بۇ يازمىنى ئاخىرىدا neghem-qul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-12 15:40
ۋول سىترىت ۋە ئامىرىكا (1)
نەغەم تۆمۈر
نوپوسى 20 مىليوندىن ئاشىدىغان، بىر مىنۇتمۇ ئۇخلاپ قالمايدىغان بىر شەھەردە 300 مىڭ كىشىدىن تەركىپ تاپقان، ئاچكۆز، شەخسىيەتچى، ئەقىللىق ۋە كەسپىنى قىزغىن سۈيىدىغان بىر كىچىك كوللىكتىپ بولۇپ، ئۇلار دوپپامدەك بىر كوچىغا يىغىلىشقان. ئۇلار ھەرۋاقىت دۇنياغا پۇل ۋە بايلىقنىڭ جۇغلىنىشىنى، خەتەر ۋە كاپىتالنىڭ سىرلىق ئورۇنلاشتۇرىلىشىنى، شۇنداقلا شۇ ئارقىلىق دۇنيانى كونترول قىلالايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ دەل رىۋايەتلەردىكى ۋول سىترىت كوچىسىدۇر. ئۇلارنى بۇنداق غايىبانە ھاياتى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ تۇرىۋاتقىنى بايلىقنىڭ ئۆزى بولماستىن ئۇلاردىكى يۈكسەك ئىشەنچتۇر.
ۋول سترىت ئىشەنچنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر سەھنە. بۇ خىل ئىشەنچ پۈتۈن ئامىرىكىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى، ھەرقايسى كەسپلەردىكى سۈپەتلىك خېرىدارلارنى، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدىكى بايلىقلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، تارتىپ تۇرىدۇ.
11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن كۆپلىگەن بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋول سىترىتتىن باشقا تىنچ جايغا كۆچتى، ھازىر ۋول سىترىتتا نيۇيورك فىدىراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسىدىن باشقا بانكا قالمىدى، لىكىن كىشىلەر ئادىتى بۇيىچە پۈتۈن مۇشۇ ساھەنى ياكى كىشىلەرنى يەنىلا ۋول سىترىت دەپ ئاتىشىدۇ. روكفىللىر مەركىزىنىڭ ئىشخانىسىدا كىشىلەر ‹ۋول سىترىت كۈنلۈك گىزىتى› نى ئوقۇشىدۇ، پارلامىنت يىغىنىدا فىدىراتسىيە بانكىسى ۋول سىترىتنىڭ پوزىتسىيىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلىدۇ، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى كارخانىلار ۋول سىترىتقا مەبلەغ سېلىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ...ئىلگىرى بۇ كوچىدا سالومون ئاكا ئۇكىلار سېۋەتلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، ئاكسىيە ۋاكالەتچىلىرىگە زايوم سېتىپ باققان، مورگان ئامىرىكا ئىقتىسادىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش توغرىسىدا مەخپى يىغىن ئاچقان، مىلكىن پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئەخلەت زايومىنى تارقاتقان....
بۇ كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكىلى، بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتكىلى نەچچە ئون يىللار بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ روھى نيۇيورك ئاسمىنىدا لەيلەپ، ياش بانكىرلار، تەھلىلچىلەر، ۋاستىچىلەر ئارىسىدا يېڭى-يېڭى مۆجىزىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىۋاتىدۇ. مانا بۇ رىۋايەتلەردىكى ۋول سىترىت كوچىسى.
سەھەر سائەت يەتتىدىن كەچ ئون ئىككىگىچە بۇ كوچىدىكى ھەرقانداق ئىشخانىنىڭ چىرىقى ئۆچمەيدۇ، كومپىيوتىرى تاقالمايدۇ. ھەممە ئادەم تاتلىق ئۇيقىغا غەرق بولغاندا ئۇلار يىراق بىر مەملىكەتتىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بۇلىدۇ. تېخى ھېچكىم بۇخارادىن قايتىپ كەلمىگەندە ئۇلار قېنىق قەھۋە ئىچكەچ ئەتىگەنلىك يىغىنغا تەييارلىق قىلىشىدۇ. باشقىلار بايرام ياكى ھەپتە ئاخىرىنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇشال ئۆتكۈزىۋاتقاندا ئۇلار باشقا مەملىكەتتىكى بىر يېڭى بازار توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىۋاتقان بۇلىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ خىزمەت ئەمەس، بەلكى قىزىقىش ۋە تۇرمۇش. بۇ كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى كۈچلۈك، ئەقلى ئۈستۈن، روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بۇ كوچىدىن پۇل ۋە بايلىقنىڭ ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ.
بۇ دۆلەتتىكى بىر پىرسەنت كىشى پۈتۈن دۆلەت بايلىقىنىڭ يېرىمىنى كونترول قىلىدۇ، بۇ دۆلەتتىكى بايلىقنىڭ ئۈچتىن بىرى تىرىشىپ ئىشلەشتىن، ئۈچتىن بىرى مىراس ۋە ئۆسۈمدىن كەلگەن، قالغان ئۈچتىن بىرى بولسا مەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاكسىيە ۋە ئۆي مۈلۈك سودىدىسىدىن كەلگەن.
ۋول سىترىت نىمىشقا ۋول سىترىت بولۇپ تۇرالايدۇ؟
ئامىرىكا نىمىشقا ئامىرىكا بولۇپ تۇرالايدۇ؟
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئارگىنتىنا دۇنيادىكى ئەڭ باي 15 دۆلەتنىڭ بىرى ئىدى، شۇچاغدا ئارگىنتىنانىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان GDP ئامىرىكا بىلەن تەڭداش تۇراتتى، 2003-يىلىغا كەلگەندە بولسا ئامىرىكىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان GDP سى 37756 دوللار بولۇپ، ئارگىنتىنانى 10 ھەسسە كەينىدە قالدۇردى. دىمەك ئامىرىكا 100 يىل مابەينىدە ئالەمشۇمۇل گۈللىنىشكە ئېرىشتى. ئامىرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان كاپىتال بازىرىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، بازار قىممىتى دۇنيا كاپىتال بازىرى قىممىتىنىڭ %50 نى ئىگەللەيدۇ. ھالبۇكى ئارگىنتىنا كاپىتال بازىرىنى ئامىرىكا بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ياۋروپا ۋە ياپونىيەمۇ ئامىرىكىنىڭ ئالدىدا بوينىنى قىسىپ قالىدۇ. شۇڭا تارىخشۇناس ۋە ئىقتىسادشۇناسلار دائىم ‹ئامىرىكا ئىقتىسادى گۈللىنىشىنىڭ كەينىدىكى ئاساسلىق ئامىل نىمە؟› دەپ سورىشىدۇ. كىيىنكى تېمامدا سوروسنى مىسال قىلىپ بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىمەن.
|