قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 836|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر مائارىپى ئىشقىدا كۆيۈپ توختىغان يۈرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

0

دوست

1971

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33336
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 652
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 14:47:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مائارىپى ئىشقىدا سوقۇپ توختىغان يۈرەك            
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن  
( بىڭتۇن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى)   

         
    يىراقنى كۆزدە تۇتقاندا مائارىپ بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى ھالاك بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل، بىر مىللەتنى قالاقلىقتىن ،نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ، روناق تاپقۇزىدىغان مەنىۋى قورال.مائارىپى كەينىدە قالغان مىللەت قۇللۇقتىن قۇتۇلالمايدۇ.مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەن مىللەت مەلۇم بىر دەۋرىدىن كېيىن ھامان باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.خەلقى بەخت -سائادەت ئىچىدە ياشايدۇ.ھازىر نۇرغۇن ئەللەر بۇنى ھېس قىلىپ ، مائارىپقا بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلۈپ، مائارىپقا سالغان مەبلىغىنى يىلسېرى كۆپەيتمەكتە. نۆۋەتتە بەزى  دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ چىقىمى دۆلەت مۇداپىئە چقىىمىدىن ئېشىپ ، مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ شۇ دۆلەت مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى ئەڭ چوڭ  بولغان تۈر بولۇپ قالدى. دۆلىتىمىزمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ ،ئۆتكەن يىلى دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغى دۆلىتىمىز مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ  % 4.2 نى ئىگەلللىدى.
    مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ،ئومۇمىي خەلقنىڭ مائارىپ سۈپىتى ۋە  سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۇزاق مەزگىللىك ئىش بولۇپ ، دۆلەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن سىرت يەنە شۇ مىللەت كىشىلىرىدىن بولغان  نەچچە ئەۋلاد   مۇنەۋۋەر  پەرزەنتلەرىنىڭ  بىر ئۆمۈر قان -تەر تۆكۈشىدىن  ئايرىلالمايدۇ. .بۇنداق بىر قوشۇن بولماي تۇرۇپ ، مىللەتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. پەقەت يۇقىرى ساپالىق  مائارىپ قوشۇنى بولغاندىلا ئاندىن شۇ مىللەت ئىچىدىكى ساپالىق ئەمگەكچىلەر  يېتىشىپ چىقىدۇ.
    بىزنىڭمۇ شۇنداق بىر قىسىم ئەزىمەتلىرىمىز باركى ئۇلار مىللەت ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيىدۇ،سۇ بولۇپ ئاقىدۇ.بۇ جەرياندا ئۆزنىڭ ئېرىشكەنلىرى بىلەن پەقەت ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ .ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ ئازراق ئۈنۈمى كۆرۈلسىلا تارتقان جاپالىرى كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ.ھاردۇقى چىقىپ ،ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشتىن مەمنۇن بولىدۇ.
   ئۇزۇندىن بۇيان مەن بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ بىرى ئۈستىدە ئازراق بىرنىمە يېزىپ قوياي دەپ ئويلاپ  يۈرەتتىم. بۇنىڭغا سەۋەپچى بولغىنى مېنىڭ بۇ كىشى بىلەن بىر قېتىملىق تەساددىپى كۆرۈشۈپ قېلىشىم  ئىدى.ھازىر ئويلىسام بۇ ئىش يۈز بەرگىلى  20يىل بولۇپ قاپتۇ، ۋاقىت نىمە دېگەن تېز ئۆتىدۇ-ھە!مەنمۇ ھازىر قىرىق نەچچە ياشلىق ئادەم بولۇپ قالدىم. ۋاقىت بەك ئۆتۈپ كەتسە بەزى خاتىرىلەر ئەستىن كوتۈرۈلۈپ كېتىدىكەن.ئۇنىۋرسىتېتتا ئوقۇغاندا ئارىلاشقان باشقا فاكولتېتتىكى باشقا يۇرتلۇق تونۇشلىرىمنى 10يىلنىڭ ئالدىدا ئاساسەن تونۇيتتىم، چىراي شەكلى ئېنىق ئېسىمدە ئىدى ، يەنە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بەزىلىرىنىڭ چىرايىنى ئەسلىيەلمەس بولۇپ قالدىم.بۇ بەلكىم تەبىئى ئىشتۇر.ئەمما ۋاقىت  جىق ئىشلارنى ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىدىكەن.  ھازىر ئويلاپ باقسام  شۇ سوھبەت مەزمۇنىڭ بەزى يەرلىرىنى  راستلا ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن،  شۇڭا خاتىرىلەپ قويمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن .ھازىر يېزىپ قويمىسام بەلكىم تەل-تۆكۈس ئۇنتۇپ كېتىشىممۇ مۈمكىن.مەن گېپىنى قىلماقچى بولغان بۇ  كىشى گەرچە ھازىر ئارىمىزدا بولمىسىمۇ ئەمما مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەت مەزمۇنى ئۇنىڭ ئوبرازىنى مېنىڭ قەلبىمدە بارغانسېرى زورايتىپ كېلىۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق مىللەت ئۈچۈن چوڭراق تۆھپە قوشقانلارنى چوقۇم خاتىرىلەپ، بولسا ئەڭ ياخشىسى ئېقى قەغەز،قارىسى سىيا بولغان ماتېرىيالدىن قەۋرە قاتۇرۇپ قويۇش كېرەك،چۇنكى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا ، مۇشۇنداق قەۋرەلا يىللارنىڭ قار-يامغۇرلىرىنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مەڭگۈلۈك خاتىرە تېشى بولالايتتى.
بۇ ئىش ئەسلى مۇنداق ئىدى:
    1995-يىلى 8-ئاي بولۇپ، مەن شۇ يىلى ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئىمتىھان بەرگەن  بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۇن بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىش بىجىرىش ئورنىغا بىر ئامال قىلىپ كىردىم.مېنىڭ ئۇ تۇققىنىمنىڭ ئارخىپى ئاقسۇ  ۋىلايىتىنىڭ  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن چىقاتتى.شۇڭا مەن ئاقسۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا كىرىپ شۇلار بىلەن كۆرۈشتۈم.ئەمما ئۇلار ئالدىراش بولغاچقا ، ئولتۇرۇپ ساقلاشقا توغرا كەلدى.شۇ چاغدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خۇددى توپ  سېتىش بازىرىدىن  مال ئالغانغا ئوخشايتتى.ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزلىرى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى  ۋىلايەتلەرنىڭ ئارخىپ چىقىرىش ئىشخانىسىغا كىرەتتى. مەن ساقلاپ تەخمىنەن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندىن كېيىن ، مەن ساقلاۋاتقان  ئىشخانىغا ئۈرۈمچى ئىجتىمائى كەسپىي تېخنىكومنىڭ مۇدىرى،شۇ مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى غوپۇر نۇرى ئەپەندى كىرىپ كەلدى.بۇرۇن  ئۇنىڭ گېپىنى كۆپ ئاڭلىغان  ئىدىم . ئەمما كۆرۇپ باقمىغان .ئۇ ئادەمنىڭ نام -ئاتىقى جەمىيەتتە ‹‹غوپۇر چولاق ›› دەپ چىققان ئىدى . چۈنكى راستىنلا ئۇنىڭ ئىككى قولى يوق ئىدى.ئەمما تۇغما يوق بولماستىن بەلكى مەدەنىيەت زۇر ئىنىقىلاۋىدىكى زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن يوق بولۇپ قالغان ئىدى.ئۇمۇ شۇ چاغدا ئۆز مەكتىپىگە قوبۇل قىلىدىغان بالىلارنىڭ ئىشى بىلەن كىرسە كېرەك.شۇ چاغلاردا خەلق باشقۇرۇشىدكى مەكتەپلەرنىڭ ئەمدىراق بىخلىنىۋاتقان ۋاقتى بولۇپ،ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مۇنتىزىم مەكتەپلەرگە ئۆتەلمەي ، باشقا ئامال بولمىغاندا ئاندىن ئوقۇتۇش ئوبېكتى قىلاتتى.  بىز ئۆزئارا باش لىڭشتىپ بوشلا كۆرۈشتۇق.ئارخىپ چىقىرىش ئىشخانىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتاتتى.شۇڭا ئۇ ئەپەندىممۇ ئولتۇرۇپ ساقلىدى.ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقانلاردىن باشقا يەنە ئىككىمىزلا بار ئىدۇق.شۇڭا بىر دەمدىن كېيىن  بىز تەبىئلا پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق.ئالىدى بىلەن مەن ئېغىز ئاچتىم:
-ھازىر سىلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇچى خېلى كۆپمۇ؟
-بولىدۇ،ئاساسەن بوش قالىدىغان سىنىپ ياتاقلار يوق،مەكتەپنىڭ كۆلىمىگە قارىتا ئوبدان دېسەك بولىدۇ.
-بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق خەلق باشقۇرۇشىدكى مەكتەپلەر چوقۇم ياخشى تەرەققى قىلىپ كېتىدىغۇ دەيمەن؟مېنىڭ ئويلىغىنىم بازار ئىگىلىكىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ ،شەخسلەرنىڭ مەكتەپ ئېچىشى ئەۋج ئالىدۇ.تېخىمۇ سەرخىللىشىشقا يۈزلىنىدۇ.ھەتتا ئامېرىكىغا ئوخشاش خۇسۇسىلار باشقۇرۇشىدىكى ناھايىتى ئىسىل مەكتەپلەر بارلىققا كېلىدۇ دېگەن خىيال ئىدى.
-مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن،چوقۇم شۇنداق بولۇشى مۈمكىن ،چۈنكى سىياسەت ھازىر يىلدىن -يىلغا ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.خەنزۇلاردا خۇسۇسىلارنىڭ مەكتەپ ئېچىش ئىشى بىزگە قارىغاندا كۆپ ئىلگىرلەپ كەتتى.بىزنىڭمۇ بۇندىن كېيىن ئاستا-ئاستا تەرەققى قىلىدۇ.جەمىيەت شۇنى تەلەپ قىلىدۇ.چۈنكى ئۇنداق قىلمىساق ئۇلارغا ھەرگىز يېتىشەلمەيمىز.
      ئۇندىن كېيىن ئۇ ماڭا  ئامېرىكا،ياپونىيە ،گېرمانىيە،كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان خەنزۇ مىللىتىدە ھازىر ھەر ئون مىڭ نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر،ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پتتۈرگەنلەرنىڭ ىسانىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى ، بىزدە بولسا بۇ نىسبەتنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى ،بىزنىڭ ئاشۇلارغا يېتىشىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ھەر يىلى قانچە ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىپ ئوقۇتۇشىمىز كېرەكلىكىنى،ھازىر  بىزدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنىڭ يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ،بۇنداق ماڭسا ئۇلارغا يېتىشىۋېلىشنىڭ يەنىلا ناھايىتى قىيىنلىقىنى،شۇڭا ھۆكۈمەتكىلا قاراپ تۇرماي، ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش مەكتەپلەرنى كۆپلەپ ئېچىپ،بالىلارنى ئوقۇتۇشىمىز كېرەكلىكىنى سۆزلەپ بەردى.ئۇنىڭ سۆزلەۋاتقىنى ئېنىق سان -سېپىرلا بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇنداق ئېنىقلىق بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ  ئەھۋلىنى بىلىشى،بىزنىڭ ئەھۋلىمىزنىڭ قايسى  دەرىجىدە تۇرۇۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشى مېنى خېلىلا ھەيران قالدۇرۇدى.بۇنداق سان -سىپىرلارنى مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەۋاتقانلار ئىچىدىمۇ بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى. دېمەك ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى  قانداقتۇر مەكتەپ ئېچىش يولى بىلەن ئۆزىنى بېيىتىپ ،پۇل تپىش ئەمەس بەلكى ئۆزى مەكتەپ ئېچىپ ،بىزنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ،نىمىنى ئويلاۋاتقىنى ناھىيىتى ئېنىق ئىدى.ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ،باي،قولىدا كۆپ ئىقتىساد بار ئادەم ئىكەنلىكىنى  بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم.
     مەن ئۆزەمنىڭ ئىشىنى ھەل قىلغىلى ئۇ يەرگە كىرگەنلىكىم ئۈچۈن،غوپۇر نۇرى ئەپەندىنىڭمۇ يەنە ئىشى بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ سۆھبىتىمىز بەك ئۇزۇنغا سوزۇلمىدى.چۈنكى ئارىلىقتا پۇرسەتنى تۇتۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرۋالمىساق  بولمايتتى.شۇڭا سۆھبىتىمىز پەقەت مۇشۇنچىلىكلا بولدى.
    شۇندىن كېيىنكى ئۇزاق مەزگىل ئىچىدە بۇ كىشىنى پەقەت ئۇنتۇپ قالمىدىم.يالغۇز قېلىپ خىيالغا پاتقاندا، چېنىقىش ئۈچۈن ئاستا يۈگۈرگەن چاغلاردا بۇ ئىش داۋاملىق خىيالىمدىن كېچىپ تۇردى.ئۇنى ھەقىقەتەن مىللەتنىڭ تەرەققىيياتىنى ئويلىغان ئەزىمەت ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.بۇنى مۇنداق بىرقانچە تەرەپتىن چۇشەندۈرگىلى بولىدۇ:
    ئالدى بىلەن شۇ دەۋرىدە ئۇنىڭ بۇنداق خۇسۇسى مەكتەپ ئېچىپ ،ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىمىزغا تۆھپە قوشۇشنى ئويلىشى ھەقىقەتەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەنلىك ئىدى.بۇنداق مائارىپتىن ئىبارەت ئۈنۈمى بەك ئاستا  كۆرۈلۈدىغان ساھەگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلايدىغانلار ۋە بۇنى كونكىرىت قىلىدىغانلار  شۇ دەۋرلەردە يوق دېيەرلىك بولۇپ بۇ ئادەم بىر باشلامچى ئىدى.مېنىڭ بىلىشىمچە ئۈرۈمچى ئىجتىمائى كەسپىي تېخنىكومنىڭ قۇرۇلۇپ ،  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى ،80-يىللارنىڭ ئوتتۇرسى بولۇشى مۈمكىن.ئۇ دەۋرلەردە بۇنداق مەكتەپ ئېچىش ھەرقايسى تەرەپتىن ھەقىقەتەن قىيىن ئىش ئىدى.ئۇ مانا مۇشۇنداق بىر ساھەگە تۇنجى قېتىم يۈرۈش قىلدى.ئىككىنچىدىن ئۇ مەكتەپ ئاچقان يەر ئۈرۈمچى شەھەرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇچتاش يولۇچىلار بېكىتى جايلاشقان ئورۇننىڭ  2- 3كىلومېتىر جەنۇبىدىراق بولۇپ، دەسلەپتە قاقاس ،خىلۋەت جاي ئىدى. ئۇ ئاشۇنداق يەرنى ئېچىپ،بىنىا سېلىپ،كۆچەت تىكىپ ، دەل-دەرەخلىك بىر چىرايلىق قورو بەرپا قىلدى.ھەقىقەتەنمۇ چۆلنى بوستان قىلدى. ئۈچىنچىدىن ئۇ بۇ مەكتەپنى ئېچىپ ، نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى  تەربىيىلىدى.  ئۇلار ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.شەخسەن مېنىڭ يۇرتۇم كەلپىندىنمۇ نەچچە ئون ئوقۇغۇچى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇپ ،ئىختىساس ئىگىسگە ئايلاندى.ئەينى چاغدا مەنمۇ ئاشۇ مەكتەپكە بىر نەچچە قېتىم ئادەم يوقلاپ بارغان ئىدىم.مەكتەپنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆرۈپ، ئۇ زاتنى ئۆزى مېيىپ بولسىمۇ روھى پۈتۈن،ئىرادىلىك ،سۇۋادان تېرەكتەك مۇقەددەس ئادەم  ئىكەن دەپ باھا بەرگەن ئىدىم.
   شۇ چاغلاردا ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بىر يۇرتلۇق بالىلار بىلەن بىر يەردە بولۇپ قالغاندا ، ئۇنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرىنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. بىر مۇدىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ داۋاملىق ھالدا ياتاق تەكشۈرۈشكە ئوخشاش ئىشلارغا بىۋاستە قاتنىشىدىكەن.ئوقۇغۇچىلارغا تەنقىد -تەربىيە بېرىش ئىشلىرىنىمۇ بىۋاستە تۇتۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى.چۈنكى مەنمۇ ھازىر بىر ئوتتۇرا -تېخنىكوم مەكتەپتە ئىشلەۋاتىمەن. بىزگە كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ۋە مەخسۇس كۇرس مەكتەپلەرگە كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا مەدەنىيەت ئاساسى سەل تۆۋەنرەك بولىدۇ ، بۇ بىزنىڭ ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش، تەربىيەلەش ئىشلىرىمىزغا  ناھايىتى زور قىيىنچىلىق  پەيدا قىلىدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋال ھازىر بۈتۈن جوڭگو بويىچە ئوخشاش.غوپۇر نۇرى ئەپەندىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بىر مائارىپچىدۇر.     
    يۇقۇرىدىكى ئەسلىمە ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن قىسقا بولغان بىر سۆھبەتتىن تۇغۇلغان ئويلار بولۇپ ، ئۇ زاتنى تولۇق تەسۋىرلەشكە پەقەت بىر تۇترۇقلا بولىدۇ ،خالاس.بەلكى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى تەكشۇرۈپ كۆرسەك بۇنداق ئۇلۇغۋار ئىدىيىسىنى تېخىمۇ كۆپ ۋە يارقىن ھېس قىلىشىمىز  ئېنىق.مەن بولسا بۇ زاتنى ياخشى بىلدىدىغان قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ، ياكى ئۇرۇق-تۇققان، يۇرتلۇقلىرى ئىچىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا كەڭ ۋە مۇپەسسەلراق بىر يىرىك ئەسەر يېزىپ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.بەزىلەر ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى چۈشەنمەي، ناھايىتى بىر تېخنىكوم قۇرغان ئادەمغۇ دىيىشى مۈمكىن.ئەمما مەن ئويلايمەنكى ئۇنىڭ قىلغان ئىشى مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇلۇغۋار ئىش.ئۇ ئاشۇ ئىدىيىسى بىلەن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قويۇلغان مەكتەپ مۇدىرلىرىغا  تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.بىز چوقۇم بۇنداق مىللەت ئۇچۈن جان پىدالىق بىلەن ئويلاپ ،ئىشلەپ، تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ،  ئۇلارغا مائارىپ تارىخىمىزدىن بىر كىشىلىك ئورۇن بېرىشىمىز كېرەك. بىزدە ھەرھالدا ھازىر مۇشۇنداق  شەخسلەرگە بېغىشلانغان رومانلار چىقىۋاتىدۇ.كونىسىنى قويۇپ ،يېڭىسىنى ئالساق يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللانىڭ يېقىندا چىققان ‹‹ئابرال گۇۋاھ››ناملىق رومانى دەل مۇشۇنداق شەخسكە بېغىشلانغان روماندۇر.
  ئاخىرىدا قەلبىمدە داۋاملىق مەۋج ئۇرۇپ تۇرۇۋاتقان  بىر يالقۇنلۇق خىتاپ بىلەن بۇ يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن:
  غوپۇر نۇرى   ئەپەندى،  خەلق سىزنى  ئۇنتۇمايدۇ،سىز  مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ تارىخىدا ۋە شۇ مەكتەپتە ئوقۇپ ،جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ئىشلەۋاتقان مەكتەپداشلار قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!
                 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ.

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 17:56:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىڭتۇن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى دېگەن قايسى يەردە ؟ئوتتۇرا مەكتەپمۇ ياكى ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

716

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   43.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30521
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 10:42:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 17:56
بىڭتۇن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى دېگەن قايسى يەردە ؟ئ ...

ئۈرۈمچىدە، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )