قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1392|ئىنكاس: 24

ئەلسۆيەر:ئىلمىي مۇنازىرە تەپەككۇرىمىزنى تاۋلىسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

17

دوست

4034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 14:21:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمىي  مۇنازىرە تەپەككۇرىمىزنى تاۋلىسۇن
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
(ئاپتور: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى)
X%ZJJH}5AJMIK@(FGZVFF@R.jpg

       تور ۋە ئۈندىدارلارنى يېقىدىن بۇيان تۈرلۈك مەزمۇندىكى مۇنازىرە تېمىلىرى قاپلىدى. بۇ مۇنازىرىلەر داۋامىدا، يۇقىرىقىلارغا ئالاقىدار تۈرلۈك يازمىلار تورلاردا ئېلان قىلىنىپ، بەس – مۇنازىرىنى قىزىتتى. مەن بۇ مۇنازىرىلەر باشلانغاندىن تارتىپ ئەۋجىگە چىققانغا قەدەر ئۇلارغا قىزىقىش ئىچىدە دىققەت قىلىپ كەلدىم. بۇ جەرياندا خېلى كۆپ دوستلىرىم مەندىن يۇقىرىقى مەسلىگە بولغان كۆز قارىشىمنى سورىدى، قىسمەن ئوقۇرمەنلىرىم ماڭا يۇقىرىقى مەسلىلەر توغرىسىدا بىرەر يازما يېزىشنى تەۋسىيە قىلدى، بۇ جەرياندا كاللامدا مۇنازىرە ھەققىدە نۇرغۇن ئويلار تۇغۇلدى.
        مېنىڭچە، ئىلىم مۇنازىرىسىنىڭ بولمىغىنىدىن بولغىنى ئەۋزەل، چۈنكى ئىلمىي مۇنازىرە پەننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كىشىلەرنى ئىلىم – پەن ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئىلىمىي مۇنازىرە جەريانىدىكى كەمتۈك بىلىشلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن كىشىلەر كىتاب كۆرۈشكە، ئىزدىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، نەتىجىدە كىشىلەرنىڭ بىلىشى چۇڭقۇرلىشىدۇ. بۇ ھەقتە ئەنگىلىيە پەيلاسوپى فرانسىس باكون: «مۇنازىرە ئادەمنى چېچەن قىلىدۇ، ئەگەر بىر ئادەم كەمدىن – كەم مۇنازىرىگە قاتناشسا، ئۇنداقتا ئۇ پىكىر تۇرغۇنلىقىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئىلىم مۇنازىرىسىدىن ئۆزىنى  قەستەن ئېلىپ قېچىپ، ئىزدەنمىسە، كىتابنى ئاز ئوقۇسا، كۆپلىگەن بىلىملەرنى ئۆگەنمىسە ھىيلىگەر بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ – دە، بىلمەيدىغانلىرىنىمۇ قەستەن بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ» دېگەنىدى. دېمەك، بىز ئېرىشكەن بىلىملىرىمىز ۋە تونۇشلىرىمىزنى ئىلمىي مۇنازىرىگە قاتناشتۇرمىساق، ئۇ تەبىئىي ھالدا توختام سۇدەك تۇرغۇن ھالەتكە كېلىپ قېلىپ، بىزنى دوگمىلىقتىن خالىي قىلالمايدۇ. بىز مۇتلەق گۇمانلانمىغان نۇرغۇن تونۇشلار، ئەمەلىيەتتە بىز بالدۇراق ئۇچراپ قالغان خاتا تونۇش بولۇشى ياكى بىز كانىدەك چاپلىشىپ ياخشى كۆرۈپ قالغان خاتا تونۇش بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ جەزمەن ھەقىقەت بولۇشى ناتايىن. ئىلىم جەريانى ئۈزلۈكسىز سوئال سوراش، گۇمانلىنىش، پىكىرلىشىش جەريانى بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئىلىم بىلەن مۇنازىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە سەل قارىساق بولمايدۇ. پىكىر بىر خىل روھنىڭ گىمناستىكىغا قاتنىشىش جەريانى بولسا، ئىلمىي مۇنازىرە ئاشۇ پىكىرنىڭ خۇرچىدۇر. بىز ئىلمىي مۇنازىرە ئارقىلىق تونۇشلىرىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەر ھەققىدە ئويلىنىمىز، يېڭى تونۇشلار ۋە قاراشلار بىلەن ئۇچۇرىشىمىز. شۇڭا ھەقىقىي ئىلىم سەپىرى ئەمەلىيەتتە مۇنازىرە سەپىرى بولۇپلا قالماستىن، ئوخشىمىغان سادالار ۋە كۆز قاراشلارغا قۇلاق سېلىش جەريانىدۇر. بىز ئۆزىمىزنى ئەقىللىق چاغلىغان چېغىمىزدا نادانغا ئايلىنىۋاتقان بولىمىز. شۇڭا باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سېلىش ئۆز ساھەيىمىزدە ئىلگىرىلەپ كەتكەنلەرنىڭ قاراشلىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلاردىن ئىدىيە يېڭىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر، بۇ بىزنىڭ روھىيەت جەھەتتىن تاكامۇللىشىشىمىزغا ۋە ئۆزلۈكىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
   ئىلىم مۇنازىرىسىنىڭ پەننىڭ تەرەققىياتىدا ياشاشتا ئادەمگە ئوكسېگىن مۇھىم بولغاندەك مۇھىم بولىدىغانلىقىغا ئائىت تالايلىغان مىساللارنى ئەجداتلىرىمىزنىڭ شانلىق تارىخىدىنمۇ كۆرۈۋالالايمىز. ئالايلۇق، مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى» ناملىق كىتابىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئوغۇز پۇشتىدىن بولغان بۈيۈك پەيلاسوپى ئەبۇ نەسىر ئەل فارابىنىڭ قىتئە ئاتلاپ باغدات ۋە دەمەشىق قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ كۆپلىگەن مۇنازىرە سورۇنلىرىغا قاتناشقانلىقى، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان پەلسەپەۋى قاراشلىرىنىڭ دېئالوگلىشىش ۋە ئىلىم مۇنازىرىسى قىلىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئارسىتوتىل ۋە ئەپلاتون ئاكادىمىيەسىدە بارلىققا كەلگەن دۇردانە، پەلسەپىۋىي جەۋھەرلەر ئەمەلىيەتتە مۇنازىرلىشىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. ئىسمايىل ھاجى بىلەن تەجەللى ھەزىرەتلىرى كۆپلىگەن ئىلىم مۇنازىرىلىدە بولۇپ، تەپەككۇرىنى تاۋلىغان. ئىبراھىم مۇتئى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق مۇنەۋۋەر زىيالىلىرىمىزمۇ ئۆزىنى ئىلمىي مۇنازىرىدىن ئەپقېچىپ باقمىغان. مانا بۇ خىل ئىلىم مۇنازىرىسىنىڭ پەننىڭ تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولىغا ئائىت مىساللارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
     بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئەسىرى باشقىلارنىڭ تىلىغا چىقىپ، مۇھاكىمىگە قويۇلماسلىقتىنمۇ ئارتۇق مەغلۇبىيەت بولماسلىقى مۇمكىن، ئەلۋەتتە، باشقا پەن ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈنمۇ، ئۆز ئەجىر ئەمگىكىنىڭ باشقىلارنىڭ مۇنازىرە تېمىسغا ئايلىنىپ باقماسلىقتىنمۇ ئارتۇق بەختسىزلىك بولمىسا كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەركىمنىڭ مۇنازىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەرخىل بولىدۇ. بەزىلەر مۇنازىرىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەمنىڭ شەخسىيىتى ئۈستىدە ئەمەس، مەسلىنىڭ ئۆزى ھەققىدە مۇنازىرىلىشىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ، مۇنازىرىنى مەسلىدىن، شۇ مەسلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى شەخس ئۈستىگە يۈكلىۋالىدۇ. قارايدىغان بولساق، يېقىندىن بۇيان، خېلى كۆپ مۇنازىرىلەر تور ۋە ئۈندىدار مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ تور مۇھىتىمىزدا ئىلمىي مۇنازىرە روھىي يېتىلدۈرەلمەيۋاتقان بىر قىسىم تورداشلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى نىسبەتەن ئاجىز، قانۇنىي ئاڭ - ساپاسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، مەلۇم شەخسلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، جەمئىيەت كۈڭۈل بۈلۈۋاتقان مۇھىم بىر تېما تور ۋە ئۈندىدارلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، شۇ مەسىلە توغىرسىدىكى مۇنازىرە تېخى چوڭقۇرلاشماي تۇرۇپلا، ئىلمىي مۇنازىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنىڭ تەق - تۇرقى، ئۇرۇق - سېمىزلىكى، كىيىم - كېچىكى، گىرىملىرىنىڭ قېنىق - سۇسلىقى، تاقىۋالغان كۆزئەينەكنىڭ ماركىسى قاتارلىقلار مۇنازىرە ئۇبىكتىپىغا ئايلىنىپ كېتىپ، بىر ئوبدان مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېما قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار، بىز بۇ خىل مۇنازىرە ئەخلاقىغا يات قىلمىشلارغا قارىتا كەسكىن رەت قىلىش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنى قانۇن ۋە ئەخلاق كاتېگورىيەسى ئىچىدە چەكلەشنى، دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ۋە زامانىۋى مەدەنىيەتتىن چەتنىمىگەن، ئەنئەنىۋى ئەخلاق – ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن بولغان ھالدا، ئىلىم – پەن ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم.
   ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ مۇھىملىقى ۋە مۇنازىرە ئەخلاقىنى بىلىۋېلىشنى زۆرۈرلىكىنى يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتتۇق. ئەمدى، نەزىرىمىزنى يەنىلا يېقىندىن بۇيانقى مۇنازىرىگە ئاغدۇرىدىغان بولساق، بۇ مۇنازىرىنىڭ قوزغىلىشىمۇ بىزنى نۇرغۇن بىلىم ۋە تەجرىبە ساۋاققا ئىگە قىلدى دېيەلەيمىز. چۈنكى كىتابخۇمار كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىپ بېكىتىلگەن يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، خەلقىمىز پىسخولوگىيە، يەنى قەلبشۇناسلىقتىن ئىبارەت پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان مۇھىم پەن ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا، ئەزەلدىن كومپىيوتېر ئالدىغا كېلىپ، بىرەر پارچە ماقالە كۆرۈپ باقمايدىغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز تورغا چىقىپ، يۇقىرىقى مۇنازىرىلەرگە ئائىت ماقالىلەرنى قالدۇرماي ئوقۇدى. مانا بۇلارمۇ ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ پايدىسى ئەلۋەتتە، چۈنكى، يېقىنقى مۇنازىرىلەر بولمىغان بولسا، بەلكىم يۇقىرىقى كىشىلىرىمىز زامان تەرەققىي قىلىپ، خېلى بىر ۋاخلار ئۆتكىچىمۇ، زامانىۋىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا سەل قارىغان بولاتتى. بۇ مۇنازىرە جەريانىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى يېقىن بولغان قەلبشۇناسلىق ئىلمىدە بەكلا چولتىلىقىنى ھېس قىلدى، نەتىجىدە، كىتاب كۆرۈپ ئىزدەندى ياكى بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ھەقتىكى كىتاب – ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئۈچۈن پىلان تۈزدى. ئەلۋەتتە، دىيارىمىزدا لېكسىيە قىزغىنلىقى ئەۋج ئالغان پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ مۇنازىرە ئۆز نۆۋىتىدە لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلارنىمۇ سەگىتتى. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، سەۋەنلىك بىر ئىش قىلغانلاردىن كۆرۈلىدۇ، ھېچ ئىش قىلمىغانلاردىن ھېچبىر سەۋەنلىك سادىر بولمايدۇ، شۇنداقلا ھېچبىر نەتىجىمۇ كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە تەكىتلەيدىغىنىمىز، بۇ خىل ئىلمىي مۇنازىرىلەر بولمىسۇن ئەمەس، بولسۇن، ئەمما لايىقىدا، ئىلمىي بولسۇن، بولۇپمۇ كەسپىي ساھادىكى مۇنازىرىلەرگە كەسپ ئىگىلىرى كۆپرەك قاتناشسۇن، مۇنازىرە قىلىش مۇنبىرى نۇقۇل تور دۇنياسىلا بولۇپ قالماستىن، مەتبۇئاتقىمۇ يۈزلەنسۇن، شۇندىلا جەمئىيىتىمىدە ئىلمىي مۇنازىرە كەيپىياتىنى يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
(ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 16 - يانۋاردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)

18

تېما

17

دوست

4034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 16:24:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەقەت ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى، قالغان پىكىرلەر مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاس مۇنازىرىسى جەريانىدا تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتكۈسى، رەھمەت!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

12

تېما

0

دوست

2564

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4795
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 475
تۆھپە : 466
توردىكى ۋاقتى: 326
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 16:49:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahsat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 18:37  

  «بىلگىنىڭدىن كۆپتۇر بىلمىگىنىڭ» . مۇنازىرىدىن قورقماڭلار، چۈنكى مۇنازىرە ئارقىلىق مۇكەممەللىككە يۈزلىنىسىلەر. توردىكى مۇنازىرىدىن تەربىيەلىنىپ، ئۈلگە ئېلىپ تورنىڭ سىرتىدىمۇ مۇشۇنداق دېمكۇراتىك كەتپىياتقا يۈزلىنىشنى ئۆگىنىسىلەر. باشقىلارنى مۇنازىرە قىلغىلى قويماسلىق مۇستەبىتلىك ھەم دېمكۇراتىيەنى باسقانلىق بولىدۇ.
توغرا-خاتالىق دېگەننىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك. بىرتەرەپلىمە تەپەككۇر توغرا-خاتالىققا ئۆلچەم بولالمايدۇ.  

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13438
توردىكى ۋاقتى: 6619
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 17:14:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.
مۇنازىرە مۇنازىرىگە قويۇلغان مەسىلىنىڭ ئۇزى ئۈستىدە بولىشى كېرەك.بۇ نۇقتا تاشلاپ قويۇلۇپ،تېما يوللىغۇچىنىڭ سالاھىيىتى،ئەركەك-چىشىلىغى ...قاتارلىقلارمۇلاھىزە - مۇنازىرە قىلىنىپ كەتسە بۇ ئىلمى مۇنازىرە بولمايدۇ.ماجىرا كېلىپ چىقىدۇ.

0

تېما

0

دوست

163

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  668
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 39
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 17:52:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنازىرنىڭ ئىلمىي يۇسۇندا داۋاملىششى ياكى داۋاملىشالماسلىقى ئېنىقكى مۇنازىرىگە قاتناشقان شەخىسلەرنىڭ بىلىم ساپاسى ۋە چۈشىنىش دەرىجىسى بىلەن بەكمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.  بەزىلەر شۇنداق ئالدىراقسانمۇ ياكى ئۇلارنىڭ بىلىمى شۇنچىلىكمۇ ئەيتاۋۇر، مۇنازىرىگە ئەمدى تېخى ئىككى -ئۈچ كىشى پىكىر يېزىپ بولغۇچە قايناپ، چالۋاقاپ، باشقىلارنىڭ زىتىغا تىگىپ ئىشنى بۇزغىلى ئارانلا تۇرىدىكەن.  

7

تېما

4

دوست

5509

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1559
توردىكى ۋاقتى: 351
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 17:57:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 18:00  

ۇيعۇردار ەجەلدەن وسنداي مادەنيەتتى حالىق،جولدامانى وقىپ تپتىدە جەتە تۇسىنگەندەي بولدىم . سايكەسۋ دەگەن  عىلىمى بولۋى كەرەك،بولماسا ونىڭ بولماعانى جاقسى ،سول ۇشىن باۋىرلارنىڭ  عىلىمى ءسۆز مەن سايكەسۋلەرىڭىزدى شىن جۇرەكتەن تىلەيمىن   دۇنيە كەسىنكىلەردە ۇيعۇرلاردا پىسحولوگىيا سوحباتنىڭ مۇنداي  تاماشا بولىپ كەتكەندگى توۋرسىدا  ءسوز بولىپ جاتىپتى دەپ ەستەدىم.  مىن  قازاق تۇرابىدا ‹ۇيعۇردا پىسحولوگىيە وت بولىپ جانىپ جاتىر  ›دەگەن تاقىرىپ جازايىنبا دەپ ويلاپ جاتىرمىن.

4

تېما

4

دوست

6866

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 494
تۆھپە : 1781
توردىكى ۋاقتى: 429
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 18:45:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمى يوسۇندىكى مۇنازىرە ياخشى باشلىنىپ، ئاخىرىغا بارغاندا ........ھەي نىمە دىسە بولارھ؟

0

تېما

2

دوست

692

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   38.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 21:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەئە، ئىلمىي مۇنازىرە مەدەنىيەتلىك مۇنازىرە دىمەكتۇر.بۇ خىسلەت بىز ئوقۇغوچىلاردا بەك كەم ھەتتا قىسمەن ئوقۇتقوچى زىيالىلاردىمۇ بۇ خىسلەت تېپىلماي قالىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )