زىۋىدە خانىم ئەلى قۇربانغا ھەسەت قىلدىمۇ؟ (ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستوتىئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ دوتسىنتى)
يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىنىمىز ئەلى قۇرباننىڭ لىكسىيەسى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا يېزىلغان زىۋىدە خانىمنىڭ قىستۇرمىسى ئۇيغۇر تور بەتلىرى ۋەئۇندىدار سۇپىلىرىنى قاپلاپ، قىزغىن مۇنازىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىلىم ساھەسىدەئىلمىي رەددىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەلۇم نەزەرىيە ۋە پەننى بىلىملەرنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىختىن ھىچكىمگە يات يۈزلىنىش بولمىسىمۇ، بىراق شۇنچە نورمال بىر ئىشقا نىسپەتەن بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئاسان جىددىلىشىدىغان، ھىسسىياتچان خاراكتىرى پارتلاپ، بۇمۇنازىرىنى كەسكىن ئېلىشىش تەسۋىرلەنگەن بىر مەيدان سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقى، بۇ ئىككى پىسخولوگقا بىر-بىرىگە قارشى بولغان سەلبىي ۋە ئىجابىي روللارنى مەجبۇرى تەقسىمقىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مۇنازىرىگە باشقىمىزقاتناشمىساق بولاتتى دىمەكچى ئەمەسمەن. بەلكى مۇنازىرە خاھىشىنى سەلبى تەرەپكەبۇراپ، ئىلمىي ساھەگە سۇخەنچى خوتۇنلارنىڭ يايمىسىنى يېيىپ يۈرمىسەك دەيمەن. ئەڭ مۇھىمى مۇنازىرىمىزدە ئۇدۇللۇق، سەمىمىلىك ئاساسى يۈزلۈنۈش بولسا، مەسخىرە ۋە زەھەر سانجىش ۋە تاپا-تەنە ئاساس بولمىسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.ئۈمۈدۈم بۇ مۇنازىرە مەيدانى ھەرگىزمۇ ئەلى مۇئەللىمنى كەمسۇندۇرۇش ياكى زىۋىدەخانىمغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋىلىشنىڭ باھانەسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك توردىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ خېلى كۆپ ئادەملەرنىڭ زىۋىدە خانىم ئەلى قۇربانغا ھەسەت قىلىۋاتىدۇ، يېڭى ئۇچۇم بولغان قۇشنىڭ ئىگىز سامانىڭ ئەركىسىگەئايلىنىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پېيىنى قىرقىۋاتىدۇ دىگەن ھۆكۈمنامىلىرىنى ئوقۇپ، بۇنداق ئىدىيەنىڭ باش كۆتىرىشىنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىمىزنىڭ ۋە ئىلىمدارلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن يامان تەسىرپەيدا قىلىدىغان زەھەرلىك قاراش ئىكەنلىنى ھىس قىلدىم ۋە ئىختىيارسىز بۇ يازمىنى يېزىشقا تەرەددۇق قىلدىم. مېنىڭ بىر ئىلمىي مۇنازىرىگە ھەسەتخورلۇق قالپىقىنى كىيگۈزگەنلەرگە رەددىيە بېرىشتا بۇنداق بىرنەچچە سەۋەۋىم بار. 1.ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىرقىسىم نۇقتىنەزەرلىرىدىكى بەزى نۇقتىلارنى كەسپىي نۇقتىدىن نامۇۋاق دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلغان كىشى ھە دىسىلا ھەسەتخورلۇق قالپىقىنى كىيگىنى تۇرسا، بۇندىن كېيىن ئىلمىي ساھەدەبىر قىسىم مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان پىكىر قىلىش ياكى خاتانى خاتا دەپ ئىنكار قىلىش گۇنا ھىساپلىنىدىغان، ئىلىمدارلىرىمىز ئىدىيەسىدىن ئۆتمىگەن، ئۆز كەسپىي ساھەسىدەنامۇۋاپىق دەپ قارالغان قاراشلارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرىشقا مەجبۇر بولىدىغان ھالەتنى شەككىللەندۈرۈپ قويىشى مۈمكىن. 2. خاتالىقنى كۆرسىتىپ،ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياش بوغۇنلارنى يېتەكلىشىدىكى مۇھىم ئۇسۇلى. ئەلۋەتتە مەن پىسخولوگ بولمىغانلىغىم ئۈچۈن زىۋىدە خانىم بىلەن ئەلى قۇرباننىڭ پىسخولۇگىيەگە دائىر مەسىلىلەردىكى ئوخشىمىغان قاراشلىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلمايمەن. كىمنىڭ توغرا ياكى خاتائىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلماقچىمۇ ئەمەسمەن. پەقەت ئەلىنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى بولغىنىدەك باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا پىكىر بېرىش ۋە بەزى ئۆزى توغرا دەپ قارىغان نۇقتابويىچە ئىلمىي رەددىيە بېرىش ھوقۇقى بار. شۇڭا زىۋىدە خانىمنىڭ ئىنىمىزئەلىنىڭ لىكسىيەسىدىكى يارقىن نۇقتىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ داۋاملىق ئىلگىرلىشىگە ئىشەنچ بىلدۈرگەچ بەزى نامۇۋاپىق دەپ قارىغان نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ بېرىشى، ئۇنىڭغا ئەلىنى خۈنۈكلەشتۈرۈش، ھەسەتخورلۇق قىلىش جىنايىتىنى ئارتىشقا پاكىت بولۇپ قالسا، بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ.چوڭلار ياشلارنىڭ كەمچىللىگنى كۆرسەتسە، نام چىقارغانلار نام چىقىرىۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىنى تۈزەتسە بۇنى ھەسەتخولۇقتا ئەيىپلىسەك ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ئىنكار قىلغانلىق، چوڭلارنىڭ تەنقىدى ياشلارنىڭ ئىلگىرلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ دەپقارىغانلىق بولىدۇ. ئەگەر ئابدىقادىر جالالىدىن يالقۇن روزىنىڭ كىتاۋىدىكى مەلۇم نۇقتىنەزەرنىڭ خاتا يېزىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، كىتاپ ئىگىسىنىڭ يالقۇن روزى بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلسا بۇ ئۇنىڭ كەڭ قوساقلىقى بولۇرمۇ؟ پاشا ئىشان ئابدۇللا ئابدىرىھىمنىڭ خەلق ناخشىلىرىنى ئۆز قائىدىسىگەچۈشۈرۈپ ئىيتالمىغان جايلىرىنى كۆرسىتىپ قويسا، ۋە بۇ باھانىدا باشقا ياش سەنئەتكارلارمۇ بۇ نۇقتىنى ھىس قىلىۋالسا بۇ پاشا ئىشاننىڭ كۆرەلمەسلىگى بولۇپقالارمۇ؟(ئەلۋەتتە ئۇستاز خاتا دەپ قارىسىلا خاتا بولۇپ قالمايدۇ. بىراق خاتا دەپ قارىغىنىنى قوساققا غۇم قىلىپ ساقلىماي، ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويىشى ئۇنىڭ كەسپىي مەسئۇلىيەتچانلىقى بولۇپ، ئىلىم ئىلمىي مۇنازىرە بىلەن قانات قاقىدۇ). ئۇنىڭ ئۈستىگە زىۋىدە خانىمدەك تولۇق كۇرسىدىن تارتىپ تاكى دوكتۇرلۇققىچە پىسخولوگىيە پەنلىرى بويىچە مەخسۇس بىلىم ئالغان، 20يىللىق پىسخولىگىيە ئوقۇتقۇچىسى ھەم شۇنداقلا ئەل ئېتىراپ قىلغان، تونۇلغان بىر پىسخولوگ ئەلىنى خۈنۈكلەشتۈرۈش شوتىسىدائۆرلىمىسىمۇ ئۆرلەيدىغانغا ئۇنىڭغا باشقا يول تېپىلىدۇ. بەزىلەر يەنە ئۇستازنىڭ ھەقىقى يېتەكلەش مەخسىتى بولسا، جامائەت ئالدىدا ئاشكارە زەربە بەرگۈچە، ئايرىم ھالدا يۈز تۇرانە ئېيتسا بولاتتىغۇ، بۇ زىۋىدە خانىمنىڭ ھەسەتخورلۇقنى ئارقاكۆرىنىش قىلغان ئۆزىنى كۆرسىتىشى دەپتۇ. بۇ كىشىلەرگە شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ: زىۋىدە خانىم ئايرىم دىسە بەزى خاتا نۇقتىنەزەرلەرنىڭ خاتا دىيىلگەنلىكىنى پەقەت ئەلىلا بىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلى بۇنى توغرا دەپ قارىسا،يەنە بىر قېتىملىق قىستۇرما لىكسىيە سۆزلەپ، بەزى سۆزلىرىگە تۈزۈتۈش بېرىش ئاۋارىچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئەلى قايىل بولماي، ئۆزىنىڭكىدە مەھكەم تۇرسا، كەڭ جامائەت بۇ ئوخشىمىغان قاراشتىن، ئىلمىي ئويلۇنۇش ۋە ئىزدىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. نەچچە يۈز مىڭ ئادەمگە كەڭ تارقىلىپ كەتكەن مەسىلىگە پەقەت مۇشۇنداق مەتبۇئاتتا ئاشكارە پىكىر بېرىش ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇلدۇر. مانا بۇنى كەسپىي مەسئۇلىيەت، ئىلمىي پوزىتسىيە، ھەم بىرنى ۋاستە قىلىپ مىڭنى تەڭ يېتەكلەش دەيمىز. نۇقتا يۆتكەپ تەھلىل قىلساق زىۋىدە خانىمنىڭ بۇ قىستۇرمىسى بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن يەنە باشقا بىلىم تارقاتقۇچىلارغا بىلىم تارقىتىش پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشنى، ئاممىغاتارقىتىلىدىغان پىكىرلەردە ئېھتىياتچان بولۇشنى تەكىتلەش رولىنى ۋە بۇندىن كېيىنكى لىكسىيەلەرنىڭ يۇقۇرى مەسئۇلىيەت بىلەن سۆزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينىشى مۈمكىن. شۇڭا ھە دىسە كۆرەممەسلىكتە ئەيىپلەپ، بىلىمدارلارنىڭ بىر-بىرىنى ئىلمىي تەنقىد ئارقىلىق يېتەكلەش يولىنى توسۇپ قويمايلى. 3.بەزىلەر ھەتتا ئوچۇق خەت يېزىپ كىشىلىك ھوقۇق مەنپەئەت نۇقتىسىدىن زىۋىدە خانىمنى ئەلىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانغا چىقىرىپ، ئۇنى ئەلىدىن ئەپۇ سوراشقا دالالەت قىپتۇ. يەنە بەزىلەر زىۋىدە مۇئەللىمنى لىكسىيەنى تولۇق ئاڭلاپ چىقماي تۇرۇپلا پىكىر بايان قىلدى دەپ ئەيىپلەپتۇ. زىۋىدە خانىمنىڭ توغرائەمەس دەپ قارىغان نۇقتىلىرى ئاللىقاچان دىيىلىپ بولغان تۇرسا، ئەلىنىڭ لىكسىيەسىنىڭ كېيىنكە مەزمۇنلىرىدا بۇ خاتالىقىغا تۈزىتىش بېرىشىنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ بەلكىم زىۋىدە خانىم كېيىنكى لىكسىيە مەزمۇنىدىن يەنە باشقا خاتالىقلارنى ئاختۇرۇپ يۈرۈشنى ۋە ئۇنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىغاندۇ. ئۇلىكسىيەنىڭ ئاخىرىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلگەچكە سۆزىگە قىستۇرما دەپ ئىنىق ئىسىم قويغان، بۇنىڭ ئەلىنىڭ سۆزىدىن قۇسۇرئىزدەش ئەمەس بەلكى پەقەت شۇ بىرنەچچە نۇقتىدىكى سەۋەنلىكنى تۈزۈتۈپ قويۇشنى مەخسەت قىلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قالپىقىنى كىيگۈزۈپ، ھوقۇققا دەخلى تەرۈز قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەش سەل چەكتىن ئاش تۇمۇقانداق! 3.ئەلۋەتتە زىۋىدە خانىمنىڭ قىستۇرمىسىدا ياشلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن لىكسىيە ئاڭلاپ، بەزى مۇۋاپىق بولمىغان نۇقتىلارغىمۇ چاۋاك چالغىنىغا بەرگەن باھاسىدا سەل قاتتىقلىق مەۋجۈت. ياشلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشلارغا خاس قىزغىنلىق بىلەن يۇمۇرۇستىك سۆزلەرگە ئورىنىپ چىققان بەزى نۇقتىلارغا ئانچە ئىنچىكىلىك قىلىپ كەتمىگەن بولۇشى، ياكى بۇ سۆزلەرنى ئەلى مۇئەلىمنىڭ ئەسلى دىمەكچى بولغان مەخسىتىنىڭ توغۇرلۇق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ چۈشەنگەن بولۇشى، بەزى سىتودىنتلىرىمىزنىڭ گەرچە نۇقتىنەزەرنى مۇنداق ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىگىنى ھىسقىلىپ يەتكەن بولسىمۇ، لىكسىيە مۇھىتىدىكى يۇقۇرى قىزغىنلىق ھالىتىدە ئاشكارەمۇنازىرلىشىشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولۇپ بۇنى ئەقىلسىزلىكتە ئەيىپلەش سەل ئارتۇق ھىساپلىنىدۇ ئەلۋەتتە. ئەمدى ئىنىمىز ئەلى قۇرباننىڭ لىكسىيەسىگە كەلسەك لىكسىيەنى ئاڭلاپ مەن بۇنداق بىر نەچچە نۇقتىداتەسىرلەندىم. ئالدى بىلەن مەن بۇ ئىنىمىزنىڭ ئۆزگىچە دەرس سۆزلەش مىتوتىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ئۇنىڭ مۇرەككەپ نەزىرىيەلەرنى يۇمۇرۇستىك تىلۋە قىزىقارلىق ھەركەتلەرگە يۇغۇرۇپ سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز نەچچە رەت كۈلۈپ تاشلىدىم.مەن بۇرۇن غەرپنىڭ دەرىسخانىلىرىدا مۇئەللىم نەزىرىيە بىلىملىرىنى تولۇق يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە بىرقېتىملىق دەرىسىدە ئاز دىگەندە ئوقۇغۇچىلارنى 3 قېتىم كۈلدىرەلىسە بۇنى غەلبىلىك ئۆتۈلگەن دەرس دەپ قارايدىكەن دەپ ئاڭلىغان. ئەلۋەتتە بۇ تەلەپ بەزى دەرسلەرگەئانچە ماس كەلمەيدۇ. مەيلى نىمە دىمەيلى بىر ئىككى سائەت ئولتۇرۇپ، مەلۇم نۇقتىنەزەرنى ئىگىلەش ۋە ئۈگۈنۈش جەريانى بىرجاپالىق جەريان. ئەگەر مۇئەللىم يۇمۇرىستىك تىللار بىلەن ئىپادىلەشنى بىلسە بۇ جاپالىق جەريان ناھايتى كۆڭۈللۈك بىر ئىشقا ئايلىنىدۇ. بىراق يۇمۇرۇستىكلىق ھەممە ئادەمدە بولىۋىرىدىغان ئالاھىدىلىك ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا ئەلى ئىنىمىزنىڭ مول مەزمۇنلۇق لىكسىيەسى پىسخولوگىيە بىلىملىرىنى چۈشۈنۈشتە،ياشلارغا ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتىشتائاكتىۋال رول ئوينىيالايدۇ. ئەڭ بولمىغاندا ئىشەنچكە تولغانلىرىدىن،ئۈمۈتسىزلىنىدىغانلىرى كۆپرەك بولغان، تىرىشىدىغانلىرىدىن بىغەملىرى كۆپرەك بولغان، ئېنىق نىشان تىكلىيەلىگەنلىرىدىن گاڭگىرىغانلىرى كۆپرەك بولغان، مىننەدار بولىدىغانلىرىدىن قاخشايدىغانلىرى كۆپرەك بولغان ئۇيغۇر جەمىيىتى ۋە ياشلىرىغانىسپەتەن ئىنتايىن ئۈنۈلۈك روھ ئۇرغۇتۇش دورىسى بولالايدۇ.. ئەلى مۇئەللىمنىڭ خەلقىمىزدىكى ياشلارنى تەربىيلەشتەنەسىھەتكە كۆپرەك تايىنىۋالىدىغان ئەنئەنىۋىي قېلىپىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ياشلارنىڭ نەسىھەت ئاڭلاشنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغان ئالاھىدىلىگنى چىقىش قىلىپ ، پىسخىكىلىق بىلىملەردىن پايدىلىپ ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئۇلارغا كىشىلىك ھايات يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشى ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدۇ. بولۇپمۇ ئوكسىگىننى مىسال ئېلىپ مىننەتتارلىق تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشى، ئېچىنىشلىق كەچمىشلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى جانلىق مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈشى، ئىچكى تۇيغۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تەربىيەسىنى نۇقۇل نەسىھەت خاراكتىرىدە ئەمەس جانلىق مىسال بىلەن ئەركىن، تەبىئى سىڭدۈرۈشى ئۇنىڭ ئۆزگىچەدەرىس سۆزلەش مىتوتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەن ئىنىمىز ئەلىنىڭ بىرنەچچەقېتىملىق لىكسىيەسىنى توردا ئاڭلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. يۇقۇردا دەپ ئۆتكىنىمدەك بۇلىكسىيەلەردىن سۆيۈنگەن ۋە مەنپەئەتلەنگەن يېرىم كۆپ، بىراق خاۋاتىرلىنىپ قالغان نۇقتىلىرىممۇ يوق ئەمەس.مەيلى ئۇ ئۇچۇۋاتقان قۇش بولسۇن، ياكى ئۇچۇم بولۇش ئالدىدا تۇرغان قۇش بولسۇن،ئۇنىڭ قانات قېقىشىدا كۆرۈلگەن بەزى سەۋەنلىكلەرنى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈش قانداق تۇئۇنىڭغا قىلىنغان زەربە دەپ چۈشەنمىگەنلىكىم ئۈچۈن، مەنمۇ ھىس قىلغان نۇقتىلارنى چۆرىدەپ ،ھازىرقى ياش لىكسىيە سۆزلىگۈچىلەرگە كىچىككىنە ئۈمۈدۈمنى سەمىمىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي. 1.لىكسىيە سۆزلىگەندەلىكسىيە ئوبىكىتلىرىنىڭ قوببۇللاش ئىقتىدارى ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىساق. ئەلى ئىنىمىز قەشقەردەئېلىپ بېرىلغان تېلىۋىزىيە سۆھبىتىدە سۆزلىگەندە، ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشى ھەققىدە توختۇلۇپ” ئەرلەرنىڭ تالاغاقارىغىنىغا ھەيران قالمايمىز، تالاغا قارىمىغىنىدىن ھەيران قالساق بولىدۇ“دىگەن گەپنى ئېيتتى.ئەگەر بۇ گەپ پىسخولوگلارنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە سورۇنلىرىدا ئېيتىلغان ياكى ئەرلەرنىڭ جىنسى تەبىئىتى ھەققىدىكى كىتاپلارنى كۆپرەك ئوقۇغان ئادەملەرنىڭ ئالدىدا سۆزلەنگەن بولسا بۇنى توغرا چۈشىنەتتۇق. ئەلۋەتتە مەن ئۇنىڭ نىمەدىمەكچى ئىكەنلىگىنى چۈشەندىم. چۈنكى غەرىپ ئەللىرىدە يېزىلغان نىكا ھەققىدىكى نۇرغۇن كىتاپلاردا ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ جىنسى ئىنتىلىشىنىڭ كەڭرىلىكى، ئەرلەردە يېڭى ۋە كۆپلىگەن جىنسى ئوبىكىتقا ئىنتىلىش تەبىيىتىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان كىتاپلار كۆپ يېزىلغان. لېكىن غەرىپلىكلەر بۇنى ئەرلەرنىڭ نىكاغا ساتقىنلىق قىلىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش مەخسىتىدەيازمىغان. ئەكسىچە ئادەم ئىجدىمائىلاشقاندىن كېيىن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغان، ۋە تەبىلىكىنى كونتۇرول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان.ئنىساننىڭ بەزى تەبىئەتلىرى چوقۇم مەدەنىيەت تەرىپىدىن بوي سۇندۇرۇلمىسا ئۇ چاغدائادەملەرنىڭ ھايۋانلاردىن قىلچە پەرقى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە مەن ئىنىمىز ئەلىنى بۇ سۆزنى قىلغاندا پەقەت ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشىنىڭ سەۋەۋىنى ئۇلارنىڭ جىنسى تەبىئىلىگى نۇقتىسىدىن شەرھىيلىمەكچى بولغانلىقىنى، ئاخىرىدا ئەرلەرنىڭ جىنسى ئىنتىلىش جەھەتتىكى تەبىلىكىنى كونتۇرۇل قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىگنى بىلىمەن. بىراق ئارىمىزدا ئەشۇ بىرئېغىز گەپنىڭ ئارقا كۆرىنىشى ھەققىدە ئىلمىي ساۋات كۆرۈپ باقىدىغانلار قانچىلىك؟ئۇدۇل چۈشىنىپ شۇ پېتى ئۆزلەشتۈرىۋالىدىغانلار قانچىلىك؟ بۇ مەسىلىدە مەن بۇنداق بىرمىسالنى ئېلىشنى لايىق كۆردۈم. بۇلتۇر مېنىڭ نەۋرە ئىنىم بىر سېستىرا قىزغا ئۆيلەنگەن ئىدى. بۇ قىز نەۋرە ئىنىمنىڭ ئۆيىدىن 200 مېتىر يىرقلىقتىكى، بىر ئۇيغۇر سۆڭەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسى ئاچقان، خېلى كۆلەملەشكەن شەخسى دوختۇرخانىدا ئىشلەيتتى. توي قىلىپ ئاز ئۆتمەستىن نەۋرە ئىنىم ئايالىنى خىزمەتتىن چىقىرىۋاپتۇ.توغرا تاپمىدىم. چۈنكى ئىنىمنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق، يەنە 70ياشلىق ئانىسىنى باقمىسا بولمايتتى. بۇ بىر جۈپ ياش بىرلىكتەئەمگەك قىلىپ تىرىشقاندىلا، ئاندىن تۇرمۇشىنى باياشات ئۆتكۈزەلەيتتى.ئىنىمدىن سەۋەبىنى سورىسام ئۇ”سىزبىلمەيسىز، مەلىمىزدىكى ئىمام ئالدىنقى جۈمە ئاياللىرىڭلارنى تالاغا چىقىرىپ قويماڭلار، گۇناھى ئەرلەرگە بولىدۇ“دىدى، شۇڭا چىقىرىۋالدىم دەپ جاۋاپ بەردى. كېيىنچە شۇمەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغان يەنە بىر ئىنىمدىن موللامنىڭ بۇ گېپىنى سورىسام ئۇ«موللام شۇ كۈنى تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى ئالىدىغان بەزى ئائىلىلەردىكى ئەرلەرنىڭ ئەمگەك قىلغىنى ئۇنىماي، بىكار يۈرۈيدىغانلىقىنى، ئاياللىرىنىڭ بولسا سىرتتا يايمايېيىپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى ھەتتا بەزىلەرنىڭ تۈرلىك يوللار بىلەن پۇل تېپىشقامەجبۇر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى مىسال ئېلىپ ئاياللىرىڭلارغا مەسئۇل بولۇڭلار،ئۇلارنى تالاغا چىقىرىپ قويماڭلار دىگەن>>دەپ چۈشەندۈردى. دىمەك مېنىڭ باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى بۇ نەۋرە ئىنىم موللام ئىشلەتكەن ”تالا“سۆزىنى ناھايىتى ئۇدۇل چۈشەنگەن بولۇپ، ئايالىنى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى ئىدارىسىدىمۇئىشلەتمەي، ئۆيگە بەنت قىلىپ گۇنادىن قۇتۇلماقچى بولغان. ئۇيغۇر جەمىيىتىدەباشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز سەۋىيەدىكىلەر كۆپ سالماقنى ئىگللەيدۇ. شۇنداقلا ھەر تۈرلىك نەزەرىرىي كىتاپلارنى ئوقۇيدىغانلارمۇ بەك كۆپ ئەمەس. رىياللىقىمىز مۇشۇنداقكەن ئانداقتا ”ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىماسلىقىدىن ھەيران قالساق بولىدۇ“دىگەن سۆزنى، تالاي تالاغا قاراۋاتقان ئەرلەرنىڭ نىكاغا بولغان ساداقەتسىزلىگىگە ياخشى بانا بولمىدى، تالاغا تېخى قارىمىغان بەزى ئەرلەردە ئەسلى تالاغا قارىساق بۇمۇ بەك چوڭ ئىش ئەمەسكەن دىگەن خىياللارنى پەيدا قىلمىدى دەپ ئېيتالامدۇق؟ قۇرئاندا<<ئىنسانلارغا ئۇلار چۈشىنەلىگىدەك تىلدا سۆزلەڭلار>> دىگەن بىرئايەتنى كۆرگەن ئىدىم. دىمەكچى بولغىنىم ئاممىغا سۆزلىگەن سۆزدە ئاممىنىڭ قوببۇللاش ئىقتىدارىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. 2. سۆزلىگەندە ئاشقۇنلۇقتىن يىراق تۇرساق بىز بىلىمىز ھەرقانداق ئىدىيە ۋە قىلمىش نورماللىقتىن ئېشىپ ئاشقۇنلۇققا ماڭسا بۇ ئۇنىڭ ھالاكىتىدىن دىرەك بېرىدۇ. گېتلىرنىڭ ئۆز مىللىتىگەبولغان مۇھەببىتى مەدھىيلەشكە تېگىشلىك ئىدى، بىراق بۇ مۇھەببەت ئاشقۇنلۇققاتەرەققى قىلغاچقا ئۇ تارخ بېتىدىكى بىر قارا چېكىتكە ئايلاندى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئەسلى توغرا نىيەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي ئۇقۇم ئىدى. ئىلىپ بېرىشتا ئاشقۇنلۇققا يۈزلەنگەچكە مەينەت ئىنقىلاپقا ئۆزگەردى. ئىشەنچ بۇ ئاجايىپ گۈزەل ئۇقۇم. لېكىن ئۇ ئاشقۇنلۇققا يۈزلەنسە مەمەداللىققا، تەلۋىلىككە تەرەققى قىلىدۇ.گەرچە ئىشەنچ، ئىلھام مۇشۇ ھالىمىزدا بىزگە بەك لايىق دورا بولسىمۇ بىراق ئىشەنچ تىكلەش خىزمىتىمىزدە نورماللىقتىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئەلى ئىنىمىز لىكسىيەسىدەبەزىلەر كىبىر بىلەن ئىشەنچنى ئارلاشتۇرىۋىتىدۇ ئەمىلىيەتتە مەندە قىلچە كىبىر يوق دەپتۇ. بىراق ئۆزىگە ئىنكاس يازغان بىرسىگە قاتتىق قىلىپ، سەن مەندىن 300يىل كىچىكدەپ جاۋاپ بەرسە، سىتودىنىتلارغا مەن روھنى كۆرۈپ تۇرۇپ بار دەيمەن، مەن ئۇنى كۆرەلەيمەن، بىراق سىلەر كۆرەلمەيسىلەردىگەن گەپلەرنى قىلسا، بۇنى كەمتەرلىك دەستۇرىنىڭ قايسى بابىدىن ئىزدەشكەبولىدىكىن بىلمىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا ”مەن دىگەن دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس پىسخولوگ“ دىگەن گەپنى يوشۇرۇن ئاڭغا ياخشى بىشارەت بېرىش ئېھتىياجى بىلەن ئۆز-ئۆزىگە داۋاملىق پىچىرلاپ تۇرغان بولسا، ياكى ئۆزىگە كۈچ بېرىشنى مەخسەت قىلغان بولسا، بۇنى ئىشەنچ دەيمىز. دۇنيا ئەمەس تېخى شىنجاڭدىكى ئەڭ قالتىس بولماي تۇرۇپلا، بۇنى جاكارلاشقا ئالدىرىسا، ياكى جامائەتچىلىكنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا شۇنداق ئىشارەت بېرىشكە ئورۇنسا بۇنى ئۆزىگە بولغان تىۋىنىشنىڭ ئېشىپ كېتىشى دەيمىز. 3.ئىدىيە تارقاتقۇچىلارئەقىل جەھەتتىلا ئەمەس پەزىلەت جەھەتتىمۇ باشقىلارغا ئۈلگە بولسا. چۈنكى مۇتەپپەكۈرلىرىمىز ناھايىتى بۇرۇنلا پەزىلەت ۋە ئەقىلنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئىنسان تاكاموللىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتكەن. ئەلى ئىنىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى، ئۆزىگە ئىشىنىشى، ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقى پەزىلەت جۈملىسىدىن ئەلۋەتتە. بىراق چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئەجداتلارنىڭ ئەجرىگە مىننەدارلىق بىلدۈرۈشمۇمۇھىم پەزىلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئىككى پشۋارىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىسىل دەستۇرلىرىگە قارىتا ”ئۇنىڭدىكى بىلىملەرمۇبولىدۇ، بىراق ھازىرغا ماس كەلمەيدۇ“، ”ئۇنى ھازىرغىچە تەتقىق قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق “ دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمداھەيرانلىقىمنى يوشۇرالمىدىم. مېنىڭچە <قۇتاتغۇبىلىك >تىكى باشقا ئىسىل ئىدىيەلەرنى قويۇپ تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭدا دالالەت قىلىنغان سەمىمىيەت، راسچىللىق، كەمتەرلىك، ئادىللىق لەۋزىگە ۋاپاقىلىش قاتارلىق روھىيەت دۇردانىلرى، چىن ئادەم بولۇشنىڭ پارلاق يوللىرى ھەققىدىكى پەلسەپەۋىي پىكىرلەر، بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەردىن چىنلىقنى، سەمىمىيەتنى ئىزدەپ تەلمۈرۈۋاتقان روھىيىتىمىزغا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم بولماقتا. <<تۈركىي تىللار دىۋانى>> نىنىڭ تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى قىممىتىنى قويۇپ تۇرايلى ئاناتىل غورۇرىنى ئۇرغۇتۇش ۋە ئۇنىڭ ساپلىقىن ساقلاش ئىھتىياجى كۈچلۈك بولغان بۈگۈنكى كۈندە مەخمۇت بوۋىمىزنىڭ ئانا تىل ۋە ئۇنى ساقلاش روھىمۇ بىزگە ئوخشاشلا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ كېرەك بولماقتا. بۇ ئەسەرلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگەقوشقان ئاجايىپ تۆھپىلىرىگە سەل قاراش، ئەجداتلىرىنى سەۋىيە جەھەتتە ئۆزىگەسېلىشتۇرۇپ ھەزلە قىلىش، ئۇنىڭدىكى بىلىملەرنى ۋاختى ئۆتتى دەپ يەڭگىللىك بىلەن قارار چىقىرىش چاۋاككا ئەمەس كاچاتقا لايىقتۇر. ئەمدى ئۇنى تەتقىق قىلىۋىرىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ دىگەن گەپكە كەلسەك ئەلۋەتتە بەك بار. خەنزۇلار <<قىزىل راۋاقتىكى چۈش>> نى تەتقىق قىلىپ مەخسۇس قىزىل راۋاقشۇناسلىقنى مەيدانغاكەلتۈردى، بۇ ئەسەر ھەققىدە يېزىلغان تەتقىقات ماتىرىيالىلىرى بىلەنلا بىر كۈتۈپخانە ئاچقىنى بولىدۇ. لېكىن ئۇلار بۇتەتقىقاتنى بولدى قىلغىنى يوق. ياۋروپادا شېكىسپىر دىرامىلىرىنىڭ تەتقىقاتى توختاپ قالماقتا يوق، مەخسۇس مۇشۇنى تەتقىق قىلىدىغان ئاسپىرات ، دوكتۇرلاريېتىشىپ چىقماقتا. مىلادىدىن بۇرۇن ياشىغان كوڭزى مېڭزىلارنى تەتقىق قىلىش توختىمايدۇ،سوقرات، ئارىستوتىللار ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ نىمىشقا بىز تېخى تولۇق قېزىپ بولالمىغان شاھانەئەسەرلەر تەتقىقاتىنى توختۇتۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ بەلكى لىكسىيە ئاڭلاۋاتقان ئەشۇياشلار ئارىسىدا <<قۇتاتغۇبىلىك>>نى، <<تۈركىي تىللار دىۋانى>> نى كەلگۈسى تەتقىقات نىشانى قىلماقچى بولغانلار باردۇ. بۇلارمۇ ئوخشاشلا ئىلھامغا، ئىشەنچكە ئېرىشىىشى كېرەكقۇ!. ئەمدى”مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن مۇھىم“ دىگەن گەپكە كەلسەك، ئەلىنىڭ ئىسپاتلىماقچى بولغان نۇقتىنەزىرى، ئەسلى دىمەكچى بولغىنى توغرا. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئېڭىدىمۇ”ئون ئۆلۈكتىن بىر تىرىك ئەلا “دىگەن قاراش بار.ئىسلامدىمۇ ئەۋلىيا –ئەنبىيالارنىڭ قەۋرىسىگەچوقۇنۇش، ئۇلارنىڭ روھىدىن بىر نەرسە تىلەش چەكلىنىدۇ. چۈنكى ئۆلگەن ئادەم كىم بولۇشتىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭ روھى تىرىكلەرنىڭ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشىغا ئېھتىياجلىقكىن، ھەرگىزتىرىكلەرنى قوغداش ياكى قانداقتۇر ئۇلارغا بىر ئىش قىلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگەبولمايدۇ. تىلەش توغرا كەلسە پەقەت يىگانە ئاللاھتىن تىلەش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقىمۇ كەچكىچە ئەجداتلار ياراتقان نەجىلەرنى ياستۇق قىلىپ ئۇخلاپ، يېڭىلىق يارىتىشقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك، ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەڭ يۇقۇرى چەك دەپ قاراپ ئۆزىدىكى ھاياتىي كۈچنى قېزىپ چىقماسلىق يامان خاھىشتۇر. بۇ نۇقتىنەزەرنى ئىسپاتلاش مۇھىم. بىراق مەن بۇ ئىككى زاتنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇلارغا بولغان سۆيۈنۈشىمىز ياشلارنىڭ ھاياتى كۈچىنى،يېڭىلىق يارىتىش روھىغا چەكلىمە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنى كۆپ تەكىتلەپ يېڭى يۈسۈپلەرگە سەل قارىلىۋاتىدۇ دەپ قارىمايمەن. ھازىرغىچە پىشقەدەملىرىمىزدىن مەيلى مىرسۇلتان ئوسمانوف قاتارلىق ئىلىم ئىگىلىرى <<تۈركىي تىللاردىۋانى>>نى تەتقىق قىلسۇن، مەيلى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىق ئۇستازلار <<قۇتاتغۇبىلىك>>نى تەتقىق قىلسۇن، ھىچقايسىسىنىڭ يازمىلىرىدا، بۇ ئۇيغۇرلار ياراتقان ئەڭ ياخشى نەتىجە، ئەمدى بۇنىڭدىن ئارتۇغى چىقمايدۇ، بۇ ئىككى بوۋىمىز ئەڭ ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرلار، قالغىنىمىز بۇنىڭدىن ئاشالمايمىز دىگەن پاسسىپ ئىدىيىنىڭ سايىسىنى كۆرگەن ئەمەسمەن. ئۇلارنىڭ تەتقىقات مەخسىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىكى ئىسىل ئىلىم جەۋھەرلىرىنى قېزىپ چىقىپ، يېڭى ئىلىملەرگە ئاساس قىلىش ۋە ئەلگە يەتكۈزۈش، ئاندىن قالسا ئۇلار ئارقىلىق خەلقىمىزدە ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىش، ئۆز مىللىتىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىش، يەنە ياشلارنىڭ بۇ ئالىملىرىمىزنىڭ ئىلىم ئىزدەش روھىدىن ئۈلگە ئېلىپ ئىلىم ئىگەللەپ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇشقا مۇناسىپ ساپانى ھازىرلاش ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئارتۇق شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ ئۇلارنىڭ روھىنى سۆيۈندۈرۈشكە دالالەت قىلىشتۇر. شۇڭا ياشلارنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتى، ئۇلارنىڭ قالتىس ئادەم بولۇش ئارزۇسىغا پۇتلىكاشاڭ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشى چوقۇم بۇ مويسىپىتلارنى موزىيغاسولاپ قويۇشقا ھاجەت بولمايدۇ. خۇددى ئىنىمىز ئەلى ياشلارنىڭ روھى دۇنياسىدا ئىشەنچ ۋەئۈمۈتۋارلىقنىڭ روھى تۈۋرىكنى تىكلىگىنىدەك، مەخمۇت قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارخەلقىمىز روھىيىتىدە پەخىرلىنىش ۋە ئىلىم- سۆيەرلىكنىڭ روھى تۈۋرىگىنى تىكلىگەن.بىر تۈۋرىكنى تىكلەش ئۈچۈن چوقۇم يەنە بىر تۈۋرىكنى ئۆرىۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.مەنىۋىي تۆۋرىكلەر قانچە كۆپ بولسا روھى دۇنيارىمىز شۇنچە نۇرلىنىدۇ. تىلدىكى ئۆتكەن زامان شەكلى، ھازىرقى زامان شەكلى بىلەن كەلگۈسى زامان شەكلىگە ئوخشاشلا مۇھىم. بولمىسا راۋان سۆزلەش مۈمكىن ئەمەس. مەن مۇھىممۇ يۈسۈپ بوۋىمىزمۇ دىگەن بۇ سوئالنى ئىنىمىز ئەلى مەيلى قانداق چوڭ ھەقىقەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سورىغان بولسۇن، ئەجدات روھى بىلەن ئەۋلات روھىنى ئۇلاش زۆرۈرىيىتى بار زاماندا، ياشلارنىڭ ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى قوغۇن دىگەن سۆزنى توغرا تەللەپۇز قىلالايدىغانلىقىدەك ئاددى ئارتۇقچىلىقىنى مىسال قىلىپ سۆزلەش بىلەن ئەمەس، ئەجداتلار ياراتقان نەتىجىنىڭ ئورنىنى قارارلاشتۇرۇش بىلەنمۇ ئوخشاشلا تىكلىگىلى بولاتتى. ئەجداتلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ بىلىملىرى ھەققىدىكى گېپىمىزنى مۇشۇ يەردە توختاتساق. ئەمدى ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۆزئاتا-ئانىسىغا بولغان ھۆرمەتتىمۇ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشىنى سورايمىز.مېنىڭچە مەيلى ئاتا- ئانىمىز كىم بولۇشتىن قەتئىنەزەر ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىشىمىز، قېرىغىنىدا ياش چاغلىرىدىكى ئەيىپلىرىنى ئېچىپ سازايى قىلماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى ئەلى قۇربان دەۋەت قىلغاندەك بىزدە مىننەتدارلىق بولۇشى كېرەك. باشقىلارنىڭ ياخشى قىلمىغان تەرەپلىرىگە ئەمەس ياخشى قىلغان تەرەپلىرىگە كۆپرەك نەزەر ئاغدۇرساق، بىزدەمىننەتتارلىق ھىسسىياتى ئويغۇنۇپ ئاكتىپ ئېنىرگىيە شەكىللىنىدۇ. مەن ئەلىنىڭ لىكسىيەلىرىدىن، ئۇنىڭ ئېڭىدىكى دادىسىنىڭ ھاراقكەش، قىمارۋاز، تاياقچى، بالا تەربىيلەشنى بىلمەيدىغان قوپال ۋە نادان دىگەندەك سۈپەتلىرىنى كۆپ كۆردۈم. ئەكسىچە ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ۋە بۇ سەۋەپلىك پەيدا بولغان مىننەتدارلىق ھىسلىرىنى بايقىمىدىم. دەسلەپتە ئەلىنىڭ دادىسى توغۇرلۇق بايانلىرىنى ئاڭلاپ رەھمەتلىكنىڭ روھى قورۇنۇپ قالارمۇ دەپ ئۇھسىنغان ئىدىم. بىراق ئۇنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىگىنى بىلگەندىن كېيىن، تېخىمۇ بىئارام بولدۇم. بۇگەپلەرنى ئاڭلىغان چاغدا ئەلىنىڭ دادىسى ئەڭ ئەقەللى بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن،باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى تىلغا ئېلىشنى ئەڭ يامان كۆرۈش پىسخىكىسىگە ئىگە بىر ئەر بولغانلىقى بىلەن، بىر دادا بولغانلىقى بىلەن نىمىلەرنى ئويلايدىغاندۇ؟ ئەلىنىڭ مۇشۇنداق ئادەم بولۇپ چىقىشىدا ئەشۇنداق دادىسىنىڭ بولغانلىقى ئوتتۇرىدا ھىچقانداق ئىچكى باغلىنىش يوقمۇدۇ؟ يوق دەپ قارالسا ئەلى ئىنىمىزنىڭ ھەممە نىمىدە ھىكمەت بار دىگەن سۆزىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز، بار دەپ قارالسا ئەڭ بولمىغاندا مۇشۇ ھىكمەتنىڭ يۈزىنى قىلىشىمىز كېرەك بولماسمۇ دىگەندەك خىياللارنىمۇ قىلىپ ئۈلگۈردۈم. بەلكىم بەزىلەر ماڭا، دىسە خەق دادىسىنى دەپتۇ، سىزگە نىمە تو كەتتى دىيىشى مۈمكىن. توغرا بۇ ئەلى ئىنىمىزنىڭ ئۆز ئەركىنلىگىگەياتىدىغان مەسىلە،بىراق يۇقۇرقى بايانلىرىمىزدا ئەلى ئىنىمىزنى ياشلارنىڭ ئۈلگىسى بولالايدۇ دەپ ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئۇ بۇنۇقتىدىمۇ ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ قالارمۇدەپ ئەنسىرگىنىمنى يوشۇرمايمەن. ئۆتمۈشكە، ئەجداتلىرىمىزغا ، ئاتا-ئانىمىزغا تەنقىدىي نەزەردە قاراش يېڭى دۇنيا يارىتىشىمىزغا تۈرتكە بولۇشى مۈمكىن، بىراق ئۇلارغا تەنقىدىي پىكىر قىلىش ھالىتىمىز، ئۇلارغا يەڭگىللىك بىلەن تون پىچىش، ئۇلارنى ھەزلە قىلىش دەرىجىسىگەيەتسە بۇ ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولىدۇ. ئاخىرىدا سۆزۈمنى خۇلاسلىسام ھىچكىم ئەلىگە ھەسەت قىلغىنى يوق. زىۋىدە مۇئەلىممۇ شۇنداق. ئەكسىچەبىز بۇ ئىنىمىزغا ئۈمۈت ۋە قايىللىق بىلەن باقماقتىمىز. ئۇنىڭدەك ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن تىرىشچانلىقنىڭ ئابىدىسىنى ياراتقان ياشلار كۆپرەك بولسا، بىزنىڭ كۆڭۈللىرىمىزمۇ ئۈمۈت نۇرى بىلەن يورۇيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنىمىز ئەلى ئۆزى بىر تىرىك دەرسلىككەن. لىكسىيەسۆزلىمىسىمۇ ئۇنىڭ كەچمىشلىرىنىڭ ئۆزى بىرلىكسىيە، ياشلارنى رىغبەتلەندۈرمىسىمۇ، بىلىم ئۈگۈنۈش جەريانىدىكى تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىش روھى ئۆزى بىر ياخشىرى غبەتلەندۈرۈش بولالايدىكەن. ئۇ ئىشەنچ ۋە تىرىشچانلىق توغرىسىدا ئارتۇق نەزەرىيەسۆزلىمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ يېتىلىش جەريانى ۋە نەتىجىسى بىلەنلا، ناچار ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولۇپمۇ ياخشى ياشاش مۇھىتىنى ياراتقىنى بولىدىغانلىقىنى، ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈپمۇ مەلۇم كەسپتە كۆزگەكۆرۈنگىنى بولىدىغانلىقىنى، تىرشسىلا باشقا تىللارنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە راۋان سۆزلىگىنى بولىدىغانلىقىنى ياشلىرىمىزغاتولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىكەن. بۇ نۇقتىلارغا ھىچكىممۇ كۆز يۇممايدۇ ھەم يۇمۇشنىمۇخالىمايدۇ. لېكىن بۇ ئۇنىڭ بەزى ئىدىيەرىمىزدىن ئۆتمىگەن قاراشلىرىغا سۈكۈت قىلىش زۆرىرىيىتىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. بۇندىن خېلى يىللار بۇرۇن بىزنىڭ غۇلجىدا بىر ياش ناخشىچى تونۇلۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاجايىپ سېھرىگە ئىگە ئىدى. بىراق ئۇدەسلەپتە تەجرىبىسىزلىگىدىنمۇ ناخشىنى ھەرمۇقامگە توۋلاپ، ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئېيتىشقا باشلىدى. ئاخىرى ناخشاساھەسىدىكى چوڭلار مەخسۇس مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ مەشرەپتە ئۇنىڭغا قېلىپلاشقان ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭى ۋە تېكىستى، ئېيتىلىش تەرتىۋىنى خالىغانچە بۇزۇشقابولمايدىغانلىقىنى، خەلقىمىزنىڭ بۇ ناخشىلارنى كۆز قارچۇقىدەك ئاسراپ ئۇلارغايەتكۈزىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇزۇش ئەمەس شۇ ئاساستا مۇكەممەللەشتۈرۈش كىرەكلىگىنى ئېيتىپتۇ. كەمتەر بۇ ياش كېيىنچە خەلق ناخشىلىرىنى قېتىقىنىپ ئۈگۈنۈپ داڭلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەگەر چوڭلار قېنى توۋلاپ باقمامدۇ ،ئۆزى بىر كۈنى بىلىپ قالار دىگەن بولسا ، ئۇ ئۆزنى بىلگۈچە خەلق نەزىرىدىن يىقىلىپ،ئادەتتىكى كوچا ناخشىچىسى بولۇپ يۈرىۋىرەتتى. شۇڭا سۆزلەيلى ۋە ئۇستازلارنى سۆزلىگىلى قويايلى، يېڭى شەيئىلەرنى ئەركىلىتىش ئەمەس بەلكى پەرۋىش قىلىشنى ئاساس قىلغان ئىلىمدارلىرىمىزنى ھەسەتخولوقتا ئەيىپلىمەيلى. |