- تىزىملاتقان
- 2014-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2302
- نادىر
- 1
- يازما
- 45
ئۆسۈش
10.07%
|
ئەلى قۇربان يېڭىلمەيدۇ
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي
ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر!
___ ئاتىلار سۆزى
مۇنازىرە ___ راۋاج بوسۇغىسى. بىر ئىنسان ئۇنىڭ بىلەن ھەر جەھەتتىن تاكامۇللۇققا يۈلىنەلەيدۇ. ئەمما بۈگۈن بىز ئىلىم تەھسىل خانىلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدىكى كۆپىنچە گەپ - سۆزلەرنىڭ ئىلمىيلىك چىگرىسىدىن ھالقىپ كېتىپ، ئۆزىگە خاس مۇنبەر ئەخلاقىدىن چەتنەپ ھېسسىيات خىشلىرى ئۇلىدىلا قوپۇرۇلغان داۋراڭ قۇرۇلۇشلىرى؛ يەڭگىلتەكلىك مىجەزى بىلەن تويماي كاپشىلغان «ئالىي ھۆكۈملەر»؛ نوپۇزغا چوقۇنۇش ياكى شەخسنى يەكلەش قاتارلىق بىرتالاي سەھىھ بولمىغان قاراش ۋە ئۇسۇللاردا يېزىلغان بىر دۆۋە جۆيلۈمىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىگە ئىچ - ئىچىمىزدىن تەئەسسۇپلىنىمىز. ھاياتلىق ئېرەمىدىن يېڭىدا ئۈنۈپ چىققان گىياھ نوتىلىرىنى ئالدىن بايقىغان، شۇ ئارقىلىق يېڭى ھەم ئىلغار بولغان بىر دۇنياۋى تونۇش ۋە ئاكتىپ ئىدىيەنى ئاۋامغا سۇنغان، تەقدىرىمىزنىڭ ئوڭشىلىشى ئۈچۈن زۇۋان ئاچقان قىسمەن زېرەك ئوغلانلار بېشىنى يەڭدىن شۇنداق چىقىرىدىغان بولسا، ئىچى كۆپكەن بەزىلەر دەررۇ ئۆزلىرىنىڭ كۆرەلمەسلىك ۋە چىدالماسلىق «ھۈنەر»ىنى ئىشقا سېلىپ، ئەركەك بولۇپ قالغانلىقىغا مىڭ پۇشايمان قىلغانمۇ، ئىشقىلىپ مىلتىقىغا مەردانىلەرچە جەڭ ئوقىنى ئەمەس، ئۇنىڭغا ھۇۋقۇش كەبى شۇم گەپلىرىنى لىق كەپلەپ، مەيدىسىگە ئەمەس دۈمبىسىگە ئايىماي ئېتىپ كەلدى. ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زېرەك بولۇپ قالغان «گۇناھ»ىغا تويغۇزۇۋېتىش ئۈچۈن چارىلەندى. ۋەھالەنكى، بۇنداق ئەپقاچتى گەپلەر ئۇنداق ئوچۇق كاللىلىق زىيالىي ياشلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىدارە قىلالمايتتى.
بۇ بىرنەچچە كۈندە، مەن ئەلى قۇرباننى دەل ئاشۇنداق ناھەق ئەيىبلەنگەن ئوغلانلارغا ئوخشىتىپ قالدىم. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا سۆزلىگەن لېكسىيەسى ھەققىدە خېلى كۆپ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ئەڭ ئاۋۋال زىۋىدە ئابدۇكېرەمنىڭ «ئەلى قۇربان لېكسىيەسىگە قىستۇرما» سەرلەۋھىلىك تەنقىدىي ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭغا ياندىشىپ ئەلى قۇرباننى قوللايدىغانلاردىن «بىز نېمىشقا ئەلى قۇربانغا چاۋاك چالدۇق؟»، «زىۋىدە خانىمغا ئوچۇق خەت»، «زىۋىدە خانىمنىڭ يازمىسىغا چۈشكەن ئىنكاسلار ھەققىدە»، «ئەلى قۇربان دولقۇنىدىن تۇغۇلغان ئويلار» قاتارلىق يازمىلار، زىۋىدە ئابدۇكېرەمنى قوللىغۇچىلاردىن بولسا «ئەلى قۇربانغا ئازراق پىكىرىم بار»، «ئەلى قۇربانغا ئاكادىمىك تەنقىد»، «ئىلمىيلىككە ئېچىنىش» دېگەندەك يازمىلار تور جامائەتلىرىنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇنۇلدى. ئەسلىدە، مەنمۇ جىمجىتقىنا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان. ئەمما ئۇمۇننىڭ ئەلى قۇربانغا چىنەپ ئېيتقان بىر جۈملە نەشتەرلىك سۆزى مېنى قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا زورلىدى: «يامان يەرگە سىقىلغاندا، كىشىلەر خاتالىقلىرىنى دەبدەبە ئويدۇرۇش بىلەن يوشۇرۇپ قويىدۇ.» زىۋىدە ئابدۇكېرەم ئۆزىنىڭ تەنقىدنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ياخشى كۆرمەسلىكنىڭ ئۇنىڭ ھەرقانداق يازما ۋە شەيئىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەيدىغانلىقىنى جېكىلىگەن. مەن ئۆزۈم تەنقىدنى ياخشى كۆرىمەن، ئەمما بۇ ھالمۇ مېنىڭ ھەرقانداق بىر تەنقىدنى ياخشى كۆرۈشىمدىن ئالامەت بەرمەيدۇ. تەنقىد ياخشى نەرسە، ئۇمۇ ئۈنۈملۈك مۇنازىرىلىشىشنىڭ بىر شەكلى. ئەمما ئىلمىي ئاساسى يوق، پەقەت قىياسىي رەۋىشتە بېرىلگەن تەنقىد قارشى تەرەپنى بويسۇندۇرالماسلىقىنىڭ ئۈستىگە، يەنە باشقا نەچچە مىڭلىغان تەنقىد ساھىبلىرىغىمۇ توغرا بولمىغان قاراش ۋە يەكۈنلەرنى تېڭىپ سالىدۇ. بۇ قېتىم گەرچە قىسمەنلەر ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پىكىر قوشۇپ، ئۆز مەيدانىنى ئىلمىي سۆزلەر بىلەن ئايان قىلغان بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە ئەقلى چولتا، قارىغۇ ھېسسىياتلىق «ئاقساقال»لار ئۆزىگە تۇشلۇق بولماي، ئۆزى ئۆچ تەرەپنىڭ ئىززەت - ئىناۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىپ، مۇنازىرىنى مۇنازىرىگە ئوخشاتماي قويدى.
شەخسەن مەن ئەلى قۇرباننىڭ بۇ سىپەلىك لېكسىيەسىنى غەلىبىلىك سۆزلەنگەن دەپ قارايمەن. تۆۋەندە مەن ئۆز كۆز - قاراشلىرىمنى ئېنىق دەلىل - ئىسپات بىلەن بىر - بىرلەپ ئوقۇرمەنلەرگە يېشىپ بېرىمەن.
بىرىنچى، ئۆزگىچە گەپلىنىش شەكلى. لېكسىيە ___ پىنھان ئىدىيەنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن ئىبارەت. ياكى مۇنداقچە ئېيقاندا، ناتىقنىڭ ئىچىدىكى پەلسەپە - ئىلىملەرنى تېشىدىكى گەپكە ئايلاندۇرۇش جەريانى. مەن ئەلى قۇرباننىڭ سۆزلىگەن بىرقانچە مەيدان لېكسىيەسىنى كۆرۈپ بايقىدىمكى، ئۇ چوڭ ئادەملەرنىڭ دىلى ۋە تەپەككۇرىنى شاكىچىكلەرنىڭ تىلى ۋە تەسەۋۋۇرى بىلەن يۇغۇرۇپ گەپ قىلىدۇ. بۇ ئۇسلۇبنىڭ لېكسىيە ئىشتىراكچىلىرىنى قىزىقتۇرۇشتىن بۆلەك، يەنە ئوي - خىيالىنىڭ بىر نۇقتىغا مەركەزلىشىشىگە ۋە ھۇرۇنلۇق ئۇيقۇسىدىكى تەپەككۇرىنى غىدىقلاشقا ئىلاجى بولىدۇ.
ئەمما بەزىلەر بۇ ئىستىلنى يەنىلا ياقتۇرمىدى. ئۇلار: «ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەلىرىدە كۈلىدىغان جايلار زىيادە كۆپ» دەپ ئاغرىنىشتى. ئۇلار ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيە سۆزلىگەندە بەك ئەركىن بولۇپ كەتكەنلىكىگە؛ باشقا مۆتىۋەر ناتىقلاردەك ئېسىلزادىرەك بولماي، بەك تولا ھىجىيىپ، مىدىرلاپ، توختىماي چىرايىنى خامىليۇندەك ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا؛ نۇقتىئىنەزەرنى ۋاش - ۋاش دەۋەرمەي، ھېلى تاغنى ھېلى باغنى چۆرگىلەپ، بۇغدايچىلىك «باغلىنىشلىقى يوق» شەيئىلەرنى بىر - بىرسىگە باغلاپ قويغانلىقىغا؛ قىسقىسى، لېكسىيەنى جۇڭگوچە سۆزلىمەي، چەتئەلچە سۆزلەپ قويغانلىقىغا باتناشتى. مانا، بىز بۇ ھاياجانلىق ھالەتنى ئادەملەرنىڭ ھېسسىيات كونتروللىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئەڭ تىپىك قەرەل دەپ قارايمىز. بىز ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ شۇنى دەيمىزكى، ئەلى قۇرباننى شەرھى ___ بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن ئاز چېلىقىدىغان ماھىر ناتىق. ئەجەبا سېلەرچە بولغاندا، ئۇمۇ باشقا ۋائىزلاردەك سالاپەتلىك ياسىنىۋېلىپ، ئورۇندۇقتا ئۇياق - بۇياققىمۇ قارىماي، پۈتكۈل زېھنىنى بىر ۋاراق قەغەزگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر چالا قويماي ئوقۇپ بەرسە ئاندىن بولامتى؟ بىز بۇنداق سۆزلەنگەن «لېكسىيە»لەرنىڭ ھالىنىمۇ كۆرگەن. مەدداھ كاپىلدايدۇ، پەستىكىلەر «چۈش سەيلىسى» قىلىدۇ.
ئىككىنچى، ئۇرغۇپ تۇرغان پىسخىكا ئىلىملىرى. زىۋىدە ئابدۇكېرەم ۋە ئۇمۇنلار پىسخولوگىيەنىڭ دۇنياۋى پەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنى ئەلى قۇرباندەك دېھقانىي ئۇسۇلدا، يەنى يەرلىك تىلدا بۇقەدەر ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرسە بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەنگە قىلىنغان زور ئاسىيلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەلى قۇرباننىڭ سۆزلىرىدىن پىسخولوگىيەگە ئائىت نەزەرىۋىي ئىلىملەرنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ ھەر قېتىم نەزەرىۋىي ئىلىملەرنى ئۆزى ئۆز ئالدىغا «ياسىۋالىدىغان»لىقىغا خاپا بولغان. ئۇلار يەنە: «ئەلى قۇرباننىڭ دەۋاتقانلىرى تېخى پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن بىرلىككە كەلمىگەن، توغرىلىق دەرىجىسى تۆۋەن ئۇقۇملار» دەپ ئۆزلىرىنىڭ پىسخولوگىيە پېنىنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغانلىقىنى، ئۇنى خاتا بەتناملاردىن ھەرزامان قوغدايدىغانلىقىنى نامايان قىلغان.
ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرىنىڭ مەلۇم ئاساسى بولسىمۇ، لېكىن ئەلى قۇرباننىڭ ئېيتىۋاتقانلىرىنىمۇ يېڭىلىنىشقا مۇھتاج پىسخولوگىيە پېنى ھەرگىز چەتكە قاقمايدۇ، بەلكى قوش قوللاپ داستىخان سالىدۇ.
ماقۇل، ئەلى قۇربان كىتابنىڭ تىلىدا سۆزلەپ باقسۇن: «ﺭﻭﮪ ﺗﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﯩﺘﺎﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯩﺮﻣﯩﻦ. ﺭﻭﮪ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﻤﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﭘﯩﺴﺨوﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻖ. ﭘﯩﺴﺨوﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺯېھنىي ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻚ ﻣﯩﺘﻮﺩﺗﺎ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯗﺭ... ﺋﻪﭘﺴﯩﻜﯘﺭﯗﺳﭽﯩﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯩﻠﺪﯨﻦ كېيىنكى ﭘﻪﻟﺴﻪﭘىۋىي ﺋېقىملاردا ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺭﻭﮪﻨﻰ 4 - ﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻣﺎتېرﻳﺎﻟﯩﺴﯩﺘﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﺷقا ﺋوﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ. ﮔﯩﮕﺎﻧﺖ ﭘﻪﻳﻼﺳوﭘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩﻩﻛﺎﺭﺕ ﺭﻭﮪ ﻛﻪﻟﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯩﺘﺎﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻣﯩﺘﺎﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ...» (ئۇمۇن) پىسخولوگلاردىن باشقا كىم چۈشىنەلەيدۇ؟ ئەمدى ئەلى قۇرباننىڭ پىسخولوگىيە ئىلمىدا بولمىغان «ناتونۇش» مەسىلەرنى ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىققانلىقىغا كەلسەك، مانا بۇ ھەقىقىي مۇۋەپپىقىيەتنىڭ باشلىنىشىدۇر.
ھاياتلىق قارىغىيىدا ھامان خۇشاللىق بەرگىلىرى كۆپ بولىدۇ. كىشى ئۆزىنىڭ ھەرقانچە ئەلەملىك دەملىرى بولسۇن، ئۇنى بىر كەملەردە ئەسلىسە كۈلۈپ سالىدۇ. ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەلىرىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئارتۇقچىلىق شۇكى، ئۇ كىتابىي بىلىملەرنى ھەرگىز ئۆز پېتى، مىسال ئالغاندىمۇ كىتابنىڭ ئىچىدىكىنى ئەينەن يادلاپ بەرمەيدۇ. يېڭى پۇراقلىق، ئىجادىي مىساللارنى كۆپلەپ ئېلىپ ۋە ئۆز كەچمىشىدىكى تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن كىچىك - كىچىك تۇرمۇش ئۈزۈندىلىرى ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنى ئەسلا زېرىكتۈرمەيدۇ. دېمەككى، كۆپلىگەن پىسخولوگلار ئۆز كەسپىگە ئائىت ئىلمىي ئۇقۇملارنى ئىگەللەشتە كىتابقىلا تايانغان بولسا، ئەلى قۇربان كىتاب ئۆگىنىشتىن سىرتمۇ يەنە تۇرمۇشنى، تۇرمۇشنىڭ ھەربىر قاتلىمىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىۋاتىدۇ.
بۇ ھەقتە بىز ئەلى قۇرباننى ھەرگىز بىر پەنگە ئاسىيلىق قىلغۇچى دېيەلمەيمىز. ئۇ تېخى باشقىلاردەك كىتابتىكى تەييار گۆھەرلەرگە ھەييار بولمىدى. ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسا، ئۇنىڭغىمۇ تامامەن قۇدرىتى يەتكەن بولاتتى. بىراق ئۇ ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدى. سەۋەبى، ئۇ پىسخولوگىيە پېنىنى سۆيىدۇ، پىسخولوگىيە پېنىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەمەلىي كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۈگۈن ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭغا «كەسىپپەرۋەر» دېگەن شۆھرەتلىك نام ئىنئامىنى بېرەلەيمىز. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆز ئەقلىگە تايانماي، بۇرۇنقىلار دەپ بېرىپ كەتكەنلەرنى چالا - پۇلا يادلىۋېلىپ، ئۇنۋاننىڭ ئۈستىدە مائاش خەجلەشنىلا بىلگەن پىسخولوگلار ئاندىن پىسخولوگىيەگە ئاسىيلىق قىلغۇچى سانالسا توغرا بولار!
ئۈچىنچى، قارا سۆزلەر. نۇرغۇنلار ئەلى قۇرباننىڭ: «مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن مۇھىم» دېگەن قارام گېپىنىڭ كېكىردىكىدىن تۇتۇۋېلىپ، مۇشۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن پۈتۈن لېكسىيەگە، لېكسىيە ئاڭلغۇچىلارغا ۋە ئەلى قۇربانغا تەلتۆكۈس باھا بېرىۋەتتى: «مەغلۇب بولغان بىر مەيدان لېكسىيە، ئەقلى يوق ھاڭۋاقتى ئوقۇغۇچىلار، مەنمەنچى ۋە تەكەببۇر ئەلى قۇربان.» مانا، بۇمۇ ھېسسىيلىق تۇغقان ئاقىۋەت. ئۇلار ئەلى قۇرباننىڭ ئاشۇ گېپىنىڭ ئالدى - كەينىدە: «ئۇزۇن مۇددەت قەبرىلەرنى ئاختۇرۇشقا باشلىدۇق، بۇرۇنقى ئادەملەرنى سۆرەپ چىقىشقا باشلىدۇق. مەھمۇد قەشقىرى دېدۇق، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېدۇق. بولىدۇ، ھۆرمەتلەيمىز، ئەمما يېتىپ ئاشىدۇ. ئەمدى ئۇلار مۇزېيخانىدا ياشىسا بولۇۋېرىدۇ. چۈشەندىڭلارمۇيا؟ ھۆرمەت قىلمىغىنىم ئەمەس جۇما. ئۇ بىلىملەرمۇ بولىدۇ، ئەمما ھازىرغا ئەپلەشمەيدۇ، چۈشەندىڭلارمۇيا؟ مەن ھازىر ئۇلاردىن جىق بىلىم بىلىمەن. بىلىمەن، شۇنداق، مەن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلاردىن جىق نەرسە بىلىمەن. ئۇلار ئىنگىلىزتىلى بىلمەيدۇ، ئەمما مەن ئۇلارنىڭكىنى بىلىمەن، چۈنكى ئوقۇۋالدىم. مېنىڭ لېكسىيەلىرىمنى ئاڭلاپ باقمىدى - دە ئۇلار، ھې - ھې - ھې... بولدى، ئۇلارنى پات - پات ئەسلەپ قويىمىز. قىدىرىپ تەتقىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈشىنىۋاتامسېلەريا؟ مەن مۇھىممۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ، دەپ بېقىڭلار! مەن مۇھىم. نېمىشقا؟ مەن تىرىك ئەمەسما! مەن تىرىك... مەن نېمە دېمەكچى دېسە، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ سايىسى قىلىۋالماڭلار. سېلەرمۇ بولالايسېلەر. بولالايسېلەر، بولالمامسېلەر؟ ۋوي بولالايمىز، ھەممىمىز بولالايمىز... ئۇنى ئۆزىمىزگە سايە قىلىۋالماي، ئۇنداق ئالىملاردىن نەچچە مىڭى، نەچچە يۈز مىڭى چىقسا بولۇۋېرىدۇ ئۇيغۇرلاردا»، «مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرىنى ھاقارەت قىلمايۋاتىمەن، چۈشىنىۋاتامسېلەريا؟ ئۇ دەۋردە شۇنداق بىر ئەسەر يارىتىشى چوڭ گەپ. ئەمما بىزنىڭ بۇلا نېمىمىز بولۇپ قالسا بولمايدۇ دېمەكچى، شۇنداق نەرسىدىن نۇرغۇنى چىقسا بولىدۇ دېمەكچى. ھېچكىم ئۇنى چەكلىۋەتمىدى. ئەمما تارىختىن بۇيان ئۆزىمىزگە بىر مىڭ مېتىرنى تۆت مېنۇتتا يۈگۈرۈش كېرەك دېگەن بىر چەكنى قويۇۋالغانلىق ئۈچۈن، نۇرغۇن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بولىدىغان ئادەملەر باۋئەن بولۇپ كېتىپ بارىدۇ.» دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ بۇ گەپلەرنىڭ ئورامىدىن بۇلارنىڭ بىر پاك، گۈدەك قەلبتىن چىقىۋاتقانلىقىنى سېزەلەيدۇ. بۇ گەپلەرنى بىز خاتاسى يوق گەپلەر دەپ قارىساقمۇ، قارىسىغا جۆيلۈش دەپ قارىۋالساقمۇ ئىختىيار ئۆزىمىزدە. ئەمما كۆپچىلىكلەر نېمە ئۈچۈن توغرا چۈشەنگىلى سەللىمازا بولىدىغان بولىدىغان بۇ سۆزلەرنى ئەتەي خاتاسىغا ئاڭقىرىۋېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى بۇرۇقتۇرمىلىق ئارىسىغا تاشلاپ قويىدۇ؟
بىز ئەلى قۇرباننى 11 - ئەسىردە يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرىلەر بىلەن بىر زاماندا ياشاپ قالدى دەيلى. شۇ چاغدا ئۇ گەرچە ئاشۇ ئالىملار بىلەن تەڭ ئىلىمگە ئىگە بولسىمۇ، ئۇ ھەرگىز ئۆزىنى ئۇلاردىن مۇھىم دېمەيتتى. چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇلار ھەممىسى ھايات. قايسىسىنىڭ مۇھىملىقىنى شۇ ياراتقان تۆھپىلەر بەلگىلەيدۇ. ئۇ ئالىملىرىمىز ھازىر ئاللىقاچان ئۇ ئالەمگە كەتكەن بولغاچقا، ئۇلار ئەمدى يېڭىلىق يارىتالمايدۇ، پەقەت ھاياتىدا قىلىۋالغان ئىشلىرى، مېڭىۋالغان ئىزلىرى بىلەن ئەۋلادلار تەرىپىدىن پات - پات ئەسلىنەلەيدۇ. ئەگەر ئەلى قۇربان تېرىشسا، ئۇلاردەك بولالىشى، ئۇلاردىنمۇ ئېشىپ چۈشەلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئەلى قۇربان ھازىر ئۆزىنى ئالىم قىلىپ چىقىشنى ھەممىدىن مۇھىم دەيدۇ. ھەم يەنە بۇ پەقەت ئەلى قۇربانغىلا تەئەللۇق مۇھىملىق ئەمەس. ھەربىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئاشۇ ماياك تامان ئېتىغا قامچا سېلىش ھەققى بار. لېكىن رېئاللىق يەنىلا ئويلىغىنىمىزدەك گۈزەل ئەمەس. نۇرغۇن پەرزەنتلەر بۇ نىشانغا يېتىشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارىمايدۇ. مەيلى، ئۇلارنىڭمۇ كېلەچەكنىڭ ئەخلىتى،يامانلارنىڭ چاكىرى بولۇش ئەركىنلىكى بار. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قازا قىلدى. مەن ھەربىرىڭلارغا: «ئەگەر سىز ئۆلسىڭىز، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھايات قالايدىغان ئىش بولسا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى تەقدىم ئېتىشكە رازىمۇ؟» دەپ سوئال قويسام، ھەممىڭلار: «ھازىرچە ئۆلمەي تۇراي، بەلكىم مەن ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا نەتىجىلەرنى ئاپىرىدە قىلالىشىم مۇمكىن» دەيسېلەر. مانا بۇ سېلەرنىڭ: «مەن ھازىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن مۇھىم، چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۆلدى.» دېگىنىڭلار بولماي نېمە؟
يەنە گاھىلارغا ئەلى قۇرباننىڭ: «مېنىڭ دادام ھاراقكەش» دېگەن گېپى ياقمىدى. ئۇلار باشقىلارغا تېخىمۇ ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئەلى قۇرباننى باشقىلارغا يەنىمۇ سەت كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ گەپنى ئاسمان - زېمىن بۇرمىلاپ، ئاخىرىدا «مەن دادامنىڭ ھاراقكەشلىكىدىن پەخىرلىنىمەن» گە ئۆزگەرتىۋەتتى. كىممۇ ئۆزىنىڭ ھاراقكەش دادىسىدىن پەخىرلەنسۇن؟ ئەگەر بار دېيىلسە، جەزمەنكى، ئۇ ئۆزىمۇ ھاراقكەشتۇر. ئەلى قۇربان دېمەكچى: «دادامنىڭ ھاراقكەشلىكى مېنىڭ بۈگۈنۈمنى ياراتتى.» بۇ نۇقتىدا، ئۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىبرەت ئالغۇچى.
ئەلى قۇربان ئېيتقاندەك، ئەگەر بىز ئۇنىڭغا مۇھەببەت بىلەن باقساق، ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ بىر - بىرسىگە زىت ئەمەسلىكىنى تۇيىمىز. ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۆرەلمەسلىك، چىدالماسلىق نەزىرى بىلەن قارىساق، ئۇنىڭ توغرا ئېيتىلغان بىر جۈملە گېپىدىنمۇ بىرمۇنچىلىغان نۇقسانلارنى تاپالايمىز.
تۆتىنچى، غەرەزسىز مەغرۇرلۇق. ئەلى قۇربان مەغرۇر ياش. بۇ مەغرۇرلۇق ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئېتىمادىنى ئاۋۇتۇپ، ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىشىغا كېرەكلىك ئۇل سالغانىدى، خالاس. ھەرگىزمۇ باشقىلار ئويلىغاندەك، ئەلى قۇربان ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋالغىنى ۋەياكى تەكەببۇرلۇق قىلغىنى يوق. بىلسىڭىز بۇ دېگەن ئەسلىدە بىز يايلاق مىللەتلىرىگە خاس خۇلق - مىجەزلەردىن بىرى. بەزىدە بىزمۇ ئەلى قۇربانغا ئوخشاش چاقچاق تەرىقىسىدە «پو» ئېتىپ قويىمىز. بۇ بىر مۆتىدىل ئەھۋال. «ھەسەت ياخشى نەرسە. ھەۋەسسىمان ھەسەت قىلىڭلار، ئەمما ھەسەتسىمان ھەۋەس قىلماڭلار»، «ئۆزىگە ئىشىنىش ___ كىبىر ئەمەس!» دېدى ئەلى قۇربانمۇ بولمىسا. ئەمما ئەسلاكى، بىز ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇنى بەزى گۇمانىزم گېنلىرى ئارتۇق قوزغىلىپ كەتكەن گۇمانخۇمارلىرىمىزدەك چېكىدىن ئاشقان «مەنمەنچىلىك»، «يوغان پوقلۇق»، «كىبىرلىك» دەپ چۈشىنەلمەيمىز.
ئەجدادلاردىن مىراس قالمىغان، ئۆزىمىز يېقىنقى زامانلاردا كەشىپ قىلىۋالغان، شۇ چاغلاردا ئوت يۈرەك شائىرلىرىمىز قاتتىق سۆككەن بىر ناچار ئىللەت بار: كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق (ئا . ئۇيغۇر). بىرسى بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققۇدەك بولسا، ئىچىمىزدە چىدالماسلىق پىلتىسى لاۋۇلدىدى. ئەجەبا سۆزۈمدە يالغان بارمۇ؟ بىز قايسىبىر زىيالىينى تىللاپ باقمىدۇق؟ شۇنىڭ سەۋەبىدىنمۇ، ئەيتاۋۇر بۈگۈنكى كۈندە ئانىلىرىمىز ئىستىقبالى شانلىق پەرزەنت يۈزىنى كۆپ كۆرەلمىدى. بۇ ھال ئاتا - ئانىلارنىڭ ئىلمىي ساپاسىغا بېرىپمۇ تاقىشىدۇ، ئەلۋەتتە!
بەشىنچى، «قارايۈز»لىق. گەپنى ئەقلىنىڭ دەۋىتىگە ئەمەس، شەيتىنىغا ئەگىشىپلا كۆزىنى يۇمۇپ ۋالاقلاۋەرگەن بىر قىسىم مۇنبەرداش ۋە ئىنكاسچىلار ئەلى قۇرباننىڭ «كەتكۈزۈپ قويغان» يەنە بىر نەچچە يېرىدىن ناھايىتى تۇتۇرۇقسىزلىق بىلەن ئاچچىقلانغان. ئۇلار: «ئەلى قۇربان دېگەن چەتپۇرۇش نۇتۇقلىرىغا چەتئەللىك شەخسلەرنىڭ مەشھۇر گەپلىرىنى ئاجايىپ دەبدەبىلىك بىلەن قىستۇرۇپ قويۇپتۇ. لېكىن ئۇ قارايۈز ئۆز ئالىملىرىمىزنىڭ بىر ئېغىز گېپىنىمۇ ئەسلەپ قويماپتۇ» دەيدۇ. قىزىق - تە! مىسال دېگەننى ئالىمەن دەپلا ئېلىۋەرگىلى بولاتتىمۇ؟ كۆزلىگەن مۇددىئايىغا، يورۇتماقچى بولغان ئىدىيىسىگە كېرەك بولغان، ئېيتىۋاتقانلىرىغا ماس كېلىدىغان مىساللارنى ئالمامدۇ؟ ئەلى قۇرباننىڭ ھەربىر سۆزى پىسخولوگىيەنى چۆرىدەپ يېيىلىدۇ. بىزدىن ئۆتكەن ئالىملار پىسخولوگىيە ھەققىدە تۈزۈك گەپ قىلماقلىق بولغاچقا، چەتئەل پىسخولوگلىرىنىڭ مەشھۇر كەلىمىلىرىگە مۇراجىئەت قىلماي ئامال يوق.
يەنە بىر بىھۇدە كايىلغان «ق» ھەرپى مەسىلىسى. كىشىلەر: «ئەلى قۇربان بىر تال 〈ق〉ھەرپى بىلەن ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. باشقا مىللەتلەر بۇ يەكۈنگە ھەرگىز كۆنمەيدۇ» دېدى. بۇ گەپتىن مەن ئۇلارنى ھەرگىز ھەر تەرەپنى ئويلايدىغان ئاقىل كىشىلەركەن دەپ قارىمىدىم. ئۇلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن قەۋەتتىن - قەۋەت گۇمانلاندىم. ئەلى قۇربان ھەرگىز ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇششا قوۋم قىلىپ قويغىنى يوق. ئۇ پەقەت بىزنىڭمۇ باشقا مىللەتلەردىن ھېچقانچە قالغۇچىلىكىمىز يوقلۇقىنى دەلىللىمەكچى. ئەلى قۇربان شۇ گەپنى دېيىش ئارقىلىق ئېنىقلا ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بەرمەكچى، ئىشەنچ بەرمەكچى تۇرسا، بۇنىمۇ قەستەن يامان تەرەپكە بۇرۇشنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟
ئەلھاسىل، كىشىلەر مانا مۇشۇ توغرا گەپلەرنى ناتوغرا دەپ تۇرۇۋالغان. ئەمما ئۇلارنىڭ قۇسۇرسىز گەپلەردىنمۇ قۇسۇر تاپالىغان «ئۆتكۈر» كۆزلىرى ئەلى قۇرباننىڭ شۇ مەيدان لېكسىيەدىكى بىر چوڭ خاتالىقىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلىۋەتكەن. لېكسىيەدە، ئەلى قۇربان ئۆزىنىڭ ساياھەت ياكى خىزمەت ئىشى ئۈچۈن باشقا دىيارلارغا بارغاندا، باشقا دىندىكىلەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا مەدەنىيەت ئەندىزىسى بار ئىكەنلىنى دەپ كېلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ بىر نەچچە راھىب دوستلىرى بارلىقىنى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئۆز بۇتلىرىدىن، ئۆز دىنىدىن چۈشەنچە بېرىۋاتقاندا، ئۇمۇ ئۇلارنىڭ گەپلىرىنىڭ مەلۇم «ئاساسى» بارلىقىغا، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىنى توغرا قىلىپ «ئىسپاتلاپ» بەرگىنىگە قايىل بولغان. بۇ ھەرگىز خەلقنىڭ پەخرى بولمىش بىر زىيالىي ياشنىڭ قىلىدىغان قىلىقى ئەمەس. بۇ دېگەن ئېتىقاد مەسىلىسى، دۇنيادىدىكى باشقا ھەرقانداق مەسىلىلەرگە ئوخشىمايدۇ.
بۇ قېتىملىق داۋراڭچىلىقتىن پەقەت بىرلا سوئال تۇغۇلىدۇ: بىز نېمىشقا باشقىلارنىڭ ئۇتۇقىغا چىدىيالمايمىز؟ ئىسىتكى، ئۇلار ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرى ئىدى. ئۆزىمىزنىڭ ھالى چاغلىق تۇرۇپ چىدىماسلىق قىلىشقا نېمە ھەددىمىز؟ ئەسلى بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
مەسىلەن، يېڭىدىن تونۇلۇۋاتقان بىر ياش ئوغلانىمىز ئەگەرچەندە بىرەر سورۇندا خاتا گەپ قىلىپ سالسىمۇ، ئىنسانچىلىقتا بىرەر ئەيىبى چېنىپ قالسىمۇ، ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرى بىزنىڭ غۇرۇرىمىز ۋە ئېتىقادىمىزغا تىغ كۆتۈرمىگەنلا بولسا، بىز ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىمىز، ئۇنىڭغا توختاۋسىز مەدەت بېرىشىمىز كېرەك. ئېسىڭلاردىن يوقاتماڭلاركى، بۇ ئۆزىمىز ئۈچۈن! ئەپسۇس، بىزنىڭ كاللىمىز تېخى بۇ سەۋىيەگە يەتمىدى. ياكى بۇمۇ مىللىي كىيىم، مىللىي تائام، مىللىي ئۇسسۇل... قاتارىدىكى ئەۋجگە چىققان مىللىي كېسەلمۇ؟ نېمىلا بولمىسۇن، بىز ئۆزىمىزگە ياخشى بولسۇن دەپ ئۆز ياشلىقىنى، ئۆز ئۆمرىنى سېخىيلارچە سەرپ ئەيلىۋاتقان ئوغلانلىرىمىزنى «ۋادەرىخا، بۇ خەقكە قىلغىنىمغا ئىسىت!» دېگۈزۈۋەتمەيلى.
مۇنازىرە مەيلى قاچانغىچە داۋام ئەتسۇن، بۇ «جەڭ»دە ئەلى قۇربان ھەرگىز ئۇتتۇرمايدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ قالتىسلار، ئۇنىڭدىنمۇ ئىستېداتلىقلار چىقىپ قالسا ۋاي تاڭ! ئەمما ئۇ بىزلەردەك مەڭگۈ كۆرپىدە يېتىپ مەدداھلىق قىلىشنىلا بىلىدىغان بىكارتەلەپ خەقلەرگە، ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىدىن 300 ياش كىچىك بوۋاقلارغا مەڭگۈ يېڭىلمەيدۇ.
2015 - يىلى يانۋارنىڭ 9 - كۈنى، يۇرۇڭقاش |
|