قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2462|ئىنكاس: 12

بۈيۈك مىللىي كۆچۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

1

دوست

892

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   78.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33673
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 18:38:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بۈيۈك مىللىي كۆچۈش»


ئەك.شىمىس (گېرمانىيە)



بۈيۈك مىللىي كۆچۈش ئېلىپ بارغان ھۇن قەبىلىلىرى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرى ئاق ھونلار(ئېفتالىتلار) دەپ ئاتالغان. ئۇلار كاۋكاز تاغلىرى ۋە قەدىمكى پېرسىيەنىڭ شىمالىغا ماكانلىشىپ، ئۇ يەرلەرگە نەچچە يۈز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. يەنە بىرى قارا ھونلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تېرىسى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىيىپ كەتكەن. ئۇلار ئاق ھۇنلاردىنمۇ قارا بولۇپ، ئورال تاغلىرىنىڭ غەربىي قاپتاللىرىدىن كەلگەن.
374-يىلى قارا ھونلار ئاتامان بالامىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋولگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ۋولگا دەرياسى بىلەن دون دەرياسى ئارىلىقىدا ياشاۋاتقان ئالانلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ئالانلارمۇ ئات مىنىپ يۈرىدىغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، ئۇلار ھونلارنىڭ غەربكە تاجاۋۇز قىلىپ ماڭغان سەپىرىدە تۇنجى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردۇر. ئالان خانلىقى ئاسىيانىڭ غەربى ۋە ياۋروپانىڭ شەرقىگە جايلاشقانلىقتىن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە ئىككى دۆلەت – جۇڭگو بىلەن رىم تارىختا تۇنجى رەت بۇ ۋەقەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ سالنامىسىدە تولۇق خاتىرىلىگەن. كۆپ ساندىكى ئالانلار ھۇنلارغا باش ئەككەن ۋە ھونلار بىلەن ئىتتىپاقداشلاردىن بولۇپ قالغان. ھونلار بىلەن ئالانلار بىرلىشىپ دىنېپىر دەرياسىنىڭ غەربىدە ياشاۋاتقان شەرقىي گوتلارغا ھۇجۇم قىلغان. خۇددى ئالانلار ھۇنلاردىن يېڭىلىپ قالغاندەك، شەرقىي گوتلارنىڭ ئادىمى كۆپ، كۈچى زور بولسىمۇ ھونلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇيالماي ئاخىرى باش ئېگىشكە مەجبۇر بولغان. غەربىي گوتلار بولسا ھونلار، ئالانلار ۋە شەرقىي گوتلارنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ، 376-يىلى رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ تىرىتورىيەسىگە كىرگەن ۋە ئۆزىنىڭ زېمىنىنى ھۇنلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ۋەھالەنكى، ئۇلار ھونلار بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشنىڭ يەنە ئىككى ئەۋلاد داۋاملىشىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى.
شۇنداق قىلىپ ھونلار شەرقتە ئاسىيانىڭ كىندىكىدىن غەربتە دوناي دەرياسىغىچە بولغان بىپايان زېمىننى ئىگىلىۋالغان. ئۇلارنىڭ مەشھۇر داھىيسى قارارگاھىنى ھازىرقى ۋىنگىرىيەدە قۇرغان. ھونلار گەرچە بىپايان زېمىننى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەزەلدىن بىر دۆلەت قۇرۇشنى ئويلاپ باقمىغان. ھونلارنىڭ نۇرغۇن مۇستەقىل قەبىلىلىرى بولۇپ، قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن باغلىنىش بولسىمۇ، لېكىن مۇكەممەل بىر قۇدرەتلىك دۆلەت ئەمەس ئىدى. ئۇلار پەقەت ھەربىي جەھەتتىكى غەلىبىنى قوغلاشقاندا ھەم غەلىبە مىۋىسىنى ئىتتىپاقلىشىپ قوغدىغاندىلا، ئاندىن بىر چەكسىز قۇدرەتلىك دۆلەت بولالايتتى.
ئۇزاق ئۆتمەي ھونلار بۈگۈنكى تۈركىيىنى بېسىپ ئۆتۈپ، قەدىمكى زاماندىكى باياشات شەھەر ئەنتاكىيەگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ چاغدا ھۇنلارنى توسۇپ قالالىغۇدەك كۈچ يوق ئىدى. رىم پادىشاھى تىئودوسىئوس ئاق ھونلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قارا ھونلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى چەكلىمەكچى بولغان. سىرتقا قارىتا ئۆزىنى بارلىق ھۇن قەبىلىلىرىنىڭ دوستى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتتە بۇ قەبىلىنى ئۇ قەبىلىگە قارشى ئۇرۇشقا قۇتراتقان. تىئودوسىئوس مۇشۇنداق خەتەرلىك سىياسەت قوللىنىپ ئۆز دۆلىتىنى يىگىرمە يىل خاتىرجەم ساقلىغان.
4-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ياۋروپادىكى ھونلار قۇدرەتلىك ئەللەردىن سانىلىدىغان بولۇپ بولغان ئىدى. دانىشمەن ئانبىراسىئوس ئۆزى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئاشۇ يىللاردىكى ۋەقەلەرنى «ھونلار ئالانلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئالانلار گوتلارغا ھۇجۇم قىلدى. گوتلار تەففالار ۋە سارماتلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئىللىرىيەدىن قوغلانغان گوتلار كېلىپ بىزنى قوغلىدى. بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايۋاتىدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن.
ئەگەر ھونلار بولمىغان بولسا رىم ئىمپىرىيەسى ئاللىقاچان پارچىلىنىپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن ھونلار بولغاچقا رىم ئىمپىرىيەسى ئاخىر يەنىلا ھالاك بولاتتى.
ھونلار ياۋروپا چىگرىسىدا پەيدا بولغاندىن تارتىپ، ئۇلار ھەققىدە سانسىزلىغان رىۋايەتلەر تارقالغان. بەزىلەر ھونلار دۈشمىنىنىڭ باش سۆڭىكىنى قەدەھ قىلىپ شاراب ئىچەرمىش دېسە، يەنە بەزىلەر ھونلار قىرىلارنى ئۆلتۈرەرمىش. بالىلارنىڭ گۆشىنى يەپ، ئاياللارنىڭ قېنىنى ئىچەرمىش. كېچە-كۈندۈز ئاتتا يۈرەرمىش، ھەتتا ئاتقا مىنىپ ئۇخلارمىش. ھونلارنىڭ پۇتى يىگلەپ كەتكەنلىكتىن يول ماڭالمىغۇدەكمىش. دېيىشىدۇ. ئامىيانوس: «جاپالىق تۇرمۇش ھۇنلارنى چېنىقتۇرغان. ئۇلار ئەزەلدىن يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ يېمەيدىكەن. نازۇنىمەتلەرگىمۇ بىھاجەت ئىكەن. ياۋا كۆكتاتلارنىڭ يىلتىزى ۋە ھەر قانداق ھايۋاننىڭ گۆشىنى خام يەيدىكەن. گۆشنى ئۆزىنىڭ يوتىسى بىلەن ئاتنىڭ دۈمبىسى ئارىسىغا قىستۇرۇپ ئىسسىتىدىكەن» دەپ يازغان.
ھونلار يەنە پسىخىكىلىق ئۇرۇش قىلىشنىڭ مۇتەخەسسىسى. ھونلار بىلەن زامانداش كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا: «ئۇرۇشتا دۈشمىنىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ھونلار يۈزىنى پىچاق بىلەن تىلىۋېتىشتىنمۇ يانمايدىكەن». بىلەك ۋە مۈرىسىگە ھەر خىل گۈللەرنى چېكىۋېلىپ، ئۈستىگە ھايۋانات تېرىسىنى يېپىنىۋالىدىكەن. ئوقدانغا بولسا قىپقىزىل ئوقلارنى سېلىپ قويىدىكەن. سۆڭەك ۋە مۈڭگۈزلەرنى ئېسىۋالىدىكەن.
يەنە باشقا رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ھونلار ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مەڭزىنى تىلىپ، كىيىن يەنە تىكىپ قويىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەسلىدىلا شالاڭ ساقىلى تاتۇقلار ئارىسىدىن كۆرۈمسىز ئۆسۈپ چىقىدىكەن. گوت تارىخشۇناسى جوردانس: «ھونلارنىڭ تېرىسى بەك قارا، يۈزىنىڭ شەكلى غەلىتە، كۆزىنىڭ ئورنىدا ئىككى قارا تۆشۈك بار، بۇرنى پاناق، يۈزىنىڭ ھەممە يېرى تاتۇق» دەپ يازغان.
يۇنانلىق تارىخشۇناس سوشمۇس: «ھونلار مايمۇنغا ئوخشاپ كېتىدىكەن» دەپ قارايدۇ. كىرىمۇننىڭ ئېپىسكوپى سىدونۇس: «ھونلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىرىنىڭ چىرايىمۇ بەك قورقۇنچلۇق ئىكەن...» دەپ تەسۋىرلىگەن.
ئېنىقكى، بۇنداق ئارتۇقچە مۇبالىغىلىق تەسۋىرلەشلەر كىشىلەرنىڭ يات مىللەتلەرگە بولغان ۋەھىمىلىك تۇيغۇسىنى قوزغاش ئۈچۈن ئىدى.
ھونلارنىڭ ياۋروپادىكى تەسىرى چوڭايغانسىرى، كىشىلەر ھەتتا ئۇلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىنىمۇ قوبۇل قىلغان.
ھونلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىيا ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ھونلار دەۋرىدىن بۇرۇنقى ۋە دەسلەپكى قەبرىلەر «قورغان» دەپ ئاتىلىدىغان ئۆي شەكىللىك لەھەتتىن تۈزۈلگەن. ئارخېئولوگلار موڭغۇلىيىنىڭ شەرقىدىن تارتىپ رۇسىيىنىڭ جەنۇبى ۋە ئوكرائىناغىچە بولغان كەڭ رايونلاردىن بۇ شەكىلدىكى لەھەتلەرنى تاپتى. بۇ لەھەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى سىكەنتلەرگە تەۋەدۇر.
سىكەنتلەرنىڭ نامىنى ئەڭ ئاۋۋال گرىكلار تىلغا ئالغان. گرىكلار شەرقىي ياۋروپانىڭ شەرقى بىلەن كاۋكاز تاغلىرىنىڭ شىمالى ئوتتۇرىسىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان مىللەتلەرنى سىكەنتلەر دەپ ئاتىغان. سىكەنتلەر يەنە دەسلەپكى مەزگىلدىكى بىر قىسىم ھۇن قەبىلىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. لەھەتتىكى جەسەتكە كىيىم كەيدۈرۈلگەن بولۇپ، قورال بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلىنغان ئىكەن. سىكەنتلەر ئۆلگۈچىنىڭ ئاخىرەتتىكى تۇرمۇشى ئۈچۈن ئاتنىمۇ قوشۇپ دەپنە قىلىدىكەن. ھونلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادىتى بويىچە بولغاندا، ئاقسۆڭەك ياكى بەگلەر ئۆلۈپ، ئۈچىنچى، يەتتىنچى ياكى قىرىق توققۇزىنچى كۈنى ئېتى ئۆلتۈرۈلۈپ، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئاغىنە-بۇرادەرلىرى بەھرىمەن بولىدۇ. ھونلارنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى جوردانىس مۇنداق بايان قىلغان: «ئەرلىرى ئۆرۈم چېچىنى كېسىۋېتىدۇ. ئەسلىدىنلا قورقۇنچلۇق يۈزىنى چوڭقۇر تىلىدۇ. ئۇلار ئاياللارنىڭ كۆز يېشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن ئۇلۇغ يولباشچىلىرىغا ماتەم بىلدۈرىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان يىپەك چىدىرغا قويىدۇ. پۈتۈن ھونلار ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان چەۋەندازلار جەسەتنى ئايلىنىپ ماتەم ناخشىسىنى ئېيتقاچ كۈچەپ ئات چاپتۇرىدۇ. ئاندىن شادىيانە زىياپەت باشلىنىپ، قايغۇ بىلەن خۇشاللىق ئارىلىشىپ كېتىدۇ. جەسەتنى كېچىسى مەخپىي دەپنە قىلىۋېتىدۇ. ئىچىنى ئالتۇن بىلەن، سىرتىنى كۈمۈش بىلەن، ئاخىرىدا تۆمۈر بىلەن ئورايدۇ».
پوئېندىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە كورتىسۇل دېگەن بىر كەنت بار. بۇ كەنت فرانسىيىدىكى ئەڭ چوڭ كوچا بويلاپ بەرپا قىلىنغان كەنتتۇر. سەككىز كىلومىتىردىن ئۇزۇنراق سوزۇلغان بۇ كەنتنى ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پاننونىيەگە چېكىنمىگەن ھونلار بەرپا قىلغانمىش. كورتىسۇل كەنتىنىڭ باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، كەنت ئاھالىلىرى ھازىرغىچە ئۆزلىرىنى ھونلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدىكەن. بولۇپمۇ زىلزىلە قوزغىغان ئىش شۇ بولدىكى، ترويېس رايونى (كورتىسۇل كەنتىمۇ مۇشۇ رايونغا تەۋە) دىكى بەزى بالىلارنىڭ بەدىنىدە «توققۇز كۆز دېغى» بار ئىكەن. بۇنداق موڭغۇل دېغى دەپمۇ ئاتىلىدىغان پىگمېنت دۈمبە قۇيرۇق سۆڭىكى ئەتراپىغا چۆككەن بولۇپ، بۇنداق ئۆزگىچىلىككە ئىگە پىگمېنت دېغى ئاسىيا ياكى بەزى شەرق مىللەتلىرىدىلا بار.
ھونلارنىڭ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن باشلانغان بۈيۈك مىللىي كۆچۈش كلاسسىك دەۋرنىڭ ئاياغلىشىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ قايتا تەشكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھونلار ياۋروپانىڭ تارىخ سەھنىسىدە پەيدا بولغاندا رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ رىزقى توشقان ئىدى. ئاسىيا ئېگىزلىكىدىن كەلگەن بۇ خەلق ئۆزلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بەرگەن تېخنىكىلىق يېڭىلىق – ياغاچ ئېگەر، ئۈزەڭگە، يېڭى تىپتىكى يا ۋە ئۈچ قىرلىق تۆمۈر ئوقنى ياۋروپاغا ئېلىپ كەلدى.
ھونلار ياۋروپاغا بىر نەچچە (ئون) يىللا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولسىمۇ، ئاشۇ يىللاردا ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، بۈگۈنگىچە مەۋجۇت بولۇۋاتقان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرا بېكىتىلدى. لېكىن بۇ سىرلىق تۈس ئالغان مىللەت قەيەرگە غايىب بولغان؟


(مەنبە: ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمە قىلغان، گېرمانىيىلىك ئەك.شىمىس يازغان «ئاتتىلا ھەققىدە رىۋايەت». قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2004-يىل 4-ئاي نەشرى
يۆتكەپ كىلىندى !  يوللىغۇچى . قاراخان

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 19:35:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ۋىنگىرىيە دىگەن  ئەسلى ھونگىرىيە دەپ ئاتىلاتتى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

5241

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1432
توردىكى ۋاقتى: 389
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 00:25:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
babur-7 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 19:35
ھازىرقى ۋىنگىرىيە دىگەن  ئەسلى ھونگىرىيە دەپ ئاتىلاتت ...

ھازىرمۇ شۇنداق ئاتىلىدۇ. بىراق رۇسچىدە ھ ھەرىپى يوق بولغاننىڭ ئىشى ئۇ ۋېنگىرىيە دېگەن نام.بۇرۇن ئاتالغۇنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك رۇسچە ئارقىلىق كىرگەن ئەمەسمۇ.

1

تېما

2

دوست

3079

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 910
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 00:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنلىرىدا  بىز بۈگۈنكى كۈندە «ۋېنگىرىيە»دەپ ئاتاۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىسمى « ھ و ن گ  ې ل ې ئا » دەپ يېزىلىدۇ .
خەنزۇ تىلى  « ھ » ھەرىپىنى  تەلەپپۇز قىلالمىغاچقا ۋېنگىرىيە دەپ  خەنزۇ تىلىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىتىمىز . ئەسلى توغرىسى« ھونگېرىيە » .
بۇ سەھۋەنلىك بىزنىڭ بىلىملىك ئەمما تارىخ ، جۇغراپىيەدىن پەقەتلا خەۋەرسىز (ئۇلارنىڭ نەزىرىدە باشقا بىر تىلنى بىلسىلا تەرجىمان بولسا بولۇدۇ ) تەرجىمانلىرىمىزنىڭ شۇنداق ئۆزلەشتۈرۈپ قويغانلىقىدىن .
لاتىنچە ھەرپنى كومپىيوتېرىم تۇنۇمىغاچقا ياخشى ئىپادىلەنمىدى كەچۈرۈڭلار .

2

تېما

24

دوست

3553

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3423
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1019
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 08:36:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sawda571 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 00:59
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنلىرىدا  بىز بۈگۈنكى ...

ۋېنگىرىيە دېگەن خەنزۇچىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئەمەس، بىزگە رۇسچىدىن كىرگەن.

1

تېما

8

دوست

3415

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1040
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 09:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ھۇنلارنى «تۈرك يوچۇل بودۇنلار» دەپ يازغانكەن!

0

تېما

0

دوست

1235

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33034
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 10:32:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
匈奴=匈牙利

0

تېما

0

دوست

283

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   94.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32559
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 12:05:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلار بوز قىر مۇنبىرى نىمىشكە ئېچىلمايدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ئسىل توربەت ئدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )