قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 838|ئىنكاس: 3

جابىر ئىبن ھەيياننىڭ ئاتوم ۋە ‹‹تۈپ بۇۋاق›› نەزەرىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

789

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33071
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 14:57:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنسىكلوپېدىك ئالىم جابىر ئىبن ھەيياننىڭ ئاتوم ۋە ‹‹تۈپ بۇۋاق›› نەزەرىيەسى
يۈسۈپجان ياسىن
  
     مەلۇمكى، ئاتوم بومبىسى ۋە  سۈنئىي  ئۇسۇلدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش تېخنىكىسى 20 – ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن ئەڭ  زور كەشپىياتلاردۇر. لېكىن بۇ ئىككى تېخنىكىنىڭ بۇنىڭدىن 1200 يىل بۇرۇن ياشىغان ئالىم جابىر ئىبن ھەييان تەرىپىدىن ئاللىقاچان تەسەۋۋۇر قىلىنغانلىقى بۈگۈنگىچە غەربتە يېزىلغان پەن-تېخنىكا تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردە ئومۇمەن تىلغا ئېلىنماي كەلدى. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، يەر يۈزىدە ئىنسانلار تۈرلۈك ئىرقلارغا ۋە ھەر خىل مىللەت تۈركۈمىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، يەنە كېلىپ بۇ مىللەتلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئەھۋالدىمۇ ئەينى بىر مەقسەت يولىدا بىر - بىرىگە ئوخشاش تەسەۋۋۇر قىلىدىغان زېھنىي ئىقتىدارغا ئىگىدۇر.  شۇڭا ، مەلۇم بىر چۈشەنچە ياكى نەزەرىيەنى ياكى مەلۇم بىر مەدەنىيەت ئامىلىنى بىرلا  مەدەنىيەت مەركىزىدىن باشقا جايلارغا قاراپ تارالغان دېيىش ھەم ئىشەنچىسىز ھەم زەئىپ بىر قاراشتۇر. يەنە كېلىپ يېقىنقى دەۋرلەردىن باشلاپ ئەۋج ئالغان ئىلىمگە مىللىي، دىنىي ۋە سىياسىي خائىشلار بىلەن نەزەر تاشلاش خائىشىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ ھەقىقىي ۋە بىتەرەپ ھالەتتە يېزىلىشىغا توسقۇن بولۇپ كەلدى. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ غەربلىكلەر ئىمپېرىيالىزملىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سىياسىي ئىزچىللىقىنى ساقلاش ئۈچۈن بېسىۋېلىنغان مىللەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى سىڭدۇرىدىغان تۈرلۈك ۋاسىتىلارنى قوللاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغىنى مەدەنىيەت ساھەسى ئىدى. بۇ مەقسەت يولىدا ئۇلار ‹‹ھەر نەرسە غەربتە مەۋجۇت، ھەر قانداق بۈيۈك شەخس، ئالىم ۋە كەشپىياتچىلار غەربتىن چىققان›› دېگەن شۇئارنى سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ئۈستۈنلىكىگە، مەتبۇئات ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ بېسىۋېلىنغان رايونلاردا كۈچەپ تارقاتتى. غەربتە مەيدانغا چىققان نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلارمۇ غەرب بىلەن شەرقنى پەرقلىق ۋە زىددىيەتلىك ماھىيەتتە تەتقىق قىلدى. ئۇلار ‹‹غەرپ قەدىمكى يۇناندىن مىراس قالغان ئىزچىل تەتقىقات، ئەقىدە ۋە مەنپەئەت كۈرىشىنى ئۆزى ئۈچۈن پىكرىي(ئىدىيىۋىي) ھاياتنىڭ مەنبەسى قىلغان، تەقدىردىن بەكرەك ئەقىلگە ۋە بىلىمگە ئىشىنىدىغان، تەبىئەتنى ئىنسانغا بېقىندا قىلىش ئىستىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بىر ئاكتىپ دۇنيادۇر، شەرق بولسا ھوزۇر ۋە پاراغەتتىن لەززەتلىنىدىغان، نازارەتچى، جاھىل، ئەشەددىي دىندار، ئاڭسىز، مەۋجۇت ھاياتقا ئۆتكۈنچى نەزەر بىلەن قارايدىغان، بۈگۈنكى كۈنىنى پەقەت ئۆتمۈشكە باغلاپ چۈشىنىدىغان، تەقدىرگە ئىشىنىدىغان، تەبىئەتنى ئۆز مەيلىگە تاشلىۋەتكەن پاسسىپ بىر دۇنيادۇر›› دېيىش ئارقىلىق، شەرقنى ئەقىلگە، ئىلىمگە ۋە ئىزدىنىشكە ئېتىبار بەرمەيدىغان دۇنيا دەپ سۈرەتلەش بىلەن بىرلىكتە، شەرقنىڭ ئىلىم – پەن تارىخىغىمۇ  سەل قارايدىغان  پوزىتسىيەدە بولغان. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 8-13- ئەسىرلەردە باغدادنى مەركەز قىلغان ھالدا مەيدانغا كەلگەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرىنىڭ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىمۇ تازا توغرا ۋە تولۇق يورىتىلمىدى. مەسىلەن، رەسمىي ئىلمىي ئورگانلار تەرىپىدىن يېزىلغان پەن- تېخنىكا تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردە، ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرىدە ئېينىشتېىن نىسبىيلىك نەزەرىيەسىنى ياراتقان بىر فىزىك سۈپىتىدە ھەيرانلىق بىلەن تىلغا ئېلىنغاندا،  ئۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇن نىسبىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان فىزىك كىندى(796-866) تىلغا ئېلىنمايدۇ. بىئولوگىيە پىنىدە لامارىك(1744-1829) بىلەن دارۋىن(1890-1882) تەدىرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ ئىجادچىسى دەپ تەكىتلىنىدۇ، بىراق بۇلاردىن كۆپ ئەسىر بۇرۇن نەززام(?-845)، جاھىز(769-866)، بىرۇنى(973-1051)، ئىبن مىسكەۋەيخ(940-1030) ۋە كازۋىنى (1203-1283) قاتارلىقلارنىڭ تەدىرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ياراتقانلىقىدىن سۆز ئېچىلمايدۇ. كولومبو (1451-1506)نىڭ ئىلمىي مەقسەتتىن خالىي ھالدا تاسادىپىي پۇرسەتتە ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ قالغانلىقىنى ‹‹يېڭى بىر قىتئەنى بايقاش›› دەپ تەرىپلىگەندە،  11- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىرۇنىنىڭ سىزغان دۇنيا خەرىتىسىدە ئامېرىكا قۇرۇغلۇقىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن سۆز ئېچىلغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىلمەيدۇ. يەنە نيۇتون(1643-1727)نىڭ يەرنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىيىتىنى بايقىغانلىقى كۈچەپ تەرغىپ قىلىنىدۇ، لېكىن بىرۇنىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئاشۇ قانۇنىيەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئائىت تەتقىقاتلار بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمايدۇ. شۇنىڭدەك، 20- ئەسىردە ئاتوم بومبىسى ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش زور بىر كەشپىيات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتتا بۇنىڭدىن  1200 يىل بۇرۇن جابىر ئىبن ھەيياننىڭ مۇشۇنداق بىر  نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن سۆز ئېچىلمىدى. بۇ نەزەرىيە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئېنىق يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ پەن تارىخىدىكى زور بىر بايقاش ئىكەنلىكى ئىلمىي ئەسەرلەردە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىلدى.  شۇڭا، ئىنسانىيەتنىڭ پەن تارىخىدىن سۆز ئاچقاندا، ھەر قانداق بىر ئىلىم ئىگىسى ھەم ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا، ھەم ئىنسانىيەتكە  ھەمدە ئىلىمگە يۈز كېلەلەيدىغان بىر مەۋقەدە تۇرۇپ بايان قىلىشى ئىلىمدىكى ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپ سۈپىتىدە تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جابىر ئىبن ھەييان ۋە باشقا بىر مۇنچە ئالىملارنىڭ كۆمۈلۈپ قالغان ئىلمىي نەتىجىلىرىنى قېزىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىلمىي ئوبرازىنى تىكلەش دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تېمىلاردۇر.
      جابىر ئىبن ھەيياننىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ مۇسا بىن ھەييان ئەل – ئەزدەئىل-كۇفى ئەبۇ ئابدۇللاھ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىسلام دۇنياسىدا ‹‹ئەل –ھەررانى››، ‹‹ئەل – تۇسۇ››، غەربتە بولسا ‹‹گەبىر›› دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇر بولغان بىر خىمىيە ئالىمىدۇر. جابىر ئىبن ھەيياننىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بەزىلەر ئۇنى تۈرك دېسە، بەزىلەر ئەرەب دەپ قارايدۇ، يەنە پارس دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. 721- يىلى خۇراساندىكى تۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە بىر دورىگەرنىڭ ئوغلى بولغان جابىرنىڭ ھاياتى ھەققىدىمۇ كۆپ مەلۇمات يوق. ھاياتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى تۇس شەھرىدە ئۆتكەن ۋە  باشلانغۇچ ئوقۇش ھاياتىنىمۇ مۇشۇ شەھەردە باشلىغان. كېيىن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن كۇفە شەھرىگە كەلگەن ۋە ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇشۇ ئىلىم مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن. ئاخىرىدا باغدادقا بارغان، ئۇ يەردە  ھارۇن رەشىدنىڭ سارىيىدا  ۋەزىر ياھيا بىن خالىد ئەل - بەرمەكىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، شۆھرەتلىك بىر ئالىمغا ئايلانغان. بەرمەكى ئائىلىسىگە زەربە بېرىلگەندىن كېيىن جابىر ئىبن ھەييانمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. جابىر ئىبن ھەييان كۇفەدە ئەلەمدىن ئۆتكەن. لېكىن، قاچان ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ مەلۇماتلارنىڭ بىرىسىدە ئۇنىڭ 808-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى تىلغا ئېلىنسا، يەنە بىرىسىدە 815- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن دېيىلىدۇ. جابىر ئەينى دەۋرنىڭ شارائىتىغا يارىشا پەن بىلىملىرىنى ئىسلام ئىلىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆگەنگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ تەتقىق قىلغان ساھەلىرىمۇ دىن بىلىملىرى بىلەن بىرلىكتە تېبابەت، پەلسەپە، پېداگوگىكا، لوگىكا، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، خىمىيە، فىزىكا، مېتاللورگىيە، بىئولوگىيە، زوئولوگىيە، بوتانېكا ۋە مۇزىكا قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
      776  - يىلىدىن باشلاپ ئاۋۋال تېبابەت ۋە كىمياگەرلىك(سېھرىگەرلىك، مېتاللارنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش ھۈنىرى)   ساھەسىدە تونۇلۇشقا باشلىغان ۋە بىر مەزگىل ھەرراندا باش مۇدەررىس بولغان جابىر ئىبن ھەييان كېيىنچە پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە داڭق چىقارغاچقا، ئۇنىڭ نامىغا بېغىشلاپ يېزىلغان كىتابلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولدى. شۇڭا، ھازىرغا قەدەر جابىرنىڭ ئۆزى يازغان ئەسەرلەرنىڭ سانىنى تولۇق ئېنىقلاش قىيىنغا توختىغاچغا، ئۇنىڭ زادى قانچىلىك ئەسەر يازغانلىقىنى ھەققىدە كەسكىنىك بىلەن بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. گېرمان شەرقشۇناسى پ. كرائۇس كۇللىيات دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئەسەرلەر ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يېزىلغان دەۋرى ھەققىدە : ‹‹ئىسلامىيەت نەقىل كەلتۈرىدىغان قەدىمكى ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كەڭ دائىرىلىك ئەسەرلەر يالغۇز بىرلا مۇئەللىپنىڭ ئەسىرى ئەمەس.  7-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا مەنسۇپ بولۇشىمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بىر - بىرىگە  ئۇيغۇن كەلگەن پۈتۈن ۋەقەلەر كۇللىياتنىڭ 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ›› دەيدۇ. بۇنىڭدىن كۇللىياتتىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ئەسەرنىڭ جابىرنىڭ ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ئەرەبلەردىن چىققان شەرقشۇناس فىلپ ھىتتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، غەربتە ئاپتورى جابىر دەپ يېزىلغان 22 ئەسەرنىڭ نامى مەلۇم بولغان. بۇلاردىن ‹‹كىتابۇل رەھمە››، ‹‹كىتابۇت تەجمى›› ۋە ‹‹ئەززى ھەقۇس شەرقى›› قاتارلىق بەش ئەسىرى 12 – ئەسىردە ياۋروپادا نەشر قىلىنغان. بۇ بەش ئەسەر ھەم شەرقتە ھەم غەربتە ناھايىتى مەشھۇر بولغان ئەسەرلەردۇر. ئۇنىڭ يەنە بەزى ئەسەرلىرى 1473- 1710- يىللار ئارىسىدا نۇرنبېرگ، فرانكۇفورت ۋە سىترازبۇرگدا لاتىن ۋە گېرمان تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان.
      ئېنسىكلوپېدىك ئالىم جابىر ئىبن ھەيياننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى خىمىيە ساھەسىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغان ۋە ئەسلى شۆھرىتىنى چىقارغىنىمۇ دەل مۇشۇ ساھەدۇر.  ئۇ ئەينى دەۋرلەردە كەڭ يېيىلغان كىمياگەرلىكنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى  خىمىيەدىن ئىبارەت يېڭى بىر پەنگە ئايلاندۇرغان تەجىرىبە ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان. جابىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئەرەب زىمىنىدا كىمياگەرلىك ئىككى يول بىلەن تەرەققىي قىلغان. بىرى، يىلتىزى جافەر سادىققا قەدەر تاقىلىدىغان ھەمدە بىرمۇنچە ئالىم ۋە تەسەۋۋۇپچىلار ۋەكىللىك قىلغان، ھەقىقىي مەنىسى بويىچە ‹‹روھى خىمىيە›› ياكى سىمىيا(كىمياگەرلىك)  دەپ ئاتالغان، مېتاللارنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى ماھارەتتۇر. يەنە بىرى، بۈگۈنكى زامانىۋىي مەنىدىكى خىمىيەدۇر. بىرىنچى ئېقىمنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا مەدەنلەر، مېنېراللار ياكى باشقا ماددىلارنى خىمىيەلىك تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى بويىچە تەھلىل قىلماي، بەلكى ھەر نەرسىدە روھنىڭ بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، روھ بىلەن خىمىيەلىك ئالاھىدىلىك ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقىنى، روھنىڭ تەربىيەسى بىلەن مەدەن ياكى باشقا ماددىلارنىڭ فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك تۈزۈلۈشىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر قانداق ماددىنىڭ ماھىيىتى بىر بولغانلىقى ئۈچۈن مەدەنلەرنىڭ تۈرلۈك روھىي ۋە خىمىيەلىك پائالىيەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بىر - بىرىگە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جابىر ئىبن ھەييان دەسلەپتە بۇ ئېقىمنى قوبۇل قىلغان ۋە شۇ ساھەدە كۆپ  تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئىزدىنىش ۋە تەجىرىبە ئەمەلىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشى بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ خاس مېتودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەجرىبە، ئانالىز ۋە ماتېماتىكىغا تايانغان ھەقىقىي خىمىيە ئىلمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەنىدى.
     ئۇ خىمىيە پىنىنى شەكىللەندۈرۈشتە ھەم نەزەرىيىگە ھەم تەجىرىبىگە تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن. پەننىڭ ھەر تۈرلۈك نەزەرىيىۋىي پىكىرىلىرىنى ‹‹مىزان›› ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادە قىلغان جابىر خىمىيەنى بىر تەجىرىبە پىنى دەپ تەرىپلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، تەجىرىگە تايانمىغان خىمىيەلىك بىلىملەر ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەقىقەت ھېساپلانمايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە: ‹‹خىمىيەدىكى تۇنجى مۇھىم نەرسە سېنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە تەجىرىبىۋىي سىناقلارنى ئېلىپ بېرىشىڭدۇر. ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمىغان ۋە تەجىرىبىگە ئورۇن بەرمىگەن كىشى خىمىيەدە ئەڭ ئۇستادلىق دەرىجىسىگە ئۇلىشالمايدۇ. بىراق، ئەي ئوغۇل سەن تەجىرىبە قىلساڭ ھەقىقىي بىلىمگە ئىرىشىسەن. ئىلىم ئىگىلىرى ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپلىكىدىن زوقلانماي، پەقەت تەجىرىبە ۋە سىناق مېتودلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىدىن سۆيىنىدۇ›› دېگەنىدى ۋە ئۆزى لابوراتورىيە قۇرۇپ شۇ ئورۇندا تەتقىقات ۋە ئەمەلىي تەجىرىبە بىلەن شۇغۇللانغان. دېمەك، جابىر ئىبن ھەييان يەنە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ خىمىيە لابوراتورىيەسىنى قۇرغان ئالىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزى قۇرغان ئاشۇ تەجىرىبەخانىدا تۇنجى بولۇپ سۇنئىي ھۈجەيرە ياسىغان. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ ئىككى ئەسىردىن  كېيىن كۇفەنىڭ شام دەرۋازىسىغا يېقىن يەردىكى بىر يول قايتا ياسالغان چاغدا ئۇ قۇرغان لوبوراتورىيەنىڭ خارابىسى بايقالغان. جابىر تەجىرىبە ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىم  ۋە پىرىنسىپلارنى  قەتئىي ۋە ئۆزگەرمەس، دەپ قارىغان ئەمەس، ئەكسىچە ھازىرقى زاماندىكى پەن تەتقىقاتىدىكىگە ئوخشاش بۇنىڭ قىياسىي ۋە ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مېتودىنىڭ ئاساسىنى ‹‹مۇنتىزىم دەلىل ۋە ساغلام تەجىرىبە›› تەشكىل قىلغانىدى. ئۇ  خىيال ۋە قۇرۇق پەرەز بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزمەي، بەلكى ھەقىقىي مەنىدىكى بىر ئىلمىي تەتقىقاتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەندە يېڭى بىر يول ئاچقانىدى.
      جابىر خىمىيەلىك ماددىلارنى ئۇچۇچان (پارغا ياكى گازغا ئايلىنىدىغان) ماددىلار، ئۇچۇچان بولمىغان ماددىلار، كۆيمەيدىغان ماددىلار ۋە مەدەنلەردىن ئىبارەت تۆت تۈرگە ئايرىغان. بۇ  تۈرلەرگە مەنسۇپ بولغان ۋە شۇ دەۋرگە قەدەر  مەۋجۇتلىقى مەلۇم بولغان خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ خىمىيەۋى خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشەندۈرگەن. جابىر  بۇ نەتىجىسى ئارقىلىق خىمىيە پىنىدە تۇنجى قېتىم تۈرگە ئايرىش(تەسنىف) ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گۈڭگۈرت بىلەن سىمابنى ئارىلاشتۇرغاندا قىزىل رەڭلىق بىر تاشنىڭ (zencefre)نىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. جابىرنىڭ گۈڭگۈرت ۋە سىماپ پىرىنسىپى خىمىيە پىنىدە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت قوللىنىلغان. بۇ يەردە گۈڭگۈرت كۆيۈش پىرىنسىپى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. بۇ پىرىنسىپ 18- ئەسىردە فلوژىستون نەزەرىيىسى بارلىققا كەلگەن دەۋرگىچە داۋام قىلغان. فلوژىستون نەزەرىيىسىنىڭمۇ يەنە جابىرنىڭ ئاشۇ پىرىنسىپىگە تايىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.      
     ئۇ خىمىيەدىكى ئىككى ئاساسىي پىرىنسىپ بولغان ئوكسىدلىنىش بىلەن ئوكسىدسىزلىنىش ئۇسۇلىنى دەلىللەپ، كرىستاللاشتۇرۇش، دىستىللەش، سۈزۈش، سۇبلىماتسىيەلەش، ئېرىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى تېخنىكىلىق بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، بۇنى خىمىيە تەجىرىبىسىدە كەڭ تەدبىقلىغان.  بۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك خىمىيەۋىي ۋە سانائەت بوياقلىرى ھەققىدىمۇ ساۋات بىرىپ،  چاچ بوياش، رەخت بوياش ۋە ئەينەك سىرلاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرغان. ئوتتا كۆيمەيدىغان قەغەز ئىجاد قىلغان. يەنە تۇنجى قېتىم تەجىرىبىدە قوللىنىلىدىغان تېمىتىش سايمىنىنى ياسىغان. مېتاللارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى، پولات قۇيۇش تېخنىكىسى، سۇ سىڭمەس رەختلەرنى بوياش تېخنىكىسى، ئەينەك ئىشلەشتە مانگان تۆت ئوكسىتنىڭ قوللىنىلىشى، مېتال سايمانلارنىڭ داتلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كرال سۈيى(تىللا سۈيى) ھاسىل قىلىش جەھەتتە بىرمۇنچە كەشپىياتلارنى ياراتقان. بۇنىڭدىن باشقا جابىر سۇلفات كېسلاتاسى ۋە ئازوت كېسلاتاسى قاتارلىق كېسلاتالىق بىرىكمىلەرنى، ناترىي كاربونات ۋە كالىينى، ئەڭ زەھەرلىك ماددا بولغان ئارسىن تۇزىنى بايقىغان. ئەسەرلىرىدە خىمىيەلىك بەلگىلەرنى قوللىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىش خۇسۇسىيىتىنى تونۇشتۇرغان. جابىر ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ تەھلىل ۋە تەجىرىبىلىرىنى ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە بايان قىلغان، ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنىمۇ ناھايىتى سەگەكلىك ۋە ئەستائىدىللىق  بىلەن تەرىپلىگەن. ئۇنىڭ  خىمىيە ئىلمىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ياراتقان ئاساسلىق تۆھپىسىنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بىرىنچى، جابىر بەزى مۇھىم خىمىيەۋى ماددىلارنىڭ تەركىبىنى ئېنىقلىغان. ئىككىنچى خىمىيەدە قوللىنىلىدىغان بەزى مېتودلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۈچىچى، تەجىرىبىدە ئىشلىتىلىدىغان بەزى سايمانلارنى ياساپ، بۇلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسەتكەن. جابىرنىڭ خىمىيە تەتقىقاتىنى چۈشىنىشتە مۇراجىئەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى ‹‹كىتابۇل كىمىيا››، ‹‹كىتابۇسسۈمۇم›› قاتارلىق  كىتاپلىرىدۇر.
       جابىر ئىبن ھەيياننىڭ خىمىيە ساھەسىدە ياراتقان ئەڭ چوڭ نەتىجىسى ئۇنىڭ ئاتوم ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئاتوم بومبىسىدەك ۋەيران قىلىش كۈچىگە ئىگە  كۈچلۈك بىر قورالنى ياساش مۈمكىنچىلىكىدىن بىشارەت بەرگەنلىكىدۇر. جابىر ماددىلارنىڭ ئاتوم تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئارگىنال ئېنىقلىمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىمىيەلىك رېئاكسىيەدە بەلگىلىك بىر مىقدارنىڭ يەنە بىر بەلگىلىك مىقدار بىلەن رېئاكسىيەلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ ئارقىلىق مۇقىم نىسبەت قانۇنىيىتىىگە يول ئاچقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالتۇن بىلەن كۆمۈشنىڭ رەڭگى ۋە ئېغىرلىقىدىن باشقا پەرقى يوق بولۇپ، بۇ ئىككى ئالاھىدىلىكنى يوقىتىش مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭ ئۇسۇلى بولسا ھەر ئىككى ماددىنى تەشكىل قىلغان ئاتومنى پارچىلاپ ئۇنىڭ ۋالىنتىنى ئۆزگەرتىشتۇر. بۇ قاراش  ھازىرقى زامان  خىمىيە پىنى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان بىر ھەقىقەتتۇر.  جابىرنىڭ ئاتوم قارىشى قەدەمكى يۇنان(گرېك) ئالىملرىنىڭ قارىشىدىن پەرقلىنەتتى. يۇنان ئاتوم نەزەرىيەسىدە ‹‹ئالەم بوشلۇقتىن، سانسىزلىغان چوڭ-كىچىك زەررىچىلەردىن مەيدانغا كەلگەن. بۇ زەررىچىلەر بۇزۇلمايدۇ، ئۆزگەرمەيدۇ، بۆلۈنمەيدۇ. بۇ زەررىچىلەر ئاتوم دەپ ئاتىلىدۇ...ئاتوم ماددىنىڭ شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكىنى پەرقلىق قىلغان ئۇل تېشىدۇر... ئاتوم يوقتىن بار بولمايدۇ، بارلىرى يوقالمايدۇ...›› دەپ قارالغان. يۇنان ئالىملىرى زەررىچىلەرنى پارچىلانمايدۇ دەپ قارىغاچقا، ئۇنى ‹‹پارچىلانماس›› دېگەن مەنىدە ‹‹ئاتوما››(ئاتوم) دېگەن سۆز بىلەن ئاتىغان. ھازىرقى زامان خىمىيەسىدە بولسا ئاتومنىڭ  سانسىزلىغان  پارچىغا بۆلىنىدىغانلىقى، ئاتومنىڭ ئېلىكترون دەپ ئاتالغان كىچىك زەررىچىلەردىن مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە بۇ  زەررىچىلەرنىڭ زىچلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئاتوم يادروسىنى چۆرىدەپ تېز ئايلىنىدىغانلىقى ئالغا سۈرىلىدۇ. جابىرنىڭ ئاتوم  قارىشى يۇنان ئالىملىرىنىڭكىدىن پەرقلەنگەن ھەم ھازىرقى زامان خىمىيە پېنىدىكى ئاتوم چۈشەنچىسى بىلەن بىرخىل بولغان ئىدى . ئۇ ئاتوم ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ‹‹ماددىنىڭ ئەڭ كىچىك پارچىسى بولغان ئاتومدا كۈچلۈك بىر ئېنىرگىيە بار. يۇنان ئالىملىرىنىڭ دېگىنىدەك بۇنى پارچىلانمايدۇ دېيىشكە بولمايدۇ. ئاتوممۇ پارچىلىنىدۇ. پارچىلانغاندا شۇنداق بىر كۈچ مەيدانغا كېلىدۇكى، بۇ كۈچ  باغداتنى بىردەمدە خارابىگە ئايلاندۇرىۋىتىدۇ›› دېمەك، جابىر ئىبن ھەييان ئاتوم ھەققىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە جون دالتون (1766-1844)، ئوتتۇ ھان(1779-1868)، ئېرنىك فېرمى(1901-1954) ۋە ئالبېرت ئېينىشتېئىن(1879-1955) قاتارلىق مەشھۇر ئالىملاردىن مىڭ يىللار بۇرۇن ئاتومنىڭ پارچىلىشى ۋە ئۇنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى ھەققىدە توغرا  قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 20- ئەسىرگە كەلگەندە بۇ قاراش ئەمەلگە ئېشىپ، ئاتوم بومبىسى بىرەر شەھەرنى بىردەمدىلا تۈزلىۋىتىدىغان كۈچلۈك بىر قورالغا ئايلاندى. شۇڭا، جابىرنىڭ ئاتوم ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى پەن تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن بىر تەۋرەنمەس بىر نەزەرىيە ۋە بۈيۈك بىر كەشپىيات دېيىشكە بولىدۇ. جابىر ئىبن ھەيياندىن كېيىن مۇتەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇپچى شائىر جالالىدىن رۇمى(1207-1273) بىلەن شائىر ۋە پەيلاسوپ ياھيا بىن پىر ئالى نەۋى(?-1598)مۇ   ئەسەرلىرىدە ئاتومنىڭ پارچىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئۆز پىكىرلىرىنى سىمۋوللۇق بىر سۆز بىلەن ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىگەن.  
      ئوپتىك قانۇنىيەتلىرىنىڭ بايقىلىشى ۋە مەرجەك نەزەرىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ  جابىر تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.   ئۇ  پېتىنقى ئەينەك ئارقىلىق قۇياش نۇرىنى بىر يەرگە يىغىپ يىراقتىكى ياغاچقا ئوت تۇتاشتۇرغان، يەنە شۇ ئۇسۇل بىلەن  بىر قاچا سۇنى قايناتقانىدى. بۇنىڭدىن جابىرنىڭ يەنە پەن تارىخىدا تۇنجى قېتىم قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىنىمۇ تەجرىبە قىلغان ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.  
     مەشھۇر ئالىم جابىر ئىبن ھەيياننىڭ پەن تارىخىدا ياراتقان ئەڭ زور كەشپىياتلىرىدىن بىرى پروبېركىدا بوۋاق يېتىلدۈرۈش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدۇر. جابىر بەزى ئەسەرلىرىدە ئىنساننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانلىقلار تۈرىنى سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن يارىتىلىدىغان بۇ جانلىقنى ئۇ ‹‹تەكەئىن›› دەپ ئاتىغان. جابىر ئەسەرلىرىدە يەنە جانلىقلارنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا قانداق يارىتىلىدىغانلىقىغا دائىر ئۇسۇل ۋە تەجىرىبىلەرنى چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن، ئىنساننىڭ ئىسپىرمىسىنى باشقا بىر مۇنچە ماددىلارغا ئارىلاشتۇرۇپ بىر ئەينەك پروبىركىغا قاچىلاپ، زۆرۈر ھەرىكەت ۋە شەرتلەرنى ئورۇندىغاندىن كېيىن تىرىك بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ قارىشى بىزگە بۈگۈنكى كۈندىكى ‹‹تۈپ بۇۋاق››(پروبىركىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش) تەجىرىبىسىنى ئەسلىتىدۇ. لېكىن، جابىرنىڭ مۇشۇنداق بىر تەجىرىبىنى ئىشلىگەن ياكى ئىشلىمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئەمما،  شۇ بىر نۇقتىنى  قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، شۇ دەۋردە جابىر ياشىغان جەمئىيەتنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى، ئومۇمىي پىكىر سەۋىيەسى ۋە تېئوكراتىك ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى  قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا جانلىق يارىتىش تەجرىبىسىگە يول قويۇشى ناتايىن ئىدى. پ. كرائۇس جابىرنىڭ  ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىقى خىمىيە، تېبابەت، ئاسترونومىيە، تېلېسمولوگىيە(سېھرىگەرلىك)، ماددىنىڭ خاس خۇسۇسىيەتلىرى نەزەرىيەسى ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا جانلىقلارنى يارىتىش تەتقىقاتىغا بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن جابىرنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا جانلىقلارنى يارىتىش تەتقىقاتى بىلەن كۆپ مەشغۇل بولغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. لېكىن، جابىر ئىجتىمائىي مۇھىتتىن كېلىدىغان قارشىلىقنى نەزەرگە ئېلىپ بۇ تەتقىقاتىنى پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىن داۋاملاشتۇرۇپ، تەجىرىبە قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇنداق نەزەرىيە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مىڭ يىل داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى ۋە تەجىرىبىمۇ قىلىنمىدى. پەقەت 20- ئەسىرنىڭ  60-يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن بۇ نەزەرىيە غەرب مېدىتسىناسىدا تەجىرىبە قىلىنىشقا باشلىدى. 1973- يىلى بەدەن سىرتىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش ئوڭۇشلۇق تاماملانغان بولسىمۇ، ھامىلەنى ئانىنىڭ بالاياتقۇسىغا كۆچۈرۈش تەجىرىبىسى مەغلۇپ بولغان. 1978- يىلى ئىيۇلدا ئەنگلىيەدە دوكتۇر ستېپتې بىلەن ئېدۋاردس تەرىپىدىن  پروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن تۇنجى بۇۋاق ‹‹لوئىس بروۋن›› دۇنياغا كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇقلاندۇرۇش ۋە ھورمۇن ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كۈچەيتىلدى. ‹‹تۈپ بۇۋاق›› يېتىلدۈرۈش ھەققىدىكى بىلىممۇ چوڭقۇرلىشىپ، تەدبىقلاش جەرىيانىمۇ كۆپ خىللاشتى. بولۇپمۇ پروبىركىدا يېتىشتۈرۈلگەن ھامىلىنى GIFT، ZIFT  ئۇسۇلى بىلەن ئانا تېنىگە كۆچۈرۈش تېخنىكىسى مۇھىم بىر باسقۇچقا كىردى. SUZI ۋە PZD تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇرۇق(سىپىرما) بىلەن تۇخۇمنى ئۇچراشتۇرۇش ئۇتۇقلۇق ئورۇندالماقتا. بولۇپمۇ 1996- يىلى مىكروئېنژىكسيون (İ       ئاخىرىدا جابىرنىڭ  ھازىرقى زامان خىمىيە ئىلمىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدىغان فرانسىيەلىك فىزىك ۋە خىمىك  لاۋوزىئېر(1743-1794) بىلەن بولغان باغلىنىشىمۇ ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر. بۇ مەسىلىدە ئەلۋەتتە جابىرنى يول ئاچقۇچى، لاۋوزىئېرنى ئۇنى داۋاملاشتۇرغۇچى دەپ قاراشقا بولىدۇ. لاۋوزىئېر 1789- يىلى ‹‹خىمىيە ئىلمىگە كىرىش›› دېگەن بىر ئەسەر يازغان. بۇ ئەسەردە يېڭىدىن بايقالغان بىرەر خىمىيەلىك ماددا ياكى خىمىيەگە ئائىت تېخى مەلۇم بولمىغان بىرەر يېڭى مەلۇمات يوق ئىدى. لاۋوزىئېرنىڭ بۇ ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويغىنى پەقەت ئۆزىدىن بۇرۇن ياشىغان خىمىيە ئالىملىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى سىستېمىلىق بىر شەكىلدە كۆرسەتكەنلىكى ۋە شۇ ۋاقىتقا قەدەر مەلۇم بولغان خىمىيەلىك ماددىلارنى ئاتاش ئۈچۈن يېڭى بىر سىستېمىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدۇر. دېمەك، جابىر ئىبن ھەييان لاۋوزىئېر ۋە ئۇنىڭ دەۋرداشلىرى ئۈچۈن بىر بىلىم غەزىنىسىنى مىراس قالدۇرغان. شۇ ۋەجىدىن، ئىلىم ساھەسىدىمۇ جابىرنىڭ ئاچقان يولىنىڭ لاۋوزىئېر ۋە پرىئېستلىي(1733-1804)نىڭ ئاچقان يولىدىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ھىچقانداق ئىختىلاپ يوق. فرانسىيەلىك ئالىم ماكس مايېرخافنىڭ ‹‹ياۋروپادا خىمىيەنىڭ تەرەققىياتى بىۋاسىتە جابىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلانغان›› دېگەن سۆزىمۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللەيدۇ.«ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى»نىڭ 2015 - يىلى 10- يانۋاردىكى سانى



66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13438
توردىكى ۋاقتى: 6619
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 16:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن ئۇچۇرلار بار ياخشى تېما ئىكەن.بەھىرلەندىم.تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

242

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33286
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 16:11:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى غەرىپ بىزدىن ئوغۇرلىۋالغان ئىكەندە ؟ بۇنداق بىر ئۇلۇغ ئالىمىمىزنىڭ بارلىقىنى پەقەتلا بۈلمەيدىكەنمەن ، تىما ئىگىسىگە رەھمەت ، مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ ، اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !

0

تېما

4

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 19:15:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە نيوتۇننىڭ ئۈمرىنىڭ ئاخرىدا ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دىگەن گەپ بىلەن مۇشۇ ماقالە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن نىمە ئۈچۈن دىگىنىمىزدە ئۇ ھەممىسى ئىنجىلدا دىيىلگەن گەپ دىگىنى بىلەن مۇشۇ ماقالىدىكى كىشى ئوخشاشلا يەنى ئاللانىڭ زىمىنغا چۈشۈرگەن   كىتابىنى  (قۇرئاننى) يېشىپ قويغاندەكلا قىلىدۇ . يەنى بۇلار فىزىكا ۋە خىمىيە بوينچە يەشكەندەكلا ئويلايمەن ........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )