قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 641|ئىنكاس: 0

شەرق پەلسەپىسىنىڭ باشلىنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 19:51:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرق پەلسەپىسىنىڭ باشلىنىشى

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار تەرجىمىسى

u=757476559,3070928330&fm=21&gp=0.jpg




    شەرقتىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرمىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردا قۇللۇق دەۋىرگە كىرگەن بولۇپ،ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپە ئىدىيسى بارلىققا كەلگەن ئىدى. شەرق پەلسەپىسىنىڭ باشلىنىشى دېگەندە،نېرسى يىراق قەدىم زامانغا بېرسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگە بېرىپ تاقىلىدۇ.بۇ دەۋىرلەردە،مىسىر ۋە بابىلوندا ئەڭ دەسلەپكى پەلسەپە شەكىللىنىپ،دۇنيانىڭ مەنبەسى،ھاياتلىق قائىدىلىرى ھەققىدىكى پەلسەپىۋى پىكىرلەر بارلىققا كېلىپ،دىنى مۇقەددەسلىككە گۇمان بىلەن قارايدىغان ئىدىيلەر بىخ سۈرگەن.ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن«ۋېدا نوملار توپلىمى» ۋە «ئۇپانىشاد»ناملىق كىتابلاردا سانخيا(ئىپتىدائى ھىندى دىنىدىكى بىرخىل نەزەرىيە)،ۋايشېشىكا(ئىپتىدائى بۇددا دىنىدىكى بىرخىل مەزھەپ)،ۋېدانتا(پەلسەپىدىكى 6مەزھەپ ئىچىدە ئەڭ تەسىرچان مەزھەپ)پەلسەپە ئىدىيلىرى ئەكىس ئېتەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا،چىنا دىنى،بۇددا دىنى،جاھاندارچىلىق نەزەرىيسى قاتارلىق ئەڭ دەسلەپكى پەلسەپە ئېقىملىرى بارلىققا كەلدى.جۇڭگودا،دىننىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا «مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر»،«بەش ئاناسىر»،تەلىماتلىرى،ئەمىنىيە يىغىلىق دەۋرىگەكەلگەندەكۇڭزىچىلىق(كۇڭزى،مېڭزى،شۇنزى)،موزىچىلىق(موزى)،تويىنزم(تەرىقەتچىلىك.ۋەكىللىرى:لاۋزى،جۇاڭزى)،قانۇنچىلار ۋەكىللىكىدىكى تۈرلۈك ئىلىم ئېقىملىرى بارلىققا كېلىپ پەلسەپىدە«ھەممە بەس-بەستە سايراش»تەك گۈللىنىش ۋەزىيتى شەكىللەندى.



  قەدىمكى مىسىر،بابىلون پەلسەپىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى

(يىراق قەدىم دەۋىردىن ــــ مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگىچە)

    مىسىر شىمالى ئافرىقىدىكى نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى قەدىمكى زامان مىللەتلىرى توپلىشىپ ياشىغان رايۇن بولۇپ،كونا تاش قوراللار دەۋرىدىلا ئۆزىنىڭ مەدەنىيتىنى ياراتقان.تەخمىنەن 10مىڭ يىل بۇرۇن،مۇز ئېرا قايتىشىدا شىمالى ئافرىقىنىڭ كېلىماتى بارغانسېرى قۇرغاقلىشىپ،پايانسىز قۇملۇقلار باش كۆتەردى.شۇنىڭ بىلەن نىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى  قەدىمكى مىسىر ئاھالىلىرى  جان ساقلايدىغان بەخىت قۇچىقىغا ئايلاندى.مىلادىدىن بۇرۇنقى 3100-يىللار ئەتراپىدا،مىسىردا بىرلىككە كەلگەن قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇلۇپ،تۇنجى پادىشاھلىقتىن تولېمې سۇلالىسىگىچە بەش دەۋىر،31سۇلالىنى باشتىن كەچۈردى. مىلادىدىن بۇرۇنقى30-يىللاردا مىسىر تولېمې پادىشاھلىقى رۇملۇقلار تەرىپىدىن يوقىتىلىپ،رۇم ئېمپىرىيسىنىڭ بىر مەمۇرى ئۆلكىسى قىلىندى.مىلادى650-يىلى،ئىسلام دىنى مىسىرغا تارقالدى ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىسىر ئەرەب دۇنياسىنىڭ تەشكىلى قىسمىغا ئايلاندى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارا-بارا ئىپتىدائى جەمئىيەتنى باشتىن ئۆتكۈزدى.

    مىسىر نىل دەرياسى بىلەن زىچ باغلانغان.ھەر يىلى نىل دەرياسىدا تاشقىن كۆرۈلىدۇ.سۇ ئورنىنىڭ كۆتۈرىلىپ چۈشۈشى ۋە يەر ئۆلچەش قاتارلىقلار ئېھتىياجى سەۋەبلىك مىسىردا ئەڭ دەسلەپكى ماتېماتىكا،ئالگېبرا،يېزا ئىگىلىك ئېھتىياجى بىلەن ئەڭ قەدىمكى ئاسترونومىيە بارلىققا كەلگەن.مومىيالاش تىبابەت ۋە ئاناتومىيەنىڭ تەرەققىياتىغا شارائىت تەمىنلىدى.مىسىر خەلقى قۇياشنى ۋە نىل دەرياسىنى مەدھىيلەش،  چۇقۇنۇشتىن سىرت دۇنيانىڭ مەنبەسى مەسلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.كىشىلىك ئالاقىنىڭ قۇيۇقلىشىشىغا،مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ ئەخلاق ئىدىيلىرى بارلىققا كېلىپ،ھېدونىزم (ھاياتنىڭ نىشانى خۇشاللىق ئىزدەش دەيدىغان تەلىمات) ۋە پېسسىمىزم(يوقلۇق،ئازاپ تەلىماتى)پەلسەپىسى  شەكىلەندى.مىسىرنىڭ ئىلىم-پەن،دىن ۋە پەلسەپىسى قەدىمكى شەرق ۋە يۇنان،(رىم)رۇمغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى.

قەدىمكى غەربى ئاسىيانىڭ تارىخىمۇ ئەڭ قەدىمكى تارىخ.بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى بابىلونىيە ۋە پەلەستىننىڭ تارىخى.ئەرمىنىيە ئېگىزلىكىدىن باشلانغان تىگىر دەرياسى ۋە ئېفرات دەرياسى غەربى شىمالدىن غەربى جەنۇپقا قاراپ ئېقىپ پارىس قولتۇقىغا قويۇلىدۇ.ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىم رايۇنلىرى قەدىمكى يۇنانلىقلار تەرىپىدىن«مىسسوپوتامىيە»دەپ ئاتالغان،مەنىسى «ئىككى دەريا ئارىسى»دېگەنلىك بولۇپ،«كىشىلەر ئىككى دەريا ۋادىسى»دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن.ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ شىمالى ئاسسىرىيە(ئاسسۇرىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ)،جەنۇبى بابىلونىيە دېيىلىدۇ.بابىلونىيەنىڭ شىمالى ئاككاد،جەنۇبى سۇمېر دەپ ئاتالغان.مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردا يېزىق شەكىللىنىپ 2400كۋادراتمېتىرلىق غايەت زور كۆلەمدىكى مۇنار-ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشلىرى بارلىققا كەلدى. سىنىپلارنىڭ ئايرىلىشى ۋە سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ سۇمېردۆلىتى شەكىللەندى.سۇمېرلار ئىجاد قىلغان مىخ يېزىقنى ئىككى دەريا ۋادىسىدا ياشىغان ئاردلار،بابىلونلار،ئاسسۇرىلار،خىتتىلار،سۈرىيانلار ۋە قەدىمكى پارىسلار تەرىپىدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ماتېماتىكا،ئاسترونومىيە،تىبابەت قاتارلىق ئەڭ قەدىمكى پەنلەر شەكىللەندى.قەدىمكى غەربى ئاسىيادا تارقىلىپ كەلگەن كىشىلىك ھەقىقىتىگە تولغان ئۆلۈپ قايتا تىرىلىش،توپان بالاسى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر،دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر قاتارلىق گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەر شۇنىڭدىن باشلاپ يەنە قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتى.كېيىنچە بۇ ئەپسانە-رىۋايەتلەر يەھۇدى دىنى،خىرىستىئان دىنى مۇقەددەس دەستۇرلىرىغا سىڭدۈرۈلۈپ پۈتۈن دۇنيادا غايەت زور تەسىرگە ئىگە بولدى.ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى دىنى ئەپسانە-رىۋايەتلەر  يەنە نۇرغۇن مۇقەددەسلىكتىن گۇمانلىنىش،ئىدراكقا مۇراجەت قىلىش،ياخشى-ياماننى ئايرىش، بەخىت ئىزدەش ئىدىيلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ،بۇلار دەل قەدىمكى غەربى ئاسىيادىكى پەلسەپە بىخلىرى ئىدى.



داۋامى بار...

u=757476559,3070928330&fm=21&gp=0.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )