ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2014-يىلىدا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى ئىش نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى بولدى. ئامېرىكا شەرقى قىسىم ۋاقتى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە، نىيويورك بازىرىدا يىنىك خام نېفىتنىڭ 2015-يىلى 2-ئايلىق قەرەللىك مال باھاسىنىڭ ھەر تۇڭى 53.11 دوللار بولۇپ، يېرىم يىل ئىچىدە 48% چۈشۈپ كەتتى. ئەكىسچە 2014-يىلى يىل بېشىدا، ئاز بولمىغان تەتقىقات ئورۇنلىرى 2014-يىلى نېفىت باھاسىنىڭ 100 دوللار ئەتىراپىدا بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان، «2014-يىللىق خەلقئارا خام نېفىت باھاسى ئانالىزى ۋە يۈزلىنىش پەرزى» ناملىق ماقالىدە 2014-يىللىق يىنىك خام نېفىتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 95 دوللار بولىدۇ دەپ قارالغان. كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەر نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى: بۇ ئامېرىكىنىڭ سۈيقەستى دەپ چۈشەندۈرگەن.
بىز تارىختىكى نېفىت باھاسىغا نەزەر سېلىپ باقايلى. 1948-يىلى ھەر تۇڭى 2.5 دوللار، 1957-يىلى ھەر تۇڭى 3 دوللار بولۇپ، باھا نىسبەتەن مۇقىم بولغان. 1958-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە، نېفىت باھاسى ئاساسەن ئۈچ دوللار ئەتىراپىدا ساقلانغان، پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن، بۇ مەزگىلدىكى باھا چۈشۈش يۈزلىنىشىدە بولغان.
1973-يىلى 10-ئايدا «گۇناھىنى يۇيۇش كۈنى ئۇرۇشى» پارتىلاپ، ئەرەب دۆلەتلىرى نېفىت ئېكىسپورتىنى چەكلەش ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش سىياسىتى يولغا قويۇپ باھانىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1974-يىلى يىل ئاخىرىدا ھەر تۇڭ نېفىت باھاسى 12 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن، ئېكىسپورتنى چەكلەشتىن ئىلگىرىكى باھا 3.5 دوللار بولغان، بىر يىلدا 243% ئۆسكەن.
1974-يىلدىن 1978-يىلىغىچە، ئوپېك دۆلەتلىرى نېفىت ئىشلەپچىقىرش مىقدارىنى ھەركۈنلىكى 30 مىلىيون تۇڭ مۇقۇملاشتۇرغان، ئوپېكقا ئەزا ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ھەر كۈنلىكى 25 مىلىيون تۇڭدىن ھەر كۈنلىكى 31 مىلىيون تۇڭغا كۆپەيگەن، باھا ئاستا ئاستا ئۆسۈپ، 1978-يىلى 14.57 دوللارغا يەتكەن.
ئىران « ئىسلام ئىنقىلابى» پارتىلىغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىگەن، بەزى ۋاقىتتا ھەتتا ئۈزۈل كېسىل توختاپ قالغان. 1980-يىلى9-ئاينىڭ 22-كۈنى «ئىران-ئىراق ئۇرۇشى» پارتىلىدى، شۇ يىلى 11-ئايدا، ئىران ۋە ئىراق ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش كۈندىلىك مىقدارى ئاران 1 مىلىيون تۇڭ بولدى، ئەكىسچە بىر يىل ئىلگىرى 7.5 مىلىيون تۇڭ ئىدى، ئىران-ئىراق ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئازىيىشى نېفىت باھاسىنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 1981-يىلى باھا 35 دوللارغا ئۆستى. 1991 -يىلى «پارس قولتۇقى ئۇرۇشى» باشلانغان ئىككى كۈندە نېفىت باھاسى ئۆستى، ئەمما ئۈچىنچى كۈنىدىن باشلاپ چۈشتى، 1994-يىلى باھا 1973-يىلىدىكى سەۋىيەگە قايتىپ كەلدى، بۇ ئاساسلىقى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقى، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى، بازاردا نېفىتنىڭ مۇقىملىقىغا قارىتا ئىجابىي ئۈمىد تەمىنلىگەنلىكىدىن بولدى.
1997 - 1998-يىلى، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى پارتىلىدى، نېفىت ئېھتىياجى كېمەيدى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئوپېك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇردى، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى تېزلەشتى. سىياسەت سۈپىتىدە، ئوپېك 1998-يىلى 4-ئايدا يەنە تۆت قېتىم نېفىت ئىشلەپچقىرىش مىقدارىنى كېمەيتتى، 1999-يىلى يىل بېشىدا نېفىت باھاسى ئاندىن 25 دوللارغا ئۆستى.
2001-يىلى «9.11 ۋەقەسى» دىن كېيىن ئامېرىكا ئىقتىسادى كاساتلاشتى، نېفىت باھاسى ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ كەتتى، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر چوڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتتى، ئاخىرى 2002-يىلى5-ئايدا نېفىت باھاسى قايتىدىن 25 دوللارغا ئۆستى. بۇندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىساد كۆپۈكى ئاستا-ئاستا پەيدا بولدى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىمسىز بولدى، باھا ئۈزلۈكسىز ئۆستى، 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى باھا 145.29 دوللارلىق تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا ئۆستى.
پۇل مۇئامىلە كىرزىسى پارتىلىغاندىن كېيىن، 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى باھا 30.28 دوللارغا چۈشۈپ، يېرىم يىلدا 77% چۈشتى. 2009-يىلى باھا 35-82 دوللار ئارىسىدا تەۋرەندى. 2010-2013-يىلى باھا ناھايىتى چوڭ تەۋرەندى، 2010-يىلى 5-ئايدا 74 دوللارغا چۈشتى، 2011-يىلى 4-ئايدا يەنە قايتا 114 دوللارغا ئۆستى، 2011-10-ئايدا يەنە 75 دوللارغا چۈشتى، 2012-يىلى2-ئايدا 107 دوللارغا ئۆستى، 2012-يىلى 6-ئايدا 79 دوللارغا چۈشتى، 2013-يىلى 8-ئايدا يەنە قايتا 108 دوللارغا ئۆستى.
يۇقىرىدىكى نېفىتنىڭ تارىختىكى باھا ئۆزگىرىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1973-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل مۇقىمسىز بولدى، ھەتتا بەزى ۋاقىتتا بىر يىل ئىچىدە 243% ئۆستى ۋە يېرىم يىل ئىچىدە 77% چۈشتى، 2014-يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدا 48 % چۈشتى، ئەكىسچە بۇ تارىختىكى ئەڭ چوڭ چۈشۈش ئەمەس.
نېفىت باشقا تاۋار بىلەن ئوخشاش، باھا ئۆسۈپ چۈشۈپ تۇرىدۇ، بۇ بازاردا كۆرگىلى بولمايدىغان قول رول ئوينايدۇ، تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئاشقاندا باھا چۈشىدۇ، تەمىنلەش ئېھتىياجغا يىتىشمىگەندە باھا ئۆسىدۇ. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا نېفىت باھاسىنى ئۇيان-بۇيان قىلىدىغان ئىقتىدارى يوق، ئامېرىكا نېفىت ئېمپورت دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختا نىمە ئۈچۈن كۆپ مەزگىلدە يۇقىرى باھا پەيدا بولدى؟ ئەلۋەتتە، نېفىت قەرەللىك مال بازىرى جانلانغانلىقتىن، نېفىت ئېھتىياجىنىڭ قەرەللىك مال بازىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىشى چوڭ بولدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ رايون ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، ئامېرىكا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ رايون ۋەزىيىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكۈچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن نېفىت باھاسىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. |