قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 22313|ئىنكاس: 462
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياپونىيەدىن ئەلى مۇئەللىم لېكسىيەسى ئىشتىراكچىلىرىغا سالام!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

69

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33683
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 23:16:55 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
                  
       ئادىلە ئىسمائىل                                
      
                                                                                                      
      ئەسالام، بارلىق ۋەتەنداش قېرىنداشلار!                                                                                          
   بۇ ئىككى ھەپتىدىن بېرى مۇنبەر ھەم ئۈن-دىدار سالونلىرىنى ئەلى مۇئەللىم لېكسىيەسى ۋە بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر قاپلاپ كەتتى. باشقا بىر تېما ئۈستىدە ئىشلەۋاتقىنىم ئۈچۈن، ماڭا بۇ لېكسىيە ۋە باھالارنى يوللىغان دوستلىرىمنىڭ پىكرىگە پەقەت مۇنۇ قۇرلارنى قوشۇپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەندىم :                                                                                  .
ئەلى قۇرباننىڭ يېڭىدىن تىلى چىقىۋاتقان بالىسىنى(ناۋادا بالىسى بولسا ياكى بولغاندا) چەت-ئەلگە ياكى خەنزۇلار
ئارىسىغا ئاپىرىپپ   تەربىيىلەپ باقسىكەن، قوغۇن دىيەلەمدۇ. تىل مۇھىتى بىلەن ئەقىل گېنىنىڭ پەرقىنى، بۇ تاۋۇشلارنىڭ بىزگە كىمدىن كەلگىنىنى ئۇنتۇپ قالغان ئەلى مۇئەللىمنىڭ دۇنيانىڭ نىسپىلىك نەزىرىيىسىنى، ئۆزى ۋە بىلگەنلىرىنىڭ ھىچقاچان مۇت لەق ئەمەسلىگىنى ئېتىراپ قىلماسلىغى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. بىراق، ئەلى مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئەمەس دەل ئۇنۇڭ ئۆزى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نىسپەتەن ناھايىتى زور بىر بۆسۈش، يېڭىلىق. بىزدىن تېخىمۇ كۆپ ئەلى مۇئەللىملەر چىقسۇن. ئادەم خاتالىق ۋە مەغلۇبىيەت ئىچىدە يېتىلىدۇ. دەپ.
مۇشۇ پىكرىم بىلەن مۇنازىرىلەرگە سىرىتتىن قۇلاق سېلىپلا ئۆتۈۋاتاتتىم. بىراق، بۇ ئىەۋج شۇ دەرىجىگە يەتتىكى،لېكسىيەگە باھا بەرگەن زىۋىدە خانىمنى ھەسەتخور، ئۆپكۈسى يوق دەپ بىلجىرلىغانلار بارغانچە ھەددىدىن ئېشىپ، ئۇنۇڭغا قانۇنى جىاۋىپكارلىق ھەيۋىسى بىلەن *مەسلىھەت* بېرىشكە ئۆتتى. ساپاسىز لېكسىيەگە چاۋاك چالغان ساپاسىز ئاڭلىغۇچىلاردىن مىللەتكە بولغان ئۈمۈدىم يوقالدى. ئەسلى ساپاسىز بولغۇنى بۇ مىللەتكەن. دىگەندەك ساپانى بىلمىگەن *ساپالىق* لارنىڭ ھاقارىتى بارا-بارا ئىككى پىسخىلوگدىن ھالقىپ پۈتۈن مىللەتكە ئاغدۇرۇلدى.
ئەڭ ئېچىنىشلىغى شۇكى، ئەلى مۇئەللىم بىلەن زىۋىدە خانىم تەرەپدارلىرى قوزغىغان بۇ ئىنقىلاپنىڭ ھەقىقى زىيانلانغۇچىلىرى  ئۇ ئىككى كىشى بولماستىن، دادىسى بىلەن ئانىسى ئۇرۇشۇپ قالسا ئارىدا بويۇن قىسىپ قالغان بىچارە    بالىدەك، كىمگە ئىشىنىشنى، كىمدىن مەدەت ئېلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان گۆدەك ياشلىرىمىز بولۇۋاتىدۇ. توغرا، ئىلمى مۇنازىرىنىڭ ئىلمى نەزىرىيەلەرنى تولۇقلاش، تۈزۈتۈش ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك ئەمىللەشتۈتۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. بىراق، شۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئاخىرقى ھېساپتا ئۇنى كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمىز؟ سېنىڭ توغرىمۇ مېنىڭمۇ دەپ توختىماستىن تالىشىپ جىدەلنى ئۇلغايتىشىمىز كېرەكمۇ ياكى قورقۇپ يىغلاۋاتقان بالىمىزنى قۇچاققا ئېلىپ، روھىنى تېنچلاندۇرىشىمىز كېرەكمۇ؟
يەنە سۈكۈت قىلىپ قاراپ ئولتۇرۇش تەبىئىتىمگە سىغمىدى. ھەي ئادەملەر نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلىۋاتامسەن؟   
         ئەلى مۇئەللىمنىڭ بازار ئىگىلىگى، پىلاستىنكا ۋە لېكسىيە سودىسىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنى ئېغىر ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچراتقان قانۇنى مەسئۇلىيەت...
         ئۇ قانات-قۇيرۇغىنى يېتىلدۈرۈپ ئۇچۇۋالغۇچە، موزايدىن كالىغا ئايلىنىۋالغۇچە كۈتۈپ تۇرۇڭ..
         دەرھال  مۇنبەردىكى پىكرىڭىزنى قايتۇرۇپ، ئوچۇق خەت بىلەن كەچۈرۈم سوراڭ. بولمىسا قانۇنى جاۋاپكارلىغى...   
         مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيىتىم بىلەن سۈكۈت ماڭا ھارام ...                                                                     
ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ، ئۆزۈڭنى چۈشۈرۈدىغان بۇنداق تۇترۇقسىز ھەيۋىلەردىن كۆرە، جىم ئولتۇرۇپ گەپ قىلالايدىغانلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بولساڭ، ھىچكىم سېنى گاچىكەن، بىلىمسىزكەن دەپ قالماستى. سۆز ئەركىنلىگى دىسە، شۇنداقمۇ سۆزلەمسەن. سەن كىمنىڭ ۋاكالەتچىسى، كىمنىڭ  قانۇن جارچىسى؟ ھېلىمۇ پۇت-قولۇنى باغلاپ، قانۇنغا تاشلاپ بېرىۋاتقان، رەھىمسىز قانۇننىڭ سىرتمىغىدا ئەجەلسىز جان تەسلىم قىلىۋاتقان سان-ساناقسىز*ئازغۇنلار*يەتمەيۋاتامدا؟ ئەمدى سوتقا تارتمىغان ئالىم، راستنى سۆزلىگەن ئۇستاز قالدىما؟ مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەتمىش. سەن مىللەتكە مۇشۇنداق مەسئۇل بولامسەن؟مىللەت ئادەملىرىنى مۇشۇنداق مۇرەسسە قىلامسەن؟
مەن ئەلى مۇئەللىمنىمۇ زىۋىدە خانىمنىمۇ تونۇمايمەن. ئۇلارغا باھا- پىكىرلىرىنى ئېلان قىلىۋاتقان مۇنازىرىچىلەرنى بولسا تېخىمۇ شۇنداق.مەن ھىچكىم بىلەن ھەسەتخور كەسپداشلاردىن ياكى كالىسى بىر قازاندا قاينىمايدىغان رەقىپ  قوشقارلاردىن ئەمەس.ئەزەلدىن  باشقىلارغا كىملىگى، نام-ئاتىغى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادىتىممۇ يوق. پەقەت  يىراق يات ئەلدىكى بىر ئويغۇر ۋەتەنداش خالاس. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ يازغان، سۆزلىگەنلىرىنى قانداق چۈشەنسەم، نېمىنى ھىس قىلسام ئەينەن پىكرىمنى بايان قىلماقچىمەن.
زىۋىدە خانىمنىڭ ماقالىسى ۋە ئۇنۇڭغا بېرىلگەن باھالار ھەققىدە .
مەن زىۋىدە خانىمنى <ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىگە قىستۇرما> ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق تۇنجى ئۇچراتتىم ۋە شۇ ماقالە ئارقىلىق ئۇنۇڭ جاسارەتلىك ئايال، مەسئۇلىيەتچان ئۇستاز، ئىلمىلىكنى چۈشۈنىدىغان ئالىم ئىكەنلىگىنى بايقىدىم. ھازىر ئويغۇر ئېلىدە يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ۋە مەلۇم ئاساس تىكلىگەن ياش ۋە نوپۇزلۇق پىسخىلوگلارنىڭ سانى ئاز ئەمەستەك قىلىدۇ. ئەلى قۇربان سۆزلىگەن لېكسىيەدىكى ئىلمى خاتالىق، نۇتۇق يېتەرسىزلىگى ۋە سەلبى تەسىرلەرنى زىۋىدە خانىمدىن باشقىمۇ ناھايىتى كۆپ بايقىغان ۋە باش چايقىغانلار بولۇشى مۈمكىن. ھەتتا نەق مەيداندا لېكسىيە ئاڭلاشقا قاتناشقۇچىلاردىن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتىنىڭ پىرافىسسور، لىكتورلىرىمۇ يوق ئەمەستۇ. بىراق، ھىچكىم زىۋىدە خانىمدىن بۇرۇن ھىچنېمە دىيەلمىدى. ئەلى قۇرباننىڭ ياشلار ئارىسىدىكى تەسىرىنى بىلدى. ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنۇڭچىلىك جەلپ قىلالمايۋاتقىنىدىن بىئارام بولدى. ئەمما ئاچچىغىنى ئىچىگە يۇتتى. ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىشەنمەڭلار، ئۇ ئگىز-پەس سۆزلەۋاتىدۇ دىسە كالتەكنىڭ ئۆزۈگە تېگىپ كېتىشىدىن، ھەسەتخور، ئاتىلىپ قېلىشىدىن قورۇقتى. بىراق، بۇ *ھەسەتخور* ئايال مەيدىسىنى كېرىپ، ھەممە ئاقىۋەتنى كۆز ئالدىغا ئېلىپ، ھىچ ئىككىلەنمەستىن ئوتتۇرىغا چىقالىدى. خاتا ئۇقۇم، خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ گۆدەك نوتىلارنى خاتا يېتەكلەپ قويۇش خەۋپىنى چۈشەنگىنى ئۈچۈن، تەلەپچان ئوقۇتقۇچىغا خاس توغرا خىسلىتى بىلەن نامايەن بولدى. يېتۈك بىر پىسخىلوگ بولغۇنى ئۈچۈن، ئىلمى نوقسانلارنى جايىدا بايقىدى ۋە ئۇنى ئىلمى ئۇسۇلدا شەرھىلىدى. بىراق، قەلبىدىكى ئەلى قەھرىماننىڭ ئوبرازىغا نوقسان يەتكۈزگۇنى ۋە ئاڭلۇغۇچىلارنىڭ *بىخۇتلۇغىغا* تۇتقان قاتتىق قول پوزىتسىيەسى ئۈچۈن ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياجانلىق زەربىسىگە ئۇچرۇدى.
   شۇ تاپتا بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەسلى مەزمۇندىن ھالقىغان مۇنۇ قۇرلارنى تەۋسىيە قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ:      
   سىلەر تەلەپچان، قاتتىق قول ئۇستازلىرىڭلاردىن رەنجىمەڭلار. ئۇلار سىلەرگە خۇددى ئۆز ئاتا-ئاناڭلارغا ئوخشاش كۆيۈنگىنى، غەم يىگىنى، توغرا ئادەم بولۇشۇڭلارنى ئىستىگىنى ئۈچۈن ئېنىرگىيە سەرپ قىلىدۇ. « دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ» دىگەن سۆزمۇ بار بىزدە. ئەسلى رەنجىشكە تېگىشلىگى، خاتالىقلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە، بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىپ، ھىچكىمگە يامان بولماي ئۆتۈۋاتقان، ئانچە-مۇنچە ئۆيىگە چاقىرىۋېلىپ ياكى دۈمبەڭلەرنى پەپىلەپ، نومۇر قوشۇپ قويۇپ، بىخۇتلۇققا  بولۇشىچە قويۇۋەتكەن نان قېپى ئوقۇتقۇچىلار.          مائارىپىمىزنى، كەلگۈسىمىزنى دەل شۇ بىپەرۋالىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، راھەتپەرەسلىك خاراپ قىلىۋاتىدۇ. زىۋىدە خانىممۇ شۇلارغا ئوخشاش سىڭگەن نېنىنى يەپ، چېيىنى ئويناپ يۈرۈۋەرسە بولاتتىغۇ؟
زىۋىدە خانىم ھەققىدە ئابىدە ئىبراھىم قاتارلىق ئۆتكۈر پىكىرلىك ئايرىم بىلىم ئادەملىرىمىز ناھايىتى ياخشى يەكۈنلەرنى چىقىرىپتۇ.شۇڭا مەن بۇ ھەقتىكى ئوخشاش پىكىرلىرىمنى قىسقارتىمەن.
ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۆز لېكسىيەسىگە ۋە لېكسىيە رەدىيىچىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە.
ئەلى قۇربان لېكسىيەسىدىكى ئىلمى ۋە لوگىكىلىق خاتالىقلار، ئەخلاق ۋە پىسخىكا كۆزقارىشىدىكى بىر تەرەپلىمىلىكلەر  توغرۇسىدا يېتەرلىك ھەتتا ئارتۇغى بىلەن تەكلىپ-تەنقىدلەر بولۇنۇۋاتىدۇ.شۇڭا مەن بۇ ھەقتە يەنە توختالمايمەن. پەقەت، مۇشۇ خاتالىقلارغا سەۋەپ بولغان ئايرىم نۇقتىلارنى ئۆزۈمنىڭ ھىس قىلغانلىرىم بويۇچە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئورتاقلاشماقچىمەن.
1. زىيادە .ئىشەنچتىن كېلىپ چىققان بىخۇتلۇق.
مېنى ھەممىدىن بەك قايىل قىلغىنى ئەلى قۇربانننىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ئىزدىنىپ يېڭى يول تېپىش روھى. ئۇنى-بۇنى دوراپ بېىقپ، قاملاشتۇرالمىغاندا مۇشۇ بازارغا كىردى دىگەنلەرمۇ بولدى. بىراق بۇ ياخشى يۈزلىنىشقۇ. بىر ئۆمۈر ئۆز نىشانىنى بېكىتەلمەي، ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالماي ، نېمىدە مۇئاشقا ئۇلاشسا شۇنىڭغا شۈكرى قىلىپ، مەنە-تىۋىشسىز دۇنيادىن ئۆتۈدىغانلارمۇ كۆپقۇ. ئەلى قۇربان ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئامىللارنى بايقاشنى، ئۇنى قانداق ئىشلىتىش ۋە كىمگە ئىشلىتىشنى شۇ قەدەر ياخشى بىلگەنكى، ئەقىلنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، نىسپەتەن يۇقۇرى ئختىمائى ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتقان. ئويغۇر مائارىپىدا ئۆزگۈچە بىر يېتەكلەش ئۇسلۇبى، يېڭىچە بىر بۆسۈش پەيدا قىلغان. تىرىشچانلىق، جاپاغا چىداش ۋە ئۆزۈنى سۆيۈشتەك ئاكتىۋال پىسخىكىسىمۇ ئۇنىڭ بۈ مۇۋاپەقىيەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتلارنى ياراتقان.« دۇنيادا ئەسلىدە يول يوق ئىدى، ئادەملەر ماڭغىنى ئۈچۈن يول پەيدا بولغان» ئەلى قۇربان بۇنى ئۆز ئەمىلىيىتدە كۆرسەتتى.
ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە باشقىلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلىش ئۇنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى ئىكەنلىگىنىمۇ ھەممىمىز بىلىپ تۇرۇپتىمىز. ئۇ دەل شۇ ئىشەنچنىڭ جاسارىتى بىلەن، ھىچنىمىنى مەنسىتمەستىن غالىپلارچە ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنداقلا يېتەرلىك خاتالىقلارنى سۆرەپ  چىقتى. جىم-جىت ساھىللارنى، تىنىق كۆللەرنى تەۋرىتىۋەتتى. بىزدەك ئۈگدەپ ياتقانلار ئۇنىڭ خاتالىقلىرىدىن چۆچۈدۇق، جاسارىتىدىن تەسىرلەندۇق. ئىزدىنىش روھىغا قايىل بولدۇق.
بىراق، ئىشەنچ –  ئۆز-ئۆزىگە ئشىنىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشلا ئەمەس. باشقىلارغىمۇ ئىشىنىش، ئۇلارنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىغى ئارقىلىق ئۆزىدىكى بوشلۇقلارنى تولۇقلاپ، ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزگىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش دېمەكتۇر. ناۋادا ئەلى قۇرباننىڭ ئىشەنچكە بولغان تونۇشىى يەنە بىراز ساغلام يېتىلەلىگەن بولسىدى، كەلگۈسىدە ھىچكىم ئىنكار قىللامايدىغان تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتىشى مۈمكىن ئىدى. بۈگۈنكىدەك ئاخىرى چىقماس مۇلاھىزىلەر بولۇنمىغان ۋە ئۇنۇڭغا رەدىيە بېرىمەن دەپ تېخىمۇ چوڭ خاتالىقلارغا يولۇقمىغان بولاتتى.
    ئەلى قۇربانننىڭ ياخشى نىيەتلىك ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپتىمىز. بىراق، ياخشى نىيەت ساغلام، توغرا شەكىلدە ئىپادىلەنمىسە، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە زىيادە مۇتلەقلەشتۈرۈش ئېشىپ كەتسە، ئېنىقكى كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك ئەكس تەسىر بېرىدۇ. گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە بىز ئۇنى باشقۇرىمىز، ئېغىزدىن چىقىپ كەتتىمۇ ئۇ بىزنى باشقۇرىدۇ. پۇختا ئويلانمىغان، يەڭگىللىك بىلەن ئېيتىلغان ھەر بىر ئېغىز سۆز بىزگە كېلىدىغان بىر باھانى پىچىپ قويۇدۇ. بەلكى ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى مالىمان قىلىۋېتەلەيدۇ.
   نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئالدىدا ھىچقانداق ماتىرىيالدىن پايدىلانماي، سائەتلەپ لېكسىيە سۆزلەش دەرۋەقە ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولغان. ئوقۇغۇچىغا مەنپئەت بېرەلىگۈدەك، ئۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالىغىدەك  بىر سائەت لېكسىيە ئۈچۈن قانچىلىك ئەجىر، ۋاقىت كېتىدىغىنىنى بىلگۈچىلىگىم بار. بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچى بولۇپمۇ، ئوقۇغۇچى رازى بولغۇدەك بىر سائەت لېكسىيە سۆزلىيەلمەيدىغان، كىتاپتىن كۆچۈرۈپ كەلگىنىنى ئەينەن ئوقۇپ بېرىپ، سائەت توشقۇزىدىغان لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچىنىمۇ تالاي كۆرگەنمەن. ئەلى قۇربان ناھايىتى زېرەك بولغىنى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى ھىچ زېرىكتۈرمەستىن سائەتلەپ ئاغزىغا قارىتالىدى ھەم دەل شۇنداق قىلالايدىغىنىغا زىيادە ئىشىنىپ كەتكىنى ئۈچۈن لېكسىيەگە ئىلمى، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلالماي، ھازىرقىدەك مۇنازىرىلەرگە دەستەك بولۇپ قالدى.
   ئۇ، مەن مۇرەككەپ بىلىملەرنى ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان ئاددى سۆزلەرگە ئايلاندۇرۇپ يەكۈزمەكچى   بولدۇم. بىراق، بۇ ئاددىلاشتۇرۇش ئۇنداق ئاددى ئەمەس دىدى. بۇ ناھايىتى توغرا گەپ. ئاددىلاشتۇرۇش ئاددى ئەمەسلا ئەمەس، ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان. نۇرغۇن ئىلىم ئادەملىرى ۋە ئەدىپلەر ئۆزى ۋە ئۆز ساھەسىدىكىلەردىن باشقا ھىچكىم چۈشىنەلمەيدىغان. چەت تىلىدىن ئەينەن كۆچۈرۈۋالغان ياكى كەسپى ساھەدىلا قوللۇنىدىغان مۇرەككەپ ئاتالغۇلارنى ئەتەي سىڭدۈرۈپ، يازغان ۋە سۆزلىگەنلىرىنى باشقىلاردىن ئۆزگىچە، يۇقۇرى سەۋىيىلىك كۆرسەتمەكچى بولۇدۇ. نەتىجىدە ئۇ چۈشىنىكسىز، جانسىز، ئۈنۈمسىز نەرسىگە ئايلىنىپ، ئەمەلى نەپ بېرەلمەيدۇ.  ئومۇمنى قىزىقتۇرالمايدۇ. ئاخىرقى ھىساپتا خېرىدارلار ئەلى مۇئەللىم تەرەپكە ئېغىپ كېتىدۇ.
  ئۇ يەنە، مەن ئىككى يېرىم سائەت ئارام ئالماستىن سۆزلىدىم، دىدى. دېمەك، مەسىلە ناھايىتى ئېنىق. دەل مۇشۇ ئارام ئالماسلىق، باشتىن-ئاخىر ماتىرىيالغا قارىماسلىق ۋە پىششىق ئويلانماستىن * ئاددىلاشتۇرۇش* تەك بىر تەرەپلىمە يەڭگىللىكلەر ئۇنىڭ ئىپادىلەشتىكى خاتالىقلىرىغا سەۋەپ بولدى. مەن ئوقۇغۇچىلارنى توختىماستىن كۈلدۈردۈم. كۈلدۈرۈش يامان ئىشمۇ دەپ چېچىلدى. كۈلدۈرۈش ئەلبەتتە يامان ئىش ئەمەس. ئەمما كۈلدۈرىمەن دەپ، توغرا-خاتاغا دىققەت قىلماسلىق ياخشى ئىش ئەمەس. ئىككى-ئۈچ سائەتلەپ ئۆزىنى ھاردۇرىدىغان ۋە ئازدۇرىدىغان ئۇزۇن-ئۇزۇن لېكسىيەلەرمۇ زۆرۈر ئەمەس. مۇۋاپىق ئارام ئېلىپ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىسىمۇ ياكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئەڭ تەسىرلىك مەزمۇنلارنى ئەپچىل يىغىنچاقلاپ، ماسلاشتۇرۇپ، مېغىزلىق يەتكۈزسىمۇ بولۇدۇ.
2.نۇتۇق سەنئىتىگە سەل قاراش.
   ئەلى قۇربان پىسخىلوگىيە ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپلارنى كۆرۈپتۇ. ئۈگۈنۈپتۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، ناتىقلىق سەنئىتى، نۇتۇق ماھارىتى ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ كۆرسە، ئەڭ داڭلىق سىياسىيون، ئوقۇتقۇچى، سەھنىچىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ، نۇتۇق ماھارىتىنى مەشق قىلدىغىنىنى نەزەردىن قالدۇرمىسا، ئۇنىڭ لېكسىيە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلمەسمىدى دەپ ئويلاپ قالدىم.( ئەگەر ئۇ، نۇتۇق ئىلمىنىمۇ ئۈگەنگەنمەن، دىسە. مەن ياندۇرۇپ، يېتەرلىك بولماپتۇ، دەيمەن.) شۇڭا ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىنى ساپاسىز دىگەندىن كۆرە رەتسىز، يېتەلىك تەييارلىقسىز، ئسپاتسىز دىگەن مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ. پىكىر چۇۋالچاق، ئاساسى ئىدىيەنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن كۈلكىسى بار،  ئۈنۈمى يوق مىساللارغا ۋاقىت كۆپ ئېلىنىپ كەتكەن. ھەتتا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىدىيە بىلەن ھىچ ئالاقىسىز مىساللارمۇ، خاتا مىساللارمۇ قوشۇلۇپ قالغان.  ئىپادىلەۋاتقان مەزمۇن تولۇق ئاخىرلاشمايلا كېيىنكى قىسىمغا ئاتلاپ، ئاڭلىغۇچىدا جىددىلىك پەيدا قىلىپ قويۇدىغان، پىكىرنىڭ باش-ئاخىرى ماسلاشمايدىغان، ياخشى ئويلۇنۇشتىن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتمىگەن بايانلار بىلەن ئۇقۇم قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر ئېغىر.
   مەن ئۇنىڭ لېكسىيە ئۈستۈلىدە قول كومپىيوتېرىنى كۆرگەندەك قىلدىم. ئۇنىڭدىن نىمىشقا پايدىلانمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. ھىچ بولمىغاندا توچكا نۇقتىلارنى كومپىيوتېرغا چۈشۈرىۋالسا، شارائىت يار بەرگەن ئورۇنلاردا ئۇنى كۆلەڭگە ئېكرانىدا چوڭايتىپ، سۆزلەۋاتقىنىنى جانلاندۇرسا، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمىگە شۇنداقلا سۆزلىگۈچىنىڭ تېخىمۇ ئىدىتلىق، سېستىمىلىق يەتكۈزىشىگە ئاكتىپ رولى بولماسمىدى دەيمەن. ئەگەر، لېكسىيە جەھەتتە مۇشۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلالىسا، پىسخىكا جەھەتتە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تەلەپچانلىق ۋە يۇقۇرى سۈپەت ئۆلچىمى بىلەن تەڭشىيەلىسە ئەلى قۇرباندىن تېخىمۇ چوڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى كۈتۈش مۈمكىن بولماسمۇ؟
3..خاتا ۋە مۇناسىۋەتسىز مىساللارنى قوللۇنۇش.
    شاڭخەيدە كۆرگەن قىسقۇچ پاقا مىسالى. ئۇنى نېمە مەقسەتتە، قايسى پىكىرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئىشلەتكىنىنى.سوزلەۋاتقان مەزمۇن بىلەن نېمە باغلىنىشى بارلىغىنى بىلەلەمىدىم.  
    قوغۇن مىسالى. ئۇ، بىزنى قوغۇن دېيەلەيدىغان بالىلارنى تۇغالايدىغان ئۇلۇق ئانىلار تۇغدى. شۇڭا قوغۇنغا لايىق ئش قىلىشىمىز كېرەك. دىدى. قوغۇنغا لايىق ئىش قانداق بولۇدىغاندۇ؟ماقۇل، بۇنى چاخچاق دەپ ئۆتكۈزىۋېتەيلى. لېكىن، *قوغۇن دىيەلمەيدىغان بالىلارنى تۇغۇدىغان خوتۇنلار* دىگەن ناھايىتى قوپال ئىشلەتىمىسى ماڭا بەك يېقىمسىز ئاڭلاندى. بالىسى قوغۇن دىيەلىسۇن ياكى دىيەلمىسۇن دۇنيادىكى بارلىق ئانىلار ئوخشاشلا ئۇلۇق. قوغۇن دېيەلمەيمۇ دۇنيانى تەۋرەتكەن،
تەۋرىتىۋاتقان ئاجايىپ ئۇلۇق بالىلارنى تۇغدى شۇ ئانىلار.
   ئۇ يەنە، مەن 4-5 تىلنى بىلىمەن. لېكىن ئويغۇردىن باشقا ھىچقانداق مىللەت قوغۇن دىيەلمەيدۇ...چۈنكى بىزدىكى گېن ياخشى، شۇڭا دۇنيادىكى ھىچقانداق مىللەت ئويغۇردەك ئەقىللىق ئەمەس...دىگەندەك پاراڭلارنى قىلدى. ئويغۇرغا بېرىلگەن بۇ باھا ھەممەيلەننى سۆيۈندۈردى. چاۋاك چالدۇردى. بۇنداق كاتتا باھا كىمنى سۆيۈندۈرمىسۇن؟ بىراق بۇ ئىشەنچ ئاتا قىلىشمۇ ياكى بىخۇتلاشتۇرۇشمۇ؟دۇنيا بويۇچە ئەڭ ئەقىللىق بىر مىللەت نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالىمىز؟بۇنۇڭغا بەلكىم تەييار جاۋاپلىرىڭلار باردۇ. بىراق ئۇ جاۋاپلارنىڭ ھەممىسى بىر باھانە.ھەقىقەتەن شۇنداق ئەقىللىق مىللەت بولساق ئىدۇق، يول ئىچىدىن يول تاپاتتۇق. ھىچكىمدە يوق ئەقلىمىز بىلەن ياتلارنى لەت ئېتەتتۇق. ھىچ بولمىغاندا بىر-بىرىمىزنى يېمەيتتۇق.
  مەنمۇ ئويغۇر. چەت-ئەلدىكى نۇرغۇن ئويغۇرلارغا ئوخشاش، دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق مىللەت ئويغۇر دېگەننى ئەمەس، دۇنيادا ئويغۇر دېگەن بىر مىللەت مەۋجۇت دېگەننى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇچۇلىنىۋاتقان بىر ئويغۇر. بىراق بۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. دۇنياغا، دۇنيادىكى تالاي مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ ئۇلىمىز ۋە ھازىرىمىز تولىمۇ ئەپسۇسۇسكى، بەكلا ئاجىز. بۇلارنى يات ئەل، يات مىللەت بىلەن ئۇچراشقانچە، چۈشەنگەنچە يۈرۈگى ئېچىشقان ھالدا  تېخىمۇ ھىس قىلىدۇ ئادەم. تىلىم كۆيۈپ تۇرۇپ دەۋاتقان بۇ ئاچچىق جۈملىلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئۈمۈدسىزلىك بېرىپ قويغان بولسام مېنى كەچۈرۈڭلار. بىراق بىز رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشىمىز، ھەممىنى ئەسلى ھالىتى بىلەن تونۇپ، ئۇنۇڭغا شۇ بويۇچە تاقابىل تۇرۇشنى، ئۆزۈمىزنى شۇنۇڭغا لايىق يېتىلدۈرۈشنى بىلىشىمىز كېرەك.  
  ئەگەر ئەلى قۇربان ئەمەس ئويغۇرنى بىلىدىغان باشقا بىر مىللەت، سىلەر دۇنيادا ھەممىدىن ئەقىللىق، دېگەن بولسىدى
مەن پەخرلەنگەن ھالدا ھوزۇرلۇنۇپ كۈلەتتىم. بۇ مېنىڭ چەت-ئەللىكنى چوڭ كۆرگۈنۈم ئەمەس. بەلكى ھەر كۈنى ھەر خىل مىللەت، ھەر خىل تەبىقىدىكىلەر بىلەن ئۇچرۇشۇپ ۋە ئۇلارنى چۈشۈنۈپ تۇرۇۋاتقاچقا ئويغۇردىكى نۇرغۇن ئېسىل خىسلەتلەرنى ئۇلاردىن مەڭگۈ تاپقىلى بولمايدىغىنىنى كۈنمۇ-كۈن ھىس قىلىپ يېتىۋاتىمەن.
  ئۆزۈمىزگە ئشىنىشىمىز، ئۆزۈمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك ئەلبەتتە. بىراق بۇ ئىشىنىش قارغۇلارچە بولسا،كەينىمىزدە
قالغانلارغا ئەمەس، ئالدىمىزدا كەتكەنلەرگە سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىسە، ئۆزۈمىزدىن باشقا ھىچكىمنىڭ  لىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.خالاس. AQ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسە، بۇ بىخۇتۇق ۋە  
يەنە كېلىپ بۇ ئەقىللىق باھاسى قوغۇننى توغرا تەللەپپۇز قىلالىغىنىمىز ئۈچۈن بېرىلدى. ھەيرانمەن، ئەلى قۇربان 4-5
تىلنى بىلىمەن دىگەن ئىدى. ئەجەبا تىلنىڭ ئالاھىدىلىگى ۋە خاسلىغى، تىل مۇھىتىنىڭ تىل ئۆگۈنۈشتىكى رولى ۋە ئۇنىڭ ئەقىل گېنى بىلەن باشقا نەرسە ئىكەنلىگىنى بىلەلمىگەنمىدۇ؟ ،
   راست، بىز ھەرقانداق تىلنى ناھايىتى توغرا، چىرايلىق تەلەپپۇز قىلالايمىز. چۈنكى ئويغۇر تىلىدا ئەرەپ، پارس تىللىرىدىن zh,ch,sh كىرگەن  ق، غ  غا ئوخشاش تەلەپپۇزى قاتتىق، مۇرەككەپ تاۋۇشلار ۋە خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن
غا ئوخشاش دۇنيا تىللىرىدا يوق ياكى كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ئۆزگىچە تاۋۇشلار بار. بىز كىچىگىمىزدىن بۇ مۇرەككەپ، كۆپ خىل تىل
مۇھىتى ئىچىدە ئۆسۈپ، ئۆزىمىزدە ناھايىتى ئەۋرىشىم ۋە راۋان تىل ئالاھىدىلىگى يېتىلدۈرگەن. ئويغۇر تىل گىرامماتىكىسدىىمۇ نۇرغۇن تىللارغا ماس كېلىدىغان پايدىلىق ۋە ئاكتىپ ئامىللار ناھايىتى كۆپ. قىسقىسى، بىز پەۋقۇلاددە ئەقىللىق بولغۇنىمىز ئۈچۈن ئەمەس، پايدىلىق تىل مۇھىتىغا ئىگە بولغۇنىمىز ئۈچۈن تىل ئۆگۈنۈشتە ئارتۇقچىلىغىمىز بار. ئەمدى، راستلا بىزدىن باشقا مىللەت  ق بىلەن غ نى تەلەپپۇز قىلالمامدۇ ئەلى قۇربان ئۆزى ئويلۇنۇپ كۆرسۇن.
توغرا، بىز ئەقىللىق. بىزدە چەت-ئەللىكنىڭكىدەك ھەممىلا ئىشنىڭ تەييار لاھىيىسى، قوللانمىسى يوق. پۈتۈن ئىشىمىزدا
ئۆزىمىزگە تايىنىشقا، ئۆزىمىز ئويلۇنۇپ يول تېپىشقا، كىتاپ، كۆرسەتمىگە ئەمەس، ئەقىل-ئىدرېگىمىز، ئەمەلىي تەجرىبىمىزگە يۆلۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل جاپالىق رىئال شارائىت بىزگە توختىماستىن ئىزدىنىش، ئەقلىمىزنى بىلەشنى ئۆگەتكەن. بىراق، ھەقەقەتەن ئەقلىنى بىلەپ يالتىراتقانلار قانچىلىك. ئۇنى تاشلىۋېتىپ، دات باستۇرىۋاتقانلار قانچىلىك؟
   يېقىندا تېلىۋىزوردا ياپونىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنۋېرستېتلارنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بىز بىلىدىغان زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىغا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭدا سورالغان سوئاللارنىڭ مۇرەككەپلىگى، چېتىشلىق دائىرىسىنىڭ كەڭلىگى، بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ زىچلىغى ئادەمنى چۆچۈتەتتى. يەنە كېلىپ ئۇ سوئاللار ئىلىم
ساھەسىدە ئومۇملاشقان، بىلىشكە تېگىشلىك زۆرۈر مەزمۇنلار بولماستىن، ھىچكىمنىڭ دىققىتىنى چەكمەيدىغان، ئەڭ يېڭى بايقالغان ۋە ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان *قوشۇمچە بىلىملەر* ئىدى. ناھايىتى يۇقۇرى قىيىنلىق دەرىجىسىدىكى قانچە-قانچە بەت ياپونچە، ئېنگىلىزچە مەسىلىلەرنى نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئوقۇپ، جاۋاپنى قەلەم بىلەن ئېكرانغا يېزىپ بولۇشى كېرەك ئىدى. ماتېماتىكىدىكى مىساللارنىڭ مۇرەككەپلىگى، مۇزىكا، سىياسى، ئۆسۈملۈك، تارىخ ...يەر شارىدىن ئاسمان جىسىملىرىغىچە. بىرىگىمۇ ئەقلىم يەتمىدى. ئەمما ئاخىرىغىچە كۆردۈم. باھالىغۇچىلار ياپونلۇق ۋە چەت-ئەللىك ئالىملار ئىدى. ئۇلارمۇ ھەيران قالدى. ئارتىس ۋە ھەر قايسى ساھەدىكى نەق مەيدان قاتناشقۇچىلىرىمۇ چۆچۈگىنىدىن بىر-بىرىگە خۈدۈكسىرەپ قارايتتى.
   ئالىملارنىڭ خۇلاسىسى شۇ بولدۇكى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسابلاش ۋە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى كومپىيوتېردىن تېز ھەم توغرا بولۇپ، بۇ، كومپىيوتېر دۇنياسى ئۈچۈن بىر تەھدىت. ھەتتا مەلۇم مەنىدىن، ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈنمۇ بىر قورقۇنچ. دىدى.  مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ماھىرلارنىڭ ئىچىدىن بىرى، مەن ھەرقانداق قىيىن مەسىلىنىمۇ 5 مىنۇت ئىچىدە ھەل قىلىمەن دىدى. يەنە بىرى، مەن بىر قېتىملا كۆرگەن ھەرقانداق نەرسىنى ئەستە ساقلىيالايمەن دىدى. ئەڭ ئاخىرى مەن ھەر كۈنى بىر سائەتلا كىتاپ كۆرىمەن دىگەن 18 ياشلىق ئەڭ ياش ماھىر چىمپىيون بولدى.
شۇ مۇسابىقىدىكى سوئاللارنىڭ سالمىغىنى ئويلىسام ھازىرمۇ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. مانا بۇ ئەقىل. قوغۇن دىيەلمەيدىغانلرنىڭ ئەقلى. ئەقىلدىن يېتىلدۈرگەن ئەقىل. كىچىك- كىچىگىدىن چېنىقتۇرغان ئەقىل! ئەمدى سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ،  ئەلى مۇئەللىم ئەقىللىقمۇ ياكى  بىر كۈندە بىر سائەتلا كىتاپ كۆرۈدىغان ئالى مەكتەپنىڭ  بۇ بىرىنجى يىللىق ئوقۇغۇچىسىمۇ ؟ « ئۆزۈڭنى ئەر بىلسەڭ، ئۆزگىنى شىر بىل» نېمە دىگەن چىرايلىق ئېيتىلغان!
    دۇنيادا ھىچقانداق ئەقىللىق، ئۇلۇق مىللەت يوق. پەقەت شۇ مىللەت ئىچىدە ئەقىللىق، ئۇلۇق ئادەملەرلا بار.  
    ئەلى قۇربان بىلەن زىۋىدە خانىم مۇنازىرىسىگە قاتناشقۇچىلار ۋە قىزىققۇچىلارغا.
بۇ ھەقتە بېرىلگەن كۆز-قاراش، تالاش-تارتىشلارنىڭ كۆپلىگى ۋە جىددىلىگىنى مۇنبەرلەردىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. بۇ ھەقتە ئابىدە خانىمدەك ئەتراپلىق، چىرايلىق، سېستىمىلىق خۇلاسە چىقارغانلارمۇ، سۆز ئەركىنلىگىم بار دەپ، ئۆزىنى
تۆكۈۋالغانلارمۇ  بولدى. زىۋىدە خانىم ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك ئىلمى ۋە نەزىرىيىۋى خاتالىقلارنىڭ جاۋاپ بېرىشكە قۇربى يەتمىگەن قىسىملىرىدىن يانداپ ۋە ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە پايدىلىق دەپ قارىغان، ئالىم بىلەن مۇئەللىم سېلىشتۇرمىسىنى كۈچىنىڭ بېرىچە كۆپتۈرۈپ، ھاياجانلانغان قېنى قىززىق ياشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. بىراق ئۇلار شۇ ھاياجانلىرى، ئۆز قەھرىمانى ئۈچۈن كۆرسۈتىۋاتقان شۇ پىداكارلىغى بىلەن سۆيۈملۈك. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇلارنىڭ يېشىدىكى بىز بولساق دېمەسمىدۇق؟ ئۇرغۇماسمىدۇق؟ شۈكرى، بىخۇتلىق، بىپەرۋالىق ئەۋلاتلىرىمىزنى تېخى تامامەن يىقىتالماپتۇ. بىلىمگە، بىلىملىكلەرگە ئىنتىلىدىكەن. ئۈمۈت، ئىشەنچ ئىزدەيدىكەن.
  بىراق ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئەلى قۇرباننى شۇنچىلىك چوڭ بىلىدۇ؟ ئۇنى پۈتۈن خاتالىق، كەمچىلىكلىرى بىلەن قوشۇپ قوغدايدۇ؟ كونىلار«بېشىڭنى كىم سىلىسا مەشايىقىڭ شۇ» دەيدىكەن. ئويغۇر تارىخىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ زىدىيەتلىك، ئەڭ زىل بىر دەۋردە ياشاۋاتقان گۆدەكلىرىمىز جاۋاپ تېپىش مۈمكۈن بولمىغان ئاجايىپ سوئاللارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەل قىلالماي گاڭگىراۋاتىدۇ. يول تاپالماي چۈشكۈنلۈشۈۋاتىدۇ. كىمگە ئىشىنىشنى، كىمگە يۆلۈنۈشنى، كىمدىن مەدەت تېلەشنى بىلمەي ئازاپلىنىۋاتىدۇ...
ئەلى قۇربان دەل مۇشۇ ئېغىر پەيتتە ئۇلارغا قولۇنى سۇندى. مەيلى قانداق مەقسەتتە بولسۇن، ھىچقايسىمىز ئويلاشمىغان، ھىچقايسىمىز بېجىرەلمىگەن بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇلارنىڭ قاغجىرىغان قەلبىگە خۇددى شىپالىق يامغۇر سۈيىدەك ئېقىپ كىردى. قېنى بۇنۇڭغا كىم ياق، دىيەلەيدۇ؟! ئەلى قۇربان ئۆزى ئېيتقاندەك، ئۆزى ئۈچۈن كۈرەشتى. نەتىجىدە ئۆزى ئۈچۈن كۈرىشىدىغانلارنى  يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بىزچۇ؟ نېنىمىز تەييار، *چېيىمىز* مول، ئەلى قۇرباندەك يۇرتمۇ-يۇرت لېكسىيە سۆزلەپ، جاپا تارتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.كۆز ئالدىمىزدىكى پۈتۈن قاراڭغۇلۇق، ۋەيرانچىلىق، بەرباتلىقلارنى كۆرمەسكە سېلىپ،  راھەت، تېنچ ھاياتىمىزنى ياشىساقلا كۇپايە. دېمەككى، بىز ئاللىقاچان ئۆزۈمىزنى ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. ھاياتتا بىزگە ئېھتىياجى بارلارنى، بىز ئەيپلەۋاتقان خاراپ مىللەتنىڭ خاراپ بولۇشىدا ئۆزۈمىزنىڭمۇ يېتەرلىك جاۋاپكار ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. ئاقىۋەت ئۇلارمۇ  بىزنى ئۇنتۇدى. ئېتىراپ قىلمىدى. خاتا سۆزلىسىمۇ سۆزلەپ بەرگەن ئەلى مۇئەللىمنى، بىلىپ تۇرۇپ نەپ بەرمىگەن بىزدىن ئەلا بىلدى. شۇنداق ئەمەسمۇ زىۋىدە خانىم؟ شۇنداق ئەمەسمۇ مەن؟ شۇنداق ئەمەسمۇ بارلىق ئالىم، زىيالىلار؟ شۇنداق ئەمەسمۇ مىللەت دەپ، مەيدىسىگە چېكىدىغان  نوچىلار!!!
  راستىنى ئېيتسام، مىسرانىم مۇنبىرى ئورۇنلاشتۇرغان <ئەلى قۇربان بىلەن بولغان سۆھبەت>نى كۆرگەندىن كېيىن، دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنۇڭ  ئىلگىرىكى خاتلىقلىرى مېنى چۆچۈتكەن، ئەمما ئۈمۈدۈمنى يۇيۇۋېتەلمىگەن ئدى. بىراق بۇ قېتىم بۇ * ئاچچىق دەرەخ*كە ناھايىتى ئېچىندىم. ئۇنۇڭدا كۆرۈلۈۋاتقىنى خاتالىقمۇ ياكى كېسەللىكمۇ دەپ گۇمانلاندىم. ئۇ ھىچكىمنىڭ مۇنازىرىسىنى، تەنقىدىنى قوبۇل قىلمىدى. بىراق، شۇ* ئاچچىق دەرەخ*ھىكايىسى بىلەن  ئۆزىنى-ئۆزى ئىنكار قىلدى. ئۆزىنى-ئۆزى جازالىدى. ئۇنۇڭ بۇ ئېتىرازىدىن كېيىن، ئىلگىرى ئۇنى قوللۇغان، ھۆرمەتلىگەن
نۇرغۇن ياشلارنىڭمۇ باشقىچە مەيداندا پىكىر يوللۇغىنىنى كۆردۈم. تولىمۇ ئەپسۇس. ئەلى قۇربان ئۆزىگە چوقۇنۇش، ئۆزۈنى ئۇلۇغلاش كېسىلىنىڭ قۇربانى بولدى. ئۆزى ئۈچۈن سۆزلىگەنلەرنىڭ تىلىنى كۆيدۈردى. ئۈمۈدلەنگەنلەرنىڭ ئۈمۈدىنى كەستى. بىلىپ تۇرۇپتىمىزكى، ئۇنۇڭ بىلەن يەنە مۇنازىرىلىشىشنىڭ، مۇنبەرلەرنى ئاۋارە قىلىشنىڭ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاختىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
ئەمدى ئەلى قۇربان شۇ ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇنازىرىلەشسۇن. ئۆز-ئۆزىگە ئشىنىش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى يېڭىپ چىقسۇن. مەن بۇ كۈننىڭ كېلىشىنى راستىنلا ئۈمۈد قىلىمەن. ئۇنى كۈتۈۋاتقانلار، ئۇنۇڭغا مۇھتاجلار بار دەپ ئويلايمەن.
   ئەلى قۇرباننىڭ پوزىتسىيەسىدىن غەزەپلەنگەن، يامان كۆرگەنلىرىمىزمۇ ئۇنتۇپ كېتەيلى. ھازىر بىزنىڭ شەخسى ئادا
ۋەتنى، كۆڭۇل ئاغرىغىنى ئويۇلشىدىغان ۋاختىمىز ئەمەس. ياشلىرىمىزنىڭ روھى دۇنياسىنى كۆردۇق. ئۇلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى، بىزدىن نېمە كۈتۈۋاتقىنىنى بىلدۇق. ئەلى قۇربان سوتلۇنۇپ بولدى. ئەمدى ئىنقىلاپنى توختىتايلى. تىل ئۇرۇشى، قەلەم كۈرۈشى بىلەن ئەمەس ئەمەلىي ئشىمىز بىلەن رىقابەتلىشەيلى. يېقىندا تورلاردىن،  ھەقسىز پىسخىكىا مەسلىھەت ئورۇنلىرى قۇرۇلغانلىغى ۋە بۇ ھەقتە لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىغىنى ئاڭلاپ ناھايىتى سۆيۈندۈم. ھەر كىم قولۇدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلسا. نېمە بىلسە شۇنى ئۆگۈتسە. زىۋىدە خانىمدەك  ئالىملار، تەجرىبىلىك مائارىپچىلار مائارىپ ۋە پىسخىكا مەسلىھەت ئورۇنلىرىنى قۇرسا. ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ھەممىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان جامائەت ئەرباپلىرىمىزمۇ يۇقۇرى نەزەرلىرىدىن، ئالدىراش ۋاقىتلىرىدىن ھالقىپ لېكسىيەلەر بەرسە. يەنە قانچىلىغان ئازغۇنلارغا يول، ئۈمۈدسىزلەرگە ئۈمۈد. مەيۈسلەرگ خوشاللىق ئاتا قىلماسمۇ؟
  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى  شەرقى ياپونىيەدە يۈز بەرگەن دەھشەتلىك  يەر تەۋرەشتىن ھەممىمىزنىڭ خەۋ
ىرى بار. بۇ تۆلۈگىسىز ئېغىر زىياننى ياپونىيە قانداق ئەسلىگە كەلتۈردى؟ ھەممىنى دۆلەت مەبلىغى بىلەن تولۇقلىسا دۆلەت قەرزگە بۇغۇلمامادۇ؟ ئۇلى تەۋرەپلا قالغان  بۇ دۆلەتنى شۇ چىداملىق، غورۇرلۇق ياپون خەلقى قۇتقازدى. ھەر بىر ياپونلۇق ئۆزلىگىدىن قوزغالدى. مەن نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن، نېمە قىلىشىم كېرەك؟ دەپ ئوتتۇرىغا چىىقتى. چوڭ-كىچىك، باي-نامرات ھىچكىم باش تارتمىدى. نەتىجىدە، يېشىنى ياتقا كۆرسەتمەستىن بۇ ئېغىر قىيامەت ئۆتكۈلىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ( بۇ ھەقتە ھازىر ئىشلەۋاتقان< ياپونلار ۋە ياپونىيەدىكى ئويغۇرلار> ناملىق يازمامادا ئايرىم توختۇلىمەن.)
  مەن نېمە قىلىشىم كېرەك، نېمە قىللالايمەن؟
ناۋادا مۇشۇ روھ ئويغۇرغىمۇ كۆچسىدى. تامچە سۇدىن كۆل بۇلۇدىغان ئۆملۈكنىڭ خاسىيىتىنى ، مىللەتنى قۇتقۇزۇش پۈتۈن مىللەت ئەزاسىنىڭ قەرزى ھەم  پەرىزى ئىكەنلىگىنى بىلسىدى. بىزمۇ ياپونلۇقتەك يىقىلغان يەردىن تۇرالايتتۇق.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۇنى.    ياپونىيە.

      تەھرىر قېرىنداشلارغا:                                                                                               
كومپيوتېردىكى ئويغۇرچە سېستىما ياخشى ئىشلىمەي، قۇر ئۇزۇن- قسقا بولۇۋالىدىغان، ئەسەر ۋە ئەقلىيە سوزلەرگە قوللۇنىدىغان بەلگىلەر تولۇق تېپىلماي، ئۆلچەملىك بەلگە ئىشلىتەلمىگەن ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالدى. تۈزۈتۈش جەريانىدا  سىلەرگە ئاۋارىچىلىق سالىدىغان بولدۇم. كەچۈرگەيسىلەر! ئەگەر يازمىدا ئۆزگەرتىشكە، قىسقارتىشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان جايلىرى بولسا، ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن مېنىڭ خەۋىرىم بولسىكەن!                                                                        
رەخمەت،. ئىشلىرىڭلار تېخىمۇ روناق تاپسۇن!                                                                                                  

        ئادىلە ئىسمائىل               

1

تېما

0

دوست

2329

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 704
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 12:20:57 |ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل يازما، پىكىرلەر ئورۇنلۇق.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

296

تېما

32

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3160
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14514
تۆھپە : 11888
توردىكى ۋاقتى: 4266
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 12:25:40 |ئايرىم كۆرۈش
تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى يېڭىلىقتىن ئۆزىنى ئاقېچىپ باقمدى  .ئەمما يېڭلىقنى شۇ پېتى ھەزىم قىلىشنىمۇ لايىق كۆرمىدى .ئاشقازانغا چۇشكەندە ېېڭىلىقنىڭ قويۇق سۇيۇقىنى ئايرىپ پەقەت ئوزۇقلۇق قىممىتى بار تەركىبىنىلا مىللەتنىڭ ئومۇمى گەۋدىسىگە سىڭدۇردى .
بىز ئەلىنىڭ تىرىشچانلىقىنى ۋە يېڭىلىق ياراتقانلىقىنى چەتكە قاقمايمىز . ئەمما ھەر قانداق بىر يېڭلىقنى مەيلى ئۇ ئەلىنىڭ يېڭىلىقى بولسۇن ياكى باشقىلارنىڭ يېڭىلىقى بولسۇن ، چوقۇم ئۇنى ئىلگىرىكى مىڭ يىللىق ئىسلامى ئەنئەنىمىز ۋە نەچچە مىڭ يىللىق مىللى روھىمىز ئاساسىدا دەڭسەپ باقىمىز .

4

تېما

4

دوست

6795

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 494
تۆھپە : 1763
توردىكى ۋاقتى: 427
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-25
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 12:29:31 |ئايرىم كۆرۈش
< ياپونلار ۋە ياپونىيەدىكى ئويغۇرلار> تەشنامەن! شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى يېزىپ ئوقۇش ئارزۇسىدىكى دوستلارنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا بەرسىڭىز!

0

تېما

0

دوست

595

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33680
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 12:55:50 |ئايرىم كۆرۈش
‏ئىسىل تېما ....

66

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   99.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2597
تۆھپە : 12930
توردىكى ۋاقتى: 6380
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 13:03:43 |ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل مۇلاھىزە،ئورۇنلۇق تەشەببۇسلار.قوللايمەن!.

26

تېما

0

دوست

1403

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33336
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 62
تۆھپە : 436
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 13:10:25 |ئايرىم كۆرۈش
ئەلى قۇربان ھەققىدىكى تەنقىدلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى تولۇقلىمىسى بوپتۇ. ئەگەر مەن سىزدەك بۇنى ئاڭلىغان بولسام سىزدىنمۇ بەك قاخشاپ قالىدىكەنمەن. ئاڭلىمىغىنىم ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. ياپونىيەدىكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلقۇ بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

0

تېما

1

دوست

2096

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 626
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 13:14:25 |ئايرىم كۆرۈش
نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئېسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز.  تەشەككۈر.  ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )