قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3123|ئىنكاس: 29

تاشپولات: 8 خىل ئادەت كاللا ئىشلەشنى تېزلىتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

202

تېما

65

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 499
تۆھپە : 3726
توردىكى ۋاقتى: 260
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 15:56:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 15:56  

8 خىل ئادەت كاللا ئىشلەشنى تېزلىتىدۇ


تاشپولات روزى


resim.jpg


مەن “MT Lifehacher” دېگەن تور بېتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن ۋە ئۇنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرىمەن. ئۇنىڭدىن ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ جاۋاپلىرىنى تاپقىلى ۋە ئاشۇ مەسىلەرنى قانداق يېشىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەمدى ئوقۇغانلىرىمنى ئۆزۈمنىڭ بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قېرىنداشلىرىمغا مۇشۇ تور بەتتىكى بىلىملەرنى سۇنسام بولىدىكەن دېگەن ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم. مەن كۆرسىتىدىغان مەسىلە يېشىشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرىنى بەلكىم مېنىڭدىن باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ بىلگۈسى كېلىشى ۋە ئۇنى ئۆزىگە تەتبىقلاپ ئۇچۇرغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا يېشىشنى ئارزۇ قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەقى قىلىۋاتقان دەۋردە، جەمئىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر ئادەمگە كەلتۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق يېڭىش بارلىقىمىزنىڭ باشلىرىنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلىگە ئۇچۇرسىلا ئۇنۇڭدىن قورقۇپ كېتىشكە ۋە ياكى جەمئىيەتتىن ئاچچىقلىنىپ يۈرۈشكە مېنىڭچە تېخىمۇ بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر قىيىن مەسىلە ئالدىڭىزغا كەلگەندە، سەۋرچانلىق بىلەن ئىزدەنسىڭىز چوقۇم ئۇنى ھەل قىلىشىڭ يولىنى تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزنى بىلىم ئارقىلىق قوراللاندۇرۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. مەن تونۇشتۇرىدىغان بۇ مەسىلە يېشىشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى قىسقا ھەم مەزمۇنلۇق بولۇپ، سىز ئۇنى چوقۇم ياخشى كورىسىز.

بەزى كىشىلەر ھېسابلاشتا ئاستا، يېڭى نەرسىلەرنى ئېسىدە ساقلىيالماي، ئوخشاش بىر خاتالىقنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولسا قانداق قىلغاندا كاللىنىڭ ئىشلىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە كاللا ئىشلەشنىڭ تېزلىگىنى ئاشۇرۇشنىڭ 8 ئادىتىنى كۆرۈپ چىقايلى.

1. ھەر كۈنى كۆرگەن ۋەقەلەر ياكى ھادىسىلەرنى ئويلاش ياكى ئەسلەپ چىقىش

ھەر كۈنى كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن، شۇ كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە بولغان بارلىق ھادىسىلەر ياكى ۋەقەلەرنى بىر بىرلەپ ئويلاپ چىقىپ ئۇنى سۆزگە ئايلاندۇرۇپ چىقىڭ. بۇنداق قىلسىڭىز تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرەلەيسىز. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان كاللىدا ئويلاش دېگىنىمىز، ئۇ ۋەقەلەرنى ئويلاپلا بولدى قېلىش ئەمەس، ئويلىغانلىرىڭىزنى سۆزگە ئايلاندۇرۇپ دەپ چىقىشتىن ئىبارەت. بۇ ئۇسۇل تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، ئوخشاش خاتالىقنى داۋاملىق ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەرگە بەك ئۈنۈملۈك بولىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئۇسۇل كاللىسى ئاستا ئىشلەيدىغانلا ئەمەس، كاللىسى تېز ئىشلەيدىغانلارغىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇپ، كاللىنىڭ تېخىمۇ ئىشلىشىگە زور تەسىر قىلىدۇ. سىز بۇ ئۇسۇلنى ھازىرغىچە قىلىپ كۆرگەنمۇ؟ ئەگەر قىلمىسىڭىز كەم دېگەندە 3 ئاي داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭ. بۇ بەكمۇ ئاددىي ئۇسۇل بولۇپ، قېنى بۈگۈن كەچتىن باشلاپ سىناپ بېقىشنى باشلاڭ.

2. كاللىنىڭ ئىشلىشى يېمەك ئىچمەككە تايىنىپ قالمايدۇ

ئەپسۇسكى، كاللىنىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە يېمەكلىك يوق. ماۋۇ يېمەكلىكنى يېسەڭ كاللاڭ ئىشلەيدۇ دەيدىغان گەپمۇ يوق. بىراق، كاللىنىڭ ئوزۇقلۇقىغا شېكەر لازىم بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك شېكەرنى كوپ يېسەڭ كاللاڭ ئىشلەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس. شۇڭا يېمەك-ئىچمەكلەرنى نورمال يەپ بەدەننىڭ تەن ساغلاملىقىنى ياخشى تۇتۇش لازىم. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ كاللىسىنى ئۆتكۈرلىتىش ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق يېمەكلىكلەرنى بېرىپ بالىنى بىزار قىلىدۇ. مېنىڭچە بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس. مۇمكىن بولسا بالىنى ئىلمى ئۇسۇلدا ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم.

3. قانغىچە ئۇخلاش لازىم

سىز ياخشى ئۇخلىماي چارچىسىڭىز كاللىنىڭ ئىشلىنىشى ئاستىلاپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزدىن چاتاق چىقىدۇ. مەنمۇ بەزى ۋاقىتتا كوپ ئىش قىلىپ چارچىغان ۋاقىتلىرىمدا، بالىلىرىمنىڭ مەندىن نېمە سوراۋاتقانلىقىنى ئۇقالماي خاتا جاۋاب بېرىپ قويغان ۋاقىتلىرىم بولغان. بۇنداق ئىش داۋاملاشسا بەدەن ئاجىزلاپ كاللىنىڭ ئىشلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن تەن-سالامەتلىگىڭىز ناچارلىشىدۇ. شۇڭا قانغىچە ئۇخلاش لازىم. قانغىچە ئۇخلىيالمىدىم دەپ ئورۇندىن تۇرماي يېرىم كۈن ئۇخلاشنىڭ لازىمى يوق. ئادەتتە 6 سائەت قانغىچە ئۇخلاشقا يېتىدىكەن. قانغىچە ئۇخلاش ئۈچۈن تەبىئەت ئاۋازلىرى ئېلىنغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ ياتسا ياخشى دەپ قارىلىدىكەن. مەسىلەن سۇلارنىڭ شارقىرىغان ئاۋازلىرى ئېلىنغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ يېتىش. كەچتە ياخشى ئۇخلاش ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق ئېغىر تەن ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ ياخشى ئەمەس ئىكەن. مەسىلەن، قاتتىق يۈگۈرۈش ۋە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش. بۇ دېگەنلىك ھەرگىز بەدەن چىنۇقتۇرما دېگەنلىك ئەمەس. ھەر كۈنى بەدەن چېنىقتۇرۇش كاللىنىڭ ئىشلىشىگە تەسىر قىلىپ قالماي تەن-سالامەتلىگىڭىزنىڭ ياخشى بولۇشىغىمۇ ئالاھىدە تەسىر قىلىدۇ.

4. ھەر كۈنى چوقۇم مېڭىش لازىم

ھەر كۈنى مېڭىش ۋە بەدەننى تولغاچ، كاللىنىڭ ئىشلىشىگە بەكمۇ ياخشى دەپ قارىلىدىكەن. بىراق ھەددىدىن ئارتۇق ھەرىكەت ياخشى ئەمەس ئىكەن. ئادەتتە كىشىلەر ھەر كۈنى كەم دېگەندە 3 كۈن بەدەن چېنىقتۇرۇشى، كەم دېگەندە 50 مىنۇت مېڭىپ بېرىشى زۆرۈر ئىكەن. بۇنداق بولغاندا بەدەندىكى قان تومۇرلارنىڭ ئايلىنىشى ياخشىلىنىپ، كاللىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە لازىم بولغان شىكەرلا ئەمەس، كاللىغا مۇتلەق لازىم بولغان ئوكسىگەن يېتىپ كېلىدىكەن. شۇڭا ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىپ قان تومۇردىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلىتىپ، قان ئېقىم مىقدارىنى كۆپەيتكەن ياخشى ئىكەن. سىز كاللىڭىزنىڭ ئىشلىشىنى ھەقىقىي ياخشىلايمەن دېسىڭىز ھەر كۈنى نورمال تەن ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىڭ. مۇمكىن بولسىلا ماڭىدىغان يەرلەرگە مېڭىپ بېرىپ، ماشىنا ياكى ئاپتوبۇسلارنى ئىشلەتمىگەن ياخشى. خىزمەت ۋاقتىدىكى دەم ئېلىشلاردا مۇمكىن بولسىلا يارلىقلاردىكى دەم ئېلىشلاردا ماڭغىنىڭىز ياخشى.

5. ئوخشىمىغان ئىش قىلىش

كاللىنىڭ ئىشلىشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قىلىپ باقمىغان ئىشنى قىلىپ بېقىشمۇ ياخشى ئۇنۇم بېرىدۇ. بۇنداق بۆلىشى ئوخشىمىغان ئىشنى قىلغاندا كاللىنىڭ ئىشلەپ باقمىغان قىسىملىرى ھەرىكەتلىنىدىكەن. ھەر كۈنى ئوخشاشلا ئىش قىلغاندا كاللىنىڭ پالىيەتچانلىقى تۆۋەنلەيدىكەن. شۇڭا قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن باشقا ئىشلارنىمۇ داۋاملىق قىلىپ بەرگىنىڭىز ياخشى ئىكەن. مەسىلەن شەخمەت ئويناش ۋە تېپىشماق ئېيتىش قاتارلىقلار.

6. كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۆپەيتىش

كاللىنى چېنىقتۇرۇش ئۇسۇللىرى كوپ بولۇپ، بۇ ئۇسۇللار كىشىلەرنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى بىلەن چۈشىنىش قابىلىيىتىنى ئۇستۇرىدۇ. يەنى ھېسابلاشنى تېزلەتكىلى، يېڭى نەرسىلەرنى چۈشىنىشنى ياخشىلىغىلى بولسىمۇ بىراق بۇنۇڭ بىلەيلا كىشىلەر ئىپادىلەش كۈچىنى ياكى تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئاشۇرساق ئىپادىلەش كۈچىنى ياكى تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقە دېگەندە چوقۇم سوز ئىشلىتىپ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئېغىزىمىزدا سوز ۋە جۈملىلەرنى ئىشلىتىپ قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىشىش. بولۇپمۇ باشقىلارغا ناھايىتى ئاسانلار ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى يەتكۈزۈش بەك مۇھىم. چۈنكى باشقىلارغا دېمەكچى بولغىنىنى ئاسان چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزى ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ سۆزلىشىش بىرئاز قىيىن بولسىمۇ تارتىنماي قارشى تەرەپكە ئۆزىڭىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىزنى يەتكۈزسىڭىز ۋە بۇنداق قورقماسلىقنى قايتىلاپ تۇرسىڭىز سىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىڭىز تېزلا نامايان بولىدۇ. شۇڭا باشقىلار ئالدىدا تارتىنماي سوز قىلىش ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ. بۇ يەردە يەنە بىر مۇھىم مەسىلە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا قانداق نەرسىنى ئەڭ ئالدى بىلەن يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. سىز باشقىلار بىلەن پاراڭلاشتىم دەپ كاللىغا نېمە كەلسە شۇنى دەۋەرسىڭىز بولمايدۇ. كالىدا دېمەكچى بولغاننى ياخشى ئويلاپ ناھايىتى راۋان ۋە نورمال ئاۋازدا ئىپادىلەشنى ئۆگىنىڭ. ئەلۋەتتە سوز بايان قىلىشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى ياخشى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش لازىم. بۇنداق قىلىش سىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي ناھايىتى رەتىملىك ئىپادىلەشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن رادىئو ۋە قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلاشمۇ ناھايىتى چوڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك سۈرەت ۋە رەسىملەر يوق ھالەتتە كالىڭىزغا ئۇچۇرلارنى قاچىلاشتىن ئىبارەت. ئۇچۇرنى رەسىمسىز تەھلىل قىلغاندا ئاشۇ ئۇچۇرنىڭ نەق مەيدان ھالىتىنى كالىڭىزدا سۈرەتلەپ چىقىسىز. شۇڭا كوپ ئاڭلاش تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يۇقىرىدا دېگەندەك قىزىق ھېكايىلەرنى ئوقۇشمۇ سىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ چۈنكى ئوقۇغان ھېكايىدىكى قىزىق ھالەتنى كاللىڭىزدا تەسۋۇرلىيەلمىسىڭىز ئۇنۇڭ قىزىق بىر ھېكايە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز.

7. تېز ئاڭلاش ئۈنۈمى

تېز ئاڭلاش ئۈنۈمى دېگىنىمىزدە  تېز سۈرەتتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاشقا قارىتىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئاۋازلارنى ئاڭلاپ بەرگەندە كىشىلەرنىڭ نەرسىلەرنى چۈشىنىش كۈچى ئالاھىدە ئارتىپ مېڭىش بىلەن بىرگە تەسەۋۋۇر كۈچىمۇ ئازراق ئۆسىدىكەن. بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تېز چۈشىنەلمەيدىغانلار بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقسا بولىدىكەن. كاللىڭىز چارچاپ كەتكەندە بۇ ئۇسۇلنى تەجرىبە قىلماڭ.

8. ئەتىگەن تۇرۇش

چۈشتىن بۇرۇنقى كاللىنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەتىگىنى ئەتىگەن تۇرغان ياخشى ئىكەن. مەسىلەن سىز سائەت توققۇزلاردا ئىشلىمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئىككى سائەت بۇرۇن تۇرغىنىڭىز ياخشى ئىكەن. ئەتىگەن تۇرغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئەتىگەنلىك تاماق يېيىشنى ئۇنتۇماسلىقىڭىز لازىم. ئەتىگەنلىك تاماقنى مۇمكىن بولسا ياخشى يېمەكلىكلەر بىلەن قورساقنى راۋۇرۇس تويدۇرۇش لازىم. ئەتىگەنلىك تاماققا سەل قارىسىڭىز سىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىڭىز ۋە كاللىنىڭ ئىشلىشىگە ياخشى تەسىر بەرمەيدىكەن.

چۈشتىن بۇرۇنقى كاللىنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەتىگىنى ئەتىگەن تۇرغان ياخشى ئىكەن. مەسىلەن سىز سائەت توققۇزلاردا ئىشلىمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئىككى سائەت بۇرۇن تۇرغىنىڭىز ياخشى ئىكەن. ئەتىگەن تۇرغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئەتىگەنلىك تاماق يېيىشنى ئۇنتۇماسلىقىڭىز لازىم. ئەتىگەنلىك تاماقنى مۇمكىن بولسا ياخشى يېمەكلىكلەر بىلەن قورساقنى راۋۇرۇس تويدۇرۇش لازىم. ئەتىگەنلىك تاماققا سەل قارىسىڭىز سىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىڭىز ۋە كاللىنىڭ ئىشلىشىگە ياخشى تەسىر بەرمەيدىكەن.

0

تېما

1

دوست

700

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   40%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33080
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 17:23:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل تېمىكەن ، تايىنى يوق پاراڭ قىلغۇچە ماۋۇنىڭدەك ئېسىل يازمىدىن زوق ئالايلى .

  لىكىن مەن كۈندۈزىدىكى ئىشلارنى پەقەت ئويلىغۇم كەلمەيدۇ ، ئويلىساملا شۇ ئىشلارنى خاتا قىلغاندەك ھېسقا كەپ قالىمەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

330

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26140
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 17:31:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېما رەھمەت تاشپۇلاتكا !

4

تېما

5

دوست

4427

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14556
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 1271
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 17:46:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن دەپ تاشپۇلات ئاكام شۇيىراق قىرلاردىن شۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىدىن يەنە بىرنى ئېلىپ كەپسىز.كۆپ تەشەككۈر! سىناپ باقاي

0

تېما

0

دوست

1103

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32202
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 328
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 18:00:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا شۇنچە ئەقىللىق ئوخشايمەن دىسەم! مۇشۇ ئادەتلەرنىڭ ئەممىسى مەندە باركەن ئەمەسمۇ؟

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4671
توردىكى ۋاقتى: 1363
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 19:02:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى ئوقۇدۇم. بىز يۇقارقىلار بۇيىچە ئىش قىلالىساق ،قىلغان ئىشىمىزدا خېلى نەتىجە قازانغۇدەكمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا تىرىشىپ كۆرەش قىلىش كېرەك .

0

تېما

0

دوست

1103

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32202
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 328
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 19:16:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشپولات روزى ئاكا سىز بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىدىكى ۋە  ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئارسىدىكى خىلى نوپۇزلۇق ئادەم بولۇش سۇپىتىگىز بىلەن ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىدە قىزىپ كىتىبارغان (ئەلى قوللىغۇچىىلىرى ۋە تەنقىتچىلىرىگە قانداق باھا بىرىسىز؟) بولسا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجىرتىپ ماقالە يازسىڭىز بولىتى مۇشۇ ئېش توغۇرلوق! رەھمەتs

0

تېما

2

دوست

5245

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1584
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 21:02:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشپولاتكا ياخشىمۇ سىز ؟ بەك ياخشى بىلىملەركەن ،كۆپ پايدا بەردى.
سىزدىن ئۆتۈنۈشۈم ، مۇنداق بىر ئەھۋال  ئۈستىدە سىز ياخشى دەپ تەرىپلىگەن  ئاشۇ تور بەتلنى ئاختۇرۇپ باققان بولسىڭىز .يەنى : نېمە ئۈچۈن چۈشتىن كىيىن سائەت 2بىلەن 3نىڭ ئارلىغىدا ئادەمنىڭ زېھنى ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە بولىدۇ ؟
مەن چارچاش سەۋەبىدىنمىكىن دەپ ئويلاپ ، چۈشتە بىر يېرىم سائەت ئۇخلىۋالساممۇ دەل مۇشۇ ۋاقىت ئىنتىرۋالىدا قىلغان ھەرقانداق ئىشىمدىن چاتاق چىقىدۇ .قىسقىسى تورغا ئىنكاس يازساممۇ ئىملا خاتالىغى ئەڭ كۆپ چىقىدۇ ؟ بۇنىڭ بىر ئىلمى ئاساسىي بارمۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )