- تىزىملاتقان
- 2015-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1252
- نادىر
- 0
- يازما
- 45
ئۆسۈش
25.2%
|
ئەلى قۇرباننىڭ ‹‹پولات چىشى››غا تېگەلىگەن زادى كىم؟
(مۇلاھىزە ۋە ئىنكاسلارغا ئومۇملاشتۇرۇپ باھا)
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن
(بىڭتۇەن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى)
مەن ‹‹ئەلى قۇربانغا مەدھىيە ۋە تەنقىد››نى يازغاندىن كېيىن ئەمدى بۇ توغرىدا قەتئى بىرنەرسە يازمايمەن دەپ ئويلىغان . لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بۇ ھەقتە بىرنەچچە ماقالا ۋە ئىنكاسلار يېزىلدى،ئۇنىڭدا دىيىلگەن بەزى گەپلەر مېنى يەنە بىر قېتىم ئازراق بىرنىمە يېزىپ ، بەزى قاراشلىرىمنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئويىنى پەيدا قىلدى.شۇنىڭ بىلەن يەنە كومپىيۇتېر ئالدىغا كەلدىم.
بۇ قېتىمقى مۇنازىرە ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى.كۆپ گەپلەر بولۇندى.كېيىنچىرەك جەمىيەتتە بۇ قېتىمقى مۇنازىرىگە ئاتىلىپ ، نۇرغۇن قوشاقلار توقۇلدى،ھەجۋى رەسىملەر سىزىلىپ تارقىتىلدى.بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئەلى قۇربان بىلەن زىۋىدە كېرىم تۇتۇشۇپ تەسۋىرلىنىپ ،ئەلى قۇربان بىلەن زىۋىدە ئوبېكىت قىلىندى.ئەمەلىيەتتە ئەلى قۇربانغا ،ئەلى قۇربانننىڭ خاتا سۆزلىرىگە ھەقىقى تەنقىد بەرگەن،ئۇنىڭدىكى ئىلمىي خاتالىقلارنى دەل جايىدا كۆرسىتىپ بەرگەن كىشى زىۋىدە كېرىم ئەمەس،يەنە باشقىلارمۇ ئەمەس بەلكى ئۇمۇن ئەپەندى. ئۇمۇن ئەپەندى ئالدى- كەينى يازغان ئىككى ماقالىسى ئارقىلىق ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىدىكى خاتاللىقلارنى دەل جايىدا ،ئېنىق،ئېدىتلىق كۆرسىتىپ ئۆتتى،يۈز خاتىرە قىلمىدى. خۇددى يالقۇن روزى ئوبزور يازغاندەك نەق گەپنى ئۇدۇللا قىلدى. يالقۇن روزى ئەدەبىي تەنقىدتە يۈز خاتىرە قىلمايديغان،نەق گەپنى ئۇدۇل ئوتتۇرىغا قويىدىغان ، تەنقىد ئىدىيىسى ساغلام بولغان ،پاكىتىلىق،دەلىل-ئىسپاتلىق،ئورۇنلۇق گەپ قىلىدىغان،ھېسسىياتقا بېرىلىپ ۋە قارىسىغا سۆزلەشتىن خالى، نىشانلىق ئوق ئېتىشنى بىلىدىغان ۋە نىشانغا دەل تەككۈزۈدىغان ئوبزۇرچى،ئۇ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدىبىي ئوبزورچىلىقىنىڭ تىپىك ۋەكىلى.بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە ئۇمۇن ئەپەندىمۇ شۇنداق قىلدى.ئوقنى نىشانلىق ئاتتى.
تەنقىد -تەربىيە ئەمەس،ئاددى ھالدىكى نۇقساننى كۆرسىتىپ بېرىشمۇ ئەمەس، پاكىت ھازىرلاپ ،بولمىغان يەرنىڭ ئۆزىگە تېگىش دېگەن سۆز.تەنقىد قىلىنغان ئىكەن ، يۈز -خاتىرە بولماسلىق كېرەك .مۇشۇنداق تەنقىدنى ئۈلگىلىك تەنقىد بولدى دەيمىز.
بۇ قېتىمقى بەس- مۇنازىرە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مۇكەممەل جەمىيەت ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭدا ھەممە شەيئىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.ئۇيغۇر زىيالىلار قاتلىمىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، مەسئۇلىيەتچان قوشۇن ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەردى. بۇنىڭدىن كۆڭلىمىز ئەمىن تاپىدۇ.ئۆزىمىزگە،مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز ئاشىدۇ.لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە ئىلمىي مۇنازىرە دېگەن زادى نىمە؟ئۇ قانداق بولىدۇ؟بۇ قېتىمقى تەنقىد ۋە مۇنازىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؟دېگەندەك مەسلىسىدە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلىرىمىز بارلىقىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويدى . ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىگە قارىتا ماقالا -ئوبزورلار يېزىلسا بەزىلەر ئاددى ھالدا ‹‹قوللۇغۇچى›› ۋە ‹‹قارشى تۇرغۇچى ››دەپ ئىككى لاگېرغا بۆلۈپ قويدى ، بىرەر ۋەزنى بار ئىنكاس يېزىلسا ئەلى قۇربان تەرەپدارى ۋە قارشى تۇرغۇچىلىرى دەپلا چۈشىنىپ ، ئىلمىي ئىدىيەگە يات بولغان خاھىشنى كۈچلۈك ھالدا ئىپادىلىدى. بۇ لېكسىيەگە بېرىلگەن تەنقىدنى چۈشىنىش مەسىلىسىدە ئېغىر دەرىجىدە ئىغىش كېلىپ چىقتى. بۇنى كۆتىرىلىۋاتقان بىر ئادەمنى ‹‹غاجاش››،‹‹كۆرەلمەسىك›› ۋە لېكسىيەنى ئىنكار قىلىش دەپلا چۈشەندى ، تەنقىد بەرگەنلەرگە ‹‹ ئىت ،غاجاش ،كولاش،چىۋىن›› دېگەندەك بىمەنە ۋە ماس كەلمىگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى ،ئەلۋەتتە بۇلار كۆپ سانلىق بولمىسىمۇ ئەمما مەلۇم سالماقنى ئىگەللەيدۇ.بۇ سۆزلەردىن بىزدىكى ئىلىمي روھنىڭ تېخى تۆۋەن باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى ،يېتەكلەشكە قانچىلىك مۇھتاچ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز .بۇ ئۇلارنىڭ ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ ماھىيەتتىن چۈشەنمىگەنلىك بولۇپ ، ئەمەلىيەت ھەرگىزمۇ ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس.مۇشۇنداق دەۋاتقان كىشىلەردەل ھېسسىياتنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ ئىش قىلىدىغان، تەنقىدنىڭ مەقسىدىنى، تەنقىددىكى ئىدىيەلەرنى سېستىمىلىق چۈشەنمەيۋاتقانلاردۇر.
مۇنازىرىدە چۈشكەن پىكىرلەرنىڭ بەزىلىرى ئەسلى ئەھۋالنى ماھىيىتىدىن ئېچىپ بېرىدۇ، ھەقىقەتنى ئەينەن ئەكس ئەتترۈىدۇ. بۇنداق پىكىرلەر نوپۇزلۇق بولىدۇ.بەزىلىرىنىڭ ئانچە نوپۇزى بولمايدۇ. بۇ نۆۋەت ماقالا يازغان كىشىلەر ئاساسەن لېكسىيە ھەققىدە گەپ قىلدى،ئىنكاس يازغۇچىلار ئاساسەن مەزمۇن بىلەن كارى بولماي ،ئاەم توغرىسىدا گەپ سېتىپ، ئىلمىي پىكىر قىلماي ، ماقالا يازغان ، توغرا ئىنكاس يازغان كىشىلەرگە باھا بېرىپ يۈردى . بۇ توغرا ،ئىلمىي مۇنازىرە بولغاندىكىن ھەركم ئۆز كۆڭلىدىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا بولىدۇ،ئەمما مۇنازىرە دەپ نىمە دېسە بولىۋەرمەيدۇ. مەسىلەن: باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلسىڭىز بولمايدۇ.ئورۇنسىز ،پاكىتسىز گەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ،سەپسەتە ساتسىڭىز بولمايدۇ. باشقىلار دېمىگەن گەپنى دېگەن دەپ تۆھمەت قىلسىڭىز تـېخىمۇ بولمايدۇ.بۇلار ئەڭ ئادەتتىكى مۇنازىرە ئەخلاقىدۇر.ياخشى يېرى بۇ قېتىم بىزدە يېزىلغان يازمىلاردا بۇنداق ئىشلار ئاز كۆرۈلدى.مەسىلىلەر ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇىغا قويۇلدى.ئەمما مەيلى بەزى ماقالا بولسۇن،ياكى ئىنكاسلار بولسۇن،ساغلام بولمىغان ئىدىيە ۋە ئۇسۇل ھەقىقەتەن مەۋجۇد بولۇپ كەلدى. بۇلار ھەققىدىمىمۇ ئازراق توختۇلۇپ قويۇش، بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.چۈنكى زىيالىلار دېگەن بىر مىللەتنىڭ جەۋھىرى،بايراقدارى.ئۇلار مىللەتنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىشى،ئىلغار مەدىنىيەتنى تەشۋىق قىلىشى مىللەتنى توغرا يولغا باشلىشى، مىللەتكە تەملىك مەنىۋى ئوزۇق بېرەلىشى، ئاق-قارىنى ئايرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.ئۇنداق بولمىسا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بۇ قېتىمقى بەس - مۇنازىرىدە تۆۋەندىكى بىرقانچە مەسىلىدە تالاش -تارتىش بولدى ، ئاغزىغا نىمە كەلسە شۇنى دىيىش ئاساسەن مۇشۇ مەسىلەلەردە بولدى.تورداشلارنىڭ بۇلاردىكى پىكرى ھەرخىل بولدى.بۇلار بىز چوقۇم ئوبدانراق جاۋاپ بېرىشكە، ئايدڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلىلەردۇ،بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1،بۇ لېكسىيەنى بۇنچىۋالا بەس مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ -يوق دېگەن مەسلىلە؛
2،تەنقىد بېرىش ئەلى قۇربانغا ئوخشاش ‹‹بىلىملىك›› كىشىلەرنى،يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققانلارنى كولاش(غاجاش) بولامدۇ- بولمامدۇ دېگەن مەسىلە؛
3،ئىلمىي ساھەدىكى تالاش -تارتىش ئەمەلىيەتتىكى ئىتتىپاقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ - يوق دېگەن مەسىلە؛
4،تەنقىدلەش ئەلى قۇرباننى ئىنكار قىلىش بولامدۇ- يوق دېگەن مەسىلە؛
5،ئەلى قۇربان مۇنازىرىدە ئۇتۇپ چىقالامدۇ -يوق دېگەن مەسىلە.
6،تەنقىد بەرگەنلەرنىڭ مەقسىدى نام چىقىرىشمۇ ئەمەسمۇ؟دېگەن مەسلە .
(7،تەنقىد بەرگەنلىك غەيۋەت قىلىش بولامدۇ؟دىگەن مەسىلە.)
تۆۋەندە مەن بۇ مەسىلىلىىەر توغرغسىدا ئايرىم-ئايرىم توختۇلىمەن:
،1،ئەلى قۇربان لېكسىيەلىرىنى مۇنازىرە قىلىش قىلىش كېرەكمۇ -يوق توغرىسىدا. مېنىڭچە چوقۇم مۇنازىرە قىلىپ بېقىش كېرەك.چۇنكى كىشىلەر ھازىر ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى ئىلغار ۋاستىلەر ئارقىلىق ئاسانلا تارقىتالايدۇ.ئۇنىڭ توغرا -بولغان بولمىغانلىقى تەكشۈرۈلمەيدۇ. خاتا ئىدىيە ، سەپسەتەلەر بۇنداق تارقىلىپ كەتسە خەلقىمىزدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ،مىللەتنىڭ ساغلام ئىدىيىۋى تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ.ئەمەلىيەتتە بىزدە تېخى بۇنداق بەس مۇنازىرە بەكلا ئاز.بىز پەقەت خەنزۇچە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بەزى ماقالا ئەسەرلەرگە دىققەت قىلىپ باقساق بۇ نۇقتا ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ.بىزدىكى مەسىلە يەنىلا بىزدىكى ئىلمىي روھ ۋە مۇنازىرىنىڭ كەملىكىدۇر.بۇندىن كېيىنمۇ مۈمكىن بولسا بىز بۇنداق مۇنازىرىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك.مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئىلغار مەدەنىيەتنى بىلدۈرۈشىمىز،تور مەدەنىيىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
2،تەنقىد بېرىش ئەلى قۇربانغا ئوخشاش ‹‹بىلىملىك›› كىشىلەرنى،يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققانلارنى كولاش(غاجاش) بولامدۇ- بولمامدۇ دېگەن مەسىلە ھەققىدە . بۇ قېتىمقى بەس -مۇنازىرەدە ماقالا يازغانلاردىن ھىچكىم ئەلى قۇرباننى ‹‹غاجىمىدى ››، ‹‹كۆتىنى كۆلىمىدى›› .ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان سۆز قىلمىدى . پەقەت ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىدىكى خاتا قاراشلارغا ۋە ئدىيەلەرگە تەنقىد رەددىيە بەردى.گەپلەر ئاساسەن لېكسىيە ئۈستىدىكى خاتا قاراشلار ئۈستىدىلا بولدى.
ئەلى قۇرباننىڭ سۆزلىگىنى 30-40 ئوقۇغۇچىسى بولغان بىر سىنىپقا كىرىپ ئۆتۈلگەن دەرس ئەمەس،بەلكى نەچچە يۈز ،نەچچە مىڭ ئاڭلىغۇچىغا سۆزلەنگەن لېكسىيە(بەزىلەر نۇتۇقمۇ دېدى).لېكسىيە مەلۇم بىر تېمىنى چۆرىدەپ سۆزلىنىدىغان ،ئۇچۇر مىقدارى كۆپ بولغان ئوچۇق دەرس. شۇڭا ئۇنىڭ خاتا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك .ئاڭلاش ئوبېكتى ياكى مەخسۇس تاللانغان كىشىلەر بولىدۇ ياكى ئاڭلاشنى ئختىيارى قىلغانلار بىر يەرگە جەم قلىنىغان بولىدۇ.ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار بار، جەمىيەتتىكى بىرقىسىم زىيالىلار قاتلىمى بار ،يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بار. ئەڭ مۇھىمى ئاق-قارىنى ئايرىش ئىقتىدارى ھازىرلانمىغان(يېتىلىپ بولۇنمىغان) ياش -ئۆسمرلەرمۇ بار .بۇ بىر قېتىم سۆزلىنىپلا بولدى قلىنىدىغان دەرس بولغان بولسا ، ئۇنىڭ كارايىتى چاغلىق ئىدى .ئەمما ئۇ لېكسىيە بولغىنى ئۈچۈن ئۇ بىر قېتىم سۆزلىنىپلا بولدى قىلىنمايدۇ،تەكرار سۆزلىنىدۇ.ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسى تەكرار سۆزلىنىپلا قالماستىن ،يەنە ۋىدىيۇ قىلىپ ئىشلىنىپ ، تورلاردا تارقىتىلدى.ئۈندىدارلارغا چىقىرىلدى. مۇنازىرە باشلانغاندىن كېيىن ئاڭلايدىغان ئادەم تېخىمۇ كۆپ بولدى .بىز مەكتەپلەردە دەرس ئاڭلىساق ئادەتتە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىگە قارىتا پىكىر بېرىمىز. مەسىلە بولسا كۆرسىتىپ بېرىمىز .بۇ شۇ ئوقۇتقۇچىغا مەسئۇل بولغانلىق .شۇنىڭ بىلەن پىكىر بېرىش نەتىجىسىدە ئوقۇتقۇچى تېخىمۇ ئالغا باسىدۇ.پىكىر بەرگەنلىكنى كۆتىنى كولىغانلىق،ھەسەت قىلغانلىق دەپ جىم تۇرۇۋېلىپ، خاتا ئىدىيىنىڭ ، سەپسەتەنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا يول قويساق قانداق ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ؟مىللەتكە مەسئۇل بولغانلىق بولامدۇ؟مىللەت ئىچىدىكى زىيالىلارنىڭ بۇرچى زادى نىمە ؟نىمە بولسا بولمامدۇ دەپ سۇكۇت قىلىشمۇ ياكى ئاق -قارىنى ئايرىپ بېرىشمۇ ؟لۇشۇن ئەپەندى :‹‹سۈكۈت قىلىش،سۈكۈت ئىچىدىن پارتلاپ چىقماسلىق مىللەتنى ھالاك قىلىدۇ›› دەپ ئېيتقان .مېنڭچە لېكسىيەدىكى خاتا ئىدىيەلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرساق،ئۇ ھالدا پۈتكۈل مىللەتنى خاتا يولغا باشلىغان بولىمىز.سۈكۈتلا قىلغان ، توغرا بولسىمۇ ،خاتا بولسىمۇ ھەلا دەيدىغان مىللەتنىڭ زىيالىلار قوشۇنىدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن ؟ ئۆز خەلقىنى قانداقمۇ توغرا يولغا باشلىيالىسۇن ؟ بۇنداق مىللەتنى زىيالىلار قوشۇنى بار مىللەت دېگىلىمۇ بولمايدۇ.
ماتېماتىكىدا ‹‹قارشىسىدىن چىقىپ ئسپاتلاش›› دەيدىغان بىر خىل ئىسپاتلاش ئۇسۇلى بار.بۇنىڭدا ئىسپاتلىماقچى بولغان يەكۈننى بولمايدۇ دەپ ئىنكار قىلىپ،ئاندىن تەدرىجى كەينىگە ياندۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بېرىلگەن شەرتكە زىت بولغان يەكۈن كەلتۈرۈپ چىقىرىلىپ، بىزنىڭ بولمايدۇ دېگىنىمىزننىڭ بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ.ئەمدى بىز ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىگىمۇ شۇنداق پىكىر قىلىپ ، ھەممىسىلا توغرا دەپ چاۋاك چېلىپ ئۆتكۈزۈۋەرەيلى دەپ ئويلاپ باقايلى. بۇنىڭدا قانداق ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ؟ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمىز بەزى خاتا بولغان قاراشلارنى ، ئىلمىي بولمىغان نۇقتىئىنەزەرلەرنى توغرا دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ،بۇنداق مېڭىۋەرسە ئېنىقكى چاتاق چىقىدۇ .باشقا مىللەتتىن بولغان بىر ئىلىم ئىگىسى ئاڭلىغۇچىلار ئىچىدە بار دەپ پەرەز قىلساق ئۇلار بىزنى مۇشۇنچىلىك ئاددى ساۋاتنىمۇ بىلمەيدكەن ،بۇنى بىلىدىغان ئادىمىمۇ يوقكەن دەپ بىزنى مەسخىرە قلىمامدۇ؟ بىرمۇ تۈزەتكۈچىسى بولمىغان مىللەتنى قانداقمۇ مىللەت دېگىلى بولسۇن؟قانداقمۇ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغا ئىگە بولالىسۇن؟ بۇنداق مىللەتنىڭ بالىلىرىنى قانداقمۇ ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلەندۇرگىلى بولسۇن ؟ئۇنى نادان،بىچارە مىللەت دىيىش كېرەك.شۇڭا مەن دەيمەنكى تەنقىدنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ .مەن بۇ يەردە ئىككىلا مىسال ئالىمەن:
ئالدى بىلەن مەن ئەلى قۇرباننىڭ‹‹ مەن ھاراقكەش دادامدىن پەخىرلىنىمەن ››دېگەن سۆزىنى ئالايلى.دېمەكچى بولغىنىنىنىڭ نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بۇ قىلچە تەربىيىۋى ئەمىيىتى بولمىغان خاتا سۆزدۇر، جەمىيەتتە (ئۇيغۇر جەمىيىتىدىلا ئەمەس) نەدىمۇ ھاراقكەش دادىسىدىن پەخىرلىنىدىغان ئىش بولسۇن!بەزىلەر ئۇنىڭ ئەسلى دېمەكچى بولغىنى كىچىك ۋاقتىدىكى جاپالىق تۇرمۇشنىڭ ئۇنى چېنىقتۇرۇپ ، مۇشۇ ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى چۈشەندۇرۈش دىيىشى مۈمكىن.ئەگەر دادىسىنىڭ ھاراقكەشلىكى بۇنىڭغا سەۋەپچى بولغان بولسا ئۇ ھالدا ئۇ دادىسىغا رەخمەت ئېيتسا بولىدۇ،ئەمما ھەرگىزمۇ پەخىرلەنسە بولمايدۇ.پەخىرلىنىش بىلەن رەخمەت ئېيتىش ئوخشىمايدۇ.بىر مىللەت ئۆز مىللىتى تارىخىدىكى مىللەت ئۈچۈن چوڭراق تۆھپە قوشقان ، شەرەپلىك نام قالدۇرۇپ كەتكەن سىياسىئونلىرىدىن،ئالىملىرىدىن،زىيالىلىرىدىن، مىللىتى ئۈچۈن جېنىدىن كەچكەن ۋەتەنپەرۋەر ئوغۇل-قىزلىرىدىن پەخىرلەنسە بولىدۇ. ئەمما ھاراقكەش ئادەملىرىدىن پەخىرلەنسە بولمايدۇ. بىز مەسئۇلىيەتچان دادىلاردىن پەخىرلىنىمىز. بىز ئۇلۇغ كىشلىەردىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. بالا تەربىيىەسىىدە بۇنداق‹‹ ھاراكەش دادامدىن پەخىرلىنىمەن ››دىيىش ئىنتايىن خاتا. بۇنىمۇ ئالقىشلاپ ، چاۋاك چالساق بولمايدۇ.قىلچە ئىككىلەنمەي، دەس تۇرۇپ ، سېنىڭ بۇناق دىيىشىڭ خاتا دىيىش كېرەك . ئۇيغۇرلارنىڭ بالا تەربىيە ئۇسۇلىدا ئادەتتە بالا چوڭ بولغانسېرى ئاتا- ئانا بولغۇچى مۇشۇنداق ناچار ئادەتلىرى بولسا بالىغا ئۈلگە بولۇشى ئۇچۈن بۇنى تاشلايدۇ.بالىلار مۇشۇ گەپنى ئاڭلىسا ،ھاراق ئىچىشنى بولىدىغان نورمال ئىشكەن ئىشكەن دەپ چۈشەنسە ، يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ ھېچنىمە بولمايدىغان ئىش ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ،ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلسا بۇنداق تەربىيە ئەۋلاتلىرىمىزنى نەگە باشلاپ بارىدۇ؟بىز بالىلىرىمىزنى مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەن تەربىيەلەيمىزمۇ؟ئاتا-ئانا دىگەن بىرىنچى ئوقۇتقۇچى .مۇشۇنداق سۆزنىمۇ توغرا ئىدى دىيىش كېرەكمۇ؟ بۇنىڭغىمۇ گەپ كېتەمدۇ؟بەزىلەر لېكسىيەنىڭ شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ ،مېغىزىنى قوبۇل قىلسىلا بولدى ئەمەسمۇ دېدى.توغرا ،شۇنداق قىلىش كېرەك .ئەمەلىيەتتە تەنقىد بەرگەن يولداشلار مۇشۇنداق يەرلەرگە تەنقىد بېرىپ ، مېغىزى نىمە ،شاكىلى نىمە دېگەنلەرنى ئايرىپ بەردى.سىز ئېغىزىڭىزدا ھا-شا دەپ يۈرەن بىلەن ئۇلار دەل شۇ سىز دېگەن ئىشنى قىلىپ بەردى.تېخى سىز ئۇلارغا رەخمەت دەپ ، شۇلارنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرسىڭىز ، ئاندىن دېگىنىڭىزدەك قىلغان بولاتتىڭىز .شۇنىڭ ئۇچۈن ئۇلارننىڭ تەنقىدى ناھايىتى قىممەتلىكتۇر.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ يەنە ئۇنىڭ‹‹ قانچە بىلىملىك بولسا تىلى شۇنچە ئاددى بولىدۇ›› دېگەن سۆزىمۇ سەپسەتە.بىلىملىك كىشىلەر كىتاپنى كۆپ ئوقۇغان ۋە ئۆزلەشتۈرگەن بولىدۇ.سۆزلىرىدە تەپەككۈر چوڭقۇرلۇقى بار،ۋەزنى ۋە سالمىقى بار ، ئازراق ئويلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئەمما بىلىمى يوق كىشىلەرنىڭ سۆزىدە يۇقىرىدىكى ئالاھىدىلىك بولمايدۇ.بۇ يەردە مەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سۆزلىمەيمەن.چۈنكى بۇ سۆزلىشىمنى تەلەپ قىلمايدۇ.
يۇقۇرىدا دېگىنىم كۆپلىگەن كىشىلەر بىر ئاڭلاپلا ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ئاددى مەسىلە.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىلمىي مەسىلەلەرگە چېتىلىدىغان خاتالىقلار بار.بۇلارنى دەپ ئۆتمەي بولمايدۇ. مەسىلەن:قوغۇن ۋەقەسى دېگەننى دەسلەپتە نىمە ئىش بولغىيتتى دەپ ئاڭقىرالماپتىكەن،(مەن بۇ لېكسىيەنى تېخىچىلا ئاڭلاپ باقمىدىم،شۇڭا لېكسىيەدىكى مەسىلەلەردىن ئاران بىرگە پىكىر بېرىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ) كېيىن بىلسەم ئۇ ئەسلىدە ‹‹ق ››تاۋۇشىنى باشقىلار تەلەپپۇز قىلالمايدۇ،بىز قىلالايمىز ،شۇڭا بىز ئەقىللىق ، بىز نوچى دېگەندەكرەك بىر گەپ ئوخشايدۇ.‹‹ ق›› نى تەلەپپۇز قىلىش -قىلالماسلىق مەسىلىسى بىلەن بىر مىللەتنىڭ ئەقىللىىق بولۇش بولماسلىقنىڭ قىلچە ئالاقىسى يوق.بۇ بىر تىل بىلەن يەنە بىر تىلنىڭ تاۋۇش ئالاھىدىلىكى جەھەتتىكى مۇھىم بىر پەرقىدۇر.بۇنداق دىيىش بىرىچىدىن تىلشۇناسلىق نەزەرىيەسىگە خىلاپ،يەنە بىر تەرەپتىن ئەمەلىيەتكە قەتئى ئۇيغۇن ئەمەس.
بىر مىللەتنىڭ تىلىدىكى بىر تاۋۇشنى باشقا بىر مىللەتنىڭ تەلەپپۇز قىلالماسلىقى ئادەتتىكى بىر ئىش.بىزمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى نۇرغۇن تاۋۇشنى ئەينەن تەلەپپۇز قىلالمايمىز.مەسىلەن:ئىنگىلىز تىلىدىكىð 、θ تاۋۇشلىرىنى شۇنچىلىك ئۈگەتسەكمۇ ئۇيغۇر بالىلار تەستە تەلەپپۇز قلىدۇ ياكى يەنىلا توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدۇ.بۇنىڭدىكى سەۋەپ بۇ تاۋۇشلارنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزدا بولماسلىقىدۇر.يەنە ئالساق خەنزۇ تىلىددىكى zh,ch,sh قارلىق تاۋۇشلار.بىز مىللى تىلدا ئوقۇغانلار ھەرقانچە قلىساقمۇ بۇلارنى تەلەپپۇز قىلالماي قىينىلىمىز،سۆزىمىزدىنلا ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلدا ئوقۇغانلىقىمىزنى چاندۇرۇپ تۇرۇمىز.ئەمەلىيەتتە بىر تىل بىلەن يەنە بىر تىلنى سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئىنچىكە پەرقلەر بولىدۇ.مەسىلەن ئالايلى، ئىنگىلىز تىلىدىكىTom دېگەن ئىسىم ئۇيغۇرچىدە ‹‹تام ››دەپ يېزىلىدۇ.بۇ ئەڭ يېقىن بولغان ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر،ئەمما ھەرگىزمۇ Tomسۆزىنىڭ ئيەينەن تەلەپۇزى بولالمايدۇ.تۆۋەندكى ئىككى جۈملىگە قاراپ باقايلى:
. Tom is a clever student.
(تام بولسا ئەقىللىق ئوقۇغۇچى .)
تامدا بىر پارچە رەسىم بار .
يۇقىرىدكى ئىككى جۈملىدە . Tom is a clever student دېگەن ئىنگىلىزچە جۈملىدىكى Tom سۆزىدىكى / t/ تاۋۇشىنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن تامدا بىر پارچە رەسىم بار دېگەن ئۇيغۇرچە جۇملىدىكى‹‹ ت ››تاۋۇشنىڭ تەلەپپۇزىدا مەيلى تىل ئورنى جەھەتتىن بولسۇن ياكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ چىقىشى قاتارلىق تەرەپلەردە بولسۇن ئەمەلىيەتتە خېلىلا چوڭ پەرق بار.ئوخشاش دېگىلى قەتئى بولمايدۇ. بۇنى ئىككى تىلنى ئوبدان بىلىدىغان يولداشلار دىققەت قىلىپ باقسا ئۆزىمۇ ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلىدۇ.شۇڭا ئاشۇنداق دىيىش ھەقىقەتەن سەپسەتە ساتقانلىق بولىدۇ،ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ئەھۋال ئەمەس.
بۇ ئىش مۇنداق بىر ئىشنى ئېسىمگە سالدى:
1997-يىلى بىزدىن قۇددۇس ھاپىز ئىسىملىك بىر زىيالىمىز چىقىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش -ھەرپلىرى بىلەنلا باشقا مىللەت تىلىدىكى ھەرقانداق سۆزنى ئۇيغۇر تىلىدا توغرا تەلەپپۇز قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ،ئۆز تىلىدىكى ھەرپلەر بىلەن تولۇق توغرا ھالدا يازغىلى بولىدىغانلىقىنى،ئەمما باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدا بۇنداق خۇسۇسىيەتنىڭ يوقلىقىنى سۆزلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنيادىكى ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك،ئۇلۇغ تىل ئىكەنلىكىنى ‹‹ئىسپاتلىغانلىق›› ئىشى يۈز بەرگەن ئىدى.شۇ چاغدا بۇ ئىش تېلىۋىزوردىمۇ قىسقىچە خەۋەر قىلىنغان .شۇ چاغدىلا بۇ ئوتتۇرىغا قويۇش توغرا ئەمەس دەپ قارىغان ئىدىم. ئۆزەمنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە ئاشۇنداق دىيىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيلىك دەرىجىسىدە ، مەدىنىيەت سەۋىيىسىدە پەرق بولىدۇ.ئەمما بىر توپ نۇقتىسىدىن باھا بەرگەندە ھەرگىزمۇ ئەقىللىق،ئەقىللىق ئەمەس دەپ باھا بېرىشكە بولمايدۇ.ئەلى قۇرباننىڭ بۇنداق دىيىشى قۇددۇس ھاپىزنىڭ ئاشۇنداق دىيىشىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى بولۇپ، ئىلمىي نۇقتىنەزەرگە خىلاپ، قۇرۇق گەپ قىلىپ جۆيلۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەن ئەلى قۇربان‹‹ مىسرانىم ››دا كۆرۈنگەندە ئۆزىنىڭ تۇئوفۇ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلىكىنى دەپ ئۆتتى.مېنى ئەڭ تەئەججۈپلەندۈرگىنى ئۇنىڭ ئىنگىلىز تىلىنى بىلىپ تۇرۇپ ،يەنە شۇنداق دىيىشى بولدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەلۇم ۋاقىت ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتۇشى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپتۇ.قارىغاندا تىل بىلىش بىلەن تىل تەتقىقاتى باشقا -باشقا گەپكەن.مۇشۇ قۇرلارنى يېزىېاتقاندا كاللامغا مۇنداق بىرنەچچە سوئال كەلدى:
ئەجىبا ئەلى قۇربان مۇشۇنداق دېگەندە لېكسىيەنى ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئەقىللىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنگىلىز تىلى ئاساسىنى سالغان ياكى ياخشى بىلىدىغان بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ،ئۇلارنىڭ بۇنداق تېتىقسىز قاراشلارغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئويلىمىغانمىدۇ؟نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوشۇلماي ئىنكاس يېزىشى بۇنى ئىسپاتلاپ بەرمەمدۇ؟
ئەجىبا ئەلى قۇربان مۇشۇنداق دېگەندە جەمىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ئىچىدە ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى ، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش باشلانغاندىن بۇيان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن زىيالىلار ئىكەنلىلىنى،مول خىزمەت تەجرىبىسى ،تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىگە بولغان بىلىمىنىڭمۇ بۇنىڭغا ھۆكۇم قىلىشىغا يېتىپ ئاشىدىغانلىقىنى ،بۇلارغا بىر ئاڭلاپلا ئاق-قارا دەپ باھا بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟
ئەجىبا ئەلى قۇربان مۇشۇنداق دېگەندە چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ياكى ئىشلەۋاتقان سانى خېلىلا كۆپ بولغان ،ئىدىيەسى تېخىمۇ ئىلغار بولغان بىر قوشۇنمىزنىڭ بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ تىلغا ئائىت بولغان بۇ ساۋاتنى تېخىمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ، بۇنداق ئىلمىي ئىشتا بىزدىنمۇ سەۋىيەلىكراق ئىكەنلىكىنى،بۇنى ئاڭلىسا ،كۆرسە قوڭىچە كۈلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانمىدۇ؟
ئەڭ مۇھىمى ئەجىبا ئەلى قۇربان مۇشۇنداق دېگەندە شىنجاڭدا 20نەچچە ئالى مەكتەپ بارلىقىنى ،ئۇلاردا ناھايىتى كۆپ ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بارلىقىنى،ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇستازلىرى ئىكەنلىكىنى ،ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانىنىڭ دوكتۇر ياكى ماگېستېر ئىكەنلىكىنى ، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنىڭ پروفېسسور،دوتسېنت ئىكەنلىكىنى ،ئۇلارنىڭ بۇنداق چۈشەندۇرۈشنى ئاڭلىغاندا قوڭىچە كۈلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانمىدۇ؟ ،نەچچە يۈز ئوتتۇر ا مەكتەپ،نەچچە يۈز باشلانغۇچ مەكتەپ بارلىقىى،ئۇلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىمۇ ئاجايىپ توغرا پىكىر قىلىدىغان تەپەككۇز ئىگىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ مۇنداق دىيىشكە قوشۇلمايدىغانلىىقىنى ئويلىمىغانمىدۇ؟
بەزىلەر بەلكىم سەن مۇشۇنداق دېسەڭ لېكسىيەنى ئاڭلىغان كىشىلەرنىڭ چالغان چاۋاكلىرىنى نىمە دەپ چۈشەندۇرۈسەن دىيىشى مۈمكىن. مەن دەيمەنكى چاۋاك دېگەن چېلىنىپ قالىدۇ.ئەينى چاغدا ئابۇكېرىم ئابلىز بىر ئېتوتتا مەنىسى بولمىغان ‹‹ خورازدىكى خو ›› دېگەن چاغدىمۇ كىشىلەر قىزغىن چاۋاك چالغان.
3،لېكسىيە ۋە مۇنازىرە ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمىيىتى ئىككى تەرەپ بولۇپ كەتتىمۇ؟ ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتتىمۇ؟بۇ بەكلا ئارتۇقچە ئويلاشتۇر.بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.بەزىلەر باياتىن دېگەندەك تەنقىد بېرىشنى كۆتىنى كولىغانلىق دەپ ، بىزدىكى بۇ ‹‹ چوڭ ئەيىپ›› نى يەنە كۆتۈرۈپ چىقتى.مىللەت تۇرۇۋاتقان تارىخىي شارائىت بەزىدە بىر قىسىم ئادەملەردىكى مەسلىنى پۈتۈن بىر مىللەتتىكى مەسلىدەك ھالەتتە كۆرسىتىپ قويىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.مىللەتنى بىر توپ دەپ قارىساق مەيلى ئۇ قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولىدۇ.ھەر خىل ئېقىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ.بىزدىمۇ شۇنداق.،لېكسىيە ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمىيىتى بۆلۈنۈپ كەتمىدى. بەلكى ھېچاانداق تەسىرگمۇ ئۇچرىمىدى.ئىتتىپاقسىزلىق تېخىمۇ كۆرۈلمىدى.كىشىلەر يەنىلا ئۆز ئىشىنى قىلىۋاتىدۇ. بەزى يولداشلار ئويلىغاندەك دۈشمەنلىشىپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتمىدى ھەم ئۇنداقمۇ بولمايدۇ.جەمىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر توردا مۇشۇنداق بەس-مۇنازىرىنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.دېمەك ئادەملەر ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش.نەدىمۇ ھەممىلا ئادەم مۇشۇ بەس-مۇنازىرىگە قاراپلا تۇرغان ئىش بولسۇن.بۇ مەسلىنىنى بەك ئاشۇرۇۋەتكەنلىك، ئەمەلىي ئەھۋالنى چۈشەنمىگەنلىك. بۇلارنى ھەرگىزمۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ‹‹باردۇر›› ناملىق شېئىرىنى مىسال قىلىپ، ئىتتىپاقسىزلىق، بىر -بىرنى قوللىماسلىق قاتارلىق گەپلەر بىلەن بىر قاتاردا قويۇدىغان يەردە ئەمەس.ئەگەر بىر لېكسىيەگە پىكىر بەرمەسلىك بىلەنلا ئىتتىپاقلىشىپ كەتكىلى بولىدىغان ئىش بولسا مىللەت ئىچىدىكى ناھايىتى چوڭ مەسىلە بولغان ‹‹ئىتتىپاقلىق››نى ئىشقا ئاشۇرۇش بەك ئاسان بولغان بولاتتى.
ئەمدى تۆتىنچى مەسلىگە كەلسەك يەنىلا شۇنداق دەيمەنكى ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىنى پۈتۈنلەي بولمايدۇ دىيىش خاتا.چۇنكى ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئەجىر-مېھنەت سىڭگەن ئىلمىي ئەمگەك. نۇرغۇن ياخشى گەپلەر بولۇشى ئېنىق.بولمىسا بۇنچە كۆپ ئادەمنى جەلپ قىلالمايدۇ.پىكىر بەرگەنلىك لېكسىيەنى يۈزدە-يۈز ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس،دېگەن گەپلىرىنىڭ ھەممىسىلا بولمايدۇ دېگەنلىكمۇ ئەمەس.بىرسى گەپ قىلسا ھەممىسىلا خاتا بولىدىغان ئىش يوق.
بۇ قېتىم بىزدە بولغان بۇ بەس مۇنازىرىدە ھېچكىم ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىنى يۇزدە-يۈز ئىنكار قىلمىدى،مېنىڭ قارىشىمچە ئەلى قۇربان ئۆزى ئۈگەنگەنلىرىنى تۇرمۇشتا ھېس قىلغانلىرىغا بىرلەشتۇرۇپ ، بىر لېكسىيە تەييارلىدى.بۇنى يوق نەرسىنى ئەمگەك سىڭدۇرۈپ بار قىلدى دەيمىز.بۇمۇ بىر ئېغىز قۇرۇق گەپ قىلىش بىلەن پۈتۈدىغان ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.ئۇنى ئاڭلىغۇچىلارغا قىزىقارلىق يەتكۈزۈپ بېرىشمۇ بىر ماھارەت . بۇ نۇقتىدىن ئۇنىڭغا ئىجابىي باھا بېرىمىز.ئۇنىڭ قانچىلىك ئىلمىي قىممىتى بار دېگەن مەسىلە ئىككىنچى مەسىلە.يەنى ئۇنى ئاڭلىغاندىن ئاندىن ئايدىڭلىشىدىغان مەسىلە.تەنقىدلەر ئاساسەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ
ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئۆزىگە خاس بولغان لېكسىيە ئۇسلۇبىنى ياراتتى.بۇ مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا. بىز ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا بىزنىڭ بۇرۇنقى كونا ئوقۇتقۇچىلاردا ھەممىسنىڭ ئۆزىگە خاس دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبى بولاتتى.ھازىر تۈرلۈك تەلەپلەر ،ئۆلۈكراق بولغان باھالاش ئۇسۇللىرى ئوقۇتقۇچىلارنىك خاس بولغان دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبىنى بەك بىر خىللاستۇرۇۋەتتى.بۇ ئوقۇغىچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا ،دىققىىتىنى يىغىشقا پايدىسىز.ئوقۇتقتۇچىنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى ئوقۇغۇچىلارغا پەننىي بىلىملەرنى يەتكۈزۈش، تەربىيە بېرىش ئارقىلىق ئادىمىيلىك ئەخلاقىنى يېتىلدۇرۇشتۇر.شۇڭا ئادەتتە مائارىپ سىىياسەتلىرى قانچىلىك ئۆزگەرسۇن،ئادەم قانچىلىك ئالماشسۇن، ئۇنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بولغان تەسىرى ئاساسەن بولمايدۇ.شۇڭا دەرس ئۆتۈشتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىگە خاس سۆزلەش مېتودى بولغىنى ياخشى.بۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاشتا رولى خېلىلا چوڭ. مېنىڭ بۇ يەردە بۇ گەپلەرنى قىستۇرۇشۇمدىكى مەقسىدىم ئەلى قۇربانمۇ لېكسىيە سۆزلەشتە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتتى.بۇ باشقىلارنىڭ ئۈگىنىشىگە ،بىزنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.بىرلا پىكىرگە نىسبەتەن قوللاش ۋە قارشى تۇرۇش مەسلىسى بار،لېكسىيەدە بۇنداق دىيىش ئورۇنلۇق بولماي قالىدۇ.چۈنكى لېكسىيەدە شۇنچىۋالا كۆپ گەپلەر، قاراشلار بار تۇرسا قانداقمۇ ئۇنى ئاددىلا قارشى تۇرۇرش ،قوللاش ئىبارىسى بىلەن ياكى ئۇنداق،ياكى مۇنداق دېگىلى بولسۇن!دېمەك مەن لېكسىيەدىكى بارلىق توغرا قاراش ۋە ئىدىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈمەن.ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئۆزى يارىتىدۇ، باشقىلارنىڭ پىكرى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يارىتىشتىكى ھەل قىلغاچ ئامىل ئەمەس
ئەمدى بەشىنچى مەسىلىگە كېلەي. ئەلى قۇربان يېڭىلەمدۇ-يېڭىلمەمدۇ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئازراق توختۇلاي:بۇ ئىنتايىن كۈلكىلىك بىر سۆز ، مۇلاھىزە قلىشقا ئەرزىمەيتتى. ئەمما مەن يەنىلا ماقالامدىن ئازراق ئورۇن بېرىمەن.
مۇنازىرە بولغاندىكىن قوللاش ۋە رەددىيە بېرىش بولىدۇ، ئەمما يېڭىش -يېڭىلىش مەسىلىسى مەۋجۇد ئەمەس.يېڭىش -يېڭىلىش دېگەن مۇسابىقەدە،سوقۇشتا ياكى سايلامدا بولۇدىغان سۆز. ئۇنىڭدا كەڭ مەيدان بولىدۇ، ئىككى ئادەم،ئىككى تەرەپ ياكى كوماندا بولىدۇ.رېفىر بولىدۇ.ئىككى تەرەپ ئېلىشىپ ،ئەمەلىي كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر تەرپ يەنە بىر تەرەپنى ئۇتۇپ چىقىدۇ.سايلامدا بولسا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ ، غەلىبە قىلغان بولىدۇ.ئىلمىي مۇنازىرىدە ئادەملەر قارىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقىدۇ.مۇنازىرە ئارقىلىق ھەقىقەت تېپىپ چىقىلىدۇ،ئىشنىڭ ئاق -قارىسى ئايدڭلىشىدۇ.بۇ ئىككىسى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.شۇڭا بۇنداق بىر ئىبارىنى ئىشلىتىپ ، سۆز قىلىشقا نىمە دىيىش كېرەك؟ئەمەلىيەتتە پۇتۈن ئىشنىڭ جەريانى ئەلى قۇربان لېكسىيە سۆزلدى،زۋىدە كېرىم ۋە ئۇمۇن دېگەن كىشىلەر ئۇنىڭ لېكسىيەسىدىكى خاتالىقنى كۆرسىتىپ، ماقالا يازدى.كۆپرەك كۆرسىتىپ بەرگىنى ئۇمۇن بولدى.يېڭىش -يېڭىلىش سۆزى بىلەن بۇ ئىشنى چۈشەندۇرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ.مۇنازىرە قىلىپ ئېلىشتى،تۇتۇشتى دېگىلىمۇ بولمايدۇ.چۈنكى ئەلى قۇربان مىسرانىمدا مېھمان بولۇپ ئازراق گەپ قىلغاندىن باشقا بۇ توغرۇلۇق ھېچنىمە يازمىدى.بۇلاردا بىر -بىرىگە قارىتىپ ،ماقالا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشىدىغان، رەددىيە بېرىشىدىغان ئىشمۇ كۆرۈلمىدى.پۈتۈن مۇنازىرە ئاساسەن لېكسىيە ھەققىدىلا بولدى.شۇڭا بۇ بەس مۇنازىرىدە يېڭىش -يېڭىلىش مەسىلىسى مەۋجۇد ئەمەس.
ئەڭ ئاخىرىدا ئالتىنچى مەسىلە توغرىسىدا قىسقىچە توىتىلاي:
تەنقىد بەرگەن يولداشلارنىڭ مەقسىدى زادى نام چىقىرىشمىدۇ؟ئەسلىدە ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ دەپ بۇ خىل گەپ ساتقانلارغا گەپ قىلمىساق توغرا بولاتتى.چۈنكى 36 تەدبىردە مۇشۇنداق تاكتىكا بار ئەمەسمۇ؟!تەنقىد بىر ئەسەرنى ئوقۇپ،ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ، تەپككۇر قىلىپ،سېلىشتۇرۇپ، ئاندىن يەكۇن چىقىرىدىغان ،يازىدىغان، گەپ قىلىدىغان بىر ئىلمىي ئىش.تەنقىد بەرگەن يولداشلار نام چىقىرىشنى ئويلاشقان بولسا مېنىڭچە ئۇلارغا سەھنە تېخىمۇ كەڭ.ئۇلار شۇ لېكسىيە ھەققىدە ئىزلىنىپ،تەنقىد يازغان ۋاقىتنىڭ ئورنىغا جەمىيەتتىكى باشقا قىزىق نۇقتىلار توغرىسدا ۋە باشقا نادىر تېمىلار ئۈستىدە قەلەم تەۋرتىتىپ ،ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىپادىلىسىمۇ تامامەن نام چىقىرالايدۇ.بۇ ناھايىتى ئېنىقكى دىيىشكە ەەپ تېپىلمىغاندا دىيىلگەن سۆزلەردىن ئىبارەت.شۇڭا مەن مۇشۇنداق سۆزلەرنى دېگەن كىشىلەرنىڭ بۇندىن كېيىن سەل مەنىلىكراق گەپ قىلىشى ئۈچۈن جەمىيەتنى ئازراق كۈزىتىپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن،شۇنداق بولغاندا ئۇلارغا گەپ قىلىدىغانغا ئازراق تېما تېپىلىدۇ.
شۇڭا مەن مۇشۇنداق سۆزلەرنى دېگەن كىشىلەرنىڭ بۇندىن كېيىن سەل مەنىلىكراق گەپ قىلىشى ئۈچۈن جەمىيەتنى ئازراق كۈزىتىپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن،شۇنداق بولغاندا ئۇلارغا گەپ قىلىدىغانغا ئازراق تېما تېپىلىدۇ.
( ئەڭ ئاخىرقى يەتتىنچى مەسىلەگە كەلسەك ‹‹تەنقىدنى غەيۋەت دەپ چۈشىنىشمۇ بۇ قېتىم خېلى كۆپ ئوتتۇرىغا چۈشكەن سۆز بولدى.بىرنىمە دېمەي ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.غەيۋەت دېگىنىمىز بىرسى يوق يەردە باشقىلارغا ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ بېرىش دېگەنلىك بولىدۇ. تەنقىدنى بۇنىڭغا ئۇخشىتىش تەنقىدنىڭ مەقسىدىنى پۈتۈنلەي بۇرمىلىۋەتكەنلىك بولىدۇ.چۈنكى بۇ قېتىم تەنقىدنىڭ ئوبىكتى ناھايىتى ئېنىق.ئۇ بولسىمۇ ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىدىكى ئىلمىي خاتالىقلاردۇر.ھەرگىزمۇ ئەلى قۇرباننىڭ ئۆزى ئەمەس.ئۇندىن باشقا تەنقىد يوشۇرۇن،ئەلى قۇربان يوق يەردە بولماستىن ناھايىتى ئاشكارا بولدى.چۈنكى تەنقىد يازغانلار تەنقىدنى ئەلى قۇربانغا يازدى، ئۇنى كۆرسۇن دەپ يازدى .ھەرگىز باشقىلارغا ، ياكى ئۇنى قوللايدىغانلارغا يازمىدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىگە تەنقىد بېرىلسە ، نىمىشقىكىن بىر قىسىم ئىنكاسچىلارنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تېگىپ كەتتى. بۇنىڭدىن بىز بۇلاردىكى ئىلمىيلىكنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلىپ ئالالايمىز.سىلەرچە ئەلى قۇرباننى ماختاپلا گەپ قىلىش كېرەكمۇ؟شۇ چاغدا يەنە يەنە گېپىڭلار چىقىدىغۇ دەيمەن. شۇڭا بۇنداقلارغا يەنىمۇ كەڭ چۇشەنچە بېرىش ئارتۇقچە.ئەلى قۇرباننىڭ قېشىغا بېرىپ دېسەڭلار بولمامدۇ دېگەن نەسىھىتىڭلارمۇ ئوشۇقچە گەپ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ئاستۈن-ئۈستۈن قىلىشقا ئۇرۇنغانلىق. بىر ئېغىز جاۋابىم شۇكى بۇنداق قىلىشقا تەنقىد يازغانلارنىڭ ۋاقتى يوق.دۇنيا ئاشۇنداق قىلىشتىن تەرەققى قىلىپ ،ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن.)
دۇنيادا سوۋۇمايدىغان چاي يوق،پىيالىگە قۇيۇلغان قىزىق چاي مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ھامان سوۋۇيدۇ.مەن ئەمدى توردىكى بۇ بەس مۇنازىرەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ،چاينىڭ سوغۇپ ،ئىلمان بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمدى بېسىقىشقا يۈزلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.
بىزدە ‹‹نامى چىقمىغان ئادەمدىن نامى چىققان دۆڭ ياخشى ›› دېگەن سۆز بار.قىسقىسى ئەلى قۇربان بۇ قېتىمقى بەس-مۇنازىرە ئارقىلىق خېلىلا نام چىقىرىۋالدى.ئۇنى بىلىدىغان كىشىلەر بۇرۇنقىدىن خېلىلا كۆپىيىپ قالدى .شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن ‹‹ئىستىقبال سەھنىسى›› پروگىراممىسىغا،زىۋىدە كېرىمگە ،ئۇمۇن ئەپەندىگە رەخمەت ئېيتسا بولىدۇ.بەزىلەر سىزگىچۇ دەپ سورىشى مۈمكىن،ماڭىمۇ رەخمەت ئېيتسا بولىدۇ،ئەمما ئۇ قۇرۇق رەخمەت بولغاندىكىن بەرىبىر،ئېيتسىمۇ-ئېيتمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ،بۇ ماقالامنى ئوقۇپ چىققان يولداشلارغا سەمىمى رەخمەت ئېيتىمەن.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بىڭتۇەن سانائەت سودا مەكتىپىدە يىغىنغا قاتناشقاچ يېزىلىدى،17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەدەبىي ۋە ئىملا تەرەپتىن تۈزىتىلدى. |
|