ئىلمى ساھەگەيامرىغان چىرىگلىك
چىرىكلىك جەميەت ئورگانىزىمنىڭ چىرىپ سۈپتى ئۆزگەرگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ .يەنى خەلق ھاۋالە قىلغان ئاممىۋى ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىپ ،ئوز نەپسگە چوغ تارتىش ھەركىتىنى كورسۇتىدۇ .ئۇنىڭ ماھىيىتى ئىجىدىمائى ئەخلاق ۋە ھەركەت نىزامنىڭ چىكىنىشى ۋە بۇزۇلۇشى بولۇپ، ئۇنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار ئۇنىڭ سوبېكتى،مۇددىىاسى, ۋاستىسى، ئۇسۇل شەكلى،ۋەنەتىجىسى قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئىپادىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،جەمىيەتنىڭ سىياسى، ئىقتىساد ،پارتىيە- ھۆكۇمەت ئورگانلىرى،ئىلىم-پەن،مائارىپ ،ئاخپارات-نەشىريات،مەمۇرى ،قانۇننى ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى،ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىدە ئۆزئىپادىسنى تاپىدۇ. بۇيەردە تىلغا ئالدىغىنىمىز ئىلمى ساھەدىكى چىرىكلىكنىڭ ئىپادىلىرى بولۇپ، نۆۋەتتە ئىلىم ساھەسنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ،پەن–تېخنىكا ،جەمىيەتنى ئىلگىرلىتىشتە زور سەلبى تەسىر لەرنى كۆرسۈتىپ ،توسالغۇلارنى پەيدا قىلماقتا. . 1. تۆۋەن سەۋىيەنىڭ ئۈزلۇكىسز تەكرارلىنىشى . بۇنىڭدا ئالى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتىرىياللىرى ،تەكلارلاش ماتىرىياللىرى،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكەپنىڭ تەكرارلاش ماتىرياللىرى ئەڭ گەۋدىلىك .1998-يىللىق سىتاتىكىغا ئاساسلانغاندا ،ئىلىمىزنىڭ ھەرخىل نەشىرىياتلىرىدا نەشىر قىلنغان ھەرخىل نۇسىخىدىكى«ماركىزىملىق پەلسەپە » دەرسلىكىدىن300خىلى نەشىر قىلنغان بولۇپ بۇ دەرسلكنىڭ %95تى جوڭگۇ خەلىق ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى لى شىيۇلننىڭ باش تەھرىر لىكىدە تۈزۈلگەن «دىيالىتىك ماتىرىيالىزىم ۋەتارىخى ماتىرىيالىزىم ئاساسلىرى»دىن ئۆزگەرتىلگەن، تەڭشەلگەن نۇسقىسىدۇر. بۇندىن باشقا «سىياسى ئىقتىساد» ،«شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى »،«ماركىزىملىق مىللەت نەزەريىسى»قاتارلىق دەرسلىكلەر ۋە ئۆزلۈگىدن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ھەرخىل تەكلارلاش ماتىرىياللارمۇ مۇشۇ جۈملىگە كىرىدۇ . پەقەت باپ پاراگىرافلىرى تەڭشەپ قويۇلغان. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەكرارلاش ماتىرياللىرى تېخىمۇ شۇنداق. 2.ساختىلىق قىلىپ ،ئىلمى ئەسەر يارىتىش. باشقىلارنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرنى ئوغۇرلاش ۋەكۆچۈرۈش ئالى مەكتەپلەردىكى بىر قىسم ئوقۇتقۇچىلار،كەسپى تەتقىقات ئورۇنلىردىكى خادىملار ئالى ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەت ئىزدەپ،پۇل خەجلەپ ئۆزلىرنىڭ كەسپى قابىليىتى ،بىلىم قۇرۇلمىسغا زىت ئەسەر- ماقاللارنى ئېلان قىلپ ،ئالى دەرىجىلىك ئونۋانلارغا نائىل بولماقتا.ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تور بېكەتلىرمۇ ناھايىتى كۆپ . ئىككى جۇملە ئۇيغۇرچە قازاقچەبىلمەيدىغانلار ئۇيغۇر، قازاق تىلى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كىتاپ، ماقالىلەرنى يازغانلارچۇ تىخى؟!. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «كۆپ ھوسۇل ئىلىىۋاتقان »لارمۇ كوپ. بەزى ياش ،ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسىسلەر ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئېچىدە نەچچىلىگەن كىتاپ 100پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان .تەكشۈرۈشلەردىن مەلۈم بولىشچە بۇلارنىڭ كۆپى باشقىلارنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرىدىن ئوغۇرلانغان بولۇپ .كۆپ قىسمى ئىلمى ئەخلەتلەردۇر.نەشىرياتلارغا پۇل بولسا بىسىۋىرىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئاللىقاچان ئىلمى ساھەدىكى زۇرئاپەتكە ئايلاندى .بۇنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ ،يامىراپ تىزگىنلىمەك تەس بولۇپ قالدى .بۇخىل ئەخۋال باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىردىن ئالى مەكتەپنىڭ پىراففىسۇرلىرىغىچەبىرىپ چىتىلىدۇ.بۇيەردىكى ماھىيەتلىك مەسىلە تۈزۇلمە ۋەكىشلەرنىڭ ئار- نۇمۇسنى تاشلىشىدىن ئىبارەت.بۇخىل ئەخۋال تەبىئى پەنلەردە سەل ياخشىراق ،ئەمما ئىجىدىمائى پەنلەردە بىر قەدەر ئېغىر. 3.«يۇقۇرى ئوقۇش تارىخى »چىرىكلىگى . بەزى تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، ئوقۇتقۇچىلار ھەرخىل يوللار بىلەن نوختىلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ «ماگستىرئاسپىرانىت، دوكتۇرلىرى ئاسپىرانىت»بولۇپ يىتىشىپ چىقتى .ئۇلار بۇ يۇقۇرى ئوقۇش تارىخنىڭ مۇھىم ھالقىلىق باھالاشلىرنىڭ بىرىگىمۇ قاتناشمىغان . ئۇلار ئۇ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەت ئىزدەپ، يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنى قولغا كەلتۇرىدۇ. 4.ئىلمى ئۇنۋان باھالاش ھالقىلىردىكى چىرىكلىك ئالى ،ئوتتۇرا دەرىجلىك مەكتەپلەر،كەسپى ۋەتەتقىقات ئورۇنلىردىكى خادىملارنىڭ ئىلمى ئۇنۋان ئېلىشىدا تۈۋەندىكىدەك ساختىلقلارساقلانماقتا.بۇنىڭ بىرى ،ئۇنۋان ئىلىشتىكى تىل ئىمتىھانىدىكى ساختىلىق .ئۇن جۈملەئېنگلىس تىلى ئۇخمايدىغان پىراففىسۇر،دوتسىنتلار كۆپىيىپ كەتتى .يەنەبىرى ،ئۇنۋان باھالاش .جەريانىدا شۇخىل ئىلمى ئۇنۋانغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەسەر- ماقاللار«يۇقۇرى باھا»لارغا ئىرىشىپ ،ئۆتكەلدىن ئۆتمەكتە .ئاخىردا يەنە بىرى ،ئالى ئۇنۋان ئېلىش دېسىسرتاتسىيىسىدىن كۆپلىگەن «دوتسىنىت »«پىراففىسۇر»لار «مۇدىر ۋىراج»لارمۇتۇسالغۇسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىچىدە ساختا «ئاسپىرانت »«دوكتور»لار كوپىيىپ كەتتى. 5.ئۆزلۈگىدىن ئۆگۈنۇپ،ئىشتىن سىرتقى ئۆگۈنۇپ دىپلۇم ئېلىشتىكى چىركلىك . رايۇنىمىزدا بۇخىل ئالى مائارىپ شەكلى يۇلغاقۇيۇلغاندىن بىرى ،تولۇق كۇرۇس پۈتتۈردىغانلاردىن ئىلمى ماقالا يىزىپ،دىسىسرتاتسىيە ياقلاش تەلەپ قىلنغاندىن كېيىن «ماقالا زاكاس قىلىش »،«ماقالايېزىپ بىرىش »ئىشلىرى جانلىنىپ كەتتى .بىر قىسىم ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بۇبازارغا كىرىپ خىلى كۆپ نەپكە ئېرىشتى.شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان لاياقەتسىز تولۇق كۇرۇسسىتودىنىتلىرى مەيدانغا كەلدى . 6.ئىلمى ئەسەر ،ماقالىلارنى باھالاپ مۇكاپاتلاشتىكى چىركلىك . بەزى ئورۇنلاردا ئىلمى .ئەسەر- ماقالىلارنى،ئىلمى تېخنىكىلىق نەتىجىلەرنى باھالاش باشلانغاندا ،بىر قىسم كىشلەر پۇل خەجلەپ ھەرخىل شەرەپلەرگە ئىرىشپ ئۇنى،ئۇنۋان ياكى يۇقۇرغا ئۆرلەشنىڭ دەستىكى قىلماقتا . نەشىريات ،گېزىت – جورنال نەشىرىيات ئورۇنلىرى ئەسەرنى «بىسىش ھەققى »تۈزۇمنى يۇلغا قۇيغاندىن كېيىن «ئەخلەت» ئەسەرلەر يامىراپ كەتتى .يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئۇنۋان باھالاشتا ماقالا تەلىۋى ئوتتۇرغا قويۇلغاچقا بەزى سودا گېزىتلىرى ،ھەتتاپارتىيە گېزىتلىرىمۇ ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە قارىماي ،200- 300يۇەن ھەق ئالغان .بەزىلىرىنى مۇھەرىرلەر قۇراشتۇرۇپ يىزىپ بىرىپ «قوش ھەق » ئالغان ئەھۋاللارنى دائىم ئۇچىرتىپ تۇرىمىز.بەزى گېزىتخانىلارنىڭ بۇنداق مۇھەررىرلىرى ئۇقۇ-ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ ئۇنۋېرسال «مۇتەخەسسسلىرى» بولۇپ قالماقتا. ئادەتتىكى ژورناللارنىڭ بېسىپ بېرىش ھەققى 700يۇەندىن1200يۇەنگىچە،ئاتالمىش«يادرولۇق» ژورناللارنىڭ 3000يۇەندىن 10000يۇەنگىچە بولماقتا.بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن«دوتسىنىت »«پىراففىسۇر»لار «مۇدىر ۋىراج»لار كوپىيىپ كەتمەكتە. 8.بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىكى «مايسىنى تارتىپ ئۆستۇرۇش» ئۇسۇلىمۇ ئىلمى ساھەدىكى چىرىكلىكلەرنىمۇ تىزلەشتۇرىۋەتتى. بەزى ئالىي مەكتەپلەر ئوخشىمىغان ئۇنۋاندىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بىر يىلدا مۇنچە پارچە ماقالە ئىلان قىلىش كۆرسەتكۇچى چۈشۈرۈپ بۇنى ئۇلارنىڭ ئۇنۋان، مۇكاپات، دەرىس ئۆتۇش ھەققى قاتارلىقلارغا باغلىۋالغانلىقتىن ئوقۇتۇشقا، ئادەم تەربىيەلەشكە سەل قاراپ «كۆرسەتكۇچ» نى ئورۇنلاشقا كىرىشىدۇ.بۇنىڭ بىلەن كۆچۇرمىچىلىك، پۇلغا زورلاش ئەۋىج ئىلىپ كەتتى. ھەتتابەزىللىرى ئابرويلۇق ئاپتۇرلارنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىككىنجى ئاپتۇرلۇق ئىسمىنى قوشۇۋالىدۇ. مۇناسىۋەت ئارقىلىق دۆلەت، ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىللىرىغا ئىگە بولىدۇ. يۇقۇرقى ھادىسلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدەسەۋەپلەر كۆپ بولسىمۇ ،ئەمما ماھىيەتلىك سەۋەپ تۈزۇلمە ۋە ئونىڭغا ماسلىشىپ كەلگەن باھالاش، نازارەت قىلىشتەك يورۇشۇش مىخاينىزىمىڭ كەم ياكى يوق بولۇشىدىن ئىبارەت .بۇ خىل ھادىسىلەر نۈۋەتتە ئېلىم-پەننىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. يېغىپ ئىيىتقاندا، ئېلىمگە، مائارىپقا ساختىلىققىلغان مىللەت ۋە ئەل زاۋاللىققا يۇزلىنىدۇ. |