كاشغەرلى مەھمۇد نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
تاشتېكىن
نەگە ئېلىپ بارمايلى ئېلى قۇرباننىڭ بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋېرىستېتىدىكى لېكسىيەسىدىن كېيىن، ئۈندىدار ۋە تور بېكەتلىرىدە ئېلى قۇربان ۋە ئۇنىڭ لېكسىيەسى مۇنازىرە مەرگىزىگە ئايلاندى.مۇنازىرىنىڭ ھالقىسى روھ ئۇقۇمى، پىسخىلوگىيەدىكى نەزىريەۋىي ئۇقۇملارنى ئالماشتۇرۇپ قوللىنىش ۋە خاتالىق، كاشغەرلى مەھمۇد بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئۆزىنى ئۈستۈن قويۇش قاتارلىقلار بولدى. مەن ئالدىقى ئىككى ھالقىدا پىكىر قاتناشتۇرۇشقا ناقابىل بولساممۇ، ئېلى قۇرباننىڭ كاشغەرلى مەھمۇد بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدىكى: «مەخمۇت قەشقىرى دېدۇق، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېدۇق ئۇلار مۇزىيخانىدا ياشىسا بولىدۇ ئەمدى... ئۇ بىلىممۇ بولىدۇ، ھازىر ئەپلەشمەيدۇ ئۇ بىلىملەر... مەن ئۇلاردىن كۆپ نەرسە بىلىمەن،مەن چوقۇم مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاسھاجىپتىن كۆپ نەرسە بىلىمەن. مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېنگىلىز تىلى بىلمەيدۇ، پىسخولوگىيە بىلمەيدۇ. مەن ئۇلارنىڭكىنى بىلىمەن، ئۇلار مېنىڭكىنى بىلمەيدۇ.چۈنكى ئۇلار مېنىڭ لېكسىيەمنى ئاڭلاپ باقمىدى-دە!... بۇنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىىتى يوق... بولدى ئۇنى پوككىدا تاشلاپ قۇيىمىز... مەن مۇھىممۇ سىلەرگە يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ؟ مەن مۇھىم، نىمىشقا؟ مەن تىرىك ئەمەسما، مەن تىرىك....ئۆلدى بولدى، تۈگۈدى!...» دېگەندەك ئۇزۇندىن-ئۇزۇن بىلجىرلاشلىرىنى ئانىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان موزوينىڭ قوتاندىن چاڭ چىقىرىپ،تامغا ئۆزىنى ئۇرۇپ مۆرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ قارايمەن. مەن ھەيرانمەن، «كەمبەغەللىك جىنايەت»، «راستىنلا جىنايەت» دەۋاتقان ئادەمنىڭ كاشغەرلى مەھمۇد بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئاغزىغا پېتىپ«ئۆلدى» دىگىنىدىن. ئۈچ مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە خەنسۇ خەلقى باشقىلارنىڭ ھارۋۇسىنى ئىتتىرشىپ بەرگەن، كىرقاتلىرىنى يۇيۇشۇپ بەرگەن لېيفىڭنى ئۆلمىدى، ئۆلمەيدۇ، مەڭگۈ ھايات دەۋاتسا، ساچقاننىڭ كامىرىچىلىك كىچىككىنە يۇچۇقتىن پايدىلىنىپ، «مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ رۇشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زىرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن »(1981-يىلى بىرىنچى بېسىلىشى 1-توم 2-3-بەت) دەۋاتقان بىر بۈيۈكلۈنى «ئۆلدى»،«بولدى»، «تۈگۈدى» دېسە بۇ بىزنى نىمىگە قىستايدۇ.ھېسياتقا تايانساق تازا تىللاپ ئىچپۇشقۇمۇزنى چىقىرىشقا قىستايدۇ.لېكىن بىز ھېسياتقا ئەگىشىپ ئېلى قۇربان يولغا قويغان سەۋەنلىكنى تەكرارلىساق بولمايدۇ. بىزنىڭ كاشغەرلى مەھمۇد بىلەن ئېلى قۇرباننى سېلىشتۇرىشىمىز ئەمەلىيەتتە بۆدىنىنىڭ شىرغا جەڭ ئېلان قىلغان ھېكايىسىدەك كۈلكۈلۈك بولسىمۇ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە بىرىنچى قەدەمدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلى قۇربان نەچچە ئون مېنۇتلۇق لېكسىيەدىن دېرەك بەرسە، كاشغەرلى مەھمۇد ۋە ئۇنىڭ «تۇركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بۈگۈنكى بارلىق يۇركىي مىللەتلەر ئۈچۈن... ۋە ھەتتا ئىنسانىيەت مەدەنىيتى ئۈچۈن نىمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسلەتمە قىلىشنىڭ زۆرۈيىتى بار دەپ قارايمىز. تىلشۇناس، «تۇركىي تىللار دىۋانى»نى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرى ئىبراھىم مۇتئى دەسلەپ خۇلاسىلىغاندەك كاشغەرلى مەھمۇد ۋە ئۇنىڭ «تۇركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى: «1-تۈركىي قەبىلىلەر ۋە بۇ قەبىلىلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت مەلۇماتلاردىن 2-تۈركىي قەبىلىلەر ياشىغان جايلار، شەھەرلەر، مۇھىم يېزىلار،قاتناش تۈگۈنلىرى،تاغ-دەريالار،ئۇلارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى چۈشۈرۈلگەن ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمقى خەرىتىدىن 3- 242كۇپلېت ئەدەبىي پارچە، 200دىن ئارتۇق ماقالە-تەمسىل ئارقىلىق 1000 يىل ئىلگىركى يازما ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىللىرى ھەم شۇ دەۋىردىكى پەلەسەپەۋىي، ئەخلاقىي كۆز قاراشلاردىن. 4-يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋۇچىلىققا ئائىت سۆزلەر، ھەر خىل ئۆسۈملىكەر ۋە ھەيۋاناتلارنىڭ ناملىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن 5-ھاكىيەت تۈزۈلىشى ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئاتالغۇلار، ئۇنۋانلاردىن 6-كالىندارچىلىق ۋە ئاستىرونومىيەگە ئائىت مەلۇماتلار،پەلەك بۇرۇچلىرى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ناملىرىدىن 7-تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشىغا دائىر مەلۇماتلار، مەسىلەن: ياخشى كۆرىدىغان غىزالىرى، ئىچىملىكلەر ۋە ئۇلارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى، چالغۇ ئەسۋاپلار، كېيىم-كېچەكلەر، زىننەت بۇيۇملىرى، كىشىلەرنىڭ ئولتۇرۇش – قوپۇشلىرىغا ئائىت ئەدەپ قائىدىللىرى ، تىببىي دورىلار،كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەردىن»(«ئىبراھىم مۇتئې ئىلمىي ماقالىلىرى»311-بەت) دېرەك بەرسە ئۇ يەنە: تەنتەربىيەدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ قائىدە-يۇسۇنلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ. كاشغەرلى مەھمۇد يەنە «قارىخانىلار دەۋرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجدىمائىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ۋە مەدەنىي ھاياتىدىكى 7500 سۆزلەم»(«ئىبراھىم مۇتئې ئىلمىي ماقالىلىرى»310-بەت)دىن دېرەك بېرىدۇ. كاشغەرلى مەھمۇد يەنە تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ يۇققۇرى پەللىسىگە يەتكەن ئەڭ كاتتا ئېنىسىكلوپېدىيسىدىن دېرەك بېرىدۇ. «مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ رۇشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زىرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ شەھەر –يېزىللىرىنى باشتىن ئاياق كېزىپ چىقتىم.»(1981-يىلى بىرىنچى بېسىلىشى 1-توم 2-3-بەت) كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى كاشغەرلى مەھمۇد ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە يۇكسەك ئەخلاقىي پەزىلەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەنكى بىر پەزىلەت ئىگىسىگە يارىشا مەن ئارىستوتىلدىن ئۈستۈن تۇرىمەن،مەن فارابىيدىن ئۈستۈن تۇرىمەن، ھېچبولمىغاندا تۇرۇكلەرنى «يالغانچى، ھاكاۋۇر، خۇشامەتچى» دەپ يازغان ئەرەپ يازغۇچىسى ئىبنى بەھرىل جاھىز(776-868) دىن ئۈستۈن تۇرىمەن دىمىگەن. كاشغەرلى مەھمۇد يەنە ئىلىم روھىدىن دېرەك بېرىدۇ. قاراڭ« مەن ئىشنى يىكلىتىش ۋە كىتاپنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم.» كاشغەرلى مەھمۇد يەنە بۈگۈن بىزگە تولىمۇ كېرەك بولىۋاتقان پىدائېىلىق روھىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ 15 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تۈركىيلەرنىڭ شەھەر-يېزىللىرىنى كېزىپ چىقتى.ئۇ ھېچنىمىنى تەمە قىلمىدى،ھېچقاچان ۋايسىمىدى. بىز بۈگۈن لېكسىيەسىنى ئاڭلىمىغان، كىتابىنى سېتىۋالمىغانلاردىن ئاخرىپ كوچا-كوچىدا كۇپۇك چاچرىتىۋاتقانلارنى كۆرۈپ ۇرىۋاتىمىز. كاشغەرلى مەھمۇد يەنە ئۇلۇغۋار مەقسەتلەردىن دېرەك بىرىدۇ. قاراڭ « دەۋىرنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ،زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى؛ ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى...تۈركلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھەممە تىلەكلىرىگە ئىرىشتۇرۇپ، يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى... ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق.» («تۈركى تىللار دىۋانى» 1-توم 3-بەت) ناھايىتى ئېنىقكى يات قەۋىملەرگە تۈرك تىلىنى بىلدۈرۈش دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار مەقسەتلىرىدىن ئىدى.كاشغەرلى مەھمۇد دۆلەتنىڭ مەقسىدىنى مېنىڭمۇ مەقسىدىم دەپ بىلدى.15 يىللىق مىننەتسىز مېھنىتى بەدىلىگە «ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس- تۈگۈمەس بىر بايلىق» كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى(«تۈركى تىللار دىۋانى» 1-توم 3-بەت)« يېڭىلىقلارنى بېرىشتە قىيامىغا،قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتتى»(«تۈركى تىللار دىۋانى» 1-توم 8-بەت)... دىمەك، كاشغەرلى مەھمۇد ئۆلمىدى.ھەتتا ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيتىنى ئاياق ئاستى قىلىپ، دەپسەندە قىلىدىغان جەمئىيەتكە مەنىۋى تېرەك بولالايدۇكى يەنىلا ئۆلمەيدۇ. |