‹‹مەن كەچكەن كېچىكلەر›› دېگەن كىتاپقا سىرتتىن كىرىش سۆز ئابدۇۋەلى تۇرسۇن (بىڭتۇەن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى)
‹‹مەن كەچكەن كېچىكلەر›› بىر ياخشى كىتاپ.مەن كىتاپ ئوقۇش يىلىدا بۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقمىغان دوستلارنىڭ ئوقۇپ چىقىشىنى ،ئوقۇپ بولغان دوستلارنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرار ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
كىتاپنىڭ ياخشىلىقى شۇ يەردىكى بۇكىتاپنى 3ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي فرونت ئۇرۇشلىرىغا بىۋاستە قاتناشقان بىر ھەربى يازغان،يەنە كېلىپ بۇ ھەربى بۇ ئىنقىلاپتىكى بىر ئاددىي ئەسكەر بولماستىن بەلكى جەنۇبىي شىنجاڭ پارتىزانلار ئەترىدىنىڭ قوماندانى ، مىللىي قەھرىمان سوپاخۇن پولكوۋنىكتۇر.بۇ كىتاپتا 3ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى جەنۇبىي سەپ قوشۇنىنىنىك ئۇرۇشلىرى چىنلىق بىلەن يېزىلغان، سوپاخۇن پولكوۋنىكنىڭ ئۆزى بىۋاستە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى بولۇپ، توقۇلما پېرسۇناج يوق،تارىخىي پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئەسەر. بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقىنى كىتاپنى نەشىرگە تەييارلىغان ئابدۇلئەزىز ئىسمائىل ئاكىنىڭ ‹‹ مەن بۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە چوڭ كىتاپتىن بىرنى يېزىپ چىقىشىم تامامەن مۈمكىن ئىدى،ئەمما بۇنى سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىنى نەشرگە تەييارلاشتىن ئىبارەت بۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىش بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى.››دېگەن سۆزى ئىسپاتلايدۇ.
سوپاخۇن ئەسلى گومىنداڭ قوشۇنىدىكى بىر لىيەنجاڭ بولۇپ ، 3ۋىلايەت ئىنقلابى پارتلىغاندا قوزغىىلاڭ كۆتۇرۈپ،مەخپى قېچىپ، ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان.كىتاپنىڭ 1-بابىدىن 4-بابىغىچە بولغان قىسمى ئاساسەن ئۆزى ئاڭلىغان ۋە بىلگەنلىرى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ،ئۆزى بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەن ئىشلار ئەمەس.5-بابىدىن باشلاپ ، ئۆزىىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى،گومىنداڭ قوشۇنى ئىچىدە تۇرغانچاغدا ئۆزى قاتناشقان ئۇرۇشلار قاتارلىقلار تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان.8-بابىدىن باشلاپ 12-بابىغىچە بولغان قىسمى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ، مايتاغدىن بورتالا ئارقىلىق غۇلجىغا بېرىش جەريانى ، جەنۇبقا ئاتلىنىشى ،جەنۇبىي فرونتنىڭ ئاقسۇدا قىلغان ئۇرۇشلىرى بولۇپ،كىتاپنىڭ ئەڭ يارقىن تۇقتىسىمۇ دەل مۇشۇ بۆلىكىدۇر.سوپاخۇننىىڭ قاتناشقان ئۇرۇشلىرى بەك كۆپ بولۇپ، شەرقىي شىنجاڭدا قۇمۇلدىن مورى ،گۇچىڭ،جىمىسارغىچە ؛غەرپتە مايتاغدىن بورتالا، غۇلجاغىچە؛ئوتتۇرىدا ئۇرۇمچىدىن ئالتايغىچە ؛جەنۇپتا ئاقسۇدىن كورلا ،چەرچەنگىچە ئاياق ئىزى تەگمىگەن يەر قالمىغان . بۇ يەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە نۇرغۇن جەڭلەرگە بىۋاستە قاتناشقان.
مەن بۇلارنىڭ مايتاغدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، غۇلجىغا بېرىش جەريانىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىنى ، گومىنداڭ قۇشۇنلىرىنىڭ قوغلاپ يوقىتىشلىرىدىن بۆسۈپ چىقىش جەريانىدىكى مۇشكۇلاتلىرىنى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر قىلغاندا دۇشمەن قوشۇنىنىڭ قورشاپ يوقۇتۇش ،توسۇش ،قوغلاپ زەربە بېرىش جەريانىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىغا ئوخشاتتىم. غۇجىدىن چىقىپ ،مۇز داۋاندىن ئېشىپ ،ئاقسۇغا چۇشۈش جەريانىدىكى ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىش روھىنى قىزىل ئارمىيەنىڭ قارلىق چوققىلاردىن ئۆتكەن چاغدىكى جاسارىتىگە ئوخشاتتىم.
3ۋىلايەت ئىنقىلابى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئالەمشۇمۇل ۋەقە. بۇدەۋر ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ30000 كىشىلىك مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسى بولغان دەۋردۇر.بۇنداق مۇنتىزىم ئارمىيە ئۇنىڭدىن بۇرۇن بولمىغان،بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.(ئەسلى ئۇيغۇرنىڭ دېمەي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتنىڭ دېسەك توغرا بوللاتتى،ئەمما قازاق ،قىزغىز قاتارلىق مىلللەتلەرنىڭ ئايرىم دۆلىتى بولغان قازاقىستان،قىزغىزىستانلاردا چوقۇم ئۆزنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسى باردۇر دەپ ئويلايمەن).
.1945-يىلى 4-ئايدا مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇپ ، شەرق،شىمال ۋە جەنۇپتىن ئىبارەت 3سەپ بويىچە ئۇرۇش قىلىش لاھىيەسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ.بۇ 3سەپ ئىچىدە ئالتاينى ئاساسەن ئوسمان مۇستەقىل ھالدا ئۇرۇش قىلىپ ، گومىنداڭنىڭ قولىىدن ئازات قىلغان. ئەڭ قاتتىق بولغان ئۇرۇش يەنى گومىنداڭنى قاتتىق ساراسىمگە سالغان ئۇرۇش شەرقىي سەپتىكى ئۇرۇشتۇر.جىڭ ئۇرۇشى ، شىخو ئۇرۇشى دېگەنلەر دەل شۇ شەرقىي سەپتىكى ئۇرۇشلاردۇر.بۇ ئۇرۈشلار نەتىجىسىدە مىللىي ئارمىيە تاكى ماناس دەرياسىغىچە قىستاپ كېلىپ ، ئاخىرىدا سىتالىننىڭ بۇيرۇقى بويىچە شۇ يەردە توىتايدۇ. تاكى 1949-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازات بولغاننغا قەدەر، ماناس دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ، دەريانىڭ غەرپ تەرىپىدە 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايرىقى، شەرق تەرىپىدە گومىنداڭنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلىپ تۇرغان ھالەت ساقلىنىدۇ. سوپاخۇن بولسا 1945-يىلى 7-ئايدا بۇيرۇق بويىچە جەنۇپ پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ قوماندانى بولۇپ ،جەنۇپقا يۈرۈش قىلىدۇ.
3ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى قىلغان ۋاقتى ئاساسەن 1944-يىلى 11-ئايدا ئىنقىلاپ پارتلاپ ،تاكى1945-10-ئايدا 11 ماددىلىق بىتىم ئىمزالانغانغا قەدەر بولغان ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىق بولۇپ، ئىنقىلاپنىڭ شۇندىن كېيىنكى ئىشلىرى ئاساسەن نىمە قىلىشىنى بىلمەي ، تىمىسقىلاپ يۇرگەن جەرياندۇر.1949-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازات بولغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى شىمالدىكى 3 ۋىلايەتنى كونترول قىلىپ ،باشقا ھەربى پائالىيەت ئېىلىپ بارمىغان .30000ئەسكەرنى 12000 ئەتراپىغا چۈشۈرۈپ، تىنچ قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن بولۇپ ، ئاخىرىدا جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭنى تىنچ ئازات قىلىشىغا ماسلاشقان. مەن پۈتكۇل ئىنقىلاپ جەريانىدا قۇربان بولغان جەڭچىلەرنىڭ سانى 3000-4000 غىچە ئادەم بولۇشى مۈمكىن دەپ مۆلچەرلىدىم.
مەن 2000-يىلى يازلىق تەتىلدە‹‹ ئانا يۇرت›› رومانىنى ئوقۇغاندا ئۇنىڭدىكى سوپاخۇن پولكوۋنىكقا ئائىت بايانلاردىن بۇ قەيسەر جەڭچىگە بولغان ھۆرمىتىم ،ئۇنىڭ ھەربى كەچۈرمىشلىرىگە ،ھېس تۇيغۇلىرىغا بولغان ئالاھىدە قىزىقىشىم قوزغالغان ئىدى.شۇندىن بېرى بۇ نۇرغۇن تارىخ ۋە جەڭلەرنىڭ شاھىدى بولغان بۇ پىشقەدەم جەڭچىنى بىر يوقلاپ،ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھەربى كەچۇرمىشلىرى ۋە 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت بەزى ئىشلارنى سوراپ،سۆھبەتلىشىش ئىستىكى كاللامدىن پەقەتلە نېرى كەتمىگەن ئىدى ھەمدە بۇ ئادەم ھازىر چوقۇم ياشىنىپ قالدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىسام چوقۇم ھەسرەتلەنگۈدەك ئىش بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. دېگەندەك تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆزەمنىڭ ئارزۇيۇمنى تېخى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالمىغاندا 2003-يىلى گېزىتتىن بۇ مۆھتىرەم زاتنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئۇقتۇم.شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىنقىلابى كەچۈرمىشلىرىنى بىلىش ،شۇ ئارقىلىق 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدىن،شۇ چاغدىكى مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربى ئىشلىردىن تولۇق ۋە ھەقىقىي رەۋىشتە خەرەردار بولۇش- ئىزچىل ھالدا مېنىڭ ئارزۇيۇم بولۇپ كەلدى.شۇڭا بۇ ئەسلىمە چىققاندىن كېيىن دەرھال سېتىۋېلىپ،ناھايىتى تېزلا ئوقۇپ تۈگەتتىم.بۇ ئەسلىمىنى ئوقۇپ شۇنى ھېس قىلدىمكى بۇ كىتاپ ئەينى چاغدىكى 3ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربى ئىشلىرىنى ،3 ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جەنۇبىي سەپ لىنىيەسىدىكى ئۇرۇش ئەھۋالىنى چىنلىق بىلەن يارقېن ئەكس ئەتتۇرۈپ بەرگەن تارىخىي ئەسەركەن. بۇ كىتاپتىن بىز 3 ۋىلايەت ئىقىلابىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇ چاغدىكى گومىنداڭ قۇشۇنلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەربى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ھەققىدىمۇ ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدىكەنمىز.
سىياسى سۆھبەت ئۈستىلىدىكى جەڭ ، ئۇنىڭدا ياكى سەن ياكى مەنلا تۇرۇش مەسىلىسى بار ،3-خىل ئەھۋال مەۋجۇت بولمايدۇ.ئۇرۇش بولسا سىياسىنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.ماۋزېدوڭ ‹‹ خەلقنىڭ ئارمىيەسى بولمىسا خەلقنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ›› دەپ ئئېيتقان. 3 ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسنىڭ جەنۇبىي سەپتىكى ھەركىتى داھىنىڭ بۇ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان.
3ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئاقسۇدىكى ھەركىتى ئۈزۈل-كېسىل بولمىغانلىقى،ئوق چالا تەگكەنلىكى ئۈچۈن ، قوشۇن چېكىنگەندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيە نۇرغۇن تالاپەتلەرگە ئۇچراپ ئاياقلاشقان. مىللى ئارمىيە ئاقسۇغا چۈشكەندە خەلق ئىنتايىن قوللاپ ، نۇرغۇن ئادەم ئەسكەر بولغان ياكى ئەسكەر بولۇشقا تىزىمغا ئالدۇرغان، بەزىلىرى مىللىي ئارمىيە ئىچىدە ئىشلىگەن ، بەزىلىرى ماددى ياردەم بەرگەن، بەزىلىرى مىللى ئارمىيە ئازات قىلغان باي ۋە ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيەلىرىدە 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەلگە قويۇلۇپ ، مەمۇري ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. مىللىي ئارمىيە چېكىنىپ ، ئىلغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىللە ئىلىغا چىقىپ كېتىش تەلىپى ئورۇنلانمىغان.نەتىجىدە مىللىي ئارمىيە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئاقسۇ خەلقى گومىنداڭنىڭ دەھشەتلىك ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىغان .ئىنقىلاپقا قاتناشقان ،ياردەم بەرگەن ، قوللىغان، ھېسداشلىق قىلغان ئاقسۇ خەلقىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلتۇرۈۋېتىگەن، تۈرمىگە تاشلانغان،ياكى قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ سوراق قىلىنغان. بۇنىڭ ئچىدىكى مەخىسۇتئاخۇن ساتىراش،سالاخۇن ئاشپەز قاتارلىقلار ل.مۇتەللىپ قاتارلىق ئنقىلاپچىلارنىڭ دوستى بولۇپ، بۇتۈپەيلى ئۇلار كۆپ ئازاپلارغا دۇچار بولغان . قىسقىسى 3ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئاقسۇدىكى ھەركىتى
ئاقسۇ خەلقىگە نۇرغۇن ئازاپ ئوقۇبەت ئېلىپ كەلگەن ھەركەت بولۇپ قالغان . مىللىي ئارمىيە ئاقسۇنى ئالغىلى ئاز قالغاندا ، ئەجىلى توشقان گومىنداڭ خۇددى تەيۋەنگە قاچقاندا چوڭچىڭدا تۈرمىدە ياتقان نۇرغۇن ئىنقىلاپچىلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندەك،ئاقسۇدىمۇ ئوت يۇرەك شائىرىمىز ل . مۇتەللىپ ،تەشكىلاتچى مۇنىرىدىن خوجا باشلىق 28 نەپەر مۇنەۋۋەر پەرزەنتىمىزنى پاجىئەلىك ھالدا قەتلى قىلغان.دېمەك ل.مۇتەللىپ قاتارلىق ئنىقىلاپچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىمۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاقسۇغا چۈشۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بۇ گەپنى سوپاخۇن پولكوۋنىكمۇ كېيىن باشقىلارغا ل.مۇتەللىپنىڭ قۇربان بولۇشىغا مىللى ئارمىيەنىڭ ئاقسۇدىكى ھەركىتى سەۋەپچى بولغان دەپ خۇرسىنىش ئىچىدە دەپ بەرگەن. ئاقسۇنىڭ ئېلىنماسلىقى بىلەن ئازات رايونلارنىڭ دائىرىسى پەقەت 3 ۋىلايەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان.ئاقسۇ ئېلىنغان بولسا قەشقەر ۋە خوتەنىنىڭ ئىېلىنىشى ناھايىتى ئاسانلا پۈتكەن بولاتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئازات رايونلارنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، 6-7 ۋىلايەتكە يەتكەن بولاتتى.چۈنكى ئاقسۇ شۇ چاغدا گومىنداڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇسەھكە م قورغىنى بولۇپ ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئاقسۇدا بىر ئاتلىق پولىكى،كۇچادا بىر پىيادا ئەسكەرلەر پولكى بولغان ئىدى.ئاقسۇغا چۈشۈشتىكى مەقسىدىمۇ بۇ قوشۇننىڭ شىمالغا يۆتكىلىپ ،3 ۋىلايەت ئارمىيەسىنىڭ شىخو ئۇرۇشىغا كاشىلا پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.يۇقىرىدىكى ۋەقەلەر ، ئاقسۇدىكى ل.مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاپچىلارنىڭ پائالىيەتلىرى يەنە ‹‹ئاقسۇدا 1945-يىلى ››دېگەن كىتاپتىمۇ تەپسىلى بايان قىلىنغان.
ماڭا بۇ كىتاپنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان يېرى مىللىي ئارمىيە قۇشۇنلىرىنىڭ ئاقسۇنى ئېلىشقا ئاز قالغاندا باش شتاپتىن چېكىنىش بۇيرۇقىنىڭ كېلىپ، 3 ۋىلايت مىللىي ئارمىيە قۇشۇنىنىڭ چېكىنىشى ،ھەربىلىرىمىز ئۇچرىغان تالاپەتلەر ۋە خەلقىمىزنىڭ بۇ ئىش تۈپەيلى تارتقان ئازاپ -ئوقۇبەت ۋە زىيانلىرى بولدى. كىتاپتىن بىز يەنە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى ،بۇگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنىىڭ قەدرىگە يېتىشىمىز لازىملىقىنى بىلىۋالالىمىز.
ئۇندىن باشقا كىتاپتا يەنە سوپاخۇن پولكوۋنىك ئۆزىىنىڭ ئەينى چاغدىكى سەپداشلىرى تۇغرىلىقمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلارنى ۋە ئۇچۇرلارنى بەرگەن.ئۆتكۇر ئەپەندىنىڭ ‹‹ئويغانغان زېمىن ›› رومانىدىمۇ مۇشۇ ئالاھىدىلىك بار ئىدى.
. كىتاپتا يەنە 11 ماددىلىق بىتىمدىن كېيىن مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىش جەريانى بايان قىلىنغان.بۇ قىسقىسى تارىخىي قىممىتى،ئىلمىي قىممىتى ،بەدىئى قىممىتى بولغان ياخشى كىتاپتۇر.
ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ بولغىنىغا توپ -توغرا 70 يىل بولدى.شۇ ئىنقىلاپقا قاتناشقان ئىنىلاپچىلىرىمىزدىنمۇ ساناقلىقلا ئادەم قالدى. بولسا شۇلارمۇ ئۆزىنىڭ قېپقالغان بۇ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ،ئۆزى بىلگەنلىكى ئىشلارنى يېزىپ،ياكى ئۆزى ئېيتىپ بېرىپ باشقىلارغا يازدۇرۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەسلىمە يېزىپ قويسا بەك ياخشى ئىش بولاتتى.چۈنكى بۇنداق يېزىپ قويۇش ئەينى چاغدا ياكى ئۇنىڭدىن سەل كېيىن بولغان دەۋردە ،شۇ ئىنقىلاپچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھايات بولغان چاغدا ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەستەك تۇرغان بىلەن مەلۇم دەۋردىن كېيىن ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا 3ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇكەممەل ،تولۇق ،توغرا بولغان، تېخىمۇ تەپسىلى بولغان تارىخىنى يېزىشقىمۇ كۆپ پايدىسى بولاتتى
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى كىتاپنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى تەسىراتم ئاساسىدا تولۇقلاپ يېزىلدى.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ. |