ئىلاۋە: دوكتۇر زۇلپىقار باراتئۆزباشنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان ئىلىم چېيى بارلىققا كېلىشى بىلەنلا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ بىردەك ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانىسىسى ، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلار ئىلىم چېيىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. بۇ جەرياندا ئىلىم چېيىنىڭ توققۇز سانى تورغا ھەقسىز يوللىنىپ، تورداشلار ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرىدىغان سىنغا ئايلاندى. قىسقىسى بىر تۈركۈم ئىلىمخۇمار ياشلارنىڭ ھەقسىز ۋە مىننەتسىز ئەجرى بەدىلىگە ئىلىم چېيى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا جەمئىيەتلەشتى. مەسلەن: بورتالا ئىلىم چېيىى، غۇلجا ئىلىم چېيى، قەشقەر ئىلىم چېيى قاتارلىق خاس يەر ناملىرىغا باغلىنىپ ئىلىم چېيى بارلىققا كەلگەندىن باشقا، «شاكىچىكلەر ئىلىم چېيى»، «ئىستۇدېنتلار ئىلىم چېيى»، «خانىم - قىزلار ئىلىم چېيى»، «مېھىر چېيى»، «كىتاب چېيى» قاتارلىق ئاتالغۇلار بىلەن، مەلۇم كەسىپ ياكى مەلۇم ساھە بويىچە خاسلاشقان ئىلىم چايلىرى بارلىققا كېلىپ، دىيارىمىزنىڭ ئىلىم ھاۋاسى بارغانسېرى قويۇقلىشىشغا يۈزلەندى، مانا بۇ يىلقىدەك «كىتاب ئوقۇش يىلى» دا جاي – جايلاردا ئىلىم چېيى قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرلىشى تېخىمۇ زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ئەلۋەتتە.
جالالىدىن بەھرام، قۇربان مامۇت، يالقۇن روزى، خالىدە ئىسرائىل، مۇھەممەد رېھىم، راھمان مامۇت، ئوسمان ئىسمايىل تارىم، قاسىم سىدىق، سەدىردىن سەيپىدىن، مۆمىنجان ئابلىكىم، شىرئەلى ئەلتېكىن قاتارلىق ئىلىم ئەھلىلىرى ئىلگىر - ئاخىر ئىلىم چېيىغا قاتنىشىپ، بۇ چايغا يۇقىرى باھا بەردى. مەرھۇم مىجىت ساۋۇت ۋە موساجان ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ يۇرۇق سىماسى ئىلىم چېيىنىڭ سىن خاتىرىسىدە مەڭگۈلۈك يادىكار سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى. ئىلىمنىڭ يېرىمى دېئالوگ، دېئالوگ قاتناشتۇرۇلمىغان بىلىم چىرىۋاتقان بىلىمدۇر ياكى ۋاقتى ئۆتكەن بىلىمدۇر. بىز گۇمانلانمىغان نۇرغۇن تونۇشلار بەلكىم سەپسەتە بولۇشى مۇمكىن، بىز بۇنى پەقەت كوللىكتىپ بىر يەردە پىكىرلىشىش ئارقىلىق ھېس قىلالىشىمىز ھەمدە بۇ جەرياندا خاتالىقلىرىمىزنى توغرىلىيالىشىمىز مۇمكىن. بىز ئىلىم چېيىمىزدا ئىلمىي كىتابلار ۋە ئۇ كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرى ھەققىدە ئىلىمىي مۇنازىرىدە بولدۇق، بۇ جەرياندا كىتابلاردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مەزمۇنلار ۋە ئاپتۇرلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، قىسمەن كەمچىلىكلەر لايىقىدا تەنقىدلەندى، بۇ يەردىكى تەنقىد ھەرگىزمۇ ئاپتورلار ئۈستىدە قىلىنغان غەيۋەت بولماستىن، بەلكى ئىلمىي مۇنازىرە جەريانىدىكى ئىلىمگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقتىن ئىبارەت. تورداشلارنىڭ يۈكسەك غايىنى ئۆزىگە نىشان قىلغان ئىلىم چېيىمىزنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
بىز 11 – قېتىملىق ئىلىم چېيىدا گېرمانىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ فىدرىخ نىچشىنىڭ «تىراگىدىيەنىڭ تۇغۇلىشى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق. بىزنىڭ مۇھاكىمە سوئاللىرىمىز تۆۋەندىكىچە: 1. «تىراگىدىيەنىڭ تۇغۇلىشى» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ باش تېمىسى نېمە؟ ئاپتور نېمە ئۈچۈن ئەسەرگە بۇنداق ماۋزۇ قويىدۇ؟ 2. نىتىزى نېمە ئۈچۈن «تىراگىدىيەنىڭ تۇغۇلىشى» ناملىق بۇ ئەسىرىدە باشتىن ئاياق سوقراتنى تەنقىدلەيدۇ؟ 3. بۇ ئەسەردە باشتىن ئاخىر تىلغا ئېلىنغان ئاپوللو پىرىنسىپى بىلەن دىئونسيو پىرىنسىپى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ ئىككى پىرىنسىپنى تۇرمۇشۇمىزغا تەدبىقلىساق قانداق بىشارەتلەر كېلىشى مۇمكىن؟ 4. «تىراگىدىيەنىڭ تۇغۇلىشى» ناملىق ئەسەرنى نېمە ئۈچۈن نېتزىنىڭ غەرب قىممەت قاراشلىرىنى قايتىدىن باھالاش كۈنتەرتىپىدىكى تۇنجى ئەسەر دەيمىز؟ 5. «تىراگىدىيەنىڭ تۇغۇلىشى» ناملىق بۇ ئەسەرنى بۈگۈنكى زامان مەدەنىيىتىگە تەدبىقلىساق قانداق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز؟ 6. «تىراگىدىيەنىڭ تۇغۇلىشى» ناملىق بۇ ئەسەردە نېمە ئۈچۈن نېتزى بۈيۈك گېرمان كومپوزوتورى ۋاگېنىرنى شۇنچە يۇقىرى باھالايدۇ؟
تىلەكلەر: بېيجىڭ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى، مۇخبىرى، بېيجىڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىكى بارلىق خىزمەتداشلىرى ۋە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىلىم چېيىمىزنىڭ 11 - سانىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا بولغان تىلىكىنى بىلدۈردى. ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ ئىلىم چېيىمىزغا تور ئارقىلىق ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەر سانىنى تولۇق كۆرۈۋاتقانلىقىنى، ھازىر بۇ ئىلىم چېيىمىزدىن بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خەۋەردار بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، سورۇن مەدەنىيىتىمىزدىكى يېڭى بىر يۈزلىنىش بولغان ئىلىم چېيىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئىمكان بولسا، ئىلىم چېيىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملىشىپ، ئەجدادلىرىمىز ئۇدۇمىدىكى ئىلىم ئەنجۈمەنلىرىگە ئىجابىي ۋارسلىق قىلغان ئاساستا، ئىلىم – مەرىپەتلىك مىللەتلەر قاتاردىن ئورۇن ئېلىشىمىزنىڭ مۇھىم تەرىپى بولۇپ قېلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئىلىم چېيىمىزنىڭ تەرىپىنى تۈرلۈك سورۇنلاردا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىمنىڭ ئىلىم چېيىمىزغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇ ئارقىلىق بېيجىڭدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىلىم چېيىمىزدىكىلەر نامىدىن ئالىي تىلەكلەرنى تىلەيمىز.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان ئامېرىكا بوستون شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئالىمى قەيسەر مىجىت ئىلىم چېيمىزغا كۆڭۈل سوۋغىسىنى تۆۋەندىكى شېئىرى ئارقىلىق ئىپادىلىدى. كىچىك چېغىمدا، ئاتام ئەركىلىتىپ دەيتتى، تەكلىپتە كۆڭۈل ساناش بولغاندەك، مېنى چايغا تەكلىپ ئەتتى، ئەلسۆيەر ئىنىم ئەسقەرجان، رەھمەت ئىنىم يەنە بىر قېتىم.
سالام يوللايمەن، ئويغانجان بىلەن بوستونغا كېلىپ، مېنى يوقلاپ كەتكەن، دوكتۇر ئىنىم زۇلپىقار بارات ئۆزباشقا، سالام يوللايمەن سىلەرگە، بۇ چايدىكى ھەر بىر قەدىردان، تونۇيدىغان دوست، تونۇمايدىغان قېرىنداش. قەدىمىدە، يۈرگەن ئىكەن ئەركەكلەر، ئات چاپتۇرۇپ دالىدا. ھازىر، تەلەپ قىلار ئەركەكلىك، ئىلىم-بولماق كاللىدا.
بۇ چاي، سورۇن ئەمەس يەپ ئىچىدىغان. بەلكى بىر ئوچاق، قېرىنداشلىق رىشتىنى چىگىپ، بىللە باش قاتۇرىدىغان، مۇز قەلبلەرنى ئىللىتىش ئۈچۈن، مەرىپەت ئۇچقۇنىنى يالقۇنلۇتىدىغان ... بۇ چايدا بار ئۈمىت، بۇ چايدا بار پارلاق ئەتە. تەپەككۈر تۇلپىرى چاپىدىغان، بۇ مۇشۇنداق كەڭرى سەھنە. ئۆزۈم بوستوندىمەن، ئەمما، توغرا ئىشنى قوللايدىغان كۆڭلۈم، قىلماقتا شۇ تاپ چەكسىز تەنتەنە (ئامېرىكا بوستۇن شەھىرى، 2014.11.15 )
تۆۋەندە 11 – قېتىملىق ئىلىم چېيى (تىراگىدىيەنىڭ تۇغۇلىشى) نىڭ فىلىمى ھوزۇرۇڭلاردا: 11 – قېتىملىق ئىلىم چېيىغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار تۆۋەندىكىچە: 1. ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى، تەڭرىتاغ ئالىمى، ئىلىم چېيىمىزنىڭ يىگىت بېشى زۇلپىقار بارات ئۆزباش 2. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسروى، دوكتور يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم 3. شىنجاڭ قارلۇق ئېلېكتىرون تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى سىراجىدىن قارلۇق 4. شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇدىر ئادۋۇكات كۆرەش ھاشىم 5. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسسى «ئەلدىن ئەلگە نەپ» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى، داڭلىق مۇخبىر نىجات ئەھمەد 6. شىنجاڭ مالىيە ـ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىرونلۇق سودا كافىدىراسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئۇيغۇرلاردىن چىققان يېشى ئەڭ كىچىك دوكتۇر ئابدۇراھمان ئابدۇغېنى 7. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ داڭلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابباس نىياز 8. شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، ئىلىم چېيىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر 9. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باكلاۋۇرى، ئىلىم چېيىنىڭ كاتىپى ئابدۇغۇپۇر ئابدۇراھمان 10. شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى دېكتور – رىياسەتچىلىك كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ياش شائىر ئابدۇۋەلى ئابدۈشكۈر 11. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى ماگېستېرى ھەبىبۇللا تۇرسۇن ئۇيغار 12. ئىلىم چېيىمىز ئۈچۈن قارامايدىن كەلگەن مېھمىنىمىز، قاراماي خۇاتۇ ئالتۇن كېنىنىڭ گېئولوگىيە ئېنژىنېرى نۇرمۇھەممەت رىشىت 13. ئىلىم چېيىمىز ئۈچۈن بورتالادىن كەلگەن مېھمىنىمىز، بورتالا شەھەرلىك تېلېگراف ئىدارىسىدىن مانتيور ئادىلجان قادىر بوزقىر 14. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىللەتشۇناسلىق پەنلىرى ماگېستېرى مەمەتجان جايماز 15. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كان ئىشلىرى ئىدارىسىدىن يەھيا روزى 16. ئۈرۈمچى «يارقىن» مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان |