قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1419|ئىنكاس: 14

NASA تاشقىي پلانېتا سەپىرىگە ئائىت نادىر تام رەسىملىرىنى ئېلان قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1543
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 10:49:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-9 12:40  

NASA تاشقىي پلانېتا سەپىرىگە ئائىت نادىر تام رەسىملىرىنى ئېلان قىلدى

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى


NASA مەركىزى ج پ ل (يەنى مېنىڭ ئىدارەم JPL) يېقىندا كەلگۈسىدە بىزنىڭ قۇياشتىن باشقا بىر يۇلتۇزنى ئوربىتلايدىغان تاشقىي پلانېتا ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ساياھەتكە ئائىت 3 پارچە تام رەسىمىنى ئېلان قىلدى.  بۇ رەسىملەر ھازىرغىچە بايقالغان 3 دانە تاشقىي پلانېتىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ج پ ل دىكى 3 نەپەر مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن سىزىلغان بولۇپ،  ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ساياھەت قىلىش بولسا بىر خىل خىيالىي سنارىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.  يەنى، بۇ تام رەسىملىرىدە سىزىلغىنى 3 خىل خىيالىي كۆرىنىش بولۇپ، ئۇلارنى بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپ كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى «تاشقىي پلانېتا ساياھەت ئىدارىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئويدۇرما ئورۇن «باشقا دۇنيادىكى ساياھەت نۇقتىلىرى» دەپ تەشۋىق قىلىۋېتىپتۇ [1].

ئاشۇ 3 پارچە رەسىملەرنى سىزغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىنىڭ دېيىشىچە، ھازىرغىچە ناھايىتى كۆپ ساندىكى تاشقىي پلانېتىلار بايقالغان بولۇپ،   ھازىر بەزىلەردە خۇددى بىر كەلگۈسىدىكى دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇ بار ئىكەن.  شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ بۇ رەسىملەرنى سىزىپ چىقىشتىكى مەقسەتلىرىنىڭ بىرسى،  ساياھەت قىلىش سنارىيىسى ئىچىدە ھەر بىر تاشقىي پلانېتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكشۈرۈپ بېقىش ئىكەن.  بۇ رەسىملەرنى سىزغان 3 كىشى ج پ ل دىكى باشقا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تاشقىي پلانېتىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشىپتۇ.  

تۆۋەندىكىسى ناسا بۇ قېتىم ئېلان قىلغان 3 پارچە تام رەسىملىرى.


c01_poster.jpg

1-رەسىم: «Kepler-16b» دەپ ئاتىلىدىغان تاشقىي پلانېتا ئىككى ئانا يۇلتۇزنى ئوربىتلايدۇ.  رەسىمدە بۇ پلانېتا بىر تاشلاردىن تۈزۈلگەن پلانېتا قىلىپ سىزىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ساتۇرنغا ئوخشاش بىر گازدىن تۈزۈلگەن پلانېتا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار.  بۇ پلانېتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى قۇرۇق-مۇزنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، مىنۇس 100 گرادۇستىن مىنۇس 70 گرادۇسقىچە كېلىدۇ، دەپ پەرەز قىلىنماقتا.  شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئۈستىدە ھاياتلىق بولۇش ئېھتىماللىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.  ئەگەر سىز مۇشۇ پلانېتا ئۈستىدە ماڭسىڭىز، سىز ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ كۆلەڭگىسىدىن ئىككىنى تەڭلا كۆرىسىز.  بۇ پلانېتىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 نۇر يىلى بولۇپ، ئۇ 2011-يىلى 15-سېنتەبىر كۈنى بايقالغان.  بۇ پلانېتا ئىككى ئانا يۇلتۇزنى ھەر 229 كۈندە بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىدۇ.


c02_poster.jpg

2-رەسىم: «HD 40307g» دەپ ئاتىلىدىغان تاشقىي پلانېتىنىڭ ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ 7 ھەسسىگە تەڭ بولۇپ، ئۇ بەزىدە «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ يەر شارى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.  ئۇ 2012-يىلى 28-ئۆكتەبىر كۈنى بايقالغان بولۇپ، بىزدىن 44 نۇر يىلى يىراقلىقتا.  ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئۈستىدە ماڭسىڭىز سىز دۇچ كېلىدىغان تارتىش كۈچى يەر شارى ئۈستىدىكىسىگە قارىغاندا كۆپ كۈچلۈك بولىدۇ.  يەنى، ئەگەر سىزنىڭ ئېغىرلىقىڭىز يەر شارى يۈزىدە 50 كىلوگرام كەلسە، مەزكۇر پلانېتىغا بارغاندا سىزنىڭ ئېغىرلىقىڭىز 350 كىلوگرامغا يېقىنراق كېلىشى مۇمكىن.


c03_poster.jpg

3-رەسىم: «Kepler-186f» دەپ ئاتىلىدىغان تاشقىي پلانېتىنىڭ چوڭلۇقى يەر شارىنىڭ چوڭلۇقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە بايقالغان تاشقىي پلانېتىلار ئىچىدىكى «جانلىقلار ياشىيالايدىغان رايون» ئىچىگە جايلاشقان تۇنجى پلانېتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ھەر بىر يۇلتۇزنىڭ ئەتىراپىدا بەك ئىسسىقمۇ ئەمەس، بەك سوغۇقمۇ ئەمەس، شۇڭا سۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان  بىر رايون بار بولۇپ، ئاشۇ رايون «جانلىقلار ياشىيالايدىغان رايون» دەپ ئاتىلىدۇ.  ھازىر ناسا نۇرغۇن پۇل خەجلەپ تاپماقچى بولىۋاتقان تاشقىي پلانېتىلار ئەنە شۇنداق رايونغا جايلاشقان پلانېتىلار بولۇپ، مەن ھازىر ئاساسلىقى ئاشۇ مەقسەت ئۈچۈن ياسىلىۋاتقان ئالەم تېلېسكوپلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى قىلىۋاتىمەن.  «Kepler-186f» دېگەن تاشقىي پلانېتا  2014-يىلى 4-ئايدا بايقالغان.  بۇ پلانېتا ئوربىتلاۋاتقان رايون يەر شارىنىڭ ئوربىتىسىدىن سوغۇقراق بولۇپ، ئۇنىڭ ئانا يۇلتۇزىمۇ بىزنىڭ قوياشقا قارىغاندا بەكراق قىزىل-رەڭلىك كېلىدۇ.  شۇ سەۋەبتىن، ئەگەر بۇ پلانېتىنىڭ ئۈستىدە ئۆسۈملۈكلەر بار بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ رەڭگىمۇ سەل قىزغۇچ كېلىدۇ.  شۇڭلاشقا يۇقىرىدىكى رەسىمدە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەڭگى قىزغۇچراق قىلىپ سىزىلغان.   بۇ پلانېتىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 492 نۇر يىلى كېلىدۇ.   

يۇقىرىدىكى 3 پارچە رەسىم ج پ ل نىڭ ئىنگلىزچە «PLanetQuest» دەپ ئاتىلىدىغان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ [2]، تۆۋەندىكى رەسىمنى مەن ئاشۇ تور بېتىدىن كېسىپ ئالدىم:

c04_planetquest.jpg

4-رەسىم

c06_kepler16b.gif

5-رەسىم: ئانا يۇلتۇزىدىن ئىككىسى بار، ئىنگلىزچە «Kepler-16b» دەپ ئاتىلىدىغان تاشقىي پلانېتىنىڭ يەنە بىر كۆرۈنىشى.   بۇ رەسىمدىكى قىزغۇچ رەڭلىك شار بىرىنچى يۇلتۇزنى، سېرىق رەڭلىك شار ئىككىنچى يۇلتۇزنى، بىنەپشە رەڭلىك شار بولسا پلانېتىنى كۆرسىتىدۇ.


«نۇر يىلى» دېگەن بىرلىكنىڭ ئېنىقلىمىسى:

«نۇر يىلى» دېگىنىمىز ئاسترونومىيىدە ئىشلىتىلىدىغان بىر ئارىلىق بىرلىكى بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە باسىدىغان مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ.  كائىناتتىكى جىسىملارنىڭ ئارىلىقلىرى بەك يىراق بولغاچقا، ئۇنداق ئارىلىقلارنى بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئۇزۇنلۇق بىرلىكى «مېتىر»، «كىلومېتىر» بىلەن ئۆلچەپ بولغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، بىزگە ئاخشىمى ئاسماندا كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.26 نۇر يىلى بولۇپ، بىر نۇر يىلى تۆۋەندىكىدەك ئۇزۇنلۇققا تەڭ:

بىر نۇر يىلى دېگىنىمىز (365 كۈن) x (24 سائەت) x (60 مىنۇت) x (60 سېكۇنت) x (300000 كىلومېتىر/سېكۇنت) بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەڭ ئاخىرقى سان نۇرنىڭ تېزلىكىدىن ئىبارەت. يەنى نۇر بىر سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ. يۇقىرىقى سانلارنى ئۆز-ئارا كۆپەيتسەك (يۇقىرىدىكى « x » كۆپەيتىش بەلگىسى):

مېتىر 9،460،730،472،580،800 = بىر نۇر يىلى

c05_nuryili.jpg


قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى 8.3 نۇر مىنۇتى كېلىدۇ.  يەنى، قۇياشتىن چىققان نۇر 8.3 مىنۇتتا يەر شارىغا يېتىپ كېلىدۇ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] NASA Makes Vintage Posters for Futuristic Travel
http://www.newsweek.com/nasa-mak ... istic-travel-297674

[2] Planet Quest
http://planétquest.jpl.nasa.gov/



3

تېما

0

دوست

1720

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12479
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 18:14:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا ئالدى بىلەن  ئەزىز تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .مەن بۇرۇن بۇ ئىككى ئانا يۇلتۇزى بار پىلانتنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا 5-رەسىمدىكىدەك ئىككى ئانا يۇلتۇزىنىڭمۇ  بىرى بىرىنى ئايلىنىدۇ دەپ  ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .5-رەسىمنىڭ ئەھمىيىتى مەن ئۈچۇن ناھايىتى چوڭ بولدى .ئەركىن ئاكا ناسا بۇ ئىككى ئانا يۇلتۇزىنىڭ باشقا پىلانتلىرى بارلىقىنى بايقىدىمۇ ؟ بايقالغان ئاۋۇ پىلانتنىڭ سەييارىسى بارمىكەن ؟ئاستىرنومىيەدە قانداق شەرتلەر ھازىرلانسا پىلانت بولۇدۇ ؟ ئالدىراشلىقىڭىزنى بىلسەممۇ يەنە سۇئال سوراپ خىجىلمەن .....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2279

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20157
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 00:46:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالامەت بولۇڭ ،ئەركىن ئاكا. سىزنىڭ بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن يازغان ھەر بىر ماقالىڭىزدىن ئازراق بولسىمۇ نەپكە ئېرىشىۋاتىمەن، بۇ يازمىڭىزدىن نۇر يىلىنى ھىسابلاشنى بىلىۋالدىم ھەم يېڭىدىىن بايقالغان پىلانېتلارنى........

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1543
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 10:11:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elbax يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 18:14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا ئالدى بىلەن  ئەزىز تىنى ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئەلباش ئۇكام!

ناسا بۇ ئىككى يۇلتۇزنىڭ سىز سورىغان ئەھۋاللىرى ھەققىدە ھېچ قانداق ئۇچۇر تارتقاتمىدى.  كەچۈرۈڭ.

بىر ئالەم جىسىمىنىڭ بىر پلانېتا بولامدۇ-يوق، دېگەننى خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلىكى قارار قىلىدۇ.  بۇ تەشكىلات قۇياش سىستېمىسىدىكى پلانېتىنىڭ ئېنىقلىمىسى ھەققىدە 2006-يىلى قارار ئالغان بولۇپ، ئۇ قاراردا دېيىلىشىچە، بىر ئالەم جىسىمى بىر پلانېتا بولۇش ئۈچۈن مۇنداق 3 شەرتنى قانائەتلەندۈرىشى كېرەك:
1.چوقۇم قۇياشنى ئوربىتلايدىغان بولۇش
2. ماسسىسى يېتەرلىك دەرىجىدە چوڭ بولۇپ، شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن بىر شار شەكلىنى ئالغان بولۇش
3.ئۇنىڭ قوياشنى ئايلىنىدىغان ئوربىتىسىدا باشقا نەرسىلەر بولماسلىق، يەنى ئوربىتىسىنىڭ ئەتىراپى «پاكىز» بولۇش

0

تېما

0

دوست

490

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31035
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 17:11:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالا مۇ ئەلەيكۇم ئەركىن  ئاكا ،ئەجرىڭىزنى ئاللاھ زىيادە  قىلسۇن.بۇ تىمىڭىزنى كۇرۇپ يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالغان  بولساممۇ يەنە نۇرغۇن سۇئاللار تۇغۇلدى.مەن بىر ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ جۇغراپىيە  ئۇقۇتقۇچىسى  ماڭا ياردەم قىلسىڭىز ،ئۇقۇغۇچىلىرىمغا كۆپ ۋاقىتتىن  بىرى چۇشەندۇرەلمىگەن بىر مەسىلە بار ئىدى.مەن ئىلگىرى يۇلتۇز بىلەن  پىلانىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى  يەككە ھالدا مەۋجۇت  دەپ قاراپ ئۇقۇغۇچىلىرىمغا  بىلىم بىرىپ كەلگەن،بىراق 5-رەسىمنى كۇرۇپ  ئىككى يۇلتۇز بىر پىلانىتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى  بىلىۋالدىم. يەنە بىر مەسىلە مۇشۇ رەسىمدىكىدەك  ئىككى يۇلتۇز بىلەن  پىلانىتنىڭ ھەركەت  كۇچ مەنبەسىنى يەنى توختىماي ھەركەتكە كەلتۇرگەن كۇچ قايسى ؟بۇ ئۇقۇغۇچىلىرىم ۋە مەن بىلىشكە ئىنتىزار مەسىلە ئىدى چۇشەنچە بىرەلەسىزمۇ؟ ئالدىراشلىقىڭىز ماڭا ئايان  لىكىن ......

0

تېما

0

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 17:14:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئەسسالامۇ ئىلەيكۇم بىلىمخۇمار ئەپەندى مەن ‹‹ دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدەقىيىن دەپ قارىلىۋاتقان  مەسىلىلەرگە جاۋاپ تاپقان تەتقىقاتلار توغرىسىدا››دىگەن تېمىدىكى تەتقىقاتلارنى مۇنبەرگە ئەۋەتكەن مىجىت ئەپەندى بولىمەن .                                                                                                     
        يەر شارى قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلارنىڭ بىر ئەزاسى ، مەن يەر شارىنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئۇنىڭغا 50خىل مەسىلىنى تەدبىقلاپ ئالاھىدە كالىندار قىلىپ ئىشلەپ چىققان .بۇنىڭ 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولغان بەتلىرىنى تورغا سۇندۇم باھايىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم بار .سۆزۈم سەل بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا بولۇپ قالدىمۇ   . كەچۈرەرسىز  .

0

تېما

0

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 03:15:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimhumar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 10:11
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئەلباش ئۇكام!

ناسا بۇ ئىككى يۇلت ...

بۇ شەرىتكە ماۋزىدۇڭ چۇشكىدەك.
(چاقچاق)

نارات

1

تېما

0

دوست

4984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14180
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 1320
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 14:45:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بىلىمدار قىلدىڭىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )