لىكىسيە ھەققىدە چالا قالغان گەپلەر
ئاپتورى :پەرھات ئەمەت
لېكسيە دېسە ئىلىگرى خۇددى بىرەر ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنىغا قاتناشقان ئادەملەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرەتتىم،لىكىسيە دېگەن نەرسە بىزنىڭ ئارىمىزدا شۇنداق پەيدا بولىۋدى، بۇنى كۆزگە ئىلماس بولىۋالدىم،چۈنكى ئۇنىڭ مەزمۇندىن بەكرەك داۋرىڭى كۈچلۈك ئىكەن، ئىلىگىرى بىر ناخشچى تازا نام چىقارغاندا ئۇنىڭ پىلاستىنكسى بازار تېىپىپ كېتەتتى،بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەز خاراكتىرىمىز بىلەن مۇناسۋەتلىك ئالاھىدلىك بولسا كېرەك ،نۇرغۇن كىشلەر شۇلارنىڭ ناخشسىنى غىڭشىپ يۈرەتتى، ۋاقىت دېگەن ئاجايىپ نەرسە ،شۇندىن كېيىن ئۇ ناخشلار ئېيتلىپ ئېيتلىپ تۈگەيتتى،ناخشا پىلاستىنكىسنىڭ ئۆيۈمدە ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەنلىرىنى ئاز ۋاقتتىن كېيىن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلانغانلىقىغا قاراپ بەزىدە بىزنىڭ ئارىمىزدا پەيدا بولغان بۇ جەلىپكار نەرسىلەرنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئويلىنىپ قالىمەن.
لىكىسيە ھازىرقى ۋاقتتىا بىز ئۈچۈن ئادەمنى كولدۇر قاپاققا سېلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.- شۇڭا ئۇنىڭدىن جىق ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەيلى،ئۇنى بۇنى دەيدىغان بىدئەتچى داخانلارمۇ كۈچ ئېلشالمسلا پالانچى داخانغا بېرىڭ دەپ شۇلارنى كۆرسىتىپ قوياتتىكەن،ئاندىن ئۇ كىشى يەنەبىر داخاننىڭ ئالدىغا بارسا ،ئۇ ئاۋال كىمگە كۆرۇنگەن دەپ سورايدىكەن ئەگەر ئۆزدىن يۇقىرى ئورۇندىكى كىشى بولسا سىلىنىڭ كېسەللىرىگە مەنمۇ داۋا قىلالمغۇدەكمەن يەنە باشقا جايغا بېرىپ باقالا دەيدىكەن، بىز باشقا گەپنى قويۇپ بۇلاردىكى ئاز تولا كەمتەرلىك ئۈستدە توختالساق ،مۇنداق بىر ھېكمەتنى ھېس قىلىمىز، ھەر بىر كەسپنىڭ ئۆز دائىرسى بولىدۇ،سەن بىلگەنلىرىڭنىڭ ئالدىدا كەمتەرلىك قىلماي ھەممىنى بىلىدىغان ئەلپازدا سۆزلىسەڭ بولمايدۇ،لىكىسيە __ھازىر بىزنىڭ ئارىمىزغا كىرىپ كەلدى،ئەمدى ئۇنى ماڭ يوقال دەپ چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ،قۇملۇققا يامغۇر ياغسا چۆل بوستان بولۇپ كەتمەيدۇ ،لىكىن كشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى<چۆلدە يامغۇر ياغمايدۇ> دېگەن قاراشقا رەددىيە بولالايدۇ،بۇ ئۇلارنى كېينكى كۈنلەردە ئۆستەڭ كولاشقا،بوز يەر ئېچىشقا سەۋەب بولالامدۇ؟بۇنسى نائىنىق لىكسىيە بارغانسىرى ئىسمنى ئاڭلاشتىنمۇ بىزار بولۇپ قالدىغان ئىش بولۇپ قالمسا بولاتتى،. بۇلارنى سۆزلەشكە لايىق ئادەملەر چىقىپ نۇرغۇن ئىلھام بەخىش سۆزلەرنى قىلىدى كۆپ رەھمەت! چاۋاكلاردىن كېيىنكى ھاياجانلىقتىن كېيىن بىز ئۆزىمىزگە قايتىپ كېلىمىز،ئېڭىمىزغا سېىڭىپ كەتكەن ئۆزلۈك ئادەتلىرىمىز يەنە بىزنى ئەسلىدىكى ئۆزىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ،،دوختۇرخانىغا بارساق ھەممە ئادەم كېسەلدەك كۆرۇنىدۇ،دېمەك نۇرغۇن كشىلەرنىڭ ئىدىيسىدە روھىدا نۇقسانلار بار بۇلارنى ئۆزگەرتىش كېرەك دەپ لىكسيە ئۇيۇشتۇرۇلسا بۇ دوختۇرخانا ئىچىدە تۇرۇپ سۆزلەنسە بولىدۇ ،ئۇنىڭدىن سىرتقا چىقىرىپ ھەممدە ئادەمنى سەنمۇ داۋالان دېسە ساق ئادەملەر قوبول قىلمايدۇ.،لىكسيسە مېنڭچە بىر قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئېيتلغان ناخشدىن ئىبارەت،ئۇنىڭ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسەتكەنلكى يالغان. چۈنكى ناخشا ۋاقتىلىق ئادەمنى ساز قىلدۇ ۋاقتى ئۆتكەندىن كېىن ئۇنى ئاڭلاپ قويۇشقلا يارايدۇ،ھېس قىلغۇدەك ھېچنىمسى بولمايدۇ،،ئۇنىڭ ئۈسىتگە قايتا ئاڭلاي دېسەكمۇقىلچە قۇلاققا خوش ياقمايدۇ.مەنسىزلا تۇيۇلىدۇ. بىزدىن بۇرۇنقىلار كىنوخانىغا ئامراقمىش،ئۇلار ئۈچۈن بىرەر مەھەللىدە كىنىو قويۇلسا شۇ يەرگە بار كىشلەر يغىلىپ قانداق كىنو بولسۇن تىراكتورنىڭ ماتورىغا ئۇلاپ قويۇپ بولسسمۇ ھەرىكەتكە كەلتۇرۇپ لابانى ياڭرىتىپ قىزىقىپ كۆرەتتىكەن،ھازىر بىز دەل قىزىپ كەتكەن مېڭىمىزنى كۆتۇرۇپ لېكسيە سۆزلەيدىغانلارنىڭ سورونى ئالدىدا رۇسلنىپ تۇردۇق.
ئەلىنى ئالساق ئۇنىڭ ئىدىيسى غەربچە،پىكىر كۆز قاراشلىرنىڭ قوبول قىلغۇدەك يېرى يوق، ئادەملەرنى ئۆزگەرتىشكە ۋە دە قىلغاندەك ئەلپازدا لىكسىيەنىڭ تۇتامىنى قويمىدى. بەزىلەر يۇمۇرلۇق سۆزلەرگە ئامراق بولۇپ قاپتۇمىش، مېنڭچە رەھمەتلىك تۇداخون ياكى ھېسام قۇربانمۇ بىزنى تېلىقىپ قالغۇدەك كۈلدۈرگەن،بۇنى روھى ساغلاملىققا ئېرشتۇردى دېيەلمەيمىز،ئۇلار شۇ سورۇن شۇ مېنۇتتىلا بىزنى كۈلدۈردى،روھىمىزنى ئەمەس دىلىمىزنى سۆيۈندۇردى خالاس،ھېس ھاياجان بىلەن ئەقىلنى بىرلەشتۇرۇپ ئويلاپ باقساقلا بىزدە بىر خىل دولقۇنسمان قىزغىنلىقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلمىز بۇ دولقۇن تەڭرى تاغلىرىنى بويلاپ تارمىغا بارالايدۇ،ئۈرۈمچىدە بىرسى لىكسيە سۆزلىسە ئۇنىڭغا تۇرپانلىقتىن تارتىپ خوتەنلىككىچە قىزىقىپ باقىدۇ،مال باققان ئادەملەرنى كۈزتىپ باقسام بەزىلىرى مالنى سەمىرتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەرخىل خۇرۇچىلارنى قوشۇپ بېردىكەن،ئەسلىدە مال چۆپ يېسلا كۇپايە قىلسمۇ لىكىن ھازىرقى مالچىلارنىڭ مالغا بەرگەن نەرسلىرى 80خالتىدىنمۇ كۆپ ئىكەن،ھەرخىل كېسەللەرگە قارشى نەرسىلەرنى بېرىۋەرسە گۆشنىڭ تەمى قاچىدۇ لىكىن كىشلەر ئىقتسادنى كۆزلەپ بىچارە قويلارنى قويدەك تەربيىلمەي ئۇنىڭغا يەپە باقمىغان نەرسىلەنى تەڭلەيدىكەن، تېخى قويۇپ بەرسە ئاپشاركىدەك قاۋاشقا،ئۆزەڭنى ئەكىن تۇتۇپ قوي بولماي كالىدەك مۆرەپ باقمامسەن ؟ دەيدىغانكلا قىلدىكەن، قويلار پۇراپ قويۇپ بېشنى تارتىۋالسا ئەسلىدە مەيلى بولمسا <كېسلى بار>دەپ قاراپ دورا ئىچكۈزدىكەن، ،بەزىدە تاماشبىنلار ئارتستەك،ئارتسىلارنىڭ ئاددى كۆرۇرمەنچلىك رولى يوقتەك بىلىندۇ، بۇدا بىر ناۋانى كۆردۇم ئۇنىڭدا 500 يىل ياشىيالمايدىغان بىرەيلەن ئەتكەن ناخشنى ئۆزنىڭ ئەتكەن ناخشىسدىنمۇ ياخشىراق ئېيتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقشىغا سازاۋەر بولغان بولسىمۇ كەينىگە ئۆرۈلىيەلمەي قاپتۇ.
ئۆرۇلۇپ قويسا قوللىغان ئەمەس بەلكى قوللىمىغان بولامىش، سەۋىيسى يېتىشپلا قالسا <شاگىرىت> قىلىشقمۇ يارىماي قالارمىش،شۇنداق ياخشى ناخشا سەھنىدە ئېيتلىپ قايتىپ كەتتى. ئۆز ئورنىنى قانداق ساقلاپ قېلىشنىڭ غىمىغا چۈشكەن كەسپى خادىملار ئىشخانىدا ئولتۇرمايدۇ،ئىلىگىرى بىر ماتىماتىكا مۇئەللىمنى ھەر يەكشەنبە كۈنى مال بازىرىدا كۆرەتتىم،ئۇ ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ مال بازىردا نېمە سودا قىلىپ يۈرگەندۇ دەپ ئويلاپتىمەن،ئەسلىدە مائاش يەنى ئىقتساد يارىتىش بىر ئادەمنىڭ قىلمسا بولمايدىغان زۆرىيتى ئىكەنلكىنى ھېس قىلماپتىمەن،خىيالمىدا تولىمۇ چاكىنا مۇئەللىمدەك ھېس قىلغان بولساممۇ ھەر ھالدا ئۇ سودا مەيداندا سودا قىلىپ مەكتەپتە ئەپەندىچىلىكىنى قىلىپتۇ، بۇ نورمال ئىش ئىكەن دېمەك ئۇ ئۇستازىم ئىقتساد بىلەن ئىلىمنى ئايرىپتۇ.ھەرگىزمۇ پۇل تېىپش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىقىۋالماپتۇ. مەن شۇنداق ئويلايمەن ئىدىيە ئىديە دېدۇق ئاڭلىساق غەربتە بۇ ئىش مودىغا ئايلىنپتۇ،قايسى بىر چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن قېرىندشىمىز تېلىۋوزوردا ئۈمىد غەنى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە"
مەن ئامىرىكدە ئىدىيەمنى سېتىپ قانچەمىڭ دوللار كىرىم قىلدىم دەپتۇ. پاھ،ئىدىيەلەرنىڭ ماكانى ئامىرىكا پۇل تېپشقا شۇنداق لايىق جاي ئىكەندە! دەپ ئويلىدىم،.
ئاخىردا شۇنى بىلدىم، لىكسىيە __ بىر خىل ئىدىيە __ پۇل __يېڭى ئىدىيە. (بۇ ئۇنىڭ نەزەرىيە تەرىپى) ماددى جەھەتتە لىكىسيە __ئىدىيە --قۇرۇق گەپ__ _پۇل__ بايلىق مەقسەت بولۇشى مۇمكىن.
|