- تىزىملاتقان
- 2012-4-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2080
- نادىر
- 0
- يازما
- 113
ئۆسۈش
2.67%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-14 22:08
نامراتلارنىڭ ھەققىگە چاڭ سالمايلى! باتۇر تۇرسۇن ھۆكۈمران
ئىنسان روھىنىڭ ئېنجىنېرلىرى بولغان، يەتتە قەدەم يىراقتىن سالام بېرىشكە ئەرزىيدىغان سۈيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىدىن ‹‹غەيۋەت›› قىلىشنى ئەسلا ئويلاپ كۆرمىگەن ئىدىم. ئەمما باشقىلارنىڭ نامراتلارنىڭ ھەققىگە قول ئۇزارتىشىغا ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلىقى راستىنلا ئوغامنى قاينىتىپ قويدى. بۇ يازمام ئارقىلىق ئاشۇ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆز نەپسىنىڭ تىزگىنىنى تارتىۋالسا ئەجەب ئەمەس.
2014-يىلى مەن بىر نەچچە ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتىم. يازنىڭ تومۇزدەك ئىسسىقى، قەھرىتان قىشنىڭ نەشتەردەك سانجىلىدىغان سوغۇقىغا قارىماي، خىزمىتى، تىجارىتى ۋە ئائىلىسىدىكى زۈرۈر ئىشلىرىنى تاشلاپ ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن ساخاۋەتچىلەردىن كۆڭلۈم شۇنچىلىك سۈيۈنگەن بولسا، يىرتىق ئايىقىدىن بارماقلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان، يېلىڭ كىيىملەر ئىچىدە دىر-دىر تىترەۋاتقان، چېھرىنى مىسكىنلىك قاپلىغان سەبىي ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم يىغلىدى.
ئالدىمدا 40تىن ئارتۇق چىرايىنى مىسكىنلىك قاپلىغان بالىلار. نامرات دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پۇتىدىكى داڭلىق ماركىلىق ئاياق ئىختىيارسىز دىققىتىمنى تارتتى. ‹‹پاھ، داڭلىق ماركىلىق ئاياغ، داڭلىق ماركىلىق مامۇق چاپان كىيەلەيدىغان بالىلارمۇ نامرات ھېسابلىنىدىكەندە››، ئىچىمدە شۇنى ئويلاپ يېنىمدىكى ياشقىنە مۇئەللىمدىن سورىدىم:
-بۇ بالا سانغا خاتا كىرىپ قالدىمۇ نېمە؟
-ياقەي، بۇ بالىنىڭ دادىسى يوق، ئانىسى بولسا كېسەل، ئۈستىدىكى كىيىمنى بۈگۈنكى ناخشا ئېيتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ساۋاقدىشىدىن ئارىيەت ئېلىپ كىيىپ تۇردى،-دىدى ئۇ مۇئەللىم يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ.
ئۇ بالىغىمۇ باشقا بالىلار قاتارىدا بىر يۈرۈش كىيىم تارقىتىلدى.
شۇ كۈنى كەچتە جىيەنىمنى مەكتەپتىن ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتەپكە باردىم. توساتتىن، ھېلىقى داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيگەن ‹‹نامرات›› بالىنىڭ ئېسىل بىر ماشىنىغا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. مەن ئۇ بالىنىڭ بىر نەچچە بالىلارغا ‹‹خوش›› ئىشارەت قىلىۋاتلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ بالىلارنىڭ بىرسىدىن سورۇدۇم:
-ئاۋۇ بالا سىلەرنىڭ ساۋاقدىشىڭلارمۇ؟
-ھە بىز بىر سىنىپتا ئوقۇيمىز، XX لوبەننىڭ بالىسى،-دىدى بىر بالا ئۇزاپ كېتىۋاتقان ماشىنىنى كۆرسىتىپ.
-چاخچاق قىلماڭلار بالىلار، ئۇ بالىنىڭ دادىسى يوق، ئانىسى كېسەلكەنغۇ،-دىدىم بالىلارنىڭ سۆزىگە چىن پۈتمەي.
-دىگىنىمىز راست. ئىشەنمىسىلە، ئۆزلىرى XX كوچىدىكىلەردىن سوراپ باقسىلا.
مەن ئەتىسى شۇ مۇئەللىمە بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ قاتتىق تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، مۇئەللىم ئەپۇ سورىدى. شۇنداقلا كىيىمنى ھەقىقىي نامرات بىر بالىنىڭ قولىغا تەككۈزدۇق.
................................................
تېلېفۇنۇمغا كەلگەن ناتۇنۇش نومۇرنى كۆرۈپ، ئىككىلىنىپراق ئالدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باتۇرجان، مەن xx ناھىيىلىك xx باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
-ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام، ماڭا دەيدىغان بىرەر گېپىڭىز بارمىدى؟
-سىلەر ياردەم قىلىدىغان بالىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ھەقىقىي ئىگەللىگەندىن كېيىن ئاندىن ياردەم قىلساڭلار، بولمىسا ياردىمىڭلار ئۆز جايىنى تاپالماي قالىدىكەن.
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ قالدىم:
-ئېنىقراق دەڭا، گېپىڭىزنى چۈشۈنەلمىدىم.
-بۈگۈن سىلەر بىزنىڭ مەكتەپكە ئەكەلگەن كىيىملەرنى بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز بالىسىغا كەيدۈرۈۋالدى.
مەن سەگەكلەشتىم.
-نېمىشقا ئۆز ۋاقتىدا دېمەيسىز؟-دىدىم مەن ئاچچىقلانغان ھالدا.
-سىزمۇ بىلىسىز، پائالىيەت نەق مەيدانىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تۇرغان يەردە، مەن بۇ گەپنى چىقارسام تەسىرى ياخشى بولمايدۇ. ماۋۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تېلېفۇن نومۇرى، سىز مۇشۇ توغرۇلۇق ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويسىڭىز.
-بولىدۇ، مەن ئالاقىلىشاي، سەمىمىي تەكلىپىڭىزگە رەخمەت.
مەن ئۇ يىگىت بىلەن خوشلىشىپ، مەكتەپ مودىرىغا تېلېفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدىم. مودىر بۇ ئىشنى جەزمەن توغرا ھەل قىلىدىغانلىق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەن. بايا تېخى ئۇچۇرلىشىش ئارقىلىق ئىشنى ياخشى ھەل قىلغانلىقى ئاڭلاپ خۇرسەن بولدۇم.
مەن ئويلىنىپ قالدىم، يۇقارقىسى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ھەقىقىي ئىشلار. كۆرمىگىنىم، ئاڭلىمىغىنىم يەنە قانچىلىك باردۇ؟ ھەر يىلى جاي-جايلاردا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بەلكىم يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىشلار شۇ جايلاردىمۇ يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئىشلارنى ۋاقتىدا تۈزەتمىسەك، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى قانداق بولار؟
ئاشۇ بىر قىسىم مۇئەللىملەرگە شۇنى دېگۈم بار:
قەلبىڭىزدە باشقىلارغا زەررىچىلىك مېھىر-مۇھەببەت بولمىسىمۇ مەيلى، ئەمما باشقىلارنىڭ رىسقىغا چاڭ سالماڭ ۋە باشقىلارنىڭ چاڭ سېلىشىغا يول ئېچىپ بەرمەڭ!
ئاشۇ نامرات، چېھرىدىن مىسكىنلىك چىقىپ تۇرغان بالىلارنىڭ نىسىۋىسىنى بايلارنىڭ بالىسىغا ۋە ئۆز بالىڭىزغا بىرىۋاتقان چاغدا يۈرىكىڭىز ئۆرتەنمىدىمۇ؟ ئەگەر مۇشۇ قىلمىشىڭىز جەمىيەتكە تارقىلىپ كەتسە كىممۇ باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدۇ، ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە باشقىچە ئويلىنىش بولۇپ قالماسمۇ؟
ھۆرمەتلىك مۇئەللىم:
ئوقۇتقۇچىلار بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئەڭ سۈيۈملۈك، ئەڭ چوڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر. ساخاۋەتچى ئاكا-ھەدىلەر سىلەرگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا، ھەقىقىي نامرات بالىلارنى كۆرسىتىپ بېرىشنى سىلەرگە تاپشۇردى. مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جان كۆيدۈرۈۋاتقانلارنىڭ ئۈمۈدىنى بولسىمۇ يەردە قويمىغايسىز، ئوبرازىڭىزغا داغ كەلتۈرىدىغان بۇنداق ئىشنى ئىككىنچى قىلماڭ! ئىللىقلىق ئۆز جايىغا يەتسۇن!
|
|