نىيەت بار يەردە، ئامالمۇ بار
بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى
بۇ يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن مېدىيە تاراتقۇلىرى تومى كالدۋېل (Tommy Caldwell) بىلەن كېۋىن جورگىسان (Kewin Jorgenson) ئىسىملىك ئىككى ياشنىڭ بىر كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر تاغقا غەلىبىلىك چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى [1]. نېمە ئۈچۈن بۇ ئىش بۇنچىۋالا چوڭ خەۋەر بولۇپ كېتىدۇ؟ ئۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق: ئامېرىكىدا 10 دەك چوڭ تەبىئىي باغچىلار بار بولۇپ، «يوسېمىتې» (Yosemite National Park) دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەتلىك تەبىئىي باغچا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ باغچا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ شەرقىي-شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ھەر يىلى پۈتۈن دۇنيادىن بۇ يەرنى كۆرۈش ئۈچۈن 3.4 مىليوندىن 4.1 مىليونغىچە بولغان ساندىكى كىشىلەر كېلىدۇ [3]. ھېلىقى ئىككى يىگىت چىققان، ئىنگلىزچە «El Capiton» دەپ ئاتىلىدىغان تاغ مۇشۇ باغچىنىڭ ساياھەت مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ بىر قاتتىق تاشتىن تۈزۈلگەن ناھايىتىمۇ تىك تاغدۇر. تاغنىڭ ئۇلار ياماشقان تەرىپى «تاڭ سەھەر تېمى» (Dawn Wall) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تاغنىڭ بۇ تەرىپىگە ھازىرغىچە باشقا ئادەملەر يامىشىپ باقمىغان ئىكەن. بۇ ئىككى يىگىتنىڭ بۇ بىر كىلومېتىر كېلىدىغان مۇساپىنى يامىشىپ تۈگىتىشى ئۈچۈن جەمئى 19 كۈن ۋاقىت كېتىپتۇ. يەنى ئۇلار ئاشۇ 19 كۈن ئىچىدە كېچىسى ئۆزلىرىنى تاغقا ئېسىپ قويۇپ ئۇخلاپ، كۈندۈزى تاغقا يامىشىپ، ئارىلىقتا بىرەر قېتىممۇ يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشمەپتۇ. ھەمدە تاغقا يامىشىش جەريانىدا ئۆزىنى باغلاپ قويۇپ، ئۆزىنى قوغدايدىغان تانىلارنى باغلايدىغان ھالقىلىق مىقلارنىمۇ تاغقا يامىشىپ ئۆرلەش جەريانىدا تاغقا ئۆزلىرى قېقىپتۇ. ھېلىقى ئىككى يىگىتنىڭ دېيىشىچە، ئۆزلىرىنىڭ قىلغىنى بىر «بويسۇندۇرۇش» يولىدىكى تىرىشچانلىق بولماستىن، پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ بىر غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئالغان بىر قەدەم ئىكەن. جورگىسان تاققا يامىشىشنى 11 ياشقا كىرگەندە باشلىغان ئىكەن. مەن بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، مۇنداق بىر ئىنگلىزچە ئىدىئومنى ئېسىمگە ئالدىم: «Where there is a will there is a way». ئۇنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئەگەر سىز يېتەرلىك دەرىجىدە ئىرادە باغلىسىڭىز، سىز ئۆزىڭىز ئىستىگەن نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئامال تاپالايسىز، سىز ئىستىگەن نەرسە ئىنتايىن قىيىن بولغان ئەھۋالدىمۇ شۇنداق قىلالايسىز. بۇ ئىدىئوم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەن ئىدىئومى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بۇ ئىدىئومدا سۆزلەنگىنى بىر ھەقىقەت بولۇپ، ئۇنى ھازىرغىچە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىسپاتلاپ بولغان. مەن مەنىلىك ياشاشنى، ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئىستەيدىغان بارلىق ئىنى-سىڭىللاردىن يۇقىرىدىكى ئىككى يىگىت، يۇقىرىدىكى تاغ، ۋە مەزكۇر ئىدىئومنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ ھازىر ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يېڭى ئەۋلادلىرىمىز ئىچىدىن بۇ ئىدىئومنى ئىسپاتلايدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۆۋەندىكىسى يۇقىرىدىكى ئىككى يىگىتنىڭ تاغقا يامىشىش جەريانىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر (ئۇلار تۆۋەندىكى 1-مەنبەدىن ئېلىندى).
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Summiting Yosémité's Dawn Wall, Climbers Make History
http://news.nationalgeographic.c ... 150114-climbing-yosémité-caldwell-jorgeson-capitan/
[2] A Guide to Yosémité National Park
http://jrabold.net/yosémité/faqs.htm <http://jrabold.net/yosemite/faqs.htm>
[3] where there's a will there's a way
<http://dictionary.cambridge.org/ ... l-there-s-a-way>
1-رەسىم: قىزىل سىزىق ئىككى يىگىت يامىشىپ ماڭغان يولنى كۆرسىتىدۇ.
2-رەسىم: بىر يىگىتنىڭ تاققا يامىشىۋاتقان كۆرۈنىشى
3-رەسىم: ئىككى يىگىت كېچىنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزگەن
4-رەسىم: تاققا يامىشىۋاتقان يەنە بىر كۆرىنىش
5-رەسىم: ئىككى يىگىت يېرىلىپ كەتكەن بارماقلارنى يېلىملىك لاتا ۋە يېلىم بىلەن يەملەپ قويۇپ، تاققا چىقىشنى داۋاملاشتۇرغان
6-رەسىم: بەزىدە كېچىسىمۇ تاغقا ياماشقان
7-رەسىم: غەلىبىنى تەبرىكلەش
8-رەسىم: يوسېمىتې تەبىئىي باغچىسى ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يەرگە بىز كۆپ قېتىم بارغان. باغچىنىڭ ئىچىدىكى بەزى جايلار بىر خۇددى سىزىپ قويغان رەسىمگىلا ئوخشايدۇ. بىز بۇ باغچىغا ئاخىرقى قېتىم 2014-يىلى 7-ئايدا بارغان بولۇپ، بۇ رەسىم ئەنە شۇ چاغدا تارتىلغان.
|