قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1609|ئىنكاس: 33
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئالتۇن يارۇق كۈتۈپخانىمىزدىن بارلىق دوستلارغا ئوتلۇق سالام!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

365

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   32.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28731
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 20:02:02 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   altunyaruk114 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 21:53  

  ئالتۇن يارۇق كۈتۈپخانىمىزدىن بارلىق دوستلارغا ئوتلۇق سالام!

WIWISKA.jpg
  
   ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار! ئالتۇن يارۇق كۈتۈپخانىمىزدىن سىزلەرگە ئوتلۇق سالام! 2015 كىتاب ئوقۇش يېڭى يىلىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن! تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ھەر بىر ھايات مۇساپىڭىزلەرگە ئالەمچە خوشاللىق ئاتا قىلسۇن! مۇبارەك تېنىڭىزلار ئامان بولسۇن!
    ئالتۇن يارۇق كۈتۈپخانىمىز 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئانىلار بايرىمى كۈنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈر كۆرۈشتى.كۈتۈپخانىمىز قومۇل شەھرى شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنتىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. كۆلىمى 80 كۇۋادىرات مىتىر ئەتىراپىدا بولۇپ ئۈچ ئېغىزلىق دۇكاندىن تەركىپ تاپقان . بىر ئېغىزغا مەخسۇس كىتابلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان،يەنە بىر ئېغىزنى ئوقۇرمەنلەرئۈچۈن تېنىچ بولغان ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش سىنىپى،يەنە بىر ئايرىم ئېغىزلىق ئۆينى ئۆگەنگۈچىلەر ھەم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن تەتقىقات مەجلىسخانىسى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
   بىزنىڭ بۇ كۈتۈپخانىمىزنىڭ نامى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۈيۈك ئەسەرلەردىن بىرى بولغان «ئالتۇن يارۇق» نىڭ نامى بىلەن ئېلىندى. «ئالتۇن يارۇق» ناملىق بۇ ئەسەر ئەسلى سانسكرىتچىدۇر، 8-ئەسىردەخەنزۇچىغا، 10-ئەسىرلەر ئەتراپىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇيغۇرچەتەرجىمانى بەشبالىق (جىمىسار)لىق سىڭقو سەلى تۇتۇڭ. ئەسەرنىڭ 1687-يىلى كۆچۈرۈلگەن  355ياپراق (710 بەت)لىق نۇسخىسى رۇس ئالىمى سېرگېي ئېفىموۋىچ مالوۋ تەرىپىدىن1910-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجو شەھرى يېنىدىكى ۋېشىگو يېزىسىدىن تېپىلغان، ھازىرپېتېربۇرگ ئاسىيا مۇزىيىدا ساقلانماقتا. بۇ ئەسەر ھەققىدە نۇرغۇن(رادلوف، مالوۋ،گابائىن، س. ش. چاغاتاي، شىناسى تېكىن، فرىئېدرىخ ۋىلھەلم كارل مۈللەر، رەشىدرەھمەتى ئارات، تالات تېكىن، پېتېر زىئېم، رۆھربورن، خوجائەيۇپ يۈسۈپ، مەھمەدئۆلمەز، جەۋال كايا، گېڭشىمىن، مۇھەممەد رېھىم سايىت قاتارلىق) تۈركولوگلارتەتقىقات ئېلىپ بارغان.
    بىزنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ نامىنى كۈتۈپخانىمىز نامى قىلىپ تاللىشىمىزدىكى سەۋەب بۇ نام ئەسلى ئەسەردە ئالاھىدە تاللاپ قويۇلغان بولۇپ، چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. بۇ  ئەسەرنىڭ تولۇق ئىسمى «ئالتۇن ئۆڭلۈك يارۇق يالترىقلىغ قوپدا كۆترالمىش نوم ئىلىگى» بولۇپ، «ئالتۇن يارۇق»-قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى ، بۇ بىرىكمىدىكى «يارۇق» سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى «يورۇق» سۆزى بولۇپ «يورۇقلۇق، نۇر» مەنىلىرىنى بېرىدۇ. بۇ بىرىكمىنىڭ ئىستىمال مەنىسى «ئالتۇندەك يالتىراپ، پارقىراپ يوپ-يورۇق نۇر چىقىرىپ تۇرىدىغان»دېگەندىن ئىبارەتتۇر.بۇ ۋەجىدىن بىزمۇ كۈتۈپخانىمىزغا بىلىمدىن ئىبارەت بۇ نۇرنى سىموۋۇل قىلىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ھەر ساھە بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ بۇندىن كېيىن مىللىي كارخانىچىلىق،ھۈنەر-سانائەت،خۇسۇسى ئىگىلىكنى.....راۋاجلاندۇرۇپ جەمىئيەتتە يالتىراپ نۇر چېچىپ تۇرىدىغان بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ۋە ھەرساھە ئالىملىرىنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ نامنى ئىشلەتتۇق ھەمدە بۇ كۈتۈپخانىمىزنى ئەنە شۇ بىلىم ئىگىلىرى ئۈچۈن  ئېھسان قىلدۇق.ئالتۇن يارۇق كۈتۈپخانىمىزنىڭ ئورتاق شۇئارى: «ئوقۇ!»«بىلىم-كۈچ!»
     كۈتۈپخانىمىز ئۇقۇرمەنلىرىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن پەن تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ،ئۇيغۇرتىبابەت قاموسلىرى، ئائىلە ئوقۇشلۇقلىرى، ساغلاملىق مەسلىھەتلىرى ئوقۇشلۇقلىرى، دېھقانچىلىق ۋە باقمىچىلىققا ئائىت ئوقۇشلۇقلار، تارىخىي كىتاپلار،قانۇن مەسلىھەتچىلىكى ۋە ھەرخىل رومان، پوۋۋىست، شېئىرلار توپلىمى، بالىلار ئوقۇشلۇقى،خەنزوچە ،روسچە ،ئىنگىلىزچە، ئوردوچە،تۈرۈكچە،ئەرەپچە ئوقۇشلۇقلىرى ھەم پايدىلىنىش ماتىرياللىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ مەزكۇركۈتۈپخانىمىز بىرلا ۋاقىتتا 50 كە يېقىن ئوقۇرمەن ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدۇ.كۈتۈپخانىمىز پۈتۈن يىل سىرتقاھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ،ئۆزىنىڭ بارلىقىنى پەقەت ۋە پەقەت ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈنلا ئاتىغان،كۈتۈپخانىمىزدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب كۆرۈشى ،تەكرار مۇھىتى ھەم توردىن پايدىلىنىشى پۈتۈنلەي ھەقسىز.ئالتۇن يارۇق كۈتۈپخانىمىز ئۆگەنگۈچىلەر  ئۈچۈن 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار.
    كۈتۈپخانىمىزنىڭ ئاساسىي نىشانى :ۋەتەننى،خەلىقنى،جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىنى قىزغىن سۆيۈپ،مىللەتلەرئىتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ،ھەممە بىردەك ئىلىم-پەن بىلەن ئۆزىمىزنى قۇراللاندۇرۇپ جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.
    كۈتۈپخانىمىز 2014 -يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ كەڭ ئىلىم سۆيەر پەرزەنىتلىرىمىزگە تەتىل مەزگىلىنى تېخىمۇ جانلىق،مول مەزمۇنلۇق،ئەھمىيەتلىك،كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشنى ھەم ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش،ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئالغا ئىلگىرلەش روھىنى يىتىلدۈرۈش مەقسىتىدە پىدائىي ياشلار ئەترىتى تەشكىللىنىپ، ھەقسىزھالدا تولۇقسىز 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ماتىماتىكادەرسلىكى، خەنزۇتىلى ئېغىزتىلى كۈچەيتىش ۋەئىنگىلىزتىلىدىن ئاساس قاتارلىق دەرسلىكلەر بويىچە مەخسۇس كۇرس ئاچتۇق.پىدائىي ياشلارقوشۇنى 31 نەپەر شىنجاڭدىكى ۋە  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق ئالىي بىلىم يۇتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ياش ئاۋانگارتلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلىم سۆيەرلىك روھى بىلەن ئۆزىنىڭ كۆرگەن ھەم بىلگەنلىرىنى بىرتامچە بولسىمۇ خەلىقىمىزگەھەم كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بېغىشلاش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ ۋاقتى ھەم زېھنىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە خەلىقىمىزنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرۈش ئۈچۈن بېغىشلىدى.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ پىدائىي ياشلارغا ئالتۇن يارۇق كۈتۈپخانىمىز نامىدىن چىن كۆڭلىمىزدىن ئۆز رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.باسقان ھەربىر قەدىمىڭىزلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن!
    بۇ يىللىق تەتىل مەزگىلىدە ئالتۇن يارۇق كۈتۈپخانىمىزدا يەنە ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلاملارغا«تۆتنى يەتكۈزۈش،تۆتنى سۆزلەش» پائالىيىتىگە  بىرلەشتۈرۈپ ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن قومۇل شەھرى شەھەرئىچى يېزىلىق ھۆكۆمەتنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ھەم شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ھەقسىزخەتتاتلىق كۇرسى ئۇيۇشتۇردۇق. تەربىيلەش ئوبىكتى دېھقان-چارۋىچىلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ،رايون چەكلىمىسى يوق ،پۈتۈن ئوقۇش قۇراللىرى،دەرسلىك ماتىرىياللار ھەقسىز تەمىنلەندى.مەخسۇس تەربىيلەشكە قومۇل دىيارىمىزدىكى نوپۇزلۇق خەتتاتلىرىمىزدىن بىرى بولغان مەردان ئويۇپ ئەپەندى باشتىن-ئاخىر مەسئۇل بولۇپ يىتەكلىشى بىلەن غەلبىلىك تاماملاندى. كۇرسلىرىمىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىلىشى ئەلۋەتتە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى  بولمايدۇ. ئاممىنىڭ قوللىشى كۇرسانتلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى مەنىۋى جەھەتتىن تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ تۈسلەندۈرۈشكە تۇرتكە بولدى.بىزنىڭ بۇخالىس تۈس ئالغان پائالىيەتلىرىمىز ۋە تەربىيلەش كۇرسلىرىمىز بۇندىن كېيىنكى ھەربىر مۇساپىمىزدەئۈزلۈكسىز داۋاملاشقۇسى.
     ھەممىمىز بىلىمىز، پۇتبول ئويناشقا كۆپىنچەبالىلىرىمىزنىڭ ئالاھىدە قىزىقىدۇ.بۇ خىل تەنتەربىيە پائالىيىتى تەن ساپانى يوقىرى كۆتۈرۈشكە ۋە  كىشىگە مەنىۋى جەھەتتىن ھۇزۇر بېغىشلاپلا قالماستىن،بەلكى يەنە بالىلارنىڭ كوللىكتىۋىزىملىق ئېڭى،ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش،ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش ۋە ئىشىنىش،قارشى تەرەپنى ھۆرمەتلەش،ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكە،ئىتىپاقلىقنىڭ غەلبە قازىنىشتىكى رولىنى تونۇتۇشقاياردەم بېرىدۇ.بىز دەل پۇتبول ھەركىتىنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ بالىلىرىمىزدا كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەش،قائىدە-تۈزۈمگە رىئايە قىلىش،غەلبە قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىش ۋە تاكتىكا ئىگەللەش ،ھەمكارلىشىش،رەھبەرلىك قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە پايدا بولۇش ئۈچۈن كۈتۈپخانىدىن ئانچە يىراق بولمىغان ئورۇندا بىر پۇتبول مەيدانى ھازىرلىدۇق.مەقسىتىمىز يەنە شۇ بالىلارنىڭ خۇشاللىقى،ھەر-بىر كۈنىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىشى ئۈچۈندۇر.
   بۈگۈنكى تىنچلىق،مۇقىملىق،ئىناق ئىتتىپاقلىق كەڭ قانات يايدۇرىلىۋاتقان كۈندە ،كۈتۈپخانىمىز ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ بۇرچى دەپ بىلىپ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاشقا ھەر ۋاقىت تەييارتۇرىدۇ،ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ، كەڭ كەسپداشلىرىمىزنىڭ ھەم تورداشلىرىمىزنىڭ كۈتۈپخانىمىزغا قەدەم تەشىرىپ قىلىشنى،كۈتۈپخانىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن يىتەرسىزلىك كۆرۈلگەن خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز ھەم  تۆۋەنلىك بىلەن سورايمىز.
   مەزكۇركۈتۈپخانىنى قۇرۇشتىن تارتىپ تا بۇگۈنگىچە نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ قان تەرى ۋەھالال مېھنىتى سىڭگەن شۇڭا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنە شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن ئۆز رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.ئەڭ ئاخىرىدا جەمىئىيتىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى ئۆز نىشانى ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلىۋاتقان قىرىنداشلانىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى،يېڭىچە قەدەم زور ئىشەنچ بىلەن 2015-يىلدا زور شان-شەرەپلەر قۇچىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.ئامان بولىڭىزلار!   
   كۈتۈپخانىمىز تېخى يېڭى ئېچىلغان بولغاچقا كىتابلار مەزمۇن ۋە سان جەھەتتىن يىتەرلىك بولالمىدى.شۇڭلاشقا كۆپچىلىكنىڭ توغراچۈشىنىشىنى، بۇ ھەقتە تۈرلۈك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.بىزمۇ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كەڭ بىلىمخۇمار دوسلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئۇسسۇزلىقىنى بىر تامچە بولسىمۇ قاندۇرۇشقا تىرىشىمىز.




ئۈندىدار چچ نومۇرى:474389875
تىلفۇن نومۇر: 15299562385

سالون ئىزدەش نومۇرى:AltunYaruk


BILIM IXKIDA.jpg

QQ图片20150120171941.jpg





  















000000.jpg

1140.jpg

psb (13).jpg









11.jpg

12.jpg





psb (20).jpg

psb.jpg (71.88 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

psb.jpg

دىنىم ئىسلام مىللىتىم ئۇيغۇر

9

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3877
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3744
تۆھپە : 2873
توردىكى ۋاقتى: 518
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 21:45:09 |ئايرىم كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ ،ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن .ئۆيدە ساقلاپ قويغان كىتاپلىرىم بارئىدى 2015 كىتاپ يىلى تەشەپبۇسى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھەمبەھىرلىنىش ئۈچۈن كۈتۈپخانىڭىزغا سوۋغا قىلاي !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2096

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 626
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 21:53:28 |ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ئېسىل ئىش بوپتۇ، كۈتۈپخانىلار داۋاملىق كۆپەيسۇن جۇمۇ...

7

تېما

3

دوست

4923

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1377
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 22:22:04 |ئايرىم كۆرۈش
بەك ئوماق،مېھىرى ئىسسىق كۇتۇپخانا ئىكەن، بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانلاردەك ھەقسىز تورمۇ بار ئىكەن،(چاقچاق) كاساپەت، كۇتۇپخانىغا ھەۋسىم كەلدا ھەجەپ،ھەي مەنمۇ مۇشۇنداق يەردىن بىرنى ئاچالىغان بولسام،،،ئاۋۇ بالىلار دەرسخانىدا ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇپتغۇ،لىكسيە يوقتۇ

0

تېما

0

دوست

356

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32573
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 22:59:00 |ئايرىم كۆرۈش
      بۇ ئىشىڭلار ناھايىتى ياخشى بولۈپتۇ،لېكىن يارۇق سۆزىنى ئېشلەتكەنىڭلاردىن سەل ئاچچىقىم كەلدى،چۇنكى يارۇق سۆزى بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ نامى،جەمەتىمىزنىڭ كىتابىمۇ بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا چىققان،ۋاقتىم چىققاندا رەسىملىرىنىمۇ يوللاپ قويىمەن،غۇلجا-توققۇستارادىكى يارۇق جەمەتى بىز بولىمىز،بۇ سۆزنىڭ يەنە يورۇقلۇققا باشلىغۇچى،قورال-ياراق دىگەن مەنىلىرىمۇبار،بىرسۆزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئۇ سۆزنى ياخشى سۈرۇشتۈرىشىڭلار كېرەك ئىدى،مەنغۇ ئارتۇق گەپ قىلمايمەن لېكىن جەمەتىمىزنىڭ چوڭلىرى سۇرۇشتۈرۈپ قالسا ئاقىۋىتى ئۆزۈڭلارغا ياخشى بولماسمىكى ،ئاللا خالىسا ئۇنداقمۇ بولماس،بۇئىشقى بوپتۇ لېكىن يارۇق سۆزىنى ئەينەن ئىشلىتىدىغان ئىش بوپقالسا مەنمۇ قارشى چىقىمەن،ھەم جەمەتىمىزمۇ ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيدۇ....
    بىز ئارزۇ قىلغان كىتاپخانىلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن.ئەڭ ياخشىسى جەمەتىمىز توغۇرلۇق جىق سۇرۇشتۈرمىگەن ياخشى.

11

تېما

2

دوست

4072

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1692
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 1026
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 23:16:16 |ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل ئىشتىن بىرنى باشلاپسىز. ئالتۇندەك ئىش قىلىپسىز.  يۇقىرىقى قېرىندىشىمىز «يارۇق» سۆزى ھەققىدە توختىلىپتۇ. دەرۋەقە، بۇ-جەمەتىڭلارنىڭ نامى ئىكەن. نېمىلا بولمىسۇن، بۇ بۈيۈك نام زايا كەتمەكتۇ. چۈنكى بىردە  بىر قىسىم مەي-شاراپلارنىڭ «مۇبارەك» نام-شەرىپى قەھرمان-باھادىرلىرىمىزنىڭ نامى بىلەنمۇ ئاتىلىپ ئۈرگۈرگەن ئىدى...

2

تېما

1

دوست

365

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   32.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28731
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 23:29:53 |ئايرىم كۆرۈش
rixatka يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 22:59
بۇ ئىشىڭلار ناھايىتى ياخشى بولۈپتۇ،لېكىن يارۇق سۆز ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم! ماقالىنى تولۇق ئوقۇماي ئىنكاس قايتۇرغان ئوخشايسىز.بىز قوللانغان بۇ نامنى ھېچقاچان سىزدىن جەمەت نامى تالىشىش يۈزىسىدىن قوللانمىدۇق.بىز قوللانغان بۇ«ئالتۇن يارۇق»دىگەن نام بىر جەمەتكە ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىمىزگە مەنسۈپ.بىزمۇ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ نامنى ئىشلىتىشكە ھەقلىق دەپ قارايمىز.شۇڭا بۇ نام ئارقىلىق بۇ ھەقسىز خۇسۇسىي كۈتۈپخانىنى قۇرۇپ خەلىققە ئاتىدۇق.

بىزنىڭ بۇ كۈتۈپخانىمىزنىڭ نامى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۈيۈك ئەسەرلەردىن بىرى بولغان «ئالتۇن يارۇق» نىڭ نامى بىلەن ئېلىندى. «ئالتۇن يارۇق» ناملىق بۇ ئەسەر ئەسلى سانسكرىتچىدۇر، 8-ئەسىردەخەنزۇچىغا، 10-ئەسىرلەر ئەتراپىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇيغۇرچەتەرجىمانى بەشبالىق (جىمىسار)لىق سىڭقو سەلى تۇتۇڭ. ئەسەرنىڭ 1687-يىلى كۆچۈرۈلگەن  355ياپراق (710 بەت)لىق نۇسخىسى رۇس ئالىمى سېرگېي ئېفىموۋىچ مالوۋ تەرىپىدىن1910-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجو شەھرى يېنىدىكى ۋېشىگو يېزىسىدىن تېپىلغان، ھازىرپېتېربۇرگ ئاسىيا مۇزىيىدا ساقلانماقتا. بۇ ئەسەر ھەققىدە نۇرغۇن(رادلوف، مالوۋ،گابائىن، س. ش. چاغاتاي، شىناسى تېكىن، فرىئېدرىخ ۋىلھەلم كارل مۈللەر، رەشىدرەھمەتى ئارات، تالات تېكىن، پېتېر زىئېم، رۆھربورن، خوجائەيۇپ يۈسۈپ، مەھمەدئۆلمەز، جەۋال كايا، گېڭشىمىن، مۇھەممەد رېھىم سايىت قاتارلىق) تۈركولوگلارتەتقىقات ئېلىپ بارغان.
    بىزنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ نامىنى كۈتۈپخانىمىز نامى قىلىپ تاللىشىمىزدىكى سەۋەب بۇ نام ئەسلى ئەسەردە ئالاھىدە تاللاپ قويۇلغان بولۇپ، چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. بۇ  ئەسەرنىڭ تولۇق ئىسمى «ئالتۇن ئۆڭلۈك يارۇق يالترىقلىغ قوپدا كۆترالمىش نوم ئىلىگى» بولۇپ، «ئالتۇن يارۇق»-قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى ، بۇ بىرىكمىدىكى «يارۇق» سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى «يورۇق» سۆزى بولۇپ «يورۇقلۇق، نۇر» مەنىلىرىنى بېرىدۇ. بۇ بىرىكمىنىڭ ئىستىمال مەنىسى «ئالتۇندەك يالتىراپ، پارقىراپ يوپ-يورۇق نۇر چىقىرىپ تۇرىدىغان»دېگەندىن ئىبارەتتۇر.بۇ ۋەجىدىن بىزمۇ كۈتۈپخانىمىزغا بىلىمدىن ئىبارەت بۇ نۇرنى سىموۋۇل قىلىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ھەر ساھە بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ بۇندىن كېيىن مىللىي كارخانىچىلىق،ھۈنەر-سانائەت،خۇسۇسى ئىگىلىكنى.....راۋاجلاندۇرۇپ جەمىئيەتتە يالتىراپ نۇر چېچىپ تۇرىدىغان بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ۋە ھەرساھە ئالىملىرىنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ نامنى ئىشلەتتۇق ھەمدە بۇ كۈتۈپخانىمىزنى ئەنە شۇ بىلىم ئىگىلىرى ئۈچۈن  ئېھسان قىلدۇق.ئالتۇن يارۇق كۈتۈپخانىمىزنىڭ ئورتاق شۇئارى: «ئوقۇ!»«بىلىم-كۈچ!»

0

تېما

0

دوست

356

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32573
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 23:42:27 |ئايرىم كۆرۈش
altunyaruk114 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 23:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم! ماقالىنى تولۇق  ...

    ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام ،سىزنىڭ پىكىرىڭىزمۇ ئورۇنلۇق،چۇشەندىم، مەنمۇ ئۇگەپلەرنى يامان نىيەتتە دىمىدىم،ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپسىلەر ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )