قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 364|ئىنكاس: 1

ئادەم ۋە ئادىمىيلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

336

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33438
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 11:57:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ۋە ئادىمىيلىك


     ئادەم ۋە ئادىميلىكدىن ئىبارەت بۇئىككى ئۇقۇم زامان-زامانلاردىن بۇيان تەتقىقات تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە . دەۋېر ئۆزگىرشى ئالاھىدە تېز بۇلىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، كىشىلىرىمىز ئارىسىدا بولىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەپلىك90-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان بىرياش ، ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى كەڭ خەلىق ئاممىسى بىلەن  ئورتاقلىشىش ئۇچۇن ئۇشبۇ يازمىنى سىلەرگە سۇندى.
   ئادەم دېگەن بۇسۆزنى چۇشەنمەك ناھايىتى قىيىن، ئادەم  روھ،تەن،ھېسيات ۋە تەپەككۇرنىڭ بىرلەشمىسى چۇنكى روھ بولمىسا ئادەمنىڭمۇ بولغاننىڭ پايدىسى يوق ، تەن،ھېسيات،تەپەككۇرلارمۇ بولمىسا بۇبىرغەلىتىلىك. ئاۋال ئادەمنى چۇشىنىپ باقايلى: ئادەمدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك ئۇنىڭدىكى ھېسيات بولسا كېرەك، چۇنكى شۇ نەرسە ئادەمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستۇن ئورۇنغا چىقارغان. ھېسيات نۇرغۇن ئىشلارغا بېرىپ تاقىشىدۇ،مۇھاببەت،كۆز-قاراش،ئويلىنىش بۇلارنىڭ ھەممىسى بىربىردىن ئايرىلالمايدۇ .
  مۇھاببەت،بۇئىنتايىن سەزگۇر تېما. تارىخدىن بۇيان مۇھاببەت ئۇچۇن تالاي قىتىملاپ شىددەتلىك جەڭلەر،ساناپ تۇگەتكۈسىز ئسسىق قانلار ئاقتى. يەنەكېلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدا، بىزگە ئۆرنەك بولالايدىغان ئېسىل زاتلىرىمىزمۇ بولۇپ ئۆتكەن. شۇ زاتلىرىمىزنى بىزگە تونۇشتۇرۇش ئۇچۇن، بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىز كېچە-كۈندۈز ئىزدىنىپ دەستە-دەستە كىتاپلارنى،نۇرغۇنلىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ ،بىزنى شۇئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىدىغان ھالەتكە ئەكەلدى.بىزمۇقەيەرگىلا بارساق ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز ۋە ئۆرۇپ-ئادەتلىرىمىزنى پەش قىلىپ يۈرۋاتىمىز .
  مۇھاببەت ئۇ ھېسىياتنىڭ تەركىبىي قىسمى، ھېسيات يوق ئائىلە ئۇ بىر قۇرۇپ قالغان دەرخكە ئوخشايدۇ .ھازىزقى ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدىكى بەزىبىر ئادەملەر ھېسىياتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ،لېكىن كۆپ ساندىكى ئادەملەر ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ .نېمىشقا دېگەندە ئادەمدىكى تەبىي ئويۇنغا بولغان خۇمارى،شۇ ئادەمنى باشقۇرۋالغانلىقدىن ئادەمدىكى ئەستايىدىللىق ئېڭى ئىنتايىن ئاجىزدۇر .شۇڭا بۇخىلدىكى ئادەملەر مۇھاببەتنىڭ زەربىسىگە ئاسان ئۇچىرايدۇ لېكىن بەك ئەستايىدىل بولۇشمۇ ئانچە ياخشى چارە ئەمەس.دەل مۇشۇنىڭ ئۆزى تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان مۇھاببەت ھېكايىلىرى ، مۇھاببەت ناخشىلىرى ۋە يېقىنقى زامان مۇھاببەت فىلىملىرىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرىدۇر .
   ھازىرقى ياشلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھاببەت بىر ئويۇن بولۇپ قالماقتا،ئوغۇل-قىزلار مۇناسىۋىتى مۇرەككەپلىشىۋاتقان بۇدەۋىردە بىر-بىرىدىن ئەيمىنىش ،خىجىل بولۇش يوقاپ بارغانسىرى ئەركىنلىشىشكە قاراپ يول ئالدى .ئوغۇللاردا بولۇۋاتقان كەيىپ-ساپا ،قىزلاردا بولىۋاتقان ئىپپىتىگە مەسئۇل بولالماسلىقتەك ئەھۋاللار بىزگە ئادەتتىكى ئىشلار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ .جەمىيىتىمىزدىمۇ بۇ ئەھۋاللارغا قارتا ھەرخىل ئىنكاسلار بولدى ،لېكىن كىم ئاڭلىدى ؟كىم بۇئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەپ باقتى ؟يەنە كىم خاتا يولدىن توغرا يولغا قايتىپ كەلدى ؟بۇلارغا كىم جاۋاپ بېرەلەيدۇ ؟.
   ئويلاپ باقىدىغان بولساق ئادەملەر مۇناسىۋەتلەردە يۇقىرى-تۆۋەنلىك ئورنىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ،شۇسەۋەپلىك ئادەملەردىكى كوزقاراشلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .چۇنكى ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەتنىڭ تۇپ مەنبەسى پۇل !.پۇل بىلەن ھەرقانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ ،شۇڭا ھەرقانداق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئېرىشىش مۇمكىن ،ھەتتا ئەڭ مۇھىم نەرسىلىرىمىزدىنمۇ ئايرىلىشىمىز مۇمكىن .لېكىن قانداق ئېرىشىشنى تاللاش مۇھىم بولغان بىر قارار،بۇقارارنى قانداق چىقىرىش كېرەك ؟.ئادەم بولغانكەنسىز سىزدە تەپەككۇر ئويلىنىش ئىقدىدارىڭىز بولىشى مۇقەرەر ،ئۇنداقتا بۇ ئىقدىدارنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك ؟.ئويۇنغىمۇ ؟مال-دۇنياغىمۇ ؟ياكى ئۆزىڭىزگىمۇ ؟
    ھەممىمىزگە مەلۇملۇق ئادەم ئۆزىنىنڭ قىلغان ئىشلىرى بىلەن ماختىنىشقا ئامراق ،قىسقىغىنە بولغان بۇ ھاياتتا يەنە نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلىپ تۇگىتەلمەيمىز ھەم قىلالمايمىز .ئادەمنىڭ ھاياتى پۇشايمان بىلەن تولغان بولىدۇ .نۇرغۇن ئادەملەر بۇلارنى تەقدىر دەپلام چۇشىنىدۇ ،گەپ تۇزىتىشتە ئەمەس بەلكى باشلاشتا !
   ئادەمنىڭ ھاياتىنى قانداق باشلاش كېرەك ؟گەپ سىزدىكى ئىدىيە ،ئويلىنىش ،تەپەككۇر قىلىش ۋە خۇلاسىلەش ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا ئاندىن ھاياتنى قانداق باشلاش كېرەكلىكىنى چۇشەنگىلى بولىدۇ .بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ ئىدىيەرىڭىزنىڭ قانداق بولىشىدا ،يەنى ئىدىيە سىزنىڭ ئادەم بولىشىڭىز ۋەياكى مەڭگۇ ۋەيران بولىشىڭىزدىكى ئاچقۇچلۇق مۇھىم نۇقتا .
   بىز ئۇيغۇرلاردا ئادەم دېگەن بۇ ئۇقۇم ئانچە كۆزگە ئىلىنىپ كەتمەيدۇ ،سەۋەبى بىزدىكى كۆرەلمەسلىك ،ياراتماسلىق ،ھەسەتخورلۇق ۋە دورامچىلىق .بۇلارنىڭ بىزنىڭ جەمىيىتىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر ،ھەم بۇ ئىشلار ئەتىراپىمىزدا كۆپلەپ يۈزبېرىپ بىزئۇلاردىن سەسكىنىدىغان بولۇپ قالدۇق .ھەممە يەردە سۆزلىنىۋاتقان مەدىنىيەت بىزدە پەقەتلا مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن ئىبارەت ،ھازىرقى دەۋىرىمىزدە بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى قەغەز ئۇستىگە بېسىلغان تامغا بەلگىلەيدۇ خالاس .ئەسلىدە بۇنداق قىلىشمۇ ئارتۇقچە ،بۇ پەقەت كىشىلەر ئوتتۇرسىدكى ئىشەنمەسلىكنى تۈگۈتۈش،جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئورىنىنى پەرىقلەندۇرۇش ئۇچۇن ئىشلىتىلگەن چارە ،لېكىن ھازىرچۇ ؟.
   مانا مۇشۇنداق ئادەم ئۆزى ئەڭ ئېسىل مەخلۇقات تۇرۇپ ،ئۆزىنىڭ ئىجات قىلغانلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا باش ئېگىپ ياشاۋاتىمىز .بۇلارنى ئوقۇپ چۇشىنەلىشىڭز مۇمكىن ۋەياكى قەغەزئۇستىدىكى ھەرىپ لەرنى پەقەتلا كۆرۇپ قويىشىڭىز مۇمكىن .بۇنى ئوقىغانكەنسىز سىزدە بىر ئىنكاس بولىشى تەبىي ،ھەم مەنمۇ ئۆزۇمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇش ئۇچۇن سىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزگە مۇھتاج . شۇڭا ئەگەر خالىسىڭىز مېنىڭ ئۇندىدارىم ئارقىلىق ئۇچۇر قالدۇرسىڭىز بولىدۇ .
                     
       ئۇندىدارىم akil906
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۇنى       ئۇرۇمچى

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 17:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرەلمەسلىك ،ياراتماسلىق ،ھەسەتخورلۇق ۋە دورامچىلىق بىر مىللەت گەۋدىسىدە بولمايدۇ ، شەخىستە بۇلىدۇ ،، شۇڭا بىر پۈتۈن مىللەتكە ئىللەت ئارتساق خاتالىشىمىز ، ئارىمىزدا ھەقىقەتەن شۇنداق ئىنسانلار بار ، بىراق نۇرغۇن ئۇيغۇر ئۇنداق ئەمەس ، شەخسەن مەن ئۇنداق ئەمەس .
  مىنىڭ ئەتراپىمدا مىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغان ئادەملەر بولغاندەك ۋاقتى كەلسە خاتا قىلغان ئىشلىرىمدا مىنى قىزارتىپ تۇرۇپ تەنقىت ، تەربىيە بىرەلەيدىغان يىقىنلىرىم بار ، ئوخشاشلا ئاشۇنداق يامان سۈپەتكە ئىگە ئادەملەرمۇ بار . مەن ھەربىر مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ئۈزۈمدە بارمۇ يوقمۇ شۇ توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقىمەن .  ئەيىبنى شەخىسكە قۇيىمىز ، توپقا ئەمەس .
   ئەختەم ئۆمەرنىڭ كاللىسى بۇيىچە پىكىر قىلىدىغان دەۋر ئۈتۈپ كەتتى ، بۇنداق پىكىر قىلغاننىڭ ئۇيغۇرغا زىيىنى بولسا باركى پايدىسى يوق ، 21 - ئەسىردە گۈلەننىڭ تەپەككۇرىدىن پايدىلانساق بۇلىدۇ ، لېكىن ئۇمۇ مۇتلەق ئەمەس . تەپەككۇر دىگەن بىرەر داڭلىق نىمە دىسە شۇ بۇلىدىغان نەرسە ئەمەس ، رىئال ماكان ، زامان ، شارائىت ، ئادەم ، ئىشقا قارىتا كۇنكىرت پىكىر بۇلۇشى كىرەك . شۇڭا قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى جايلىرى مۇشۇ تەپەككۇر ئۇسۇلى بۇيىچە ھەرجايدا ھەرخىل تەپسىر قىلىنىدۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )