بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-16 20:28
ئالتۇن بىلەن خەلق پۇلىنىڭ تەقدىرى نىۇداۋ دولان تەرجىمىسى
تۈنۈگۈن كەچ، ئالتۇن باھاسى ئۆسۈپ 1243 دوللارغا چىقتى، كېيىن ئەسلىگە قايتىپ باھاتۆۋەنلەپ 1227-1230 دوللار بولدى، بۇخىل بازار ھادىسىسى جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىدادوللارنىڭ كۆپ قالمىغانلىقىنى، ئالتۇننى زاپاس ساقلىيالمايدېغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇقېتىم ئالتۇن باھاسى ئۆسۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بازارغاكېرگەنلىكىدىندۇر، خەلقئارا كاپىتال بازىرىدىكى ئاتالمىش جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچى جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنى كۆرسىتىدۇ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى بۇكېلەڭسىزئېمپىرىيە ئومۇميۈزلىك بەربات بولۇشقا يېقىنلاپ قالغان بولۇپ، پاخاللاشقان پۇل پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي كۆپۈكنىڭ ئاخىرقى ئاقىۋىتى تولۇق ئىپادىلىنىۋاتاتتى؛نۆۋەتتە مەركىزىي بانكىنىڭ قىلالايدېغىنى بارلىق پېرېۋۇت زاپىسىنى خەجلەپ تۈگۈتۈۋېتىش، مانابۇ پېقېر ئېيتقان < ھەلقىلغۇچ ئورۇش باشلىنىشتىن بورۇن، ئوقنى ئېتىپ تۈگۈتۈش > دېيىلىدۇ، ھازىرچە ئۇلارنىڭ ھوقۇق-كۈچى بار، قاچان ھوقۇق-كۈچىدىن قالىدىغانلىقىغا بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ12-ئايدىكى نېفىت ئىمپورتى 30 مىليون 370 مىڭ تونناغا يېتىپ، 2005-يىلدىن بۇيان يوقۇرى چەككە چىقىدۇ؛ تامۇژنا سانلىق مەلۇماتىدا، جۇڭگونىڭ 2014-يىللىق نېفىت ئىمپورتى 310 مىليون توننا بولۇپ، %9.5 ئاشتى؛ تۆمۈر رودىسى930 مىليون توننا بولۇپ، %13.8 ئاشتى؛ مىس ۋە مىس ماتىرىيالى 4 مىليون 800 مىڭ توننا بولدى دەپ، پەقەت سانلىق مەلۇماتنىلا ئېلان قىلىپ سوممىسىنى ئېلان قىلمىدى؛ بۇ جۇڭگو تامۇژنىسى بىلەن مەركىزىي بانكىنىڭ ئوخشاشلايۈرىكى پوك-پوك ئىكەنلىكىنى، ساختىپەز ئىكەنلىكىنى، ئېلان قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ نەزىرىيە جەھەتتە تامۇژنا سېتىۋالغان ئىستىراتېگىيەلىك ماددىي-ئەشيا زاپىسىنى قانچە باھادا سېتىۋالغاننى ئاشكارىلاپ،ئاممىغا ئېنىق ئوقتۇرۇشى كېرەك ئىدى، لىكىن جۇرئەت قىلالمىدى. مۇشۇپەيتتە ئالتۇن سېتىۋالغىنى ئۇلارنىڭ ئىستىراتېگىيە جەھەتتىكى يەنەبىر خاتالىقى،مەركىزىي بانكا دوللار قىممىتىنىڭ ئۆسۈپ قانچى نوقتىغا چىقىدىغانلىقىنى ۋە ئالتۇن قىممىتىنىڭ چۈشۈپ قايسى نوقتىغا كېلىشىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتنى ۋە قالدۇق سوممىنى ئېلان قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ؛ نېفىت،تۆمۈر ۋە مىس قاتارلىقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىپ، سوممىسىنى ئېلان قىلماسلىقى، بەكمۇ غەلىتە ئەھۋال. شۇنى كۆرۋەلىش تەسئەمەسكى ، ئالتۇن قىممىتىنىڭ چۈشۈشى باشقا سەۋەب ئەمەس دەل دوللارقىممىتىنىڭ ئاشقانلىقى، ئۇندىن باشقا مەركىزى بانكا بىلەن تامۇژنانىڭ داۋاملىق يالغان سانلىق مەلۇمات ئويدۇرۇپ چىقىشىدۇر؛ جۇڭگونىڭ 12-ئايلىق سودا ئاكتىپ بالانىسى 49مىليارت 610 مىليون دوللار، ئالدىن مۆلچەرى 49 مىليارد دوللار، قىممىتى 54 مىليارد470 مىليون دوللار بولغان؛ 12-ئايدىكى ئېكىسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشقان،ئالدىن مۆلچەرى %6.0 بولۇپ، قىممىتى %4.7ئاشقان؛ 12-ئايدىكى ئىمپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4تۆۋەنلەپ، ئالدىن مۆلچەردىكىدىن %6.2تۆۋەنلەپ، قىممىتى %6.7 تۆۋەنلىگەن. يوقۇرقى 1-سەۋەبتىن شۇنەرسە ئېنىقى، 2014-يىلى12-ئايدا پەقەت 22 سودا كۈنى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 21 سودا كۈنىدە بالتىق دېڭىزىدىن ئۆتكەن مال مىقدارى تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش دائىرىسى %40 ئەتراپىدا بولغان تۇرسا، جۇڭگونىڭ ئېكىسپورتىدا نەدىمۇ ئېشىش بولسۇن؟ يالغان سان ئويدۇرۇپ دۇنيانى ئالداشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ 2-سەۋەبتىن شۇنى كۆرۋالغىلى بولۇدۇكى،12-ئايدا چاڭجاڭ دىلتىسى ۋە جۇجاڭ دىلتىسىدىكى ئېكىسپورت كارخانىسى كەڭكۆلەمدەتاقىلىپ، خۇجايىنلار قېچىپ كېتىپ، كارخاننىڭ ۋەيران بولغانلىق خەۋېرى دائىم خەۋەر قىلىنىۋاتسا،نەدىمۇ ئېشىش بولسۇن؟ ئىشەنمىسەڭ ئۆزەڭ بېرىپ تەكشۈرۈپ باق، يالغان سانلىق مەلۇمات بىلەن ئادەم ئالدىما. باشقا سەۋەبنى دېمىگەندىمۇ، دوللار قىممىتىنىڭ ئېشىشى، ئېكىسپورت كارخانىسىغا ئەڭچوڭ زەربە بېرىدۇ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئېكىسپورتنى ئاشتى دېگەنلىك ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، بۇ ھەممە كىشى ئويلاپ يېتەلەيدىغان ئاددىي ھەقىقەت، ئەڭ ياخشىسى كىشىلەرنى ئالدىماڭلار. ئېكىسپورتقا باج قايتۇرۇپ ئىمپورتقا باج قوشۇشتەك كونا ئۇسۇلنى ئەمدى ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ، خەلقئارا نېفىت باھاسى زورھەجىمدە چۈشۈپ كەتسىمۇ، دۆلەت ئىچىدە بېنزىن باھاسى ئازراقلا تۆۋەنلىدى، ئەكسىچەيېقۇلغۇ ئىستىمال بېجى 3 قېتىم ئۆستۈرۈلدى، مانابۇ جۇڭگو؛ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىرھۆكۈمەتنىڭ باجنى ئۆستۈرۈش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، بىراق جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆستۈرىمەن دېسە ئۆستۈرەلەيدۇ، چۈكى ھەرقانداق بىر ئىجتىمائى تەشكىلاتنىڭ نازارىتى كېرەك ئەمەس، ئۆزلىرى قانۇن-پەرماننى ئېلان قىلسىلا كۇپايە. يوقۇرقى نوقتىلاردىن تەھلىل قىلغاندا، ئالتۇن بىلەن خەلق پۇلى بىريىپقا باغلانغان، روناق تاپسىمۇ بىللە روناق تاپىدۇ، ۋەيران بولسىمۇ بىللە ۋەيران بولىدۇ، يېقىن كەلگۈسىدە بىرلىكتە گۇمران بولۇشتەك ئاقىۋەتنى تىزلا كۆرۈمىز، ئۇزاق ۋاقىت قالمىدى. |