ۋول سىترىت ۋە ئامىرىكا(3)
نەغەم تۆمۈر
ئەگەر بىر جۈملە سۆز بىلەنلا ۋول سىترىتنى تەسۋىرلەپ بەر دىسە، مەن ‹ئۇ كىشىنى ھەم سۈيۈندۈرىدىغان ھەم غەزەپلەندۈرىدىغان جاي› دەپ جاۋاب بېرەتتىم. بەزىلەر ۋول سىترىتنى بىر تەرىپى دەريا، يەنە بىر تەرىپى قەبرىگە ئۇلانغان كوچا دىيىشىدۇ، كاپىتالىستلار كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا، بۇ بېشىدىن يەنە ئۇ بېشىغا ئالدىرىشىپ يۈرىدۇ.
ئۇلارنىڭ دوستى يوق، پەقەت مەنپەئەتلا بار.
يا غەلبە قىلىسىز، يا ئارمان بىلەن ئايرىلىسىز.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا دۇنيادا كۆپ قېتىم چوڭ كىچىك كىرىزىسلار يۈز بېرىپ تۇردى، مەسىلەن ياپونىيە ئىقتىسادى كىرىزىسى، فوندسىتىرلىڭ كىرىزىسى، مىكسىكا كىرىزىسى، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئىقتىسادى كىرىزىسى...دىگەندەك. بۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئىقتىسادى كىرىزىسى كۆلىمى ۋە خەتىرى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق كىرىزىس بولۇپ، ئۇنىڭ كىيىنكى دولقۇنلىرى ھەتتا رۇسىيە ۋە بىرازىلىيەلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
ياپۇنىيە ئىقتىسادى پاتقاققا پېتىپ چېكىنىۋاتقان 10 يىلدا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى كىشى قىزغۇنغۇدەك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى بۇخىل گۈللىنىش ۋەزىيىتى ئالدى كەينى بولۇپ، كورىيە، تەيۋەن، شياڭگاڭ، سىنگاپور قاتارلىق ‹ئاسىيادىكى تۆت كىچىك ئەجدىرھا› ۋە تايلاند، فىلىپپىن، ھىندونوزىيە، مالايسىيا قاتارلىق ‹ئاسىيادىكى تۆت كىچىك يولۋاس›نى ئاپىرىدە قىلدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى گەرچە تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، لىكىن مالىيە قىزىل رەقىمى، كۆپۈكچە ئىقتىساد ئېغىر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھۇجۇمغا ئۇچراشنىڭ ئىچكى شەرتلىرىنى ھازىرلاپ بولغانىدى. تاشقى جەھەتتە بولسا شۇ يىللىرى ئامىرىكا دوللارنى كۈچەيتىش دولقۇنى قوزغاپ، بۇ دۆلەتلەردىكى مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى تېزلىتىۋەتكەنىدى. ئىچكى تاشقى ئامىللارنىڭ بىرىكىشى بىلەن، ئەجدىرھا-يولۋاسلار ۋول سىترىتقا ئەجدىرھا گۆشى ۋە يولۋاش گۆشى بولۇپلا كۆرىنىدۇ ئەلۋەتتە. ئالدىنقى تېمىمىزدا بىز ۋول سىترىتنىڭ بىرىنچى چىشلەم گۆشنى قانداق ئاغزىغا ئالغانلىقىغا شاھىت بولغانىدۇق.
1997-يىلى، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى تېخى قانغۇچە تەبرىكلەپ بۇلالماي تۇرۇپلا، شياڭگاڭ سوروس باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
1997-يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرى خەلقئارا پېرۋوت بازىرىدا سۆز-چۆچەك تارقىلىشقا باشلىدى، كىشىلەر شياڭگاڭ پۇلىنىڭ پاخاللىشىشىدىن قورقۇشقا باشلىدى...
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس، سوروس قاتارلىقلار ھۇجۇمغا ئۆتۈشى بىلەنلا خىڭشىڭ كۆرسەتكۈچى بىر يىل ئاۋۋالقى 16000 نۇقتىدىن بىراقلا 6600 نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى، شياڭگاڭنىڭ تۆت تۆۋۈكى بولغان پۇل-مۇئامىلە، ئۆي-مۈلۈك، سودا ۋە ساياھەتچىلىك تالاپەتكە ئۇچرىدى، شياڭگاڭ ئىقتىسادىدا ھەتتا مەنپى ئۆسۈش كۆرۈلدى.
بۇخىل ۋەزىيەتتە شياڭگاڭ ھۆكۈمىتى ئاكتىپ ھالدا ‹شياڭگاڭنى قوغداش ئۇرۇشى› غا ئاتلاندى. شياڭگاڭ بىر تەرەپتىن پېرۋوت بازىرىدا كۆپلەپ دوللار سېتىپ چىقىرىپ، شياڭگاڭ پۇلى يىغدى، يەنە بىر تەرەپتىن بانكا ئۆسۈمىنى 8.75 دىن 9.5 غا ئۆستۈردى. شياڭگاڭنىڭ تەدبىرى پېرۋوت بازىرىدا تېزلا ئۈنۈم بەردى، شياڭگاڭ پۇلىنىڭ پېرۋوتى 7.5:1 لىق نىسبەتنى ساقلاپ قالدى.
لىكىن ئۆسۈم قوشۇش ۋە پۇل تەمىناتىنى قىسىش بىۋاستە ھالدا پاي چېكى بازىرى ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى خىڭشىڭ كۆرسەتكۈچى 14388 نۇقتا بولۇپ، 28-كۈنىگە كەلگەندە 9059 نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى، 13 سودا كۈنىدە 5578 نۇقتا چۈشۈپ، ئوتتۇرىچە كۈنلۈك چۈشۈشى 444 نۇقتىغا يەتتى.
1998-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىڭشىڭ كۆرسەتكۈچى 8000 نۇقتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، لىكىن ۋول سىترىتلىقلار بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، شۇ يىلى 8-ئايدا شياڭگاڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. سوروس ئىگىدارچىلىقىدىكى كۇانتوم فوندى شياڭگاڭ پۇلىنى يەنە تۆكمە قىلىپ، دوللار يىغىشقا باشلىدى، بىر تەرەپتىن دوللار قەرز تارقىتىپ ئۆسۈمىنى يىغسا، يەنە بىر تەرەپتىن خڭشىڭ كۆرسەتكۈچى قەرەللىك ماللىرىنى سېتىپ چىقىراتتى، شۇ ئارقىلىق پاي چېكى بازىرىنى باساتتى. ئەگەر شياڭگاڭ پۇلى داۋاملىق چۈشسە سوروس پېرۋوت بازىرىدا يەنە پايدىسىنى ئېلىۋېرەتتى. شۇ تەرىقىدە خىڭشىڭ كۆرسەتكۈچى 7000 نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ 6600 نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى.
8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە شياڭگاڭ دۆلەت مالىيەسىنى قوزغىتىپ بىۋاستە پېرۋوت بازىرىغا كىردى، 8-ئاينىڭ 28-كۈنىگە قەدەر ئالدى كەينى 118.12 مىللىيارد شياڭگاڭ پۇلىنى قوزغاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن بازار تۈزۈلمىسىنى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئىشەنچىنى ساقلاپ قالدى، سوروس باشچىلىقىدىكى خەلقئارا مەبلەغ بانكىلىرى ئامالسىز تۆكمە قىلغان پايلىرىنى بىر قەدەر يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، كەينىگە داجىدى.
شۇ قېتىملىق ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە بۆھرانىدا خىڭشىڭ كۆرسەتكۈچى %45.6 چۈشۈپ، بازار قىممىتى 2100 مىللىيارد شياڭگاڭ پۇلى پارغا ئايلىنىپ كەتتى، پاي بازىرى تالاپەتكە ئۇچراپ بىر يىل ئىچىدە ئۆي-مۈلۈك بازىرى ئالاھەزەل %70 چۈشتى. شۇ ۋاقىتلاردا شياڭگاڭنىڭ پۇل قىممىتى باشقا شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن يۇقىرى بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئېكىسپورت، ساياھەت، پارچە سېتىش كەسپلىرىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى.
‹شياڭگاڭنى قوغداش ئۇرۇشى› نىڭ پەردە كەينىدىكى قوماندانى زۇڭلى جۇرۇڭجى بولۇپ، زۇڭلى ۋول سىترىتلىقلار بىلەن قارشى يۆلىنىشتە مەشغۇلات قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، شياڭگاڭنىڭ ‹ئاسىيا پۇل مۇئامىلە مەركىزى›لىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى.
ئالدىنقى تېمىدا بىر توردىشىمىز ‹ۋول سىترىت› دىگەن كىنونىڭ ئۇلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىپتۇ، بۇ كىنودا ئۇچرايدىغان ئىككى سۆزنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ---ئەخلاق كىرىزىسى ۋە ‹ئاچكۆزلۈك ياخشى›.
ئەخلاق كىرىزىسى دىگىنى نىمە؟ پەقەت پايدا چوڭ بولسىلا، ئەخلاقسىز بولسام نىم بوپتۇ، دىگەنلىك.
بۇ كىنونى كۆرگەندىن كىيىن مۇنداق ئويلارغا كىلىشىڭىز تەبىئىي، ۋول سىترىتنىڭ بىردىنبىر قانۇنى پۇلمۇ؟ تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچلۈكلەر چوقۇم ئاجىزلارنى يىيىشى كېرەكمۇ؟
كىشىلەرنىڭ نەپسى ئەلمىساقتىن بۇيان ئەخلاق بىلەن تىركىشىپ كەلگەن. ئاچكۆزلۈك ياخشى ئەمەس، بەلكى شەيتان. ئۇ بىزنىڭ روھىمىزنى يەپ، تېنىمىزنى چىرىتىدۇ، لىكىن بىز مەلۇم دائىرىدە ئاچكۆزلۈكنى ساقلىشىمىز كېرەك، بىلىمگە، تۇرمۇشقا قارىتىلغان ئاچكۆزلۈك بىزنىڭ ئىلگىرىلىشىمىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېنىرگىيە. خۇددى ماركس ئېيتقاندەك:‹ ئىنسانلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى، ھەۋىسى ۋە قانائەتسىزلىكى---ئىنسانلار تارىخىنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان پىشاڭ›. ئەخلاق بىلەن نەپس ئارىسىدا قانداق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش كېرەك دىگەن سوئالغا بولسا، پەقەت شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىلا جاۋاب بېرەلىسە كېرەك.
ئەگەر بۇ سوئالنى ۋول سىترىتلىقلاردىن سورىساقچۇ؟
ۋول سىترىتتا ئەزەلدىن پۇل-دۇنيا كام بولغان ئەمەس، لىكىن 2008-يىلى، ئۇلار ئاچكۆزلۈكنىڭ دەردىنى ھارغۇچە تارتتى، ۋول سىترىتنىڭ ئاچكۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان قارا بۇلۇت تېخى بىرەر يىلنىڭ ئالدىدا ئاران تارقىدى. بىز كىيىنكى تېمىمىزدا ئامىرىكىغا بېرىپ، ۋول سىترىتتىن باشلانغان ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسىغا نەزەر سالىمىز.
|