ئالدى بىلەن ئەلى قۇربان ياشلار ئىچىدىن چىققان باشقىچە سۆزچى، كىتابچى ۋە پىسخىك قىززىققۇچىسى. ئەلى قۇربان جىق كىتابلارنى ئوقۇپتىكەن، بۇ ئاسان ئىش ئەمەس. ئەمدى ئەلى قۇرباننىڭ تېخىمۇ يىتىلىپ، مۇكەممەل بىر ناتىق ۋە پىسخولوگقا يېقىنلىشىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىق گەپ سۆزلەرگە قۇلاق سالماي ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى لازىم بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى ئىنىمىز ئەلى قۇربانغا بىر قانچە تەكلىپ: 1.ئۆزىگە ئىشىنىشتىن ھالقىغان "مەنمەنچىلىك" ۋە "يالغانچىلىق"قىلماسلىق ئەلى قۇربان ئۆزىنى "دۇنيادىكى ئەڭ نوچى پىسخولوگ" دېگەن ۋاقتىدا ھېچكىمئۇنىڭغا قارشى بىر نېمە دېمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بىر خىل ئۆزىگە ئىشنىش ئېكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. "توققۇز ئايدا توفىل ئىمتىھانىدىن ئۆتتۈم" دېگەندەك يالغان گەپنى ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىپ باققانلار بىلىپ قالىدۇ. "2000-يىلىپۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا بىرىنچى بولدۇم، يەتتە كۈننى بىر قارار قىلغان 21كۈنلۈك ئۆگىنىش ئۇسسۇلۇم بىلەن ..." دېگەندەك يالغان گەپ بىلەن كىرىم مەنبەسى بولمىغان تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزىنىڭ پلاستىكىسىنى 288يۈەنگە سېتىۋېلىشقا قىززىقتۇرۇش ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ تۇرۇپتۇ. (ئاتۇشتا سۆزلىگەن گېپىدە) تەنقىد بەرگەنلەرنى ئۆزىدىن 300يىل كىچىك دەپ مەنسىتمەسلىك، زىۋىدە خانىمغا كىتاب تەۋسىيە قىلىپ كەينىدىن ياراتماسلىق بىلەن "ئىنگلىزچە" دەپ قويۇشلىرىڭىز تېتىقسىزلىقتىن، ئېلمىيسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. 2. ئۆزگەپ سۆزلىرىدىكى زېتلىق، ئاشقۇنلۇق، دادىسىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ئەلى قۇربان كىتابلاردىن سۆز قوراشتۇرۇشنى كەسىپ قىلغاچقا بۈگۈن مىننەتدارلىق ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىسە ئەتىسى ئۆز دادىسنى "ھاراقكەش، زوراۋان" دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن دادىسىنىڭ ئۇنى دۇنياغا ئەكېلىپ، بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئوقۇتۇپ بۇھالغا كېلىشىگە شارائىت ياراتقان ھەقىقەتتىن مىننەتدار بولماسلىق ۋە ۋە ھەر بىرلېكسىيەسىدە دادىسىنى "ھاراقكەش" دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ھۆرمەتسىزلىك قىلىش. ئاتۇشتىكى لېكسىيەسىدە "ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئۆلۈكى ئوقۇمىغان ئادەمدىنئۇلۇغ" سەپسەتىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، بېيجىڭدا "ئۆلگەن مەخمۇت قەشقىرى ۋە يۇسۇف خاس ھاجىپتىن مەن مۇھىم" سەپسەتىسى، بۇ كىشىنىڭ باشقىلارنى سۆزىگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئاشقۇن گەپلەرنى ئايىماي قىلدىغانلىقىنى كۆرسىتىپتۇرۇپتۇ. 3."قانچە جىق ئوقۇغان بىلىملىك ئادەم ئاددىي گەپ قىلىدۇ" دېگەن سەپسەتىسى بىلەن گەپ سۆزلىرىدە ئىلمى بولمىغان، ئوقۇغان ئادەمگە ماس بولمىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن سىرت، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى بۇزۇپ خەنزۇچە ئاتاش. مەسىلەن: كويزا،ئاردوچو، تۈيجىيەن ... دېگەندەك. ئەلى قۇربان كۇڭزى، مىڭزىلارنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئالغاندا ئۇنىڭ ئەسلى ۋارىيانتىنى دەپ باقمايدۇ، لېكىن ئىنگلىز تىلدىكى مىساللارنى ئالغاندا ئۇنى دەپ باقىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ باقىدۇ.چۈنكى ئەلى قۇرباننىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەسى چەكلىك ھەم تەلەپپۇزى ناچار بولغاچقا بۇ تەرەپتىن ئۆزىنىقاچۇرىدۇ. بۇ ئۆزى دەۋەتقان ئۆز سايىسىدىن قاچماسلىققا زىت. 4. بۇنەچچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن چىققان ئامېرىكىدا ئوقۇغان قۇدرەت، گۈلەن،ئابدۇلخەبەر... دېگەندەك ياشلار ئىنگىلىزتىلىنى ئەلى قۇرباندىن ياخشى بىلسىمۇئۇلار ئۆزىنى ھەممە يەردە داڭلاش يېرىگە شىركەتلەرنى قۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەپ ئۆزىگەۋە مىللىتىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىپ ئالقىشلاندى. ئىنگىلىزتىلى ۋەخەنسۇ تىلىنى ياخشى بىلىدىغان نۇرئەلى جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئىنگىلىزتىلى مەكتىپىدە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى ۋە نۇرغۇن داڭلىق پروگراممىلارغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرمىللىتىنى جۇڭگودىكى يېڭى ئوبرازىنى تىكلەشكە تىرىشتى. ئىنگىلىزتىلىنى ياخشى بىلىدىغان قاسىمجان مەكتەپ قۇرۇپ، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ئۆزىگىمۇ ھەم باشقىلارغىمۇ نەپ بەردى. بۇ كىشىلەر نۇتۇق سۆزلەپ، ساختا پىسخولوگ قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ، كىتابلاردىن جۈملىلەرنى يادلاپ ئىقتىساد مەنبەسى بولمىغان ياشلارنىنىشان قىلىپ پۇل تېپىشنى ئويلىغان بولسا ئەلى قۇرباندىن بەكراك قاملاشتۇراتتى بەلكى. 5.پسخولوگ بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئەلىگە پىكىر تەكلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە باشقىلارنىڭ كىملىكىنى سوراش بۇ خۇددى ئاشپەز بولمىغان كىشىنىڭ تاماق تەمىنى باھالاش ھوقۇقى يوقتەكلا ئەلى قۇربان ساقچى باشقىلار جىنايەتچىدەكلا باشقىلارنىڭ كىملىكىگە ئېسىلىش ھوقۇقى ئەلى قۇرباندا يوق. 6. ئەلىقۇرباننىڭ كىرىم مەنبەسى بولمىغان ياشلارنى نىشانلاپ، يالغان پىسخولوگلىق قىياپىتى بىلەن 100يۈەندىن گەپ بېلىتى سېتىش، 288يۈەندىن پىلاستىنكا سېتىش ئورنىغا ھەقىقىي بىلىم سېتىشنى، ئەلى قۇرباننىڭ ئىنگىلىزتىلى قابىلىيىتى ۋە نۇتۇق قابىلىيىتىنى بىرلەشتۇرۇپ بىرەر مەكتەپ قۇرۇشنى ياكى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ بېقىشىنى،خەنزۇتىلىنى ئۆگىنىپ دۆلەتلىك ئىنگىلىزتىلى مۇسابىقىلىرىدە ئۆزىنى نامايەندە قىلىشىنى، ئەڭ مۇھىمى كىتابلارنى تەرجىمە قىلامدۇ ياكى يازامدۇ ئىلمى، ئاكادىمى بىر زىيالىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 7. گەپ ئويناتقۇچىنى مەدداھ ياكى ۋايىز دەيمىز. مەسىلەن: "بېيجىڭغا كەلسەم ئۈچ ئىشنى قىلىمەن، ئۈچ ئىشنى قىلسام بېيجىڭغا كەلگەندەك بولىمەن." " كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ چوقۇم خاتا، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ توغرا بولۇشى ئېنىق" "سىلەر ئۆزۈڭللاردىن، مەندىن ۋاز كەچسەڭلارمۇ سىلەردىن ۋاز كەچمەيمەن" دېگەندەك سۆز ئوينۇتۇشنى ئازراق كىتاب ئوقۇغان، ئەدەبىياتتىن خەۋىرى بارلارمۇ دېيەلەيدۇ. بۇ گەپلەر تېخى جەمئىيەتكە قەدەم قويمىغان، جىق ئىش كۆرمىگەن، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئېچىرقاۋاتقان بالىلارغا يېڭىلىق تۇيۇلۇپ ئاڭلىشى مۇمكىن. لېكىن سىز بىر زىيالىيلار ئالدىدا بۇنداق تۇتامى يوق گەپلەرنى قىلسىڭىز، سىزگە "يوقال" دەپ سېلىشى مۇمكىن. شۇڭا سىزدە ۋايىزلىق ئەمەس بەلكى زىيالىدەك سۆزلەش يىتىلسە، سىزگە "تېد" نۇتۇقلىرىنى تەۋسىيە قىلاي. "تېد" نۇتۇقلىرى قىسقا، ئىخچام، قايىل قىلارلىق! سىزمۇ شۇنداق قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ. 8.مۇمكىن بولسا چەتئەللەردە ياكى ئېچكىردە بىر قانچە يىل بىلىم ئاشۇرۇپ، ماگىستىر، دوكتۇرلۇقنى ئوقۇپ باقسىڭىز، (ئەگەر ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسىڭىز )ئۇيغۇرلارجەمئىيىتى ئۈچۈن ياراملىق بىر پىسخولوگقا ئايلىپ، ۋەتىنىمىز ۋە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تۆھپىلەرنى قوشسا.. دېگەن ئۈمىدلەر بىلەن.
ھۆرمەت بىلەن تورداش ئاكىڭىز |