مەن بۇ ماقالەمنى مائارىپ سېپىدە ئۈزلۈكسىز ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان ھەم مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان پىسخولوگىيە دوكتۇرى زىۋىدە ئابدېكىرىم بىلەن مەخپىرەت كەنجىگە بېغىشلايمەن!
شاڭخەيگە باغلانغان گۈزەل ئۇچرىشىش
زىۋىدە مۇئەللىم توغرىسىدا نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغان بولساممۇ تۇنجى قېتىم بۇ گۈزەل خانىم بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىم 2010-يىلى، شاڭخەي شەرقىي جوڭگو پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ يان ئىشىكى يېنىغا ئىچىلغان مەمەت ئاشخانىسىدا. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇچرىشىش ھەم تەس ھەم بەك كېچىكىپ بولۇندى،چۈنكى ئۇ چاغ مېنىڭ ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنجى يىللىقىم، ئالدىراش پىراكتىكا قىلىۋاتقان ۋاقتىم ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە زىۋىدە مۇئەللىممۇ دوكتۇرلۇق ھاياتىنى دەسلەپ باشلىغان، ئۆگىنىش ھەم تۇرمۇش مۇھىتىغا ئەمدى كۆنۈۋاتقان ۋاقتى ئىدى. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش شەرقىي جوڭگو پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى پىسخولوگىيە كەسپى كونا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زىۋىدە مۇئەللىمنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىغانلىقىنى مۇبارەكلەش ھەم قارشى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان يىغىلىش ئىدى. ئۇ چاغ كۈز ئايلىرى،شاڭخەينىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان پەسىللىرىنىڭ بىرى، زىۋىدە مۇئەللىم تولىمۇ يارىشىملىق ھەم ئىنتايىن ئىلمىي ياسانغان،چىرايىدىن كۈلكە يۈگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ تۇنجى بەرگەن تەسىرى تا ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ،چۈنكى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر پىسخولوگىيە دوكتۇرى قانداق بولىدىغاندۇ دىگەن سوئال مېنىڭ كاللامنى چىرمىۋالغان ئىدى. لېكىن مېنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالغىنى ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن كۆرۈشۈش سوۋغىسى بولدى. ئۇ شۇنچىلىك يېقىملىق ھالدا: «بولسا سىلەرگە ياخشىراق نەرسە سوۋغا قىلسام بولاتتى،ئويلاپ ئويلاپ سىلەرگە ئۆزۈم يازغان كىتابنى سوۋغا قىلىشىنى لايىق كۆردۈم. سىلەردەك ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئالغان سىتودىنتلار چوقۇم كىتابىمنى نۇرغۇن تەكلىپ ۋە تەنقىدى پىكىرلەرنى بەرگەچ ئوقۇيسىلەر، كۆرۈپ بولۇپ ئورتاقلاشساق دىگەن ئۈمىدتىمەن!»دىدى. زىۋىدە خانىم ئۆز قولى بىلەن سوۋغا قىلغان شۇ كىتاب تا ھازىرغىچە بار، بولسا مەنمۇ زىۋىدە خانىمدەك دوكتۇرلۇققىچە ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ كىتابىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلسام دىگەن ئارزۇدىمەن!
شاڭخەينىڭ ۋاقتى ماڭا بەكلا ئالاھىدە تۇيۇلىدۇ. بەزىدە شاڭخەينىڭ بىر كۈنىنى ھەقىقەتەن 24 سائەتمىدۇ دەپ گۇمانلىنىپمۇ قالىمەن. مۇشۇنداق ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ۋاقىتمۇ كېلىپ قالدى،مەن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋان ئېلىش دىسسىرتاتسىيەمنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ شاڭخەيدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنلەرنى ئالاھىدە مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مەكتىپىمىز مائارىپ ئېنىستىتۇتى دوكتۇرلىرىنىڭ دىسسىرتاتسىيىسىگە ئاڭلىغۇچى بولۇپ قاتناشتىم. شۇ دوكتۇرلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى جىياۋ جىيەنمىي خانىممۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ ماقالىسى شىىنجاڭدىكى قوش تىل مائارىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ دىسسىىرتاسىيەسىنى ئوڭۇشلۇق تۈگەتكەندىن كېيىن بىر نەچچە ئۇيغۇر سىتودىنتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ماقالىسى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئىچكىرلىگەن تەكلىپ بېرىشىنى سورىدى. بىز ماقۇل بولدۇق،ماقالىسىىنى ئېلخەت ئارقىلىق تاپشۇرۇپمۇ ئالدۇق. پىكىرلىشىش كۈنى يېتىپ كەلدى،زىۋىدە خانىم،ئىككى ئاسپىرانت ۋە مەن تۆتىمىز لىۋا دەرياسى بويىغا جايلاشقان كونا ياتاق بىناسىغا كەلدۇق. بىلمىدىم،مەن كونىلىقىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەممۇ،مەكتەپتىكى قانچىكى كونا نەرسە ماڭا شۇنچە يېقىملىق كۆرۈنىدۇ. بىز جىياۋ جىيەنمىي خانىمنىڭ ياتىقىغا كىرىپ سۆھبەتنى باشلىۋەتتۇق.جىياۋجىيەنمىي خانىم خاتىرە ۋە قەلەم ئېلىپ خاتىرلەشكە باشلىدى. ھەي،ئۇندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەھۋالنى دىيىشكە يۈزۈم قىزىرىدۇ،تىلىم كۆيىدۇ،يۈرىكىم ئېتىشىدۇ. مەن ۋە ئىككى ئاسپىرانت ئۆزىمىزنىڭ ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇمىغانلىقىنى،بۇھەقتە چوڭقۇر ئويلانمىغانلىقىمىزنى چاندۇرۇپ ماقالىدە ئاللىقاچان تەھلىل ۋە ئانالىز قىلىنىپ بولغان مەسلىلەرنى سۆزلەپ ئولتۇرۇپتۇق،قولىمىزدا قەلەم،قەغەز دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق. ئەمما پىسخولوگىيە دوكتۇرى زىۋىدە ئابدېكىرىم سومكىسىدىن بىر كىچىك خاتىرىسىنى ئېلىپ ۋاراقلاپ ماقالىدە كۆرۈلگەن نۇقسان،بايقىغان مەسىلە،تەپەككۇر قىلىپ جاۋاب تاپالمىغان سوئاللارنى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويغىلى تۇردى. مەن ئاناردەك قىزارغان چىرايىمنى شۇنچە ئېلىپ قاچاي دەپمۇ ئېلىپ قاچالمىدىم. ئۇنىڭ بىلەن جىياۋجىيەنمىي خانىم ئاللىقاچان ئىلمىي تەتقىقات دۇنياسىغا غەرق بولغان،ئەتراپىدىكى بىزلەرنى،كونا ياتاق بىناسىنى،شاڭخەينى ھەتتا دۇنيانى ئۇنتۇغان ئىدى. ئۇلارنىڭ،بولۇپمۇ زىۋىدە خانىمنىڭ دوكتۇرلارغا خاس تەپەككۈرلىرى،بىلىم ئىگىلىرىگە خاس ئىنچىكىلىكى،زىيالىلارغا خاس ئۆتكۈر پىكىرلىكلىكى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى ئاشۇرۇپلا قالماي ئۆزۈمنىڭ يەنە نۇرغۇن تەرەپلەردە تېرىشىشىم ھەم توختىماي ئىزدىنىشمنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلدۇردى. مەن شاڭخەينى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى مەن ناھايىتى ئىلمىي بولغان پەن-مەدەنىيەت بىلىم باغچىسىدا زىۋىدە خانىمدەك كەسپىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيىدىغان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىدىغان بىلىم ئىگىسى بىلەن تونۇشتۇم!
ئاخىردا زىۋىدە مۇئەللىمنىڭ دوكتۇرلۇقنى غەلبىلىك تاماملىغانلىقىنى،بېيىجىڭ ئونۋېرسىتىتىدىكى بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدىكى تەتقىقاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە دۆلەتلىك پىسىخىك مەسلىھەت ئىمتىھانىنى ئۇيغۇر تىلىدا بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا قوشقان تۆھپىسىگە كۆپ تەشەككۈرلەر ئېيتىمەن،تېنىڭىز سالامەت بولسۇن،ئۇيغۇر مىللىتى پىسخولوگىيەسى ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشۇشىڭىزغا تەلەكداشمەن!
مەسئولىيەتچانلىق
ئەسلىسەم، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرىسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،بىيجىڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتېتى پىسخولوگىيە كەسپى دوكتۇرى مەخپىرەت كەنجى مۇئەللىم بىلەن تۇنجى يۈز كۆرۈشۈشۈممۇ يەنە شۇ ئاشخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ 2012-يىلى 1-ئاي بولۇپ دۆلەتلىك پىسخىك مەسلىھەت يىتەكچىسى ئىمتىھان ماتىرىيالىنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ ئەڭ ئاخىردا تەرجىمىگە قاتناشقۇچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ تەرجىمە جەريانىدا كۆرۈلگەن مۇجمەللىكنى تۈگىتىش ۋە ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلغان يىغىلىش ئىدى. بىز ئىتتىپاق يولىغا جايلاشقان شاھ ئوردا تائاملار سارىيىدا بۇ سۆھبەتنى ئېلىپ باردۇق. شۇ ۋاقىتتا بوي پاكار،چېھرىدىن مىھرىبانلىق چاقناپ تۇرىدىغان ئىنتايىن مۇلايىم بىر ئايال كىرىپ كەلدى. ئايشەم ئەھمەت مۇئەللىم بۇ مۇئەللىمنى پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەخپىرەت مۇئەللىم دەپ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ بۈگۈنكى مۇزاكىرىنى ئالدى بىلەن مەخپىرەت مۇئەللىم مەسئول بولۇپ تەرجىمە قىلغان ئاساسىي پىسخولوگىيە قىسمىدىكى كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىشتىن باشلاشنى ئورۇنلاشتۇردى. مەخپىرەت مۇئەللىم ئىنتايىن ئىنچىكە،ئەستايىدىل بولۇپ ھەربىرىمىزنىڭ مەسىلىسى ۋە سورىغان سوئالىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئىلمىي ۋە كەسپىي ھالدا جاۋاب بەردى.بۇ جەرياندا ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغىنى ئۇنىڭ كىچىك پېئىللىقى ۋە مەسئولىيەتچانلىقى بولدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن مەخپىرەت مۇئەللىمنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ كەسىپ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ ئەمما بېيجىڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ دوكتۇرى ئىكەنلىكىنى،دۆلەت دەرىجىلىك تېما تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىىنى ھەقىقەتەن بىلمەيدىكەنمەن،مەخىپىرەت خانىمنىڭ ماتىرىياللىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن بۇلارنى بىلدىم. باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن يازغان پۈتتۈرۈش ماقالەمدە ئەسلى ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ پايدىلانما قىلىپ ئىشلىتىپتىكەنمەن،ئەگەر شۇ چاغدا ئەستايىدىل بولۇپ مەخپىرەت خانىم بىلەن ئالاقىلىشىپ،تونۇشۇپ كۆپرەك بىلىم ئالغان بولسام بەلكىم ھاياتىمدىكى چوڭ بايلىق بولۇپ قالاتتىكەن،بۇ بايلىقنى بىريىل كېچىكىپ بايقىغىنىمدىن تولىمۇ ئۆكۈنۈش ھېس قىلىمەن.
ئاتا-ئانام ماڭا بىلىملىك كىشىلەردىن ئۈگەن،ھەقىقىي بىلىملىك كىشىنى كۆرسەڭ پېشىنى تۇتۇپ قويۇپ بەرمە دەپ نەسىھەت قىلاتتى.شۇنداق بولغاچقىمۇ بۇ ئىنچىكە،مەسئولىيەتچان ۋە بىلىملىك تىرىشچان خانىمنى كۆرگەندە ئاتا-ئانامنىڭ شۇ گېپى ئېسىمگە كېلىپ زادى قويۋەتكۈم كەلمىدى. مېنى خوشال قىلىدىغىنى خىزمەت قىلغاچ ئاسپىراتنلىقىنى ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا مەخپىرەت خانىم مېنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان مەلۇم ئونىۋېرسال لوغەتنىڭ پىسخولوگىيە قىسمىنىڭ ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا يارادەملىشىشكە تەكلىپ قىلدى. مەن جان دىل بىلەن قۇبۇل قىلدىم،لېكىن ۋەزىپىنى ئورۇنلاش جەريانىدا بۇ ئەستايىدىل،تەلەپچان،مەسئولىيەتچان پىسخولوگىيە دوكتۇرىنى رازى قىلىش ماڭا بەكمۇ ئېغىر توختىدى،بەلكىم بۇ خىزمەتنى بەكلا بېسىم قىلىۋالغاندىمەن.مەخپىرەت مۇئەللىمنىڭ كەسىپكە بولغان تەلەپچانلىقى لېكىن تۇرمۇشتىكى مۇلايىملىقى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. مەن يەنە شۇنى ھېس قىلدىم، ئادەم يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ ئېلىم-پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگىلا ئەمەس ئادىمىيلىكنىڭمۇ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشى زۆرۈر ئىكەن.
ئاخىردا پىسخولوگىيە دوكتۇرى مەخپىرەت كەنجى خانىمنىڭ ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىلمىي پىسخولوگىيە ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىپ ئۇيغۇر پىسخولوگىيەسىنىڭ نۇرلۇق چولپانىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن!
|