قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 32302|ئىنكاس: 505

قۇرۇتلىغان دەرەخ -ئەلى مۇئەللىمگە جاۋاپ(ئۇمۇن)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

16

دوست

3207

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1028
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 05:35:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇتلىغان دەرەخ
«ئەلى مۇئەللىمگە جاۋاپ»


  ئەلى قۇرباننىڭ تەنقىدلەرگە بەرگەن جاۋبىنى چۆچۈش بىلەن كۆرۇپ چىقتىم.تەسەۋۋۇرۇمدىكى  جاۋاپنىڭ تامامەن تەتۈرىنى ئالغانلىقىم ئۈچۈن ھازىرقى ھىسياتىمنى ئىچىنىش كەلىمىسىگە يۈكلەپ قويدۇم.
   1.مەن ئەلى قۇربانغا مىنىڭ يىزىش مىتودۇمغا باھا بەرسۇن دەپ تەنقىد يازمىغان.مىنىڭ بۆلۈنگەن ماددىلار ئاستىدا يىزىلغان ئىلمىي تەنقىدىمگە  ئەمەس،ماڭا ۋە مىنىڭ مىتودۇمغا باھا بەرگەنلىكى ئەلى قۇرباننىڭ مەن بىلىملىك دىگەن باياناتىغا ئازراق زىتلىق پەيدا قىلامدۇ قانداق؟! دەپ ئويلاپ قالدىم.
   مىنىڭ يازما يىزىش مىتودۇمنىڭ ئەلى قۇرباننىڭ چۈشۈنۈش سەۋيىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى مىنىڭ ئەلى قۇرباندىن 300ياش چوڭ ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدۇ دىسەم ئەلى قۇربان مىنى تەكەببۇر ئەمەس ئەكسىچە ئۆزىگە ئىشىنىدىكەن دەپ ئويلامدۇ يوق؟!قىززىقىشىمنى قوزغاۋاتىدۇ.قەستەن ماقالىنى مۇرەككەپ يىزىۋالاي دەپ ئويلايدىغان ۋە بۇ ئويىدىن باشقىلاردىن «بىلىملىككەن» دەيدىغان مەدھىيەنى كۈتىدىغان چاكىنىلىق مەندە يوق.
      ئەلى ئەپەندى« بەش يىل بۇرۇن مۇرەككەپ گەپ قىلسام باشقىلار مىنى بىلىملىك چاغلايدۇ دەپ ئويلايىتتىم» دەپتۇ.سەمىمىيىتىگە ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرگە كىچىككىنە ئەسكەرتىش بىرىپ قويماقچىمەن.كىلاسسىك چۈشەنچىللىرىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ بۈگۈنىنى باھالاشنى پىسخۇلوگىيە نەتىجىللىرى بىلەن ئىزاھلىسام پىسخىك ئالامەتلىرىڭىزنىڭ قايسى نەتىجىدە توختايدىغانلىقى سىزگە ئايدىڭ.
     مەن مۇرەككەپ يىزىش ئۈچۈن يازما يازمايمەن.مىنىڭ يازما يىزىشىمدا ئۆزۈمگە تۇشلۇق پىرىنسىپلىرىم بار.مەن ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان پىكىرنى ئەدەبىي تىلىم بىلەن بىزەپ ماڭىمەن.تىلدا قىلىپلىشىش ئىغىر بولىدۇ.ئوخشاش تىرمىنلار،قىتىپ كەتكەن لوگىكا ،كونىرغان جۈملە قۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن يازما يىزىش مىنىڭ ئىپادىلەش مىتودۇمغا ئۇيغۇن ئەمەس.مەن كىشىلەرنىڭ يازمامنى ئوقۇغاندا چۈشەنچە نۇقتىسىدىنلا ئەمەس بەلكى ئەدەبىي نۇقتىدىنمۇ بىر چۈشەنچىگە  ئىرىشىشىنى ۋە ھوزۇرلىنىشىنى قوغلىشىمەن.بۇ خۇددى ئەلى قۇرباننىڭ باشقىلارنى لىكسىيەسىگە كۈلدۈرۈش بىلەن جەلىپ قىلغىنىغا ئوخشايدۇ.
مىنىڭ باشقىلار مۇرەككەپ دەپ قارىغان جۈملىللىرىم نەزىرىمدە ئازراق سەنئەتلەشتۇرۇلگەن جۈملىلەردىن ئىبارەت.
    بىلىملىك كىشى ئاددى گەپ قىلىدۇ دەيدىغان پەلسەپەۋىي چۈشەنچىڭىزنىڭ قايسى رىئاللىقتىن كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم.مەنچە بولغاندا قايسى خىل مىتودتا سۆز قىلىش سۆزنىڭ ھەقىقەت ياكى سەپسەتە ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.«بىلىملىك ئادەم ئاددى سۆزلەيدۇ »دىگەن جۈملىنى لوگىكىلىق قىدىرىش قىلسام «ئاددى سۆزلىمىگەن ئادەم بىلىملىك ئەمەس»دىگەن نەتىجىگە ئىرىشتىم.ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاددى سۆزلىمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىمسىز ھىساپلىساق بۈگۈنكى ئىلىم-پەننىڭ ئۆرۇلۇپ چۈشىدىغانلىقى ھەقىقەت.ئۆزىڭىزنىڭ ئاددى سۆزلەش مىتوتىڭىزنى كۈچكە ئىگە قىلىشىڭىز ئۈچۈن مۇرەككەپ جۈملىلەرنى قۇربان قىلىشىڭىزنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق.
يىغىنچاقلىسام سۆز مىتوتى جەھەتتە ماڭا قىلىنغان تەنقىد بىمەنە ۋە تۇتىرىقسىز.

    2.كۆزۈم ناچار بولىسىمۇ كۈندىلىك كىيگەن كىيىم ۋە قىسقا فىلىمدىكى دىكراتسىيەدىن قىسقا فىلىملەردىكى ماس كەلمەسلىكنى پەرىق قىلالايمەن.مىسرانىم تورى(سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن تەشەككۈرلەر) سۈرەتكە ئالغان قىسقا سۆھبەت فىلىمىنىڭ،« كىيىنكى قىسىمدىكى كۆرۈنۈشلەر»دىگەن ئىلان بىلەن بىر-بىرىگە قەتئىي ماس كەلمىگەنلىكى سۈرەتكە ئىلىنغان فىلىمنىڭ قايتىدىن يىڭىلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ دەپ قارىدىم.
   «ئەلى قۇربانغا ئاكادىمىك تەنقىد»دىگەن ماقالىنىڭ ئۈستىدىن ئەمەس، «ئىلمىيلىككە ئىچىنىش»دىگەن ماقالىنىڭ ئۈستىدىن ئىلىپ بىرىلغان مۇلاھىزىنىڭ قىسقا فىلىمنىڭ يىڭىلىنىشى بىلەن  مۇناسىۋىتى بارمۇ قانداق؟!دىگەن سوئال كاللامغا كىرىپ قالدى.

    3.ئەخلاق توغۇرلۇق ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن يىتەرلىك تەربىيە ئالالمىغانلىقىڭىز سىزنىڭ جىنايىتىڭىز ئەمەس.بىراق مۇشۇ ياشقىچە ئەخلاق توغۇرلۇق كاللىڭىزدا ئىنىق بىر ئۇقۇمنىڭ بولماسلىقى سىزنىڭ جىنايىتىڭىز.سىزنى كۆرسە«تۈكۈركىنى يۇتالمايدىغان»كىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى قىززىقىشىمنى قوزغاۋاتىدۇ.ئۆزۈم ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇزاق بولساممۇ ھەر يىلى دىگۈدەك ئۇيغۇر دىيارىغا بىرىپ-كىلىپ يۈرىمەن.جوڭگۇ دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈلمە ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەلى قۇرباننى كۆرسە تۈكۈركىنى يۇتالمايدىغان كىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتراپلاش ھەقىقەتەن كۈچ.
سىزگە قارشى چىققان تورداشلارنىڭ  ئىنكاسلىرىنى «بىرخىل ئادەمنىڭ ھەرخىل سىياھتا يىزىشى»دىگەن جۈملىگە تەڭلەشتۈرشىڭىز ھۆرمەت ۋە ئەخلەق بابىدا بىر ئىلىمگەرنىڭ ئىشى ئەمەس. سىزنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش دىگەن  ئۇقىمىڭىز ئاللىقاچان ئەخلاق تىرمىنىنىڭ تىشىغا چىقىپ كىتىپتۇ.

     4.بۇ دۇنيا سىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئوتۇپىيەلىك سىستىمىغا ئىگىمۇ ياكى ئەكسىچىمۇ بۇ تىخى ئىنىق بىر نەرسە ئەمەس.رىئاللىق بىلەن سىز تەسەۋۋۇر قىلغان دۇنيا بىر-بىرى بىلەن ئىنتايىن ئۇزاق.كىشىلەر ئىنسانلار ياراتقان ھەرخىل ئىدولوگىيە ۋە چۈشەنچىلەر بىلەن تارىختىن بىرى رىئاللىققا تەبىر بىرىپ كەلدى.رىئاللىق بىلەن ئىنسان تەبىرىنىڭ بىر-بىرىگە ماس كىلىشى ئىنتايىن ئۇزاق ۋە ياكى ئىنتايىن يىقىن.بۇ نۇقتىغا ھىچقانداق ئىنسان جاۋاپ بىرەلمەيدۇ.
   سىزگە پىسخۇلوگىيە ۋە پەلسەپەدىن خەۋرىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بىرىۋاتىمەن.دۇنيا سىز ھىس قىلغاندەك پەقەت خىيالىي ۋە تاتلىق ھىسلارغىلا تويۇنغان سورۇن ئەمەس.ئۇنۇڭدا يەنە ئاچچىق ھەقىقەتلەر بولىدۇ.بەزىدە بىز ئاچچىق ھەقىقەتلەرنى تاتلىق يالغانلار بىلەن ئوراپ ئۆزىمىزگە تەسىللى بىرىشقا تىرىشىمىز.
    سىزنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش دىگەن نەزىريىرىڭىز ئەمەلىيەت ۋە رىئاللىقتىن تامامەن چەتنەپ كىتىپتۇ.سىز خىيالىڭىزدا ياسىۋالغان دۇنيادا خىيالىڭىزدىكى پۇقرالىرىڭىز چالغان چاۋاكلارنىڭ ئىچىدە مەسخۇش بولۇپ يىتىپسىز.«مەن غاجىغىلى بولمايدىغان دەرەخ»،«مىنى غاجىسا كۆزى كور بولىدۇ»،«مەن دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس پىسخۇلوگ» دىگەندەك باياناتلىرىڭىزنىڭ ئارقىسىغا زور بىلىش ئەمەس بىرخىل پىسخىكىلىق ئاجىزلىق يوشۇرۇنغان.
    بەزى پىسخىك كىسىلى بار بىمارلار ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۇش ھىسياتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە مەن ئەڭ قالتىس ئادەم دەپ تەسەللى بىرىدۇ.بۇ خىل پىسخىكىلىق ئاجىزلىق مەلۇم زامان ئىچىدە ئىجابىي رول ئوينىغىنى بىلەن رىئاللىق بىلەن ئۇچۇراشقاندا شىددەتلىك پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشكە سەۋەپ بولىشى ۋە بىماردا ئەسەبىيلىك كۆرىلىشى مومكىن.
    مۇھەممەت ئەلەيھىسالامدەك ئىنسانىيەت تارىخىغا ئۆزگۈرۈش ئىلىپ كەلگەن شەخىس جىنىدا« ئۆزىنى ماڭا چىقىلساڭلار قولۇڭلار قۇرۇپ كىتىدۇ» دىيەلمىگەن.ئۈستىدە بىر تەڭرىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىغان ھەرقانداق ئىنسان ئەخلاق تىئورمىسى ئىچىدە ئۆزىگە بۇنچىلىك تەمەننا قويالمايدۇ.
تەڭرى بىلەن تۇققاندارچىلىقىڭىزنىڭ بارلىقىنى جاكارلىمىسىڭىزلا «كۆزۈڭلار كور بولۇپ كىتىدۇ»دىگەن تەھدىتىڭىز ئىناۋەتسىز.بۇنداق كەسكىن ھۆكۈملەر بىلەن بىزنى قورقۇپ كىتىدۇ دەپ قالغان بولسىڭىز خاتالىشىپسىز،دەۋرىمىز ئويدۇرۇلغان ئىلاھىي ھۆكۈملەر بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان ئىشانلار دەۋرىدىن يىراقلاپ كەتتى.غەرىپ نەزىريىلىرىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىمەن. بىراق بىر نەزىريىگە بۇنچىلىك ساداقەت ۋە ئىشتىياق بىلەن باغلىنىپ قىلىشنىڭ ھىچقانداق ئىجابىيلىقى يوق.
    سىز دەۋاتقان ئۆزىگە ئىشىنىش نەزىريىسىنىڭ پىسخۇلوگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن چەكلىك.سىز تەشەببۇس قىلىۋاتقان  ۋە رادىكاللاشتۇرۇپ ئۆزىڭىزگە تەدبىقلاۋاتقان ئۆزىگە ئىشىنىش نەزىريىسى غەرىپنىڭ كىشىلىك تەرەققىيات ۋە مۇۋاپىقيەتشۇناسلىق ئاستىدىكى نەزىريىلىرىنىڭ پىسخۇلوگىيەدىكى بەزى نەتىجىلەر بىلەن زىننەتلەشتۇرۇلگەن ھالى.مۇۋاپىق شەكىلدە قوللانسا جەمىيەتكە ئىجابىي ئۈنۈم بىرىدىغانلىقى توغۇرسىدا پىكرىم يوق.بىراق ھەددىدىن ئاشقان ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئاچچىق رىئاللىق بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغىنىدا قانداق پىسخىك نەتىجە ھاسىل بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىشىڭىز كىرەك.ئۆزىگە ئىشىنىش تەربىيىسى ياش-ئۆسمۈرلەرگە مۇۋاپىق يوسۇندا ۋە  مۇۋاپىق مىقتاردا  بىرىلمىگىنىدە  رىئاكسىيە قىلىشى مومكىن.بۇ نۇقتىدا ئاتا-ئانىلارمۇ دىققەت قىلىشى كىرەك.

    5. بەزى قاراشلىرىڭىز ساپارىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ياكى قوساقتىكى ئوماچ بىلەنمۇ ئىنىق ئايرىغىنى بولمىدى.«نام-شەرىپىڭ نىمۇ؟ئەلى مۇئەللىمگە گەپ قىلغۇدەك سالاھىتىڭ بارمۇ؟»دىگەن سوئاللىرىڭىزنىڭ چۆچۈشۈمگە يەنە بىر قىتىم سەۋەپ بولغانلىقنى سۆزلىشىمدە پايدا بار.سىزگە گەپ قىلىش ئۈچۈن «دادۇيجاڭ»،«شاۋدۇيجاڭ»لىق كىملىكىنى ھازىرلاپ كەلمىسەك بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئازاپلاندىم.ئازاپلىرىم كىملىك ھازىرلىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس سۆزلۈشۈم ئۈچۈن كىملىك تىلەپ قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن بولدى.شۈكۈرلەر بولسۇنكى بۈگۈنكىدەك كىمنىڭ سۆزىگە ئەمەس، نىمە سۆزلىگەنلىكىگە دىققەت قىلىدىغان دەۋىردە ياشىغانلىقىمدىن مەمنۇنمەن.
    سىىزنى ئەقىللىق ئادەم دەپ ئويلىشىمغا پەقەتلا پۇرسەت بەرمىدىڭىز.سىزدىكى ئىلمىيلىك ۋە پەزىلەت سىز ئىچىگە كىرىۋىلىپ چىقالمايۋاتقان، رادىكاللاشقان  ئۆزىگە ئىشىنىش نەزىريىرىڭىز ۋە ئۇنۇڭدىن كۆكلىگەن تەمەننا ئاستىدا مىجىلىپ يىتىپتۇ.تەنقىتلەرنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىپ خاتالىقىڭىزنى تونىشىڭىزنىڭ ئورنىغا تىخىمۇ تەلۋە جاۋاپتىن بىرنى بىرېىپسىز.سىزگە يىزىلغان تەنقىدلەرنىڭ سىزگە كار قىلمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمەن.چۈنكى ئەقىل كۆزىڭىزنى كەينىڭىزدىن چىلىنغان چاۋاكلارنىڭ  قولى  ئىتىۋاپتۇ.ئوقۇرمەنلەرنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بۇ تىمىنىڭ ئورۇنسىز يەرگە ئىچىلماسلىقى ئۈچۈن ئاستىدا قىسقا فىلىمدىكى بىر قىسىم لوگىكىلىق ۋە ئىلمىي خاتالىقلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي:

  1.ھەرقانداق ناچار موھىتنى ياخشى موھىتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ دىگەن قارشقا تەنقىد.
  مەن ئەلى مۇئەللىمگە ئوخشاش كاللامدىكى خىيالىي دۇنيادا ئەمەس بەلكى رىئال بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمەن. رىئال دۇنيادا مىنىڭ ئىرادەمگە بوي سۇنمايدىغان ۋە مەن ئۆزگەرتەلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر مەۋجۇت.بەزى ناچار شارائىتلارنى ھەقىقەتەن ياخشى موھىتقا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.ئەمما بەزى شارائىتلارغا دۇچ كىلىمىزكى ئۇنى ئۆزگەرتىش بىزنىڭ ئىرادىمىز ئىچىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن شۇ خىل موھىتقا كۆنۈش  ۋە پۇرسەت ساقلاش بىردىن بىر تاللىشىمىز بولۇپ قالىدۇ.
    ھۆكۈملۈكلەرنى كەسكىنلەشتۇرۋىتىشتىن ئاۋۋال رىئاللىقنى توغرا ئەكىس ئەتتۈرەمدۇ يوق؟! ياخشى ئانالىز قىلىش كىرەك.

    2.كەسىپتىن ئىلاھنى تاپىدۇ.
    بۇ گەپتىن توغرا  لوگىكىلىق نەتىجىگە ئىرىشەلمىدىم.كەسىپتىن ئىلاھنى تىپىش دەيدىغان نەزىريە قايسى دىننىڭ تەشەببۇسى ئىكەنلىكى ماڭا قاراڭغۇ.
ئىسلام دىنىدىكى  ئىمان ۋە ئىبادەتنىڭ رولى «كەسىپتىن ئىلاھنى تىپىش» دەيدىغان نەزىريەگە قانداق قارايدۇ بىلىلمىدىم.

    3.ھەقىقەتنى تىزلا تاپقىنى بولىدۇ.
    ئىنسانىيەت چۈشەنچە ۋە پەلسەپە تارىخىغا قارايدىغان بولساق  ئەسىرلەر بويىچە ھەقىقەتنى تىپىش ئۈچۈن قىلىنغان تىرىشچانلىقلارغا ئاپىرىن ئىيتماي تۇرالمايمىز.بۈگۈنكە كۈنگە قەدەر ھەرقانداق ھۆكۈمكۈكنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت دەپ قارىلىشىنى پەلسەپە ئىتراپ قىلمايدۇ.ئەلى قۇربان ئەقلىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭكى مۇتلەق ھەقىقەت مەۋجۇت ئەمەس.مەۋجۇت بولغان تەغدىردىمۇ ئىنساننىڭ مۇتلەق ھەقىقەتكە يىتىشى مومكىن ئەمەس.ئىنسانىيەت تارىخىدىكى پەيلاسۇپلار پۈتكۈل ئۆمرىنى ھەقىقەتكە يىتىش ئۈچۈن سەرىپ قىلدى. بۈگۈنكە كۈنلۈكتىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ھەرقانداق ھەركىتىدىن ھەقىقەتكە بولغان ئىنتىلىش چاچراپ تۇرىدۇ.  «ھەقىقەتكە يىتىش ئاسان» دىگەن كەسكىن ھۆكۈملۈكنى «ئەلى قۇربان خۇدا»دىگەن بايانات جاكارلانمىسىلا  ھىچقانداق دەلىلگە تايانمىغان سەپسەتە دەپ باھالايمەن.
    4.بولقا مەسىلىسىدىكى رىئاللىق.
  تەكرار ئىيتىش زۆرۈركى مەن سىزگە ئوخشاش خىيالىي دۇنيادا ئەمەس رىئال بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمەن.سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى دۇنيادا مىخ يوق.ئەمما مەن ياشاۋاتقان رىئال دۇنيادا ھەقىقى مىخ مەۋجۇت.مەن بۇ رىئال دۇنيادا گۈزەللىك ئالدىدا خۇش پۇراق چاچىدىغان گۈلگە، مىخقا دۇچ كەلگەندە بولقىغا  ئايلىنالايمەن.مەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى مىخقا ئوخشۇتۇپ باقمىدىم.مەن ئىنسانلارىڭ ھەمىشە گۈلگە ئوخشاش پۇراپ تۇرىشى ئۈچۈن بىزەڭ مىخلارنى ئۇرۇپ كىرگۈزۋىتىدىغان بولقىغا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلدىم.بۇ ئارزۇنىڭ ئارقىسىدا رىئالىستىك ئۇمۇننىڭ بارلىقىنى بىلىشىڭىز كىرەك.
   ئارىستۇتىلنىڭ كىشىلەر كىچىك چىغىدا ماتىريالىسىت،ياشلىقىدا ئىدىيالىسىت،ئوتتۇرا ياش دەۋرىدە رىئالىسىت،قىرىغاندا مىسىتىك بولىدۇ دىگەن سۆزىنى قوشۇپ قويغۇم كەلدى.سىزدىكى ئىدىيالىستىك چۈشەنچە سۇبىكتىپ ئىدىيالىىستىك يۆلىنىشتە رادىكاللىشىپ مىڭىپتۇ.

    5.بىر دەريادا ئىككى قىتىم يۇيۇنغىلى بولمايدۇ.
    بۇ ھىراكلىتنىڭ سۆزى.ماتىريال قارىغان چىغىڭىزدا ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈشنى ئادەت قىلىڭ.
    6.ئۈچۈنجى قىسمنى چىداپ تۇرۇپ ئوتتۇرغىچە كۆردۇم.
   بىلىم ئىرسىيەت قالىدۇ دەيدىغان جۆيلىمىنىڭ كوپىيەسىنى «قىرىغاندا تۇغۇلغان بالا ئەقىللىق بولىدۇ»دىگەن ماقالنى دەسمى قىلىپ قايتىدىن سۆزلەپ يۈرۈپسىز.پاكىت،دەلىل ئالدىدا خاتالىقىنى ئىتراپ قىلمىغان ئىنساندىن ئىلمىي نەتىجە ۋە  توغۇرلۇقنى كۈتۈش ئالجىغانلىق ھىساپلانسىمۇ سىزدىن ئەڭ ئاخىرقى ئۆمۈدۈمنى كۆيدۇرۇپ تاشلىماسلىقىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن.
     بىلىم ئىرسىيەت قالىدۇ دەيدىغان قاراش ھىچقانداق ئىلمىي ئەمگەك ياكى لوگىكىلىق جەرياندا ئىسپاتلانغان نەزىريە ئەمەس.ھەممە ئادەم كەسپىنى قىلسۇن دەپ چاقىرىق قىلغان ئىكەنسىز بىرىنجى بولۇپ گىپىڭىزگە ئۆزىڭىز ئەمەل قىلىڭ.
   پىسخۇلوگىيەدە مەشھۇر قۇل روھى تەجىربىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئىنتايىن ئەشەددى ئۇسۇلدا ئىلىپ بىرىلغان بىر تەجىربە بار.تەجىربە ئافرىقىدىكى بىر دۆلەتتە ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ،ئۆزىگە سادىق قۇللارنى يىتىشتۇرۇش ئۈچۈن ئاق تەنلىكلەر  ھەر ئايدا قارا تەنلىك ھامىلدار ئاياللارنى يىغىپ، ئارىسىدىن بىرىنى تاللاپ، پۈتكۈل قارا تەنلىك ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئەشەددى ئۇسۇل بىلەن ئانا-بالا ئىككىسىنى ئۆلتۇرۇپ تاشلايدۇ.ھەر ئايدا بۇ خىل ئەشەددى ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزىگە كىلىپ قىلىشىدىن قورۇققان قارا تەنلىك ھامىلدار  ئاياللارنىڭ تۇغقان بالىللىرى ئاق تەنلىك غوجىدارلارنىڭ ئويلىغىنىدەك سادىق قۇللار بولۇپ يىتىشىپ  چىقىدۇ.
   نىرۋا ھەم خىمىيىلىك ھەم فىزىكىلىق بىر ھۆجەيرە.نىرۋا ھۆجەيرىلەردىن پەيدا بولغان مىڭىدىكى رايۇنلارنىڭ خىزمەت فۇنكىسيىسى ئوخشىمايدۇ.
مىڭە ئالدى مىڭە(فوربىرويىن)ئارقا مىڭە(ھىن بىرويىن)ۋە ئورتا مىڭە(مىد بىرويىن) دەپ ئۈچ رايونغا ئايرىلىدۇ.ئالدى مىڭىدىكى تالامۇس ئۇچۇر توپلايدۇ ۋە مىڭىنىڭ باشقا رايۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بىرىدۇ.لىمبىك سىستىما ئارقىلىق تۇيغۇ ئۇچۇرلىرى مىڭىنىڭ ھىپۇتالامۇز قىسمىغا توشۇلىدۇ.ھىس-ھاياجان،جىنسى ئالاقە ۋە يىمەك ئىچمەكتىن ئالغان ھوزۇر تۇيغۇسىغا ھىپوتالامۇس قىسمىدا ئىنكاس قايتۇرىلىدۇ.ھىپوتالامۇس قىسمى يەنە قورقۇش ۋە قۇرقۇشقا ئىنكاس قايتۇرۇش(قارشىلىشىش ياكى  تەسلىم بولۇش)خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ.
     قۇل روھى تەجىربىسىدىكى ھامىلدار ئايالنىڭ  پىسخىكىسىغا دائىم تەسلىم بولۇش ئۇچۇرىنى قايتۇرغان قورقۇش ئىنكاسلىرى DNAغا خاتىرلىنىپ ماڭغان ۋە بالىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولىشى  مومكىن. ئاتا-ئانا خارەكتىرىنىڭ بالىغا كۆچىشى تامامەن نورمال ئىش، بۇنۇڭغا گىنىتىكا ئىلمىي ۋە پىسخۇلوگىيە ئىلمىي تامامەن جاۋاپ بىرەلەيدۇ.بىراق ئەلى قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلىم ئىرسىيەت ئارقىلىق كۆچىدۇ دىگەن ھۆكىمى ھەقىقەتەن دەلىلسىز.
ئاتا-ئانىنىڭ قىلغان خىزمىتى ۋە ئۈگەنگەن كەسپى تەبىئىي ھالدا ئۇلاردا كەسپى خارەكتىر ياكى بىر ئادەت شەكىللەندۇرەلەيدۇ.بۇ خىل كەسپى خارەكتىر ۋە ئادەتنىڭ گىن ئارقىلىق بۇۋاقلارغا كۆچىشى مومكىن بولۇش ئىھتىماللىقتىكى ئىش.بۇنى گىنىتىكا ۋە پىسخۇلوگىيەدە دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىغىنى بولىشى مومكىن.بىراق بىلىمنىڭ گىن ئارقىلىق ھامىلىگە كۆچىشى ھىچقانداق دەلىل ۋە ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بىر نەرسە ئەمەس.گىنىتىكا مىنىڭ كەسپىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈگەنگىنىم بويىچە شەرىھلەپ قويدۇم.خاتالىق بولسا كەڭ تورداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ بىرىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.
     زىۋىدە خانىم ۋە مىنىڭ ئىلمىي تەنقىدلىرىمگە خاتالىقىنى تونۇش بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ دەپ ھىس قىلغىنىمنىڭ ساددىلىق ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىمەن.
دەلىل ئالدىدا جاھىل كىشىلەر يا كىكەچلىشىدۇ ياكى تەلۋىلىشىدۇ.زىۋىدە خانىمغا قايتۇرغان جاۋابىڭىز ئۈستىدە توختۇلۇپ ئاق ساقاللىق قىلماي دەپ ئويلۇدۇم.ماڭا قايتۇرغان جاۋابىڭىزنى چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە كۆردۈم ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۆمۈد سۈپىتىدە جاۋابىڭىزنى بەردىم.خاتالىقىڭىزنى بوينىڭىزغا ئالماي «غاجىلانماس دەرەخ»ئاتلىق تاجىڭىزنى كىيىپ ئولتۇرغىڭىز بولسا ئىختىيارىڭىز.ئەمما ماڭا نىسبەتەن بىر شەرىت بىلەن «غاجىلىنىدىغان دەرەخ» بولۇش ئىنتايىن گۈزەل ئىش.
    ئىلمىيلىك ۋە دەلىل بىلەن مىنى قانچىلىك غاجىلىغۇسى بولسا ئىھتىرام بىلەن قارشى ئالىمەن.خاتالىقمنى ھىس قىلىشىم تاكامۇللىشىمغا مۇقەددىمە بولىدۇ.
ئىلمىيلىك بىلەن ياسالغان چىش بولسا مىنى خاتىرجەم غاجىلىسا بولىدۇ.غاجىلغان كىشىنىڭ كۆزى كور،قۇلى گاس بولۇپ كەتمەيدۇ.
    ئەلى قۇرباننىڭ تەنقىدكە ئەرزىشى ۋە  ئەرزىمەسلىكى ئۈستىدە ئەدەبىي بايانلاردا بولغۇم يوق.ئەسلى جاۋاپ قايتۇرمىسام ئەلى مۇئەللىمگە قايتۇرۇلغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ بولاتتى.كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ خاتا ئۇچۇرلاردا گاڭگىرماسلىقى مىنىڭ جاۋاپنى يىزىشىمدىكى بىردىن بىر سەۋەپ.بۇ قىتىملىق مۇنازىرىدىن قاتتىق زىرىككەنلەر ۋە بەزى ئىلمىيسىزلىكتىن سەسكەنگەنلەر ئۈچۈنمۇ بۇ تىمىدا قۇرۇق كەلمىدىم.
    مۇھاببەت كىبىر  بىلەن توقۇنۇشقاندا كىبىرنىڭ غەلبە باياناتىدا ھايات ئازاپنىڭ پاياندازىغا ئايلىنىدۇ.سۆيگەنلىرىمىزنى قۇرۇق غورۇر ۋە كىبىرنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرماسلىقىمىز كىرەك.

    تۆۋەندىكى شىئىرنى سۆيگەنلەر ۋە سۆيگۈ ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغانلارغا بىغىشلايمەن.



كىتىشتىن كىيىنكى كۈز
(ئۇمۇن)


كېتىشلەردە كۆزلۈرۈم قالدى..

ئۇچۇپ كەتكەن پەسىل قۇشىدەك يىراقلار يالۋۇرۇشلىرىمنى تىڭىپ قويدۇم..
ئىسسىق ئۇگامدىن قىرۇ باسقان ئىزلىرىڭغا قاراپ چۈشلىرىمگە ئىغىپ كىتىمەن....

ئىلىپ كەتتىڭ ھەممە نىمەمنى..

قۇپقۇرۇق ئۆيدەك پەرىشان ..
ئاخىرەتتەك گۇمران قەلبىم تىنىقلىرىڭدا ئۆلىۋاتىدۇ....
بوغۇزلۇنۇپ تاشلىنىۋاتىدۇ رەھىمسىزلىكىڭدە...

غۇرۇرۇمنىڭ تاپىنىدا يانجىلىۋاتىمەن....
ئىغىزلىرىمنى ئىتىۋالغان يالغانلار  يالغۇزلۇقنى بىشىمغا كىيگۈزۈپ قويدى..

تەكەببۇرلۇقۇم يوللۇرۇڭغا يول سىزىپ قويغاندا تۇترۇقسىزلىق تەرىپىدىن خەنجەرلىنىۋاتقان بولىمەن...

ئىلىپ كەتتەڭ ھەممە نىمەمنى...

شائىرلار ئىشلىتىپ كونىرتىۋەتكەن ئىماگلار ئىچىدىن يىپيىڭى مەنىلەرنى تىپىۋالدىم....

قايتىپ كەتتىم ئۆزۈمگە...
سىزىۋالدىم كۆزۈمگە...
يىپيىڭى ھىجرانلارنى،
تۆكۈۋالدىم يۈزۈمگە....

ئۆكۈنۈش ئاستىدىن ھاياجانلىرىمنى تارتىپ چىقىرالمايۋاتىمەن...

كۈلىۋاتىدا ماڭا قاراپ چاكىنا قۇياش....
ھىلىلا كىچىنىڭ قوينىدىن ئىلىپ چىققان پاسكىنا نۇرلىرى بىلەن يۈرۈكۈمنى كاچاتلاۋاتىدۇ...

ئىتىراپلارغا چاپلىشىۋالغان ئىزتىراپلارنى بىر-بىرلەپ يۇلىۋاتىمەن...
تۈگۈمەيدۇ قاڭسىق قايغۇلار...

ئىللىق ئاخشام...
مەنىسىز ياشاشنىڭ ئادەتتىكىدەك دەقىقىللىرى...
بىر قەدەھ ۋىسكىنىڭ ھوزۇرى ۋە لىرىك جازنىڭ مۇڭلۇق كۈيى...
يالغۇزلۇزلۇقۇمدا يىغلاۋاتقان بىچچارە كىچە....

ئۆلىۋاتىدۇ كىتىشىڭدە رومانتىكا،
تۇنجىقىۋىۋاتىدۇ ھاۋا ئانىدىن تۇغۇلغان سۆيگۈ.

0

تېما

1

دوست

2542

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 794
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 14:16:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپتىن ئىلاھنى .ھەقىقەتنى تاپىدۇ دىگەن گەپنى ئىسلام مۇتەپەككۇرى بەدئۇززامان سەئىد نۇرسى دىگەن.   نىيوتۇننىڭ ھاياتى ئاخىرىدا قىلغان ئىشلىرى ۋە دىگەن سۆزلىرى بۇنىڭغا ئازراق ماس كىلىدۇ .   (ئىنكاس يارغۇچىلارغا   قىستۇرۇپ قوياي   بۇيەر  ئىلمىي مۇنازىرە ئورنى .بىرسى سىزگە پىكىرىنى زورلاپ تاڭغىنى يوق .ئەگەر قوشۇلمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ تولىغا مېڭىۋەسىڭىز بولىدۇ .مۇنبەر مۇھىتىنى پاخال قىلماڭ ئەگەر  پىكىرىڭىزبى ئورۇنلۇق دەلىل بىلەن ئوتتۇرغا قويالىسىڭىز  ئىلمىي مۇنازىرە قىلسىڭىز  ھەممىمىز قارشى ئالىمىز  . (
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

3

دوست

2304

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22018
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 688
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 14:30:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىلمى مۇنازىرە مۇھىتىنىڭ بارغانچە كۈچىيىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىم بىلەن بۇ ماقالە ئاپتورىغا تەشەككۈرلەر ! ئاستىدا يېزىلغان شېئىردىن قارىغاندا ئاپتورنىڭ يېڭى شېئىرىيەتتە خېلىلا پىشقان شائىرلىغىنى كۆردۈم .

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2766
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 14:31:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنجى قەۋەتتىكى ساراڭنى قوللايمەن .





0

تېما

6

دوست

1613

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31651
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 494
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 14:37:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەڭ تورداشلارغا جىددى ئىھتىياجىلىق بۇلىۋاتقىنى-ئىلمى بولغان تور مۇھىتىدىن ئىبارەت. ئىلمىلىكى، ئاساسى  بولغان مۇنازىرىلەر كىشىنىڭ ھورمىتىنى قوزغايدۇ، يىڭى بىلىملەرگە ئىگە قىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

2583

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19768
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 838
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 14:40:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي مۇشۇ زىۋىدە پىۋىدە، ئۇمۇن پۇمۇن دىگەنلەر راسلا غاجىلاپ نام چقىراي دەپسىلەر ھە...
خەقنىڭ كەينىدىن غاجاپ ئولتاماي،ئۆزەڭلارغا خاس بىلىمىنى نامايەن قىلساڭلار بولمامدۇ؟

3

تېما

1

دوست

1057

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19629
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 14:42:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپتىن ھەقىقەتنى تېپىش يېڭى گەپ ئەمەسقۇ، ياخشى بىر كەسىپمۇ ئىبادەت ھىسابلىنىدۇ. بۇ ئىلى مۇئەللىم تۇنجى دىگەن گەپمۇ ئەمەس.

10

تېما

15

دوست

8455

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2514
توردىكى ۋاقتى: 639
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 14:45:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمى  مۇنازىرە  قىلىشنىڭ  بىرىنچى  قەدىمى  ھەقىقى  نامى ،نىمەئىش قىلىدىغانلىقىنى  سەمىمىيلىك  بىلەن  ئوچۇق  ئاشكارا  دىيىشتىن  باشلىنىدۇ ،   

ئومۇن ئەپەندىم( باش  سۈرىتىڭىز ‹ ماسۇن›نىڭ  تەشۋىقات رەسىمى  بولسىمۇ يەنىلا سىزنى  ئەپەندىم  دەپ تۇراي )  سىز ئىلمى  مۇنازىرىنىڭ  بۇ بىرىنچى  قەدىمىنى  باسالارسىزمۇ؟؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )