قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1902|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇر مائارىپى ئىشقىدا سوقۇپ توختىغان يۈرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

0

دوست

1971

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33336
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 652
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 10:05:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مائارىپى ئىشقىدا سوقۇپ توختىغان يۈرەك             

ئابدۇۋەلى تۇرسۇن  


( بىڭتۇن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى)   



  يىراقنى كۆزدە تۇتقاندا مائارىپ بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى ھالاك بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل، بىر مىللەتنى قالاقلىقتىن ،نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ، روناق تاپقۇزىدىغان مەنىۋى قورال.مائارىپى كەينىدە قالغان مىللەت قۇللۇقتىن قۇتۇلالمايدۇ.مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەن مىللەت مەلۇم بىر دەۋرىدىن كېيىن ھامان باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.خەلقى بەخت -سائادەت ئىچىدە ياشايدۇ.ھازىر نۇرغۇن ئەللەر بۇنى ھېس قىلىپ ، مائارىپقا بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلۈپ، مائارىپقا سالغان مەبلىغىنى يىلسېرى كۆپەيتمەكتە. نۆۋەتتە بەزى  دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ چىقىمى دۆلەت مۇداپىئە چقىىمىدىن ئېشىپ ، مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ شۇ دۆلەت مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى ئەڭ چوڭ  بولغان تۈر بولۇپ قالدى. دۆلىتىمىزمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ ،ئۆتكەن يىلى دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغى دۆلىتىمىز مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ  % 4.2 نى ئىگەلللىدى.
   مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ،ئومۇمىي خەلقنىڭ مائارىپ سۈپىتى ۋە  سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۇزاق مەزگىللىك ئىش بولۇپ ، دۆلەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن سىرت يەنە شۇ مىللەت كىشىلىرىدىن بولغان  نەچچە ئەۋلاد   مۇنەۋۋەر  پەرزەنتلىرىنىڭ  بىر ئۆمۈر قان -تەر تۆكۈشىدىن  ئايرىلالمايدۇ. .بۇنداق بىر قوشۇن بولماي تۇرۇپ ، مىللەتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. پەقەت يۇقىرى ساپالىق  مائارىپ قوشۇنى بولغاندىلا ئاندىن شۇ مىللەت ئىچىدىكى ساپالىق ئەمگەكچىلەر  يېتىشىپ چىقىدۇ.
   بىزنىڭمۇ شۇنداق بىر قىسىم ئەزىمەتلىرىمىز باركى ئۇلار مىللەت ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيىدۇ،سۇ بولۇپ ئاقىدۇ.بۇ جەرياندا ئۆزنىڭ ئېرىشكەنلىرى بىلەن پەقەت ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ .ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ ئازراق ئۈنۈمى كۆرۈلسىلا تارتقان جاپالىرى كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ.ھاردۇقى چىقىپ ،ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشتىن مەمنۇن بولىدۇ.
   ئۇزۇندىن بۇيان مەن بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ بىرى ئۈستىدە ئازراق بىرنىمە يېزىپ قوياي دەپ ئويلاپ  يۈرەتتىم. بۇنىڭغا سەۋەپچى بولغىنى مېنىڭ بۇ كىشى بىلەن بىر قېتىملىق تەساددىپى كۆرۈشۈپ قېلىشىم  ئىدى.ھازىر ئويلىسام بۇ ئىش يۈز بەرگىلى  20يىل بولۇپ قاپتۇ، ۋاقىت نىمە دېگەن تېز ئۆتىدۇ-ھە!مەنمۇ ھازىر قىرىق نەچچە ياشلىق ئادەم بولۇپ قالدىم. ۋاقىت بەك ئۆتۈپ كەتسە بەزى خاتىرىلەر ئەستىن كوتۈرۈلۈپ كېتىدىكەن.ئۇنىۋرسىتېتتا ئوقۇغاندا ئارىلاشقان باشقا فاكولتېتتىكى باشقا يۇرتلۇق تونۇشلىرىمنى 10يىلنىڭ ئالدىدا ئاساسەن تونۇيتتىم، چىراي شەكلى ئېنىق ئېسىمدە ئىدى ، يەنە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بەزىلىرىنىڭ چىرايىنى ئەسلىيەلمەس بولۇپ قالدىم.بۇ بەلكىم تەبىئى ئىشتۇر.ئەمما ۋاقىت  جىق ئىشلارنى ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىدىكەن.  ھازىر ئويلاپ باقسام  شۇ سوھبەت مەزمۇنىڭ بەزى يەرلىرىنى  راستلا ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن،  شۇڭا خاتىرىلەپ قويمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن .ھازىر يېزىپ قويمىسام بەلكىم تەل-تۆكۈس ئۇنتۇپ كېتىشىممۇ مۈمكىن.مەن گېپىنى قىلماقچى بولغان بۇ  كىشى گەرچە ھازىر ئارىمىزدا بولمىسىمۇ ئەمما مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەت مەزمۇنى ئۇنىڭ ئوبرازىنى مېنىڭ قەلبىمدە بارغانسېرى زورايتىپ كېلىۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق مىللەت ئۈچۈن چوڭراق تۆھپە قوشقانلارنى چوقۇم خاتىرىلەپ، بولسا ئەڭ ياخشىسى ئېقى قەغەز،قارىسى سىيا بولغان ماتېرىيالدىن قەۋرە قاتۇرۇپ قويۇش كېرەك،چۇنكى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا ، مۇشۇنداق قەۋرەلا يىللارنىڭ قار-يامغۇرلىرىنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مەڭگۈلۈك خاتىرە تېشى بولالايتتى.
  بۇ ئىش ئەسلى مۇنداق ئىدى:
1995-يىلى 8-ئاي بولۇپ، مەن شۇ يىلى ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئىمتىھان بەرگەن  بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۇن بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىش بىجىرىش ئورنىغا بىر ئامال قىلىپ كىردىم.مېنىڭ ئۇ تۇققىنىمنىڭ ئارخىپى ئاقسۇ  ۋىلايىتىنىڭ  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن چىقاتتى.شۇڭا مەن ئاقسۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا كىرىپ شۇلار بىلەن كۆرۈشتۈم.ئەمما ئۇلار ئالدىراش بولغاچقا ، ئولتۇرۇپ ساقلاشقا توغرا كەلدى.شۇ چاغدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خۇددى توپ  سېتىش بازىرىدىن  مال ئالغانغا ئوخشايتتى.ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزلىرى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى  ۋىلايەتلەرنىڭ ئارخىپ چىقىرىش ئىشخانىسىغا كىرەتتى. مەن ساقلاپ تەخمىنەن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندىن كېيىن ، مەن ساقلاۋاتقان  ئىشخانىغا ئۈرۈمچى ئىجتىمائى كەسپىي تېخنىكومنىڭ مۇدىرى،شۇ مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى غوپۇر نۇرى ئەپەندى كىرىپ كەلدى.بۇرۇن  ئۇنىڭ گېپىنى كۆپ ئاڭلىغان  ئىدىم . ئەمما كۆرۇپ باقمىغان .ئۇ ئادەمنىڭ نام -ئاتىقى جەمىيەتتە ‹‹غوپۇر چولاق ›› (جەمىيەتتە شۇنداق ئاتالسمۇ مېنىڭ ئۇنداق ئاتىغۇم يوق ئىدى،ئەمما تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن شۇنداق دىيىشكە توغرا كەلدى ، يەنە بىر تەرەپتىن شۇنداق ئاتىغاندا بۇ ماقالىنى ئوقۇغانلار ئاسان چۈشىنىش ھاسىل قىلىدۇ دەپ ئويلىدىم)دەپ چىققان ئىدى . چۈنكى راستىنلا ئۇنىڭ ئىككى قولى يوق ئىدى.ئەمما تۇغما يوق بولماستىن بەلكى مەدەنىيەت زۇر ئىنىقىلاۋىدىكى زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن يوق بولۇپ قالغان ئىدى.ئۇمۇ شۇ چاغدا ئۆز مەكتىپىگە قوبۇل قىلىدىغان بالىلارنىڭ ئىشى بىلەن كىرسە كېرەك.شۇ چاغلاردا خەلق باشقۇرۇشىدكى مەكتەپلەرنىڭ ئەمدىراق بىخلىنىۋاتقان ۋاقتى بولۇپ،ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مۇنتىزىم مەكتەپلەرگە ئۆتەلمەي ، باشقا ئامال بولمىغاندا ئاندىن ئوقۇتۇش ئوبېكتى قىلاتتى.  بىز ئۆزئارا باش لىڭشتىپ بوشلا كۆرۈشتۇق.ئارخىپ چىقىرىش ئىشخانىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتاتتى.شۇڭا ئۇ ئەپەندىممۇ ئولتۇرۇپ ساقلىدى.ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقانلاردىن باشقا يەنە ئىككىمىزلا بار ئىدۇق.شۇڭا بىر دەمدىن كېيىن  بىز تەبىئلا پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق.ئالىدى بىلەن مەن ئېغىز ئاچتىم:
   -ھازىر سىلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇچى خېلى كۆپمۇ؟
   -بولىدۇ،ئاساسەن بوش قالىدىغان سىنىپ ياتاقلار يوق،مەكتەپنىڭ كۆلىمىگە قارىتا ئوبدان دېسەك بولىدۇ.
   -بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق خەلق باشقۇرۇشىدكى مەكتەپلەر چوقۇم ياخشى تەرەققى قىلىپ كېتىدىغۇ دەيمەن؟مېنىڭ ئويلىغىنىم بازار ئىگىلىكىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ ،شەخسلەرنىڭ مەكتەپ ئېچىشى ئەۋج ئالىدۇ.تېخىمۇ سەرخىللىشىشقا يۈزلىنىدۇ.ھەتتا ئامېرىكىغا ئوخشاش خۇسۇسىلار باشقۇرۇشىدىكى ناھايىتى ئىسىل مەكتەپلەر بارلىققا كېلىدۇ دېگەن خىيال ئىدى.
  -مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن،چوقۇم شۇنداق بولۇشى مۈمكىن ،چۈنكى سىياسەت ھازىر يىلدىن -يىلغا ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.خەنزۇلاردا خۇسۇسىلارنىڭ مەكتەپ ئېچىش ئىشى بىزگە قارىغاندا كۆپ ئىلگىرلەپ كەتتى.بىزنىڭمۇ بۇندىن كېيىن ئاستا-ئاستا تەرەققى قىلىدۇ.جەمىيەت شۇنى تەلەپ قىلىدۇ.چۈنكى ئۇنداق قىلمىساق ئۇلارغا ھەرگىز يېتىشەلمەيمىز.
  ئۇندىن كېيىن ئۇ ماڭا  ئامېرىكا،ياپونىيە ،گېرمانىيە،كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان خەنزۇ مىللىتىدە ھازىر ھەر ئون مىڭ نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر،ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پتتۈرگەنلەرنىڭ ىسانىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى ، بىزدە بولسا بۇ نىسبەتنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى ،بىزنىڭ ئاشۇلارغا يېتىشىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ھەر يىلى قانچە ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىپ ئوقۇتۇشىمىز كېرەكلىكىنى،ھازىر  بىزدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنىڭ يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ،بۇنداق ماڭسا ئۇلارغا يېتىشىۋېلىشنىڭ يەنىلا ناھايىتى قىيىنلىقىنى،شۇڭا ھۆكۈمەتكىلا قاراپ تۇرماي، ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش مەكتەپلەرنى كۆپلەپ ئېچىپ،بالىلارنى ئوقۇتۇشىمىز كېرەكلىكىنى سۆزلەپ بەردى.ئۇنىڭ سۆزلەۋاتقىنى ئېنىق سان -سېپىرلا بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇنداق ئېنىقلىق بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ  ئەھۋلىنى بىلىشى،بىزنىڭ ئەھۋلىمىزنىڭ قايسى  دەرىجىدە تۇرۇۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشى مېنى خېلىلا ھەيران قالدۇرۇدى.بۇنداق سان -سىپىرلارنى مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەۋاتقانلار ئىچىدىمۇ بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى. دېمەك ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى  قانداقتۇر مەكتەپ ئېچىش يولى بىلەن ئۆزىنى بېيىتىپ ،پۇل تپىش ئەمەس بەلكى ئۆزى مەكتەپ ئېچىپ ،بىزنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ،نىمىنى ئويلاۋاتقىنى ناھىيىتى ئېنىق ئىدى.ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ،باي،قولىدا كۆپ ئىقتىساد بار ئادەم ئىكەنلىكىنى  بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم.دېمەك ئۇ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنىلا كۆزلىگەن بولسا مەكتەپ ئېچىشنى ئويلىماي،ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان باشقا تۈرلەرگە مەبلەغ سالسا ،زېھنىنى سەرپ قىلسا بولاتتى.ئەمما ئۇ مەكتەپ ئېچىپ ،ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مىللەتكە مەسئۇل بولىدىغان بۇ يولنى تاللىدى ھەم بۇ يولدا ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدى.بۇنىڭدىن بىز  ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ بۇرۇندىنلا ناھايىتى يۈكسەك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىمىز.
  مەن ئۆزەمنىڭ ئىشىنى ھەل قىلغىلى ئۇ يەرگە كىرگەنلىكىم ئۈچۈن،غوپۇر نۇرى ئەپەندىنىڭمۇ يەنە ئىشى بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ سۆھبىتىمىز بەك ئۇزۇنغا سوزۇلمىدى.چۈنكى ئارىلىقتا پۇرسەتنى تۇتۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرۋالمىساق  بولمايتتى.شۇڭا سۆھبىتىمىز پەقەت مۇشۇنچىلىكلا بولدى.
  شۇندىن كېيىنكى ئۇزاق مەزگىل ئىچىدە بۇ كىشى بىلەن قايتا كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىدى.ئەمما بۇ ئىشنى  پەقەت ئۇنتۇپ قالمىدىم.يالغۇز قېلىپ خىيالغا پاتقاندا، چېنىقىش ئۈچۈن ئاستا يۈگۈرگەن چاغلاردا بۇ ئىش داۋاملىق خىيالىمدىن كېچىپ تۇردى.ئۇنى ھەقىقەتەن مىللەتنىڭ تەرەققىيياتىنى ئويلىغان ئەزىمەت ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.بۇنى مۇنداق بىرقانچە تەرەپتىن چۇشەندۈرگىلى بولىدۇ:
  ئالدى بىلەن شۇ دەۋرىدە ئۇنىڭ بۇنداق خۇسۇسى مەكتەپ ئېچىپ ،ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىمىزغا تۆھپە قوشۇشنى ئويلىشى ھەقىقەتەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەنلىك ئىدى.بۇنداق مائارىپتىن ئىبارەت ئۈنۈمى بەك ئاستا  كۆرۈلۈدىغان ساھەگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلايدىغانلار ۋە بۇنى كونكىرىت قىلىدىغانلار  شۇ دەۋرلەردە يوق دېيەرلىك بولۇپ بۇ ئادەم بىر باشلامچى ئىدى.مېنىڭ بىلىشىمچە ئۈرۈمچى ئىجتىمائى كەسپىي تېخنىكومنىڭ قۇرۇلۇپ ،  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى ،80-يىللارنىڭ ئوتتۇرسى بولۇشى مۈمكىن.ئۇ دەۋرلەردە بۇنداق مەكتەپ ئېچىش ھەرقايسى تەرەپتىن ھەقىقەتەن قىيىن ئىش ئىدى.ئۇ مانا مۇشۇنداق بىر ساھەگە تۇنجى قېتىم يۈرۈش قىلدى.ئىككىنچىدىن ئۇ مەكتەپ ئاچقان يەر ئۈرۈمچى شەھەرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇچتاش يولۇچىلار بېكىتى جايلاشقان ئورۇننىڭ  2- 3كىلومېتىر جەنۇبىدىراق بولۇپ، دەسلەپتە قاقاس ،خىلۋەت جاي ئىدى. ئۇ ئاشۇنداق يەرنى ئېچىپ،بىنىا سېلىپ،كۆچەت تىكىپ ، دەل-دەرەخلىك بىر چىرايلىق قورو بەرپا قىلدى.ھەقىقەتەنمۇ چۆلنى بوستان قىلدى. ئۈچىنچىدىن نۇرغۇن ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ گەرچە مەلۇم مەزگىللىك بولسىمۇ  بىراق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللەتكەنلىك،خەلققە ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ.تۆتىنچىدىن ئۇ بۇ مەكتەپنى ئېچىپ ، نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى  تەربىيىلىدى. ئەينى چاغدا خەلقىمىزنىڭ بالىلىرىنى ئالىي مائارىپ بويىچە ئوقۇتۇش ئىدىيىسى ھازىرقىدىن قالاق ئىدى.بۇنداق چاغدا مەكتەپ ئېچىپ ،ئادەم ئوقۇتۇش جىق توسقۇنلۇقققا ئۇچرايتتى.شۇڭا  بۇ تارىخىي ئەھمىيىتى بار ئىشتۇر. ئۇلار ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.شەخسەن مېنىڭ يۇرتۇم كەلپىندىنمۇ نەچچە ئون ئوقۇغۇچى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇپ ،ئىختىساس ئىگىسگە ئايلاندى.ئەينى چاغدا مەنمۇ ئاشۇ مەكتەپكە بىر نەچچە قېتىم ئادەم يوقلاپ بارغان ئىدىم.مەكتەپنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆرۈپ، ئۇ زاتنى ئۆزى مېيىپ بولسىمۇ روھى پۈتۈن،ئىرادىلىك ،سۇۋادان تېرەكتەك مۇقەددەس ئادەم  ئىكەن دەپ باھا بەرگەن ئىدىم.
   شۇ چاغلاردا ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بىر يۇرتلۇق بالىلار بىلەن بىر يەردە بولۇپ قالغاندا ، ئۇنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرىنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. بىر مۇدىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ داۋاملىق ھالدا ياتاق تەكشۈرۈشكە ئوخشاش ئىشلارغا بىۋاستە قاتنىشىدىكەن.ئوقۇغۇچىلارغا تەنقىد -تەربىيە بېرىش ئىشلىرىنىمۇ بىۋاستە تۇتۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى.چۈنكى مەنمۇ ھازىر بىر ئوتتۇرا -تېخنىكوم مەكتەپتە ئىشلەۋاتىمەن. بىزگە كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ۋە مەخسۇس كۇرس مەكتەپلەرگە كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا مەدەنىيەت ئاساسى سەل تۆۋەنرەك بولىدۇ ، بۇ بىزنىڭ ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش، تەربىيەلەش ئىشلىرىمىزغا  ناھايىتى زور قىيىنچىلىق  پەيدا قىلىدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋال ھازىر بۈتۈن جوڭگو بويىچە ئوخشاش.غوپۇر نۇرى ئەپەندىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بىر مائارىپچىدۇر.
  كېيىن بۇ كىشىنىڭ ئارىمىزدىن كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇم، مەكتەپمۇ باشقۇرۇشقا ئادەم بولماسلىق ،باشقۇرۇشنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاخىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىن توختاپ،باشقا ئىش ئۈچۈن بېېرىۋېتىلىپتۇ.بۇ  كىشىنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىش .  ئەسلىدە ئۇ باشلىغان بۇ ئەھمىيەتلىك ئىش داۋاملىشىشى ،تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى كېرەك ئىدى . بىزنىڭ رىياللىقنى قوبۇل قىلماي ئىلاجىمىز يوق .  ئەمما بۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
  يۇقۇرىدىكى ئەسلىمە ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن قىسقا بولغان بىر سۆھبەتتىن تۇغۇلغان ئويلار بولۇپ ، ئۇ زاتنى تولۇق تەسۋىرلەشكە پەقەت بىر تۇترۇقلا بولىدۇ ،خالاس.بەلكى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى تەكشۇرۈپ كۆرسەك بۇنداق ئۇلۇغۋار ئىدىيىسىنى تېخىمۇ كۆپ ۋە يارقىن ھېس قىلىشىمىز  ئېنىق.مەن بولسا بۇ زاتنى ياخشى بىلدىدىغان قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ، ياكى ئۇرۇق-تۇققان، يۇرتلۇقلىرى ئىچىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا كەڭ ۋە مۇپەسسەلراق بىر يىرىك ئەسەر يېزىپ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.بەزىلەر ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى چۈشەنمەي، ناھايىتى بىر تېخنىكوم قۇرغان ئادەمغۇ دىيىشى مۈمكىن.ئەمما مەن ئويلايمەنكى ئۇنىڭ قىلغان ئىشى مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇلۇغۋار ئىش.ئۇ ئاشۇ ئىدىيىسى بىلەن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قويۇلغان مەكتەپ مۇدىرلىرىغا  تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.بىز چوقۇم بۇنداق مىللەت ئۇچۈن جان پىدالىق بىلەن ئويلاپ ،ئىشلەپ، تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ،  ئۇلارغا مائارىپ تارىخىمىزدىن بىر كىشىلىك ئورۇن بېرىشىمىز كېرەك. بىزدە ھەرھالدا ھازىر مۇشۇنداق  شەخسلەرگە بېغىشلانغان رومانلار چىقىۋاتىدۇ.كونىسىنى قويۇپ ،يېڭىسىنى ئالساق يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللانىڭ يېقىندا چىققان ‹‹ئابرال گۇۋاھ››ناملىق رومانى دەل مۇشۇنداق شەخسكە بېغىشلانغان روماندۇر.
  ئاخىرىدا قەلبىمدە داۋاملىق مەۋج ئۇرۇپ تۇرۇۋاتقان  بىر يالقۇنلۇق خىتاپ بىلەن بۇ يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن:
   غوپۇر نۇرى ئەپەندى، خەلق سىزنى ئۇنتۇمايدۇ،سىز  مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ تارىخىدا ۋە شۇ مەكتەپتە ئوقۇپ ،جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ئىشلەۋاتقان مەكتەپداشلار قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!
                   2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ.

2

تېما

37

دوست

4863

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 16:50:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ناھايىتى قىممەتلىك، ياخشى ئەسلىمە بولۇپتۇ. مەنمۇ بۇ كىشى توغرۇلۇق ئاڭلىغان. ئەمما بەدنىيەتلەر ئىنقىلاۋىنىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچرىغانلىغىنى بىلمەيدىكەنمەن.
     نىمىلا بولمىسۇن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ مىللىي مائارىپىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىجانىدىل خىزمەت قىلغان مۇنداق ئالىجاناپ كىشىلەرنى ئەلبەتتە ئەسلەش، پۈتكۈل زىيالىلىرىمىزغا ئۈلگە قىلىش كېرەك.
        ھازىر چەتئەللەردە ، چەتئەللىكلەر تەسىس قىلغان تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلىۋاتقان نۇرغۇن ئىلىم ئەرباپلىرىمىز بار. ئۇلار ئىش ھەققىنى ساناپ ئەمەس ، توننىلىق تارازىلاردا ئالىدۇ ، ئەمما ئۇلاردا قۇرۇق گەپ سېتىشتىن باشقا ھېچ نىمە چىققىنى يوق. مىللەت قۇرۇق گەپكە ئەمەس ، ئەمەلىي چاقىرىققا، تەشكىللەشكە مۇھتاج. ئۇلار غۇپۇر ئەپەندىنىڭ روھىنى ئۈلگە قىلىشى ، مىللىي مائارىپ ھۇزۇرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ئەۋلاتلىرىمىزغا ئەمەلىي خىزمەت قىلىش، يار - يۈلەك بولۇشنى ۋىجدانىي بۇرچ دەپ بىلىشى كېرەك.  
       جەنابىي ئاللاھ غۇپۇر ئەپەندىمنىڭ جايىنىڭ جەننىتى بولىشىنى نېسىپ ئەيلىگەي، ئامىين!
    ھە، بۇ قىممەتلىك يوللانمىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپلەپ تەشەككۈرلەر!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1235

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33034
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 17:32:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0430 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 17:34  

قانچىلىغان ئاشۇنداق مىھنىتىنى تۈكۈپ ئارىمىزدىن جمجىت كىتىپ قالغانلار بار ھە، لىكىن  ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مڭىش يۇق نەدىكى ئىشلارنى تالىشىپ يۈردىكەنمىز،رەھمەتلىك غوپوركامنى ئەسلەتكەنلگىڭزگەرەخمەت! ياتقان يىرى جەننەت بۇلغاي!

1

تېما

2

دوست

3079

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 18:15:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بىر ياخشى تىما ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپسىز ،ئەجرىڭىزنى ئاللاھ زىيادە بەرگەي.مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىقتىسادىنى ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ،بۇ دۇنيادىن كەتكەن بۇ ئاكىمىزغا ئەجرە بەرگەي ،ئامىن .
بىزدە بۇنداق ئادەملەر كۆپ ئەمەس .بۇنداق كىشىلەرىمىزنىڭ قەبرىسىنى (ھەتتاكى مىللىتىمىز ئۈچۈن بىر قەدەم ئېلىپ ئىككىنجى قەدىمىدە ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ) ئايرىم ياساپ باللىرىمىزغا نەخ ئۈلگىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ تەربىيە قىلىشىمىز كېرەك .

2

تېما

0

دوست

1271

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3870
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 114
تۆھپە : 325
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 18:30:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداتلار ئىزىنىدىن ماڭغان مەرھۇم غوپۇر ئەپەندىنى چوڭقۇر سېغنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن.تېمى ئىگىسىگە رەخمەت!

1

تېما

4

دوست

8132

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2097
توردىكى ۋاقتى: 642
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 18:48:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئىلى تەڭرىتاغ›› مەكتىپىنى قۇرغان،نۇرغۇن يىتىم-كەمبەغەل بالىلارنى ھەقسىز ياكى يېرىم ھەقسىز ئوقۇتقان.مەكتەپنىڭ ئورنى مۇقىملاشقىچە 12 قېتىم كۆچكەن... ئۆزى نامرات مۇئەللىم--شۇنداق يەنە بىر زات بار.
ئۇنىڭ ئىسمىمۇ غوپۇر.
ئۇ--2002-يىلىدا ئۆپكە راكى بىلەن ۋاپات بولغان.

‹‹غېرىپ شىۋاقلار›› ناملىق كىتاپتىكى‹‹قۇرۇماس بانكا››نى كۆرۈپ باقسىڭىز تەپسىلاتى بار.

11

تېما

2

دوست

4266

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1692
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 1088
توردىكى ۋاقتى: 290
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 21:24:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مەكتەپتىن بىرى قۇرۇلسا، تۈرمىدىن بىرى ئازلايدۇ» دېگەن ھېكمەت بار. دەرۋەقە، بۇ-راست گەپ. مەرھۇم غوپۇر ئەپەندى  بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرى  ئۈرۈمچىدە مەكتەپ ئېچىپ، ئاساسەن ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنالماي جەمئىيەتتە لەيلەپ يۈرگەنلەرنى بۈگۈنكى نىشان مەنزىلىگە باشلىدى. شۇ مەكتەپتە تەربىيەلەنگەنلەر تىبابەت، مائارىپ، ...قاتارلىق نۇرغۇن  ساھەلەردە بۈگۈنكى مۇتەخەسىسلەرگە، ياراملىق ئۇستازلارغا، تايانچ كادىرلارغا ئايلاندى. بۇ مەن بىلىدىغان ئەمەلىي پاكىت.  ئۆزۈم تونۇيدىغان يۇقىرىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەكسىچە، شۇلار بىلەن بىرگە ئوقۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ يا ئالىي مەكتەپكە ياكى دەل مۇشۇ مەكتەپكە بارماي «ئاركىن پەرۋاز» قىلغان بىر بۆلۈك نوچىلار ئىچىپ-چېكىپ، ئېتىپ-سېتىپ ئكلدى ياكى «بىخەتەر ئىشكاپ»قا بەند بولدى.....
  يىراقنى كۆرەر بۇ ئۇستازنى تەۋپىقتىن كېيىنكى يەنە بىر ئاقارتقۇچى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.

  ئەجر قىلىپسىز، رەھمەت!

0

تېما

1

دوست

758

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   51.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11108
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 241
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 22:12:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوپۇر ئەپەندىمنى يېقىنقى يىللاردىكى خەلق ئىگىلىگىدىكى مائارىپىمىزنىڭ يولباشچىسى دەپ قارايمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ قۇرۇپ چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان ياسىن تۇرسۇن ئۇلتاش ئەپەندى،......... قاتارلىق مائارىپىمىزغا تۆھپە قوشقان تۆھپىكارلارنىڭمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا ئېشىنىمەن!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )