قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5296|ئىنكاس: 26

ھونلارنىڭ ئىرقى ۋە تىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4119

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1349
توردىكى ۋاقتى: 1045
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 19:42:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھونلارنىڭ ئىرقى ۋە تىلى
ئاپتۇرى: لىن گەن

    ھۇنلارنىڭ ئىرقى مەمىلكەت ئىچى- سىرتىدىكى ئالىملار بەكراك مۇنازىرە قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى 200 يىلدىن بۇيانقى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ھۇنلار تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ۋە ھۇنلار موڭغۇل ئىرقىغامەنسۇپ دەيدىغان ئىككى خىل كۆز قاراش ئۆز- ئارا تىركىشىپ تۇرماقتا. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا يەنىلا ئارخېئولوگىيە، ئىرىشۇناسلىق ۋە فولكلور قاتارلىق ئىلىملەرگە تاينىشقا توغرا كېلىدۇ.
    ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلار جەريانىدا، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى نويان تېغىدىكى 25- نومۇرلۇق ھۇن قەبىرىسىدىن بىر ھۇننىڭ سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەن كەشتە تېپىلغان [1]. كەشتىدىكى ئادەمنىڭ چېچى قۇيۇق،ئارقىغا تارالغان، پىشانىدى كەڭرى، كۆزى يوغان، بۇرۇتلۇق، چىرايى سۈرلۈك بولۇپ، ناھايتى ھەيۋەتلىك، موڭغۇلىيە ئارخېئولوگى س. دورجى سورۇڭ بۇ ئەدەم دەل قەبىرىنىڭ ئىگىسى، ئۇ ھۇن دەپ قارىغان. باشقا ئالىملارمۇ موڭغۇللارنىڭ ساقال- بۇرۇتى يوق، شۇڭا، ئۇ موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپ ئەمەس، دەپ قارىغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقى قارا رەڭدە بولسىمۇ، كۆز گۆھىرى كۆك رەڭدە بولغان. بۇ ھۇنلارنىڭ تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ماددىي ئىسپات بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. چۈنكى، تۈركلەرنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئۇلار كۆك كۆز، ساقاللىق بولۇپ، بۇ قەبرىدىن چىققان كەشتىدىكى ھۇنمۇ دەل كۆك كۆز ۋە قويۇق ساقاللىق، يەنە كېلىپ چىرايى سۈرلۈك ھەم ناھايىتى ھەيۋەتلىك. بۇ «خەننامە» 68- جىلد «جىن مىتىنىڭ تەرجىمھالى» دىكى «جىن مىتىنىڭ بويى سەككىز جى ئىككى سۇڭ كېلەتتى. چىرايى سۈرلۈك ئىدى- دېيىلگىنى بىلەن ئوخشاش. جن مىتى ھۇن بولۇپ، «تەرجىمھال» دا: «جىن مىتىنىڭ تەخەللۇسى ۋېڭ شۇ، ھۇنلارنىڭ شۇتۇق خانىنىڭ ئوغلى» دېيىلگەن.
    جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ فېڭشى قېزىش ئەرىتى 1935 ~ 1957- يىللىرى شەنشى ئۆلكىسى چاڭئە ناھىيىسى فېڭشى يېىزىسىنىڭ كېشېڭخۇاڭ كەنتىدە ئىككى ھەپتە قەبر قېزىپ، بىر ئالاھىدەقەبرىنى بايقىغان (140- نومۇرلۇق قەبرە). ئارخېئولوگلار بۇ قەبرىنىڭ مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئېلىمىز تەۋەسىدە بايقالغان بىردىن بىر ھۇن قەبىرسى ئىكەنلىكىنى،ئۆلگۈچىنىڭ ئېھتىمال ھۇنلارنىڭ ئەلچىسى ياكى ئەلچىنىڭ ھەمراھى ئىكەنلىكىنى، قەبرىدىن چىققان بويۇملارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھۇنلارنىڭ بويۇملىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈگەن. قەبرىدىكى ھەمدەنپە بۇيۇملار ئىچىدە ئىككى دانە تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك نەقىشلىك مىس بېزەك ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ [2].
    بىزەكنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر تۈپتىن شاخلىرى قۇيۇق دەرەخ بولۇپ، دەرەخنىڭ ئاستىدا بىردىن ئىگەرلەنگەن خېچىر بار. ئوتتۇرىدا ئىككى كىشى بولۇپ، ئىككىلىسى قاڭشارلىق كەلگەن، ئۇزۇن چاچ قويغان، پۇچقىقى بۇغماق ئىشتان كىيگەن. ئۇلار بىر- بىرىنىڭ بېلى ۋە پۇتىدىن تۇتۇشۇپ چېلىشىۋاتقان ھالەتتە تۇرغان. قاڭشارلىق بولۇش تۈركلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئىككى مىس بېزەكنىمۇ ھۇنلانرىڭ تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ماددىي ئىسپات قىلىشقا بولىدۇ.
     ھاۋالەنكى، س. دورجى سورۇڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھېلىقى ھۇننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كەشتىگە باشقىچە قاراشتا بولغان. ئۇ كەشتىدىكى ھۇننىڭ كۆز گۆھىرىنى كۆك رەڭدە قىلىش ئۇنى كۆز ئالمىسىدىن پەرقەندۈرۈش ۋە كۆزنى تېخىمۇ سۈرلۈك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. گەرچە قۇيۇق بۇرتى بولسىمۇ، ئىڭىكىدە ساقىلى يوق. موڭغۇللار ساقالسىزراك كەلسىمۇ، ئەمما موڭغۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ساقىلى يوق دېيىشكە بولمايدۇ. ياۋرۇپالىقلاردەك قويۇق ساقاللىق كېلىدىغانلارمۇ موڭغۇللار ئىچىدە خېلى بار. شۇڭا ساقالغا ئاساسلىنىپلا كەشتىدىكى ھۇننى موڭغۇل ئىرقىغا كىرمەيدۇ ھەم ھازىرقى موڭغۇللارغا ئوخشىمايدۇ دېيىشنىڭ نەزىرىيىسى ئاساسى تولۇق ئەمەس، دەپ قارىغان [3]. يەنە بىر موڭغۇلىيە ئالىمى ن. يىشى جامسۇمۇ تۈركلەر پاخما چاچ كېلىدۇ (يەنى ئۇزۇن چاچ قويۇپ، چېچىنى قويۇۋېتىدۇ)، لېكىن ھۇنلار موڭغۇللارغا ئوخشاش قىسقا چاچ قويۇپ، چېچى ئازراق ئۆسۈپ كېتىپ بولغۇچە كەستۈرۋېىدۇ، دېگەن [4]. ئەمما، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كەشتىدىكى ھۇننىڭ چېچى قۇيۇق بولۇپ، ئارقىغا تارلغانئ 140- نومۇرلۇق قەبىرىدىن تېپىلغان مىس بېزەكلەردىكى ئىككى ھۇنمۇ ئۇزۇن پاخما چاچلۇق بولۇپ، چېچىنى كەستۈرمىگەن. ئەگەر ن. يىشى جامسۇنىڭ قارىشى بويىچە موڭۇغللار قىسقا چاچلىق، تۈركلەر ئۇۇزن چاچلىق بولدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ھۇنلارنىڭ موڭغۇل ئىرقىغا ئەمەس، تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولىدۇ [5].
    موڭغۇللار بىلەن ھۇنلار بىر ئىرىقا مەنسۇپ بولمايلا قالماستىن، بىر مىللەت سېستىمىسىغىمۇ مەنسۇپ ئەمەس. ئۇلارنىڭ تىلىمۇ ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. تارىخى ئەسەرلەردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، موڭغۇللارنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى بولغان- موڭغۇل بولۇپ، شىرۋى قەبىلىسىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. «موڭغۇل» دېگەن بۇ نام ئەڭ ئاۋال «كونا تاڭنامە» 199- جىلد «شىرۋىلار ھەققىدە قىسسە» دە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا«موڭغۇل شىرۋىلىرى» دېيىلگەن. «يېڭى تاڭنامە» 219- جىلد «شىرۋىلار ھەققىدە قىسسە» دىمۇ ئۇلار «مېڭۋا قەبىلىسى» دېيىلگەن ھەم شىجيەن دەرياسىنىڭ («كونا تاڭنامە»، «ۋاڭجىيە دەرياسى» دېيىلگەن. ھازىرقى ئېرغۇنا دەرياسى) جەنۇبىدا ماكانلاشقان شىرۋى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى ، دەپ خاتىرلەنگەن. 14- ئەسىردىكى ئىلخانلار خانلىقىدىكى تارىخچى راشىددىن ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «جامىئۇل تاۋارىخ» (1- جىلد) دىمۇ 13 ~ 14- ئەسىرلەردە موڭغۇللار ئارىسىدا ئۆز ئەجداتلىرىنى «ئېرغۇناقۇن» (قۇن ئىگىز چۇققا دېگەن مەنىدە) دىن كەلگەن ھەم، كېيىن ئاھالىنىڭ كۆپىيىشى ۋە چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ غەربكە كۆچۈپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىغا كەلگەن، دەيدىغان قاراشنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇنىڭدىن موڭغۇللارنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسىنىڭ ئانا ماكانىنىڭ ئېرغۇنا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ئەتىراپى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھۇنلارنىڭ ئانا ماكانى بولغان چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدىكى چوغاي تېغى بىلەن بىردەك ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
     مىلادىيە 1-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھۇنلار چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ، شىمالىدىن چېكىنىپ چىققاندىن تارتىپ، تاكى 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا موڭغۇللار باش كۆتۈرۈپ چىققانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقتى ئۆتكەن. بۇ مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ، شىمالىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سىيانپى، جورجان، تۈرك، سىر- تاردۇش، ئۇيغۇر، قىرغىز، قىتان قاتارلىق مىللەتلەر دەۋر سۈرگەن. ئۇنداقتا موڭغۇللار يۇقىرىدىكى قايسى مىللەتنى «كۆۋرۈك» قىلىپ، ھۇنلار بىلەن مىللەت قانداشلىقى مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن؟ ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، شىمالىي ھۇنلار غەرپكە كۆچكەندىن كېيىن چۆللۈكنىڭ شىمالىدا قېلىپ قالغان ھۇنلاردىن تەخمىنەن ئون نەچچە تۈمەن تۈتۈن، نەچچە يۈز مىڭ ئادەم پۈتۈنلەي سىيانپىلارغا قوشۇلۇپ، بارا- بارا سىيانپىلىشىپ كەتكەن (ئاخىردا پۈتۈنلەي سىيانپىلارغا سىڭىپ كىرگەن). چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدا قېلىپ قالغان ھۇنلارمۇ 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 5- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇرجانلار تەرىپىدىن قۇشىۋېلىنغان. ئۇنداقتا موڭغۇللار بۇرۇن چۆللۈكننىڭ شىمالىدا پائالىيەت قىلغان ھۇنلار بىلەن قايسى ۋاقىتت، قانداق شەكىلدە مىللەت قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن؟ تارىخى ئەسەرلەردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن مىلادىيە 2- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا (شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى) سىيانپىلارنىڭ ئاقساقىلى تان شىخۇي رەھبەرلىكىدىكى قەبىلىلەر ھەربىي ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا، توغبات سىيانپىلىرىنىڭ 7- ئەجدادى ئىككىنچى قېتىم چۆللۈكنىڭ شىمالىدىن غەرپكە كۆچۈپ، ئارقىدىن يەنە جەنۇپقا كۆچۈپ «ھۇنلارنىڭ بۇرۇنقى يېرى» گە كەلگەن. نەتىجىدە بىر قىسىم ھۇنلار بىلەن سىيانپىلار ئۆز-ئارا نىكاھلىنىپ، يېڭىدىن ئىككى تارماق مىللەت ــ توبا ھۇنلىرى (ھۇن ئەرلىرى بىلەن سىيانپى ئاياللىرىنىڭ نىكاھلىنىشىدىن پەيدا بولغان) ۋە توغبات سىيانپىلىرى (ھۇن ئاياللىرى بىلەن سىيانپى ئەرلىرىنىڭ نىكاھلىنىشىدىن پەيدا بولغان) نى پەيدا قىلغان [6]. سىيانپىلارنىڭ (جۈملىدىن توغبات سىيانپىلىرىنىڭ) ۋاستىسى بىلەن بۇنداق قانداشلىق كېيىن سىيانپىلارغا ئوخشاش توڭگۇس سېستىمىسىغا مەنسۇپ بولغان قىتان، شىرۋى قەبىلىلىرىگە تارقالغان. ئاندىن كېيىن موڭغۇللارغا تارقىلىپ، موڭغۇللارنىڭ ھۇنلار بىلەن ئىنتايىن ۋاستىلىك ھەم ئىنتايىن سۇس قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا، موڭغۇللارنىڭ سىيانپىلار بىلەن بولغان قانداشلىق مۇناسىۋىتى ھۇنلارا قارىغاندا تېخىمۇ بىۋاستە ۋە تېخىمۇ يېقىن. شۇ سەۋەپتىن موڭغۇللار تۇڭگۇس سېستىمىسىغا مەنسۇپ. موڭغۇل تىلىمۇ سىيانپى تىلىغا پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئوخشاش.
      بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تارىخىي ماتېرىياللاردا موڭغۇل شىرۋىلىرى مەنسۇپ بولغان شىرۋىلارنىڭ قىتان سېستىمىسىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى، تىلىنىڭ قىتانلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكى، كېيىنىشى، ئۆرۈمە چاچ قويۇشى ۋە «ئەگرى يا» ئىشلىتىش ئادەتلىرىنىڭ سىيانپىلار بىلەن ئوخشاشلىقى قەيت قىلىنغان. «ئون ئالتە پادىشاھلىق يىلنامىسى» ۋە «ۋېينامە» دە خاتىرلەنگەن سىيانپى تىلى بىلەن موڭغۇل تىلىنى سېلىشتۇرساق، ئادەم ئىسىملىرى ۋەئالماشلار، ئىسىملار پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ. «لىياۋ سۇلالىسى تارىخى» دا خاتىرلەنگەن قىتان تىلىمۇ موڭغۇل تىلى بىلەن ئانچە پارقلىنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى موڭغۇل تارىخشۇناس شېن زچڭگىنىڭ موڭغۇل تىلى بىلەن سىيانپى تىلى «ئانچە پەرقلەنمەيدۇ» دېيىشنىڭمۇ ئاساسى بار [7]. بەزى ئالىملار يەنە «سىيانپى» ۋە «شىرۋى» دېگەن نام بىلەن ئوخشاش بىر نامنىڭ ئوخشىمىغان ئاھاڭ تەرجىمىسى، دەپ قارايدۇ. رايون جەھەتتىن تەتقىق قىلغاندىمۇ سىيانپىلارنىڭ ئانا ماكانى ھازىرقى ئېرغۇنا دەرياسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چوڭ سىيانپى تېغى بولغان [8]. كېيىنكى شىرۋىلارنىڭ پائالىيەت رايونىمۇ دەل ئېرغۇنا دەرياسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا بولغان. بۇنىڭدىن موڭغۇللارنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توڭگۇس ـ ـ سىيانپى ـ ـ قىتان ـ ـ شىرۋى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
     موڭغۇل تىلىنىڭ تەركىبىمۇ ناھايتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا ھۇن تىلى ئارىلاشقان. شۇڭا، بەزى ئالىملار مۇشۇنىڭغا ئاساسلىنىپ موڭغۇللارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى ھۇنلار، دەپ قارىغان. ئەمەليەتتە مىلادىيە 1- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شىمالىي ھۇنلار غەرەپكە كۆچكەندىن كېيىن، چۆللۈكنىڭ شىمالىدا قېلىپ قالغان نەچچە ئون تۈمەن ھۇن سىيانپىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن سىيانپى تىلىغا بەلگىلىك مىقداردا ھۇن تىلى ئارىلاشقان ھەم ئۇ سىيانپىلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق، موڭغۇل تىلىغا كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ھىچقانداق ئەجەپلەنگۈدەك يېرى يوق. ھازىر دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى تىلشۇناسلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۇن تىلى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ دەپ قارىماقتا. شۇڭا، يۇقىرقى نوقتىغا ئاساسنىلىپلا (موڭغۇل تىلىدا ئاز مىقداردىكى ھۇن تىلىنىڭ بارلىقىغا قاراپ) ھۇنلارنى موڭغۇللارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
    موڭغۇل تىلىغا يەنە زور مىقاردىكى تۈرك تىلى ئارىلاشقان. بۇ شىرۋىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۈركلەر ھەم تۈركىي تىللىق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغانلىقى ۋە موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ 9- ئەسىرىدە ئېرغۇنا دەرياسىدىن غەرپكە كۆچۈپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارغا كەلگەندىن كېيىن، بۇرۇندىن تارتىپ شۇ يەرلەردە ياشايدىغان تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلىشىپ، تۈرك تىلىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچىرغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر (دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى كۆپىنچە ئالىملار تۈرك تىلى بىلەن موڭغۇل تىلىنىڭ زور پەرقى بار دەپ قارايدۇ). مەسلەن، كېيىن موڭغۇللارنىڭ تەركىبىي قىسىمى بولۇپ قالغان نايمان، كېرەي، ئونىغۇت قاتارلىق قەبىلىلەر تۈركىي تىلىنى قوللانغان.
    ھۇنلار تۈرك ئىرقىغا، ھۇن تىلى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولغانىكەن، ئۇنداقتا تۈركلەر بىلەن ھۇنلارنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ تارىخىي ئەسەرلەر ۋە تۈركىي يېزىقتىكى «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى»، «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» دىكى خاتىرىلەرگە ئاسالانغاندا، تۈركلەر بىلەن تۇرارلار (تېلىلار) بىر مىللەت بولۇپ، تۈركلەر تۇرالارنىڭ بىر تارمىقى بولغان. تۇرلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە دىڭلىڭ دەپ ئاتالغان. دىڭلىڭلار جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە قاڭقىل دەپ ئاتالغان. سۈي، تاڭ سۇلالىرى دەۋرىگە كەلگەندە، تۈركلەر كۈچىيىشكە باشلاپ، نامى پەيدىنپەي جاھانغا تارالغان. ھۇنلار تۈركلەر ئىرقىغا مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەمما يېغىلىق دەۋرى ۋە چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىلا ئۇلار ۋە دىڭلىڭلار ئايتىم مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ بولغان. شۇڭا، ھۇنلار تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى بولماستىن، بەلكى تۈرك ئىرقىنىڭ بىر تارمىقىدۇر. «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخىي» 99- جىلد «تۈركلەر ھەققىدە قىسسە»دە «تۈركلە ...... ھۇنلارنىڭ باشقا بىر ئۇرۇقى» دەپ خاتىرلەنگەن. 98- جىلد «قاڭقىلار ھەققىدە قىسسە» دىمۇ «قاڭقىلار قەدىمقى قىزىل دىلارنىڭ قالدۇق ئۇرۇقى، دەسلەپتە دىلى دەپ ئاتالغان، كېيىن شىمالدىكىلەر چېلى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەر گاۋچې (قاڭقىل، ئىگىز ھارۋىلىقلار)، دىڭلىڭ دەپ ئاتىغان. تىلى ھۇنلارنىڭ تىلى بىلەن خېلىلا ئوخشاش بولۇپ، ئازراق پەرقى بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئەجدادى ھۇنلارنىڭ جىيەنى ئىكەن» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ ئىككى خاتىرە ھۇنلار بىلەن تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ناھايتى ئېنىق بايان قىلىپ بېرلەيدۇ.
    ھۇنلارنىڭ تىلىنى ئېلىمىز ئىچى- سىرتىدىكى ئالىملار ئومۇمەن ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىغا مەنسۇپ دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇشۇ تىل سېستىمىسىدىكى موڭغۇل تىللىرى ئائىلىسى ياكى تۈركى تىللار ئائىلىسىنىڭ زادى قايسىسىغا مەنسۇپلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە تالاش- تاتىش مەۋجۇت. ئەمما، تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ دىگۈچىلەر يەنىلا ئىككى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ [9].
    ھازىر ساقلىنىپ قالغان ھۇن سۆزلەملىرى ناھايتى ئاز بولۇپ، ئۇلارئىڭ ئىچىدە ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىشلەرنىڭ ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ مەنىسىنى بىلىشكە بولىدىغانلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار:

(1) ھۇن ۋە غۇز
   يازما ماتېرىياللاردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ھۇنلار ئۆزىنى «ھۇن» دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە «غۇز» دەپمۇ ئاتىغان.
   «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە، ھۇن تەڭرىقۇتى خەن پادىشاھىغا يازغان مەكتۇبىدا ئۆزىنى «ھۇنلانرىڭ ئۇلۇغ تەڭرىقۇتى» دەپ ئاتىغان. باتۇر تەڭرىقۇت خەن ۋېندىغا يازغان مەكتۇبىدىمۇ، «ھازىر كىروران، ئۇيسۇن، ئوغۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى تىنجىتىلدى ھەم ھۇنلارغا قارام بولدى» دېگەن. يەنە «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە قوغۇشار تەڭرىقۇت ئۆلگەندە، جۈەنچۇ ئالچى يېڭىدىن تەختكە چىققان داتاۋ بۇقىغا نەسىھەت قىلىپ «ھۇنلار ئون نەچچە يىللىق قالايمىقانچىلىقنى باشتىن ئۆتكۈزدى. ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن. بۇ خاتىرىلەر ھۇنلارنىڭ ئۆزىنى «ھۇن» دەپ ئاتىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
    يەنە «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە، قۇلىقۇ تەڭرىقۇت خەن ۋۇدىغا يازغان مەكتۇبىدا: «جەنۇپتا بۈيۈك خەن سۇلالىسى، شىمالدا قۇدرەتلىك غۇزلار (ھۇنلار) بار. غۇزلار (ھۇنلار) تەڭرىنىڭ مەغرۇر ئوغلى» دېگەن. يەنە ھۇنلارنىڭ دىڭلىڭ خانى ۋېيلۈ خەن سۇلالىسىنىڭ تەسلىم بولغان سەركەردىسى لى گۇاڭلىغا زىيانكەسلىك قىلىش ئۈچۈن، قەستەن غۇز باخشىسىنى كۈشكۈرتۇپ «مەرھۇم تەڭرىقۇت غۇزلار بۇرۇن ئەسكەرلەرگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ تۇراتتى (قوشۇن تارتقاندا ئات- ئۇلاغ ۋە جەڭچىلەرنى قۇربانلىق قىلىناتتى). مەن سۇترىشنا سانغۇننى (لى گۇاڭلىنى) قۇربانلىققا ئاتاپ قويغانىدىم. نىمە ئۈچۈن تېخىچە ئىجرا قىلىنمايدۇ دەپ غەزەپلىنىۋاتىدۇ» دېگۈزگەن. بۇنىڭدىن ھۇنلارنىڭ ئۆزىنى يەنە «غۇز» دەپ ئاتىغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    ھۇنلارنىڭ ئۆزىنى غۇز دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئەتىراپتىكى خشنا مىللەتلەرمۇ بىلگەن. شۇڭا ئۇلار ھۇنلارنى دائىم «غۇز» دەپمۇ ئاتىغان. «خەننامە» 96- جىلد «غەربىي يۇرت ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە، پىشامشان، سۇلې، كۈسەن، لوپنۇر، ئۇشاق، ئاگنى، قوش قاتارلىق «بەگلىك» لەرنىڭ ھەممىسىدە «غۇزلاردىن قوغدانغۇچى بەگ»، «غۇزلارغا زەربە بەرگۈچى كاھبەگ»، «غۇلاردىن قوغدانغۇچى ئىنانچىخان» ، «غۇزلارغا زەربە بەرگۈچى ئىنانچىخان» قاتارلىق ئەمەللەر تەسىس قىلىنغان. چۈنكى بۇ «بەگلىكلەر» نىڭ ھەممىسى ھۇنلارغا خشنا بولغاچقا ھەم داۋاملىق ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ تۇرغاچقا، «غۇزلار» (ھۇنلار) دىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن مەخسۇس مۇشۇنداق ئەمەللەرنى تەسىس قىلغان. خەنزۇلار ھۇنلارنىڭ ئۆزلىرىنى «غۇز» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ناھايتى ئېنىق بىلگەن. شۇڭا ئۇلار ھۇنلارنىڭ شەرقىدە پائالىيەت قىلىدىغان قەبىلىلەرنى «شەرقىي غۇز» (توڭگۇس) دەپ ئاتىغان. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە فۇ چىيەننىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ: «توڭگۇسلار ئوغانلارنىڭ ئەجدادى، كېيىن سىيانپى دەپ ئاتالغان. ئۇلار ھۇنلارنىڭ غەربىدە بولغاچقا، شەرقىي غۇز دەپ ئاتالغان» دېيىلگەن. ھۇنلارنىڭ غەربىدە پائالىيەت قىلغان غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەر بولدا «غەربىي غۇز» [10] دەپ ئاتالغان. ئومۇمەن ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە «غۇز» ھۇنلارنىڭ مەخسۇس نامى بولۇپ،«غۇز» دېيىلگەندە ھۇنلار كۆزدە تۇتۇلغان. تىلشۇناسلارمۇ «ھۇن» بىلەن «غۇز» بىر سۆزنىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئەمما، «ھۇن» بىلەن «غۇز» نىڭ نىمە مەنىدە ئىكەنلىكى تېخى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.

(2) تەڭرىقۇت، تەڭرى، قۇت، جۇت، تۇغ
    «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، تەڭرىقۇت لاندى ئۇرۇقىدىن بولۇپ، ئېلىدىكىلەر ئۇنى «تەڭرىقۇت» دەپ ئاتايتتى. ھۇنلار كۆك (ئاسمان) نى «تەڭرى» [11]، ئوغلىنى «قۇت» دېيىشەتتى. «تەڭرىقۇت» تەڭرىگە ئوخشاش بۈيۈك دېگەنلىك بولاتتى، دەپ خاتىرلەنگەن. تەڭرىقۇت قەدىمدە خەنزۇچە چەنيۈ (单于) دەپ تەلەپۇز قىلىنغان بولۇپ، ھۇن تىلىدا ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە «شۈەنيەن يىلنامىسى» دىن نەقىل ئېلىنىپ: «شى ئەن ‹خەننامە› نى ئوقۇۋېتىپ، بۇ سۆزنىڭ (تەڭرىقۇت دىگەن سۆزنىڭ) مەنىسىنى تۈشىنەلمىگەندە، ياندا تۇرۇغان ھۇن قۇلى بۇ ھۇنچە تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى دېگەنلىك بولىدۇ، دېگەن» دېيىلگەن. «تەڭرىقۇت» دېگەن سۆزنىڭ مەنسىنى يىغىنچاقلىغاندا، ئۇ ھۇن تەڭرىقۇتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى داۋاملىق «تەڭرى تىكلىگەن ئۇلۇغ ھۇن تەڭرىقۇتى» ياكى «ئاسمان – زېمىندىن تۈرەلگەن. قۇياش – ئاي تەرىپىدىن قويۇلغان ئۇلۇغ ھۇن تەڭرىقۇتى» دەپ ماختىغىنىدەك «ئىنتايىن ئۇلۇغ ۋە يۈكسەك» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولغان.
     كېيىن خەن سۇلالىسى فېئودال ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن «تەڭرىقۇت» دېگەن نامنىڭ ئارقىسىغا يەنە «جۇت» دېگەن سۆز قوشۇلغان. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ھۇنلار ۋاپادارلىقىنى «جۇت» دەيتتى. خەن سۇلالىسى بىلەن قۇدىلاشقاندىن كېيىن، خەن پادىشاھلىرىنىڭ ۋاپادار دېگەن نامنى قوللىندىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولدى. شۇڭا، ئۆزلىرىنى «جۇت» دەپ ئاتىدى دەپ خاتىرلەنگەن. قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى فۇجۇرجۇت تەڭرىقۇتتىن باشلاپ تەڭرىقۇتلار ئۆزلىرىنى «جۇت» دەپ ئاتاشقا باشلىغان. مەسلەن، فۇجۇرجۇت تەڭرىقۇت، سۇشىجۇت تەڭرىقۇت دېگەندەك. جەنۇبىي تەڭرىقۇت بىدىن باشلاپ بىۋاستە «ت» دەپ ئاتاشقان. مەسلەن شىلوشىيۇت تەڭرىقۇت، كىئوفۇيۇت تەڭرىقۇت دېگەندەك.
بۇنىڭدىن باشقا «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «ھۇنلار ئاقىل كىشلەرنى, تۇغ ، دەپ ئاتايتتى. شۇڭا شاھزادىلەر داۋاملىق سول تۇغ خانلىققا تەيىنلىنەتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. سول تۇغ خان سول قول بىلىك خاننى كۆرسىتەتتى.

(3) ئالچى، قۇنچۇي
  ھۇنلار خوتۇنى ۋە توققاللىرىنى ئالچى، ئانىسىنى ئانا ئالچى دېگەن.
  «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە، شى زاۋچى يەنۋاڭغا يازغان خېتىىدە: «تاغ باغرىدا ‹كارتام گۈلى(بىر خىل زەمبۇرۇغلۇق ئۆسۈملۈك) بار. سىلى ئۇنى بىلەملا؟ شىمالدىكىلەر (ھۇنلار) ئۇنىڭ گۈلىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن ئەڭلىك ياسايدۇ، قىز- ئاياللىرى ئۇنى ئىشلىتىپ پەرداز قىلىدۇ، ھۇنلار ئايالىنى ‹ئالچى› دەپ ئاتايدۇ. ئەگەر بىلمەكچى بولسىلا ‹خەننامە› نى ئوقۇپ باقسىلا» دېگەن.
   ھۇنلار كۆپىنچە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق تۇرمۇش كەچۈرگەن. يەنە كېلىپ ئاتىسى ئۆلسە ئوغلى ئۆگەي ئانىسىنى ئالىدىغان، ئاكىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئىنىسى، ئىنىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئاكىسى ئالىدىغان بولغاچقا، كۆپ خوتۇن ئېلىش ئەھۋالى ناھايتتى ئومۇملاشقان. بولۇپمۇ ھۆكۈمران سىنىپتىكى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ناھيتى نۇرغۇن ئالچىلىرى بولغان. مەسلەن، باتۇر تېخى تەڭرىقۇت بولمىغان ۋاقتىدا «ئاۋازلىق ئوقيانى ئۆزىنىڭ ئامراق ئالچىسىغا قارىتىپ ئاتقان»، بۇ ئۇنىڭ بىرىنچى ئالچىسى ئىدى؛ تەڭرىقۇت بولغاندىن كېيىن «ياخشى كۆرىدىغان ئالچىسىنى توڭگۇسلارغا بېرىۋەتكەن»، بۇ ئىككىنچى ئالچىسى ئىدى؛ مىلادىدىن بۇرۇنقى 200- يىلى ليۇباڭ پىڭچېڭدا قورشاۋغا چۈشۈپ قالغاندا، ئەلچى ئارقىلىق باتۇرنىڭ ئالچىسىغا نۇرغۇن پارا بەرگەن. بۇ ئۈچىنچى ئالچىسى ئىدى؛ مىلادىدىن بۇرۇنقى 199- يىلى ليۇباڭ ليۇچىڭنى ھۇنلارغا ئەۋەتىپ قۇدىلىشىش ئەھدىنامىسىنى تۈزگەندىن كېيىن، «ئوردىدىكى قىزلاردىن مەلىكە تاللاپ، ھۇن تەڭرىقۇتقا ياتلىق قىلغان»، بۇ تۆتىنچى ئالچىسى ئىدى [12]؛ مىلادىدىن بۇرۇنقى 192- يىلى لۈ خانىش يەنە « ئوردىدىكى قىزلاردىن مەلىكە تاللاپ، ھۇن تەڭرىقۇتقا ياتلىق قىلغان»، بۇ بەشىنچى ئالچىسى بولغان. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى جۈەنچۇ ئالچى، ئىككىنچىسى چوڭ ئالچى ئىدى [13]. يەنە ئۈچىنچى، تۆتىنچى ۋە بەشىنھى ئالچىسىمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى ھۇنلارنى تەمىن قىلغۇچى ئالچى ۋاڭ جاۋجۈن ئىدى [14]. بۇنىڭدىن باشقا قوغشارخاننىڭ ئاكىسى قۇتىئۇشنىڭمۇ نۇرغۇن ئالچىلىرى بولۇپ، «نەچچە ئوندىن ئاشاتتى[15]». بۇنىڭدىن ئالچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرىنىلا كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە توقاللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، خەن سۇلالىسىدىكى بەزى شەرھىشۇناملارنىڭ (مەسلەن، «خەننامە» نى ئىزاھلىغۇچىيەن شىگۇ) ئالچى «ھۇنلارنىڭ خانىشى» دەپ ئىزاھلىشى خاتا بولۇپ قالغان. ئۇنداقتا، قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئالچىلىرىدىن جۇەنچۇ ئالچى بىلەن چوڭ ئالچىنىڭ ئورنى، سالاھىيىتى قانداق بولغان؟ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «دەسلەپتە قوغۇشار تەڭرىقۇت سول ئىجىزخاننىڭ ئاكىسى قۇيان خاننىڭ ئىككى قىزىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. چوڭ قىىز جۈەنچۇ ئالچىدىن ئىككى ئوغۇل كۆرگەن بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسىمى جۈمۈچ ئىدى. كىچىك قىزى چوڭ ئالچىدىن تۆت ئوغۇل كۆرگەن بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسىمى داتاۋبۇقا ئىدى. ئۇ جۈمۈچتىن چوڭ ئىدى. جۈەنچۇ ئالچى ئېسىلزادە ئىدى. ھەم قوغۇشار تەڭرىقۇتمۇ جۈمۈچنى ياخشى كۆرەتتى. قوغۇشار تەڭرىقۇت كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ ئۆلۈش ئالدىدا، جۈمۈچنى ئۆزىگە ۋارىس قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، جۈەنچۇ ئالچى: ‹جۈمۈچ تېخى كىچىك، پۇقرالار ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ كەيمەيدۇ، ئۇ تەڭرىقۇت بولسا ئەلدە يەنە قالايمىقانچىلىق چىقىپ قالارمىكىن. چوڭ ئالچى ئىككىمىز ئاچا- سىڭىل، ئەڭ ياخشىسى داتاۋبۇقا ۋارىس بولغىنى تۈزۈك، دېدى. چوڭ ئالچى: ‹جۈمۈچ كىچىك بولسىمۇ، دۆلەت ئىشىرىغا ۋەزىرلەر ياردەم قىلدىۇ. ھازىر ئېسىلزادە ئوغۇل تاشلاپ قويۇلۇپ، ئادەتتىكى ئوغۇل ۋارىس بولسا، كېيىن چۇقۇم قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ، دىدى. قوغۇشار تەڭرىقۇت ئويلىنىپ ئاخىرى جۈەنچۇ ئالچىنىڭ پىكىرى بويىچە داتاۋبۇقىنى ۋارىس قىلدى» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ خاتىرە جۈەنچۇ ئالچى بىلەن چوڭ ئالچىنىڭ ئورنى ۋە سالاھىيىتى ناھايتى ئېنىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، جۈەنچۇ ئالچى بىرىنچى ئالچى، چوڭ ئالچى ئىككىنچى ئالچى، جۈەنچۇ ئالچىنىڭ ئېسىلزادە، چوڭ ئالچىنىڭ ئوغلى پەس دەپ قارالغان. بۇنىڭدىن جۈەنچۇ ئالچىنىڭ رەسمىي خوتۇن، چوڭ ئالچىنىڭ توقال ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، خۇ شەنشېڭنىڭ «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» (23- جىلد) نى ئىزاھلىغاندا «جۈەنچۇ ئالچى تەڭرىقۇتنىڭ رەسمىي خوتۇنى بولۇپ، چوڭ ئالچىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇراتتى» دېيىشى توغرا. ۋاڭ شيەنچيەننىڭ «خەننامىگە تولۇقلىما. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە شېن چىنخەننىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ «ھۇنلارنىڭ رەسمى خوتۇنى چوڭ ئالچى دېيىلەتتى» دېيىشى بولسا خاتا[16].
«خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە يەنە دائىم «ئانا ئالچى» دېگەن ئىسىم تىلغا ئېلىنغان. مەسلەن، «ئانا ئالچى قۇلۇقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئۆز ئوغلىنى تەڭرىقۇت قىلماي سول قول بۈيۈك كاھبەگنى تەڭرىقۇت قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەن» ، «قۇيانكى تەڭرىقۇتنىڭ يېشى كىچىك بولۇپ، دەسلەپتە تەختكە چىققان چاغدا ئانا ئالچىنىڭ پەزىلىتى دۇرۇس بولمىغان» دېگەندەك. يەنە شۇ كىتانىڭ 68- جىلد «جىن مىتىنىڭ تەرجىمھالى» دىمۇ: «جىن مىتىنىڭ دادىسى (شۇتۇق خان) خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشقا ئۇنمىغاچقا قۇنشار خان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. جىن مىتى ئانا ئالچى ۋە ئىنىسى لۇن بىلەن ئوردىغا كىرىشتىن قورقۇپ، شىغاۋۇل مەھكىمىسىدە ئات باققان. جىن مىتىنىڭ ئانىسى ئىككى ئوغلىنى ناھايتى قائىدىلىك تەربىيلىگەچكە، خەن ۋۇدى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنى ماختىغان. ئۇ كېسەل بولۇپ ئۆلگەندە، ئۇنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرۇپ، رەسىمىنى گەنچۈەن قەسىرىگە ئاستۇرۇپ، ئۇنىڭغا, شۇتۇق خاننىڭ ئەلچىسى، دەپ نام بەرگەن. جىن مىتى ھەر قېتىم بۇ رەسىمنى كۆرگەندە يىغلىغىنىچە كېتىپ قالغان» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن ھۇن تىلىدىكى «ئانا ئالچى» نىڭ ئانا خانىش دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
     ھۇن تىلىدا مەلىدكە «قۇنچۇي» دەپ ئاتالغان. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «فۇجۇرۇت تەڭرىقۇت ۋاڭ جاۋجۈننى ئەمرىگە ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئىككى قىز كۆردى. چوڭ قىزى يۈەن شۈبۇ قۇنچۇي، كىچىك قىزى داڭيۈ قۇنچۇي دەپ ئاتالدى» دېيىلگەن. يەنە: «ھۇنلارنىڭ ھوقۇقلۇق ۋەزىرى ئوڭ قول قۇتقۇ شۇبۇ تان ۋاڭ جاۋجۈننىڭ قىزى يىمۇ قۇنچۇي يۈننىڭ ئېرى ئىدى» دەپ خاتىرلەنگەن،. يەن شىگۇ لى چىنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ «قۇنچۇي قىزلارغا بېرىلدىغان نام بولۇپ، خەنزۇ تىلىدىكى مەلىكە بىلەن ئوخشاش» ،«شۇبۇ، داڭيۇ ئۇرۇقلىرى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئۇرۇقلىرى ئىدى» دېگەن. يۈەننىڭ دەسلەپتە شۈبۇ قۇنچۇي دىيىلىپ، كېيىن يىمۇ قۇنچۇي دىيىلىشىدىكى سەۋەپ شۇكى، ھۇنلار ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويغاچقا، يۈەن ئاتىسىنىڭ لاندى ئۇرۇقىدىن شۈبۇ ئۇرۇقىغا ياتلىق قىلىنغاندا، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقىنىڭ نامى بويىچە شۈبۇ قۇنچۇي دەپ ئاتالغان. خەن مەلىكىلىرىنىڭ جيې يۈ ۋە شىجۈنلەرنىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئۇيسۇنلارغا ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن، «ئۇيسۇن مەلىكىسى» دەپ ئاتىلىشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. شۇڭا، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئالىم چىيەن داجاۋنىڭ «يۈن ئەسلىدە يىمۇ قۇنچۇي ئىدى، كېيىن شۈبۇ ئۇرۇقىا ياتلىق قىلىنغاچقا، شۇبۇ قۇنچۇي دەپ ئاتالغان» دېيىشى توغرا.

(4) ئوتتۇرا
   «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «توڭگۇسلار خانى بارغانسېرى كۆرەڭلەپ غەربكە ھۇجۇم قىلدى. توڭگۇسلار بىلەن ھۇنلانىڭ ئارىلىقىدا مىڭ چاقىرىمدىن ئۇشۇق كېلىدىغان بىر تاشلاندۇق قاقاس يەر بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ مۇشۇ يەرنى ئوتتۇرا (پاسىل) قىلىپ بەلگىلىگەنىدى. توڭگۇسلار باتۇر تەڭرىقۇتقا ئەلچى ئەۋەتىپ ‹سىلەر ھۇنلار ئوتتۇرادىكى تاشلاندۇق يەرگە ئاياق باسقۇچى بولماڭلار، ئۇ يەرنى بىز ئىگەللىمەكچىمىز› دىدى. باتۇر تەڭرىقۇت بۇنىڭدىن دەرغەزەپ بولۇپ، شەرققە يۈرۈش قىلىپ، توڭگۇسلارغا زەربە بېرىپ، توڭگۇس خانىنى تارمار قىلىپ، ئاھالىسىنى ۋە مال- مۈلكىنى ئولجا ئالدى» دەپ خاتىرلەنگەن.
    بۇ يەردىكى «ئوتتۇرا» دېگەن سۆزى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى فېئودال ئالىملار ئوخشاش بولمىغان ھالدا ئىزاھلانغان. بەزىلىرى ئۇنى «چېگرىدىكى مۇداپىئە رايونى» ياكى «چېگرىدىكى قاراۋۇلخان» ياكى «چېگرىدىكى كۈزىتىش ئورنى» دەپ ئىزاھلىغان. يەنە بەزىلىرى بولسا «خەنزۇلارنىڭ ئوغرلىقچە كىرىۋېلىشىنى پايلايدىغان ئورۇن»» ياكى «لەخمە» ياكى «يەر نامى» دەپ ئىزاھلىغان [17].
     مېنىڭچە، يۇقىرىدىكى ئالىملارنىڭ ئىزاھاتلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا بولمىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دىڭ چيەن بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، يەنە ‹قىسسەدە تاشلاندۇق قاقاس يەر› دەپ ئېنىق ئېيتىلغان. يەنە ‹ھەر ئىككى تەرەپ مۇشۇ يەرنى ئوتتۇرا (پاسىل) قىلىپ بەلگىلىگەن، دېيىلگەن. شۇنداق ئىكەن، ئوتتۇرانىڭ تاشلاندۇق يەنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. تېكىستتە بۇ يەرنىڭ مۇداپىئە قىلىنىدىغانلىقى توغرىسدا گەپ يوق. يەر شۇنداق كەڭ تۇرسا قانداقمۇ قوغداپ بولغىلى بولسۇن؟ يەنە كېلىپ ئىنسى- جىن يوق قاقاس تۇرسا قوغداشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ بىلىشىمىز كېرەككى، ‹ئوتتۇرا› دېگەن سۆز ئەينى چاغدىكى شىۋە، ھازىر ئۇنىڭ توغرا مەنىسىنى بىلىش تەس. لېكىن، مەنە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان تاقىر يەر دېگەنلىك بولسا كېرەك. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنى قانداقمۇ ‹خەنزۇلارنىڭ ئوغرلىقچە كىرىشىنى پايلايدىغان ئورۇن› ياكى ‹چېگرىدىكى كۆزىتىش ئورنى› دېگىلى بولسۇن؟» دېگەن [18].
     دېڭ چيەن گەرچە يۇقىرقى قاراشلارغا رەددىيە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما «ئوتتۇرا» ئىبارىسىگە ئېنىق تەبىر بېرەلمىگەن. ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا ھۇن تىلىدا چېگرا دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ناھايتى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن. ئاتالمىش «ئوتتۇرادىكى تاشلاندۇق يەر» دەل ئېنگېلىس «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى» دا ئوتتۇرىغا قويغان ئىپتىدائى قەبىلىلەر ئارىسىدىكى «بىتەرەپ رايون» دۇر.
توڭگۇسلار ۋە ھۇنلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەىنىدە، مەمىلكىتىمىنزىڭ شىمالىدا بىرلا ۋاقىتتا باش كۆتۈرۈپ چىققان. ئۆز- ئارا قارىمۇ قارىشى ئىككى قۇدرەتلىك قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ۋە ئۇلۇس بولۇپ، توڭگۇسلار ھازىرقى لىياۋخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى لاۋخا ۋە شىرامۇرەن دەريالىرى ۋادىسىدا چارۋىچىلىق قىلىپ، غەرب تەرەپتە ھۇنلار بىلەن چېگرلانغان. شۇڭا، ئىككى تەرەپ سۈركىلىشنى پەسەيتىدىغان«بىتەرەپ رايون» ئوتتۇرانى بەلگىلىگەن. ئېنگېلىس «تىل جەھەتتىن يېقىنراق بولغان قەبىلىلەر ئارىسىدا بۇنداق بىتەرەپ رايون بىر قەدەر تار ھەم كىچىك، تىل جەھەتتىن يىراقراق بولغان قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا بۇنداق بىتەرەپ رايون بىر قەدەر چوڭ بولغان» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ھۇنلار بىلەن توگۇسلارنىڭ تىلى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى «ئوتتۇرا» (پاسىل) مىڭ نەچچە چاقىرىم كەڭلىكتە بولغان ئېنگېلىس يەنە: «بۇنداق ئېنىق بەلگىلەنمىگەن چېگرا ئايرىپ تۇرغان جايلار، يەنىلا قەبىلىنىڭ جامائەت يېرى بولسىمۇ، لېكىن خشنا قەبىلىلەر ئېتىراپ قىلغاندىلا ھەم قەبىلە ئۆزى قوغدىغاندىلا ئاندىن ئۇ دەخلى- تەرۇزدىن ساقلىنالايتتى [19]»دېگەن. شۇڭا، توڭگۇسلار بۇ يەرنى ئىگەللىمەكچى بولغاندا، ئالدى بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپ، بۇ يەرنى ئىگەللەش ئۈستىدە سۆزلەشكەن. ئەمما، ئىگەللىۋېلىش قەستى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ قاتتىق غەزىپىگە ۋە قايتۇرما زەربىسىگە ئۇچرىغان.
     ھۇنلار شەرقتە توڭگۇسلار بىلەن سۈركىلىشنى پەسەيتىدىغان ئوتتۇرا ئىگەللەپلا قالماي، جەنۇپتا خەن سۇلالىسى بىلەن چېگىرلىنىدىغان يەرلەردىمۇ «ئوتتۇرا» بەلگىلىگەن«خەننامە» 54- جىلد «سوۋۇنىڭ تەرجىمھالىدا» دا لى لىڭ بايقال كۆلىگە بېرىپ سۇۋۇغا «ئوتتۇرىدا ھۇنلار تۇتۇلغان يۈنجۇڭلۇقلارنىڭ دېيىشىچە يۈنجۇڭنىڭ ۋالىيسىدىن تارتىپ ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنىڭ ھەممىسى قارىلىق تۇتۇپتۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا خان (خەن ۋۇدى) ئۆلگەن ئوخشايدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن. لى لىڭ مەغلۇپ بولۇپ ھۇنلارغا تەسلىم بولغان خەن سۇلالىسى سەركەردىسى بولۇپ، شۇ چاغدا سۇۋۇ ھۇنلارغا ئەلچىلىككە بولۇپ بارغاندا، تەڭرىقۇت تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ، بايقال كۆلىق بويىغا ئاپىرۋېتىلگەن. لى لىڭ بۇ گېپىدا چېگرىدا تۇتۇۋېلىنغان يۈنجۇڭلۇقلاردىن خەن ۋۇدىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى بىلىۋالغانلىقىنى دىمەكچى بولغان. بۇنىڭدىن ھۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسىىنىڭ چېگىردىكى يەرلەردىمۇ «ئوتتۇرا» نىڭ بارلىقنى، تۇتقۇنلارنىڭ يۈنجۇڭدا تۇتۇۋېلىنغانلىقىدىن بۇ «ئوتتۇرا» نىڭ ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنى توقتۇ ناھىيىسى (خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يۈنجۇڭ ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى) ئەتىراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
     «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە يەنە، شۈەندىنىڭ دىجيې 2- يىلى «مىلادىدىن بۇرۇنقى 68- يىلى) كۈزدە «ھۇنلار غەربىي رۇلارنىڭ سول تەرىپىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قەبىلە باشلىقى قول ئاستىدىكى نەچچە مىڭ ئادەمنى باشلاپ، مال- چارۋىلىرىنى ھەيدەپ جەنۇپقا يۈرۈپ، ئوتتۇرادا (چېگرا) جەڭ قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ ۋە يارىدار قىلىپ، جەنۇپقا بېرىپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى» دەپ خاتىرلەنگەن. غەربىي رۇلار ھۇن قۇلدارلىرى بويسۇندۇرۋالغان بىر كىچىك قەبىلە بولۇپ، مەجبۇرى ھالدا ھۇنلارنىڭ شەرقىي قىسمىدا (سول تەرىپىدە) چارۋىچىلىق قىلغان. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قەبىلە باشلىقى ھۇنلار ئاجىزلاشقان، بېقىندى ئەللەر پارچىلانغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قەبىلىدىكى نەچچەمىڭ ئادەمنى باشلاپ جەنۇپقا بېرىپ، خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان. ھالبۇكى، ھۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ چېگرىسىدىكى ئوتتۇرادا يەنە چېگرانى چارلايدىغان ۋە ساقلايدىغان چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى بولغاچقا، غەربىي رۇلار جەنۇپقا ماڭغاندا، ئۇلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىغان. شۇڭلاشقا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولغان. نەتىجىدە غەربىي رۇلار چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىخەتەر ھالدا خەن سۇلالىسىگە بېرىۋالغا.
     ئۇنداقتا، رۇلار بېسىپ ئۆتكەن ئوتتۇرا زادى قەيەردەر؟ «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىكى خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، ھۇنلارنىڭ سول تەرەپتىكى خانلىرى شەرقىي قىسىمغا جايلاشقان بولۇپ، شاڭگۇ ئايمىقىنىڭ شەرقىگە توغرا كەلگەن. ئوڭ تەرەپتىكى خانلىرى غەربىي قىسىمغا جايلاشقان بولۇپ، شاڭجۈن ۋە يۈنجۇڭ ئايمىقىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كەلگەن. مۇشۇ ئورۇنلار بويىچە قارىغاندا سول تەرەپ شاڭگۇنىڭ (ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسى خۇەيلەي ناھىيىسى) شەرقىدىكى رايونىغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، بۇ ھۇنلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى جايلىشىش ئەھۋالى بولۇپ، كېيىن ئۇلار خەن ۋۇدى تەرىىدىن ئارقا- ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشقا ئامالسىز قالغاچقا، يۈەنگېڭ 6- يىلى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 105- يىلى) دىن كېيىن تەڭرىقۇت تېخىمۇ غەربىي شىمالغا يۆتكىلىپ، سول تەرەپتىكى قوۋملار ئايماقلىرىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، جۈملىدىن باشقۇرۇش رايونى تېخىمۇ غەربكە سۈرۈلگەن. شۇڭا، غەربىي رۇلارمۇ بۇ چاغدا سول تەرەپتىن جەنۇپقا سۈرۈلگەندە دەل يۈنجۇڭ ئايمىقىغا توغرا كەلگەن. بۇنىڭدىن غەربىي رۇلار بۇ قېتىم بېرىپ ئۆتكەن «ئوتتۇرا» نىڭ يۈنجۇڭ ئەتىراپىدىكى «ئوتتۇرا» ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
     يۈنجۇڭ خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلار داۋاملىق ئۇرۇش قىلدىغان جاي بولۇپ، ھۇنلارنىڭ بۇ يەردە «ئوتتۇرا» بەلگىلەش ھەم چېگرا چارلايدىغان ۋە قوغدايدىغان قوشۇن تۇرغۇزۇشى ناھايتى تەبئىي. ئۇنداقتا، ھۇنلار خەن سۇلالىسى بىلەن چېگىرلىنىدىغان باشقا جايلاردا يەنە «ئوتتۇرا» تەسىس قىلغانمۇ، يوق؟ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: يۈەندىنىڭ چۇيۈەن 5- يىلى، خەن سۇلالىسى گۇ جىنى ئەلچى قىلىپ قۇتىئۇش تەڭرىقۇتنىڭ بارىمتايلىقتا تۇرىۋاتقان ئوغلىنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتكەندە، قۇتىئۇش تەڭرىقۇت ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتى. خەن سۇلالىسى گۇ جىنىڭ دېرىكىنى ئالالماي تۇرغاندا ئەل بولغان ھۇنلار ئۇنىڭ ئوتتۇرادا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئەلچىسى كەلگەندە، خەن سۇلالىسى ئۇنىڭدىن گۇ جىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى» دەپ خاتىرلەنگەن. شۇ چاغدا ھۇن ھۆكۈمرانلار گورۇھى قۇتىئۇش ۋە قوغۇشار ۋەكىللىكىدىكى ئىككى قىسىمغا پارچىلانغان بولۇپ، قۇتىئۇش چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى تەڭرىقۇت ئوردىسىنى ئىگەللىگەن. قوغۇشار جەنۇپقا كېلىپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ، سۇفاڭدىكى جىلۇ قورۇلى (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خېتاۋدىكى كاڭجىن ئارقا خوشۇنىنىڭ غەرىبىدە) غا ئورۇنلاشقان. تارىخىي ئەسەرلەردە گۇ جىنىڭ ماڭغان يولى ئېنىق يېزىلمىغان. شۇڭا، بۇ يەردىكى «ئوتتۇرا» نىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەمما، خەن سۇلالىسىنىڭ خاتا ھالدا ئۇنى قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئادەملىرى ئۆلتۈردى دەپ ئويلىغىنىدىن قارىغاندا، سۇفاڭ ئەتىراپىدىكى چېگرا يەرلەردىمۇ «ئوتتۇرا» بولغان. بولمىسا گۇ جى «ئوتتۇرا» دىكى چېگرا چارلىغۇچى قۇشۇن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندە، خەن سۇلالىسى سۇفاڭدا تۇرىۋاتقان قوغۇشادىن گۇمانلانمىغان بولاتتى. سۇفاڭمۇ ھۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسى داۋاملىق ئۇرۇش قىلىدىغان رايون ئىدى. شۇڭا، خەن سۇلالىسى ئۇ يەردە نۇرۇغن يۈر، قاراۋۇلخانا، قۇرۇل ۋە قەلئەلەرنى قۇران. ھۇنلارمۇ سۈركىلىشنى پەسەيتىدىغان ۋە مۇداپىئە كۆرىدىغان ئوتتۇرا بەلگىلىگەن. ئەمەلىيەتتە، ھۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسى ئەسەرلەردە ئېنىق خاتىرلەنمىگەچكە، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئىمكانيىتى يوق.
     «ئوتتۇرا» ھۇنلار بىلەن توڭگۇسلار ياكى خەنزۇلار ئوتتۇرسىدىى «بىتەرەپ» رايون بولغانىكەن ھەم ئۇنى چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى ساقلىغانىكە، ئۇنداقتا بۇ قوشۇنلارنى چۇقۇم مۇھىم ئەمەلدارلار باشقۇرغان. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «جاۋدىنىڭ يۈەنفېڭ 1- يىلى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 80- يىلى) خەن قوشۇنلىرى ھۇنلانىڭ ئوتتۇرا خانىنى تۇتىۋالغاندا، ھۇنلار ئوتتۇرا خانىنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا يول باشلاپ ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ، غەربىي شىمالغا كەتتى ھەم جەنۇپقا كېلىپ چارۋىچىلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، خەلقنى يۆتكەپ ئوتتۇرادا بوز يەر ئاچتى» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرادىكى چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرىغا «ئوتتۇرا خانى» نىڭ باشچىلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئوتتۇرا خانى چېگرا رايونلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان. چېگرا مۇداپىئە ئەھۋالىنى پىشىق بىلىدىغان بولغاچقا، ئوتتۇرا خانى ئەسىرگە چۈشكەندە ھۇن ھۆكۈمرانلىرى ئۇنىڭ خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا يول باشلاپ ھۇجم قىلىشىدىن قورقۇپ، تېزلىكتە غەربىي شىمالغا قېچىپ كەتكەن ھەم جەنۇپقا چۈشۈپ چارۋىچىلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. «خەلقنى يۆتكەپ ئوتتۇردا بوز يەر ئاچتى» دېگەن جۈملىدىن قارىغاندا «ئوتتۇرا» دا چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى تۇرۇپلا قالماي، يەنە چارۋىچىلارمۇ تۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىم ھۇن ھۆكۈمرانلىرى خەن سۇلالسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ يەرگە تېخىمۇ كۆپ چارۋىلارنى يۆتكەش ئارقىلىق چېگرىدىكى كۈچلىرىنى تولۇقلىغان. ھالبۇكى، ھۇن جەمئىيىتىدە ھەربىي تەشكىل بىلەن ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلى بىرلەشتۈرۈلگەنلىكتىن، «خەلقنى يۆتكەپ ئوتتۇرادا بوز يەر ئېچىش» يالغۇز چېگرىدىكى كۈچلەرنى تولۇقلاش بولۇپلا قالماي، يەنە چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرىنىڭ كۈ چى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىش بولغان.
    يۇقىرىدىكى بايانلاردىن «ئوتتۇرا» نىڭ ھۇن تىلىدا چېگرا دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى، ھۇنلارنىڭ توڭگۇسلار بىلەن بولغان ئارىلىقتىكى «ئوتتۇرا» بەلگلەپلە قالماي، خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان ئارلىقتىمۇ «ئوتتۇرا» دىن تارىخىي ماتېرىياللاردىن بىلىشكە بولىدىغانلىرى يۈنجۇڭ ھەم سۇفاڭ ئەتىراپىدا ئىكەنلىكى، «ئوتتۇرا» نى چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى چارلايدىغانلىقى ۋە قوغدايدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئوتتۇرا خانى باشقۇردىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

(5) تۆرۈ
    «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «ھۇنلار جەسەتنى دەپنە قىلىشتا ئىچ- تاش ئىككى قات تاۋۇت ياساپ، جەسەتنى ئالتۇن- كۆمۈش، كىيىم- كېچەك بىلەن بىللە سالاتتى. ئۇلاردا قەبرە ئۈستىگە دەرەخ سانچىش، ھازا كىيىمى كىيىش ئادىتى يوق ئىدى» دەپ خاتىرلەنگەن. «شەرھىنامە» دە جاڭ خۇانىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ، «ھۇنلار قەبرىستانلىقىنى تۆرۈ دەيتتى» دېيىلگەن.

(6) جىڭلۇ، فۇنى
   ھۇنلار قىلىچنى «جىڭلۇ» دەپ ئاتىغان. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە : «قوغۇشار تەڭرىقۇت جىڭلۇسى بىلەن ئالتۇننى قىرىپ شارابقا ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن، خەن ئەلچىسى بىلەن بىللە ئىچىپ قەسەم بېرىپ ئىتتىپاقلاشتى» دەپ خاتىرلەنگەن. يەن شىگۇ يىڭ چاۋنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ : «جىڭلۇ، ھۇنلارنىڭ قىلىچىدۇر» دەپ ئىزاھلىغان. 1958- يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خولىنگىر ناھىيىسى فەنجىياياۋ كەنتىدىن بايقالان يېغىلىق دەۋرىگە مەنسۇپ بىر قەبىردىن بىر دانە كېپىنەك قانىتى شەكىللىك قىسقا مىس قىلىچ قېزىۋېلىنغان [21] بولۇپ، ئارخېئولوگلار بۇنداق مىستىن ياسالغان قىسقا قىلىچ دەل ھۇنلارنىڭ شەمشىرى، دەپ قارىغان.
     ھۇنلار خۇمرىنى «فۇنى» دېگەن. «خەننامە. سۇ ۋۇنىڭ تەرجىمھالى» دا: «س ۋۇ بايقال كۆلىدە تۇرىۋاتقاندا، تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ئۈكەن خان سۇ ۋۇغا خۇمرا تەقدىم قىلدى» دەپ خاتىرلەنگەن. يەن شىگۇ مېڭ كاڭنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ: «فۇنى شىشىگە ئوخشايدۇ. ئاغىزى كىچك، قورسىقى چوڭ، تەڭلىكى تۈز، ھاراق، قېتىق قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ» دەپ ئىزاھلىغان. يەنە جېن شۇنىڭ بايانىدىن نەقىل ئېلىپ: «خېدۇڭنىڭ شىمالىدىكلەر ئىككى كۈرە ئەتراپىدا بىر نەرسە سىغىدىغان ساپال كۈمزەكنى فۇنى دەيدۇ» دەپ ئىزاھلىغان. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بېرى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن بۇ خىل خۇمرىلار ناھايتى كۆپ تېپىلغان.

(7) مىلى، جۇڭلى
   ھۇنلار پىشلاقنى «مىلى» ، قايماقنى «جۇڭلۇ» دەپ ئاتىغان. «خەننامە» 87- جىلد «ياڭ شىيۇڭنىڭ تەرجىمھالى» دا «تۆگىلەرنى قوغلاپ پىشلاقلارنى كۆيدۈردۇق» دېيىلگەن. يەن شىگۇ جاڭ يەننىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ: «مىلى پىشلاق دېگەنلىك بولىدۇ، ئۇ سۈزۈمدۈر، ئۇنى كۆيدۈرۋېتىش ھۇنلارنىڭ ئۇزۇقىنى يوق قىلغانلىق بولىدۇ» دەپ ئىزاھلىغان.
    «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، جۇڭ خايڭيۆ تەڭرىقۇتقا :ئۆز نەرسلىرىنى تاشلاپ خەن سۇلالىسىنىڭ نەرسىلىرىگە ھېرىس قىلماسلىق» توغرىسىدا نەسىھەت قىلغاندا، «خەننىڭ يىمەكلىكلىرى سۈت- قايماقلاردەك تەملىك ئەمەس» دېدى، دەپ خاتىرلەنگەن. «شەرھىنامە» دە يەنئەننىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ: «جوڭلۇ قايماق دېگەنلىك بولىدۇ، ئۇ سۈتنىڭ شىرنىسى» دېيىلگەن.
   يۇقىرىقى ھۇن سۆزلەملىرى يازما ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ مەنىسىنى بىلگىلى بولىدىغان سۆزلەر بولۇپ، يەنە «مودۇ» ، «تۈمەن» (تۈمەن، باتۇرنىڭ ئاتىسى)، «جىيۇ» (كىئوك، باتۇرنىڭ ئوغلى)، «لۇ لى» (سول قول، ئوڭ قول خانلاردىكى قول)...... دېگەندەك ئوقۇلۇشى ئالاھىدىرەك، مەنىسى ئېنىقراق سۆزلەرمۇ بار. بۇ يەردە كۆپ مۇلاھىزە قىلىمىدى [22]. نۆۋەتتە جۇڭگو ۋە چەتەللەردىكى نۇرغۇنلىغان ئالىملار سېلىشتۇرما تېلشۇناسلىقتىن پايدىلىنىپ، ھۇن تىلىنىڭ تىل سېستىمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇ ناھايتى مۇھىم ئۇسۇل.ئەمما، ھۇنلاردىن قالغان سۆزلەر بەك ئاز. يەنە كېلىپ ھۇنلار ئۆلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ توڭگۇس، دىڭلىڭ، ياۋچى، ئۇيسۇن، ئۇغۇز، قىرغىز ۋە غەربى يۇرتتىكى مىللەتلەرنى بويسۇندۇرغان. بۇ قەبىلە ياكى ئۇلۇسلارنىڭ ھەممىسىلا ھۇنلار بىلەن بىر تىل ئائىلىسىگە مەنسۇپ ئەمەس. نۆۋەتت، تىلشۇناسلار ئومۇمەن توڭگۇسلارنىڭ تىلى مۇڭغۇل تىلى ئائىلىسىگە، دىڭلىڭ، ئۇغۇز قىرغىزلارنىڭ تىلى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ، دەپ قاراشماقتا. ياۋچى،ئۇيسۇن ۋە غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىمۇ ئۆز- ئارا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ھۇنلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى تىل جەھەتتىكى ئارىلىشىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ناھايتى روشەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇنلارنىڭ ئاساسىي قىسمى غەربكە كۆچكەندە، قېلىپ قالان ئون تۈمەن تۈتۈندىن ئارۇق ھۇن سىيانپىلرغا قوشۇلۇپ كەتكەن. يەنە بىر قىسىم ھۇنلار ئىزچىل چوڭ چۆللۈكنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا قېلىپ، مىلادىيە 5- ئەسىرگە كەلگەندە، توڭگۇس سېستىمىسىغا مەنسۇپ بولغان جورجانلار تەرىپىدىن قۇشىۋېلىنغان. جورجانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا يەنە تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ نەچچە ئون تۈمەن قاڭقىلار بولغان. كېيىن جورجانلارمۇ تۈركلەر تەرىپىدىن يوقىتىلغان. شۇڭا، بۇنىڭدىن ھۇنلار چۆللۈكنىڭ شىمالىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ يەنىلا ھەر قايسى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھۇن تىلىدىكى نۇرغۇن سۆزلەملەرنىڭ كېيىنكى موڭغۇل تىلى ياكى تۈرك تىلىغا ئوخشاپلا قالماي، يەنە توڭگۇس تىلىغا ئوخشىشمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ئەگەر بۇ ئامىللارنى ھىساپقا ئالماي، پەقەت نۆۋەتتە ساقلىنىپ قالغان نەچچە ئون ھۇن سۆزلەملىرىگە ئاساسلىنىپلا، ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ قايسى تىل تۈركۈمگە مەنسۇپلىقىغا ھۆكۈم قىلساق، بۇنداقتا چۇقۇم ئىلگىركى بەزى چەتئەل ئالىملىرىغا ئوخشاش (مەسلەن، ياپونيىلىك بەينياۋ كۇجى بۇلارنىڭ بىرى) ھۇنلارنى بىر دەم تۈركىي تىلىدىكى مىللەت دىسە، بىر دەم موڭغۇل تىلى تۈركۈمدىكى مىللەت دەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ [23].
ئىزاھلار:

[1]س. دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلار» ، 1- باپ «شىمالىي ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى». يەنە نوڭاين تېغىدىكى 5- نومۇرلۇق ھۇن قەبرىسىدىن بىر ھۇننىڭ مۇكەممەل باش سۆڭىكى چىقان. بۇ ھۇنلارنىڭ ئىرقىنى ئىرىقشۇناسلىق جەھەتتىن تەتقىق قىلىشتىكى ناھايتى قىممەتلىك ماددىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ باش سۆڭىكى ئوبدان قوغدالمىغانلىقى ئۈچۈن، موڭغۇلىيە مەركىزىي مۇزېيدا پارچىلىنىپ كەتكەن. [2] جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى تۈزگەن «فېڭشىدىكى قېزىش دوكلاتى» (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشىرياتى 1963- يىلى نەشىر)، 138 ~ 140- بەتلەر. [3] س. دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلار» ، 1- باپ «شىمالىي ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى». [4] ن. يىشى جامسۇ: «ھۇنلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە جەمئىيەت تۈزۈمى» ، 196- يىلى ئۇلانباتور پەنلەر كومىتېتى نەشىر قىلغان «ئاكادېمىيىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى»، 1- سان.
[5] ئامېركا ئالىمى ۋ. م. مېكگوۋېرىننىڭ غەربكە كۆچكەن ھۇنلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىي توغرىسىدىكى مۇنداق بىر ئابزاس سۆزى پايدىلىنىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ: «ھۇنلار ئىلگىرى يىراق شەرقتە ئۇزاق ئولتۇراقلاشقاچقا ھەم داۋاملىق جۇڭگولۇقلار ۋە موڭغۇل ئېرقىدىكىلەر بىلەن نىكاھلانغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قېنىغا موڭغۇل ئېرقىدىكىلەرنىڭ قېنى كۆپ ئارىلاشقان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، گوتلار ۋە رىملىقلار ئۇلارنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. لېكىن، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساپ موڭغۇل ئېرقىدىكىلەر ئەمەس. ھۇنلار موڭغۇلىيىدە ماكانلاشقان چاغدا، ھىندى- ياۋروپا ئىرقىدىكى ئارىئانلار ۋە فىن- ئوغۇرلار بىلەن نىكاھلانغانلىقتىن،ئۇلارنىڭ مۇڭغۇل ئېرقىنىڭ ئامىللىرى ئازىيىشقا يۈزلەنگەن. بۇ قاراش ۋېنگېرىيە ۋە ياۋروپانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھۇنلارنىڭ قەدىمقى قەبرىلىرىدىن تېپىلغان ئىسكىتىلار ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. بۇ ئىسكىلىتلارغا ئاساسلىنىپ يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ھۆكۈم قىلغاندا، 4- 5- ئەسىرلەردە ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن ھۇنلارنىڭ ناھايتى ئارىلاش قانلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى موڭغۇل قان سېستىمىسىنىڭ پەقەت بىر نەچچە مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن ( «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى دۆلەتلەر تارىخىي»، 6- باب «ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن ھۇنلار» ، جاڭ جۈەن تەرجىمىسى، جۇڭگۇ كىتاپ ئىدارىسى 1958- يىلى نەشرى، 169- بەت). [6] «ۋېينامە» 95- جىلد «توبا ليۇخۇنىڭ تەرجىمھالى».
[7] شېن زېڭخ: «خەيرى راۋىقىدىكى پۈتۈكلەر توپلىمى» ،2- جىلد «سىيانپى تىلى ۋە موڭغۇل تىلى».
[8] « نۇر گېزىتى. تارىخشۇناسلىق سەھپىسى» 1980- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنىدىى 202 سانىدىكى مى ۋېنپىڭ يازغان «چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ شىمالىدىن تېپىلغان سىيانپىلارنىڭ تاش ئۆيىنىڭ خارابىسى» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
[9] ۋ. م. مېكگوۋېرىن «ھەر قايسى ئەل ئالىملىرىنىڭ ئۇزۇن يىل كەسكىن تالاش- تارتىش قىلىشى نەتىجىسىدە... نۆۋەتتە ك ۆپ قېتىم مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو تارىخنامىلىرىدىكى ھۆكۈملەرگە قوشۇلۇپ، ھۇنلارنىڭ تىلىنىڭ بىر خىل تۈرك تىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمەلىيەتتە كۆپىنچەيلەن شۇنىڭغا ئىشىنىدۇركى، ھۇن ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن (مىلادىيە 91- يىلى) كېيىنكى نۇرغۇن ئەسىرلەر جەريانىدىلا موڭغۇلىيىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا موڭغۇل تىلى ئاندىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن. بۇ يەكۈن نۇقۇل ھالدا تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھۇنلارنىڭ بىز بىلىدىغان ئېرقىي ئالاھىدىلىكىگىمۇ ماس كېلىدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، بۇ قەدىمقى ھۇنلار ئېرق ۋە تىل قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تۈرك ئېرقىغا مەنسۇپ بولغان» دېگەن («ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى دۆلەتلەر تارىخىي»، 4- باپ «ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى»، جاڭ جۈەن تەرجىمىسى). يەنە ئاۋستىرىيە ئالىمى مائېنچېىن خېلفېن «تاكى 20- ئەسىرنىڭ 49- يىللىرىغا كەلگىچە ناھايتى ئاز كىشلەرلا ياۋروپادىكى ھۇنلار بىلەن جۇڭگودىكى ھۇنلارنىڭ بىردەكلىكىدىن گۇمانلىنىپ كەلگەن»، «قەبىلە ناملىرىدىن ھۆكۈم قىلغاندا، ياۋروپادىكى كۆپىنچە ھۇنلار مۇقەررەركى تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكەن» دېگەن ( «ھۇنلار دۇنياسى»، 8- باپ «ئىرقىي»، 9- باپ «تىلى»، ئەنگىلىيە لوندون كلىفورنيە نەشىرياتچىلىق چەكلىك شىركىتى 1973- يىلى نەشرى).
[10] ۋاڭ گوۋېي: «گۇەنتاڭ توپلىمى» 13- جىلد «غەربىي غۇزلار ھەققىدە تەھسىل». [11] «خەننامە» 55- جىلد «خۇ چۈبىڭنىڭ تەرجىمھالى» دا: «يۈەنشۇ 2- يىلى يازدا خۇ چۈبىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ تاكى تىلەن تېغىغىچە (چىليەنشەن تېغى، يەنە تەڭرى تېغى دەپمۇ ئاتلغان. ئەمما، ھازىرقى شىنجاڭدىكى تەڭرى تېغى ئەمەس) باردى» دەپ خاترلەنگەن. يەن شىگۇ بۇنى ئىزاھلاپ: «تىلەن تېغى تەڭرى تېغى دېگەنلىك بولىدۇ، ھۇنلار تەڭرىنى تىلەن دەيدۇ» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، «تىلەن» بىلەن «تەڭرى» بىر سۆزنىڭ ئوخشىمىغان ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر.
[12] «تارىخىي خاتىرلەر، ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
[13] «خەننامە» 2- جىلد «خۇيدى ھەققىدە خاتىرە».
[14] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
[15] «خەننامە» 70- جىلد «چېن تاڭنىڭ تەرجىمھالى».
[16] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «ئۇلجۇت تەڭرىقۇت شان تەختكە چىققاندىن كېيىن، تۇغ ئالچىدىن تۇغۇلغان ئىنىسى رۇقۇننى ئوڭ قول بىلىك خان قىلدى» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ يەردىكى تۇغ ئالچى تۇغ خاننىڭ ئالچىسى دېگەن مەنىدە بولۇپ، باشقا مەنىسى يوق.
[17] يۇقىرلارنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا شەرھشۇناسلارنىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» گە بەرگەن ئىزاھلىرىدىن ۋە يەن شىگۇڭنىڭ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» گە بەرگەن ئىزاھىدىن كۆرۈڭ،
[18] « ‹خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە› نىڭ جۇغراپىيىلىك تەھسىلى»، جېجىياڭ كۈتۈپخانىسى مەجمۇئەسى.
[19] «اركىس- ئېنگېلېس تاللانما ئەسەرلىرى»، 4- توم، خەلق نەشرياتى 1972- يىلى 5- ئاي 1- نەشرى.
[20] ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەركىزىي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىنى قۇبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى خەن سۇلالىسى بىلەن چېگىرلىنىدىغان جايلاردا مۇداپىئە كۆرىدىغان ۋە سۈركىلىشنى پەسەيتىدىغان «بىتەرەپ رايون» بەلگىلىشى، ئېنگېلىسنىڭ يۇقىرقى بايانىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
[21] 1963- يىلى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشرياتى نەشىر قىلغان (ئىچكى موڭغۇل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» 40- سۈرەت.
[22] ھۇن تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تىل ئادەتلىرى بويىچە بىلىش مۇمكىن (تەرجىماندىن). «تارىخىي خاتىرىلەر»، ئۇيغۇرچە نەشرى 12 ~ 13 بەتلەر. شىنجاڭ خەلق نەشرياتى 1987- يىلى 9- ئاي 1- نەشىر.
[23] 1923- يىلى ياپونيىدە چىققان «تارىخشۇناسلىق ژورنىلى» نىڭ 18- سانىدىكى بەينىياۋ كۈچىنىڭ «موڭغۇللارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى» دېگەن ماقالگە قاراڭ.
«ھونلارنىڭ ئومومى تارىخى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

0

تېما

0

دوست

409

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   54.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32921
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 00:43:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى موڭغۇللارنى ئاساس قىلىپ ئەمەس، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ ئىزدەنسە تەتقىق قىلسا چوقۇم ياخشى جاۋاپقا ئېرىشەلەيدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

3079

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 01:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنى بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىكىدەك ئىزاھلاش دۇنيادا ئاز ئۇچرامدىكىن دەيمەن .

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 02:15:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپتۇ ..

10

تېما

15

دوست

8448

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   68.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2512
توردىكى ۋاقتى: 639
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 03:06:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹تارىخنى  غالىپلار ئاجىزلارنىڭ  دۈمبىسىگە  يازىدۇ›

4

تېما

1

دوست

1475

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16349
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 03:23:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەنلەر باشقىلار يىزىپ بەرگەن ‹‹ تارىخ››نى ئۆگۈنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

212

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   70.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33568
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 04:45:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم ،مۆھتىرەم تور جامائەتى قانداق ئەھۋالىڭلار؟  مەن 3 4 يىل بولدى ،باغداش تورىدىن نۇرغۇن بىلىم ئالدىم دەپ ئويلايمەن ،تاكى بۈگۈنكىچە تىزىملاتمىغان ئىدىم ،پەقەت ئوقۇپ ھوزۇر ۋە بىلىم ئالاتتىم ،نەزەر دائىرەمنى چوڭقۇرلاشتۇراتتىم ،بۈگۈن تىزىملىتىپ كىردىم .شۇ سەۋەپ بىلەن دىيارىمىزدىكى بارىلىق قېرىنداشلىرىمغا چىن قەلبىمدىن سالام يوللايمەن .تىنىڭلارغا سالامەتلىك ،ئۆيۈڭلارغا بەركەت ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن .
              ياشلار كەلگۈسىنىڭ  قۇرغۇچىللىرى ،ئۇل سالغۇچىللىرى .
ياشلىق ئالتۇن دەۋىر ، كەلگۈسى ئۈچۈن ۋاقتىنى ، كۈچىنى ،بارلىقىنى ئاتا قىلدىغان قايتىلانماس دەۋىر.

3

تېما

0

دوست

4638

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6986
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 1139
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 11:54:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )