قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1716|ئىنكاس: 16

نۇري تىيىپ: كەپتەرلەر-(13)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 09:17:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يىگىت ئىككى بوتۇلكا پىۋا بۇيرۇدى خوجايىنغا. تونۇشۇپ قالايلى، مەن مىتو شەھىرى تەۋەسىدە، بىر يېزىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئەگەر ۋاقىت چىقىرالىساڭ بىز تەرەپكە بىر بارمامسەن؟... ئۇ كۈلۈمسىرەپ يوغان بويۇنلىرىنى مىدىرلاتقاچ، پىۋىنىڭ بىرىنى ماڭا تۇتتى.
   سوقۇش سالدۇرۇپ، ئازراق كۆتۈرگەنمۇ بولدۇق. ئۇ يەردىن بۇ يەردىن، قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. يەنى مەكتەپتىكى باللارنىڭ دائىم ئۇنى بوزەك قىلىپ، پۇللىرىنى تارتىۋېلىپ، بىرنەچچە قېتىم قاتتىق ئۇرىۋەتكەنلىكىنى؛ كېيىن ئۇنىڭ تازا ئاچچىقى كېلىپ، مۇشۇ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا كىرىشىپ كېتىپ، كېيىن كارات ئۆگىنىپ ۋايىغا يېتىپ، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بوزەك قىلغانلارنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ئۇچۇرتالمىغانلىقىنى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسكۇل چىقىرىشقا قىزىقىپ قېلىپ، ئاخىرى ياپونىيە بويىچە 1- بولۇش ئارزۇسى بىلەن، ھېلى ھەممۇ چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىر قۇر سۆزلەپ بەردى.
  ئۇ كۆپ گەپلەرنى چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ قىلىشقا ئامراق ئىكەن. مەنمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئۇنى بۇنى دەپ، پارىڭىمىزنى قىزىتىپلاۋەتتۇق. دۇكاندا ئىچىشىپ ئولتۇرغانلار، ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن، تۈگىمەس پاراڭلىرىغا كىرىشىپلا كېتىشىپ، بىزنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ بوپتۇ. شۇڭا ئىككىمىز بىمالال ئۆزىمىزنىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشىپ ئولتۇرىۋەردۇق.
   بايا نېمىشقا قولۇڭنى تارتىۋالدىڭ؟ بىرلا كۈچىسەڭ ئۇتتاتتىڭغۇ؟ دەپ گەپنى بايىقى مېنى ھەيران قالدۇرغان، مەسىلىگە ئېلىپ كەلدىم.
ئۇ كۈلۈپ كېتىپ:
  - ھەي قارا .... بۇ سىلەرنىڭ .... ئۇ پىۋىسىنى بىر ئوتلىۋېتىپ:
  - بۇ ئىشىڭلار، مۇسابىقە ئەمەسكەن. بىر كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئىكەن. توغرا دەيسەن، ئۇتسام ئۇتۇۋالاتتىم. لېكىن، مەن بۇنىڭدىن قانچىلىك نەرسىگە ئىگە بولالايمەن؟ ئويلاپ كۆر، بۇ سىلەرنىڭ مەھەللىنىڭ ئىشى قارا ... مەھەلىدە سېنىڭدەك ئورۇنغا كېلىشىمۇ، ئاسان ئەمەس. مېنىڭ قولۇمنى تارتىۋېلىشىم، مېنىمۇ ئۇتتاردى قىلىۋەتمەيدۇ. لېكىن سېنىڭ نامىڭنى چىقىرىۋېتىدۇ. بىز مۇنداق ئىشقا قىزىقىدىغانلار، ئاۋۇ راۋۇرۇس، خەق ئېتىراپ قىلغان، رەسمىي مۇسابىقىلەردە، رەھىم قىلمايمىز. ئەمما، مۇنداق ئويۇنلاردا، يەنىلا مەردلىك قىلىپ، بىر - بىرىمىزنى ئويلىشىشىمىز كېرەكقۇ.
ئۇ مۈرەمگە گىرە سېلىپ تۇرۇپ:
  - ئەمما سېنىڭمۇ خېلى كۈچۈڭ باركەن. ھۈنەر ئىشلىتىپ باقاي دېگەنتىڭ ھە؟ ھا ھا ...
  مەن بۇ يىگىتنىڭ مىجەزىنى خېلىلا ياقتۇرۇپ قالدىم. ئۇمۇ مېنى ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بېرىشقا چاقىرىپلاۋەتتى . مەنمۇ چوقۇم بارىمەن دەپ ۋەدە بېرىۋەتتىم.راست دېگەندەك، 2-3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، مەھەللىدە مېنىڭ گېپىم بولۇپ:
  - تازىمۇ بىر يوغان، چېنىققان بىرسى بىلەن قول قايرىشىپ، ئۇنىڭ قولىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇپتۇ. ئۇ ئاغرىققا چىدىماي، قولىنى تارتىۋېلىپ، ئىككىنچى قول قايرىشمايمەن دەپتىمىش. قارىغاندا ئۇنىڭ مۇسكۇلى تارتىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. بۇنىڭدا بىر خىل سېھرى كۈچ بارمىش ... ۋاي- ۋۇي ئەپقاچتى گەپلەر تارقىلىپ كېتىپتۇ. مەھەللىدە ماڭسام، بۇرۇن قاراپمۇ قويمايدىغانلار، ئانچە - مۇنچە سالام بېرىدىغانمۇ بولۇپ قالدى دېسە شۇنىڭدىن كېيىن ...
گەپ دېگەن تارقالسىمۇ، ئالامەت تارقىلىدىغان نېمىكەن. ئەسلى مۇسكۇلى تارتىلىپ كەتكىنى مەن ئىدىم. لېكىن گەپلەر ئېغىزدىن - ئېغىزغا ئۆتۈپ، يوغىناپ، ئۇ يىگىتكە ئارتىلىپ قاپتۇ. ھە بوپتۇ، مەن تارقاتمىغاندىكىن. مېنىڭ نېمە ئىشىم دەپ، مەھەللىدە مەغرۇر يۈرۈۋەردىم مەنمۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت، مەن بىلەن قول قايرىشىمەن دېگەن ئادەمنى، ھېچبىر ئۇچراتمىدىم.
   خوش، ئۇ يىگىتنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانغا، يەنە بىر ئايچە ۋاقىت بار ئىكەن. ئۇنىڭغىچە بىز گېپىمىزنى باشقا يەرلەرگە يۆتكەپ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزەيلى.
ھېلىقى گۈل سەيلىسىدىن كېيىن، ئاۋۇ ھېلىقى سىرلىق ئادەمنىڭ ئىسىم كارتىسىنى چىقىرىپ، ئالدى-ئارقىنى ئۆرۈپ - چۆرۈپ كۆرۈپ قويىدىغان بولۇپ قالدىم. تولا كۆرۈۋېرىپ، ئۇنىڭدىكى تېلېفون نومۇر، ئادرېسلار يادقىمۇ ئېلىنىپ بولدى. لېكىن، تېلېفون قىلىشقا جۈرئەت كەم، مۇھىمى سەۋەب يوق. نەچچە قېتىم قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ، نومۇرىنى بېسىپمۇ باقتىم. "جارلا" قىلغان ھامان، "تاراققىدە" قويۇۋەتتىم. دېمەكچى بولغان گەپلىرىمنى نەچچە قېتىم رەپىتىسمۇ قىلىپ كۆردۈم. بەزىدە، سىلىق سىپايە، ھۆرمەت سۆزلىرىنى ئىشلەتسەم، بەزىدە "ھە، قانداقراق؟ تىنچلىقمۇ؟ ھە يوقاپ كەتتىڭغۇ؟ماندا بىر كۆرۈشەيلىمۇ؟ " دەپ مەشىق قىلىپ قويۇپ، ئۆزۈمدىن ئۆزۈم ئۈركۈپ، چۆچۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. خۇددى ئۇ تەرەپ ئاڭلاپ قالغاندەك.
   ئەمما بۇ ئىش كاللامغا كىرىپلاۋالدى. ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتىمۇ، يوتقاننىڭ ئىچىدە، دۇنيانىڭ خىيالىنى قىلىپ، ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندىمۇ، بۇ ئادەم غىل-پال خىياللىرىمغا ئارىلىشىۋېلىپ، كۆزۈمگە كۆرۈنىۋالىدىغان بولۇپ قالدى.
ئاخىرى تېلېفوننى ئۇلىدىم.
خېلى ئۇزۇن "توختاپ تۇرۇڭ" دىن كېيىن، ئۇ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
   - ھە، ۋاقتىڭ بولسا ئىشخانىغا كەل، پاراڭلىشىمىز. ھە بىرەر ئىش بولغان ئوخشىمامدۇ؟ ھە، ھە ئاۋۋال كەل، كۈندۈزى مەن ئاساسەن ئىشخانىدا.
ئۇ ئادەم ئۇزۇن گەپ قىلمىدى. مەنمۇ "ئاۋۇتى، ماۋۇتى .... شۇڭا ...قاراڭ ئاۋۇچۇ ..." دېگەن چۈشەندۈرۈشنى بەرمەي، "بولىدۇ"لا دېدىم.يول بويىغا سېلىنغان، بىر قەۋەتلىك ئادەتتىكى بىر كۆرۈمسىز ئىشخانا. ئۇ ئادەمنىڭ خىزمەت ئورنى بولۇپ چىقتى. ئىشىكنى ئاۋايلاپ ئېچىپ كىرسەم، چىرايلىق ئىككى قىزچاق، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ سالام بەرگەچ، تولىمۇ يېقىملىق ئاۋازدا:
    - خوش كەلدىڭىز ئەپەندىم. قېنى مەرھەمەت، دەپ مېنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئاشخانىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەپ، تاقا - توقا، قوپال زاغرا تىلدىكى گەپلەرنىلا ئاڭلاپ، ئىشلىتىپ كەلگەچ، بۇلارنىڭ ئاۋازى، ئىشلەتكەن ھۆرمەت سۆزلىرى، مېنى ئويغىمۇ سېلىپ قويدى. ئادەم مۇنداق ئەدەپ بىلەن سىلىق - سىپايە گەپ قىلسا، تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدىكىنا ... ئادەم كىيىم - كېچەك، گىرىم بىلەن چىرايلىق ئەمەس، يەنىلا مۇلايىملىق، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەت بىلەن تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن جۇمۇ .... مەنمۇ بۇندىن كېيىن شۇنداق قىلىپ باقسام بولامدۇ نېمە؟ دەپمۇ ئويلىۋەتتىم.
   بۇ، ماڭا ئادەتتىكىدەك كورۇنگەن ئىشخانا، بايا مېنى كۈتۈۋالغان ئۆيدىن ئىچكىرىلەپ كىرگەنچە، باشقىچە تۈس ئېلىۋاتىدۇ. چىراغ نۇرلىرى سۇسلىشىپ، بىرئاز سۈرلۈكلەشمەكتە. تىزىلغان نەرسىلەر ۋە تاملارغا ئېسىقلىق رەسىملەر، ياپونىيىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بۇيۇملىرى ۋە ماي بوياق رەسىملىرى ئىدى. بىر قارىماققىلا خېلى قىممىتى يۇقىرى نەرسىلەردەكمۇ قىلىدۇ. بەزى تاملارغا ياسالغان ئويۇنچىلارنىڭ ئىچىگە بىر تال چۆگۈن بىلەن، ئىككى دانە پىيالىلا قويۇلغان. بۇنى نېمىشقا بۇ يەرگە قويۇپ قويغاندۇ دېگۈزۈپمۇ قويىدۇ ئادەمنى.
   مېنى باشلاپ ماڭغان قىزچاق، تىككاس- تىكاس قىلىپ مېڭىپ، 7-8 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر تار كارىدوردىن ئۆتۈپ، كەڭرى، ئازادە بىر ئۆيگە كېلىپ توختىدى. ئۆي ئىچىگە ھېچقانداق ئارتۇقچە نەرسە تىزىلمىغان بولۇپ، تاملار ئاساسەن چوڭ - كىچىك رەسىم رامكىلىرى بىلەن بېزەلگەن. ئۇ قىز ئۇدۇل بېرىپ، بىر رەسىمنىڭ يېنىدا توختىدى. ۋە رەسىمنىڭ بىر يېرىگە ئىنچىكە كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى، نازۇك ھەرىكەتلىرىنى دامىلاتقاندەك "پىتلا" قىلىپ تەككۈزدى. رەسىم "غىرىت" قىلىپ ئوڭ تەرەپكە سۈرۈلۈشىگە، ئۇنىڭ ئارقىدىن بىر توق كەرىشناۋاي رەڭلىك ئىشىك پەيدا بولدى.
ھوي ھوي نېمە ئىشلار بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ھوي؟ مەن كىم؟ نەگە كىرىپ كېتىپ بارىمەن؟ ھوي... مېنى سەل قورقۇنۇش باستى. تېز - تېز ئۇ ياق، بۇ ياققا ۋە ئاۋۇ ئوماق قىزچاققىمۇ:
  - ھوي مېنى نەگە ئېلىپ كېتىپ بارىسىز، قىزچاق، دېگەندەك قىلىپ قاراپمۇ كەتتىم.
  ئۇ ئوماق قىزچاقمۇ مېنىڭ كۆزۈمگە ئەمدى، ئاۋۇ كىنولاردىكى خۇرۇم چاپان، خۇرۇم ئىشتان كىيىپ، يوغان ئەركەكلەرنى، "تاس - تۇس"لا ئۇرۇپ يىقىتىۋېتىپ، ئۈستىگە مىنىۋالىدىغان، چامباشچىلاردەك كۆرىنىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇ قىزنىڭ چىرايىدا تېخى "ۋالاق - ۋۇلۇق" قىلىدىغان ئۆزگىرىش يوق. يەنىلا كۈلۈمسىرەپ، "پىسىڭڭىدە" كۈلۈپ قويۇپ، مېنى ئۆي ئىچىگە تەزىم بىلەن باشلىدى.
  ئۆي ئىچىگە كىردىم. بۇ ئۆيدە بىرەرمۇ دېرىزە يوق. ئۇ يەر بۇ يەردە غۇۋا قىلىپ ياندۇرۇلغان كىچىك تىپتىكى ئۈستەل چىراغلىرى، شۇ ئۆز دائىرىسىنى ئارانلا يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ. ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا ھىنومارۇ (ياپون بايرىقى) بىلەن، مەن تازا ئۇقمايدىغان يەنە بىر بايراق ئىككىسى " ي" شەكلىدە، ئېسىقلىق. يەنە بىر بۇلۇڭغا تازىمۇ ئۇزۇن، سامۇرىيلار قىلىچى، ئۆز سۈرىنى نامايەندە قىلىپ، چىراغ نۇرىدا پارقىراپ تۇرۇپتۇ. ئۇ ھېلىمۇ غىلاپنىڭ ئىچىدە ئىكەن. سىرتىدا بولغان بولسا، ئارقامغا بۇرۇلۇپلا قاچارمۇ ئىدىم جۇمۇ .... ئۆينىڭ مانا مۇشۇ، ئىككى نەرسە قويۇلغان تامنىڭ ئوتتۇرىغا تازىمۇ كەڭ ھەم ئۇزۇن بىر ئۈستەل قويۇقلۇق. ئۈستەل ئۈستىدىمۇ ئىككى دانە چىراغ يېنىقلىق. بۇ ئىككى چىراغنىڭ ئۈستەل ئۈستىگە تاشلاپ تۇرغان نۇرىنىڭ بىر قىسمى بىر گەۋدىنى غىل-پال يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ.
پېچەت كاستۇمنىڭ يانچۇقىغا سېلىنغان ئۈچ بۇرجەك چىقىپ تۇرغان ئاققا مايىل، قول ياغلىق، بۇ گەۋدىنى روشەنلەشتۈرۈپ تۇرۇپتۇ.
تاس قالدىم :
- ئەسسالام ئەلەيكۇم، دەپ بىزچە سالام بېرىۋەتكىلى ...
- ھە كەلدىڭمۇ؟ ھە، ماياققا كەل، مانا مەيەردە ئولتۇر.
باياتىن ياغى مېنى سۈر باسقۇزىۋەتكەن گەۋدە، جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، مۇشۇ گەپ بىلەن مېنى كۈتۈۋالدى.مەن ئۈستەل يېنىغا قويۇلغان، ئىككى ئورۇندۇقنىڭ بىرىدە ئولتۇردۇم. يامپىشىمنىڭ يېرىمى دېگۈدەك، تېخى ئورۇندۇق ئىچىگە تولۇق كىرىشكە جۈرئەت قىلالماي، يەنىلا بەدىنىمنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ يېرىمىنى، ئىككى پۇتۇم كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
ھە ... مەن سېنى خېلى ئايلار ساقلىدىم. ئازراق سۈرۈشتۈرۈپمۇ باقتىم. ئاڭلىسام سېنى جۇڭگوچە، تۈركچە بىلىدۇ دەيدۇ، راستمۇ؟
- ھە، سۆزلىيەلەيمەن، بۇرۇن مەكتەپتە ئۆگەنگەن. ئەمما تۈركچە بىلمەيمەن، ئۇيغۇرچە بىلىمەن، دەپ جاۋاب بەردىم.
   مېنى دەسلەپتە ساڭا قىزىقتۇرغان نەرسە، ئاۋۇ سېنىڭ يۈرىكىڭ بولدى. ئىككىنچىسى ياپونچە سۆزلىشىڭ بىلەن، جۇڭگوچە سۆزلىشىڭ بولدى. مېنىڭ بېيجىڭدا تىجارىتىم بار. ھازىر ئازراق چاتاق چىققاندەك قىلىدۇ. شۇڭا ئۆزۈم بارمىسام بولمايدۇ. مەن بىلەن بىللە بارامسەن؟ تەرجىمانلىقلا قىلىسەن. يېنىمدا تۇرۇپلا بەرسەڭ بولدى. ھازىرغا قەدەر شۇ يەرلىكلەرنى ئىشلىتىپ كەلگەن. تازا جايىدا بولمايۋاتىدۇ ئىشلار. ئىشەنگىلى بولمايدۇ ئۇ گۇيلارغا ...
ئاشخانىدىن رۇخسەت سورىيالارمەنمۇ؟ مەن كەتسەم، بىر ئادەم كەم بولۇپ قالىدۇ.
"كالا دېسە پاقالچەك"تىن چۈشۈپ قويدۇممۇ قانداق؟ بۇ ئادەم:
  - ھا ھا ھا، دەپ قاتتىق كۈلۈپ كەتتى. ۋە:
  - كىچىك ئىشلار، كىچىك ئىشلار ... ھا ھا ھا ... مەن سېنى ئويلىغىنىنى دەيدىغان، راستچىل يىگىت دەپ ئاڭلىۋىدىم. ھا ھا ھا راستمۇ نېمە؟ ھا ھا ھا ...
   بۇ ئادەم توغرىسىدىكى ئەپقاچتى گەپلەردە، بۇ ئادەمنى پەقەتلا كۈلمەيدۇ دەپ ئاڭلىۋىدىم. تازا كۈلىدىكەنغۇ مانا؟مەن ئۆزۈمنى بارغانچە ئازادە ھېس قىلىپ، بايىقى ئورۇندۇققا تېخى تولۇق كىرمىگەن يامپىشىمنى، "پوسسىدە" قىلىپ ئورۇندۇققا ھەممىنى تىقىپلاۋەتتىم.ئۆينىڭ بۇلۇڭى "تاك تاك تاك" تىن كېيىن، پاللىدە يورۇدى. ھېلىقى ئوماق قىز بىر چۆگۈن چاي بىلەن، ئىككى كىچىك پىيالىنى، پەتنۇسقا سېلىپ، بايىقى تەبەسسۇمى بىلەن، يەرنى ئاستا دەسسەپ كىرىپ كەلدى.پىيالىنى پەتنۇستا تۇرغۇزۇپ، "كور كور كور" قىلىپ، ئېھتىيات بىلەن، ياپونىيىنىڭ يېشىل چېيىنى، ئىككى پىيالىگە لىقلىدى. ھېلىقى قارا چويۇن چۆگۈننىڭ كىچىكلىكىنى دېمەيسىز ... ئىككى پىيالە چاي پاتامدۇ، پاتمامدۇ؟ دېگۈدەكلا .... قىز چاينى قويۇپ بولۇپ، چۆگۈننى يەنە ئېلىپ، "غىت - غىت" قىلىپ پىگورلىرىنى تازا چىقىرىپ مېڭىپ چىقىپ كەتتى.
مەن ئۇ قىزنىڭ چاي قۇيۇشىدىن تاكى چىقىپ كېتىشىگىچە، باشقا خىياللارغا غەرق بولغاچ، قاراپلا كېتىپتىمەن.
  - ھە، بەك قاراپ كەتتىڭغۇ؟!! ھا ھا ھا .. . كېيىن مەن سېنى توكيوغا بىر ئەكىرىپ چىقاي ... توكيودا نى نى ياخشى يەرلەر بار. كېيىن كۆرىسەن تېخى  (بىز تۇرغان رايون توكيوغا قىرىق بەش مىنۇتلۇق يول ). بۇ ئادەم خېلىلا پاراڭچى ئادەم ئىكەن. ئاندا-مۇندا چاقچاقمۇ قىلىپ قويىدىكەن. ئەمما بىرەر تېلىپۇن كىلىپ قالسا، "ھە شۇنداق، بولىدۇ" دەپلا تېلىاۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇپلا قويىدىكەن.
   تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتۇق. ئۇ ئادەم گەپ ئارىلىرىدا، كۆپىچىنچە مىنىڭ نىمىگە قىزىقىدىغانلىغىمنى، نىمە ئۈچۈن ياپونىيەەە كەلگەنلىگىمنى پات--پاتلا سوراپ تۇردى. ئەمما مىنىڭ كۆپ سۇئاللىرىم جاۋاپسىز قىلىپ "ھا، ھا، ھا" بىلەنلا تېما ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۆتكىلىپ تۇردى.
ئۇ ئادەم:
  -ھە، ئانچى-مۇنچە پۇل-مال كىرەك بولسا ماڭا دەۋەرگىن. قانداقراق راست تۇرمۇشۇڭ سىنىڭ؟ دەپ سورىدى.
  -مۇئاشىم يىتىدۇ، تۇرمۇشۇم يامان ئەمەس. يېقىندا شۇ ئانچە-مۇنچە ئاغىنىلەر بىلەن ئويناپ قويىدىغان ئىشلار كۆپرەك،  شۇ... دەپ بېشىمنى تاتىلىغاچ جاۋاپ بەردىم.
  -ئەتىدىن باشلاپ ئاۋۇ سەن دائىم بارىدىغان يەردە سەندىن پۇل ئالمايدۇ. خاتېرجەم بىرىپ ئويناۋەر دەيدۇ ئۇ ئادەم.
ھوي مېىنى يەنە چايتا سۈر باستى. "ھوي، نىمە دەۋاتىدۇ، ھوي.... ماۋۇ ئادەم. مىنىڭ ئادەتتە بارىدىغان يېرىمنىمۇ بىلىدىكىنا. ..توۋا دەپ ئويلاپ ئۇدۇللا سورىدىم :
  -سىز قانداق بىلىسىز؟ راست، مەن ئۇ يەرگە كۆپ بارىمەن. خوجايىن بىلەنمۇ كۆڭلىمىز يېقىن. ئۇ ئادەمنىمۇ تونۇمسىز؟
  - ھا، ھا، ھا...
ئۇ ئادەم كۈلكە بىلەنلا تۈگەتتى بۇ تېمىنى.
   شۇنداق قىلىپ، ئاۋۇ بىز دائىم بارىدىغان دۇكانغا بارسام، خوجايىن مېنىڭ كەلگىنىمنى بىلگەن ھامان، قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ، تېز- تېز قەدەم بىلەن ئالدىمغا چىقىپ كۈتۈۋالىدىغان، "ئاۋۇ ..." دەپ بولغۇچە، ئىچىدىغىنىمنى زاكوسكىسى بىلەن "ھايت ھۇيت" دەپ، "سەل كېچىكىپ قالدى، ئەيىبكە بۇيرىما" دەپ كېچىكمىگەن نەرسىدىن، كەچۈرۈم سورايدىغان بولۇپ كەتتى.
مەنمۇ دەسلىپىدە، پۇلۇمنى تولەيمەن دەپ، يانچۇقلىرىمنى ياغان - راستلاردىن كولاپ قويغانتىم، لېكىن، ئۇ خوجايىن:
   ھەرگىز ھەرگىز ... مېنى، دۇكۇنىمنى ياخشى كۆرسەڭ، ماڭا بىر ياردەم قىلىپ، مۇشۇ پۇلۇڭنى باشقا يەردە خەجلە. ئۆتۈنۈپ قالاي. بىز ئاغىنىغۇ؟ دەپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا كۆڭلىنى چۈشەندۈرىدىغان، كۈلۈپلا تۇرىدىغان بولۇپ كەتتى. مېنىڭمۇ يۈزۈم قېلىنراپ، بۇرۇن "ۋوي ۋوي بولمايدۇ، سەت بولىدۇ" دەپ يانچۇقنى سىلاپ قويىدىغان ئىشلارنى قىلمايدىغانلا بولدۇم. دۇكاندىمۇ بۇرۇن، مەن ناخشا ئېيتسام، خۇشياقمىغاندەك مۇنداقلا چاۋاك چېلىپ قويىدىغانلار، ھازىر "ھوي، ھوي... ئالامەت ئالامەت ... ھە چاۋاك چاۋاك ..."  دېيىشىپ باشقىلارنىمۇ چاۋاك چېلىشقا ئۈندەيدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىڭدىن مەن، ئۆزۈمنى بۇرۇنقىدىن خېلىلا، مۇڭلۇق ھەم ئالامەت ئېيتىدىغان بولۇپ كېتىپتىمەن - دە، دەپ ئويلاپمۇ قالىدىغان بولۇپ قالدىم.
  مەھەلىمىزگە ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىققان، بىر ئاكىمىز كۆچۈپ كەلدى. كېچىكىپرەك ئوقۇشقا كىرگەنمۇ؟ ۋە ياكى چەتكە چىقىش رەسمىيەتلىرى تەستەرەك پۈتكەنمۇ؟ ئاكىمىزنىڭ يېشى مەندىن خېلىلا چوڭ. ئۇ ئاكىمىز كېلىپ، بىر نەچچە ئايچە تۇرۇپلا، خوتۇنىنى ۋە باللىرىنى سېغىنىپ ئاندا - ساندا كۆز يېشى قىلىدىغانمۇ بولۇپ قاپتۇمىش. تۇرۇپ ئىچىم ئاغرىپ، ھېسداشلىقىم قوزغىلىپ قالدى. توي قىلسا مۇشۇنداق بولىدىكەندە؟!! بۇنداق يىغلاپ يۈرىدىغان ئىش بولسا، توي قىلمايلا قوياي جۇمۇ ....
    جۈرە ئاكا، مەن سېنى بىر ئوينۇتۇپ كېلەي. كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس. ئەتە- ئۆگۈن كۆنۈپمۇ قالىسەن. ئۇ ۋاقىتتا ۋەتەنگە قايتمايمەن، مۇشۇ يەر ياخشىكەن، دەپ تۇرىۋالامسەن تېخى  دەپ ئۇ ئاكىمىزنى ھېلىقى كۈچلۈك يىگىتنىڭ ئۆيى مىتو شەھرىگە بىللە ئاپىرىپ كىلەي دەپ ئويلىدىم.
يولدا بارغۇچە ئۇيان بۇيان پاراڭلىشىپ ھە دىەەندە ئۇ ئاكىمىز بىلەن چىقىشىپمۇ قالدىم. ئۇنىڭ ئېغىزىدىن كەينى-كەينىدىن شۇنداق تەبىئى تىزىلىپ چىقىۋاتقان ھېكايىلىرى، نالە-پەريادلىرىى، بىلىم ئىگىلەشكە بولغان قىزغىنلىغى، دوستقا سادىق، مەردلىكى....ياش ۋاقتىدا "لۈكچەك" ئۆتكەنلىكى، مەھەللىسىدە يىگىت بېشى ئىكەنلىكى... ئىش قىلىپ مەن دەرھال چاتاق تاپالمىغۇدەك، ئېسىل خىسلەتلىرى مىنى تەسىرلەندۇردى. مەنمۇ "ئۆچكە يېغى"دەك ئېرىپ، تاس قالدىم "ھۆكۈرەپ يىغلاپ سالغىلى....ھەمدە مەن ئىشلەيدىغان ئاشخانىغا بىر ئامال قىلىپ بىر ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچى ئىشلەمچى بالىنى ئىشتىن بوشۇتۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ ئاكىمىزنى ئىشقا كىرگۈزۈپ قويۇشقا ئەمما  بىر ئىككى ھەپتە ۋاقىت كېتىدىغانلىغىغا ۋەدە بىرىپلىۋەتتىم. ئاكىمىز ئاسان ھاياجانلىنىپ تېزلا كۆز يېشى قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
   -رەھمەت ئۇكا، قىلغىنىڭنى ئۆمۈر بويى ئۇنۇتمايمەن. بىز بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق ئاكا-ئۇكىدەك ئۆتىمىز. دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆزىنىڭ چەكسىز خوشاللىغىنى كۆز ياشلىرى بىلەن قوشۇپ ئىپادىلىۋەتتى. .... لېكىن بۇ كۆز يېشىنىڭ ... خۇددى "موسكىۋا كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ" غا ئوخشاش مېنىمۇ ئىنساننىڭ كۆز يېشىغا ئىشەنمەس ئادەم قىلىپ قويۇشىنى مەن خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن!


1

تېما

2

دوست

5288

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1570
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 11:37:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمەدېگەن قالتىس يازما-ھە! ھېچقانداق كىتاپ ژورنالدىن تاپقىلى بولمايدۇ، ھارماڭ ئۇستاز، ئاخىرىنى قاچانمۇ كۆرەرمىز ئەمدى؟!...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   35.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7880
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 13:04:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىردەمدە تۈگەپ قالدى بۇ ھىكايە
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

0

دوست

3835

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 924
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 14:47:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلايمىز

0

تېما

4

دوست

2038

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9548
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 138
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 228
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 16:56:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئاكا بۇ 13 - قىسىمىنى ئاجايىپ ئۇزۇندا يوللىدىڭىز مەنۋە باشقا تورداشلا بەك ساقلاپ كەتتۇق سىزنىڭ يازمىللىرىڭىزنى . مەن سىزنىڭ  چەتئەلدىكى بىلىم ئېلىش ۋە تۇرمۇش كەچۇرۇش ھاياتىڭىزغا بەكمۇ قىزقىمەن ۋە ھەۋەس قىلىمەن .

0

تېما

4

دوست

2038

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9548
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 138
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 228
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 17:03:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ داۋامىنى يەنە قانچىلىك ساخلىتاسىزھە ! ئادەمنى تەققەزا قىلىپ  (چاخچاق)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )