- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
1.بىر نەچچە كۇندىن بۇيان ئەلى ، زىۋىدە خانىم ۋە باشقا تورداشلار ئەلىنىڭ لېكىسىيەسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ، پسىخىلۇگىيە ، ئىلمىلىك چىگىرلىرىدا تەنقىتنى قانات يايدۇردى . مەن تەنقىتچىلەرنىڭ بۇ خىل قىزغىنلىقىغا مۇنبەرلەردە نىمە دىگۇسى كەلسە شۇنى دەپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ئەڭ نورمال ھالىتىنى ياراتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم .مۇنبەر دىگەن موشۇنداق بولمامدۇ ، دوكتۇرمۇ ، دىخانمۇ ، مەنمۇ سىزمۇ مۇنبەردە ئۇچرىشىپ بولىشىغا پىكىر ئىنكاس بايان قىلىپ ئاندىن تەبئى ھالدا لېيىپ كەتكەن بۇ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ قانداق تىنىپ سۇزۇلىدىغانلىقى كۆزىتىشمۇ بىر ھوزۇر ئەمەسمۇ .
2.ئەلى ئۆز لىكىسيەسىدە چەك توغۇرلۇق توختالدى . مەن نەچچە كۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قىزىۋاتقان ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى تەنقىت چېكىنى ئەلىدىن بۆسۇپ ئۆتۇپ كىتەلەيدىغان كىتەلمەيدىغانلىقىغا خېلى قىزىقىپ قالدىم . چۇنكى تەنقىتچىلەر" بالادا قالغان" ئەلى ، زىۋىدە خانىم ۋە ئۇممۇنلارنى شۇنداقلا بىربىرىنى قىزغىن تەنقىتلەشتى دىيشكە بولىدۇ .
3. ئەلى ئۆز لېكسىيەسىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى چەكتىن بۆسۇپ ئۆتۇپ كىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇدۇ . مەن ئەلىنىڭ بۇ چاقىرغىدىن تولىمۇ سۆيۇندۇم ، ئەمدى ئۇيغۇرلار ئىتقات قىلغان ئىسلام دىنىنىڭ چەكلەش رولى بار ،يەنە ئۇيغۇر مەدىنيىتنىڭمۇ بىر قەدەر چەكلەش رولى بار ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا چەكلەش رولىغا ئىگە نەرسىلەرمۇ كۆپقۇ ،ھەمدە بۇ خىل چەكلەش رولىنى زىيادە كۆپتۇرۇپ چۇشۇنىۋېلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئۇيغۇرلاردىكى تۇگۇلۋېلىپ ئۆچەككە كىرىپ كىتىش ھادىسىسىگە بولغان ئىچ پۇشۇقۇم ئەلىنىڭ چەكتىن بۆسۇپ ئۆتۇش توغۇرسىدىكى سۆزلىرى بىلەن مېنىڭ دىققتىمنى تارتتى . (زادى قانداق چەكتىن بۆسۇپ ئۆتىمىز .قانداق چەكنى ساقلاپ قالىمىز ) ئەلۋەتتە چەكتىن بۆسۇپ ئۆتۇش ئۇچۇن چەكنى ياخشى چۇشۇنۇشكە توغرا كىلىدىكەندە ، ئاۋۋال قەلبىمىزدىكى چەك توغۇرسىدىك ۋەھىمىدىن قۇتۇلىشىمىزغا توغرا كىلدىكەن . چەك ئەمدى رىئال مەۋجۇت بولىۋاتقان سىرتقى دۇنيادىن كەلگەن چەك ۋە بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى رىئال چەكلەرگە بولغان خاتا مۆلچەر ، ئاۋۋال خاتا مۆلچەرنى توغرا مۆلچەرگە ئايلاندۇرۇش ھەمدە ئاشۇ چەكتىن بۆسۇپ ئۆتۇپ كىتىشتە بەك ھالقىلىق رول ئوينايدىكەندە .
4.ئەلى چەكتىن بۆسۇپ ئۆتۇپ كىتىشنى تەكىتلىدى ، قاراپ باقسام بىر قانچە كۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئەلىنى چۆرىدىگەن ئاساستا تەنقىت ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قانات يېيۋاتىدۇ ، بۇ ناھايىتى ياخشى ۋە نورمال ئەھۋال ، مەن بۇ دەل ۋاقتىدا چىقىۋاتقان ئۆز ئارا ئىنكاسلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ تور مەدىنيىتى ئۇچۇن بەك پايدىلىق دەپ قارايمەن . بۇنداق دەللىك دەل تورنى ئەۋزەللىكىدىن بولىۋاتىدۇ .تور دىگەن ياخشى نىمكەن جۇما . ئۇنداقتا بىزنىڭ زامان ماكان بوشلىقىمىزدا تەنقىتنىڭ چېكى زادى نەگىچە باردى .
5.قاراپ باقدىغان بولساق ھازىرقى زامان جۇڭگو تورچىلىقىدا تەنقىت ھازىر ھەر قايسى ساھەەلەر بويىچە قىزغىن قانات يايدى .ھەتتا ھۆكۆمەتنى تەنقىت قىلىشمۇ جۇڭگو تورچىلىقىدىكى بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى . ئۇنداقتا ئەلى دەپ باقسا ئۇيغۇرلار ھازىرقى تەنقىت چېكىنى بۆسۇپ ئۆتۇشتە ھۆكۆمەتنى تەنقىتلەشتىن ئىبارەت بۇ يۇزلۇنىشكە ئاكتىپ ئاتلىنىشى كېرەكمۇ ياكى ئەلى دىگەندەك ھۆكۆمەتتىن مىننەتدار بولۇشىى كېرەكمۇ ؟ ئەلى سىزنىڭ قالقىنىڭىز كۇچلۇكمۇ ياكى نەيزىڭىز كۇچلۇكمۇ ؟
6.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر جەميىتىمۇ بىر كەڭ ھەممىنى ئۆزىگە سىغدۇرغان بىر مۇكەممەل جەميەت ، بۇ جەميەتتە تارىخىى شەخىسلەرنى تەنقىت قىلىشقا بولامدۇ يوق ؟ ئۇنىڭدىن باشقا رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلار نى تەنقىت قىلىشقا بولامدۇ يوق . ئۇيغۇر دوكتورلارنىغۇ تورغا چىققىنىنى بوش قويىۋەتمەيۋاتىمىز ، بۇمۇ نورمالغۇ ئەمدى .
ئاخىردا تورلاردىكى ھەر تەنقىتچى دوسلارغا ئىھتىرام بىلدۇرىمەن .سىلەر تەنقىتلەشتە ئەلىدىن بۆسۇپ ئۆتۇپ ئۇيغۇر رىئاللىقىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە قىزغىن تەنقىت قىلالامسىلەر ؟
7. يەنە بىر گەپ چەك مەۋجۇت بولغان ئىكەن ، چوقۇمكى ئۇنىڭ چەكلەش كۇچى بولىدۇ .ئۇنداقتا بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى رىئال چەككە بولغان خاتا مۆلچەرىمىز بىزنى ھەر قايسى ساھەلەردىكى چەكنى ئېنىق كۆرۇپ يىتىشمىزگە ، تولۇق چۇشۇنىشىمىزگە توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا . بولۇپمۇ موشۇنداق شى رەئىس رەھبەرلىكىدىكى ئىسلاھاتچىلار جۇڭگودا ئىسلاھات ئېلىپ بىېرىپ نۇرغۇنلىغان چەكلەرنى بۇشۇتۇپ ياكى پۇتۇنلەي ئېلىۋەتتى ،ياكى ئېلۋېتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ ،ئەمما قەلبىمىزدىكى قېتىپ قالغان يوقالغان چەكلەرنىڭ سايسىنى بولسا ئۆزىمىز سۇپۇرۇپ تازلىشىمىزغا توغرا كىلۋاتىدۇ .
|
|