- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35258
- نادىر
- 19
- يازما
- 1758
ئۆسۈش
63.15%
|
ئادەم تۇغقان تۇخۇم
-ئەركىم
كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا باغچىلىرىمىزدا، ئېتىز قىر، ئۆگزىلىرىمىزدە تۇخۇم ئىزلەپ ھەريان چاپاتتۇق. خولۇم-خوشنىلارنىڭ ئۆگزىلىرى تۇتاش بولغاچقا، شوخلۇقىمىزدىن مېكيانلار كاكىلاپ قويغان تۇخۇملارنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكى بىلەن ئۇنچە بەك ھېساپلاشمايلا قوينىمىزغا تىقاتتۇق. تاڭ بىلەن تەڭ ئۇيغۇنۇپ بۇۋا-مومىلىرىمىزغا پۇتلۇشۇپ، تەسۋى، جەينامازلارغا ئېسىلىشپ يەنە ئۇخلاپ، بىر چاغلاردا مەھەللە كوچىسىغا ئۇمۇن-ئۇيغاقلا چىقىپ تۇيلاق ئېتىپ ئوينايدىغان، كەچ بولۇپ قۇرساق ئاچمىغۇچە ئۆيگە كىرمەيدىغان نەقەدەر غەمسىز چاغلار ئىدى ھە؟! شۇ چاغلاردا ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ قوتىنىدا قويى، ئۆچكىسى، ئېغىلىدا ئات، كالا ۋە ئېشىكى، يوق دېگەندىمۇ بىر نەچچە توخو، خورىزى بار بولاتتى. مۈشۈكى يوق ئادەم يوق دېيەرلىك ئىدى. ئېقىن، كۆللەردە بېلىقلار ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەتتى. بالىلار گۈزەل تەبىئەتتىن قانغۇدەك ھوزۇرلىناتتى. قۇرۇت-قوڭغۇز، قۇشقاچ، قارلىغاچ، بۈركۈت، لاچىن، كەكىلىك، توشقان، قوزا، ئوغلاق....ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ كۆزى كۆرەلىگەنلىكى جانىۋار ئۇلارنىڭ ئەرمەك ھايۋىنى ھېسابلىناتتى.
ئۇ چاغلاردا نەدىمۇ يېشىل مەھسۇلات دېگەن ئۇقۇم بولسۇن! باغقا، باغچىغا، ئېتىزغا، قىرغا تېرىلغان بارچە نىمەت شۈبىھىدىن خالىي ئىدى. ئالما، ئۆرۈك، ئۈزۈم، نەشپۈت، چىلان، شاپتول، جىگدە، ياڭاقلارنىڭ قۇرۇتلىغىنىنى بىلمەيتتۇق. قۇرۇتلىسىمۇ پەرۋايىمىزغا ئىلمايتتۇق. ئەپسۇس، دېمىسەممۇ ھەممىمىزگە ئايان، بۇ گۈزەل ئەستىلەكلەرنى بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئەمدى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى، مەھەللىلىرىمىز چېقىلدى، باغلىرىمىز يوقىدى، ئېتىز-قىرلىرىمىز بۇلغۇلنىشنىڭ زەربىسىدە ئىڭرىماقتا، بۇلاق، ئېقىن ۋە كۆكلەرچۇ؟ بىر گۈزەل رىۋايەتكە ئايلاندى. مۇشۇ كۈنلەردە تاڭ بىلەن تەڭ چىللىغان خورازنىڭ ئورنىدا زاۋۇت، كان، كارخانىلارنىڭ، سان-ساناقسىز ماشىنىلارنىڭ شاۋقۇن، گۈدۈكى بىزنى ئۇيغۇتىدىغان بولدى. پەرزەنتلىرىمىز ئەللەي ناخشىسى، چۆچەك، رىۋايەتلەرنىڭ ئورنىدا ئۈندىدار تىڭشايدىغان بولدى. يىگەن-ئىچكىنىمىزدە زەھەر، تىنغان نەپىسىمىزدە زەھەر، كىشلىك مۇناسىۋىتىمىزدە ئېھتىيات، گۇمان ھەممە يەرنى قاپلىدى. مۇشۇ كۈنلەردە بالىلىقىمدا كۆرگەن كارتىنىلارنى قىزىمغا سۆزلەپ بەرسەم ئۇنىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن پارقىراپ كېتىدۇ. تېخى كىچىك ۋاقتىدا<< ئاپام مېنى نىمىشقا شۇ چاغلاردا تۇغمىغاندۇ؟ >> دەپ سورىغان ۋاقىتلىرىمۇ بار بولغانتى. بالام شۇنداق دېگەن چېغىدا، بوغۇزۇم ئاچچىق بولۇپ كەتكەنتى. چۈنكى، مەنمۇ كىچىكىمدە شۇنداق خىياللارنى قىلىپ، چوڭلاردىن شۇنداق سۇئاللارنى سورىغان ئىدىم.
ئىنسانىيەت دۇنياسى مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىدىغان ئوخشايدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئەلشىر نەۋايى بوۋىمىز نەچچە ئەسىرنىڭ ئالدىدا ئانا تىل غەلۋىسى قىلغان ئىكەن. دىيارىمىز قومۇلنىڭ يېقىنىقى زامانىدا ياشاپ ئۆتكەن تارىخچى، مەشھور خەتتاتى ھاپىز نىياز قومۇلىمۇ يېرىم ئەسىرنىڭ ئالدىدا يازغان << قومۇل بوستانى >> دېگەن ئەسىرىدە قومۇللۇقلاردا ساقلىنىۋاتقان ناچار ئادەت، بولمىغۇر ئىللەتلەرنى ئەجداتلارنى سېغىنىش ئىلكىدە قامچىلاپتىكەن. دېمەك، بۇ خىل ئۆتمىشنى سېغىنىش روھىي ھالىتى ھەممە دەۋىردا بولىدىغان ئوخشايدۇ. بىراق، شۇنىسى بىزگە ئايدىڭ بولسۇنكى، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇرۇش، يېغىلىق، قاچ-قاچ، كۆچ-كۆچلەرگە دۇچار بولۇپ، ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە ئاچ-توق قالغان ۋاقىتلىرى بولغان بولسىمۇ، زامانىمىزدىكىدەك زەھەرلىك يىمەك-ئىچمەك تېراگىديىسىگە يولۇقمىغان ئىدى. بۇلغانغان مۇھىت ئىنسان روھىنىمۇ بۇلغىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ. جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە يېقىنىقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ساختا زەھەرلىك سۈت تالقىنى، يالغان سۈت، دورا، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، يۇندا ماي، ئەخلەت يىمەكلىك، زىيانلىق تەييارچۆپ ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى، ساختا گۆش مەھسۇلاتلىرى، خىمىيىلىك تەركىپ قوشۇلغان ھورمۇنلۇق بوغۇز، يەم، ھورمۇن ئۇرۇلۇپ سەمەرتىلگەن توخو...توخو تۇخۇملىرى بازارنى بىر قاپلىدى. خىمىيىلىك دورا، ھورمون بىلەن چوڭايتىلغان ۋە ياكى قەستەن كىچىكلىتىلگەن كۆكتاتلار، مىۋە-چىۋىلەر تاماق ئۈستەللىرىمىزگە تىزىلدى. يىمەي دېسەك ئاچلىقتىن ئۆلىمىز، يېسەك ئاخىرى بېرىپ ئىسمىنى دېيىشتىنمۇ قورۇققىدەك نىېجىس كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ تۈگەيمىز. ھازىر ئىچكىرسىدە مۇنداق گەپ مودا ئىكەن: << ھازىرقى يىمەك-ئىچمەك ۋە مۇھىت ھەقىقەتەنمۇ بۇلغاندى، بىراق، تاماق يىمىسەڭ، تىنمىساڭ ئۆلىسەن، ئاچ قالماي دېسەڭ يەپ ياشا، دوختۇرغا كىرسەڭمۇ بەرىبىر دورىلىرى ساختا، ئامال يوق، چىداپ ياشايلى، ھامىنى ئۆلىمىز، ئۆلمىگەن كىم بار!>> راسىت، دېمىسىمۇ مۇھىتى بۇلغىلىنىپ كەتكەن بۇ زىمىندا نەدىمۇ پاكىزە مەھسولات چىقسۇن؟ چىقسۇنمۇ دەيلى، كىشىلەرنىڭ قەلبى قارىداپ، ئىنساپ، تەۋپىق كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن دەۋىردە يېشىل مەھسولاتلارنىڭ چىقىشىغا چىن پۈتەلمەيمىز. ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتۈش بۇ خۇددى ئۆلۈكتىن ئۇسۇرۇق كۈتكەندەكلا ئەخمىقانىلىقتە!
زامانىمىزدا بىر خىل قاملاشمىغان قائىيدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئاشلىق زەھەرلەنسە، مەخسوس ئالىي ھوقدارلار ئۈچۈن ئىچكى جەھەتتىن ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. ئىشقىلىپ نىمە مەھسۇلات بولغانسا ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىنسانلار توپى ئىستىمال قىلىدىغان تۈرلىرى بارلىققا كېلىدۇ. مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم: ھەربىيلەر ئۈچۈن ئىشلەنگەن گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، ھاراق، دورا، دوختۇرخانا...كاردىرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش، دەرىجىسىگە قاراپ يېشىل مۇھىت ۋە يېشىل مەھسۇلاتلاردىن بەھىر ئالىدىكەن! پۇقرالار ئۈچۈن نىمىشقا بۇنداق ئىمتىيازلار يوق؟! مۇھىت بۇلغىلىنىش دەرىجىسى ئېشىپ كەتتى، ئەجەبا بۇ بۇلغانغا مۇھىتنىمۇ ئالاھىدە ئىمتىيازلىق كىشىلەرگە ساپ يەرلىرىنى چىگرىداپ بۆلۈپ بېرىپ، پۇقرالارنى بۇلغانغان كان، زاۋۇت، شەھەر رايونلىرىغا تاشلاپ قويۇش كېرەكمۇ؟! پۇقرا بىلەن ھاكىمىيەت بېلىق بىلەن سۇ مىسالىدۇر، ئۇلارنى ئايۋەتكىلى بولماس.
ئادەم تۇغقان تۇخۇم
نەچچە كۈندىن بۇيان ئۈندىداردا << ئادەم تۇغقان تۇخۇم >> فىلىمى تارقىلىۋاتىدۇ. بۇنى كۆرۈپ بىز كۈندە يەۋاتقان تۇخۇمدىن ئۈچ تالنى پىشۇرۇپ، فىلىمدىكىدەك سىناپ باقتۇق. ئاقىۋەت، تۇخۇمنىڭ سېرىقى بالام ئوينايدىغان شەيتان توپتەك شىرە يۈزىدە قاڭقىپ يۈرۈيدۇ. توۋۋا، بۇ ئادەم تۇخۇمىنى بىز تېخى يەرلىك تۇخۇم دەپ،نەچچە ئاي يەپتىمىز ئەمەسمۇ؟! بۇ خىمىيىلىك تەركىبلەر قوشۇلۇپ ياسالغان تۇخۇم بىزگە قانداق زىيانلارنى يەتكۈزەر؟ ئۆزىمىز قوي بورداپ، توخو بېقىپ، كۆك تېرىپ ياشىساق بولامدۇ نىمە؟ لېكىن قېنى ئاشۇ شارائىت بىزدە بارمۇ؟! سىزدىچۇ؟! رەھبىرىم سىلىدىچا؟!
قايسى بىر كۈنى بىر ئاغىنەم جۇڭگونىڭ داڭلىق ھارىقى ھەققىدە بىر پاراڭ سالدى. يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر پىنسىيىگە چىقىپتۇ. ئۇ پىنسىيىگە چىقماستا پەقەتلا باشقىلار سوۋغات قىلغان << ۋۇلىياڭيې>>نى ئىچەتتىكەن. ئەمەلدارلىق چاپىنى سېلىنغاندىن كېيىن، ھاراق مەنبەسى ئۈزۈلگەن بۇ پىشقەدەم رەھبەر ئامالسىز تاللا بازاردىن << ۋۇلىياڭيې>> سېتىۋېلىپ ئىچىپتۇ، بىراق، تەمى بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىمايدىكەن. ئاخىرى بۇ باشلىق دۇكانچىنى ساختا مال ساتتى ، دەپ ئەرىز قىلىپتۇ. ساقچىلار كېلىپ بۇ دۇكاندىكى ھاراقلارنى تەكشۈرەپتىكەن ھەممىسى جىڭ مال بولۇپ چىقىپتۇ. ئەسلىدە بۇ بىچارە باشلىق بىر ئۆمۈر باشقىلار سوۋغات قىلغان ساختا << ۋۇلىياڭيې>> ئىچىپتىكەن. جېنىمۇ چىڭ بولىدىكەن جۇما باشلىق دېگەننىڭ، نەچچە ئون يىل ساختا ھاراق ئىچىپمۇ ئۆلمەپتۇ. بۇغۇ جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن بىر پاراڭ. ئەمما، بۇ پاراڭنىڭ ئارقىغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن ھەقىقەتلەر بار.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللىرىم مۇسۇلمانچە << خوتۈيچاڭ >>( خوتۈيچاڭ دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسى چوشقا گۆشى قېيىزىسى بولىدىكەن بۇنى بىلمەيدىغان ئارىمىزدا كۈرمىڭ)نى تولا يەپتىكەنمەن. يېقىنقى يىللاردا بۇ مەھسۇلاتنىڭمۇ تەم تەڭشىگۈچ ۋە ئۆلۈك ھارام ماللارنىڭ گۆشى بىلەن ھەتتا ئىشەك، چوشقا، ئىت ھەتتا چاشقان گۆشلىرى بىلەن ياسىلىدىغانلىقىنى بىلىپ ئىچىم ھازىغىچە ئېلىشىشتىن توختاپ قالمىدى. گەرچە كېيىن ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالغان بولسىمۇ، تاۋارنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە، جىسمى باشقىلاردىن بولغان مەھسۇلاتلار تۇرمىشمىزغا بۆسۈپ كىردى. شەخسىيەتچى، تويماس كارخانىچلىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ مىللىي ھېسياتىنى تۇتقا قىلىپ يەنە نىمە مال، تاۋار ۋە مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ؟ بۇ بىزگە نامەلۇم. لېكىن، ئۆز خەلقىنى ئالداش ۋە زەھەرلەش بەدىلىگە توپلانغان بايلىق ئاخىرى ئۇلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھازىر مەن ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچىلىك يىمەك پەقەتلا نان ۋە قايناقسۇ قالدى. لېكىن، بۇغدايغا، سۇمايغا ئىشەنىچ يوق. بىر چاغلاردا تاغنىڭ ماللىرى ئىشەنچىلىك بولىدۇ، دەپ مەخسوس تاغلىقلاردىن گۆش ئالدىم، بىراق، تاغلاردىكىلەرمۇ (ئەسلىدە بۇ تاغلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپلا خەلقى ئالەمگە ئاشكارلىۋېتەي دەپ ئويلىغانتىم، بولدى قىلدىم. لېكىن ئاگاھ بولۇڭلار ساختىلىق ھامان ئاشكارلىنىدۇ!) ماللىرىنى تېز بورداپ، تېز سېتىپ، تېز بېيىش ئۈچۈن ھورمۇن قېتىلغان بوغۇزغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ياقامنى چىشلىدىم. قارىغاندا بىزمۇ ئىچكىرىسىدە مودا بولغان << ھازىرقى يىمەك-ئىچمەك ۋە مۇھىت ھەقىقەتەنمۇ بۇلغاندى، بىراق، تاماق يىمىسەڭ، تىنمىساڭ ئۆلىسەن، ئاچ قالماي دېسەڭ يەپ ياشا، دوختۇرغا كىرسەڭمۇ بەرىبىر دورىلىرى ساختا، ئامال يوق، چىداپ ياشايلى، ھامىنى ئۆلىمىز، ئۆلمىگەن كىم بار!>> دېگەن گەپكە ئەمەل قىلىپ ياشىمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ. بولمىسا ئاچلىقتىن ئۆلگىنىمىز ئۆلگەن بولغۇدەكمىز. قاراڭە تارىخى ئەزەلدىن مېكىيانلار كاكىلايدىغان تۇخۇملارنى ئادەملەر كاكىلاۋاتسا بۇ دۇنيادا يەنە نىمە ئىشەنچىلىك نەرسە قالغاندۇ؟!
2015-يىلى1-ئاينىڭ14-كۈنى قومۇل |
-
|