قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2572|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەيسەر مىجىت: قەلبىم ئۆكسۈيدۇ (مەرھۇم ئىككى دوستۇمنى ئەسلەپ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

90

تېما

34

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 905
تۆھپە : 4327
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 06:08:38 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئىلاۋە: مەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئىنىم زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ تەۋسىيەسى ۋە تونۇشتۇرۇشى بىلەن باغداشقا قەدەم باسقان ئىدىم. شۇندىن بۇيان باغداش -مىنىڭ سىلەر بىلەن ئەسرالىشىدىغان ماكانىم بولدى. مىنىڭ  باغداشتا ئىلان قىلغان تۇنجى ماقالەم مانا مۇشۇ ئەسەر  ئىدى.
  بۇ يىل بۇ ئەسەردە تىلغا ئىلىنغان مەرھۇم دوستۇم غالىپ ھاجىنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا دەل 20 يىل بوپتۇ.  بۇ كۈنلەردە ئۇنى ياد ئىتىپ تۇردۇم. شۇ ۋەجىدىن بۇ ماقالىنى باغداشتىن ئىزدىسەم بۇ ماقالە يۇيۇلۇپ كىتىپتۇ.  شۇڭا مەزكۈر ماقالىنى قايتا ئىلان قىلىش ئارقىلىق مەرھۇم دوستلىرىمغا بولغان سېغىنىش ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرگۈم كەلدى.
ئېسىل كىشىلەرنى ھەر زامان ياد ئىتىپ تۇرغۇلۇق ئادەملەر.....
**********************************************************************************************************
   ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چىغىمدا - مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا كىرىپ "بۇلاق" جورنىلىنى خېلى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ قوياتتىم. چۈنكى ئۇنىڭدا ئاساسلىغى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئالاقىدار ياخشى ماقالىلار ئىلان قىلىناتتى. شۇنداق ماقالىلاردىن بىرى - 19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر مۇتەپپەكۈرى مەھمۇت سادىق قەشقىرى دىگەن بىر زات ھەققىدە ئىدى. مەن بۇ زاتنىڭ دوستلۇق ھەققىدە ئىيتقان مۇنداق بىر جۈملە سۆزىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن ئىدىم:  
  "ئادەتتە، دوستلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بىرىنجى خىلدىكى دوستلار كۈندۈلۈك يىمەك-ئىچمەككە ئوخشايدۇ، سەن ئۇنى كۈندە يەپ-ئىچىپ تۇرمىساڭ بولمىغاندەك، بۇ خىل دوستلىرىڭ بىلەن پات-پات دىگۈدەك كۆرۈشۈپ، پاراڭلىشىپ تۇرمىساڭ بولمايدۇ، ئىككىنجى خىلدىكى دوستلار دورىغا ئوخشايدۇ. بۇ خىلدىكى دوستلۇق سىنىڭ قەلبىڭ جاراھەتلەنگەندە خۇددى دورا كەبى ساڭا شىپالىق ئىلىپ كىلىدۇ".
  ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن تونۇشىدۇ، ئەمما ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن باشقا، ئەڭ ئەزىز بىلىنىدىغىنى ئۇنىڭ دوستىدۇر. ئومۇمەن ئىيتقاندا، ئورتاق مەۋقەگە، ھىسسىياتقا، ۋە ياكى ئوخشاش كەچمىشكە ئىگە ئادەملەر ئۆز ئارا دوستلۇق مۇناسىۋەت شەكىللەندۇرىدۇ. مىنىڭمۇ مۇشۇ ئاساستا شەكىللەندۇرگەن دوستلىرىم بار. ئۇلار بىلەن ئۆز ئارا سەمىمىلىك، مېھر-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىشىمىز، بۇ تەرەپتە مەن ھەممە دوستلىرىمغا ئوخشاش مۇئامىلىدىمەن. ئەمما دوستلۇقۇمنىڭ ئۆزگىچە خاسلىق تەرىپىمۇ بار. يەنى بەزى دوستلىرىم بىلەن خۇددى بىرىنجى خىلدىكى مۇناسىۋىتىم بولسا، يەنە بەزىلىرى بىلەن ئىككىنجى خىلدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىم بار. مەن ھاياتلىقنى قەدىرلەيمەن، جۈملىدىن ھاياتقا مەنا قوشىدىغان ئامىللارنىڭ بىرسى  - دوستلۇقنى ھەم قەدىرلەيمەن. بىراق، بىز ئىنسان بولغاندىن كىيىن، دوستلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئۆمرىمىزنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىغى ئوخشاش بولمايدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن دوستلار ئارا ئۆز ساداقىتىمىزنى، ھۆرمىتىمىزنى ۋە مېھر-مۇھەببىتىمىزنى تولۇق ئىپادە قىلىپ بولا بولالماي، بەزىلىرىمىز يەنە بەزىلىرىمىزنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ بۇ سەپتىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدىكەنمىز. مىنىڭ شۇ تاپتا دوستلۇق تىمىسىدىن ئىغىز ئىچىشىم - ئارىمىزدىن ئايرىلغان ئىككى دوستۇمنى سىغىنىپ ياد ئېتىشىم ۋەجىدىندۇر.
  پىشكەللىك سەۋەبىدىن دوستلۇق سېپىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بۇ ئىككى دوستۇمنىڭ بىرى - ئۈرۈمچى پوچتا-تېلىگراپ ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان - رەھمەتلىك قاسىمجان بولۇپ ئۇ مىنىڭ بىرىنجى خىلدىكى ئاغىنىلىرىمدىن ئىدى. يەنە بىرى ئۇنىۋىرسىتىت ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ لىكتورى -مەرھۇم غالىپ ھاجى بولۇپ، غالىپ ھاجى مىنىڭ ئىككىنجى خىلدىكى ئاغىنىلىرىمدىن ئىدى.
    قاسىمجان، ئەزىزانە دىيارىمىز - قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە خىزمەتكە چىققان بولۇپ، كىيىن ئۇرۇمچىگە ئۇنىۋىرسىتىتتا  كومپىيۇتىر ئىلمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن. قاسىمجان بىلەن مەن ئالى مەكتەپنىڭ 4 - يىلللىغىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا دىلشات ھېۋىزۇللا ئارقىلىق تونۇشقان. دىلشات ھېۋىزۇللا شۇ چاغلاردا كومپىيۇتىر بىلىملىرىنىڭ مول ۋە چوڭقۇرلىغى بىلەن ئۇنىۋىرسىتىتتا داڭ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى بولىدىغان، (يەنى ئۇلاردىن ئالىم ئەھەت كىيىنچە ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى، بۇنىڭدىن چەكسىز سۆيۇندۈم!). قاسىمجان- دىلشاتنىڭ قىزغىن ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. مەن شۇ چاغلاردا مەكتەپتە كەچ-كۇرستا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئېنگلىزچە دەرس ئۆتەتتىم، ھەمدە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نامىدىن دىلشات ھېۋزۇللانى تەكلىپ قىلىپ تۇنجى قىتىم "كومپىيۇتىر كەچ كۇرسى"ئىنى تەشكىللەپ، جەمىيەتتىن ۋە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئىدۇق. كىيىنچە بىزنىڭ ئادەملىرىمىز-ئاغىنىلىرىمىز كەسپى جەھەتتە تەرەققى قىلىپ ھەتتا شىركەت قۇرۇش تەييارلىغىدا بولۇشتۇق. مەن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كىرگەن بىرىنجى يىلى  دىلشات ھېۋىزۇللا، شەپقەت روزى، ئەسقەر جاپپار، ئىمام، مۇختەر ۋە قۇربان قاسىم، ئالىم ئەھەت ۋە يەنە قاسىمجان بولۇپ 10 غا يىقىن بالىنى ياتىغىمغا تەكلىپ قىلىپ كومپىيۇتىر شىركىتىنى قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتۇق، ھەمدە قۇرماقچى بولغان شىركەتكە نىمە دەپ ئىسىم قويۇش مەسىلىسىدە ئازراق تالاشتۇق، ئاخىرى ئالىم ئەھەت "ئەنقا" دەپ قويساق دىگەن بىر تەكلىپنى بەردى ۋە شۇ تەكلىپ بويىچە ئىش كۆرمەكچى بولدۇق.
  ئۇ چاغلاردا مەن ياش، پائالىيەتچان، ۋە تولىمۇ جۇشقۇن ئىدىم. ئاغىنىلىرىم، تونۇشلىرىم -تەڭرى-تاغنىڭ ھەممە يەرىدىن كەلگەن بالىلار بولۇپ، مەن بەزىلەرنى ئىزدەپ چىقىپ مەسلىھەت سورىسام، بەزىلەر مىنى ئىزدەپ كىلىپ مەسلىھەت سورايتتى. ئىشقىلىپ ئۇ چاغلار مەن ئۈچۈن بەكلا كۆڭۈللۈك ئىدى. ئۆز يارەنلىرىڭ بار يەردە ھاياتتىن بىر خىل قىزىقچىلىق ۋە مەنا ھىس قىلىدىكەنسەنكى، ھەرگىزمۇ بۇرۇختۇملۇق ۋە زىرىكىشلىك ھىس قىلمايدىكەنسەن. ئەنە شۇ - كۆپنىڭ ساڭا بولغان ھۆرمىتى، سىنىڭ كۆپكە بولغان سۆيگۈسىڭنى يالقۇنلىتىدىكەن، سىنى يىڭى-يىڭى تەپەككۇرلارنى قىلىشقا ۋە كۆپ ئۈچۈن خالىس ۋە ئەمىلى ئىش قىلىشقا ئىنتىلدۇرىدىكەن.  مەن شۇ چاغلاردا "شىركەت قۇرۇپ ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىپ، ئۆزنىمۇ ئۆزگىنىمۇ خوش قىلىش ئارزۇسىدا ئىدىم" چۇنكى مىنىڭ ئوقۇغىنىم "ئىگىلىك باشقۇرۇش"  ئىدى. مەن ئۈچۈن ئۇ لوگىكا مۇنداق ئىدى. دوختۇر - كىسەل داۋالايدۇ، شوپۇر ماشىنا ھەيدەيدۇ. شۇڭا مەن "ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىدىن ئۈگۈنۈشۈم كىرەك" دەپ ئويلايتتىم. ئاشۇ ئىستەكتە بىر نەچچە ئۇيغۇر كارخانىچى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، مەرھۇم ئابلىز مەخسۇم ئەپەندىنىڭ ئوغلى- ئارسلان ئاكا، ئۈرۈمچى چۆپ-ئاش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى - مىجىت ئېلىپ دىگەن كىشى ۋە يەنە مەمتىمىن دىگەن بىر كارخانىچىمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا شۇنداق بىر نەرسىنى تەۋسىيە قىلىشتى: "كۆز ئۆتكۈر بولۇش كىرەك، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كىرەك، بازارنىڭ ئىھتىياجىنى توغرا مۆلچەرلەش كىرەك".
  شۇنداق چوڭ خىياللار بىلەن ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئاسپىرانتى مەمەتجان دىگەن بالىنىڭ ياتىغىدا قەلەيدىن ياسالغان كىچىك بىر ئوچاقنىڭ ئىسپىرىت بىلەن چوڭ چەينەكتىكى چاينى قاينىتىۋەتكەنلىگىگە دىققەت قىلىپ قالدىم ۋە مەمەتجاندىن بۇ ھەقتە سۈرۈشتە قىلدىم. ئۇقتۇمكى ئۇنى ئاقسۇنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى بىر ھۈنەرۋەن ئۇستام ياسىغان ئىكەن. بۇنى ئۆزۈمچە "يىڭىلىق" دەپ ئويلاپ ھاياجانلىنىپ كىتىپتىمەن. دەرھاللا دىلشات ھېۋىزۇللا بىلەن كۆرۈشتۈم ۋە ئۇنىڭغا بۇ "ئۇيغۇر ئوچىغىنىڭ ئالاھدىلىگىنى - تەننەرقىنىڭ تۆۋەن، ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى چوقۇم بازار تاپالايدىغانلىغىنى" چۈشەندۈردۈم، ھەمدە ئاقسۇغا ئاشۇ ھۈنەرۋەننى ۋاقىت چىقىرىپ ئىزدەپ بارماقچىمۇ بولدۇم. چۈنكى ئىگىلىك تىكلەش ئۇچۇن ياكى سەندە باشقىچە مەھسۇلات ياكى تېخنىكا بولۇشى كىرەك ياكى بولمىسا ئىلىپ- سېتىش تېجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىڭ كىرەك. شۇ چاغدىكى ساددا ھىسسياتىم بويىچە "كەلگۈسىدە كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىمالى بولغان بۇ يىڭى مەھسۇلاتتىن بازار تاپقىلى بولاتتى".  دىلشات كۆز قاراشلىرىمنى ئاڭلىدى ھەمدە مۇشۇ ئوچاقنى (چوڭلىغى مۇشتۇمچىلىكلا) ئاۋال دۆڭكۈۋرۈكتىكى ھۈنەرۋەنلەرگە ياسىتىپ بېقىش مەسلىھەتىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن قاسىمجان، قۇربان ئۈچىمىز قار تېخى ئېرىمىگەن ئەتىيازنىڭ بىر كۈنىدە ھىلىقى مۇشتۇمچىلىك ئوچاقنى كۆتۈرۈپ دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىن ھۈنەرۋەن ئىزدىدۇق، ۋە ئاخىر بىر ھۈنەرۋەنگە 30 يۈئەن پۇل بىرىپ ئىككى ئوچاقنى ياساتقۇزدۇق. بىراق بۇ ئوچاقلار ھىلىقى مەمەتجاننىڭ ئوچىغىدەك ئۈنۈملۇك بولمىدى، ئىسپىرىت تۈزۈك كۆيمىدى، چاينى ھەم قاينىتالمىدى. شۇنىڭ بىلەن لەسسىدە بولۇپ قالدۇق. گەپ ئەسلىدە ھۈنەرۋەننىڭ ھۈنىرىدە بولسا كىرەك. شۇ يىلى يازدا دىلشات ھېۋىزۇللا ئەنگىلىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتتى، سىنتەبىردە مەن شاڭ خەيگە گە ئوقۇشقا كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن شىركەت قۇرۇش ئىستىگىممۇ تۈتۈندەك تاراپ كەتتى. ئەمما مۇشۇ ئىشلارنىڭ باش-ئاخىرىدا قاسىمجان ئىزچىل تۈردە يىنىمدا تۇرۇپ، مەدەت ۋە مەسلىھەت بىرىپ تۇردى.
  مەرھۇم قاسىمجان- دوستلىرىغا چوڭقۇر ساداقەتمەنلىك ۋە ھۆرمەت كۆرسىتەتتى. ئۆزىنىڭ ئىش - ھەركىتى دۇرۇس، لىللا بولۇپ، ھەر دائىم پاكىز كىيىنىپ، گالىستۇك تاقاپ يۈرەتتى. گالىستۇك تاقاشتا يىڭى بولغانلىغىم ئۈچۈن، بەزىدە ئۇنى مايماق-سايماق تاقاپ قويسام كىرەك، قاسىمجان بار سورۇندا رەھمەتلىك ئالايىتەن كىلىپ چاندۇرماي ئۇنى رۇستلاپ قوياتتى. مەن مەرھۇمنىڭ ئۇ ھەركىتىدىن بەكلا مىننەتدار ئىدىم.
  مەرھۇمنىڭ بۈدۈر چاچلىرى ئۆزىگە بەك ياراشقان بولۇپ، ئۆزى سالماق، ئىنتايىن ئاق-كۆڭۈل ئىدى. سۆھبەتلىرىمىزدە، "ئەدەش، ماڭ قايلاڭلا -" دەپ قويۇق ۋە يېقىملىق قەشقەر ئاھاڭىدا گەپ باشلايتتى. دىلشات ئەنگىلىيەگە ماڭغاندىمۇ، مەن ئامىرىكىغا ماڭغاندىمۇ، رەھمەتلىك بىزنى ئايرۇدۇرۇمغىچە ئۇزۇتۇپ چىققان ئىدى. دىلشاتنىڭ تويىدا ۋە مىنىڭ تويۇمدا ئىنتايىن كۆپ ھىممەت ۋە قىزغىنلىق كۆرسەتكەن ئىدى.  1998 - يىلى سىنتەبىرنىڭ ئاشۇ كۈنىنىڭ -يەنى مەن ئامىرىكىغا يىنىپ كىلىشكە بىر كۈن قالغان ئاشۇ كۇننىڭ مەرھۇم بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قىتىم دىدارلىشىدىغان كۈن ئىكەنلىگىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. رەھمەتلىك ئاشۇ كۈنى ئۇرۇمچىدە ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرغان ئۆيۈمگە كىلىپ مەن بىلەن كەچ-قۇرۇن تا بىر مەزگىلگىچە مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇپ، قىزىق يۇمۇرلارنى ئىيتىپ كۈلدۈرۈپ ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئىسىل دوست ئىكەنلىگىنى ماڭا نامايەن قىلغان ئىدى. ئەگەر مەن ئۇ كۆرۈشۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم بولىدىغانلىغىنى بىلگەن بولسام، ئۇ دوستۇمنى چىڭ ۋە ئۇزاق قۇچاقلىۋالغان، ئۇنىڭ ماڭا دوستۇم سۈپىتىدە نەقەدەر زور خوشاللىق ۋە مەدەت بەرگەنلىگىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئىيتىپ تۈگەتكۇسىز مىننەتدار ئىكەنلىگىمنى ئالدىدا ئىيتىۋالغان بولسام نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى-ھە؟

  مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەندە - يۈرۈگۈمنى بىرسى يۇلۇۋالغاندەك بوپ كەتتىم، ئۆكسۈدۈم. ھەي، نەچارە، مەن دىگەن بىر ئىنسان!

   ئارزۇيۇمغا مەدەت، غايەمگە يالقۇن، كۆزۈمگە نۇر بەرگەن جىنىم دوستۇم - قاسىمجان مەن سىلىنى (قاسىمجان بىلەن "سىلە، ئوزەڭلا" دەپ پاراڭ قىلىشاتتۇق، سەنلەشمەيتتۇق) مەڭگۇ ئۇنۇتمايمەن!، خۇدايىم ياتقان جايىڭلارنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن!

******************************************************************************

ئالى مەكتەپتە ئۆزلۈگۈمدىن ئېنگلىز تىلىنى ئۈگۈنۈپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە مەكتەپ قىرائەتخانىسىنىڭ بىرىنجى قەۋىتىدىكى چەتئەت تىلى ماتىرياللار ئۆيىگە پات-پات كىرىپ تۇراتتىم. شۇ يەردە بىر تەرەپتىن سەۋىيەمنىڭ يىتىشىچە گىزىت-جورناللارنى ئوقۇپ باقاتتىم، يەنە بىر تەرەپتىن ساناقلىقلا بولغان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر بىلەن سالاملىشىپ قالاتتىم. بۇ يەرگە كىرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولۇپ كۆپىنچىسى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلار، ئايرىملىرى ئاسپىرانت ۋە ياكى يۇقۇرى يىلللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. سانىمىز ئاز بولغاندىن كىيىن ئاسانلا تونۇشۇپ قالاتتۇق. بەزىلىرى بىلەن پىكىرداش، غايىداش بولۇپ دوستلۇقمۇ ئورناتتۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادىلجان ئىبراھىم، خانىمى - دىلدۇز تىلمان ۋە نىجات ئىمىنلەر بار ئىدى.  ئاشۇ چەتئەل تىللىرى ماتىريالى ئۆيىدە مەن بىر كىتاپتىن بېنجامىن فرانكلىننىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئوقۇپ بەك قايىل بولغان ئىدىم:

"مەرىپەتلىك مىللەت مەڭگۈ قۇل بولمايدۇ!".

مىنىڭ قارىشىمدا - بىلىملىك زاتلارغا قارىغاندا ناخشىچىنى چوڭ كۆرىدىغان خەلق - مەڭگۇ باشقىلارنىڭ ئالقىنىدا ئۇۋۇلۇنۇپ ياشايدۇ. قاچان بىلىم ئىگىلىرى ھۆرمەتلەنگەندە ۋە ھەممە مەرىپەتكە ئىنتىلگەندە جەمىيەتتە يۈكسۈلۈش، خەلقتە ھەر جەھەتتىن كۆتۈرۈلۈش بولىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن مەن ئەزەلدىن بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەت قىلىمەن ھەم تېرىشچان، ئىجىتھاتلىق كىشىلەرنى قوللايمەن، ئۇلارنى يىقىن كۆرىمەن.

مەن غالىپ ھاجى بىلەن ئادىلجان ئىبراھىم ئارقىلىق تونۇشتۇم. بىر ھىساپتا ئۇلار مىنىڭ "ئاكا ئاغىنىلىرىم" ئىدى. غەرىپلىكلەرنىڭ دوستلۇق ھەققىدە مۇنداق بىر سۆزى بار: "سەن دوستلىرىڭنىڭ كىملىگىنى، قانداقلىغىنى ماڭا ئىيتىپ بەر، مەن سىنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىگىڭنى ئىيتىپ بىرىمەن". ئادىلجان ئىبراھىم ۋە غالىپ ھاجىلارنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى - ئاساسەن بىلىمگە ئىنتىلىدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، پەزىلەتلىك بالىلار بىلەن ئىدى. گەرچە مەن تېخى ئۇنىۋىرسىتىتنى پۈتتۈرمىگەن بولساممۇ، ئۇلار مىنى ئۆز سىپىگە قوشۇۋالدى. مەن ئۇلارنىڭ "ئۇكا ئاغىنىسى" سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇشلىرىغا، چاقچاقلىرىغا داخىل بولۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەندىم.  غالىپ ھاجى بىلەن كۆپ قىتىم پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن ئۇنىڭ ئاجايىپ چىچەن، تەمكىن، تەپەككۈرى چوڭقۇر، يېشىغا قارىغاندا كۆپ يىتىشكەن زىيالى ئىكەنلىگىنى بايقاپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم كۆپ ئاشتى. گەرچە ئۇنىڭ كەسپى ماتىماتىكا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يىزىقچىلىق قابىلىيىتى ئۈستۈن ئىدى، ھەر خىل تىمىلاردا خاتىرىسىگە ئويلىغانلىرىنى يازاتتى. ئۇنىڭ خېتى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن رەتلىك ۋە سالماق تۇرمۇش ئۇسلۇبىنىڭ شولىسىدەكلا تۇيۇلاتتى. غالىپ ھاجىنىڭ دادىسى ھاجى ئابدۇللا ئاكا  - ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مۇئارىپىنىڭ بۆشۈگى بولغان ئاتۇش ئېكىساق كەنتىدىن بولۇپ، رەھمەتلىك دوستۇم غالىپ - دادىسىنىڭ ئېكىساقتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ئالى مەكتەپكە كەلگەنلىگىدىن بەك پەخىرلىنەتتى.

رەھمەتلىك - سۆزلەرنى ئاز ئەمما ناھايىتى مېغىزلىق قىلاتتى. ئاساسەن مەن، مەكتەپ ۋە جەمىيەتتىكى بەزى ئىشلار كاللامدىن ئۆتمەي ئازاپلانغان چاغلىرىمدا، ۋە ياكى تۇرمۇش مەسىلىسىدە گاڭگىرىغان چىغىمدىلا، غالىپ ھاجىنى ئىزدەپ چىقاتتىم ھەمدە ئۇنىڭ ئادەمگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىت بەرىدىغان سۆزلىرىدىن روھلىنىپ قايتىپ چىقاتتىم. ئۇ - ئادەملەردىن، جەمىيەتتىن، تەبىئەتتىن گۈزەللىك ئىزدەيتتى، ناچار ئىشلاردىن، شەخسلەردىن، يالغانچىلىق ۋە پەسكەشلىكتىن نەپرەتلىنەتتى. مەرھۇم - ھەر جەھەتتىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ھەق-ناھەق تۇيغۇسى كۇچلۇك، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە يۇكسەك بولۇپ چاكىنىلىقلاردىن بىر نۇر يولى ئارىلىقتا يىراق ئىدى. مەن ئۇنىڭ چىچىلغىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم، چۇنكى ئۇ ئىشلارغا ماڭا ئوخشاش ئالدىرانغۇلۇق بىلەن ئەمەس بەلكى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ مۇئامىلە قىلاتتى. ئەمما، بىر ھەپتە ئاخىرى كەچتە ئۇنى ئىزدەپ چىققىنىمدا، ئۇ مىنى كۆرۈپلا مۇنداق قايناپ كەتتى:

  " - سىلە دەپ بېقىڭلا، 60 ياشقا يىقىنلاشقان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ نەۋرىسىدەك قىزلارغا كۆز تاشلاپ مازلىشىشى نىمىنى چۈشەندۇرىدۇ؟ قېنى ئۇ پەدىشەپ، قېنى ئۇ ئىمان؟ قېنى ئۇ ئەخلاق؟ بۇنداق ئادەملەرنى نىمە قىلىش كىرەك، قانداق ئەيىپلەش كىرەك؟ بۇ خىل ئىللەتلەرنى قانداق يوقۇتۇش كىرەك؟ خەلقىمىز، ئوقۇتقۇچى دەپ ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەمما ئايرىم ساندىكى ئەبلەخلەر يىشىنىڭ چوڭلىقىغا باقماي، بىزدەك كىچىكلەر ئىتتىپاقلىقنى كۆزدە تۇتۇپ "ھە دەپ" قويغاننى بىلمەي، ئالجىپ ئادەمنىڭ ھۆ قىلغۇسى كەلگۇدەك بەتقىلىقلارنى قىلىدۇ. ئەر بىلەن ئەركەكنىڭ پەرقىنى بىلمەيدىغان بۇ لاتىلار تېخى ئۆزىنى ئەركەكمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇدىكەن.  ئۇنداق پەدىشەپنى بىلمەيدىغان، قېرىغىنىنى تۇيمايدىغان، ئىجتىمائى مەسۇلىيەت تۇيغۇسى يوق چۇپرەندىلەر قانداقمۇ ئەركەك بولسۇن؟ ھەي، قويۇڭلار جۇمۇ، بىزدە ئەرنىڭ سانى بىلەن ئەركەكنىڭ سانى تەخمىنەن بولسىمۇ تەڭ ئەمەس ئىكەن".

   ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلار ئۆتكۈزگەن بىر پائالىيەتكە باشقا بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى بىلەن تەكلىپ قىلىنغان غالىپ ھاجى، بىر ياشانغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئازراق ھاراقنى ئىچىۋىلىپلا ياش قىزلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قىلىپ، دەرھاللا ئۇ مەخلۇقنى تارتىپ زەھەردەك گەپتىن ئىككىنى قىلىپ قويۇپ قايتىپ كەلگەن ئىكەن. مىنىڭ مەرھۇمغا شۇنداق دىگەنلىگىم ئىسىمدە تۇرۇپتۇ: "ئۇنداق مەخلۇقلارنى يىتىم قالدۇرۇش كىرەك، يەنى كۆرسەك سالام قىلماسلىق، توي قىلسا تويىغا، چاي بەرسە چېيىغا، قىچقارسا ئۆيىگە، ئۆلسە ئۆلۈمىگە بارماسلىق كىرەك. بۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغىنىنى خاتا دەپ قويۇپ يەنە نورمال مۇئامىلە قىلىپ يۈرسەك، يەنى ئەگەر ئىللەتلەرگە يول قويۇۋەرسەك، ئاخىرى بىرىپ ھەممە ئۇ خىل ئىللەتلەرنى نورمال دەپ قارايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. ئۇ چاغدا بۇنداق ئىشلارغا ئاغرىنغان كىشىلەر - بىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، تۇترۇقسىز ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالىمىز. مىنىڭچە ناچار خۇمسىلارغا - ناچارلىغى ئۇچۇن بەدەل تۆلەيدىغانلىغىنى بىلدۇرۇش كىرەك، بولمىسا بۇنداق ئىش داۋاملىشىۋىرىدۇ."
  - ئەكىلىڭلار قولۇڭلارنى مۇشۇ گىپىڭلار ئۈچۈن" دەپ مەن بىلەن يەنە بىر رەت كۆرۇشۈۋەتكەن ئىدى مەرھۇم ئاشۇ سۆزۈمدىن كىيىن.
  غالىپ ھاجى - ئەقىللىق ھەم تىرىشچان ياش ئىدى. ئۇ رۇس تىلىغا ئىنتايىن پىششىق بولۇپ، مەكتەپتە كەچ كۇرستا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا  رۇس تىلىدىن دەرس ئۆتەتتى. مىنىڭ ھەيران قالىدىغىنىم، مەن ئېنگلىزچىنى خېلى ئۈگەندىم دەپ ئويلاپ يۇرگەندە، ئۇ تېخى ئېنگلىزچە بىلمەيتتى، بىر يىرىم يىلدىن كىيىن قارىسام، رەھمەتلىك ئېنگلىزچە رومانلارنى ئوقۇپ، GRE ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ ھەقىقەتەن ئىرادىلىك، دىگىنىنى قىلىدىغان، سەمىمەيتلىكنى قەدىرلەيدىغان، ئادىللىقنى ياقلايدىغان، پەزىلەتلىك ياش ئىدى. ئۇنىڭ بۇ پەزىلىتىگە غالىپ مۇھەممەد دەيدىغان دوستى ۋە كەسپدىشى بەك يۇقۇرى باھا بىرەتتى.
    1995 - يىلى قىش مەزگىلىدە شاڭخەيدىن دىن تەتىل قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمدە، غالىپ ھاجىنى ئاغرىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ، دوختۇرخانىغا يوقلاپ باردىم، ئاز كۈندىن كىيىن ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقتى. مەن ئۇنى ئۆيىگە يوقلاپ بىرىپ بىر نەچچە سائەت سۆھبەتلەشتىم. كىم بىلسۇن، مەن شاڭخەيگە كىتىشكە بىر نەچچە كۈن قالغاندا ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى. دوستلاردىن ئادىلجان ئىبراھىم، نىجات ئېمىن، قەيسەر ھاجى قاتارلىقلار قايغۇ بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ باش -ئاخىرىدا بولۇپ يەرلىككە قويدۇق ھەمدە "ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم" دىگەن گەپ راستمۇ ئوخشايدۇ دەپ قىلىشتۇق. غالىپ ھاجىنىڭ نامىزى نۇرباغ نىفىت ئائىلىلىكلەر قوراسى ئىچىدىكى مەسچىتتە چۈشۈرۈلدى. مىيىتنى ئۇزۇتۇش جەريانىدا ئۇنىڭ چىچەنلىگى، ياخشىلىغى ھەققىدە گەپ بولۇشتى، ئۇنىڭ شۇنچىۋالا تالانتى بىلەن ياش كىتىپ قالغىنىغا ئىچىنمىغان بىرمۇ ئادەم بولمىدى.
   مەرھۇم بىزدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ھەر ھېيت-ئايەمدە دىگۈدەك مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە پەتىگە بىرىپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇردۇم. مىنى ھەر قىتىم كۆرگەندە، ئاپىسى مۇنەۋۋەر ئاپپاي كۆز يىشى قىلاتتى. مەنمۇ بەك پۇچۇلىناتتىم.
   ئامىرىكىغا كىلىشتىن بۇرۇن مەن مەرھۇم دوستۇم غالىپ ھاجىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ يىگانە ھالدا - ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار زاراتكارلىغىغا چىقتىم، ئۆزۈم خەتمە -قۇرئان قىلىشنى ياخشى بىلمىگەنلىگىم ئۈچۈن زاراتكارلىققا قارايدىغان مويسىپىت بىر كىشىنى تەكلىپ قىلىپ خەتمە قۇرئان قىلغۇزدۇم.
  ئۇ مەندىكى مەرھۇمغا بولغان ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ھەمدە دوستلۇققا بولغان ئىخلاسمەنلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىدى.
دۇئا'غا قول كۆتۈرۈۋىتىپ كۆزۈم بىردىنلا ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا چۈشتى، ئۇنىڭغا مەرھۇمنىڭ مۇنۇ شىئرى ئويۇلغان ئىدى.

سۆيگۈدىن دۇنياغا كۆزۈم ئىچىلغان،
سۆيگۈ دەپ ئوخچۇيدۇ تومۇرۇمدا قان.
شۇڭىمۇ كۆڭلۈمدە قالماس ھىچ ئارمان،
سۆيگۈ ئۈچۈنلا چىقسا گەر بۇ جان.
1968-يىلى 22- ئاپرىل.

شۇنداق، مەرھۇمدا ھاياتقا، ئۆز خەلقىغە بولغان چەكسىز بىر سۆيگۈ بار ئىدى. ئۇ خەلقى ئۈچۈن چوڭ چوڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بىرىشنى ئويلايتتى. ئەپسۇس بىۋاپا تەقدىر ئۇنىڭ سۆيگۈسىدىن گۈل ئىچىلدۇرمايلا ئۇنى ئىلىپ كەتتى. ھېلىھەم ئەينى چاغدىكى دوستلار پاراڭلىشىپ قالساق مەرھۇمنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشىپ ئۇنى ئەسلىشىمىز.
   ھۆرمەتلىك دوستىمىز - غالىپ ھاجى ياتقان جايىڭلار جەننەتتىن بولسۇن، سىلەرنىڭ ئىسىل-پەزىلىتىڭلار، غۇرۇر- غايەڭلەر بىز ئۈچۈن ئۈلگە، سىلىنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز!
(2011 - ئۆكتەبىر، ئامىرىكا، بوستون)

145

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5789
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2670
تۆھپە : 2561
توردىكى ۋاقتى: 2317
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 12:01:49 |ئايرىم كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتە بولسۇن................ئامىن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

11

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2023
تۆھپە : 2005
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 15:06:43 |ئايرىم كۆرۈش
   ئۇلۇغ ئاللاھ بەزى قەۋىملەرنى جازالاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ياخشىلىرىنى ئېلىپ كېتەمىش ، ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچۇرماس بىر قەۋم بولۇش ئۈچۈن ھەممىمىز تىرىشايلى قېرىنداشلار .

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33671
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-19
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 16:36:25 |ئايرىم كۆرۈش
heniya يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 15:06
ئۇلۇغ ئاللاھ بەزى قەۋىملەرنى جازالاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ  ...

  قەيسەر مىجىت ئاكىمىزنىڭ مەرھۇم غالىپ ھاجىغا دىگەن مۇنۇ گىپى ماڭا بەك ياقتى؛ "ئۇنداق مەخلۇقلارنى يىتىم قالدۇرۇش كىرەك، يەنى كۆرسەك سالام قىلماسلىق، توي قىلسا تويىغا، چاي بەرسە چېيىغا، قىچقارسا ئۆيىگە، ئۆلسە ئۆلۈمىگە بارماسلىق كىرەك. بۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغىنىنى خاتا دەپ قويۇپ يەنە نورمال مۇئامىلە قىلىپ يۈرسەك، يەنى ئەگەر ئىللەتلەرگە يول قويۇۋەرسەك، ئاخىرى بىرىپ ھەممە ئۇ خىل ئىللەتلەرنى نورمال دەپ قارايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. ئۇ چاغدا بۇنداق ئىشلارغا ئاغرىنغان كىشىلەر - بىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، تۇترۇقسىز ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالىمىز. مىنىڭچە ناچار خۇمسىلارغا - ناچارلىغى ئۇچۇن بەدەل تۆلەيدىغانلىغىنى بىلدۇرۇش كىرەك، بولمىسا بۇنداق ئىش داۋاملىشىۋىرىدۇ."

0

تېما

12

دوست

3469

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 999
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 18:54:35 |ئايرىم كۆرۈش
ساقلىۋىلپ كىن ئالدىرماي ئوقۇي .

18

تېما

4

دوست

4991

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1538
توردىكى ۋاقتى: 430
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 19:17:17 |ئايرىم كۆرۈش
بىز ياشلارغا ياخشى تەربىيە بولغۇدەك .

3

تېما

0

دوست

1270

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9339
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 218
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 23:16:28 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت قەيسەركا ! نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )