قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 22897|ئىنكاس: 104

شېڭ شىسەيمۇ تەڭ كېلەلمىگەن مەشھۇر ئۇيغۇر ھەربى قوماندان

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

31

تېما

0

دوست

1902

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33336
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 82
تۆھپە : 630
توردىكى ۋاقتى: 139
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 10:22:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېڭ شىسەيمۇ  تەڭ كېلەلمىگەن مەشھۇر  ئۇيغۇر ھەربى قوماندان
(ھازىرقى زامان تارىخىمىزدىكى ئەڭ زېرەك ھەربى قوماندان مەھمۇد مۇھىتى توغرىسىدا)
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن
(بىڭتۇەن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى )

    مەن سىياسىغا،ھەربى ئىشلارغا ئالاھىدە قىزىقىمەن،مېنىڭ قارىشىمچە ھەربىي ھوقۇق -مۇتلەق ھوقۇق،ھەقىقىي ھوقۇق. ھەربىي ھوقۇق كىمدە بولسا ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن ،قىلغىنى قىلغان بولىدۇ.بىر دۆلەتنىڭ ھەربى ھوقۇقى كىمنىڭ قولىدا  بولسا دۆلەتنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى ، سىياسى تۈزۈلمىىىمۇ شۇنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ماڭىدۇ.نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەمەلىيەت بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ  .2013-يىلى7-ئايدا  مىسىردا ھەربى ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىسى خەلق سايلىغان پرېزىدېنت مورسىنى قولغا ئېلىپ، نەزەربەنت قىلىپ، مىسىرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى قولغا ئالدى، سىياسى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ،تىنچ بولغان ۋەزىيەتنى ياراتتى.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھەربى ئشلارغا كىمنىڭ مەسئۇل بولۇشى خەلقنىڭ بەخت -سائادىتى بىلەن چوڭ دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك.
    مەھمۇت مۇھىتى مۇھىتىلار ئائىلىسىدىكى پەم -پاراسەتلىك،جاسارەتلىك ئوغۇل،  تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ  رەھبىرى بولغان مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئىنىسى.ئۇ خەلق ئارىسىدا مەخمۇت سىجاڭ،مەھمۇت شىجاڭ،مامۇت سىجاڭ قاتارلىق ناملار  بىلەن ئاتالغان،ئەمەلىيەتتە ھەممىسى شۇ بىر ئادەم.ئەمدى بۇ ئادەم ھەققىدىمۇ ئازراق بىرنىمە يېزىپ ،  ئوقۇرمەنلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېقىشنى زۆرۈر دەپ قارىدىم.چۈنكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بىز ئۈگىنىشكە تېگىشلىك بىر خىسلەت بار.ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى چېچەنلىك ۋە زېرەكلىكتۇر. مەن تېخى ئۇنى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان تارىىىدىكى ‹‹ئەڭ›› زېرەك ھەربى قوماندان دەپ ئاتايمەن.ھەم تۆۋەندە بۇنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن چۈشەندۇرۈمەن:
   مەھمۇت مۇھىتى 1887- يىلى تۇرپان ئاستانىدا ھاللىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن ئۆز يۇرتىدىكى كونا مەكتەپ ۋە مەدرىسلەردە ئوقۇغان،كېيىن سودا- تىجارەتكە ئارلىشىپ ئۈرۈمچى،چۆچەك ۋە روسىيىنىڭ شەمەي،قازان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى چوڭ -كىچىك شەھەرلىرىدە ھەتتا موسكۋا، سان-پېتىربورگكىچە بېرىپ تىجارەت قىلغان.ئۇ شۇ مەزگىلدە يېڭى ئىلىم -پەن ئۆگەنگەن ۋە رۇس تىلى ئۆگەنگەن. كېيىنكى مەزگىلدە ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ يېڭى مەكتەپ ئېچىش ئىشىغا ياردەمدە بولغان.
      1931-يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن تۇرپان خەلقى قوزغالغاندا تۇرپان قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، كېيىن ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتى ئۇرۇشتا قۇربان بولغاندىن كېيىن تۇرپان قوزغىلىڭىغا يېتەكچى بولغان. قوزغىلاڭچىلار تۇرپاندىن جەنۇبىي شىنجاڭ  تەرەپكە چېكىنىپ ، قەشقەردە تۇرغاندا،شېڭ شىسەي قارمىقىدىكى 6- شىنىڭ سىجاڭى بولغان. قەشقەردە بولغان مەزگىلدە قەشقەر يېڭى زامان مائارىپى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.دىنىي مەدرىسلەرنى ئىسلاھ قىلغان.
    شىنجاڭ تارىخىنى بىلىدىغان يولداشلارغا ئېنىقكى،  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئالدىنىقى يېرىمىدا شىنجاڭدا چوڭ ۋەقەدىن ئۈچى بولىدى.ئۇنىڭ بىرى تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى،يەنە بىرى خوجا نىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دىخانلار قوزغىلىڭى ، ئۈچىنچىسى بولسا  غۇلجىدا بولغان ئۈ چ ۋىلايەت ئىنقىلابى.بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچىسى - تۆمۇر خەلىپە قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى ئاساسەن قۇمۇل دىيارىدىلا بولغان ، باشقا يەرلەرگە كېڭىيەلمىگەن.بىر تەرەپ قىلىنىشىمۇ نىسبەتەن ئاددى بولغان ۋەقەدۇر، بۇنىڭدا تۆمۈر خەلىپە دۈشمەننىڭ قۇرئان تۇتۇپ ئىچكەن قەسىمىگە ئىشىنىپ كېتىپ، ئىنقىلاپنىڭ مىۋىسىنى يوق قىلغان.
    خوجا نىياز باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دىخانلار قوزغىلىڭى تەسىرى بىرقەدەر زور بولغان ئىنقىلاپ،ئۇ قۇمۇلدىن چىقىپ،ئۇرۈمچى،تۇرپان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەرگىچە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇمۇ دۇشمەننىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، قىلغان ئىشنىڭ ھەممىسى نۆل بولغان.بىز گېپىنى قىلىۋاتقان مەھمۇت مۇھىتى دەل مۇشۇ ئىنقىلاپتىكى غوللۇق شەخس ،ھاجىنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ھەربى قوماندان.
   مەھمۇت مۇھىتى خوجا نىياز ھاجى شېڭ شىسەي  بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ،جەنۇنىي شىنجاڭغا بارغاندا قەشقەرگە بېرىپ، گومىنداڭنىڭ قەشقەردىكى 6-دىۋىزىيەسىنىڭ دىۋىزىيە  كوماندىرى بولىدۇ. ئاخىرىدا خوجا نىياز ھاجى مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندە جەنۇبىي شىنجاڭ ئامانلىقنى ساقلاش 6 -دىۋىزىيەسىنىڭ قوماندانى بولۇپ ، قەشقەردە تۇرىدۇ ۋە ئۇرۈمچىگە  كېلىشگە قەتئى ئۇنىمايدۇ.  شېڭ شىسەي 4000 مىڭغا يېقىن قوشۇننى ئۆز  قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مەھمۇت مۇھىتىنى ۋە مەلۇم ساندا قوراللىق قوشۇنى بولغان قۇمۇلدىكى يولوۋاسنى خوجا نىيازنىڭ ئىككى قانىتى دەپ قاراپ ، بۇلارنى يوقىتىپ ،ئۆزىگە بولغان تەھدىتنى يوق قىلىشنىڭ كويىدىلا يۇرۈيدۇ.شېڭ شىسەي  ئۇنى ئۈرۈمچىگە كەلتۇرۇش ئۈچۈن قىلمىغان ئامالى قالمايدۇ.  پەقەت گەپكە كىرگۈزەلمەي ، ئۇلارنى قورالسىزلانۇرۇپ،بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى   «6- دىۋىزىيىنىڭ قوراللىرى كونا، بۇ قوراللارنى تاپشۇرۇڭلار،بىز سىلەرگە يېڭى قورال بېرىمىز » دەپ ئالدامچىلىق قىلىپ ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى بولسا ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە  « ئالدى بىلەن يېڭى قورالنى بېرىڭلار،ئاندىن كونا قورالنى بېرىمىز » دەپ قورال تاپشۇرغىلى ئۇنىمايدۇ.  نۇرغۇ ن قېتىم ئۇرۈمچىگە كېلىشنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ ئەمما مەھمۇت مۇھىتى زېرەك كاللىسىنى ئىشقا سېلىپ، بىر قېتىممۇ ئالدانمايدۇ.               
    شېڭ شىسەي يەنە  يىغىنغا قاتنىشىش،ھەربى مەكتەپتە ئوقۇتۇش، ۋە باشقا ئاماللارنى ئىشلىتىپ  ئۇنى ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈپ ، يوقىتىش غەرىزىدە بولىدۇ.ئەمما مەھمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ ئالدام خالتىسىغا پەقەت چۈشمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىشقا ئاشمايدۇ.ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى مېھماننى ئايرۇپىلان بىلەن  قەشقەرگە ئەۋەتىپ ،  مەھمۇت مۇھىتى ئايرۇدۇرۇمغا  ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىققاندا  ئايرۇدۇرۇمدىلا جايلىۋېتىش توزىقىنى قۇرىدۇ. ئەمما بۇمۇ ئىشقا ئاشماي شېڭ شىسەينى داغدا قويىدۇ . بۇ ۋەقە مۇنداق يۈز بېرىدۇ:
    بىر قېتىم شېڭ شىسەي ئۇرۈمچىدىن ھاجىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ  كېتىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئاۋازى بىلەن ھاجى نامىدا مەھمۇت مۇھىتىغا تېلىفون بېرىپ،قەشقەرگە  ئىككى مېھمان بارىدىغانلىقىنى،ئۇنى مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىشى لازىملىقىنى ئېيتىدۇ.ئادەتتە مەھمۇت مۇھىتى ھاجى بىلەن پات -پات تېلىفوندا كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا   ، ھاجىنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭغا تونۇش ئىدى.شۇڭا ئۇ ئاۋازنىڭ يالغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ،بۇ ئىشتا بىر ئويۇن بارلىقىنى پەملەپ  قالىدۇ.ھەم يالغاندىن ماقۇل بولۇپ، شېڭ شىسەي ئەۋەتكەن ئىككى ئادەمنىىڭ كېلىشنى ساقلايدۇ.ئايرۇدۇرۇمغا ئۆزى چىقسىمۇ خەتەر چىقىىپ قېلىش ئېھتىمالىنى ئويلاپ،ئۆزى چىقماي،باشقىلارنى چىقىرىدۇ،ھەم بۇ ئىككى ئادەم ئاەم ئايرۇپىلاندىن چۈشۇپ بولغىچە ئۇلارنى قولغا ئېلىپ،سوراق قىىلىدۇ.نەتىجىدە بۇ ئىككى ئادەم ھەممە ئەھۋالنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ.ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەگەر مەھمۇت مۇھىتى ئالدىغا چىققان بولسا ئۇنى ئايرۇدۇرۇمدىلا ئېتىپ تاشلىماقچى  بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ.چېچەن مەھمۇت مۇھىتى بۇنى بىلىپ قېلىپ،ئۆزى چىقمايلى قالماستن بەلكى ئالدى بىلەن قول سېلىپ ، ئۇ ئىككىسىنى قولغا ئېلىپ،ئۇلارنى جايليۋېتىدۇ.مانا بۇنى زېرەكلىك دەيمىز.دۇشمەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە سەن ئۇنى ئۆلتۈرمىسەڭ ، ئۇ سېنى ئۆلتۈرىدۇ، ساڭا ھاياتلىق يولى قالمايدۇ.شۇڭا قەتئى بولۇش كېرەك.
    بۇ سۇيىقەست ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن شېڭ شىسەي يەنە توختاپ قالماي ،داۋاملىق تۈردە ئۇنى يوقىتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.ئەمما مەھمۇت مۇھىتى بىرەر قېتىممۇ  ئۇنىڭ قىلتىغىغا چۈشمەيدۇ.ئاخىرىدا شېڭ شىسەي باشقا ئامال ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.يەنى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قۇشۇنىدىكى غوللۇق ئادەملەرنى ئۈرۈمچىدە ھەربى -تەلىم -تەربىيە بېرىپ ،تەربىيەلەپ بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە ئەۋەتىپ بېرىمىز دەپ ،ئۈرۈمچىگە ئالدۇرۇپ  كېلىپ،ئۇلارنى ئوقۇتقاچ، مېڭىسىنى يۇيۇپ،پۇلغا سېتىۋېلىپ قايتۇرىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئادەملەر قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماس بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى ئىشلىمەس بولۇپ قالىدۇ.مەھمۇت مۇھىتى ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەپ، قەشقەردە تۇرۇۋېرىشكە كۆزى يەتمەي، شېڭ شىسەينىڭ قولىغا چۈشۇپ قېلىشتى ساقىلىنىش ئۈچۈن،  1937-يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى بىر قانچە يېقىن ئادەملىرىنى ئېلىپ، ھىندىستانغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.ھىندىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن جۇڭگوغا قايتىش مەقسىتىدە باي ئاخۇن ئەزىزى دېگەن كىشىنى جىياڭ جېيشىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ ، شېڭ شىسەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ ۋە ئۆزىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ،1944- يىلى بېيجىڭدا ۋاپات بولىدۇ.قىسقىسى ئۇ خوجا نىياز ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش شېڭ شىسەينىڭ قولىدا قىينىلىپ ئەمەس بەلكى ئۆز  ئەجىلى بىلەن بۇ  دۇنيادىن كېتىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىشلارغا قاراپ بەزىدە مەھمۇت مۇھىتى بىلەن خوخا نىياز  ھاجىمنىڭ قوزغىلاڭ  رەھبەرلىكىدىكى ئۇرنى ئالماشقان بولسا قانداق بولار ئىدى دەپ ئويلاپ قالىمەن.
  ئەمدى بىز شېڭ شىسەي كىم دېگەننى  ۋە شۇ دەۋرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ باقساقلا ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئەڭ زېرەك ھەربى قوماندان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.  
   شېڭ شىسەي 1894-يىلى لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە دېھقان ئائىلىسدە تۇغۇلغان.1915 -يىلى ياپونىيەگە بېرىپ، سىياسى -ئىقتىساد ئۈگەنگەن.كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ،يۇننەن ھەربى مەكتىپىدە ئوقۇغان. ھەربى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ، توي قىلىپ بولغانىدن كېيىن يەنە ياپونىيەگە بېرىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. كەينىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، لۇەنجۇ ھەربى ئۆزگىرىشىگە قاتناشقان.ھەربيىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىم ياپونىيەگە بېرىپ،ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان.1927-يىلى ياپوندىكى ئوقۇشنى تۈگىتىپ، شىمالغا يۇرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان.ئۇندىن كېيىن تەقدىر ئۇنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭنىڭ باش دۇبەنى ئورنىغا چىقىرىپ قويغان ،ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنىڭ باش ھەربى ،مەمۇرى ئەمەلدارى بولۇپ  قالغان.    1937-يىلى 10-ئايدا ج ك پ بىلەن ياپونغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇپ ،كومپارتىيەگە ياخشىچاق بولۇۋالغان.   1941-يىلى ستالىنغا شىنجاڭنى سوۋېتنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قىلىۋېلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن . 1945-يىلى 7-ئايدا ئامال بولمىغاندا  شىنجاڭدىن يۆتكىلىپ ،  گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ  دېھانچىلىق ،ئورمانچىلىق مىنىستىرى بولۇپ ،چوڭچىڭغا كەتكەن.1948-يىلى ئائىلىسى بىلەن بىللە تەيۋەنگە كەتكەن.1970-يىلى 76 يېشىدا  تەيبېيدىكى ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسدا  كېسەل بىلەن ئۆلگەن . مانا بۇ ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇپ، مەھمۇت مۇھىتى مۇشۇنداق يېتىشكەن بىر تۈلكىنىڭ ئۆزنىنى ئالدىشىغا قەتئى پۇرسەت بەرمىگەن.
     تۆمۈر خەلىپە  قوزغىلىڭى تازا  ئۇلغىيىشقا قاراپ يۈزلەنگەندە ياڭ زىڭشىن تۆمۇر خەلىپىنى ئالداپ، ئۇرۈمچىگە ئەكىلىپ، ‹‹دارېن››لىق ئەمىلىنى بېرىپ ، تۇرمۇشتا ئەيشى-ئىشرەت ۋە كەيپى ساپاغا بەند قىلىپ ، تەدرىجى بىخۇتلاشتۇرۇپ ، ئۇنى يوق قىلدى.
      شۇنداقمۇ بىر خىل ھىلىگەر كىشىلەر باركى  ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئەڭ   ھىلىگەر ،ئۇلارنىڭ ھىلىگەرلىكىنى كىشىلەر ئۇنىڭ ئادەتتىكى سۆز ھەركىتىگە قاراپ قەتئى سېزىۋالالمايدۇ.مەن رىئال تۇرمۇشتا مۇشۇنداق ئادەملەردىن بىرنەچچىنى كۆرگەن.ئۇلار سۆز قىلغاندا پەقەت ئۆزى ئۈچۈن گەپ قىلغانداەك تۇرمايدۇ.ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتى يوقتەك ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.ئەمەلىيەتە بولسا قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ مەلۇم مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا بولىدۇ.بىر توپ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتىكى ئادەملەر بولغاچقا بۇنداق كىشلەرنىڭ مەقسىدىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن  بىلىپ - بىلمەي كەتمەن چېپىپ قالىدۇ.شېڭ شىسەي دەل مۇشۇ خىلدىكى چىل بۆرىدۇر.
    شېڭ شىسەي ھىلىگەرلىكتە ئۇچىغا چىققان جاللات بولۇپ،  شۇ زاماندا ھىلىگەرلىكتە ئۇنىڭ تەڭدىشى بولمىغان، ‹‹ئانا يۇرت ›› رومانىدىكى بايانلاردىن قارىغاندا ئۇ شۇ چاغدا گىتلېر،ستالىن،جياڭ جىېشى قاتارلىقلارنى  ئۆزىگە يەتمەيدۇ داپ قارىغان. ئەمما  ھىلىگەرلىك قىلىشتا مەھمۇت مۇھىتىغا تەڭ كېلەلمىگەن.مەن ‹‹شېڭ شىسەي ›› ( ‹‹جاللات شېڭ شىسەي›› دېگەن كىتاپ ئەمەس) دېگەن كىتاپنى ئوقۇغاندا ئۇنىڭغا باشقىچە نۇقتىئىنەزەردىن قاراپ ،قىلغان ئىشىدا ساپلا خەلقپەرۋەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان ئادەم ئىكەن دەپ (بۇ ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقى،ئۇنداق قىلمىغاندا ئۇ باشقىلارنى ئىشەندۇرگىلى بولمايدىغانلىقىنى،يۇرت سورىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ) ئويلىغان ئىدىم.يەنى ئۇ  ئادەتتە تاشقى قىياپەتتە خەلقپەرۋەر قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ،  ئىش قىلىدىكەن ، قىلغان ئەتكەنلىرىدىن ھېچكىم ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىدىنى بىلەلمەيدىكەن.  مۇنداقچە ئېيتساق  ئۇ ئۆزىنىڭ ھىلىگەرلىكىنى پەقەت چاندۇرمايدىغان ھىلىگەر  تۈلكە ئىكەن .بۇنداق ئادەملەر ھەقىقەتەن خەتەرلىك بولىدۇ.چۈنكى بىز دەۋاتقان مەھمۇت مۇھىتىدەك  ناھايىتى زېرەك ئادەم بولمىسا بۇنداق ئادەملەرنىڭ نىيىتىنى كىشىلەر بىلەلمەيدۇ.قارغۇلارچە ئەگىشىپ كېتىدۇ.
    شېك شىسەي خوجا نىياز ھاجىنى ئالداپ،  ئىندەككە كەلتۈرۈپ،ئاخرىدا  قولغا ئېلىپ ،ئۇنى ئەڭ  ۋەھشى ئۇسۇل بىلەن قىيناپ ئۆلتۇردى. ئۇنىڭ ھاجىنىڭ  نامىدا ‹‹پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە خىتاپنامە›› ئېلان قىلدۇرۇپ ، ھاجىغا ئۆزىنى ‹‹ شىنجاڭدىكى 13 مىللەتنىڭ بۈيۈك داھىسى،ئادالەتپەرۋەر،ھەقىقەتچى بۈيۈك داھىمىز شېڭ دۇبەن ›› دېگۈزۈپ، ھاجىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى ئابرويىنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن  ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇردى.قۇمۇلدىن تارتىپ ، قەشقەر دىيارىغىچە بولغان دائىرىدە دەريا-دەريا   قانلارنى بىكارغا ئاققۇزدى.
   شېڭ شىسەي يەنە  شۇ چاغدا دۇنيا خەرتىسىنى سىزىپ ، تاكى ھازىرغىچە شۇ سىزغان خەرىتىنىڭ  تەسىرى تېخى تۈگىمەي   كېلىۋاتقان دۇنياۋى  مەشھۇر  شەخس سىتالىنىنى ئالدىدى، ئۆزنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۇچۈن ئالدى بىلەن ستالىننى ئالداپ، سوۋېت كومپارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ  كىردى.نۇرغۇن ياردەمگە ئىگە بولۇپ ،ئۆزىنىڭ مەقسىدىگە يېتىپ بولۇپ ،يەنە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىدى.دېمەك ئۇنى ئالدىدى.
    شېك شىسەي جىياڭ جىېشىنى ئالدىدى. يەنى ئۆزىنى كۆرۈنۈشتە  گومىنداڭغا  تەۋە دەپ تۇرۇپ ،ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۇنىڭغا بوي سۇنمىغان.سوڭ مېيلىڭ شىنجاڭغا كەلگەندە ئۆزىنى خۇددى باشقا بىر دۆلەتكە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلغان. چۈنكى شېڭ شىسەي سوڭ مېيلىڭنى  بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى باشقا بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقىنى كۈتۈۋلغاندەك   ھالەتتە قارشى ئالغان.  بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇ ئۆزىنىڭ گومىنداڭدىن نىسبىى مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
      شېڭ شىسەي يەنە جۇڭگۇ كومپارتىيەسىنىمۇ ئالدىدى .يەنى ئۇ ئۆزىنى تەرەققىپەرۋەر قىلىپ كۆرسىتىپ، 8- ئارمىيەنىڭ ئۇرۈمچىدىكى ئىش بىجىرىش ئۇرنىنى تەسىس قىلىشىغا رۇخسەت قلدى ھەم نىسبەتەن ئىلغار ئىدىيىدە بولغان بولۇۋېلىپ، كومپارتىيىنىڭ شىنجاڭدا  پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويدى.كەينىدىن يەنە كومپارتىيەگە يۈز ئۆرۈپ، شىنجاڭدىكى كوممۇنىستلارنى،ئىلغار ئىدىيەدىكى كىشىلەرنى  قولغا ئېلىپ ۋەھشى قىرغىن قلىدى ،ئۆلتۈردى. ماۋزېمىن،چېن تەنچىۇ،لىنجىلۇ قاتارلىقلار كوممۇنىستلارنى  ئۆلتۈرۈپ، جوڭگو كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىشلىرىغا چوڭ زىيان سالدى.
    شېڭ شىسەي يەنە نۇرغۇن  ئۆزى ئۈچۈن كەتمەن چاپقان ، ئۆزىنى يۆلەپ تەختكە چىقىرىپ قويغان  كىشلەرنى ئالدىدى. ئۇلارنىمۇ بوش قويۇۋەتمدى . بۇنداق مىساللار بەك كۆپ .
   قىسقىسى شېڭ شىسەي  يۇرت سوراشنى ناھايىتى  ياخشى تەتقىق قىلغان  بولۇپ ،ئۆزى بىلەن بىر ئىدىيەدە بولمىغان كىشىلەرنىڭ بىرىگىمۇ رەھىمدىللىق قىلمىغان،ھەتتاكى ئۇ  ئۆزنىڭ بىر تۇققانلىرى بولغان ھالەتتىمۇ.بۇنداق مىسال جوڭگو تارىخىدا كۆپ.
   ئەمما ئۇ ئۇ بىزدىن چىققان ھەربى قۇماندان مەھمۇت مۇھىتىنى ئالدىيالمىغان، ئۇنىڭ قۇۋلۇق-شۇملۇقلىرى ،ھىلىگەرلىكى مەھمۇت مۇھىتىغا ئىشلىمىگەن.شۇڭا مەن ئۇنى ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ چېچەن ،ئەڭ زېرەك ھەربى قوماندان دېسەك بولىدىكەن دېگەن ئويغا كەلدىم.
   شۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار تەڭلىك ،باراۋەرلىك ئۇچۈن ھەقىقەتەن جىق قان تۆككەن.  مېنىڭ قارىشىمچە قان بىكارغا ئاقماسلىقى كېرەك.چۈنكى ھاياتلىقنى قايتا  بېرىش   مۈمكىن ئەمەس ،بۇ ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس.
     يۇقىرىدىكىلەردىن بىز شۇنى ھېس قىلىمىزكى بىز چوقۇم  تارىخ ئۈگىنىشىمىز كېرەك. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ماۋزېدوڭ تارىخ ئۈگىنىپ ، جوڭگونى ئۆزگەرتكەن . بىز تارىخ ئۇقۇساق ، يالغۇز تارىخنى بىلىپلا قالماستىن يەنە مۇھىم تارىخىي ساۋاقنى يەكۇنلەپ چىقالايمىز.تارىخىمىزدا دەريا-دەريا ئاققان قانلارنىڭ بىكارغا كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالالايمىز.چوڭقۇر  ساۋاققا ،تەجرىبىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كەلگۈسىمىز توغرسىدىمۇ  جاۋاپقا ئىگە بولۇمىز.
         2015-يىلى 1- ئاينىڭ 23-كۇنى

10

تېما

14

دوست

8184

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 825
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2430
توردىكى ۋاقتى: 617
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 14:58:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا  ،  تارىخنى  ياخشى  ئۈگۈنۈپ  ھازىر  بىلەن  سىلىشتۇرۇپ  تەدبىقلاپ   ‹ئۇيغۇرلارنى  قانلىق  قىرغىن  قىلشنىڭ  پەقەت  بىر  شەخىسنىڭ  قولىدىن  كىلىدىغان  ئىش ئەمەسلىكىنى   شىڭ شىسەينىڭ   شاخمات  تاختىسىدىكى  بىر تال  ئۇرۇق   ئىكەنلىكىنى  ئىنىق   بىلىۋىلىشىمىز  لازىم .›
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

67

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1710
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2958
تۆھپە : 2089
توردىكى ۋاقتى: 926
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 15:03:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arman03 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 19:51  

مەھمۇت مۇھىتى ئۈچ ئاكا-ئۇكىلار ئەينى دەۋىردىكى ئىسىل شەخىسلەر ئىدى، مەخسۇت مۇھىتى جەڭدە قۇربان بولدى. مەھمۇت مۇھىتى ئاخىرى ھىندىستان ئارقىلىق بىيجىڭگە بېرىپ ۋاپات بولدىئ

   

67

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1710
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2958
تۆھپە : 2089
توردىكى ۋاقتى: 926
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 15:03:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arman03 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 19:55  

مەھمۇت مۇھىتىنىڭ رەسىمىنى چاپلىسام چىقماي قاپتۇ. شۇڭە تەھرىرلىۋەتتىم

0

تېما

19

دوست

3961

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1145
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 15:10:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز تارىخنى بەك تەتقىق قىلدىكەنسىز  ،   راست  دەيسىز  ،   ئەگەر  سىز دىگەندەك  غۇجىنىياز ھاجى  بىلەن مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كەتكەن بولسا بەلكىم بىزنىڭ تارىخ سەھىپىمىز باشقىچە بولغان بۇلاتتى  ،   
غۇجىنىياز ھاجى  ئىشلارنى  ياخشى  ئانالىز قىلالمايدىغان ،  مۇستەقىل  مەيدانى يوق  ،  جاھىل  ،  بىلىم ساپاسى تۆۋەن  ،  قارام  ئادەم  ،   لىكىن  ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن   نۇرغۇنلىغان  جەڭلەرنى قىلغان  ،   ھۆرمەتلىنىشكە  ئەرزىيىدۇ  ،  بەزى  سەھۋەنلىكنى  ھىساپقا ئالمىغاندا   ،      

لىكىن  شۇ ۋاقىتتا  روسلارنىڭ  سوقۇنۇپ كىرۋىلىشى بىلەن  پەقەت  ئامال قىلالمىغان  ،                 غوجىنىياز ھاجى  ،  ئىلىخان تۈرەم  قوزغىغان  ئىنقىلاپنىڭ  ھەممە مىۋىلىرنى   جاللات  سىتالىن   ئۆزىنىڭ  مەنپەئەتىىنى  بىرىنجى ئورۇنغا قۇيۇپ   بىزنىڭ  نەچە مىليۇنلىغان  قەھرىنمالىرمىزنىڭ  قانلىرنى  بىھۇدە  ئاقتۇرۋەتكەن  ،   
بۇلارنى  ئويلىسا  ئادەمنىڭ كۆڭلى  ئاچچىق بۇلۇپ قالىدۇ   .


رەھمەت  سىزگە  ئاكا    ،    يازمىڭىزنى   ناھايتى  كۆڭۈل قۇيۇپ  ئوقۇيمەن  ،      ئاللاھ   تىنىڭىزنى سالامەت  ،  ئۈمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن   !

0

تېما

1

دوست

3065

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18016
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 918
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 15:19:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tamagar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 15:20  

بەر ھەقىيقەت مەھمۇت مۇھىدى ئۇيغۇر يىقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھور باھادىر ، ئەمما چۈشىنەلمەيۋاتقىنىم (1887-1944) جان دىگەننى اللە ئالىدىغىنى ھەق راست ، ئەمما تېخى 60 ياشنىڭ قارىسىنى كۆرمەي تۇرۇپ بىئەجەل كەتكىنىگە قارىغاندا شىڭسىەي مەھمۇت مۇھىدى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىنى تۇيۇپ قېلىپ ئىشپىيون ئەۋەتىپ زەھەرلىگەنمۇ ؟ ۋە ياكى ئېغىر كىسەلگە موپتۇللا بولغانمۇ ؟ مەخمۇت مۇھىدى تارىخى ماتىرياللاردىن ھېس قىلىشىمچە  ياكى تۇرمۇش غىمىدە بىسىم ئاستىدا رىيازەت چەككەن ئەمەس ۋە ياكى قانداقتۇر ئېغىر كىسەلگە مۇپتۇللا بولغانمۇ ئەمەس ، سودىگەرچىلىك بىلەن تۇرمۇشى خېلى ياخشى ئۆتكەن زات ...... بۇنداق دىسەم ئۇرۇش قىلغاندا تارتقان مۇشاقەتلەرنى دەپ يۈرمەڭ مەھمۇد مۇھىدى بىلەن بىللە ئۇرۇش قىلغان سۇپاخۇن پولكوۋنىكمۇ خېلى جەبىر چەككەن ,  (جەننىتى بولغاي)مەرھۇم خېلى ئۇزۇن ياشىغان ،شۇڭا دەيمەن نىمە سەۋەپ ، نىمە سىرلار باردۇر بۇ ئىشلاردا ...؟

0

تېما

19

دوست

3961

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1145
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 15:30:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىنكاسىمنىڭ سەزگۆرلىگى بەك ئىشىپ كەتتىمۇ نىمە  ، تەستىقلىماپسىلەر ،  بۇنىمۇ توغرا چۈشنىشكە بۇلىدۇ  .

17

تېما

27

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4184
توردىكى ۋاقتى: 1658
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 15:32:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman03 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 15:03
مەھمۇت مۇھىتى ئۈچ ئاكا-ئۇكىلار ئەينى دەۋىردىكى ئىسىل ش ...


رەسىمىڭىزنى كۆرگىلى بولمايدىكەن...
没有访问相册的权限
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )