سىياسەت چىقىرىپ كونىرىغان پار ، سۇ ، توك ، ۋە ئەۋرەزلەرنى ئوڭشاش ئۇچۇن بىرەر كۇنتەرتىپ تۇرغۇزىشى كېرەكتۇ . قومۇلدا ياشانغانلار ئىدارىسى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى دەپ يۇغان ۋېىۋىسكىلارنى ئىسىلغان ئىدارىلەردە موشۇنداق ئەمەلىي مەسەللەر ھەل قىلىنىدىغاندۇ ھەر ھالدا .
4.شۇنداق ئۆينىڭ ئىچىدىكى پارنى ئوڭشاتقاندا يەنە مەسەلە كۆرۇلدى ، پارنىڭ كىرىش چىقىش ئېغىزى ئاللقاچان كاردىن چىققان ئىكەن ، شۇنداق قىلىپ ئوبۇرنىدىكى پار سۇيىنى بولۇشىغا قويۇپ بىرىپ ئاران ئوڭشۇدۇق . كىيىن بۇنداق ئاۋارچىلىقلار يۇز بەرمىسىۇن دەپ ئوبۇرنىغا چوڭ بىر پار سۇيى چىقىش ئېغزى ئورناتتۇق .
5. ياشانغانلار ئادەتتە ئۆيىدىكى پارۋايغا پارازىت ئىستقۇ ئورنىتىشقا ئامراق . ۋە شۇ ئسسىق سۇنى تۇرمىشىغا ئىچىشكە ئشىلىتىدۇ . بۇ نەرسە ئىچىدىن تىىشىلىپ قالىدىكەندە بەزىدە ، بۇ خۇددى ماشىنىدا جىيىيۇ كۆيدەردى دىگەندەكرەك بىر گەپكەن ئەمدى . بۇ دىگەنلىك پارزىت ئسستقۇ ئىچىدىن تىشىلسە پارنىڭ سۇيى ئىچىملىك سۇغا ئارىلىشىپ كىتىدىكەندە ، قومۇلدىكى چوڭلار كوللاگىنلىق پىپتىد ئىچىپ سالامەتلىكىنى ئاسراۋاتقاندا دورا قوشۇلغان دات باسقان پارسۇيىنىمۇ ئىچىملىك سۇيۇڭگە قوشۇ پ ئىچىپسەن دىسە ھەرگىز چۇشەنمەيدىكەندە ، شۇنداق بولسىمۇ بۇ پارۋايغا ئورنىتىلغان پارازىت ئىسىتقۇنى يۆتكەش ئۇچۇن يەنە بىر يازنى ساقلىماي بولمىدى .
6.دىمەك قومۇلدىكى پار بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۇچۇنچى يوللىرىدا ئاسراش ۋە رىمونىت قىلىىش دىگەندەك ئىشلار ئاساسەن ھەممەيلەننىڭ ئىسىدىن كۆتۇرلۇپ كەتكەندەكلا ، بىر كۇنى قازىنى تىشىلگەن پىشكەللەر بولسا ئۆلچەملەشكەن باھا يوق بىر ئەھۋالدا تەرەپ تەرەپكە قاتىراپ قىممەت باھادا ياسىتىشقا مەجبور .ئورتاق ئىشلىتىدىغان پار يولىنى رىمونىت قىلىشقا كەلگەندە قولۇم قوشنىلارنىڭ قۇلۇقىنى يوپۇرۇپ ئۆيدىن چىقماي كۆزىتىشىنى نىمە دەي ئەمدى . قالغىنىنى باغداشلىقلار بىرنىمە دەپ باقسۇن پار دىگەن بۇ ئوقەت ھەممىمىزنىڭ ئۆيىدە بار بولغاندىن كىيىن .
|
-
|