قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1055|ئىنكاس: 9

ئىقتىسادىي ئاڭ ئىچىدىكى ئويلار(ئالىپ ئوغۇز )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 11:23:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقتىسادىي ئاڭ ئىچىدىكى ئويلار

نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز

    ئىقتىسادىي ئاڭ ھازىر ھەرقانداق ئادەمدەكەم بولسا بولمايدىغان ئاڭ .بۇ ئاڭ بولمىسا ئاچ قالىدىغان گەپ . ئادەملەر بۇدۇنياغا كەلگەن ئىكەن ، ياشاش ئۈچۈن ۋە ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش ئۈچۈن ، يەككە ئاڭغائەمەس نۇرغۇنلىغان ئاڭغا ئىگە بولۇشى زۆرۈر . مەسىلەن ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدەياخشى ۋە نورمال دېگەن باھاغا ئېرىشىش ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ھەم ياخشى كۆرۈشىگەئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئەخلاقىي ئاڭغا ئىگە بولىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ . بىرەرئەدەبىيات_ سەنئەت ئەسىردىن ھۇزۇرلىنىش ۋە مەنىۋى ئوزۇق ئېلىش ئۈچۈن سەنئەت ئېڭىغائىگە بولىشىمىز كېرەك . ياشاش جەريانىدا باشقىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاسىتىلەربىلەن بىزگە زىيان سېلىپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى _ ئۆزىمىز قوغدىيالايدىغانئاڭغا ، يەنى مۇداپىيە ئېڭىغا ئىگە بولىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ .
   قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا، بىز نۇرغۇنلىغان ئاڭلارغا ئىگە بولغاندىلا ئاندىن بۇ ھاياتقا ماسلىشىپ ياشىيالايمىز ھەم نورمال ئادەمگە ئايلىنالايمىز . جەمئىيەت بىزنى مانا مۇشۇنداق ھەر خىل ئاڭلار بىلەن تەشكىللەپ چىقىدۇ.جەمئىيەتنىڭ تەركىبى بولغان مەكتەپ ، ئائىلە ، ئىشخانا ، ۋەئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر _ بىر ئادەمنىڭ يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇنلىغان ئاڭلارغا ئىگە بولىشىنى ئۈستىگە ئالغان .بىراق ، ھەر _ بىر ئادەمنىڭ يۇقىرىدىكى ئاڭلارغا ئىگە بولۇشىنىڭ چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىك دەرىجسى روشەن پەرققە ئىگە . كۆپىنچەھاللاردا بىزدە بىر ياكى ئىككى ئاڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ ھەم بىزنىڭ سۇبيېكتىمىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ . بۇ شۇ كىشنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان  جەمئىيەتنىڭ قايسى خىل ئېڭىغا بەكرەك ئۇچرىغانلىقىغا باغلىق . ئاساسەن كىشىلەردە دىنىي ئاڭ ، ئىقتىسادىي ئاڭ ۋە سىياسىي ئاڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ . لېكىن ، بۇ ئاڭلارنىڭ كىشىلەردە ئىپادىلىنىشى تەكشىسىز . قايسى ئاڭنىڭ كىشىلەردە بەكرەك گەۋدىلىنىشى ، شۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ قايسى خىل ئىدىيىگە ماھىلە ئىكەنلىكىگە باغلىق.
   ھازىر ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويدى . بۇ ئۇچۇر دەۋرنىڭ ئاساسلىق يېتىش نىشانى دەل ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش .ياپىلاق تىل بىلەن ئېيتقاندا ئۇچۇرغا ئىگەبولۇشتىكى مەقسەت ،پۇل تېپىش ۋە بازارغا ئىگە بولۇش ... بىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ بۇلۇڭ _ پۇچقاقلىرىنى قاپلىغان ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش چاقىرىقى ،دۇنيادىكىھەر_ بار ئادەمنىڭ ئىقتىسادىي سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىۋېتىشى بىلەن بىللە ،باشقائاڭلارنى ئىككلەمچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئېڭىغا دىن ياكى بولمىسا سىياسى ئەمەس دەل ئىقتىساد، يەنى پۇل ھۆكۈمرانلىق قىلىش دەۋرى باشلاندى . بۇ ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ خاھىشى .‹‹ مۇھىت پىكىرنى بەلگىلەيدۇ .››① شۇنداقلا ئۇنىغا ھەرىكەت يوللىشىنىكۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئېڭى دەل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلى . شۇڭلاشقائىنسانلار ھەرىكەت قىلىۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى ھاۋاسى ئىقتىسادىي ئاڭنى ئالدىنقى ئورنىغا قويغان ئىكەن ،ئادەملەرنىڭمۇ ئىقتىسادىي ئاڭنى باشقا ئاڭلارنىڭ ئالدىغا قويىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس .
    بىراق ،ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ،كىشىلەرنى پەقەتلا ئىقتىسادى ئاڭ بىلەن قوراللاندۇرۇش خاھىشى. دۇنيا بويلاپ مۇرەككەپ زىددىيەتلەرنى ۋە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان خېيىم _خەتەرلەردىن ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن،  پارىس قولتۇق ئۇرۇشى پۈتۈنلەي تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان نېفىتكە ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدى . يەنى يەر ئاستىدىكى نېفىتكە ئېرىشىش ئۈچۈن غەرب ئەللىرى بىرلىشىپ پارس قولتۇقى ئۇرۇشىنى قوزغىدى . ئىقتىسادنى تەكىتلەش لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىپتىدائىي ئورمانلارنىڭ كېسىلىشىنى تېزلەتتى . ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشنى ئالدىنقى نىشان قىلغان سانائەت، ئوخشاش بولمىغان بۇلغانمىلارنى پەيدا قىلىپ، دەريا ـ كۆللەر ۋە دېڭىز _ئوكيانلارنى بۇلغاپ ، ئۇ يەردىكى ھاياتلىققا يوقۇتۇش خاراكتېرلىك خەۋپ ئېلىپ كەلدى.ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلگەن بۇلغىما گازلار يەر شارنىڭ ئىللىپ كېتىشنى تېزلىتىپ،ھەر_ خىل كىلىمات ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلدى . بۇ سەۋەبلىك شىمالى قۇتۇپ ۋە جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇزلار ئېرىشكە باشلىدى . تاتلىق سۇلارنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولغان تاغلاردىكى مۇزلار پۈتۈنلەي ئېرىپ تۈگەشكە يۈزلەندى . ئىقتىسادىي كۈچ تالىشىش ئۈچۈن ئەسەبىيلەرچە ئېلىپ بېرىلغان ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدىكى خىمىيىلىك قوراللارسىنىقى جانلىقلارنىڭ تۈرىنى يوقۇتۇپ، كىشىلەردە ساقايتقىلى بولمايدىغان روھىي ـجىسمانىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلماقتا . پۇل بىرلەمچى دەيدىغان ئېتىقادكىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي ئېڭىنى پۈتۈنلەي زەئىپلەشتۈرۈپ ،كىشىلەردە پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماسلىق ئادىتىنى يېتىلدۈردى . بۇنىڭ بىلەن  ھاياتىمىزغا خەۋپ كەلتۈرىدىغان دېھقانچىلىق دورىلىرى چېچىلغان كۆكتات ۋە مېۋىلەر ، يەر ئاستىدا ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ھەم ساختا تۇرمۇش بويۇملىرى ، ساختا دارا ۋە ئېلانلار ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان سۈپەتسىز مەھسۇلاتلار پۈتكۈل جەمئىيەتنى قاپلاپ ، توسقىنى بولمايدىغان خەۋپكەئايلاندى . پۇل ئۈچۈن ئەخلاقىي چۈشەنچىلەرگە زىت ھالدا قۇرۇلغان ھەرخىل غەيرى ئىشرەتخانىلار . نومۇسسىزلارچە ئەۋجېلىپ كىشىلەردە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەتتا ئەيدىز كېسىلى ۋە ئاڭلاپ باقمىغان جىنىسىي كېسەللىكلەرنى تارقىلىشچان ئاپەتكە ئايلاندۇردى .
    باشقا ئاڭلارغا پەرۋا قىلماي ،نوقۇل ئىقتىسادىي ئاڭنى مەركەز قىلىۋېلىش خاھىشى، كىشىلەردە بىرخىل رەھىمسىز خاراكتېرنى يېتىلدۈرمەكتە . دۇنيا ئەزەلدىنلا گۈزەل ئىدى . لېكىن ، ئۇ بىزگە ئەمدى تولىمۇ سوغ بىلىنمەكتە...
   بىز دۇنياغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق ئىقتىسادىي كۈچنىڭ ئۈزلۈكسىز سىياسىي كۈچنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەنلىكىنى بايقايمىز .دۇنيا ھازىر ئورتاق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى. بىراق ،سىياسىينىڭ بۇنداق ئىقتىدارى يوق ۋە بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس .چۈنكى ، سىياسىي مەلۇم رايونغا تەۋەنەرسە . ئۇ ئاسانلىقچە ئۆزىگە تەۋە بولغان رايونىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ . بىراق ,ئىقتىساد مەلۇم رايىدىن ھالقىيالايدۇ .ئۇ ھازىر دۇنيادا ھەل قىلغۇچ ئورۇنغا ئۆتتى. ئۇ ئاتوم قۇراللدىنمۇ كۈچلۈك.  ھازىربىرەر دۆلەتنى خەلق ئارا جەمئىيەت جازالىماقچى بولسا ، ئۇ دۆلەتكە ئىقتىسادىي جازايۈرگۈزىدۇ . بۇنداق قىلغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ئۈزۈلۈپ ، بۇدۆلەتنىڭ خەلق ئارىدىكى ئورنى ۋە سىياسىي كۈچى ئاجىزلايدۇ ،شۇنداقلا ئىچكى قىسمىدا سىياسىي قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ،ئاخىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ . بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى دەل ئىقتىسادىي كۈچ.
     ھازىر ئىقتىسادى كۈچ، بىر دۆلەتنىڭ ئەمىلى كۈچىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . كۆپىنچە ھاللاردائىقتىساد جەھەتتە ئارقىدا قالغان نامرات دۆلەتلەردە سىياسىي قالايمىقانچىلىق يۈزبېرىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندايۇقىرى بولىدۇ .كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن بولىدۇ . بۇنداق بولۇشتىكى  سەۋەب، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى يوق ،يەنى ئىقتىسادىي كۈچ ئارقىلىق ئۆزىگە ۋە تاشقىرىغا تەسىركۆرسىتىش دەرىجىسىگە يېتەلمىگەن.
   ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشى بىر دۆلەتنىڭ سىياسى مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قالماي ھەم شۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ، شۇنداقلا  ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ  ئەمىلى ھوقۇقىنى باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيتىش پۇرسىتىنى ئاتا قىلىدۇ .ھازىر ئامېرىكا قاتارلىق بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ،ئۇلار زور دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە ھەم ئۇلار ئىقتىسادىي كۈچ ئارقىلىق دۇنياغا تەسىركۆرسىتەلەيدۇ .
   ھەرقانداق ئىنسان ياشاش ئۈچۈن ئىقتىسادقاتايىنىشىغا مەجبۇر بولىدۇ .بىزنىڭ ئۇنىڭغا تايانغانلىقىمىزنىڭ ئۆزىمۇ ، بىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىمىزنىڭ  جانلىق ئىسپاتى.مەسىلەن ،كۆپىنچىمىزنىڭ خىزمەت قىلىشىمىز ۋە باشقا ھەر _ خىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز پەقەت ئىقتىسادقا ئېھتىياجىمىز چۈشكەنلىكتىن بولغان . ناۋادائىقتىسادقا ئېھتىياجىمىز چۈشمىگەن بولسا، بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ نۇرغۇن روھى ئارمانلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ‹‹خىزمەت ـ خىزمەت›› دەپ قاتىراپ يۈرۈشىمىزنىڭ  زۆرۈرىيىتى بولمىغان بۇلاتتى... ئەمەلىيەتتە ھەممىمىزگە ئېنىق بولغان ئاچىق بىر ھەقىقەت مەۋجۇت . ئۇ بولسا،بەلگىلىك ئىقتىسادىي كۈچ بولمىسا جەمئىيەتتىكى ئورنىمىزنىڭ يوقىلىشى ھەم جەمئىيەتتەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىشىمىز.
    ھازىر دۇنياغا مەدەنىيەت نىقابىنى ئارتىۋالغان رەھىمسىز ھەم قۇ بالا - ئىقتىساد تۇغۇلدى . ئۇ تۇرمۇشىمىزدا  ھەل قىلغۇچ رول ئوينىماقتا ۋە شۇ خىل رولنى ئۆتەپ كەلمەكتە . چۈنكى  ئىقتىسادىي مەنپەت ھەممىمىزنىڭ جانى ـ جان مەنپەتىگە چېتىلىدۇ. ئىقتىسادىي كۈچ يوشۇرن ۋە ئاشكاراھالدا ، تۇرمۇشىمىزدا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتمەكتە . ئىقتىساد بىر نامەردنى ئۇلۇغ شەخسقىلالايدۇ ... ‹‹ قولىمىزدىكى پۇل ئەسلىدە ئەركىنلىكىمىزنى ساقلايدىغان قۇرال ئىدى. بىراق، بىزنىڭ پۇلغا بولغان تەلپۈنۈشىمىز ئۇنى بىزنى قۇل قىلىدىغان قورالغائايلاندۇرۇپ قويدى. ››(2) كاللىمىزغا ئىقتىسادىي ئاڭ ئىچىدىكى شىرىن چۈش تولغان.بۇ شىرىن چۈش بىزنى ۋەيرانمۇ قىلالايدۇ ھەم بەختلىكمۇ قىلالايدۇ .  
______________
①<<دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخى ماتېرىيالىزم >> ( ئۇيغۇرچە ) ، 1990 يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 458 بەت ، ( 18 ئەسىردە ئۆتكەن فرانسىيىلىك پەيلاسوپ ھېلۋتېسىينىڭ قارىشى(
③‹‹رۇسسۇ ھېكمەتلىرى >> ( خەنزۇچە )، 1991 يىل، 4 ئاي ، گەنسۇخەلق نەشرىياتى ، 105 بەت .
ئاپتوردىن :مەزكۈرماقالىنىڭ يېزلغىنىڭغا ئۇزاق يىل بولغاچقا تۇزتۇپ ئوقشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن

1

تېما

0

دوست

959

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   91.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30982
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 18:44:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇلنى ئىنسانلار ئۆزلىرى ياسىدىيۇ،يەنە كۆپلىگەن ئىنسانلار ئاشۇ ئۆزلىرى ياسىغان پۇل ئۈچۈن قۇل بولدى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 19:56:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، ياخشى يىزىلغان تېما ، بەزىلەر بۇ تېمىنى چۈشنىپ بولالمايدۇ .

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 00:59:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت…ئورونلوق پىكىر

1

تېما

0

دوست

143

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33719
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 21:33:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

57

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4444
توردىكى ۋاقتى: 809
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 23:45:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن ، موشۇنداق ياخشى يازمىلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغايسىز . ئۇيغۇر خەلقى موشۇنداق ئىقتىساد تىمىلىرىغا بەك مۇھتاج.

0

تېما

0

دوست

247

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   82.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28721
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 00:19:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى بولغان تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ،مىنڭچە دۇنيا ياشغان ھەرقانداق بىر ئادەمدە چۇقۇم مۇئەييەن دەرىجىدە ئىقسادى ئاڭ بولشى كېرەك.چۇنكى بىز ياخشى ياشايمىز ،ياخشى ئوقۇيمىز ،نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگەللەيمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم ئىقتىساتقا تايىنمىز ،ئۆزىمىزنىڭ دۇنيادىكى مەۋجۇتلىقىمىزنى،شۇنداقلا ئەل ئارىسدىكى ئىززەت ھۆرمىتمىزنى يۇقىرى كۆتىرشىمىزئۈچۈنمۇ يەنلا شۇ ئىقتىساتقا تاينىشقا توغرا كىلىدۇ.   

0

تېما

0

دوست

247

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   82.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28721
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 00:22:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقتىسات توغۇرسىدىكى ياخشى ماقاللار بولسا،تورئەھلى بىلەن ئورتاقلاشساق .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )