كۆتۈرىلىۋاتقان ھور، تېرىلىۋاتقان روھ-(2)
قەيسەر مىجىت
ئۈرۈمچىدىكى چېغىمدا ھازىرقى زامانىمىزدىكى يىتۈك ئالىمىمىز -مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىنىڭ ئاجايىپ تەپەككۇرغا تويۇنغان ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ تۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم. ئەمدى ئەسلىسەم، مەرھۇم ئالىم ئىچىمىزدىن چىققان يىراقنى كۆرەر دانىشمەن زات ئىكەن. ئەينى چاغدا مەن بۇ زاتنىڭ "يىپەك يولى مەدىنىيىتى ۋە ئىقتىسادى" ھەققىدىكى جۈملىدىن يەرشارىلىشىش ھەققىدىكى يازمىلىرىدىن كۆپ ئىلھام ئالغان ئىدىم. ئۇ چاغلار 90-يىللار ئەمدى كىرىشكە باشلىغان يىللار بولۇپ، يەر شارىلىشىش ھەققىدىكى تەھلىللەر، يازمىلار ئۇرۇقلۇقلا ئىدى.
مانا ئارىدىن 20 يىل ۋاقىت ئۆتكەندە بىز، ھەممىمىز يەر شارىلىشىشنىڭ دولقۇنلىرىدا چايقىلىۋاتىمىز. يەنى بىز بۇ دولقۇنغا قىزىقمىساقمۇ، بۇ دولقۇن بىزنى تارتىپ كىتىۋاتىدۇ. ئۆزلىكىمىزگە، كەلگۈسىمىزگە، ئۆزىمىزگە ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا نىسبەتەن بۇ بىر رىقابەت، بۇ بىر تەھدىت، ئەگەر مەلۇم ساھەدە زامانىۋى ئىلىم پەن ئاساسىدا تەپەككۇر قىلىنىپ پىشىپ يىتىلگەن ستراتىگىيەلىك نەزەرىيىنى ئۆزىمىزگە يىتەكچى قىلساق، بەلكى بىز تەھدىتنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرالايمىز، يەنى بىز يەرشالىشىش دولقۇنىدا چۆكۈپ كەتمەيمىز، بەلكى ئۈزۈپ چىقىمىز.
مەن خەلقىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىشىنىخالىمايمەن، بولۇپمۇ ئىقتىسادى ساھەدە. شۇنداقلا مەن خەلقىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىنى، مائارىپنى ۋە ئىقتىسادنى ئۆزىمىزنى گۈللەندۈرۈپ روناق تاپقۇزۇشنىڭ پىشاڭلىرى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. ناخشا -ئۇسۇلغا ھەددىدىن زىيادە بىرىلگەن خەلق - مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغانلاردىن بولۇپ قالىدۇ. باشقىلار ئىككى ئەسىر ئىلگىرى چايناپ بولغان گەپنى باشقىچە ياساپ ئوراپ ئەكىلىپ، ئۆزئارا بىر-بىرىنى تارتىشىپ تىللىشىپ چايناپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش، ئاق كۆڭۈل خەلقنىڭ ھىسسىياتىنى ئەخمەق قىلىش - خەلقنى تەرەققىياتقا ئەمەس، ئىچكى نىزاغا باشلايدۇ، ۋاقىت، زېھن ۋە بايلىق ئىسراپچىلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پەقەت ئەخمەقلەرلا - قۇرۇق گەپنى تولا قىلىدۇ ياكى ياغلىما گەپچىلەرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىتىدۇ.
رېئال دۇنيانى چۈشۈنۈپ ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆز تەقدىرىگە باغلاپ پىكىر قىلىپ خەلقىنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئىلھام بىرىپ، ئۇلارنىڭ يىغىسىغا يىغلايدىغان تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالىم ۋە زىيالىلارنىڭ سۆزىگە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىن كۆرەرلىككە تولغان پىكىرلىرىنى چۈشىنىپ ئۆزلىرىنىڭ رېئال تۇرمۇشىغا تەتبىقلاشنى بىلمىگەن خەلق - قاقشاپ، زارلاپ، روھسىزلىق ۋە ئىشەنچسىزلىك پاتقىقىغا پاتىدۇ ،خالاس.
بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا - بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتتى، يەنى يەرشالىشىش ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتتى، بۇ دولقۇن بارغانسىرى كۈچەيسە كۈچىيدۇكى ئەمما پەسەيمەيدۇ، يەنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەرنىڭ سەۋەنلىگى تۈپەيلىدىن ۋە ياكى تەبىئەتتىن بالايى-ئاپەت كەلمىگەن شارائىت ئاستىدا.
شۇنى ئىنىق ئىيتىش كىرەككى، كۈنسىرى قويۇق ھەم زىچلىشىپ كىتىۋاتقان ئىقتىسادى مۇناسىۋەت - يەرشارىلىشىشنىڭ سۈرئىتىنى بەك تىزلىتىۋەتتى.
ئۇنداقتا زادى قايسى سەۋەپلەر - ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ، ۋە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسر كۆرسىتىۋاتقان ۋە كەلگۈسىگە ھەم تەسر قىلىدىغان بۇ خىل خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؟
مۇتەخەسسىلەرنىڭ قارىشىچە مۇنداق تۆت خىل سەۋەپ خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ كۆتۈرلىشىنى يەنى ئىقتىسادنىڭ خەلقئارالىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى:
بىرىنجى: دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربى توقۇنۇنۇشنىڭ يۈز بېرىش ئىھتىماللىغىنىڭ تۆۋەنلىشى. گەرچە ئايرىم رايونلاردا ھەربى توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۆتكەن ئەسىردە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدەك ئۇرۇشنىڭ يۇز بېرىش ئىھتىماللىغى تۆۋەنلىدى.
مۇبادا 3-دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بىرىدىغان ئىش بولسا، بەلكىم يەر شارىنى جەسەت قاپلاپ كىتىشى، ياشاش مۇھىتى بۇزۇلۇپ ئىنسانلار ئۆزىنى ئۆزى كۇمپەيكۇم قىلىۋىتىشى مۇمكىن. دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەر بۇ نۇقتىنى بىلىدۇ، بىر-بىرىگە خىرىس قىلىدۇ يۇ ئەمما مۇش ئاتالمايدۇ ھەم ئاتمايدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بۈگۈنكى كۈندە - ئىقتىسادى ئۇرۇش بولۇپ ئىپادىلەنمەكتە. نۆۋەتتە روسىيەدە يۇز بىرىۋاتقان پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى - دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ئۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئىككىنجى: نۆۋەتتە دۇنيادا 7 مىلياردتىن ئارتۇق خەلق بار بولۇپ ئۇلار 200 گە يىقىن دۆلەت ۋە رايوندا ياشايدۇ. كۈچلۈك دۆلەتلەر - بىرلەشكەن دۆلەتلەر قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئەمدى باشقا بىر رايون ۋە دۆلەتنىڭ زىمىنىنى ۋە بايلىقىنى كۆزلەپ ئالدىراپ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىمايدۇ ھەم قوزغىيالمايدۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىپىسى - ئۇرۇش ئارقىلىق زىمىن ئىگەللەش ئەمەس بەلكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش. ئىنتېرنىت دۇنيانى باغلىماقتا، ھەم خەلق ئاممىسىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى تونۇپ يىتىش ھەمدە قوغداشتەك سەۋىيەگە ئىگە قىلماقتا، شۇڭا دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بارا-بارا ھەربى كۈچنى قوغلىشىشتىن ئۇلارنىڭ پۇقرالىرىنىڭ پاراۋانلىغىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە زۆرۈر بولغان ئىقتىسادى كۈچنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا يۈزلەنمەكتە.
ئۈچىنچى: ئىقتىسادى گۈللىنىش - بازار ئىگىلىگىدىن ئىبارەت ئىقتىسادى تۈزۈمنىڭ راۋاجلىنىشىغا تايىنىدۇ. مەسىلەن جوڭگۇنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى - ئۇنىڭ پىلانلىق ئىگىلىكتىن، پىلانلىق ھالدىكى تاۋار ئىگىلىگى ۋە ئاخىرىدا بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىشىكنى ئېچۋىتىش سىياسىتى - بازار ئىگىلىگىنى جانلاندۇرغان بولسا، بازار ئىگىلىگى - جوڭگۇنىڭ ئېكسپورت ئاساسىدىكى خەلقئاراغا يۈزلەنگەن ئىقتىسادى گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كىيىن ئەينى چاغدا پىلانلىق ئىگىلىكتە تۇرغان نۇرغۇن دۆلەتلەر بىراقلا بازار ئىگىلىگىگە ئۆتتى.
بازار ئىگىلىگىنىڭ ئەڭ زور رولى، ئۇنىڭ بايلىقلارنى ئۈنۈملىك تەقسىملىشىدە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ ئىلگىرى پىلانلىق ئىگىلىك ئاسارىتىدە بىكىك ھالەتتە تۇرغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ بازار ئىگىلىگىگە ئۆتۈشى بىلەن خەلقارا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تۆتىنجى: يەرشالىشىشتا كاتالىزاتورلۇق رول ئوينىغىنى - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىدۇر.پار ماشىنىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ئاساس سالغان 18-ئەسىردە باشلانغان سانائەت ئىنقىلاۋى، تۆمۈريوللارنىڭ ياسىلىشى ۋە 19-ئەسىردە تىلىگراپنىڭ كەشپ قىلىنىشى 20 -ئەسىردە ئابتوموبىل، ئايرۇپىلان ۋە تىلىپوننىڭ كەشىپ قىلىنىشى - شۇنداقلا 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشقا باشلىغان ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىلىرى ھەمدە تېخى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان پەيدا بولغان ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە قوراللىرى دۇنيا خەلقىنى بىر-بىرى بىلەن باغلىۋەتتى، ئېچۋىتىلگەن دۇنيا - تاۋار ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ، پۇلنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تاۋارنىڭ يۆتكىلىشى - تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، پۇلنىڭ يۆتكىلىشى - كاپىتالنىڭ يۆتكىلىشى يەنى توغرىسىنى ئېيتقاندا مەبلەغ سېلىش بولۇپ ئىپادىلەندى، ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى - يەنى ئىقتىسادى تەرەققى قىلمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىن ئىقتىساد تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشى - كۆچمەنلىشىش بولۇپ، بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىلىپ چىققان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
دىمەك بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ يۆتكىلىشى - يەرشالىشىشنىڭ ھەم مەزمۇنىنى تەشكىل قىلسا ھەم ئۇنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى.خوش شۇنداق ئىكەن، بىز بۇ دولقۇندا قانداق ھالەتتە تۇردۇق ؟ قانداق پوزىتسىيە تۇتتۇق ؟ قىلماقچى بولغان مۇلاھىزەم - ئىقتىسادى مەسىلىلەر ئۈستىدە بولغىنى ئۈچۈن - پىكرىمنىڭ چېچىلىپ، يېيىلىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن، مەن گېپىمنى ئۇيغۇر ئىگىلىكىگە قايتۇرۇپ كىلەي.
بۇلتۇر نويابىردا جوڭگۇ - 40 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق "يىپەك يولى فوندى" نى تەسىس قىلىش ھەمدە "يىڭى يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلىۋىقىنى" بەرپا قىلىشتا زۆرۈر بولغان ئاساسى مۇئەسسە قۇرۇلىشىغا مەبلەغ سېلىش يەنى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ نېفت ۋە تەبئىي گازلىرىنى يۆتكەيدىغان چىگرا ئاتلىغان ئۇزۇن مۇساپىلىق تۇربىلارنى ئورنىتىش، دۆلەتلەر ئارا تۇتاشقان قۇرۇقلۇق قاتناش يوللىرى بولۇپمۇ تۆمۈر يول قۇرۇلىشىنى ياساشنى پىلان قىلدى. مۇشۇ پىلاننىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پۇل-مۇئامىلە، ئوبوروت ۋە مۇلازىمەت مەرگىزىگە ئايلاندۇرۇش پىلانى بار ئىكەن
ئەگەر بۇ پىلان رىئاللىققا ئايلىنىپ كونكىرىتنىلاشسا ئۇنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان تەسىرى بىزگە بولۇپمۇ كارخانىچىلىرىمىزغا بولىدىغان تەسىرى قانداق بولىدۇ؟
باشقا شارائىت ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى - تاۋارلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشىنى تىزلىتىدۇ، توشۇش تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئالايلى، مىللى كارخانىچىلىرىمىزدىن ئاقسۇدا زاۋۇت قۇرۇپ يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ۋە ساپ ئورگانىك ئوزۇقلۇقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئادىل نىياز ئەپەندىمگە ئوخشاش كارخانىچىلارغا نىسبەتەن بۇ قانداق پۇرسەتلەرنى ھەمدە خىرىسلارنى ئىلىپ كىلىدۇ؟
مۇبادا ئادىل ئەپەندىم ئۆز زاۋۇتىنىڭ سۈپەتلىك ھەم ئىشەنچلىك مەھسۇلاتلىرىنى قوشنا ئەللەردىكى بازارلارغا تۆۋەنرەك توشۇش تەننەرقى بىلەن يۆتكىيەلىسە، ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭغا مەنپەئەتلىك بولىدۇ. ئەگەر ئادىل ئەپەندىم بىلەن بىر كەسپتە شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ ئوخشاش تەپەككۇردا بولۇپ ئۆز مەھسۇلاتلىرى بىلەن بازارنى تولدۇرىۋەتسە، ئۇنىڭ پايدا ئىلىش بوشلۇقى تارىيىدۇ.
شانئال ئىگىلىك تىكلەش مەكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىسى ئايتۇرسۇن رۇسۇل خانىم بۇلتۇر باھاردا ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى - ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنى باشلاپ بوستوننى زىيارەت قىلغىنىدا مىنى ئۇلارغا لىكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى، مەن لىكسىيەنى سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن، خانىم خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق دىگەن ئىدى، بۇ سۆزى ھازىرمۇ قۇلاق تۇۋىمدە جاراڭلايدۇ.- "بىز چوقۇم زامانىۋى كارخانىچى بولىمىز دەيدىكەنمىز، نەچچە مىليون سېتىۋىلىش كۈچى ئاجىز بولغان دىھقانلىرىمىزنىلا كۆزلىمەي، مەملىكەت ئىچىدىكى چوڭ بازارنى، خەلقئارا بازارنى كۆزلىشىمىز، ماركىلىق، ئۆلچەملىك، سۈپەتلىك تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىشىمىز لازىم".
مەن ئۇ سۆزنى ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان سۆز دەپ قارايمەن. سەۋەب ئاددى: خۇددى ئىقتىساد ئىلمىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى چۈشەندۈرىدىغان مەشھۇر مودىل ياكى قېلىپ، سولوۋ مودىلى - ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەمگەك كۈچى، كاپىتال ۋە تېخنىكىغا باغلاپ چۈشەندۈرگەندەك، ئۇيغۇر ئىگىلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا توغرىسىنى ئېيتقاندا زامانىۋى ئۇيغۇر ئىگىلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا بىز مانا مۇشۇ ئۈچ نەرسىگە تايىنىمىز.
دىمەكچىمەنكى، كارخانىچىلىرىمىزدىن جوڭگۇ ۋە دۇنياغا تونۇلغان زامانىۋى كارخانىچى چىقىشى ئۈچۈن ئۇ ئالدى بىلەن چوقۇم ساپالىق خىزمەتچىلىرى، مۇئەييەن جۇغلانما كاپىتالى ۋە شۇ ۋەجىدىن ئىلغار تېخنىكىسى بولغان كارخانىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
(ئۇيقۇ كىلىپ كەتتى، داۋامى داۋاملىق يېزىلىدۇ)
بىرىنجى قىسىمى بۇ يەردە :./thread-27147-1-1.html |