ئەزىمەتلەر ئوچىقى شىنجاڭ بوكس كوماندىسى شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر
ئىلاۋە: «جۇڭگونىڭ ئولىمپىكى» دەپ تەرىپلىنىدىغان، تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 1997 – يىلىدىن 2009 – يىلىغىچە ئۇدا تۆت قېتىم ئىزچىل ئالتۇن مىدال ئېلىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسى ساھەسىدە خەلقىمىزنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان، شان – شەرەپ ئېڭىنى ئويغاتقان شىنجاڭ بوكس كوماندىسى، بۇ كوماندا 1994 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىدە 60 تىن كۆپرەك ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋەتەن ئۈچۈن زور شان – شەرەپ قۇچتى، شۇڭا بۇ كوماندىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق بىردىنبىر كۈچلۈك كوماندا دېيىشكە بولىدۇ. ئىلگىرى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بوكس تەپمە بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى بوكس بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى پىن شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا ناھايىتى يۇقىرى باھار بېرىپ «شىنجاڭ بوكس كوماندىسى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشتى. ئولىمپىك روھىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى. شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ئىستىلى، پولاتتەك ئىرادىسى ۋە ئەخلاق پەزىلىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بوكس ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا باشلامچى بولدى. بىز يۇقىرىقى روھنى قەدىرلەيمىز» دېگەنىدى. ئۇنداقتا بىز بۇ كوماندا ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى قولغا كەلتۈرگەن ئۇنتۇلماس دەقىقىلەرنى ئەسلەپ باقايلى:
1997 – يىلى ئابدۈشكۈر مىجىت «جۇڭگو بوكس پادىشاھى» دېگەن ئالتۇن كەمەرنى بېلىگە باغلىغاندا، بۇ ئۇنتۇلماس شان – شەرەپتىن يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە جىمى ئادەمنىڭ قەلبى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھاياجانغا تولدى.
2000 –يىللىق سىدنېي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى 75 كىلوگراملىقلار بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان 21 ياشلىق ئابدۇراخمان ئابلىكىم ھىندىستان ماھىرىنى 3 كە قارىشى 5 نومۇر بىلەن، كورىيە ماھىرىنى 6 گە قارىشى 10 نومۇر بىلەن، قىرغىزىستان ماھىرىنى (رۇس) 7 گە قارىشى 12 نومۇر بىلەن يېڭىش ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ماھىرلار ئىچىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بىردىنبىر ماھىر ۋە تارىختا ئۇيغۇلاردىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان تۇنجى تەنھەرىكەتچى بولدى.
2008 – يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىن جەمئىي ئالتە نەپەر تىرېنېر ۋە تەنھەرىكەتچى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئاتلاندى، بۇ دۆلەت بوكس كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش تارىخدىكى بىر ئۆلكىدىن بارغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىقى بولۇپ، قانات ئىسلام 69 كىلوگراملىقلار دەرىجىسى بويىچە مىس مېدالغا ئېرىشتى. بۇ مەملىكىتىمىز بوكس تۈرىنىڭ 69 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدە تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن مېدالى بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ بۇ تۈردە مېدال ئالالماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى.
2011 – يىلى 11 – دېكابىر شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ 17 ياشلىق تەنھەرىكەتچىسى زۇلپىقار مەمەتئېلى ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 12 دۆلەت قاتناشقان خەلقئارالىق بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسىدە كۇبا ماھىرىنى 6 : 12 نومۇر بىلەن يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى ھەمدە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە «ئەڭ ياخشى ماھارەت كۆرسەتكەن ماھىر» دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.
2011 – يىللىق مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ بوكس كوماندىسى 1 ئالتۇن، 3 مىس مېدال ۋە ئىككى 5 – لىكنى قولغا كەلتۈردى.
2012 – يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا مەمەتتۇرسۇن چوڭ تەنھەرىكەتچى، ئابدۈشكۈر مىجىت تېرىنېر قاتارىدا قاتناشتى، بۇ قېتىم مەمەتتۇرسۇن چوڭ مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، دۇنيا خەلقى ئالدىدا لاياقەتلىك بوكس تەنھەرىكەتچىسىگە خاس يۈكسەك پەزىلىتى ۋە جاسارىتىنى نامايەن قىلدى.
2013 – يىلى 5 – مارت شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى ئەكبەر يۈسۈپ چېخىسلاۋىيە ۋە گېرمانىيەدە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن خەلقئارا تەكلىپلىك مۇسابىقىگە قاتناشتى...
يۇقارقى دەلىلەر شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ بىر قىسىمىلا خالاس. مۇخبىر شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشىق زالىغا كىرگىنىدە، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئابدۈشكۈر مىجىت مۇخبىرنىڭ مەقسىدىنى ئۇققاندىن كېيىن:
ـــ ئۇكام، مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى بوكس مۇسابىقىسىنىڭ 1- قېتىملىق تاللاش مۇسابىقىسى 15 – ئاپرېل ئېلىپ بېرىلىدۇ، كوماندىمىزدىكى مەمەتتۇرسۇن چوڭ، زېبىبۇللا مەمەت قاتارلىق 19 نەپەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تەسىرى بار تەنھەرىكەتچى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە تيەنجىن شەھىرى، سىچۈەن ئۆلكىسى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى قاتارلىق جايلارنىڭ بوكس كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ. 20 – مارتتىن 22 - مارتقىچە رۇسىيە، گىرىتسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ بوكس كوماندىسىدىكى ماھىرلار ۋە گۇاڭدوڭ بوكس كوماندىسىدىكى ماھىرلار شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشىق زالىدا دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. بىز ۋە بوكس ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولساڭ، شۇ كۈنلىرى كېلىپ مۇسابىقىنى كۆر،ـــ دېدى.
مۇخبىر ئابدۈشكۈر مىجىتنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ئۇدا ئۈچ كۈن شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشىق زالىغا بېرىپ، شۇ قېتىملىق دوستلۇق مۇسابىقىسىنى كۆردى. مۇسابىقە جەريانىدا شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چەتئەل ۋە ئىچكى ئۆلكىدىن كەلگەن ماھىر ۋە تېرىنىرلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا مۇيەسسەر بولدى. مۇسابىقە ئاخىرىدا ئابدۈشكۈر مىجىت مۇخبىرنىڭ «بوكس مۇسابىقىسى، ۋە بوكس ھەرىكىتنى دەسلەپ ئۆگەنگەنگەنلەر توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
ـــ بوكس مۇسابقىسىنىڭ ھەر مەيدان مۇسابىقىسى تۆت كونتېرغا بۆلىنىدۇ، بىر كونتېر مۇسابىقە ئىككى مىنۇت داۋاملىشىدۇ، ئۇتقان تەرەپ ئاخىرىغىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەردە ياخشى بەدەن قۇۋىتى بولمىسا، بۇ ۋەزىپىنى ئورنداش تەسكە چۈشىدۇ. بوكس ھەرىكىتىدىكى ئۆزئارا رىقابەت باشتىن ئاخىر ئەقىل – پاراسەتكە ۋاكالەتلىك قىلىدىغان تېخنىكىنىڭ، چىدامچانلىقنىڭ ۋە پىسخىكىنىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشلىرى ئىچىدە داۋاملىشىدۇ. بوكس ھەرىكىتىنى دەسلەپ ئۆگەنگەندە، ھەر كۈنى 90 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇدا ئۈچ ئاي، ھەتتا يېرىم يىل داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن بىرقەدەر مۇكەممەل تېخنىكا ۋە بەدەن ئىقتىدارى شەكىللىنىدۇ. ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مەشىقى بوكس ھەرىكىتىنى دەسلەپ ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇ، تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، تېخنىكىسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. مۇخبىر ئارقىدىن ئابدۈشكۈر مىجىتتىن قاراتمىلىق سوئال سوراشقا باشلىدى:
مۇخبىر: شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا يېڭى بوكسچىلارنى قوبۇل قىلىش شەرتىڭلار قانداق؟
ئابدۈشكۈر مىجىت: كوماندىمىزنىڭ ياش بوكسچىلارنى تاللاش ئۆلچىمى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ناھىيەلەردىن كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىدىن دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بىز ياش «نوتىلار» نى شۇ خىل مۇسابىقىلەر جەريانىدا بوكىسقا بولغان قىزىقىشى، بەدەن قۇرۇلمىسى، كۈچى، تېزلىكى، ئىنكاسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تاللايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا بوكسقا بولغان سېزىمى يۇقىرى، كىچىكىدە تاراتقۇلاردا بېرىلگەن بوكسقا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشسەۋەبىدىن بەزى بالىلاردا بوكسچى بولۇپ، كەلگۈسىدە مىللەت ۋە ۋەتەنگە شان – شەرەپ كەلتۈرۈش تۇيغۇسى يېتىلگەن بولىدۇ، بىز شۇ خىل بالىلارنىمۇ سىناپ بېقىش ئارقىلىق، كوماندىمىزغا تاللىۋالىمىز، ئاندىن ئۇلارنى قەدەممۇ قەدەم ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسى ۋە ياشلار مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرىمىز. كوماندىغا يېڭى كەلگەن ئۆسمۈرلەر بىز ئۈچۈن تەڭلىدىكى خېمىر، بىز بۇ خېمىردىن ھەر خىل پىشۇرۇقلارنى تەييارلىيالىشىمىز مۇمكىن.
مۇخبىر: نۆۋەتتە، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ كوماندا ئەزالىرىنى مەدەنىيەت بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىشى قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟
ئابدۈشكۈر مىجىت: كوماندىمىز تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نەزەرىيەۋى بىلىملىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىر بوكسچىغا يىلدا 24 پارچە كىتاب ئوقۇش ۋەزىپىسىنى بەلگىلىگەن. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بوكسچىلارنىڭ ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، شۇنىڭدەك يەنە بوكسچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىغىلى بولىدۇ. يېڭى كەلگەن ماھىرلارنىڭ باشلانغۇچ تېخنىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇلارنى كەسىپكە ئاستا- ئاستا قىزىقتۇرىمىز، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپىدە يېرىم كۈن مەدەنىيەت دەرىسى، يېرىم كۈن مەشىق شەكلىدە تەربىيەلىنىدۇ.
مۇخبىر: بىر بوكسچىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قانداق بارىلىققا كېلىدۇ دەپ قارايسىز؟
ئابدۈشكۈر مىجىت: بوكس سەھنىسىدىكى ھەرقانداق بىر قەھرىماننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە شان – شەرىپىنىڭ كەينىدە جاپا – مۇشەققەتلىك بىر جەريان بولىدۇ. بوكس سەھنىسىدە چولپان بولۇش بىر بوكسچى ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم، لېكىن بوكس چولپىنى بولۇش تولىمۇ مۈشكۈل ئىش. بوكسچى بولغان ئادەمدە قاۋۇل بەدەن، كۈچلۈك مۇسكۇل، ئېغىر مۇشت بولسىلا بولمايدۇ. سەۋرىچانلىق بىلەن زېرىكمەي مەشىق قىلىدىغان ياخشى ئادەت، مۇسابىقە جەريانىدا پۇرسەتنى ئىگىلەيدىغان دىت، رەقىبىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئاجىزلىقىنى بايقىيالايدىغان سەزگۈر كاللا، تاكتىكا جەھەتتىكى ماھىرلىق بولۇشى كېرەك.
|