ئەلى مۇئەللىم دولقۇنىدىن تۇغۇلغان ئويلار ئابدۇلئەزىز توختى تۆمۈر
ئىلگىرى تور ۋاستىلىرىدا ئەلى مۇئەللىمگە ئائىت ئىنكاس ۋە تېمىلارنى ئارىلاپ ئۇچرىتىپ تۇراتتىم. بىراق غولغۇلا قوزغۇغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. تاكى ئەلى مۇئەللىم بېيجىڭدا لېكسىيە سۆزلىدى،شۇندىن بۇيان نوپۇزلۇق مۇنازىرە مۇنبەرلىرى «ئەلى مۇئەللىمشۇناسلىق» قاينىمىغا غەرق بولدى.
ھەيران قالدىم.نۇر تىزلىكىدە ياڭرىغان سادالار مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.ئەلى مۇئەللىم بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھەر تەرەپلىمە بىلىملىرى بىلەن جەمئىيەتنى ئازدۇر كۆپتۇر تويۇندۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.چۈشكۈنلۈك ۋە تەييارتاپلىق ياشلىرىمىزنى غاجاۋاتقان تەخىرسىز ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ،يېڭىدىن جانلىنىش كەيپىياتى ھاسىل قىلىۋاتقانىدى.باجا باجىنى كۆرسە بىر يېرى قىچىشقاچقىمۇ ئەيتاۋۇر،بەزىبىر سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنى سېسىتىش بەدىلىگە تېخىمۇ «سۆيۈملۈك»كۆرۈنۈشنى مەقسەت قىلغاندەك قولىغا «ئېلىكتىر چىراغ» بىلەن «مېكروسكوپ»نى ئېلىپ،نەدىكى تۈكى يوق پاسار باسماس گەپلىرى بىلەن جەمئىيەتكە پاسسىپ تەسىرلەرنى بېرىشتى،ياشلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىشتى.
مۇۋەپپىقىيەت قوللاش ۋە مەدەتكە مۇھتاج.مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلارغا باغلىق.ياشلارنىڭ قانداق بولۇشىنى چوڭلارنىڭ پوزىتسىيەسى بەلگىلەيدۇ. ئويلىنىپ باقايلى.نى-نى ئوت يۈرەكلىرىمىز ھەر ساھە،ھەر كەسىپلەردە بىر بۈيۈك مۇددىئا ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە.بىز چوڭلار ئۈلگە بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىراۋ مۇنبەرگە چىقىپ ئىككى كەلىمە ھەقنى سۆزلەپ ئالقىشقا ئېرىشكۈدەك بولسا،ئىچىمىزنى ئادىتىپ،پىتنىخور كۆزلىرىمىزنى ئۇنىڭغا تىكىپ،جاۋغىيىمىزدىن كۆپۈك چاچرىتىپ قاۋاپ يۈرسەك،بۇنى شۇ ئوت يۈرەكلەر قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟ئۇلار كۆڭلىدە «بىز مۇشۇنچىۋالا جان كۆيدۈرگەنلەر ئەسلىدە بىر توپ ئەرزىمەس،نان قېپى،كۆرەلمەس،ئىچى تار،تۇزكور كىشىلەركەن ئەمەسمۇ؟ۋايجان!بولدىلا،بەرىبىر مۇۋەپپىقىيەت قازانساقمۇ بىر -ئىككى ماقالە بىلەنلا نەچچە يىللىق قان-تەرىمىزنى ئەرزىمەس،يوق نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ،بىزنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىدىكەن.ياخشىسى سىڭگەن ئۇمىچىمىزنى ئىچەيلىلا...»دەپ ئويلاپ،ئۆز قوۋمىدىن ئۈمۈدسىزلەنمەسمۇ؟
40نەچچە يىللار ئىلگىرى قىسىمدىكى ۋاقتىمدا بىر يولداش ماڭا ئۆز ئېغىزى بىلەن«بىز يۆلەپ بولالماي دوك قېرىيمىز،سېلەر بولساڭلار غاجاپ بولالماي كوماك قېرىيسىلەر»دېگەن ئىدى.بۇنىڭ ئەمەلىيىتىنى تا ھازىرغىچە كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن.
قاراپ بېقىڭلار،قېرىنداشلىرىم!ئىنكاس يازدىم دەپ نېمىلەرنى يېزىۋەتتىڭلار؟«بىر ئىت كۆرۈپ قاۋىسا،مىڭ ئىت ئاڭلاپ قاۋايدۇ»دېگەندەك ئىش بوپتۇدە بۇ. بىرەيلەن ئۇياقتىن شەپە بېرىپ قويسا ھەممىمىز قوپىدىكەنمىزغۇ تاڭ ئۆتكۈنچى ھېسسياتنىڭ قۇلى بولۇپ.بىرەر قېتىم باشقىلارغا باھا بەرگىنىمىزدە، ئىپادىلىمەكچى بولغان ئوي-پىكىرىمىزنى ئەقىلنىڭ ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈپ باقساق ئارتۇق كېتەرمۇ؟مەن كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ تەسىرلەنگىنىمدىن كۆز يېشى قىلدىم.بىز يەر بىلەن يەكسان قىلغان ئۇ زات يەنىلا شۇنداق ئۈمىدۋار.«سېلەر مەندىن ۋاز كېچىڭلار،ھەتتا ئۆزۈڭلاردىن ۋاز كېچىڭلار،مەن سېلەردىن ۋاز كەچمەيمەن»دەپتۇ.بۇنى نەۋرەم ئوقۇپ بەردى.بىرىمىز مەدداھ دېدۇق،بىرىمىز خۇمسى دېدۇق.ئىلىم ئەھلى ئىلىم ئەھلىگە خاس فونكىسسىيەدىن چەتنەپ كېتىشتى.بىز مۇشۇ ئىزدا ماڭايلى!مەڭگۈ مۇشۇنداق بىراۋ ئېگىزگە ياماشسا يۆلەش يوق ئېسىلىۋالايلى!توۋا،توۋا.ھەي!ۋىجدانىڭلارنى دەڭسەپ تۇرۇپ گەپ قىلىڭلار!قايسىبىرىڭلار «تۈركى تىللار دىۋانى»بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك»نى ھۆرمەت ۋە مېھرىڭلار بىلەن تەپسىلىي ئوقۇپ كۆردۈڭلار؟بۇنداقلار ناھايىتى ئاز.مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ قورۇق،تۇزسىز مەدھىيە ۋە پەخىرلىنىشلەرگە قارىغاندا،ئەلى مۇئەللىمگە ئوخشاش دادىل،ئەركەكتەك مەيدىسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ«بىزگە ئۇلار ئىككىسى يەتمەيدۇ!بىزدىن يەنە يۈزلەپ،مىڭلاپ يۈسۈپ خاس ھاجىپلار چىقىشى كېرەك!»دېگەنلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە شۇنداق بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان.ئەمدى قوپۇپ،«تامچە يىغىلىپ دەريا بولۇر دېگەندەك»،ئۇزاقتىن بويان ئەلى مۇئەللىمنى كۆرەلمەي كەلگەنلەر قورسىقىغا تامچىلاپ ئەمەس بىر يولىلا شارقىراپ يىغىلغان زەھەر-زوقۇملىرىنى پاتۇرالماي،سۆزلىگۈچىنىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقىنىنى تۈزۈك تەتقىق قىلماي تۇرۇپ؛سۆزلىگەن ماكان ۋە زامانغا پەرۋا قىلماي تۇرۇپ؛سۆزلىگۈچىنىڭ پىكرىنى ئوبدان ئانالىز قىلماي تۇرۇپ؛ئۆزىگە لازىملىق بىر-ئىككى جۈملە سۆزنى ماقالىسىگە ئۈزۈندە سۈپىتىدە قىستۇرۇپ،ئەلى مۇئەللىمنىڭ لىكسىيەسىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن كىشىلەرنىمۇ بۇ قېتىملىق «زەربە بېرىش»ھەرىكىتىگە سۆرەپ ئەكىرگەن.
ئىلگىرى يىتۈك ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىمۇ مۇشۇنداق قارا-قويۇق يەرگە ئۇرغانلار بولغان ئىدى.ھالبۇكى،كېيىنكى كۈنلەردە مەتبۇئاتلار «ھەقىقەتەن قەدرىگە يەتمەپتۇق،ئۇنىڭ تەپەككۇرى بىزدىن مۇنچە يىل ئالدىدا ئىكەنەي،بىز مۇنچە يىل ئارقىدا ئىكەنەي...»دېگەندەك تويدىن كىيىنكى ناغرا سادالىرىغا كۆمۈلۈپ كەتتى.
مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر ئاكىمۇ ھېچبىر ئەجرىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرمەي دۇنيادىن ئۆتتى.يەنە شۇ بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز يۈزى چىمىلداشماي، رەھمەتلىكنىڭ تاۋۇتىنى تالىشىپ«ھايات ۋاقتىدا كۆتۈرۈش قولىمىزدىن كەلمەپتۇ،ئەمدى بولسىمۇ كۆتۈرۈۋالايلى»دېيىشتى.ئەختەم ئۆمەرنىڭ قايسىبىر توپلىمىدا (ئېھتىمال ئۆزلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى بولسا كېرەك)زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ «نوبىل مۇكاپاتىنىغۇ ئالغۇم بار،بىراق بىزنىڭ ئادەملەر ئالغۇزمايدۇ»دېگەن قۇرلارنى ئۇچراتقانىدىم.ئۇيغۇرنىڭ پۇشايمىنى زادى ئارقىسىدىن بىرگە ئەگىشىپ كېلىدىغان ئوخشايدۇ.ئابدۇكېرەم ئابلىز ئېيتقاندەك «ئۆلمۇگۈنچە بىر ئىنسان،ئۇنى ئېتراپ قىلمايمىز.ياخشى تەرىپىنى ئۇنتۇپ،يېغىرىنى كولايمىز»دەپ يۈرەرمىزمۇ؟
بەزىدە گۇمان قىلىپ قالىمەن.ئەگەر مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ بۈگۈنكى زاماندا ياشاپ قالغان بولسا،يەنىلا مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بولالارمىدى؟
شۇڭلاشقا قېرىنداشلىرىم،بىراۋ ياخشى نىيەت بىلەن ئالدىغا چىقسا ئۇنى قوللايلى.دۇنيادا نۇقسانسىز ئادەم بولمايدۇ.خەقنىڭ نۇقسانلىرىنى مۇشۇنداق ئاممىۋى سورۇندا ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئاشكارا قىلىش دىنىمىزغا ئۇيغۇن ئىشمۇ؟ھەقىقى چىن ئىنسان بولارمەن بولساق،ۋىجدان ئالدىدا يەرگە قارىماسلىق ئۈچۈن ئۆزگىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى ئادەم جىق يەردە دەيلى،يامانلىقىنى ئالدىغا بېرىپ دەيلى.پاچاقچىلىق قىلمايلى!ئوت يۈرەك شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ مۇشۇ كەبى ئىللەتلەرگە بىزار بولۇپ،تۈزۈلۈپ قالار دېگەن ئۈمىدتە تۆۋەندىكى مىسرالارنى يازغانىكەن،ئويلىنىپ باققايسىلەر:
تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ-يىغقانىمىز باردۇر. ئۇمۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز، زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر. بىرسى بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق، ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىدىن ئاچقانىمىز باردۇر. ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە، مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى،بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر. خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا، يوشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر. قىزىل كۆزلۈك،كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىك، قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك-تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.
گەپ سۆزلىرى ئۇنچە قاملاشمىغان بولسىمۇ،بۇ ماقالەمنى ئۇيغۇر ئانا مائارىپ سېپىدە 32يىل خىزمەت قىلغان بىر پىشقەدەم،مويسىپىت ئاكىمىزنىڭ يۈرەك سۆزىكەن دەپ بىلىپ،بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇش مىزانىڭلاردا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
2015-يىلى1-ئاينىڭ 9كۈنى
لوپ ناھىيە ھاڭگىيا يېزىسىدا يېزىلدى.
|